تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 10

چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچى...[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
320
تۆھپە
49
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىش ئورنىمىزنى سۆيۈپ، كەسىپىمىزنى قەدىرلەپ
ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلايلى


    مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىمدىنمۇ، تومۇرۇمدا مائارىپچىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقانلىقىدىنمۇ ۋە ياكى دائىم ھەرخىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ مەرھۇم دادامنى يوقلاشلىرىدىنمۇ، بىلمىدىم، كىچىكىمدىنلا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ھەۋەسلىنەتتىم.

   ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا رومانتىك ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە گۈزەل كەلگۈسىنىڭ كارتىنىسىنى سىزاتتىم، ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن تېزرەك دەرس مۇنبىرىگە چىقىشقا ئىنتىلەتتىم.

ئەمما ھەقىقىي خىزمەتكە قەدەم قويغاندا بولسا مەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ ئەكسىچە ئاددىي، ئادەتتىكى بىر خىزمەت ئورنى ئىكەنلىكىنى، جاپالىق ھەم غايەت زور بېسىمغا تولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم. ئۈمىدسىزلەندىم، ئازاپلاندىم، ھەتتا ئىدىيەمدە تەۋرىنىش بولدى. ئەمما ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ خىزمەت روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، بىر پېشقەدەم خىزمەتدىشىمنىڭ دەرس تەييارلىقى خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىۋالغان "ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى پايدا بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ" دېگەن جۈملىسى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەر قېتىم يولدا كېتىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقتىنلا "ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم!" دېگەنلىرىنى ئاڭلىسام ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى.

     مەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلاندىم، ئىزدەندىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە قېتىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىكەن، ئەمما، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئوقۇتقۇچى بولۇشچۇ؟ ئۆز روھىيىتىمدىن، ئەشۇ مېھنەتكەش خىزمەتداشلىرىمنىڭ چارچىغان ئەمما نۇر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن، بۇرۇنقى مائارىپچىلارنىڭ ئىزلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىدىم.

    توغرا، ئوقۇتقۇچىلىق دېمەك مۇھەببەت دېمەكتۇر.

    ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن مۇنداق دېگەن: "پۈتكۈل كائىناتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە __ مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىنمۇ زور دەرىجىدە ھالقىغان بولىدۇ."  دېمەك ئوقۇتقۇچىلىق تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىش، يەنى شەرتسىز، شەخسىيەتسىز، تەمەسىز ھالدا، ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر.

     ئەمىسە بۇ خىل مۇھەببەت قەيەردىن كېلىدۇ؟

     لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىنى سۆيۈشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچى نىشان كۆرسىتىپ بەرگۈچى ماياك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپپاق قەلب بەتلىرىنىڭ يازغۇچىسى، مۇھەببەت ئەلچىسىدۇر. ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆيۈشى، باشقىلارغا سۆيۈشنى ئۆگىتەلىشى، باشقىلارغا مۇھەببەت نۇرى چاچالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى قەدىرلىشىدىن ھەم سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، ئۇزۇن مەزگىل باشقىلارنى مۇھەببەت بۇلاقلىرىنىڭ زەمزەملىرى بىلەن سۇغارماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئۆزىنى سۆيۈپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى ئاسرىشى كېرەك.

      ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك.

      ئۇلۇغ كوممۇنىزىم جەڭچىسى، مائارىپچى تاۋ شىڭجى ئەپەندىم ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى مۇنداق تەھلىل قىلغان ئىكەن: ئوقۇتقۇچى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش پۇرسىتى، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى، ئەمما ئۇ ھېچقانداق نام ئابروي، پايدا مەنپەئەت ۋە شان شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.

      دېمەك، ئوقۇتقۇچى بولۇش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پۇرسەت. يەنى پۈتۈن قابىلىيىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتى، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى.

      شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان ئىكەنمىز چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى جان – دىل بىلەن قىزغىن سۆيۈشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قەدىرلىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزنى شۇنداقلا كەسپىمىزنىڭ نام - ئابرويىنى قوغدىشىمىز زۆرۈر.

     ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى ئۆز خىزمەت ئورنىنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئوقۇتقۇچىلىق تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىش، يەنى شەرتسىز، شەخسىيەتسىز، تەمەسىز ھالدا، ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر.

     بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىز بەلكىم تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە بولۇشىمۇ، چەت، ياقا، نامرات رايۇنلاردىكى كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىزگە نەتىجىسىنى نامايەن قىلغىلى بولىدىغان ئاساسىي پەن دەرسلىرى تەقسىم قىلىنىشىمۇ ۋە ياكى ئادەتتە باشقىلار ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان قوشۇمچە پەنلەر تەقسىم قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بىر نۇقتا ئېنىقكى، "بىز ئوقۇتقۇچى"، قىلغان ئەمگىكىگە قىلچە مىننەت قىلمايدىغان، تەمخورلۇق، ئابرويپەرەسلىكتىن خالى، شەخسىيەتسىز ئوقۇتقۇچى. شارائىت قانچىكى جاپالىق بولىدىكەن بىز شۇنچە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئىشلەيمىز، ھەم شۇنداق قىلىشىمىز زۆرۈر.

     تۆتىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

     شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچى بولالىغان. ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار بىزگە "ئوقۇتقۇچى" دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. "يىلنىڭ بېشى باھاردىن" دېگەندەك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك. ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىق مۇھەببەتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلىمىز كېرەك. شۇندىلا ئۇلار كەلگۈسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولالايدۇ. شۇندىلا ئۇلارمۇ باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ. شۇندىلا ئۇلارمۇ باشقىلارغا مۇھەببەت بېغىشلىيالايدىغان بولىدۇ.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 8 + 8
بىلگئەر + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 13 تىللا + 13  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
942
تۆھپە
843
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋە باشلانغۇچ تېكى مۇئەللىمنى بەك ھۆرمەتلەيتىم .  خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ھىيىت بايرام ، ئوقۇتقۇچىلار بايراملىرىدا سوۋغا ئەۋەتىپ ھىچ بولمىسا تېلېفون قىلىمەن .


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 4

تىللا
257
تۆھپە
156
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىيىتتا ئالىي مەكتەپتىكى مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بارغان ، ئوغلىغا 50 كوي ھىيىتلىق بىرەي دىسەم ئۆيدە يوقكەن


  ھەمىڭلارنىڭ قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . مۇساپىر بالا

Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
1303
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەستە-دۆۋە تاپشۇرۇقلاردىن قوپالمىساق يە
شەنبە يەكشەنبە دەم ئائالمىساق يە
ئىككى ئاساسەندىن قۇتۇلالمىساق يە
جاھاندا ھەمىدىن مالىم بولماق تەس


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
155
تۆھپە
107
UID
558
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئوقۇتقۇچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق ھەم ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەژبۇرىيىتى.


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
320
تۆھپە
49
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 15:51
دەستە-دۆۋە تاپشۇرۇقلاردىن قوپالمىساق يە
شەنبە يەكشەنب ...

ئوقۇتقۇچىلىق تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى تەقدىم قىلىش، يەنى شەرتسىز، شەخسىيەتسىز، تەمەسىز ھالدا، ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى بېغىشلاش دېمەكتۇر.



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2289
تۆھپە
1255
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاكەش، مىھرىبان ئوقۇتقۇچى باغۋەنلەر ئىسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى. ئۇلارنى ھەرقانچە مەدھىيلىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
320
تۆھپە
49
UID
377
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mungdax يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 12:05
جاپاكەش، مىھرىبان ئوقۇتقۇچى باغۋەنلەر ئىسان روھىنىڭ ئ ...

ناۋادا ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقى ئوقۇتقۇچى بولسا سىز دېگەندەك مەدھىيىگە سازاۋەر.
ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرخىل يوللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر قىسىم «ئەخلەت»لەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سېپىدىن تازىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، ئابرويىنى يەرگە ئۇرماقتا.


Rank: 2

ئىسمى
بىدار قۇتلان
تىللا
77
تۆھپە
40
UID
734
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى تىل يېزىقتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتى ھازىر بۇرۇنقىدىن يۇقۇرىلىدىمۇ؟ تۆۋەنلىدىمۇ؟ بۇنىڭ تۈپكى سەۋەپلىرى نەدە؟ بۇنى تەتقىق قىلىپ كۆرىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن ئىدى، ئەپسۇس، ...


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
320
تۆھپە
49
UID
377
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-17 11:38
مىللى تىل يېزىقتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتى ھازىر  ...

بۇ يەردىكى مەسىلە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمىدە. ناۋادا نومۇرنى ئۆلچەم قىلسىڭىز ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلدىن يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ


Rank: 2

ئىسمى
بىدار قۇتلان
تىللا
77
تۆھپە
40
UID
734
يوللىغان ۋاقتى 16 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muallim يوللىغان ۋاقتى  2011-11-17 10:41
بۇ يەردىكى مەسىلە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى ...

ئەلبەتتە نۇمۇرنىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە قاراش كېرەك تە.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:04, Processed in 0.063991 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش