مۇھەممەتجان راشىدىن
قوينۇڭدا يۈرۈپ
ئاھ خوتەن، دىدارىڭ ئۆمرۈڭدە بىر توي،
يايرىدىم تۆت-بەش كۈن قوينۇڭدا يۈرۈپ.
لاپ دېمەس كىتابخان مىسرالار پۈتسەم،
ياندىم دەپ خوتەندە بىر جەننەت كۆرۈپ.
ھەركىمگە ئەتىۋا ئۆزى ئۆسكەن جاي،
مەندىمۇ ئۇزاقتىن شۇ ئوي، شۇ پىكىر.
ۋەلېكىن جىمىدىن ئەتىۋا كۆرۈپ،
نامىڭنى ھەر جايدا قىلىمەن زىكىر.
ئىلىنى سېغىنسام، سۇندى باغلىرىڭ،
بۇندىمۇ ئالمىنىڭ سەرخىللىرىنى.
تۇرپاننى ئەسلىسەم، قويدۇڭ ئالدىمغا،
ياپ-يېشىل ئۈزۈمنىڭ ھەرخىللىرىنى.
تۇتقاندا نەشپۈتنىڭ خۇمارى يەنە،
ئايلاندىڭ نەشپۈتلۈك كورلىغا خۇددى.
قوغۇن يەپ دېدىم مەن : كۆچۈرۈپتىغۇ،
قۇمۇلنى خوتەننىڭ ئورنىغا خۇددى.
قاندىممەن قەشقەرنىڭ توغاچلىرىغا،
قەشقەرگە بەرگۈسىز قوينۇڭدا يۈرۈپ.
رايىغا يېتەركەن ئانارمۇ سەندە،
تاڭ قالدىم بېغىڭدا ئەنجۈرنى كۆرۈپ.
شاپتۇلىڭ مەن ئۈچۈن بولدى مۆجىزە،
شۇ بولدى ئۆمرۈمدە قېنىپ يېگىنىم.
ئەڭ ئاۋۋال خەلقىڭنىڭ ئەجرىگە تۇتاش،
مەن سېنى شېئىرىمدا " جەننەت " دېگىنىم.
گۈل ھۆسنى ھۆكۈمران گىلەملىرىڭدە،
ئەسىردۇر بىر باقسا، ھەر كۆڭۈل، ھەر كۆز.
ھۆرلەرنى ئەسلەتتى __ قالدىم بالاغا،
قىزلىرىڭ رۇخسارى ___ قىپ-قىزىل ھەر يۈز.
ئاھ ئۇرۇپ قايتتىممەن پۈتەلمىگەندە،
ئەتىۋا مىسرالار ئەتلەسلىرىڭدەك.
مېھماندوست خەلقىڭنىڭ كۆسىدە قولى،
مەن سەزدىم ئۆزەمنى ئەخلەتلىرىڭدەك.
مەن ئۈچۈن دوپپاڭنىڭ ئۆزى بىر دۇنيا،
ھكسنۈڭنىڭ تەسۋىرى شۇندا مۇجەسسەم.
شاھى دەپ بۇندىكى جىمى دىيارنىڭ،
ئەرزىيدۇ بىر سېنى قىبلىگادھ ئەتسەم.
شۇمىكىن مەن ساڭا باغلىغان رىشتە،
مەھلىيا بۇ قەلبىم يىپەكلىرىڭگە.
ئارمىنىم يوق ئىدى تەڭ بولالىسام،
ئۇن ئەمەس، ئەكسىچە كېپەكلىرىڭە.
Ⅹ
خوش خوتەن، دىدارىڭ ئۆمرۈمدە بىر توي،
قايتتىممەن تۆت-بەش كۈن قوينۇڭدا يۈرۈپ.
لاپ دېمەس كىتابخان مىسرالار پۈتسەم،
ياندىم، دەپ خوتەندە بىر جەننەت كۆرۈپ.
قاراقاش
كۆرۈپ قايتتىم تەۋەررۈك چىنارىڭنى① قاراقاش،
چىنار ئەمەس، مۇقەددەس مۇنارىڭنى قاراقاش.
بىلمەپتىمەن بۇنچىلىك باققا باشلاپ چاي قۇيۇپ،
نىئمەت نبىلەن ساھىبخان بولارىڭنى، قاراقاش.
ھۇزۇر قىلدىم ياپ-يېشىل دالىلارنى كېزىپ مەن،
شائىرلىقىم ئۇلغايدى يەنە شېئىر يېزىپ مەن.
قايتتىم سەندىن تۈگىمەس بەختىيارلىق سېزىپ مەن.
ۋەدە قىلدىم بىر كېلىپ قونارىمنى، قاراقاش.
بىز بولىمىز قاراقاش سەندىن دەرس ئالغانلار،
بىز بولىمىز مېھرىڭگە باغرى قانماي يانغانلار.
قايدا بولسام، بىلدۈرگەي ھۇزۇرىڭغا بارغانلار،
سېنى دائىم ياد ئەيلەپ تۇرارىمنى، قاراقاش.
لاسكۇي
كەپتۇ ! دەپ ئالدىمغا چىققانمۇ ئۆزۈڭ،
كەتتىڭ دەپ كۆزۈڭگە ياش ئالغانمۇ ھەم.
سەن بولدۇڭ، ئېخ لاسكۇي، ئەقلىمنى ئالغان،
بار سۈپەت باغرىمغا ئوت سالغانمۇ ھەم.
سەن گۈزەل خوتەننىڭ ئالتۇن ئىشىكى،
مېھماندىن مىڭ ھەسسە ئۇلۇغ ساھىبخان.
ھىممەتلىك ھۇزۇرىڭ داستىخان بىزگە،
يايرىدۇق قوشۇلۇپ بىر جانغا مىڭ جان.
مىڭ ئانا سىيماسى ___ سېنىڭ سۈرىتىڭ،
سەندىكى ھەر جانغا ياتتۇر يېتىملىك،
مېھرىڭدىن تاپقاچقا قەلەملەر قۇۋۋەت،
ناخشىمىز باشقىچە بولدى رېتىملىق.
بۇلماق يەپ يېتىلگەن بوۋاقلار كەبىي،
بىز بولدۇق باغرىڭدا ئەزىزلەنگەنلەر.
بىز بولدۇق ئۈستۈڭدە قانات قاققان قۇش،
شۇنداقلا، كۆكسۈڭدىن ئاق سۈت ئەمگەنلەر.
بىز ئۈچۈن سەكپارە بولدى شۇ باغرىڭ،
قىممەتلىك مېھمان دەپ تۆكتىڭ بارىڭنى.
ئەپسۇسكى، تۈگىتىپ يازالماي كەتتۇق،
جەننەتكە بەرگۈسىز چىمەنزارىڭنى.
تاپقاننى تاپقانچە، سۇندۇڭ ئايىماي،
قاتتىقنى ئۆزۈڭ يەپ، يۇمشاقنى بىزگە.
مۇقەددەس بىلگەچكە قەلەم ئەھلىنى،
بېشىڭدا كۆتەردىڭ بىزنى ئېگىزگە.
ئوت ئەمەس، بىز ئۈچۈن يانىدۇ سۆيگۈ،
ھەر سەھەر گۈركۈرەپ ئوچاقلىرىڭدا.
مىڭ باغنىڭ ھىدى بار، بىر گۈل نە ئىمىش،
سېنىڭ شۇ مۇبارەك قۇچاقلىرىڭدا.
يۈزۈڭنى ئىخ لاسكۇي، ئاق نان دەپ بىلدىم،
شېكەرگە ئوخشاتتىم قوغۇنلىرىڭنى.
ئىسلىرى مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇرسا،
قانداقچە ئۇنتۇيمەن تۇرخۇنلىرىڭنى.
تۇرىدۇ ئېسىلىپ باراڭلىرىڭغا،
قىيامدىن پۈتۈلگەن مىليون مەرۋايىت.
مېنى شاھ ئورنىدا كۆرگەن قەلبىڭگە،
ئاستىمدا يىپەكتىن تۆشەكلەر شاھىت.
سۆيىمەن ئوت يەڭلىغ مىسرالىرىمدا،
چاي سۇنغان قولۇڭغا ھەر كۈنى مىڭ رەت.
قەلبىمنى ئاختۇرساڭ تاكى ئۆلگىچە،
ئاقىدۇ ئۆزەڭگە بىر دەريا ھۆرمەت.
چاي بېرىپ ھەيۋەتلىك ئايۋانلىرىڭدىن،
ساپالار قويدۇڭ سەن، زىلچىلار سېلىپ.
سەندىكى شۇ قىممەت ھەپتە – ئون كۈندە،
بىز قايتتۇق ئۆمۈرلۈك مۇھەببەت ئېلىپ.
لېۋىڭنىڭ ئىسسىقى پىشانىمىزدە،
ئۇنتۇلماس سەندىكى مۇبارەك كۈنلەر.
ئايرىلماي باشلاندى يېڭى سېغىنىش،
سېغىنىپ ئۆتمەكتە كۈندۈزلەر، تۈنلەر.
بال يېگەن بالىدەك لېۋىمنى تامشىپ،
قايتتىممەن ئايرىلغۇم كەلمەي سېنىڭدىن.
ئىجادىم بېغىنى سۇغارغان ئۆزۈڭ،
نېسىۋەم ئايرىلماس ئىسسىق قېنىڭدىن.
1985-يىلى 8-،9-ئايلار ، خوتەن –ئىلى.