ئەي نەپسىم

‹ماڭما›دىگەن يوللاردا ماڭغۇزمىغىن ئەي نەپسىم.
ھاجەتمەندىن قوشلاپ نەپ ئالغۇزمىغىن ئەي نەپسىم.
ئاپەت بولۇپ قاقشاتما كۆڭلى سۇنۇق، ئاجىزنى،
ئامانەتكە قارا قول سالغۇزمىغىن ئەي نەپسىم.
غورۇر سېتىپ مال-دۇنيا تاپقۇزمىغىن ئەي نەپسىم،
خائىنلىق قىپ دوستلارنى ساتقۇزمىغىن ئەي نەپسىم.
نەپ ئۈچۈنلا تۇققاندىن ياتلاشمىغىن ئالدىراپ،
بۇزغۇنچىلىق ئۇرۇقى چاچقۇزمىغىن ئەي نەپسىم.
تۆت كۈنلۈكلا ئالەم بۇ،ئۇنتۇپ قالما ئەي نەپسىم،
شەخسىيەتلىك قىلىشنى بولدى ئەمدى قوي نەپسىم.
مەنمۇ سىلاي بىرە رەت ئۆزگىلەرنىڭ باشىنى،
ئىنساپ قىلغىن سەنمۇ ھەم بۇردا نانغا توي نەپسىم.
مەنبە:قەلىمىم(كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.)