ھۈسەنجان جامىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى
2010 - يىلى 28 - ئىيۇل ، مەن ئۈرۈمچى رادىيو ئىستانىسى ‹‹ تۆھپىكارلار ›› پروگراممىسىنىڭ 100 سانلىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم ، بۇ پائالىيەتتە مەرھۇملىرىمىزدىن ئالىم ، ئەدىب ، تىلشۇناس ، تەتقىقاتچى ھاجى ئىمىن تۇرسۇن شۇنداقلا بىزدىن يېقىندا ئايرىلغان تەمبۇر پېشىۋاسى ھۈسەنجان جامى ئاكىلىرىمىز بار ئىدى ، شۇ ۋاقىتتا تارتىلغان سۈرەتلەر بار ئىكەن ، بىراق بۇ ئەدىپلىرىمىزنى كۆپرەك سۈرەتكە تارتىۋالمىغىنىمغا ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن ، شۇنداق بولسىمۇ تارتقانلىرىمنى يوللاپ قويدۇم ، كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ سۈرەتلىرىنى كېيىنچىرەك يوللايمەن .
