ئۇيغۇرلاردىكى ياڭاق تائاملىرىنى بىلىۋىلىڭخوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :
كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .
كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ،سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .
ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
ياڭاق نېنى: ياڭاق، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ. ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .
ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ. سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
مەنبە:«خوتەن گېزىتى»ىنىڭ 2007-يىل 6-ئاۋغۇست سانى