ئۈچ يۇلتۇزلۇق ئەزا
قەدرىنى(شۇ ناملىق غەزەلدىن قىسقارتىلما)‹‹ھەركىم ئۆلمەستىن بۇرۇن بىلمەيدۇ بۇجان قەدرىنى،كىم ئۆلەر ھالەتكە يەتسە،شۇ بىلۈر جان قەدرىنى.جان ئەزىز، دوسلار،لېكىن جانان شۇ جاندىنمۇ ئەزىز،دىل يېرىپ يار سويمىگەن بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى.ياخشى سۆز دەرمان ئىرور دەردلىك كۆڭۈلگە تاغ كەبى،كىرپىگى نەم كۆرمىگەن بىلمەس شۇ دەرمان قەدرىنى.چاڭقىغاندا تامچە سۇ تاڭلايلىرىڭنىڭ بەختىدۇر،چۆلدە ئاپتاپ كۆرمىگەن بىلمەيدۇ ئورمان قەدرىنى.بىلدۈرەر قەددىڭ ئىگىپ قىلغان سالامىڭمۇ سېنىڭ،مەيلى مەرىكە،ھازاھەم ھەركىمگە ئىنسان قەدرىنى.ياخشىنىڭ بىلمەيدۇ قەدرىن بىر ياماننى كۆرمىگەن،باققا بۇلبۇل زوق قىلۇر بىلگەچ گۈلىستان قەدرىنى.كەپتىرىمكەپتىرىم، قاقما قانات،كۆڭلۈم پاراكەندە مىنىڭ.ئايرىلىپ ياردىن ئەزىز،يالغۇز بېشىم غەمدە مىنىڭ.كەپتىرىم ،كەتمە ئۇچۇپ،سالما جۇدالىققامىنى.بۇجۇدالق دەستىدىن،كەتتى چىرايىمنىڭ خۇنى.كەپتىرىم، ئۇچما يىراق،كىرمە ياماننىڭ كەينىگە.مىنى خارئەتتى پەلەك،قويماي ئۆزۈمنىڭ مەيلىگە.كەپتىرىم، ئۇچما ئىگىز،ئاسماننى كەزمە،پەستىمەن.تاڭلا كۆرسەڭ خار ئەمەسمەن،مەيدەڭدىكى گۈل دەستىمەن!قانداق قىلارمەنياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ ئانا،سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟يۈرىمەن بىرسىنىڭ غېمىڭدە مانا،سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟ئانامنىڭ دىگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى،ئانامنىڭ دىگەنتىم كىيگەن تونۇمنى.ئانامنىڭ دىگەنتىم تۇتقان يۇلۇمنى، سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟كەتكىلى بولسىدى ئۆلۈمنى تاشلاپ،كىتەتتىم يىراققا سېنى ھاپاشلاپ.ئامال نە؟يۈرىمەن كۆزۈمنى ياشلاپ،سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟كىتىدۇ بېشىمنى سىلىغان قولۈڭ،كىتىدۇ جىمىگە چىدىغان قولۇڭ.ئەمدى يوق ماغزاپقا چىلىغان قولۇڭ،سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟بېشىمدا ساقلايمەن ئەسكى مەسەڭنى،ئالتۇن،دەپ ئاسرايمەن ياماق كەشەڭنى.قويۇپ كەت تەۋەررۈك ئەشۇ ھاساڭنى،سېنىڭدىن ئايىرىلسام قانداق قىلارمەن ؟يىپ-يىڭنەڭ قايەردە؟ ئېيتىپ قوي، ئانا؟ئاخىرقى چايغا ئوت يېقىپ قوي،ئانا،مەندە يوق سېنىڭدىن ئۆزگە ئوي ئانا.سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟گۈلدەستەگۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،تۇتقايسەن مىنى ئەستە.سەگەك بولىلى يارىم،دۇشمەن يۈرىدۇ قەستە.گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،يەتكەيمەن ساڭا تەستە.ئاسمانغا چىقىۋالما، قالدۇرۇپ مىنى پەستە.گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،يىغلايمەن سەھەر،كەچتە.يار دەردى يامان ئىكەن،كۈنلەر ئۆتىدۇ تەستە،مەنبە:شائىر نىڭ ‹‹ ياخشىلارغا ناخشىلار تولا›› ناملىق توپلىمى
جابدۇق ئىشلىتىشپاش قىلىش
ئالتۇن ئەزا
گۈلدەستەگۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،تۇتقايسەن مىنى ئەستە.سەگەك بولىلى يارىم،دۇشمەن يۈرىدۇ قەستە.گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،يەتكەيمەن ساڭا تەستە.ئاسمانغا چىقىۋالما، قالدۇرۇپ مىنى پەستە.گۈلدەستە-گۈلۈم دەستە،يىغلايمەن سەھەر،كەچتە.يار دەردى يامان ئىكەن،كۈنلەر ئۆتىدۇ تەستە،
كۈمۈش ئەزا
مۆتىۋەر
ئىككى يۇلتۇزلۇق ئەزا
ئىنكاس يوللاشئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
ئاياللار سەھىپىسى ، ياشلار سەھىپىسىگە ئاكتىپ تېما يوللىغان ، ھەمدە شۇ سەھىپىلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان ، شۇنداقلا گۈزەل بولۇش پىرىنسىپىغا چۈشكەن .
ئاكتىپ تېما يوللىغان
Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )
GMT+8, 2011-11-18 23:24, Processed in 0.061595 second(s), 21 queries.
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.