پاھ.... نېمە دېگەن ياخشى شارائىتلار بۇ. مېنىڭ قايتا بىر ئوقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ. سىنىپلارغا مەشتە ئوت قالىمىغۇدەك، بەك ياخشى بوپتۇ. بىزئاجايىپ بىر ئوقۇپتىكەنمىز. باشلانغۇچتا ئۇۋاق كۆمۈردە خېش قۇياتتۇق. تولۇقسىزدىن باشلاپ تاش كۆمۈر ئىشلىتىدىغان بولدۇق.شۇنداقتىمۇ بەزىدە قوللىرىمىز مۇزلاپ خەت يازالماي قالاتتۇق. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن مەش دېگەن ئۇقۇمدىن قۇتۇلدۇق. ھازىرقى بالىلار بەخىتلىك جۇمۇ. تەجرىبىخانا شارائىتىمۇ شۇنداق ياخشى ئىكەن.
سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات نەتىجىلىرى بولىدىكەن. ھۆكمەتنىڭ قوللىشى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇندىن كېيىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىنى ئۈمىت قىلىمىز. كېلەر يىلى بۇ مەكتەپ ناھىيلىك، ۋىلايەتلىك ئەليولئەلا تەربىيلەپ چىقالامدۇ قاراپ باقايلى.
قۇربان ئاكا بۇنى خەۋەر قىلىش سىزگە ئامانەت قالدى. 1- پارچە سۈرەتتىكى ۋە ئاخىرقى پارچە سۈرەتتىكى قىرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئامانەت قالدى. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭلار سىز ۋە ئاشۇ مەكتەپ توغرىسىدا ئوبزورنى يېىزىشقا بىز تەييار، ۋاقتىمىز يىتەرلىك.
