چىرا
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
چۈشلىرىمدە چېچەكلەيدۇ ئانارلىرىڭ،
تۇتاش كەتكەن باغلىرىڭنى سېغىندۇرۇپ.
خىيالىمدا نازلىنىدۇ باھارلىرىڭ،
قىرو باسقان ھېسلىرىمنى شادلاندۇرۇپ.
قاراپ- قاراپ مەشرىق تامان تۆككەندە ياش،
شاماللىرىڭ كىرپىكىمنى قۇرۇتىدۇ.
قۇياش چۆكۈپ تاغ كەينىگە قارايسا قاش،
مېھرىڭ ئۇتى يوللىرىمنى يۇرۇتىدۇ.
ئۇسساپ قالسام غازاڭ باسقان دالىلاردا،
بۇلاقلىرىڭ يۈرىكىمگە يامىشىدۇ.
تۈن كېچىلەر يالغۇزلۇقتا سۈر باسقاندا،
ئاھۇلىرىڭ دېرىزەمدىن قارىشىدۇ.
سېنىڭكى كارۋىنىڭمەن مەنزىل يىراق،
تاغلىرىڭ مەدەت بىرەر غۇرۇرۇمغا.
ئەركەك دېگەن كۆيەر ئوتتا ھامان شۇنداق،
تاۋلىنىشلار سىڭىپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمغا.