تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 172|ئىنكاس: 3

ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسى كېڭەيدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4562
تۆھپە
1874
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسى كېڭەيدى


    11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 – يىغىنىدا ‹‹ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار›› ماقۇللاندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنى››دا ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىل بېكىتى، پورت، پىرىستان، ئايروپورتتا ياكى زور پائالىيەت مەزگىللىرىدە، مەھەللىلەردىكى شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سورۇنلاردا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش بەلگىلەندى.
    ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۇاڭچۈەن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ بەلگىلىمە تەكشۈرۈش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلمايدۇ، بۇ، بىر قانچە يىللىق ئاساسىي قاتلامدا قانۇن ئىجرا قىلىش تەجرىبىلىرىدىن قارىغاندا، ئەسلىدىكى ‹‹ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن ساقچىلارنىڭ تۆت خىل ئەھۋالدا كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسى بىر قەدەر تار بولۇپ، نۆۋەتتىكى جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىغا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇنغا بىر خىل ئەھۋال قوشۇلدى. بۇنىڭدا، ئېيتىلغان ‹‹زور پائالىيەت››، ئادەتتە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، مەھەللىلەردىكى شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.
    تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنى››دا، پۇقرالار ئاھالىلەر كىملىكى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالماشتۇرغاندا، تولۇقلىغاندا بارماق ئىزى ئۇچۇرى خاتىرىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. خۇاڭ شۇاڭچۈەن مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرى مەسىلىسىدە مەركەزلىك، زور كۆلەملىك بىر تۇتاش خاتىرىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدۇ، ھازىر مەملىكىتىمىزدە 1 مىليارد 40 مىليون كىشى 2 – ئەۋلاد كىملىك ئېلىپ بولدى، پۇقرالارنىڭ قولىدىكى كىملىكنى مەركەزلىك يىغىۋېلىشتا ئادەم كۈچى تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ ھەم ئاسان خاتالىق كۆرۈلىدۇ، شۇڭا، بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش ئاھالىلەر كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالماشتۇرغاندا، تولۇقلىغاندا تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
    ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1053
تۆھپە
336
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم كىملىك قانۇنىنى تۈزىتىشتە بارماق ئىزى ئۇچۇرىدىن تارتىپ كىملىك تەكشۈرىلىدىغان ئەھۋاللارغىچە ساقچىنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئومۇمى ھوقۇقنىڭ ھەر قېتىم كېڭىيىشى پۇقرالىق ھوقۇقىنى قىسىشى مۇمكىن. كىملىك قانۇنىدا ساقچىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتكەندە پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغداش نەزەرگە ئېلىندىمۇ يوق؟
كىملىكتىكى ئىسىم-فامىلە، تۇغۇلغان ۋاقتى، ئادرېسى قاتارلىقلار شەخسىي سىرغا تەۋە، بارماق ئىزى ئۇچۇرى تېخىمۇ شۇنداق. بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملاش ئومۇمى ھوقۇقنىڭ پۇقرالارنىڭ سىرىنى يەنىمۇ ئىگىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بارماق ئىزى ئۇچۇرى پۇقرانىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. لېكىن، ئۇ ئاشكارىلىنىپ كەتسە، پۇقرانىڭ سىرى ۋە تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. ئىلگىرى يۈز بەرگەن دېلولارمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملاش جەھەتتە ساقچى ھوقۇقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ساقچىنىڭ ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىشىنى قانداق چەكلەش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىش زۆرۈر.
تۈزىتىلگەن كىملىك قانۇنىدا ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا كىملىكنى تەكشۈرىدىغان ئەھۋاللار توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلغان بولۇپ، پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار بېكىتى، پورت، ئايرودرۇم ياكى چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان چاغلاردا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سورۇنلاردا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ساقچىلار كىملىك تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدا ساقچىنىڭ ھوقۇقى ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتكەن. جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىنى ئېنىقلاش، قانۇن بويىچە قامال قىلىنغاندا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا زور خەۋپ يەتكۈزگەن تاسادىبى ۋەقەلەر بولغاندا نەق مەيداندىكى ئادەملەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كىملىك تەكشۈرۈش ئالاھىدە ئەھۋالدا تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ، پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار بېكىتى، پورت قاتارلىق جايلاردا پەۋقۇئاددە ۋەقە بولمىغاندا خالىغانچە كىملىك تەكشۈرۈلسە، پۇقرالار ھەر كۈنى كىملىكى تەكشۈرىلىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ.
شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كىملىك تەكشۈرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى قارار قىلسا، ھوقۇق بەك كېڭىيىپ كەتكەن بولىدۇ، ھوقۇق تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە بېرىۋېتىلگەن بولىدۇ.

ج خ مېنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مېنىستىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دۇنيادا 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە كىملىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 56 دۆلەتتە كىملىك بېجىرىشتە بارماق ئىزى ئۇچۇرى ئېلىنىدىكەن. خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ قارىغان: باشقا قانۇنلارنى تۈزەتكەندە ئومۇمىي ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنگە ئوخشاش، ئومۇمىي ھوقۇقنى كېڭەيتىش زۆرۈر بولغاندا، خەلقئارا قائىدىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەپ كېتىمىز. ئومۇمىي ھوقۇقنى چەكلەش گېپى بولسا، دۆلەت ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ تۇرىۋالىمىز.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
sukut + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى



ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
يۈسۈپجان
تىللا
350
تۆھپە
249
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم كىملىك قانۇنىنى تۈزىتىشتە بارماق ئىزى ئۇچۇرىدىن تارتىپ كىملىك تەكشۈرىلىدىغان ئەھۋاللارغىچە ساقچىنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن
  ياخشى ئنكاس


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئاتېللا
تىللا
131
تۆھپە
77
UID
205
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:05, Processed in 0.057442 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش