تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 207|ئىنكاس: 10

يەردە قالمىغان تۈشۈك مونجاق.[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
1737
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- ئاغىنىلەر،قاراڭلار ،ئاۋۇ كىلىۋاتقىنى ئايگۈزەل ئەمەسمۇ؟
-توغرا، شۇ كەن!
- يېقىننىڭ ياقى بېيىپ قالدىمۇ نىمە ئۇ ، كۈندىن كۈنگە پاقىراپ كىتىپ بارىدۇيا؟ قاراڭلار ئۇنىڭ مېڭشلىرىغا.
- بېيىپ قالمىدى، بايغا تەگدى، يەنە كىلىپ بىر خەنزۇ خوجايىنغا دىگىنە.
-نىمە؟نىمە؟ خەنزۇغا تەگدى دىدىڭما؟
-شۇنداق، ئىككى ئاي ئىلگىرى بىر خەنزۇ بايۋەتچىگە تەگدى. ئاتا-ئانىسى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى تويغا چاقىرىپتىكەن. باغاققا پەرزەنتلىرىمىز ئايگۈزەل بىلەن ۋاڭ جىچىياڭ نىڭ تويىنىڭ ئەزىز مىھمىنىغا تەكلىپ دەپ يېزىپتىكەن.
-ھە،مۇنداق دە.
بۇ بىر مەھەللىلىك ئاغىنىلەر كۈندە دىگۈدەك مۇشۇ يەرگە جەم بۇلۇپ تاپقان ھوسۇلىنىڭ خۇلاسىسىنى چىقارغاچ كەيىپتىن تەڭ بەھرىمان بۇلاتتى. «تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشا»دىگەندەك ئەزىمەت يېرىم يىل بۇرۇن ئۇبۇرنىدا قېتىپ قېلىپ ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن بۇسورۇنغا ئابباس كاتتىباشلىق قىلىۋاتاتتى. ئابباس مۇشۇ مەھەللىلىك توختى قاسساپنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى .توختى قاسساپنىڭ ئۈچ قىزى بۇلۇپ بىر ئوغۇللۇق بولغۇسى بار ئىدى خودايىم ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجاۋەت قىلىپ مۇشۇ  بالىنى بەرگەنىدى .ئابباس بويى ئىگىز ،ناھايىتى بەستلىك ، بۇرۇتى يوغان ،قاڭشارلىق بالا ئىدى .ئۇ ئاشۇ بەستى بىلەن مۇشۇ مەھەللىدىكى باشقا بالىلارنىڭ «پادىشاسى» ئىدى. ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتكەنلىكتىن   بۇبالا باشتۇڭ چوڭ بولغان ئىدى.بۇ 7-8بىكار تەلەتلەر مۇشۇ مەھەللىلىك بۇلۇپ كىچىكدىن تارتىپلا  بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدى. كىچىكىدە مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرنى ئۇقۇتۇپ بۇلۇپ ،بىچارە ئاتا-ئانىسى بىلىمسىز قالمىسۇن دەپ دىنى مەدىرىسكە ئاپىرىپ بەرسە ئاخۇنۇمنى ئۇقۇتۇپ ،ھۈنەرگە بەرسە يازدا سايىدىن ،قىشتا مەش تۈۋىدىن چىقماي ،ھەممە ھۈنەرۋەنلەرنى 10-15كۈن ئۇستاز تۇتۇپ بىرمۇ ھۈنەرنىڭ پىشىنى تۇتالماي  مۇشۇنداق پۇلدىن باشقىسىنى تۇنۇمايدىغان ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان بۇلۇپ چوڭ بۇلۇشقان ئىدى. قىسقىسى بۇ جان دوست ئاغىنىلەر ئۆيدىن چىقىپ كەتسە تەڭ چىقىپ كىتىپ ، مەكتەپتىن قاچسا تەڭ قېچىپ چىقىپ ،ئوينىسا بىللە ئويناپ، ئۇرۇشسا تەڭ ئۇرۇشۇپ ،ھېچكىمگە بۇزەك بولماي بىر نان تاپسا تەڭ يەپ كۈندە دىگۈدەك مۇشۇ كوناجايغا يېغىلىپ ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ ناھايىتى ئىجىل چوڭ بولۇشقان ئىدى.
مانا بۈگۈنمۇ ئۇلار  ئالدى-كەينى بۇلۇپ مۇشۇ مەھەللە دوقمۇشىدىكى پىنھانغا جەم بۇلۇشتى . ئادىتى بۇيىچە ئالدى بىلەن  چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇشتى. ،ئارىسىدىن بىرى ئىشپىرىسقا سۇيۇتۇپ سۈمۈرتۈلگەن ئاق تاماكىنى ئابباسقا سۇندى .بۇ بويى پاكارغىنە كەلگەن ئەدھەم ئىدى. ئابباس يىڭىنى تۈرۈۋەتكەندىن كىيىن تاسمىچىنى باغلاپ بۇلۇپ ئسپىرىسنى ئېلىپ بىلىكىگە ئۇردى ، خۇددى چاڭقاپ كەتكەن يۈرەككە مۇزدەك بۇلاق سۈيى تۇز تېتىغاندەك ئابباسنىڭ ئاققا بولغان تەشنا ۋۇجۇدى ئاستا-ئاستا ھوزۇر سۈرۈۋاتاتتى . ئاندىن ئۇ ئشپىرىسنى ياندىكى ئەخمەتكە سۇندى-دە . ئەدھەم  تۇتاشتۇرۇپ تەييارقىلغان تاماكىنى ئېلىپ كۈچەپ سۈمۈرۇپ تۇتۇنىنى ئاسمانغا پۇركىدى . ئۇلارنىڭ كەيىپ سۈرۈش تەرتىپى مانا مۇشۇنداق ئىدى.
بىردەملىك جمجىتلىق بۇنداق كەيىپ سۇرۇشكەندە كەم بولسا بولمايتتى . ئۇلار خىيالىدا ئەرىش ئوردسىنى سەيلەقىلاتتى، ئاغرىپ كەتكەن بەدەنلىرى ئاستائاستا ئاغرىقتىن توختايتتى.....  ئىشقىلىپ  بۇ ھوزۇرنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلاتتى .
_تۈنۈگۈن يوقاپ كەتتىڭغۇ ، رىشات؟    ئابباسنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى ئارىدىكى جىمجتلىقنى بۇزدى.
-تۈنۈگۈن تۇتۇلۇپ قالغانتىم ،شۇڭا كىلەلمىدىم.   رىشات تاماكىسىنى قاتتىق شورىۋەتكەندىن كىيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى . تۈنۈگۈن چۈشتە پىشىن نامازۋاختىدا ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىدىن بىر قىزىل موتو جايلىغان ئىدىم . بىرسى تۇنۇپ قالغانمىكىن تاڭ، ئىگىسىگە دەپ قويۇپتىكەن ،بىرمۇنچە ئايغاقچىلىرىنى باشلاپ كىلىپ مىنى بازاردا تۇتىۋېلىپ  يالاپ پەيچۇسۇغا ئەكىرىپ سۇلاپ قويدى .
- نىمىدەپ بىزگە تېلفۇن قىلمىدىڭ؟  ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ھەسەن گەپنى بۆلدى .
- تېلفۇن قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ساقچى ئەكبەركامكەن .شۇڭا خاتىرجەم ئولتادىم شۇ.
- موتونى نەگە قويغانتىڭ ؟  ئەدھەم زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ئوڭ پاچىقى تالدى بولغاي ئىككى قولىدا ئىككى ياندىكى ئاغىنىسىنىڭ مۆرىسىنى تىرەپ تۇرۇپ ساغرىسىنى سول پاچىقىغا ئالماشتۇرغاچ سورىدى.
- شۇ ئەكبەر ئاكام بەلگىلەپ بەرگەن يەردە قويغان .  ئۇ مىنى  ياندىكى ئۆيگە سۇلاپ قويۇپ بىرە سائەتتىن كىيىن قېشىمغا كىردى . قارىسام ئارقىسىدا مىنى ئەكەلگەنلەرنىڭ بىرى باكەن. گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.
ئەكبەر دىگىنى شۇ تەۋەلىكتە ئىشلەيدىغان 35-40ياشلار چاممىسىدىكى كونا  خەلق ساقچىسى ئىدى .ئۇ بۇمەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇلۇپمۇ بىز باشتا زىكىرقىلىپ ئۆتكەن بىكار تەلەت ئاقچىلارنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ ئاقچىلارمۇ ئۇنىڭ دائىملىق مىھمىنى ئىدى .شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئاقچىلار تاپقانلىرىنىدىن ئانچە مۇنچە ئەكبەرگە سۇنۇپ تۇراتتى . رىشاتمۇ بو ئەمەس ئىدى .تېخى يېقىندا  ئەكبەر  سېتىۋالغان  يىڭى ماشىنىسىنىڭ ئەينىگىنى ئاپتاپتىن   مۇداپىئەلىنىش قەغىزى چاپلىتىپ بەرگەنىدى .شۇڭا ئۇ بۇساقچىنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنىدن خاتىرجەم ئىدى   .
- ھە،گەپ قىلە !  موتونى قاچان ئوغۇرلىدىڭ؟  سورىدى ئەكبەر رىشاتنى سوراق قىلىپ.
- مەن  ئوغۇرلىمىدىم.
- ھېي، ھارامنىڭ تۇخۇمى، سەن ئوغۇرلىمىساڭ ، ماخەخ سېنى تۇتۇپ كەلگىلى كاللىسىنى قاغا چوقۇۋاپتۇما؟  
- ئۆتكەن ھەپتە مىنىڭمۇ موتورۇم شۇيەردە يوقاپ كەتكەن ، مىنىڭمۇ موتورۇم يوقاپ كەتكەندىكىن مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش موتوكەن دەپ ئالدىم شۇ.   دىيىشىمگە ھېلىقى بىللە كىرگىنى ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلدى.
- ھېي،ماڭقا. تىكەننى كىرگەن يەردىن ئالماي ،مىنىڭ موتورۇمدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى؟  موتۇرۇڭنى مەن ئالغانما؟  
ئەكبەر ساقچى ئۇنىڭ گەپ ئېچىشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك  ئاستا ئۇنى تارتىپ تۇرۇپ ؛« سىز چىقىپ تۇرۇڭ، بىزگە ئىشىنىڭ ،مەن بۇماڭقىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ بۇلۇپ سىزگە تېلفۇن قىلىمەن. بۇلامدا؟»  دىگەچ ئۇنى چىقىرۋەتتى .  ئۇنى تۇتۇپ كەلگەنلەر جاھىللىق قىلىپ كەتكىلى ئۇنىماي خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ بېقىپ ئاندىن ساقچىلارغا بوش قويۋەتمەسلىكنى قاتتىق تاپىلاپ قويۇپ ئاندىن قايتىشتى.
       مەسچىت بۇ ئوغرىلار ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي ھىساپلىناتتى . چۈنكى مەسچىت تاملىرىدا كۈزەتچى كامىرا يوق . تاھارەت ئالغاندا باشقىلارنىڭ چاپىنىنى ئىلگۈچكە ئىلىپ قويۇپ ئىسىنجا قىلغىلى كىرىپ كەتكەندە، چاپىنىدىن پۇل ،تېلفۇن ۋەباشقا نەرسىلەرنى ئالغىلى بۇلاتتى ، ئاخۇنۇم ۋەزنەسىھەت قىلىۋاتقاندا كىشىلەر تېلفۇنلىرىغا ئاۋاز ئېلىش ئۈچۈن  خاتىپنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ .بۇمۇ جايلايدىغانغا بەك ياخشى پۇرسەت ئىدى . نامازدىن تارقىغاندا جامائەت ئىشىكتىن قىسىلىپ چىقىپ كىتىدۇ. بۇمۇ يانچۇقچىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى  . سىرىتتا ئالدىراپ تىنەپ موتو ،ۋېلىسپىتلىرىنى قويۇپ قويىشىدۇ ،بۇمۇ بەك ياخشى پۇرسەت ئىدى.  كىرگەنلەرگە قاراپ تۇرۇپ كىمنىڭ بوي تۇرۇقى ئۆزى بىلەن تەڭ ،كېيگەن ئايىقى ئەڭ يىڭى بولسا  قويغان يىرىنى كۆرىۋېلىپ  ئالدىرماي بېرىپ جايلىسا بۇلاتتى .ھەممىدىن مۇھىمى ،ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىدە مەسچىتتە يوقاتقان ھەرقانداق نەرسىنى جاكارلاشقا،«يۈتۈپ كەتتى» دەپ داۋراڭ سېلىشقا بولمايىتتى . مانا بۇنوقتا ئوغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كۇرۇز ئىدى.  بۇ ئاقچىلار ئۈچۈن جان ،پۇل ،خىرويىن ھەممىدىن مۇھىم ئىدى . ساۋاپ ،گۇناھ ،ناماز،ئۈلۈم،ئاخىرەت دىگەن خيالىغىمۇ كىرمەيتتى.  
        رىشات سۇلاقتا يېتىۋاتقىلى تۆت سائەت بۇلاي دىگەن بولسىمۇ يېنىغا ھېچ ئادەم كىرەي دىمەيتتى . ئالەمنى قاراڭغۇ باساي دىگەندە بىر ساقچى كىرىپ ئۇنى قويۋەتتى.  ئۇ چىقىپ كىتىپلا ئەكبەرگە تېلفۇن بەردى . ئەكبەر ئۇنىڭغا باشقا ياقلاردا ياغايلاپ يۇرمەي دەرھال ئۆيىگە قايتىشنى ، موتونىڭ ئىگىسىگە ئۇنى 15كۈن قاماققا سۇلاپ قويدۇق دەپ قويغانلىقىنى ،15كۈن ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقنى ئالاھىدە جىكىلىدى.  بۇئىشلارنى رىشات ئاغىنىلىرىگە بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى.
دەل شۇ پەيىتتە تۆت كۇچا ئېغىزىغا بىر كرۇسلىي (دۇشمىنىڭنىڭ كۆزىدىن ياش ئالىمەن)ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپ كىلىپ توختىدى. ئاندىن بويى ئىگىز،چىرايى ئاپئاق ، چىېچى سارغۇچ بۈدىرە، پۇتىدائىگىز پاشنا ئۆتۈك ،كىيىمى ئۆزىگە ئالاھىدە ماسلاشقان بىر جەزبىدار خېنىم چۈشۈپ ئاجايىپ نازكەرىشمە بىلەن ماشىنا ئىچىدىكى شوپۇر بىلەن خوشلاشتى.ئاندىن يەردە دەردى باردەك كۈچەپ دەسسەپ ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى .بۇ دەل ھىكايىمىزنىڭ بېشىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن گۈزەلنۇر ئىدى. ئۇ مۇشۇ بىكارچى ئاقچىلارنىڭ دەسلەپكى كاتتىۋېشى ئەزىمەتنىڭ بۇرۇنقى لايىقى ئىدى .شۇڭا بۇ قىزنى كۆپچىلىك ئوبدان تۇنۇيتتى .
-ئاغىنىلەر ،بۇ رەسۋا پاسكىنىنى بىر ئۇچۇغداپ قويساق بولمامدۇ!؟ دىدى ئەخمەت غەزەپ بىلەن .
-توغرا ،بۇپاسكىنا نىمىدەپ خەنزۇغا تىگدۇ، بۇ بۇزۇق تەگكۈدەك بىرەر ئۇيغۇر يىگىت چىقماپتۇما، ئەزىمەت ئاكامنىڭ روھى قورۇنمامدۇ؟ دىدى رىشاتمۇ،گەپ قىستۇرۇپ.
- مەھەللىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكتى بۇ ج***،  يۈزىنى تىلىۋەتسەك بولمامدۇ ئاكا؟
ئابباسمۇ بۇلار سېلىۋاتقان يەلگە خېلى تۇيۇنۇپ قالدى بولغاي ،سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن مۇۋاپىق پەيت كۈتۈپ ئۇنى راسا بىر دۇمباللاپ قويغۇسى كەلدى. دىمىسىمۇ  ئىقتىسادنىڭ يوقىدىن ھازىرغىچە بويتاق يۈرۈۋاتقان ئابباسقا نىسبەتەن بۇچىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىنى تاللىماي بىر خەنزۇغا تەگكىنى ئۇنىڭغا ھار كەلگەنىدى.
-مانداق قىلايلى ،ئەتە مۇشۇ چاغدا گۈزەلنۇر دىگەن پاسكىنىنى ئاۋۇ تارچۇقتا تۇتۇۋېلىپ  تازا بىر ئەدىۋىنى بىرەيلى .دىدى ئابباس بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
ئۇلارشۇنداق كىلىشىپ ئەتىسى  كۈن قايرىلغاندا  ھېلىقى «كوناجاي»غا جەم بولۇشتى.  ئۇرۇش جىدەل بۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى.
ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ گۈزەلنۇرنىڭ ئۆتۈش يولى بولغان ئالدى تەرەپتىكى قۇرلۇش قىلىنىۋاتقان بىنا ئالدىدىكى كىچىك تارچۇقتا گۈزەلنۇرنى قاچۇرۋەتمەسلىكى ،باشقىلارغا ئامال قىلىپ چاندۇرماسلىق مەقسىتىدە ئالدى ئارقىدىن قىستاپ تۇتۇپ ئۇنى راسا بىر ساۋۇداپ قويماقچى بۇلۇشتى .
ئابباس ئەدھەمنى يولنىڭ ھېلىقى ماشىنا توختايدىغان يىرىدە كۈزەتچىلىك قىلىشنى ،كەلگەن ھامان تېلفۇندا خەۋەر بىرىشنى ،قالغانلار تارچۇق كۇچىنىڭ يېنىدا خەۋەر كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى ماشىنا كىلىپ توختاپ گۈزەلنۇر چۈشۈپ قولىنى ماشىنا ئىچىگە پۇلاڭلىتىپ قويوپ تارچۇق كۇچا تەرەپكە قاراپ ماڭدى .قولىدا بىرقانچە سومكا تۇراتتى ،قارىماققا ئاتا-ئانىسىغا ئالغان كىيىم-كىچەكتەك قىلاتتى. ئەدھەم دەرھال خەۋەر بىرىۋەتكەندىن كىيىن ئەتراپقا ئوبدان نەزەر سېلىپ ھېلىقى ماشىنىنىڭ قارىسى يوقالغۇچە قاراپ تۇردى ،ئاندىن بۇ ئويۇننىڭ جەريانىنى ئۆزكۈزى  بىلەن كۈرۈشكە ئالدىراپ شىرىكلىرىنىڭ قېشىغا  قاراپ ماڭدى.
گۈزەلنۇر ئاللىقانداق بىر مودا ناخشىنى غىڭشىپ ئەركىن سالماق قەدەم بىلەن مېڭىپ ھېلىقى تارچۇق كۇچىغا كىرگەندە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىرخىل مۇدھىش ئەنسىزلىكنى سەزگەندەك بولدى . لىكىن مېڭىيۋەردى. دەل ئوتتۇرغا كىلەر -كەلمەيلا ئالدى تەرەپتىن ئەخمەت ،قادىر، ھەسەن، ئىمرانلار قاتارلىشىپ كۇچىنى بىر ئېلىپ قىستاپ كىلىۋاتاتتى . ئۇ  بۇ تۆتەيلەننى ئوبدان تۇنۇغاچقا دەرھال توختاپ ئارقىغا بۇرۇلدى .ئارقاتەرەپتىن ئابباس،رىشات،ئەدھەم، ئىرزاتلارمۇ قاتارلىشىپ قىستاپ كىلىۋاتاتتى . ئۇ بۇقېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالالمايدىغانلىقىنى سىزىپ قولىدىكى سومكىلارنى ئىككى قوللاپ مەھكەم تۇتۇپ جىم تۇردى . ئۇلار يېقىنلاپ كىلىپ گۈزەلنۇرنى ئورىۋېلىشتى. ئابباس ئاۋۋال گەپ ئاچتى.
-قانداق، گۈزەلنۇر ، كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، چىرايلىقلىشىپ كىتىپسەنغۇ،  ئادەمنىڭ كۆزىنى يىگۈدەك[s:308]
- قارىغاندا  بىرەر بايۋەچچىنى كەلتۈرۋالغان ئوخشىمامسەن- ھە.
-ئۇم ،نىمىدىگەن خۇشپۇراق بۇ . ئاغىنىلەر بىرەرسىڭلار ئەتتىر چېچىۋالمىغانسىلەر ھە. [s:308]
  ئۇلار بىربىرلەپ مۇشۇنداق تېتىقسىز پاراڭ قىلىشىپ گۈزەلنۇرنى مازاق قىلىۋاتاتتى.
-ئەزىمەت ئاكام يوق ،زىرىكمىدىڭمۇ؟ ماڭە ئويناپ كىلىمىز!  ئابباس شۇ گەپنى دىگەچ ئۇنىڭ بىلىگىنى تارتىۋېدى،گۈزەلنۇر قەھرى بىلەن ئۇنى سىلكىۋېتىپ :
-قولۇڭنى تارت ، ئابباس، سەنلەر نىمە قىلماقچى؟!
-نىمە قىلماقچى ؟! خېنىم، قىزبالىنى ئوغۇللار نىمە قىلىدۇ ؟ئۆزىڭىز بىر دەپ بېقىڭە
-سىز ئوغۇللارنى قىزلار بىلەن مۈكۈمۈكۈلەڭ ئوينايدۇ دەپ قالغانما؟
-كەمپىت شۈمۈرۈپ ئوينامدۇ يا، ھە ؟  ھا..ھااھا...ھا.....ھا[s:308][s:305]
گۈزەلنۇر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدى -دە ،قاتتىق غەزەپ بىلەن:
- ۋۇ ،ئىپلاسلار !!! ئادەم بولمايدىغان نىجىس غالچىلار!!!!
- ئۇلارنىڭ كۈلكىسى شۇ ھامان توختىدى.ئابباس :
-ئىپلاس ؟گۈزەلنۇر، سەن بىزنى ئىپلاس دەۋاتامسەن ؟ ئىپلاسلىق سەندىن ئايلىنىدۇ ،بىلىپ قوي .
-مەن قانداق ئىپلاسكەنمەن ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇمۇ ئابباس!
- سەن ئىپلاس، بىر ئۇيغۇر قىزى تۇرۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزىنى يەپ چوڭ بوپ تۇرۇپ ، ئوغۇل بالا چىقمىغاندەك بىر خىتتايغا خوتۇن بۇلۇپ بىر ياستۇققا باش قويۇپ يۈرسەڭ ئىپلاس بولماي نىمە سەن  ؟ئۆزەڭ دەپ باقە؟
-شۇ ، دىدى يېنىدىكى ئەخمەت ئۇلاپلا.   بىز ئۇيغۇرلاردىن ساڭا يارىغۇدەك بىرەرسى چىقمىدىما؟ نىمەكەپتۇ بىر خ**نى ئەر قىلىپ .
ئەمدى ھەممىسىنىڭ زۇۋانى بىربىرلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى.
- خ*** نىڭ بەك تاتلىقمىكەنيا؟  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ساڭا تېتىمىغۇدەك.
- ئاتا ئاناڭ نىمە بىرىپ چوڭ قىلغان بولغىدى سېنى .!
-مەھەللىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدىغۇ بۇ لالما!
-ۋىژدانىڭنى ئىت يەپكەتكەن بىرنىمىكەن سەن!
-......!
-.....!!
-......!!
ئوقۇمىغان نادانلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بۇسەت گەپلەردىن گۈزەلنۇر بۇيەردە ئۆزىنىڭ ئالدىنى توسۇشىنىڭ سەۋەبىنى تۇلۇق چۈشەندى. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سەت گەپلەرنى چىداپ تۇرۇپ ئاڭلىدى. بىر ئېغىز گەپ قايتۇرمىدى. چۈنكى گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ خەنزۇغا ياتلىق بولغىنىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئىكەنلىكنى ئىتىراپ قىلاتتى. ھېچكىم ئۇنى ياخشى قىپسەن دىمەيتتى.
-گەپ قىلە ، زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالدىما سېنىڭ . ئابباس ئۇنىڭ ئالدىغا قىستاپ كەلدى. ھەممەيلەن ئالدىغا مېڭىپ گۈزەلنۇرغا يېقىنلاشماقتا ئىدى.شۇچاغدا گۈزەلنۇر قاتتىق قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى  . ئىلگىرى كۈلسە چىشىنى كۆرسەتمەيدىغان بۇ قىز مانا ھازىر كۈلگىنىدىن ئېغىزىنى خۇددى 36-نۇمۇرلۇق كالاچتەك ئېچىپ يۇمالماي قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى غەزەپ كۈلكىسىمۇ خۇشاللىق كۈلكىسىمۇ ھېچكىم ئاڭقىرالماي بىربىرىگە قاراپ قېلىشتى.
-ھە ،رەسۋا ،نىمىگە كۈلىسەن ؟رەسمىي ئىزا ئاڭلىسا غىزا يىگەندەك بۇلىدىغان بىرنىمىكەن بۇ .  نىمە كۈلىسەن ؟ئادەم كۆزگە ئىلمايۋاتقىنىنى بۇنىڭ  .رىشات چىداپ تۇرالمىدى.
گۈزەلنۇر ئاستا -ئاستا كۈلكىدىن توختاپ  ،قەھرى بىلەن:
- كۆزگە ئىلماي؟ سەنلەر كۆزگە ئىلىپ ئىلماي قانچىلىك ئادەمتىڭ ؟ ناھايىتى بىر جەمىيەتنىڭ كىرەكسىزداشقاللىرىغۇ ھەرقايسىڭ . تېخى مىنىڭ ئالدىمدا ۋىژدان ،غۇرۇردىن گەپ ئېچىشىۋاتامسەن . توغرا مەن غۇرۇر ،ۋىژدانىمنى يوقاتتىم . بۇنىڭغا مەن ئىقرار. لىكىن قولىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇرۇش . مىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى ھەممىڭ بىلىشىسەن . ئەينى چاغلاردا ئۇمىنى چىرايلىق گەپلەرنى نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ يۈردى . ئۇنىڭ قىمار ئوينايدىغىنىنى ،ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ سەن يالاڭتۆشلەر بىلەن ئاق تاماكا چىىكىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىنىڭ  ھىسىياتىمدىن پايدىلىنىپ ئۈزىنىڭ شەھۋەت ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ غۇبارسىز قەلبىمنى  داغلىدى . مىنى ئۆزىگە تېخمۇ ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىنى ئالداپ  مەجبۇرىي ئاق تاماكا چەكتۈردى ،ئۇنىمىسام «ئايرىلىپ كىتىمەن» دەپ مىنى قىيناپ مىنى خۇمار قىلىپ قويدى، ئۇنى ئازدەپ مىنى كۈندە دىگۈدەك  دەپسەندە قىلدى .  ماڭا پۇل ،پۇللا دەيتتى. قەرىز ئالمىغان ھېچ يىرىم قالمىدى .دوست -يارانلىرىم ماڭا نەسىھەت قىلىپ بۇ تۇيۇق يولدىن ياندۇرالماي ھەممىسى تاشلاپ كىتىشتى. بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ  مال-بىساتىنى ھەرخىل چارە ئاماللار بىلەن سېتىپ، ئۇ ئەزمەت دىگەن نائەھلىنى ئاق تاماكا بىلەن باقتىم .ھىېچنىمەم قالمىغاندا  بارا -بارا ئۇنىڭ دۈشكەلىشىگە ئۇچۇردۇم ،كۈزىگە سەت كۈرۈنۈپ قالدىم ،پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ،مىنىڭ نىمە ئەھۋالدا قالغانلىقىم بىلەن پەقەت كارى بولمايدىغان بولدى.
گۈزەلنۇر غەزەپ بىلەن سۆزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە كۆزىدىن تارام تاراملاپ ياش چىقىشقا باشلىدى . ھەممەيلەن گۈزەلنۇرنىڭ گېپىنى سۈكۈنات ئىچىدە قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى .
گۈزەلنۇر كۆز يېشىنى سۇرتۇۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
- شۇچاغلاردا ئۆزەممۇ ئاققا بەك خۇمار بۇلۇپ قالدىم . ئەزىمەتنىڭ ئالدىغا پۇل بىلەن كەلمىسەم ئۇماڭا بىر قېتىممۇ چەكتۈرۈپ قويمايتتى . ئۇمىنى نىمە قىلسام قىلىپ پۇل تېپىپ كىلىشكە بۇيرۇيتتى .بۇ دىگىنى مەن تېنىمنى ساتساممۇ بۇلاتتى . بىر قېتىم ئۇ قىمار ئويناپ پۇلى يەتمىگەننىڭ ئۈسـىتگە مىنى ئۇتتۇرۋېتىپتۇ . كەچتە «چىق» دىدى ،چىقسام بىر قانچە ئادەم بىلەن تۇرىدۇ ،مىنى بىر مىھمانخانىغا ئاپىرىپ تۈت قىمارۋازغا سۇلاپ بەردى .ئۇنىڭ دىيىىشىچە ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە ئۇنىمىسام ئەزىمەتنىڭ بىر بارمىقىنى كىسىۋىتەرمىش . ئۇنىڭ چۇلاق بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلاپ مەيلى دەپتىمەن . تۆتەيلەن بىرنىڭ كەينىدىن بىرى نۆۋەتلىشىپ مىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن تېنىمنى جېنىمدىن جۇدا قىلغىلى تاس قالدى . مەن ئۇلاردىن رەنجىمىدىم ، نىمىشقا رەنجىيمەن ؟ ئاتا -ئانامدىن ئارتۇق كۈرۈپ ،مال -بىساتىنى سېتىپ بارلىقىمنى بېغىشلىغان نىگارىمدىن ، مىنى قوغدايدۇ ،باللىرىمغا ئاتا ،ماڭا ئەر بۇلىدۇ دەپ سۆيگەن نىگارىمدىن كەلگەن ۋاپا شۇنچىلىك تۇرسا ،  باشقىلاردىن رەنجشكە نىمە ھەققىم بار. ئەتىسى ناشتىلىقمۇ قىلماي ئەزەلدىنلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن تېنىمنى ئاران سۆرەپ يولدا كىتىۋاتسام بىر لابا ئۇرۇلدى(ماشىنىنىڭ ) ئاندىن مىنى سوقۇۋەتتى .شۇيەردىلا يېقىلدىم .كىيىن نىمە بولغىنىنى ،قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن .ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن . بىلىكىمگە خۇددى سۈتتەك ئاپئاق ئۇكۇل سېلىنىۋاتقان ئىكەن .  بىر سىستىرا ھۇشۇمغا كەلگىنىمنى كۈرۈپ  مىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .بىردەمدىن كىيىن يېنىمغا دوختۇر بىلەن بىرقارا كاستۇم كېيگەن ئاق كۆز ئەينەك تاقىغان  خەنزۇ  كىردى . دوختۇر مىنى بىرقۇر تەكشۇرگەندىن كىيىن بىر نىمىلەرنى دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . كىيىن ھېلىقى خەنزۇ «رەخمەت،رەخمەت» دەپ  دوختۇرنى ئۇزىتىپ قويۇپ ،يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى . ئۇ ماڭا خەنزۇچە «قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ ؟»دەپ سورىدى .مەن  «ياق »دىمەكچى بۇلۇپ بېشىمنى چايقاپ قويدۇم.  ئۇماڭا :«ئېغىر زەخمىلەنمەپسىز ، لىكىن بەك ئاجىزلاپ كىتىپسىز . دوختۇر سىزنى ياخشى ئارام ئالسۇن دىدى. ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم .ئۆيىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرىڭ مەن ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ قوياي. يەنە  بىر گەپ سىزگە بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى مۇلازىم ياللاپ قويدۇم . ئۇسىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ .دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ قويدۇم. سىز ئاۋۋال ياخشى داۋالىنىڭ  .مەن ئىشىمنى تۈگۈتۈپ بۇلۇپ يەنە كىلىمەن .ياخشى ئارام ئېلىڭ بۇلامدۇ؟ » دەپ چىقىپ كەتتى .دىگەندەك ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئاچاش  ماڭا تاماق ئەكىرىپتۇ . ئۇ مىنى يۈلەشتۈرۈپ تاماقلاندۇردى . ئاندىن ھېلىقى خەنزۇنىڭ مىنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىم ئۈچۈن 1000يۇەن بەرگەنلىكىنى يەتمىسە يەنە بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ماڭا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى ، ئۇ خەنزۇمۇ مىنى كۈندە دىگۈدەك يوقلاپ تۇردى .ئاتا-ئانامنى خەۋەردار قىلدى .رازى قىلدى ،خاتىرجەم قىلدى . دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ مىنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئالدى. دەسلەپتە مەن «مىنى سوقۇۋەتكەچكە شۇنداق قىلدى» دەپ پۇل ئۇندۇرەي دەپتىمەن .لىكىن ئۇ مەندىن پۇل ئايىمىدى . پۇل دىسەم دىگىنىمنى بەردى . ئۇ مەندىن زىرىكمىدى ، مەن ئۇنىڭدىن ئالغان پۇل بىلەن ئەزىمەتنى ئاق بىلەن باقتىم ئۆزەممۇ چەكتىم ،چۈنكى مەن ئەزىمەتنى ياخشى كۈرەتتىم ،ئۇنىڭ تەلىۋىمۇ شۇ ئىدى . «توق يىگەن پوق يەپتۇ »دەپ .ئۇ ئۆزىگە ئۇكۇلنى كۆپ ئۇرىۋېلىپ قېتىپ قېلىپ ئۆلدى . ئەمدى مەن كىمگە تىگىمەن .بۇ تاشلاندۇق تېنىمنى كىمگە تەڭلەيمەن .
گۈزەلنۇرنىڭ ئاۋازى بىر كۈچىيىپ ،بىرپەسىيىپ ،بىرتىزلىشىپ ،بىر ئاستىلاپ ،كۈزىدىن چىقىۋاتقان ياش تامچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاجايىپ تەسىرلىك چىقىۋاتاتتى . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقان كۆپچىلىك ئۆزىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ ،كۆزلىرىدىكى ئابايامقى ۋەھشىيلىكتىن  ئاللىقاچان ئەسەر قالمىغانىدى . چۈنكى گۈزەلنۇر راست دەۋاتاتتى .ئۇلارمۇ قىز دوستلىرىنى شۇنداق قىيناۋاتاتتى . بۇ ئۇلارنىڭ پۇل تېپىپ ئاق چىكىدىغان ياخشى چارىلىرى ئىدى . ئۇلارنىڭ ئوبىكتى ساپلا ئاشۇنداق بايلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بەگزادىلىرى ئىدى .ئۇلارنى ئاۋۋال قىزىقتۇرۇپ ئاندىن پۇلىنى خەجلەش ئىدى.ئوغۇرلۇق قىلىش ،قويمىچىلىق قىلىش ،ئالدامچىلىق قىلىش...دىگەندەك رەزىل ئۇسۇللار بىلەن پۇل تېپىپ خىرويىن چىكەتتى. لىكىن بۇ خىرويىن دىگەن نەرسىگە پۇل توشىمايتتى . ھەممىسى ئاق تاماكا ساتىدىغان لوبەنلەرنىڭ يانچۇقىنى ئاقچا بىلەن توشقۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
گۈزەلنۇر ئەمدى گەپنىڭ توچكاللىسىنى دىيىشكە باشلىغان ئىدى .
«ئۇ (خەنزۇ) مىنى بىر يىلدىن بىرى ئۆزلۈكسىز ئاسىرىدى . ئاتا-ئانامنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئاتا- ئانامغا پاسپۇرت ئىشلەپ بەردى . ماڭا ئارزۇيۇم بۇيىچە كىيىم-كىچەك دۇكىنى ئېچىپ بەردى .سىڭلىمنىڭ ئۇقۇش ئىشىنى ھەل قىلدى .ماڭا بىر بىنا ئۆي ئېلىپ بەردى .مىنىڭ ئاق تاماكا چىكىدىغان خۇمارىم بارلىقىنى بىلىپ مىنى داۋالاۋاتىدۇ .قىسقىسى  مەن ئارزۇ قىلغان گۈزەل تۇرمۇشقا يەتكۈزدى. مىنى غەپلەت پاتقىقىدىن تارتىۋېلىۋاتىدۇ. مىنىڭ ئاققا بولغان ،تۇرمۇشقا بولغان ئىھتىاجىمدىن چىقىش ،ئۆزىنىڭ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بۇلۇش (خۇيزۇبۇلۇش )بەدىلىگە مەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيىتتى .مەن قانداق رەت قىلىمەن ،رەت قىلسام بۇ تىللا دەرىخىمدىن قۇرۇق قالىمەن .ماڭىمۇ جان لازىمدە ! مانا ھازىر ماڭا بىر كۈندە  تاماكا، تۇرمۇش ،كىيىم-كىچەك ، ئۆي چىقىمى بۇلۇپ بىر كۈندە كەم دىگەندە 500يۇەن بولمىسا بولمايدۇ.   بۈگۈن مىنىڭ ئالدىمدا  ۋىژدان ،غۇرۇردىن گەپ ئېچىپ تۇرۇپسىلە ،قېنى قايسى بىر مەيدىسىدە تۈكى بار ئۇغۇل بالا ئەركەكتىن بىرىڭلار كۆكرىكىڭلارغا مۇشلاپ  چىقىپ  مىنىڭ شۇ چىقىملىرىمنى كۆتۈرۈپ مىنى باقالايسىلەر؟ مەن خوتۇن بۇلۇشقا رازى بۇلاي  . قېنى قايسىڭلار چىقالايسىلەر!؟  ،قايسىڭلار چىقىسىلەر !؟ »
گۈزەلنۇر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرقانچىسىنىڭ ئالدىغا بىربىرلەپ دىۋەيلەپ بېرىپ  شۇنداق دەپ سورىدى .بۇنۆۋەت ھەممىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .
گۈزەلنۇر ئاستا-ئاستا قەدەم بىلەن ئۇلار ئارىسىدىن چىقىپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ گەپ قىلالماي قېلىشتى.

                                                                                               تۈگىدى.

ئاپتۇرى :  مەن  ئۆزەم  ،      يازغۇچى : بارماقلىرىم

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ھېكايىكەن، ماڭا يارىدى! بىزنىڭ قىزلىرىمىز ناكەس يىگىتلىرىمىزنىڭ دەپسەندىلىرىدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟ يەنە دەپسەندە بولۇپ ئاچلىقتىن، خۇمارلىقتىن ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟
______
دەيدىغىنىم شۇكى ھۈرمىتى زىيادە «ئاركاكشىر»، كالاچنىڭ نومۇرى 36-بولامدا؟ جۈمە كۈنلىرى مەن مەسجىدكە كىرگەندە مەسەمنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان كالىچىم 9-نومۇرلۇق كالاچ ئىدى، 10-نومۇرلۇق كالاچ كىيسەم 41-نومۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغان پۇتۇمغا بوشلا كېلىپ بەك ئىچىمنى پۇشۇراتتى! مۇشۇ مۇنبەردىكى «بىلگئەر»دىن سوراپ باقساق، ئۇنىڭ كالىچى نەچىنچى نومۇرلۇقكىن؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 4

تىللا
257
تۆھپە
156
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بالىلاردا ئىنساپ ، ھايا ، ئەقىل يوق ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ دەپ قاقشايدۇ بۇ چوڭلار ، مىنىڭچە ئاۋال مەن پەرزەنتىمگە قانچىلىك تەلىم ، ئەخلاق بەدىم دەپ ئۆزىگە سۇئال قويۇشى كىرەك  . شەھەرلەشكەن جايلاردىكى بالىلاردا يامان ئىللەت بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىپ بارىدۇ ............


  ھەمىڭلارنىڭ قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . مۇساپىر بالا

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىشىمچە، مەلۇم بىر ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ بىر ناھىيەسىدە يەرلىك مىللەت بىلەن خەنزۇ ياشلىرىنىڭ توي قىلىشى رىغبەتكە ئىگە ئىكەن ھەم مۇكاپاتلىنىدىكەن، بۇ ياخشى ئىش ھەقاچان!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 1

تىللا
41
تۆھپە
19
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

تىللا
96
تۆھپە
24
UID
489
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2011-11-13 10:49
ئوبدان ھېكايىكەن، ماڭا يارىدى! بىزنىڭ قىزلىرىمىز ناكە ...

ئىنتايىن ناچار ھىكايىكەن، ماڭا قەتئىي يارىمىدى. سىزگە نەرى ياراپ قالغاندۇ بۇ ھىكاينىڭ.
توغرا تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق ئىشلار يوق ئەمەس، ئەمما بۇنداق ئىشلارنىڭ نەتجىسىنى باشقا مىللەتنىڭ قولدا ياخشى قىلىش مىنىڭچە ئاقىلانلىك ئەمەس. چىقىش يولى دىگەن كۆپقۇ. بۇ مىللەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولغان بولسا بىزنىڭ تەغدىرىمىز ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىپ قالمىغان بولاتتى. قالغنىنى ئۆزىڭىز ئويلىشىپ كۆرۇڭ مەن جىق گەپ قىلماي..............................................................................................................................................................................................................................


Rank: 4

ئىسمى
سەرسان،روھ
تىللا
270
تۆھپە
114
UID
528
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىپ ئاندىن يازاي ئىنكاسنى


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئاتېللا
تىللا
131
تۆھپە
77
UID
205
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھەممىمىز ۋىجدان، غۇرۇر بىلەن ياشايىلى.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
1737
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saray يوللىغان ۋاقتى  2011-11-13 21:29
ئىنتايىن ناچار ھىكايىكەن، ماڭا قەتئىي يارىمىدى. سىزگ ...

سىزگە قاندىقى لازىمتى ،  سىزنىڭكىنى بىر كۈرۈپ باقايلى ئەمىسە،  ئەزىگىدەك يازالامسىزكىن . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە  ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەخلاق .بىلىپ قويارسىز  


Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
53
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇلۇقلارنىڭ نامراتلىق دەستىدىنى ئېتىقادىنى يۇقىتىپ قويغانلىقىن ئۇنتۇپ قالمايلى !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-14 14:04  



Rank: 2

ئىسمى
تۇرسۇنجان ياسىن
تىللا
30
تۆھپە
59
UID
687
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر نېمە بولسا ھېكايىكەن، مەن تېخى راس بولغان ئىشمىكىن دەپ بىريەرلىرىم بىر قىسما بولۇپ قالغانتى.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:26, Processed in 0.062221 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش