تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا
تەڭرىتاغ تورى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل قانۇن پەرمان، سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى پۇقرالارغا دەل ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈش مەجىبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل قانۇن پەرمان، سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپ تور بېكەتلەرگە كۆچۈرۈپ باسسا نىمىشقا بولمايدۇ؟ يا بۇلار نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يېتىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر بولمىسا.
ئىككىنچىدىن، تەڭرىتاغ تورى ھۆكۈمەت بارلىق چىقىمىنى كۆتۈرۈپ، پۇقرالار ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى. نىمىشقا بۇ توردىكى مەزمۇنلارنى WORD قا كۆچۈرىۋېلىپ كومپىيۇتىرىمىزدا كۆرۈشىمىز چەكلىنىدۇ؟