بوز يەر ئېچىپ كۆكلىگەن دېھقان
_ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى مەمتىمىن تۇرسۇن توغرىسىدا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان مەتقۇربان
چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ يېزىسى گۈلتېرىغان كەنتىدىكى مەمتىمىن تۇرسۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوز يەر ئېچىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە بويىچە بېيىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مەمتىمىن تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدە بەش نوپۇس، ئالتە مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىدى. ئۇ 1994- يىلى نوقۇل دېھقانچىلىق قىلغاندا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلدى. 1999- يىلىغىچە تىجاەتتىنمۇ پايدا ئالالماي، 200 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. ئۇ ئاخىرى قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن قورۇ- جايلىرى ۋە ئۆي بىساتلىرىنى سېتىپ، ئۆزى بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ، بالا- چاقىسى بىلەن شۇ ئۆيدە غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتتى.
لېكىن ئۇ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە تەمتىرەپ قالمىدى. يېزا، كەنتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان پەن- تېخنىكا كۇرىسلىرىغا قاتنشىپ، چىقىش يۇلى تېپىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ ئاخىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەبلەغ، يەر، سۇ جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشى بىلەن بوز يەر ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلدى. رادىيودىن ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقانلارنىڭ تەجرىبىلىرى، مەركەزنىڭ دېھقانلارغا قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە تەتبىقلىدى. 2001- يىلى بانكىدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ، 25 مو بوز يەر ئېچىپ، ئۆرۈك كۆچىتى تىكتى. جاپادىن قورقماي ئەجىر قىلىپ ئىشلىگەچكە، 2002- يىلى 70 مىڭ تۈپ ئۆرۈك كۆچىتىنىڭ ھەر بىرى ئۈچ يۈەندىن سېتىلدى. ئۇ تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى قەرزگە قايتۇرۇپ، قالغىنىغا يەنە 170 مو بوز يەر ئېچىپ، چىلان، ئۆرۈك، ئالما، ياڭاق كۆچىتى تىكتى. 2005- يىلى مېۋىلىك كۆچەتتىن قىلغان كىرىمى بىلەن بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولدى. 2006- يىلىدىن باشلاپ، ناھىيەنىڭ دېھقانلارنى چىلان، ياڭاقلىق بىنا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ياردەم بەرگەن، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، يەنە 500 مو بوز يەر ئاچتى. ئۇ ئاچقان يېرىنىڭ 450 موسىغا چىلان، 50 موسىغا ياڭاق كۆچىتى تىكتى. ئۇ چىلانلىرىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە پەرۋىش قىلغانلىقتىن، 300 موسى مېۋىگە كىرىپ، 2010- يىلى چىلاندىن 2 مىليۇن 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىلمۇ ھازىرغىچە 2 مىليۇن يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.
مەمتىمىن تۇرسۇن باي بولغاندا نامراتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 2005- يىلى ئۇلۇغساي يېزىسىغا 50 مىڭ تۈپ كۆچەتنى ھەقسىز ياردەم قىلدى. 2007- يىلى دامىكۇ يېزىسىنىڭ داشكۆل كەنتىدىكى ئەمگەك كۈچى يوق مۇھەممەد قۇرباننىڭ بەش مو يېرىگە ھەقسىز چىلان تېرىپ بەردى. ئۇ يەنە بېيىش يۇلى تاپالماي يۈرگەن 400 دىن ئارتۇق دېھقانغا يىلىغا قىممىتى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىلان ئۇرۇقى، ياڭاق كۆچىتى، ئۇلايدىغان كۆزنى ھەقسىز بېرىپ، ئۇلارنىڭ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بەردى. ئەتراپىدىكى يېتىم- يېسىر، ئائىلىىسدە قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماي، ھېيت- بايراملاردا كۆڭلىنى يەتكۈزدى. 2008- يىلى ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندە باشلامچىلىق بىلەن 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. 2007- يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇ باشقىلارغا 150 مىڭ يۈەنلىك چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك كۆچىتىنى ھەقسىز ياردەم قىلدى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىش- پائالىيەتلىرى بىلەن مەملىكەت بويىچە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، ئاپتونۇم رايۇن بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.