ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچى ۋە كەسپىي ئەخلاق ئېڭى
قۇربان ئابلىمىت
(قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مائارىپ بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان بىر مۇھىم ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. خەلقنىڭ مەدەنىلىك دەرىجىسى دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىگىنى بەلگىلەيدۇ.ھازىر خەلقئارادىكى ئاساسى رىقابەت مەدەنىيەت رىقابىتى، ئىقتىساس ئىگىلىرى رىقابىتى بولىۋاتىدۇ. گىرمانىيە پەيلاسوپى كارل ياسىپېرس مائارىپنىڭ مۇھىم ئورنىنى تەكىتلەپ: «بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،مائارىپ ئارمىيىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم»دەپ ئېيىتقان ئىدى.بۇ جەھەتتە يەھۇدىلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.يەھۇدىلار 2000 يىلدىن ئارتۇق سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، قىرغىن قىلىنغان بولسىمۇ مىللى روھىدىن ئايرىلىپ قالمىدى.ئۇلار ھەممىدىن مائارىپقا ئەھمىيەت بەردى،مائارىپ ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.ئەقىل ۋە بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزدى، پۇل تاپتى، دۇنيا سەھنىسىدە يېڭىدىن باش كۈتۈردى.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى،بىر مىللەتنىڭ مائارىپى شۇ مىللەتنىڭ روھىدۇر. بىر مىللەنىڭ مائارىپى قانداق بولسا شۇ مىللەت كىشىلىرى ماس ھالدىكى ئاڭ-ئىدىيە، ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشى،خاراكتىرگە ئىگە بولىدۇ. ھەرقانداق مىللەت مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى قايتىدىن تونۇيدۇ،ئەنئەنىنى ساقلاپ قالىدۇ، زامانغا خاس ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدۇ.
دۆلىتىمىزدە مائارىپ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت مۇددىئايىمىز ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ھەرخىل مەكتەپلەردىكى مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمىسا مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى كۈتۈپ تۇرغىنى قول سېلىپ ئەمىلى ئىشلەپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يۈكسەلگەن مائارىپنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيىتقاندەك؛«ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەت قەلبىگە مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتقۇچى قۇياش ۋە مىللەتنىڭ باغۋىنى. » شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى يۇقىرى كەسپىي ساپا ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى لازىم. چۈنكى، ئەل ئىچىدە:«ئەخلاقلىق كىشى باھالىق كىشى» دېگەن گەپ بار. ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى خاراكتېرى ۋە ئەخلاقى بىرتال ئۇرۇق ھالىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىب ئېتىزىغا تېرىلسا بىر قۇچاق خۇشپۇراق گۈلگە ئايلىنىدۇ.
مۇتەپەككۇر ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىب «قۇتادغۇ بىلىگ» نامىلىق ئەسىرىدە:« ئادەمنىڭ قىممىتى ئەخلاقتا،شۇڭا ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس» دەپ تەكىتلەپ ئەخلاقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، ئەخلاقنىڭ رولى خېلى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئوقۇتقۇچى ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولسا بىر ئەۋلاد جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاقىي قۇرۇلمىسى سۈپەتلىك بولىدۇ. شۇنداقلا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۇلۈپ، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيۈشى لازىم.ئۆز كەسپىنى سۆيمىگەن كىشى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئۆز كەسپىنى چۇڭقۇر سۆيەلىگەن كىشى بىرخىل مەنىۋى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە كەسىپنى بېرىلىپ تەتقىق قىلالايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيەلەيدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش دۇستىغا ئايلىنالايدۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچالايدۇ. بىزدە «ئۆز پەرزەنتىنى سۆيگەنلەر ئادەم،باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى سۆيگەنلەر ئەۋلىيادۇر» دېگەن گەپ بار.شۇنداق قىلغاندىلائوقۇتقۇچى ھۆرمەت تاپالايدۇ،ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىگەن جەمىئەتنىڭ مائارىپى تەرققى قىلالايدۇ. مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر تونۇپ «ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقى» ئارقىلىق ئۆزىنى چەكلەپ تۇرمىسا ئۆزىنى يېڭىلاپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى داۋاملىق ئىگەللىمىسە، ئەۋلادلارنى سېستىمىلىق تەربىيلەشتە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلالمايدۇ. توغرا كەسپىي ئەخلاق بولغاندىلا ئاندىن ناتوغرا ئىستىللاردىن ساقلىنىپ، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلالايدۇ. باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدۇ.مەسىلەن: بىر ئوقۇتقۇچى كەسپىي ئەخلاققا رېئايە قىلماي دەرسكە كېچىكىپ كىرسە، قېتىرقىنىپ تەييارلىق قىلىپ دەرس ئۆتمىسە، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا بولمىغۇر سۆز-ھەرىكەتلەردە بولسا بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ۋە جەمئىيەتتە ئىناۋىتى قالمايدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار كەسىپكە پىششىق ، ئوقۇتۇشقا ماھىر بولۇشتىن باشقا يەنە جەزمەن ساغلام روھقا، ئۆتكۈر تەپەككۈرغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى خەلقنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىغا تارىخىي نۇقتىدىن نەزەر تاشلىشى، تەلىم- تەربىيگە ھەرگىزمۇ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلماسلىقى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تارىخ ئالدىدىكى شەرەپلىك بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلالايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا چۇڭقۇر چۆكۈپ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ئىدىيۋى شەرتنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن كەسىپ ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىپ، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سەمىمىي بولۇپ ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئوقۇتقۇچى مەنىۋى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى. ئۇنڭ ھاسىلاتى بىر-ئىككى يىلدىلا ئەمەس،بەلكى ئۇزاق مۇدددەتلىك تەرەققىيات باسقۇچى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى سەۋرىچان بولۇشى، ھارماي- تالماي ئىزدىنىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، نام-شۆھرەت تاماسىدا بولماسلىقى، باشىقىلارنىڭ كەمسىتىشلىرىگە تاقابىل تۇرالىشى كېرەك.
ياشاش- ھەرىكەت قىلىش دېمەكتۇر. شۇڭا، ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى ھاياتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا ھاياتنىڭ قىممىتى قانداق قىلغاندا ئاشىدۇ؟ مېنىڭچە، ھايات ياشىغان كىشى جەمئىيەتنىڭ قايسى ساھەسىدە بولمىسۇن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا ياخشى نەتىجە يارىتالىسلا، خەلق بۇنداق كىشىلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ،قوللايدۇ ھەم ئالقىشلايدۇ. بۇ دۇنيادا ياخشى ناملا مەڭگۈلۈك بولىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار:« شارائىت ناچار، ۋاقىت يوق» دەپ قاراپ تەسلىمچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىزلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆگزىسىدىن شامال كېرىپ ، تاملىرىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئىشخانا ۋە سىنىپلاردا شارائىت بىلەن ھسابلاشماي، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنسىز تۆھپە قوشقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. دېمەك، ئوقۇتقۇچى تۆھپىسى بىلەن قەدىرلىك، ئەخلاقى بىلەن سۆيۈملۈك ۋە جەلىپكار سىماھتۇر.
گۈل خۇش پۇرىقى بىلەن گۈزەل بولغىنىدەك، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلاقى بىلەن چىرايلىقتۇر. ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى يۈكسەك كەسپىي ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ھازىرلىشى، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى دەۋرنىڭ گۈلتاجىسغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ رېئايە قىلشقا تىگىشلىك ھەرىكەت مىزانىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ ،كۈنسىرى رېقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىرسنى كۈتىۋېلىپ، ئىلغارلارغا ئۆزىنى سېلشتۇرالىشى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق تەرەپلەردىن يېتىلگەن قۇرغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خەلققە، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولغىلى بولىدۇ.