تەيۋەندە بىر ئايالنىڭ قورسىقىدىكى 21 جىڭ كېلىدىغان تۇخۇمدان ئۆسمىسى ئېلىۋېتىلدى

جۇڭگو شىنخۇا تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى : تەيۋەنلىك زوۋزۇجىڭ بۇ يىل 34 ياش ، ئۇنىڭ 5 بالىسى بار بولۇپ ، 2 يىل ئىلگىرى تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان ، بۇ ئۆسمىنىڭ ئېغىرلىق 21 جىڭ بولۇپ ، خۇددى قوسىقىدا بەشكىزەك بالا باردەك تۇرىدىكەن . ئۇ شۇ يەرلىك دوختۇرخانىدا ئالدىنقى كۈنلەردە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ بۇ ئۆسمىنى ئالدۇرۋەتكەن ، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بالنىستىن چىقىدىكەن .