ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى - ئىسمائىل ئېلى
ئىسمائىل ئېلى بۇ يىل 109 ياشقا كىردى، ئۇ 1902-يىلى 7-ئايدا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدا توغۇلغان. ئىسمائىل ئېلى ھاياتىدا ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ ، 9 بالىسى ، 47 نەۋرىسى ، 18 چەۋرىسى بار . ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق ، خۇشچاقچاق ، چىقىشقاق ، مۇڭداشقاق . ھازىرمۇ كۆرۈش ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ ، تاماق تاللىمايدىكەن . ئىسمائىل ئېلى ئۆمرىدە تاماق تاللىمىعان ، تاماكا چەكمىگەن ، ھاراق ئىچمىگەن ، سۈت ، قېتىققا ئامراق، كۆپ ۋاقىتلاردا قارا ئاشلىق يېيىشكە ئادەتلەنگەن ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ قېلىن كىيىنىدۇ . ئات مىنىشنى ، پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، ھازىرمۇ ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۇغقانلىنى يوقلىغىلى بارىدىكەن .... .
