تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: تاتلىق920

شاتۇت قىز (ھېكايە)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

5

ئەگەشكۈچى

221

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
5
مۇنبەر پۇلى
165
ئىشەنىچ
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 23:59:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قسىملىقتەك چىقىدىكەندە . مەنمۇ بىر ئوقۇشنى باشلىۋىتەي ، بۇ ھىكايىدە ئۆزىڭىزنى يازغاندەك قىلىسىز ...

2

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1185

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
140
مۇنبەر پۇلى
793
ئىشەنىچ
140
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 00:43:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بېشىنى ئۇقۇپ نەدە بىر يەردە ئۇقۇغىنىم ئىسىمدە  ، ئەسلى ئەلكۈيىدە ئۇقۇپتىكەنمەن ، مەن بەك ياقتۇرغان بۇ ھىكايىنى

2

تېما

9

ئەگەشكۈچى

183

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 11:08:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال قۇتىنى ئېچىپلا بەگزادنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم، «سەردار، بۇ رەسىمنى نېمىگە بۇنىڭ ئىچىدە ساقلاپ يۈردىكىنە؟» خەت بەك جىق ئەمەس ئىدى، ئىككىلىنىپقىنا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم.
    «سالام شاتۇتۇم ..» ئاھ خۇدا، بەگزادنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرى ئىكەنغۇ؟ بۇ خەتلەر بۇ يەردە، سەرداردا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئەجىبا؟! ئەكبەر خەتنى بەرگەن ئادەم سەردار بولغىيمىتى؟
    ياق، ياق، بۇ نېمە ئىش، بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن، قانداقسىگە بەگزاد ئىكككىمىزنى شۇنچە ھىجرانلارغا، ئازابلارغا تاشلىغان، قايتقىلى بولمايدىغان يولغا باشلىغان ئادەم، مېنىڭ يولدىشىم، بەگزادنىڭ ئاكىسى بولىدۇ؟ مەن بۇ رېئاللىقنى قانداق قوبۇل قىلىمەن؟ خەتكە يېنىشلاپ نەچچە قېتىم قاراپ چىقتىم، خاتا ئەمەس، ھەتتا خەتنىڭ تېگىدە بەگزاد مېنىڭ ئۇنى كەچۈرۈپ تېلېفون قىلىشىمنى دەپ يېزىپ قويغان تېلېفون نومۇرىدىن تارتىپ تۇراتتى.
    ئاھ خۇدا! بۇ قانداق ھەقىقەت، سەن بۇنچە مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ زادى كىمنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى؟ قانداق بىر مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى، بىزنى بۇنچە ھىجرانلارغا يولۇقتۇرغىدەك قايسىمىز زادى شۇنچىلىك گۇناھكار بولغىيتۇق؟ نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟
    پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى، شۇ جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم، قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن، قېيىنئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن سەل ئېسىمگە كېلىپ پەسكە چۈشتۈم، قاملاشسۇن قاملاشمىسۇن چۈشلۈك تاماقنى تەييارلاپ بولۇپلا «مىجەزىم يوق تۇرىدۇ» دەپ قويۇپ ھۇجرامغا قايتىپ چىقتىم، بايامقى خىيالىم بوپ قالسىتى، دەپ ھېلىقى خەتنى يەنە ئوقۇدۇم، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس، ئالدىمدىكى بۇ خەتلەر نەچچە ۋاقىتتىن مېنى، بەگزادنى ساراڭ قىلاي دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئالدىمدا قوبۇل قىلىشىمنى كۈتۈپ، ياق بۇيرۇق قىلىپ تۇراتتى.
    - ئەقىدە، نەدە سىز، بولۇڭە سىزگە دەيدىغان خۇشخەۋىرىم بار.
    سەردار قايتىپ كەلدى، پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلشىمنى بىلمەيتىم، خەتلەرنى جايىغا قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.
    - جېنىم، بارمۇ سىز؟
    ئۇ ئۆيگە كۈلۈپ كىردى، كىرىپلا مېنىڭ قولۇمدىكى خەت ھەم ئالدىمدىكى قۇتىنى كۆرۈپ چىرايى شۇنچىلىك بىر سەت قورقۇنچلۇق ھالەتكە كىردى.
    - نېمە قىلىۋاتىسىز؟ نېمىشقا ئاختۇرىسىز مېنىڭ نەرسەمنى؟
    - نېمە، مېنىڭ نەرسەم، خىجىل بولماي مېنىڭ نەرسەم دەۋاتامسىزما؟ ئەسلىدە كىمنىڭ بۇ؟ زادى كىمنىڭ؟
    ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگىنچە قولۇمدىن تارتىپ ئالدى - دە، مېنى شۇنداق ئىتتەردى.
    - ياق، سىز مېنىڭ مەن سىزنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، مېنى تاشلاپ كېتەلمەيسىز ئەقىدە، چۈنكى مەن سىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز ئېنىمغا خىيانەت قىلدىم، قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتتىم بىلەمسىز، لېكىن سىزلا يېنىمدا بولسىڭىز، مەن قانچىلىك خىيانەت قىلسام مەيلى، ئەقىدە، سىزنى بەختلىك قىلىمەن، بولامدۇ؟
    ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنى پەقەتلا تونۇيالمىدىم، بۇ كىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى ياخشى كۆرگەن ئادەم، سەردار مۇشۇمۇ؟
    - نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، ماڭا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىشقا بۇنداق رەزىللىك قىلىسىز، ئەجىبا سىزگە مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەس، جىسمىم كېرەكمىتى؟
    - ياق، ئەقىدە، مەن ئەسلى بۇنچىلىك ئەسكى ئەمەستىم، ئەكبەر خەتنى بەرگەندە شۇ ئېنىم ئۈچۈن خەتنى سىزگە بېرىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئادرېسىڭىزنى تېپېپ سىزنى ئىزدەپ باردىم، لېكىن كىم ئويلىغان سىزنى يىراقتىن كۆرۈپلا خەتنى بەرگۈم ئەمەس، بەلكى سىز بىلەن تونۇشقۇم كەلدى، سىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئارقامغا يېنىپ قايتىپ كەلدىم، نەچچە كۈنگىچە خاتا قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يۈرىكىم ۋىجدانىمدىن غالىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىزنى بەگزادتىن ئايرىپ ئۆزۈم ئالدىم، بەختلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەردىم، بىلمەن مەن سىزگە قەرزدار، بىر ئۆمۈر قەرزىمنى قايتۇرۇشقا تەييارمەن، بەگزادقىمۇ ھەم، لېكىن سىزنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيمەن، ئەمدى ئارقىمىزغىمۇ قايتالمايمىز، چۈنكى سىز ئاللىقاچان مېنى ئادىمىم بولۇپ بەگزادقا ئاسىيلىق قىلدىڭىز، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزمۇ ھەم ...
    - ئاغزىڭنى يۇم، ھايۋان، كىم دەيدۇ مېنى سېنى ياخشى كۆرىدۆ دەپ، سەن ئادەم ئەمەسكەنسەن، ئەجىبا بەگزاد ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ ئۇلۇغمىتى سېنىڭ شۇ بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈشۈڭ؟ دەپ باقە، سەن بىر كۆرۈپ ئۇنچىلىك چىدىماپسەن، بەگزاد ئىككىمىزنىڭ شۇ نەچچە يىلدا قانچىلىك قىينالغىنىمىزنى بىلەمسەن؟ مېنى بەگزادقا ئاسىيلىق قىلدىڭىز دەيسەن، كىم مېنى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلشقا مەجبۇر قىلغان، سېنىڭ رەزىللىكىڭ تۈپەيلى بەگزاد ماڭا نەپرەتلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ، سېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىڭ تۈپەيلى مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيمەن، ئاللاھقا شۈكرى، ھېلىمۇ سېنى ياخشى كۆرمەپتىمەن، كاللاڭنى سىلكىۋەت، سېنى ھىچقاچان ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم ھەم مەڭگۈ ياخشى كۆرمەيمەن، مەڭگۈ؟
    - ياق، سەن مېنىڭ پەقەت مېنىڭ، مەن سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، سەن بەگزادنى ئەمەس مېنى ياخشى كۆرىسەن، - ئۇ ماڭا ئېسىلىشقا باشلىدى، سەردارنى ياخشى كۆرمەي توي قىلغاندىمۇ بۇنچىلىك سەسكەنگەنلىكىمنى بىلمەيمەن.
    - مېنى قويۇۋەت، ھايۋان، ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن، - يۈزۈمگە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن شۇ جايىمغىلا يىقىلدىم، ئۇ ماڭا ئۆزىنى ئاتتى.
    - قولۇڭنى تارت ھايۋان، ئۇنى قويۇۋەت.
    تۇيۇقسىز سەردار ئۈستۈمدىن يېنىمغىلا يىقىلدى.
    بەگزاد!!!
    يۈزلىرى ياش بىلەن يۇيۇلغان بەگزاد ئۇنىڭغا غەزەب بىلەن قاراپ تۇراتتى.
    - نېمىشقا ئاكا، ئۇ ئادەم سەن بولىسەن، بۇنچە پەسكەشلىك قىلىشقا قانداق كۆڭلۈڭ ئۇنىدى، كىچىكىمدىن سېنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشاتتىم، لېكىن سەن نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن، مېنىڭ ئەقىدەنى دەپ ياقا-يۇرتلاردا سەرسان، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلىكىمنى بىلەلمىدىڭمۇ؟ مەندە شۇنچىلىك ئۆچۈڭ بارمىتى ئاكا؟
    - شۇنداق، چۈنكى كىچىكىمىزدىن سەن مەندىن جىق نەرسىلەرگە ئېرىشىپ كەلدىڭ، بۇرۇنقىلىرغا بوپتۇ دېدىم، لېكىن ئەقىدەنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن، نېمىشقا ساڭا ئۆتۈنۈپ بەرگۈدەكمەن، مېنىڭ سەندىن نەرىم كام؟
    - شۇنىڭ ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلدىڭما؟ سەن قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق رەزىل بولۇپ كەتتىڭ، لېكىن ئەقىدەنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭما، نېمىشقا بۇ قىزنى قۇربانلىققا تاللايسەن؟
    - بىلىمەن، لېكىن سەن ياخشى كۆرگەن، سېنى ھەتتا يۇرتىدىن تاندۇرۇۋەتكەن ئادىمىڭنى مېنىڭ خوتۇنۇم سۈپىتىدە كۆرۈش سېنى ئەڭ ئازاپلايدۇ، ئەقىدە مېنى ياخشى كۆرمەي بەك ئازاپلىغان، چۈنكى ئۇ سەن ئۈچۈن ئېدى، سېنى مەن ئازاپلىدىم، ئۆزۈم ئۈچۈن، مەنمۇ ساڭا قەرزدار ئەمەس، سەنمۇ ھەم ماڭا...
    - ھۇ، ھايۋان، ئېسىت سېنى ئاكام دەپ يۈرۈپتىمەن!
    بەگزاد ئاكىسىنى ئۇرۇشقا باشلىدى، مەن ئۇلارنى ئاجرىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا كىردىم، ئۇنىڭغىچىلىك پەستىكى دادا - ئاپىسىمۇ يۈگۈرۈپ كىردى، لېكىن ئۇلار ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس، تۇيۇقسز كۆزۈم سەردارنىڭ قولىغا ئېلىۋالغان خىرۇستالغا كۆزۈم چۈشتى، ياق، بەگزاد!!! ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن بەگزادقا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
    شۇنداق، ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ قۇچاقلىيالىدىم، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغاندىمەن - ھە! بېشىمدىن ئىسسىق بىر نەرسە ئېقىپ چۈشتى، قۇلاق تۈۋىمدە كىملەرنىڭدۇر ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازى، يىغلىغان ئاۋازى...
    غۇۋا، ناھايىتى غۇۋا بەگزادنى كۆردۈم.
    ئۇلۇغ خۇدا! چەكسىز شۈكرى، مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىكەنمەن، لېكىن مەن نېمە بولدۇم؟ ئۇ مەندىن بەك يىراقلاپ كېتىپ بارىدۇ، بەگزاد سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار، لېكىن دېيەلمەيۋاتىمەن، ئاۋازىم چىقمايۋاتىدۇ، سىزنى سۆيىمەن، سىزنىلا، مېنى كەچۈرۈڭ!
    قانچىلىك ئۇخلىدىم بىلمەيمەن، ئۇخلىدىممۇ ياكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتىممۇ بىلمەيمەن. كۆزۈمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ئاق ياغلىق چىگىۋالغان ئىككى ئايال بولدى. بۇلار كىمدۇ ئەمدى، ئۇلارنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم.
ئاپام بىلەن قېيىنئاپامكەنغۇ؟ بۇلار كىم ئۈچۈن ئاق ياغلىق چىگىۋالغاندۇ؟
    ئۇ كۈنكى ئىشلار ئېسىمگە كەلدى، بەگزاد بىلەن سەردار قېنىدۇ؟ بۇ ئاق ياغلىق كىم ئۈچۈن چىگىلگەندۇ؟
    ئەجىبا بەگزاد؟؟؟  (داۋامى بار)

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

68

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
58
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 17:40:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىمۇ ياكى ھەقىقى بولغان ئىشمۇ ؟ بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

0

تېما

12

ئەگەشكۈچى

841

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
213
مۇنبەر پۇلى
633
ئىشەنىچ
213
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 17:41:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز.
ئادالەتتىن ئايرىلغان قوراللىق كۈچ مۇستەبىت ھېسابلىنىدۇ.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

22

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
16
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 10:49:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن ، تېزراق داۋامى چىقسا بولاتتى...
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 11:10:50
نىمە دىگەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر بۇ.ئاپىرىن

2

تېما

9

ئەگەشكۈچى

183

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 11:13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھايات، بۇ تىڭىرقاش، بۇ قىسمەتلەر مېنى ھەقىقەتەن ھارغۇزۇپ قويدى، كىمدىن، نېمىدىن ئاغرىنىشىمنى پەقەت بىلەلمىدىم، گەرچە كىچىكىمدىن ئائىلەمدە ھېچنەرسەم كەم ئەمەس، دېگىنىم دېگەن بولۇپ چوڭ بولغان بولساممۇ، لېكىن مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ تېگى يوق دېڭىزدا يا چۆكۈپ كەتمىدىم، يا بىرەر قۇرۇقلۇققا چىقالماي لەيلەپ قالدىم، تۇرمۇشۇمدىكى بۇ ئىككى ئادەم يەنە مەن ھەم مېنى سۆيىدىغان ئىنىسى، مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاكىسىدىن ئىبارەت بۇ قېرىنداشلارنى شۇنداق ۋەيران قىلدىمكى، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز سۆيگۈسىنى، ئازابلىرىنى، قايغۇسىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى، يەنە بىرى بولسا گەرچە گۇناھلار ماكانى بولغان، كىشىگە خۇشاللىقتىن كۆپرەك ئازاب، كۈلكىدىن كۆپرەك يىغا ئاتا قىلىدىغان بۇ رەھىمسىز دۇنيادا زادى كىمگە نەپرەتلىنىشىنى بىلەلمىگەن ئاساستا قالدى،
مەن شۇ ياتقان پېتى خېلى كۈنلەرگىچە پەقەت كۆزۈمنى ئېچىپلا ياتتىم، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، خۇددىي گەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىدەك بىر ئېغىز گەپ قىلماي شۇ ئەتراپىمدىكى كىشلەرگە قاراپ ياتاتتىم، ياكى بولمىسا كۆڭلۈمدىكى كىشىمنى، بەگزادىمنى دەخلىسىز، توسالغۇسىز كۆرەلەيدىغان، سىردىشالايدىغان چۈشلىرىم قوينىغا غەرق بولۇپ ئۇيقۇغا كېتەتتىم، ھېچكىممۇ ماڭا زادى كىمنىڭ ھايات، كىمنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى،
مېنىڭمۇ نېمىشقىدۇر بىلگۈم يوق ئىدى، چۈنكى ئەگەر بۇ ئاق ياغلىقنىڭ ئىگىسى بەگزاد بولۇپ قالسا بۇ ھايات شۇ دەقىقىدىلا مەن ئۈچۈن تامام، ئەگەردە سەردار بولسا تېخىمۇ بولمايدۇ، گەرچە ئۇ بەگزاد ئىككىمىزنىڭ شۇنچە يىل ئازاب چېكىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئۇنىڭغا نەپرىتىم بولسىمۇ، لېكىن مەن ھېچقاچان ئۇنىڭ ئۆلۈپ ماڭا ھەم بەگزادقا، ئىشقىلىپ بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بارلىق كىشلەرگە چېچقانداق ئىشنى چاندۈرماي «ئۆلۈم» بىلەن ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىنى بېرىشىنى تامامەن خالىمايمەن.
    - ھەدە، گەپ قىلە، نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟
    خىياللىرىمنى شۇ جايىدىلا توختىتىپ سىڭلىم دىلرۇس ماڭا گەپ قىلدى.
    ئۇنىڭغا نۇرسىز، ئاللىقاچان ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىمنى مەقسەتسىزلا ئۇنىڭغا تىكتىم.
    - بەگزاد قېنى؟
    دىلرۇس گەپنىڭ ئورنىغا ماڭا ياش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
    - نېمىشقا يىغلايسەن؟ ئۇ ئۆلدىما؟ ياق، دىلرۇس، ماڭا ھەرگىز «ھەئە» دەب جاۋاب بەرمە سىڭلىم، ئەمدى مەن كۆتۈرەلمەيمەن، مەن سەندىن ئۆتۈنەي، ئاھ خۇدا، ياق، ياق!!!
    - جېنىم ھەدە، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، بەگزاد ساق، لېكىن سەردار ئاكام ئۇ ئۆلۈۋالدى.
    - نېمە، يالغان، ئۇ نېمىشقا ئۆلۈۋالىدىكەن، ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ نېمە ھەققى باركەن ئۆلۈۋالىدىغانغا؟ مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان نۇرغۇن سوئاللىرىم بار تۇرسا، ئۇ مۇشۇنداقلا كەتسە قانداق بولىدۇ؟
    بۇ يىغىلار، نېمە ئۈچۈن، كىم ئۈچۈن ئېقىۋاتىدۇ؟ سەرداردىن تېخى ئېلىپ بولالمىغان ئۆچلىرىمگە ئىچىم ئاغرىپمۇ ياكى بۇ لەنەتكە تولغان سۆيگۈگە ئېچىنىپمۇ، سەردارنىڭ ھېچنىمە چۈشەندۈرمەي مۇشۇنداقلا قارا يەر تېگىگە كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ھېچ بىلمىدىم.
    - يىغلىما ھەدە، ئۇ كۈنى سەردار ئاكام بەگزادنى ئۇرماقچى بولغاندا سەن ئۆزۈڭ بىلەن توسۇۋاپسەن، ئۇ خىرۇستال سېنىڭ بېشىڭغا تېگىپتۇ، بۇ ئەھۋالدىن سەردار ئاكام قورقتىمۇ ئىشقىلىپ قالغانلار سېنىڭ بىلەن بولۇپ كەتكەندە ئۇ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپتۇ، ئىككى كۈندىن كېيىن بىزگە ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى، قاتناش ھادىسىسى، لېكىن ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان ساڭا يازغان خەت ھەم شۇ يەردىكى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە تورمۇزنىمۇ تۇتماي ئۇدۇل بېرىپ ماشىنىنى ئۇرغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى قەستەن ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلدۇق، ھەدە، بەگزاد بەك تۈگىشىپ كەتتى، ئۇ سەن ھوشسىز ياتقاندا بىر نەچچە قېتىم كەلدى، تېخى بايىلا ماڭا تېلېفون قىپتىكەن، ھېلىغىچە كېلەرمىكىن. -  سىڭلىم ماڭا سەردارنىڭ خېتىنى بېرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
    «سالام ئەقىدە، بۇ خەتنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم مەن ئاللىقاچان بۇ رەزىل دۇنيادىن كەتكەن بولىمەن، ئەمدى بىلسەم مەن مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، پەقەت يىگانە كۆڭلۈمنىڭ بىر سىزگە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، سۆيگۈنىڭ نېملىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، پەقەت سىزدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى، ئايرىلساملا سىزنى سېغىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەقىدە، سىز بىلەن توي قىلغاندىكى كۈنلەردە سىزدىن بەكرەك ئازابلانغان ئادەم مەن، چۈنكى سىز مېنى پەقەت ياخشى كۆرمەيسىز، توي كېچىسى ئەڭ نازۇك، ئەڭ چىرايلىق غۇنچىلىرىڭىز مەن تەرەپتىن ئۈزۈلۈۋاتقاندىمۇ سىزنىڭ مېنىڭ ئۆز ئېنىم بەگزادنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى، يۈرىكىڭىزنىڭ يەنىلا شۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ماڭا تەۋەسى پەقەت شۇ قىلچە ھارارەت بولمىغان تەن، ھەم چىڭ يۇمۇلغان كۆزلەردىن سىرغىپ چۈشكەن ياشلار بولدى، لېكىن شۈكرى قىلدىم، چۈنكى ئەنە شۇنداق پەسلىكلەر بەدىلىگە كەلگەن پەس سۆيگۈگە ئاران ئېرىشەتتىم.
    بەگزاد، ئويلىمىغان يەردىن قايتىپ كەلدى، ئازابلىرىم تېخىمۇ ئازايدى، لېكىن بەگزادنىڭ مەن يوق ۋاقىتلاردا سىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىككىڭلارنىڭ ‹دىدارلىشىۋېلىشىڭلار› نى مەن كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىپ يۈردۈم، چۈنكى مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھەم سىزگە بولغان قەرزىمنى ئازراق بولسىمۇ قايتۇرالىدىم دەپ ئويلايتىم، يۈرىكىم ئاغرىسىمۇ، سىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە شەرمىي - ھايالىقلىقىڭىز ماڭا تامامەن ئايان ئىدى، گەرچە ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بەگزاد بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلمايتىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەنە شۇنداق ئىشلارنى بىلمەسكە سېلىپ يۈرىۋەردىم، نېمە دېگەن پەس، نېمە دېگەن خارلىقتا قالغان سۆيگۈ - ھە؟ مانا مۇشۇنداق سۆيدۈم سىزنى، ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە رەزىللىشىپ كېتىپ بارغانلىقىمنى ھېس قىلغان بولساممۇ، لېكىن سىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىقنى، بەگزادنىڭ ئاھۇ - زارلىرىغا، سىزنىڭ يۈرەك زەرداپلىرىڭىزغا، سىلەرنىڭ سۆيگۈ ئۇۋالىڭلارغا تېگىشتىم، چۈنكى مەن بۇ يولغا ماڭغاندىلا شۇنداق بولۇشىغا، ھەتتا مەڭگۈ شۇنداق بولۇشىغا يول قويغان، لېكىن مانا بۈگۈنكى كۈنلۈككە كەلگەندە يەر شارى مەن ئۈچۈن تەتۈر، پۈتۈنلەي تەتۈر چۆرگىلىدى، خۇددى يانار تاغ پارتلىغاندەك پۈتۈن ئىشلىرىم ئاشكارىلاندى.
    لېكىن مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكار ھېسابلىمايمەن، كەچۈرۈممۇ سورىمايمەن، چۈنكى سىزگە ئاشىق بولۇشىم ھېچقاچان گۇناھ ئىش ئەمەس، بەگزادقا ئوخشاشلا سىزنى مەنمۇ ياخشى كۆردۈم، ئۆزۈمنىڭ، مەڭگۈ ئۆزۈمنىڭ قىلغۇسى كەلدى، بەزى ئاشىقلارغا ئاللاھ ئاسان يوللار ئارقىلىق مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈزىدىكەن، بەزى مەندەك ئاشىقلارغا نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يەتكۈزىدىكەن، مانا مەن شۇنداق ۋاسىتە تاللىماي سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتتىم. خەير! سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا گۇناھكارلارچە بېرىپ كەچۈرۈم سورىغۇم يوق، ياكى بولمىسا بۇ دۇنيادا تىرىك ياشاپ بەگزاد ئىككىڭلارنىڭ قايغۇلاردىن كېيىن تاپقان بەختىڭلارنى كۆرگۈممۇ يوق، ھامىنى ئېرىشىدىغىنىم يەنە شۇ «نەپرەت»، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ قايتماس يولغا مېڭىپ سىزنىڭ ماڭا يالغاندىن بولسىمۇ بەرگەن شۇ ئاتالمىش ‹مۇھەببىتىڭىز› نى ئۆزۈم بىلەن مەڭگۈگە ئېلىپ كەتتىم.
    سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ: سەردار»
    ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، ھەممىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ئەمەس، بەلكى ھەممە ھىجراننى ماڭا، بەگزادقا تاشلاپ، بىزنى بۇ ئاخىرى يوق يولغا باشلاپ قويۇپ كەتتى. سەردار ئۈچۈن ھاز ئېچىپمۇ يىغلىمىدىم، ئۇنىڭغا ئېچىنىپمۇ يىغلىمىدىم ھەم ئۇنى كەچۈرۈشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم، چۈنكى سەردار ھېچقاچان مەندىن ئۇنى كەچۈرۈشۈمنى، ياكى ئۇنىڭغا ئېچىنىشىمنى تەلەپ قىلىپ باقمىدى. دۇنيا بەگزاد ئىككىمىزگە، مۇھەببەت بەگزاد ئىككىمىزگە قالدى، لېكىن بۇ لەنەتلىك سۆيگۈنى ھەر ئىككىلىمىز داۋاملاشتۇرالمايتۇق، مېنىڭ تەخىر قىلالماي، ئۆز سۆيگۈمگە ئەمەل قىلالماي، بەگزادنىڭ ئۆتكۈزمىگەن خاتالىقنىڭ جازاسىنى تارتىپ كەچۈرۈم سوراشنىڭ خاتا يولىنى تاللىغانلىقىنىڭ بەدىلىگە كېلىپ چىققان بۇ مۇھەببەتنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرالايمىز؟
    شۇنىڭ بىلەن سەردارنىڭ قىرىق نەزىرسى توشۇپ، ئىشلار بىر قۇر بېسىققاندىن كېيىن مەنمۇ، بەگزادمۇ بۇ بىزگە ئاجايىپ قىسمەتلەرنى ئاتا قىلغان شەھەرنى تاشلاپ ئايرىم - ئايرىم يەرلەرگە كەتتۇق.
    سەردار ئۆز سۆيگۈسىنى ئۆزى بىلەن بىللە قارا يەر تېگىگە ئىلىپ كەتتى، بەگزاد ئىككىمىز بولساق ۋىسال تاپالمىغان مۇھەببىتىىمىزنى يەنە بىر قېتىم قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، پىنھان يەرلىرىگە كۆمگەن ھالدا تونۇشقاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ھەربىر كۈنىمىزنىڭ شاھىدى بولغان بۇ شەھەردىن ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ كېيىنكى ھايات يولىمىزنى ئايرىغان ھالدا ئايرىم يەرلەرگە ئايرىلىپ كەتتۇق.

خاتىمە

    سېنى قەلب تۆرەمنىڭ ئەزىز مېھمىنى قىلىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلىپ، ساڭا ئاتاپ داغدام بىر يول ياسىغان ئىدىم، لېكىن سەن مەن ياسىغان بۇ يولدىن ماڭماستىن، بەلكى دەرەخلەر ئارىسىغا غازاڭلار تۆكۈلگەن چىغىر يولغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىڭ.
    مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە، بەختسىز چاغلىغىنىمچە كەينىڭدىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم، سەن ئالدىڭغا بىر نەچچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا پۇتۇڭنى چاڭگاللىغىنىڭچە ئولتۇرۇپ قالدىڭ، تاپىنىڭ قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى، سەن دىققەت قىلماستىن باشقىلار غازاڭلار ئارىسىغا تاشلاپ قويغان ئەينەك پارچىسىگە دەسسىۋالغان ئىدىڭ. سەن تولىمۇ بىچارە ھالدا كەينىڭگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدىڭ، كۆزىمىز قايتىدىن ئۇچرىشىپ قالدى، كۆزۈڭ چوڭقۇر پۇشايمان ۋە ئازاب يېشىغا تولغان ئىدى، توساتتىن ئۆزۈمنىڭ ساڭا قارىغاندا تولىمۇ بەختلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
    تامام.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 12:16:20
راس بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن بۇ ، بەك تەسىرلەندىم  نىمىشقا چىن مۇھەببەتلەشكەنلەر مۇرادىغا يىلتەلمەس؟؟؟؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
7
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 12:36:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ،  شۇنىڭ بىلەن تۇگدىما ؟    مەن خۇددى تەسىرلىك كىنۇ كۆرۋاتقاندەك بوپ قالدىما..........

باھا سۆز

yultuzay0997 بەكلا تەسىرلىك كەن بۇ ئەسەر ،كولڭىزگا دەت بەمسۇن  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 20:14
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-4 10:01, Processed in 0.100627 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش