- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 183
- نادىر
- 2
- يازما
- 21

- تۆھپە
- 17
- مۇنبەر پۇلى
- 127
- ئىشەنىچ
- 17
| شۇنداق قىلىپ ساۋاقداشلىرىم بىردىن - ئىككىدىن چاقىرىق كەلگەن ئالىي مەكتەپلەرگە مېڭىشقا باشلىدى، مەن بولسام ھېلىقى 243 نومۇرۇمنى قۇچاقلاپ قېلىۋەردىم، گەرچە ئۆز ئۆزۈمگە «ھېچقىسى يوق، بەرىبىر مەن تىجارەت قىلمەنغۇ» دەپ تەسەللىي بەرگەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىكتە مەن... مۇشۇ كۈنلەردە ئەڭ چوڭ تەسەللىينى ئاتا - ئانامدىن بەكرەك بەگزادتىن تېپىپ قېلىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئۇچۇر يېزىشىدىغان، ھەتتا تېلېفوندىمۇ ئاندا - ساندا پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. تەلىيىمگە يارىشا ئۇنىڭمۇ نومۇرى مېنىڭكىدەك تۆۋەن ئىدى، لېكىن ئۇ دېگەن ئوغۇل بالىدە؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىغان بولسا كېرەك، دادام مېنى يول مېڭىپ بىرەر مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسىغا بولسىمۇ كىرگۈزمەكچى بولدى. بەگزاد بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئاخىرى مەن مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم، كەسپىم ئېنگىلىز تىلى تېخى، لېكىن بۇ تىلنى ئۆگىنىشتە ئانچە قىينىلىپ كەتمەيتىم، چۈنكى مەن رۇس تىلىنى خېلى ئوبدان بىلەتتىم ھەم بۇ تىلنى باشتىنلا ھەممىسى بىلەن تەڭ ئۆگىنىپ ماڭاتتىم. شۇڭا ئەمدى ھېچكىم مېنى «شاتۇت» دەپ زاڭلىق قىلمايتى... ئۈرۈمچىگە مەن دادام، ئاپام بىلەن كەلدىم، بۇ يەردە ئېلىپ قويغان ئۆيىمىز بولغاچقا ھېچقانداق تەمتىرىمەيلا مەكتەپكە ئورۇنلىشىۋالدىم، ئۇنىڭسىزمۇ ماڭا يىلدا كېلىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەر بەك تونۇش ئىدى. سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنى ھېچكىمنى تونىمىغاچقىمۇ بۇرۇنقى سىنىپىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، بىر - بىرىگە ياتسىرىشىپ قارىشىۋاتقان كۆزلەر، ۋايجان قاچانمۇ چىقىشىپ بولار كىشى بۇلار بىلەن، بولدىلا بۈگۈنچە قاتناشماي، بەرىبىر يىغىن ئاچىدىكەن، بۇدا قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشاي قاچاي، قاچاي... يۈزۈمنى قېلىن قىلىپلا قاچماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن قوپۇپ ماڭدىم. - نەگە، شاتۇتۇم، بىسمىللىسىغا ئۇچماقچىمۇ ئۆزىلىرى. تونۇش ئاۋاز، ئاھ خۇدا، بەگزاددددددددد!!! ئارقىمغا قارىدىم، نەق شۇ، بۇ نېمە قىلىدىغاندۇ ئەمدى بۇ يەردە، نەدە بولسا تازا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇچرامدىغاندۇ، ئادەممۇ، بۇ جىنمۇ ؟؟؟ - سىز، سىز، بۇ يەردە نېمە قىلىسىز ئەمدى؟؟؟ - ھە، بولماپتىما، مەنمۇ ئوقۇيمەن، ئۇنتۇپ قالماڭ، مەن سىز بىلەن تەڭ ئىمتىھان بەرگەن. - نېمە، تىجارەت قىلىمەن دەۋاتقانغۇ، سىز قانداق قىلىپ بۇ مەكتەپكە ئۆتەلەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە نومۇرىڭىز تۆۋەن تۇرسا !! -ھا،ھا،ھا... ما گەپن،ى سىزمۇ 243 بىلەن كەپسىزغۇ، يەنە تېخى فېزىكىدا 3، ۋاي قانداق قىلاي، مەن سىزدىن جىق يۇقىرى ئالغان جۇمۇ. ھا، ھا، ھا، ھى، ھى، ھى سىنىپنىڭ ئىچىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى، خىجىللىقتىن ئۆلەي دېدىم. «بەگزاد، سەنلا بولىدىكەنسەن، مېنىڭ كۈلكىگە قالغىنىم قالغان، سەن مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى پارازېت قۇرت» تۇنجى كۈنۈم مانا مۇشۇنداق سەتلىشىش بىلەن باشلاندى، «شاتۇت» دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامىمنىمۇ ھەممىسى بىلىپ ئۈلگەردى، ئامالىم قانچە، راست دېمىسىمۇ بەگزاد مەندىن يۇقىرى ئالغان، ئۇنى ئوقۇما دەيدىغانغا يا بۇ مېنىڭ دادام قۇرغان مەكتەپ بولمىسا، بىچارە ئەقىدە سېنى يەنە قانداق ئىشلار كۈتۈپ تۇرار؟ كۈنلىرىم ياتاق، سىنىپ، ئۆي ئارىلىقىدا قاتراش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى، ئەلۋەتتە بەگزادمۇ تۇرمۇشۇمدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىمدەك بىللىلا ئىدى، ئۇ دائىم بىللە يۈرگەچكە ھەممىسى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرمىزمۇ بىزنى بىر جۈپلەر دەپ بېكتىپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بىچارە باشقا يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرىدىن، ئۆزىمىزدىن يۇقىرى ئوقۇيدىغان باشقا قىزلار قىزىقىدىغان يىگىتلەرگە «يوشۇرۇن كۆيۈش» ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم قالدىم. ئەڭ مۇھىمى دەرس ۋاقتىدا ھەتتا ئۇخلىشىمغىمۇ يول قويمايتى، ئەمدىلا بېشىمنى پارتىغا قويدۇممۇ بولدى، بېقىنلىرىم چىمداشنىڭ، نوقۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايتى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئەسنەپ يېرىم ئۇخلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بارا - بارا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قىز دوستىدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا قىزلاردىن بەك جىق خەت ھەم ئۇچۇرلار كېلىپ تۇراتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئوتتا تولغانغان قىلدەك ئازاپلىنىپ كېتەتتىم، ئەلۋەتتە بۇ ھالىتىم بەگزادنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇيتى، تېخى بەزىلىرىگە نېمىدەپ قايتۇرسام بولار ؟ دەپ مەندىن مەسلىھەتمۇ ئالاتتى. باشتا ئۇچۇر بىلەن مېنى ئازاپلايدىغان بۇ قىزلار كۈن ئۆتكەنسېرى ھەددىدىن ئېشىپ ئۇنى يوللاردا كۆرسە تىيىقماي گەپ قىلىدىغان، ئاشخانىلاردا ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ ئولتۇرىدىغان بولد ،مەنغۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپمۇ قويمايتىم، خۇددى چۈمۈلىدەك. بۇنداق كۆزگە ئېلىنماسلىقلاردىن سەۋر تاقىتىم توشتى، «نېمە كۈن بۇ ماڭا، نېمە قىلسا قىلمامدۇ؟ مېنى ياخشى كۆرسە ئۆزى ئىزدەپ كېلەر، بولمىسا يەنە ئۆزىنىڭ ئىشى» شۇنىڭ بىلەن مەن بەگزادتىن ئۆزۈمنى يىراق تۇتۇشقا باشلىدىم، دەرس ۋاقتىدا قوڭغۇراق چېلىنىشقا ئاز قالغاندا كىرىپلا ئارقىدا ئولتۇرىدىغان (بۇ ۋاقىتتا ئەلۋەتتە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنى يالغۇز قويمايدۇ)، دەرس تۈگىشى بىلەنلا سىنىپتىن ئۇچقاندەك چىقىپ ياتىقىمغا كىرىۋالىدىغان، ئەگەردە دەرس بولمىسا ئۆيگە كېتىدىغان بولدۇم، ھەتتا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇرلىرىنى جاۋابسىز قويدۇم، تېلېفونلىرىنىمۇ ئالمىدىم. بۇ ھال بىر مەزگىل داۋاملاشتى، ئازاپلانمىدىم دېسەم يالغان بولىدۇ، لېكىن چىدىشىم كېرەك. بىر كۈنى سىنىپقا كىرسەم ئۇ يوق، شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ئالدىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ياتاقداش قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. - بۈگۈن مۇئەللىم يوقكەن، ئۆزىمىز تەكرار قىلىدىكەنمىز، - سىنىپ باشلىقىمىز شۇنداق دەپ ئۇقتۇردى. بۇنداق پۇرسەت كەمدىن - كەم ئۇچرايتى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىمدىكىلەر بىلەن دوڭ پاراڭغا چۈشتۈم. - خاپا بولماي ئورنىڭىزنى بوشتىپ بېرەمسىز؟ بەگزادنىڭ ئاۋازى، ئۇ يېنىمدىكى قىزغا دەۋاتاتتى. ئۇ قىزنىڭ پېشىغا شۇنچە ئېسىلىۋالساممۇ پەريادلىرىمغا قارىماي «لېيفىڭلارچە روھ » بىلەن ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى. مەنمۇ ئورنۇمدىن قوپتۇم، سىنىپتىكىلەر خۇددىي ھەقسىز كىنو كۆرۈۋاتقاندەك جىممىدە بىزگە قاراپ تۇراتتى. - ھەي، شاتۇت ئولتۇرە جايىڭدا، مەن سېنى قوپ دېمىدىم. ساراڭمۇ بۇ، نېمە ئادەمگە ۋارقىرايدۇ، توۋا... ئۇنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دېدى. بۇ ھالدىن سەل قورقتۇم ھەم باشقىلار ئالدىدا داۋاملىق ئويۇن قويىېىرىشنى خالىمىدىم. - نېمە بولدى سىزگە؟ - دېدىم مەن ئاۋازىمنى پەس قىلىپ. - مەن سورىماي سىز مەندىن سوراۋاتامسىزما، سىزگە نېمە بولدى، نېمە مەندىن جىندىن قاچقاندەك قېچىپ يۈرىسىز؟ - ياق، قاچمىدىم مەن، قارىسام بەزى قىزلار بەك قىينىلىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ قارغىشىغا قالماي دەپ ئورۇن بوشىتىپ بەردىم شۇ؟ - قانداق قىلاي، سىز بەك ياخشى جۇمۇ، مەن شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق دېگەنما؟ سىز ئەجىبا مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەمسىز ھە، شۇنچىلىك دۆتما سىز؟ تۇيۇقسىز چېلىنغان قوڭغۇراق مېنى تەس ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى. بەگزاد قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭدى، شۇ چاغدا تېخىمۇ تەس ئەھۋالغا چۈشكىنىمنى بىلدىم. ھەيرانلىق، ھەسەتخورلۇق بىلەن تىكىلگەن كۆزلەر ... - نەگە، بەگزاد بۇنچە ئالدىراش؟ تۇيۇقسز ئالدىمىزنى بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇيدىغان، گىرىمنى ئۆلگۈدەك قىلىدىغان، مەكتەپكە كەلگەن ياقى پەقەت ياخشى گېپىنى ئاڭلاپ باقمىغان دىلنۇر ئىسىملىك قىز توسىدى. دىلنۇرنىڭ كۆزىدىكى غەزەب ھەم ھازىرلا پارتلايدىغان بومبىدەك ھالىتى مېنى چۆچۈتتى. - نېمە ئىشىڭ؟ مۇھەببىتىم بىلەن تاماق يىېگىلى... - نېمە، مەن نېمەڭ ئەمىسە؟؟؟ ئالە شەرىڭنى، بۇ قانداق ئىش ئەمدى،ئەجىبا!!! - نېمە دەۋاتسەن، كىم سېنىڭ بىلەن يۈرۈپتىكەن، ئويلاپ گەپ قىل ھە؟ - بىلەتتىم مۇشۇنداقلىقىڭنى، تېنىۋالماقچىما سەن، ياتاقتا مۇھەببىتىم دەيسەن، ئەمدى بۇ يەردە ئەمەس دەيسەنغۇ؟ ئۆزۈممۈ بىلمىگەن ئاساستا كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ چۈشتى، زەردە بىلەن بەگزادنىڭ قولىنى قويدۇم، لېكىن ئۇ چاققانلىق بىلەن قولۇمنى يەنە تۇتۇۋالدى. - قويۇۋېتىڭ، نېمىشقا مېنى ئەخمەق قىلىسىز، مەن ھەرقانچە دۆت بولساممۇ مۇشۇنداق ئەخمەق قىلسىڭىز بولامدۇ؟ سىزدىن نەپرەتلىنىمەن. ئارقامغا قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈپ ماڭدىم. قۇلىقىم تۈۋىدە ياتاق دېگەن سۆزلا جاراڭلاپ تۇراتتى. يۈگۈرۈۋاتىمەن، ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمە ،ماشىنىلارنىڭ سىگنالى... ھېچنىم تەسىر قىلمايدۇ ماڭا. «ئاھ خۇدا، مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم مانا مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشارمۇ، نېمە دېگەن يالغان مۇھەببەت بۇ، نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بەرگەن بولغىيتىم؟» كۆل بويىغا كېلىپ قاپتىمەن، شۇندىلا يۈگۈرۈشتىن توختىدىم، ئەنە بەگزاد بىلەن توختىماي ئېتىشىپ ماڭغان يوللار... ھېچقانداق ئويلاپمۇ ئۇنى دىلنۇر دېگەندەك ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم، ھەرقانچە بولسا ئۇ ئۇنداق بالىلاردىن ئەمەستۇ؟ يانفونۇمغا كەلگەن ئۇچۇر مېنى خىيالدىن ئويغاتتى، ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىپ ئۇچۇرنى ئوقىدىم، بىلسەم - بىلمىسەم بەگزاد. «ئەقىدە، نەدە سىز، نېمىشقا چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىمايسىز؟» ئۇچۇرمۇ يازماي تېلېفون قايتۇردۇم: - ۋەي، نەدە سىز؟ - ماڭا راست گەپ قىلىڭە، دىلنۇرنىڭ دېگىنى راستمۇ؟ - ئاۋۋال كۆرۈشەيلى، مەن ھەممە گەپنى دەي. دېمەك بۇ گەپلەر راست، ئۇ ماڭا يالغان، ئۇنداق ئەمەس دېيەلمىدى. ئەمدى تۈگىدى، قەلبىمدىكى ئەمدىلا بىخلانغان مۇھەببەت يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلىماقچى بولدۇم، لېكىن بەك ئېغىر كېلىۋاتاتتى، بەگزادنى قاچانلاردا بۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلەلمىدىم، لېكىن ئۇنى بەك ياخشى كۆردىغىنىم ھەقىقەت. - بۇ يەردىكەنسىزدە؟ - ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم، ياش يۇقى كۆزلىرىمنى ئۇ كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرالمىدىم، ياشلىرىم ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۇ مېنى ئۆزىگە تارتتى، خۇددى ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتمەكچى بولغاندەك چىڭ ئېسىلىپ يىغلىدىم... - مېنى كەچۈرۈڭ، مەن ئەسكى، مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن ئەقىدە، سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن مەن سىزگە يېتەلمىدىم دەپ ئويلاپ دەرد چىقىرىشنىڭ خاتا ئۇسۇلىنى تاللاپ مانا بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەتكە قالدىم. - نېمىشقا ئەمدى، شۇ قىز، مېنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز، زادى نېمىشقا؟ تۇيۇقسز ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم. - ماڭا دەڭە، بۇ ياشلار كىم ئۈچۈن، مەن ئۈچۈنمۇ ياكى كەچۈرۈپ قوپقۇسىز خاتالىقلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ؟؟؟ - ھەممىسى ئۈچۈن، مەن سىزدىن بۇنداق ئايرىلىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. - نېمە؟ سىز شۇنىڭ بىلەن مەندىن ۋاز كەچتىڭىزما؟ تېخى مەندىن بۇرۇن قارار چىقىرىپ بولدىڭىزما؟ - ياق، مەن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمەن، لېكىن ئۇ مەينەتچىلىكلىرىمنى سىزنى كەچۈرۈڭمۇ دېيەلمەيمەن، بۇنىڭغا ھەقلىق ئەمەسسىز. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تېخى بىخلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەن مۇھەببىتىم سۇلدى، ئۇنى قەلبىمدىن يۇلۇپ چىقىرالمىدىم، ئۇنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە مەڭگۈلۈك دەپنە قىلدىم... بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنىمۇ بىلمىدىم، بىلىشنىمۇ خالىمايتىم، نېمىسىنى بىلەي، بەگزادنىڭ مېنى سۆيۈپ تۇرۇپ خىجىل بولماي دىلنۇردەك مەينەتچىلىك بىلەن بۇلغانغان، ئۆز تېنى ئارقىلىق ئوغۇللارنى ئىندەككە كەلتۈرىدىغان ئەۋرەز پاقىسى بىلەن شۇ مەينەت ئىككىلا دۇنيا گۇناھىدىن ئۆتكىلى بولمايدىغان ئىشنى قىلغىنى راسىت. شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بەگزاد مەكتەپكە كەلمىدى، ھەتتا ئۇنى ئوقىمايدىكەن دېگەن گەپلەرمۇ چىقتى. شۇنداق تەس كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم. ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت مېنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۈۋەتتى. «سالام شاتۇتۇم، سىزنى ئاخىرقى قېتىم مۇشۇنداق ئاتىۋالاي، مەن ئەمدى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئالدىڭىزدا پەيدا بولمايمەن. سىزنى بىر كۈن كۆرمەي چىدىمايدىغان مەن قانداق ياشىشىمنى بىلمەيمەن، لېكىن ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلمەن، مېنى ساقلاڭ، بولامدۇ؟ گەرچە ئۇ ئىشتا سىزگە يۈز كېلەلمىسەممۇ، لېكىن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن. مەن كەتتىم، قاچان قايتىپ كېلىمەن، بىلمەيمەن، مېنى ساقلاڭ. سىزنى سۆيۈپ: بەگزاد» بۇ خەتكە كۈلەيمۇ- يىغلايمۇ؟ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن، ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، لېكىن يەنە مېنى تاشلاپ كېتىدىكەن. بەگزاد كەتتى، ئۇ ئىشلار مېنىڭلا ئەمەس، بۇنىڭغا قىزىققۇچى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدە سوئال پېتى قېلىۋەردى، ئۇ كېتىپ مەنمۇ دادامغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن چېكىندىم. سوغۇق قىشلار كەلدى، ئۇنىڭدىن ئۇچۇر يوق. تومۇز ئىسسىقلار كەلدى، ئۇنىڭدىن ئۇچۇر يوق. ئاللاھقا شۈكرى، ئۆلۈپ قالمىدىم، ئۇنى ياخشى كۆرۈۋەردىم، تۇرمۇشۇمدا بىرەر ئوغۇل بالىمۇ پەيدا بولمىدى، چۈنكى مەن يول قويمايتىم، تىجارەت قىلدىم، پۇلمۇ تاپتىم، ھەتتا بەگزاد ياخشى كۆرىدىغان ماشىنىنىمۇ ئالدىم، كىم ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن، بىلمەيمەن، لېكىن شۇنداق قىلسام خۇش بولىمەن. ئۇ كەتكەندىن كېيىنكى 2 - قىشنى كۈتۈۋالدىم، ماشىنا يۇيغۇزاي دەپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كۆزۈم يول بويىدىكى دۈگدەرەپ تۇرغان قىزغا چۈشتى، ئۇنىڭ يېنىغاراق بېرىپ توختاتتىم، ئۇنى كۆرۈپ ئۇنتۇلۇپ قالغان ئازابلىرىم قايتىدىن قوزغالدى «دىلنۇر؟» توغرا يول بويىدىكى بۇ قىز دەل مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش، بەگزادنىڭ بىر كېچىلىك ھەمراھى بولۇش ئۈچۈ ،مېنى بەگزادتىن ئايرىۋەتكەن دەل شۇ دىلنۇر ئىدى. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ئاساستا ماشىنىنى دىلنۇرنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ توختاتتىم، بەلكىم قەلبىمدە سوئال بولۇپ قېلىۋاتقان ئازابلىرىمنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈندۇر؟؟؟ - ماشىنا ساقلاۋاتامسىز؟ بەلكىم قايسى يىگىت كىلىپ توختىدىكىن دەپ ئاللىقانداق گۈزەل خىياللار ئىلكىدە تۇرغان بۇ قىز ئۈچۈن ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمنىڭ مەن بولۇپ چىقىشى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولسا كېرەك. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپ قالدى. - مېنى تونىمىدىڭىزمۇ؟ دىلنۇر، مەن ئەقىدە. - ھە، تونىدىم، بۇ... بۇ... - چىقىڭە ماشىنىغا، مەن ئاپىرىپ قوياي. ئۇ سەل قورىنىپقىنا ماشىنىغا چىقتى. يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ قىز ئىلگىرىكى دىلنۇر ئەمەس، نەچچە يىل پوش دېمەي ئوينىغان ئويۇنلىرى دەردىنى ئالغان، چىرايى ۋاقىتسىز چۈشكەن داغلار بىلەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان بىر ھالەتكە كىرگەن سۇلغۇن بىر قىز ئىدى. - ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ نەگە بارىسىز؟ - بولىدۇ، سىزچۇ؟ - مەنما، ھى خۇداغا شۈكرى، سىزنىڭ قىلغىنىڭىزغا ئۆلۈپ قالمىدىم، مانا مۇشۇنچىلىك تۇرۇۋاتىمەن. - كەچۈرۈڭ. مەن ئىشلارنىڭ ئۇنداق بولۇپ كېتىشىنى بىلمەپتىمەن. - قانداق ئويلىغانتىڭىز، خىيالىڭىزدا ئەقىدەنى، بەگزادنى بەك بەختلىك قىلىۋېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانمۇ؟ - خالىسىڭىز مەن سىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى دەپ بېرەي، - ئۇ تاماق يىمىگەنمۇ بىلمىدىم، ماشىنا ئىچى شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ تىترەپ كاسىلداپ تىلى تۈزۈك گەپكە كەلمەيتى ھەم ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن بارىدىغان تۈزۈك يېرىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماشىنىنى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتىم. - قېنى سۆزلەڭ، - دېدىممەن ئۇ چاي ئىچىپ سەل ئەسلىگە كەلگەندە. - مەن سىزگە ھەم بەگزادقا يۈز كېلەلمەيمەن، مەن بەگزادنى مەكتەپكە كەلگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭ تۇرقى، كىيىنىشى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچى بولغىنىغا قارىماي ھەيدىۋالغان ماشىنىسى مېنى تېخىمۇ رام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قوغلىشىشقا باشلىدىم، ئۇنىڭغا شۇنچە خەت يازدىم، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتىم، لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق خاراكتېرى ئۈستۈن ئىدى، ماڭا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى ھەم ئۇنىڭ سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى بىر مەيخانىدا ئۇچرىتىپ قالدىم،ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ،ئۇنىڭ تۇرقىدىنلا كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يىرىملىقىنى بىلدىم، ئۇنىڭ ئۆزىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇشىنى ساقلاپ تۇردۇم، ئويلىغىنىمدەك ئۇ مەست بولۇپ بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ ياتتى. ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، يۆلىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى بولۇپ ئاڭىلىغىنىم يەنىلا سىزنىڭ ئىسمىڭىز بولدى، نېرۋام ئۆرلىدى، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنى ياتاققا ئېلىپ باردىم، بەگزادنىڭ شۇ كۈنكى ئەھۋالىدىن ماڭا چېقىلىشى ياكى بۈگۈنكى ئىشلارنى ئەسلىيەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالغۇزدۇم، ئۆزۈممۇ يالىڭاچ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتتىم، ئاڭلىغىنىم يەنىلا «ئەقىدە، شاتۇتۇم سىزنى سۆيىمەن» دېگەن بىر جۈملە سۆز بولدى، ئەتىسى ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن، قوپسام يوق، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ تېلېفوندا بەك سەت بولغىنىنى، مېنىڭ كەچۈرۈشۈمنى ئېيتتى، ئەمەلىيەتتە مەن كەچۈرگىدەك ھېچ ئىش يوق، لېكىن مەن يىغلاپ تۇرۇۋالدىم، چۈنكى ئۇ چاغدا مېنىڭ قورسىقىمدا بار ئىدى، لېكىن كىمدىن ھامىلىدار بولغىنىمنى بىلمەيتىم، شۇڭا بۇنى بەگزادقا ئارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە مەسئۇل قىلماقچى ياكى پۇل ئالماقچى بولدۇم، ئارىلىقتا بىر ئاي ئۆتۈپ ئۇنى سىز بىلەن مەكتەپتە كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى ئالدىدا ئۇنى سەتلەشتۈردۈم. لېكىن ئۇ ماڭا قاراپمو قويمىدى، ئۇنىڭغا پۇل دېدىم، ئۇ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ پۇل ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمىغان ئادەمگە سەدىقە ئورنىدا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەن تەلەپ قىلغاندىنمۇ جىق پۇل بېرىپ كەتتى، ئۇ گۇناھسىز ئەقىدە. مېڭەمدە چاقماق چاققاندەك بولدى، بەگزاد جېنىم، نەدە سىز، نېمىشقا قىلمىغان گۇناھ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازاغا تارتىسىز؟ ئالدىمدىكى بۇ جىسمىدىن ھايا، ئىمان، ئىنسابنى پۈتۈنلەي يوقاتقان زەھەرلىك يىلانغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئورنۇمدىن قوپۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا 1000 يۈەن پۇلنى تاشلىدىم، بۇ پۇلنى ئۇنىڭ ئاشخانىدىن چىقىپلا يەنە شۇ رەزىل قولىنى ئەقىلسىز يىگىتلىرىمىزگە، دادىلىرىمىزغا نەچچە كۈن بولسىمۇ سۇنمىسۇن دەپ تاشلىدىم. بەلكىم بەگزادمۇ ئۆز ۋاقتىدا دىلنۇرغا ئۇ پۇلنى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ مەينەت، پۇل ئۈچۈن يۇندى ئازگىلىدا يېتىپ تېنىنى سېتىشقا رازى ئەۋرەز پاقىسى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى چۈشىنەمدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم. شۇنداق قىلىپ كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەر يېشىلدى، لېكىن بەگزاد بۇ دۇنيادىن يوقىلىپ كەتكەندەك مېنى ھېچ ئىزدىمىدى. ئارىدىن توپتوغرا 2 يىل ئۆتتى، دادام- ئاپاملار مېنى توي قىلىشقا ئالدىرىتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىرىتىشى ھەق، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمدە بەگزادتەك بىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى ئۈمىدسىز ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتى ھەم مەنمۇ قىلچە ئۈمىدلەر بولمىغان بۇ مۇھەببىتىمنى ئۇلارغا دېيەلمەيتىم، نە ئۇچۇر، نە تېلېفون بولمىغان بەگزادنى مەن ئۇلارغا قانداق دەيمەن؟ شۇنداق بولسىمۇ مەنىلىك قىلىپ دېيىلگەن ئۇ گەپلەرنى چۈشەنمەسكە سېلىپ يۈرۈۋەردىم، دوستۇم گۈلزارمۇ توي قىلدى. دادام - ئاپاملارنىڭ سەۋر - تاقىتى توشقان بولسا كېرەك، ئاخىرى دادام بىر يىگىت بىلەن ئۇچرىشىشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. قانداق قىلاي، 2 يىلنىڭ ياقى پەقەتلا ئۇچۇر بولمىغان بەگزادنى ئۇلارغا نېمە دەپ دەي، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئامالسىز قوشۇلدۇم. ئۇ بالىنىڭ ئىسمى سەردار بولۇ،پ دادام بىلەن تىجارەت قىلىدىغان بىرىنىڭ بالىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئەتە كۆرۈشىمەن دەپ ئولتۇرسام تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى. ناتۇنۇش نومۇر، يۈرىكىم قانداقتۇر بىر تاتلىق سېزىمدىن بوش ئاغدى، «بەگزاد؟» (داۋامى بار)
|
|