تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 15

يەكەندىكى قەلەمكەشلەر يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون ياپتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
287
تۆھپە
111
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەكەندىكى قەلەمكەشلەر يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون ياپتى



  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گۇما دىيارىدىكى مۆتىۋەر يازغۇچى، شائىر ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندى يەكەندىكى قەلەمكەشلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گۇمىدىكى بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەر بىلەن قەدىمى دىيار يەكەنگە كېلىپ، يەكەننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى.

مېھمانلار ئالدى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى خان جەمەتى قەبرىستانلىقى، مۇقامشۇناس شائىرە خانىش ئاماننىساخان مەقبەرىسى... قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.   ئابدۇقادىر سادىر، مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، ئابلىكىم تالىپ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك، ئابلەت ئەخمەت، غوجىمۇھەممەت قابىز، ئابدۇلئەھەد داۋۇت تۇركزات، مۇھەممەت ئىزىز... قاتارلىق  مېھمانلار ،يەكەندىكى قەلەمكەشلەر  ئابدۇقادىر سادىر ئاكىنىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىققان << كۈلپەتلىك تەقدىر>> رومانىنىڭ شەرىپىگە تەييارلىغان بىر پىيالە چېيىغا داخىل بولدى.    يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان يەكەندىكى قەلەمكەشلەر ۋە ئوقورمەنلەرگە ۋاكالىتەن ئابدۇقادىر سادىر ئاكىغا تون ياپتى ھەم يەكەن بادام دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى. ياش خەتتات ئەسقەر سادىق چوغلان ئۆزىنىڭ بىر پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرىنى تەقدىم قىلدى. ئابدۇقادىر سادىر ئاكا <<كۈلپەتلىك تەقدىر>>ناملىق رومانىغا ئىمزا قويۇپ بەردى. سورۇن ئەھلى ئابدۇقادىر ئاكىغا بولغان ھۆرمەت- ئېھتىرامىنى ئۆزىنىڭ تەسرلىك نۇتۇقلىرى، لىرىك شىئېرلىرى ۋە قىزىقارلىق چاقچاقلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

بۇ پائالىيەتكە پىشقەدەم يازغۇچى، دىرامماتورگ تۇرسۇن يۇنۇس، پىشقەدەم تارىخچى ئابدۇقادىر داۋۇت،  توختى مۇھەممەت ئارىش، ئۆمەر ئوسمان سەبۇرى، نۇرمۇھەممەت ئايۇپ قۇربانى،  ئابدۇرىشىت سۇلايمان، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ، ھاجى ئېھسان قاۋۇل، تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن، توختى مامۇت ئىزچى، نۇرمەمەت (كاچۇڭ)، ئۆمەر ئىلى توختى، مىرئادىلجان مۇختەر(نادىر)، نۇرمۇھەمەت مۇھەمەتئىمىن، ئابدۇراخمان سابىق، تۇرغۇنجان يۈسۈپ، مەمىتىمىن مەمەت، ياسىنجان تۇرسۇن ئاتازات ،يۇسۇپجان ئەبەي، ئۆمەر ئېلى توختى  قاتارلىقلار  ئىشتىراك قىلدى...


Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
287
تۆھپە
111
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

خانىش ئاماننىساخان مەقبەرىسى ئالدىدا

خانىش ئاماننىساخان مەقبەرىسى ئالدىدا

گۇما ۋە ياكاندىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر

گۇما ۋە ياكاندىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-14 16:49  



139-20111113203328597[1].jpg
138-2011111320215210[1].jpg
137-20111113201822216[1].jpg
15-20111113202841277[1].jpg
13-20111113202653938[1].jpg
12-20111113202736581[1].jpg

ئابدۇقادىر سادىر ئاكا شېئىر دىكلىماتسىيە قىلماقتا

ئابدۇقادىر سادىر ئاكا شېئىر دىكلىماتسىيە قىلماقتا

ئابدۇقادىر سادىر ئاكا ئۆزىنىڭ <<كۈلپەتلىك تەقدىر>> نامى ...

ئابدۇقادىر سادىر ئاكا ئۆزىنىڭ <<كۈلپەتلىك تەقدىر>> نامى ...
8-20111113202214836[1].jpg
5-20111113195258179[1].jpg

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
1410
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن خەۋەرسىز قالغىنىمغا قارىمامدىغان؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى چوغلان بىلەن خەتتات چوغلان ئاغا-ئىنىلەردىنما؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
287
تۆھپە
111
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيامەتلىك قول بېرىشكەن ئاغا-ئىنىلەردىن!


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2289
تۆھپە
1255
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەندىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئېسىل روھىغا بارىكاللا!


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
baburzade
تىللا
22
تۆھپە
10
UID
1461
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم بۇ تېمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويساڭ بوپتىكەن،تاس قاپتىمەن سىنى تېما ئوغرىسى دەپ ئىنكاس يازغىلى... باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنىغۇ بىلەتتىڭ بولمىسا.باشقىلارنىڭ بىر خالتا سامىنى بولسىمۇ سوراپ ئىشلىتىمىز،ئۇنداق قىلمىساق ئوغۇرلىغان بولۇپ قالىمىز.
ھىچ بولمىغاندا تېمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇڭ كىرەك ئىدى.
يەنە بىر گەپ،بۇ خىلدىكى تېمىنى بىر قانچە مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسا خۇددى ئادەم قىلغان ئىشىنى دام-دام قىلغاندەك بولۇپ قالىدىكەن.
بۇندىن كىيىن دىققەت قىلارسەن!


ئىشىكنى قايتا-قايتا چەككەن

Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
287
تۆھپە
111
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل ئاكا،ئېھىتىياتسىزلىق قىپتىمەن. سىز دېگەندەك قىلىۋەتتىم.بۇ تېمىنى يوللاپ بولۇپ ئۆزۈممۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ئىدىم بولمىسا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-14 16:58  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
291
تۆھپە
52
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقام دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتىن تورداشلارنى خەۋەر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت،بۇ تېمىنى كۆرۈپ مىنىڭ يۇرتۇمغا بولغان پەخىرلىنىش ھېسياتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
556
تۆھپە
442
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولۇپتۇ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ تېنى سالامەت، ئىجادىيىتى بەرىكەتلىك بولغاي! ئابدۇرۇسۇل ئاكامنىڭ ئەجرىگىمۇ كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر...


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 4

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
166
تۆھپە
118
UID
558
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      راستىنلا خاسىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ.
                           


Rank: 6Rank: 6

تىللا
369
تۆھپە
230
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قەدىمىي دىيار يەكەندىكى قەلەمكەش جان-جىگەرلەرگە  ئاپىرىن  ! ئەسلى بۇ بىز قىلشىقا تېىشلىك ئىش ئىدى، لېكىن بىز بىر قەدەم كېچىكىپ قاپتۇق، شۇنداقتىمۇ پات ئارىدا  بىر پىيالە چاينى بىللە ئىچىشكە ئاللاھ نېسىپ قىلغاي ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-14 23:50  



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
696
تۆھپە
308
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر پارچە سۈرەتتە بىرەيلەن غەلىتە بىرخىل قىياپەتتە تاماكا چېكىپ ئولتۇرىدۇ. مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىلمىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىدىغان ئادەملەرنى ياقتۇرمايمەن.  مەن ئۇنداق ئادەملەرنى ئەخلاقسىزلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىمەن.


Rank: 2

ئىسمى
بىدار قۇتلان
تىللا
77
تۆھپە
40
UID
734
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ باللىنى مۇشۇنداق ئىشلاردا پەقەت ھايت دەپ قويمايدۇ ئادەمگە.
مەنغۇ سۈرەتتىكى بالىلاردەك يازغۇچىمۇ ئەمەستىم،  ئەمما يازغۇچىلارنى خىلى ھۆرمەتلەيتىم.


Rank: 2

ئىسمى
بىدار قۇتلان
تىللا
77
تۆھپە
40
UID
734
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلىرىم چۈشتىن بۇرۇن تەستىقسىزلا چىقىۋاتاتتى، ئەمدە نېمە بولغىنى بۇ؟


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
1966
يوللىغان ۋاقتى 4 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرباشقۇرۇۋاتقان خادىملارغا رەھمەت ياخشى تىما يوللاپسڭلەر


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:28, Processed in 0.073822 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش