- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 183
- نادىر
- 2
- يازما
- 21

- تۆھپە
- 18
- مۇنبەر پۇلى
- 127
- ئىشەنىچ
- 18
| قايسى بىر دەردلىرىمنى ئېيتاي، زارىقىپ بىر كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئادىمىمنى بۇنداق ھالەتتە، بۇنداق شارائىتتا كۆرۈشۈم ماڭا ھەقىقەتەن بەك ئېغىر كەلدى، ئۇنىڭدىن مېھىر كۈتكەن كۆزلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغىنىم ئالەمچە نەپرەت بولدى، بەگزاد مەندىن شۇنداق ئۆچ ئېلىۋاتاتتىكىن ئەزەلدىنلا تۇرۇش ماڭا ئېغىر كېلىۋاتقان بۇ ئائىلىدە ئەمدى تۇرۇش مۇمكىن بولماسلىق تەرىپىگە ئۆتۈۋاتاتتى، لېكىن بۇ ئۆيدىن نېمىنى، كىمنى سەۋەب قىلىپ چىقىپ كېتىمەن، سەردارنىمۇ؟ ياق، ئۇنىڭدىن ماڭا ھېچقانداق ئازار يەتمىسە، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋاتقان ئادەمدىن قانداق قۇسۇر تاپىمەن؟ بار ئاسىيلىقنى مەن ئۇنىڭغا قىلىۋاتسام، قىيىن ئاتا - ئاپامغا تېخى گەپ كەتمەيدۇ، مۇشۇ ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم ماڭا يات كۆزىدە قارىغانلىقىنى بىلمەيمەن، خۇددى ئۆز قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك قاراپ كېلىۋاتقان بۇ پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرنىڭ نەرىدىن يامانلاي، ئەگەر شۇنداق قىلسام ئىككى دۇنيا قارا يۈز بولۇپ كېتەرمەن، بەگزادنى تېخىمۇ دېيەلمەيمەن، چۈنكى مېنىڭ سەردارغا ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېگىپ قالغانلىقىمغا بەگزاد ئىشەنمەيۋاتقان يەردە بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئىشنىشى مۇمكىنمۇ؟ بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئەجىلى توشۇپ ئاللا تەرىپىدىن جېنى ئېلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئارقىسىدىن قىلچە خىجىل بولماي سۆز - چۆچەك قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ مېنىڭ بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كەتكىنىمنى توغرا چۈشنىشىنى كۈتۈش ئەسلىدىنلا بىر ئەخمىقانىلىك. كۈنلىرىم ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن ئالدىدا رول ئېلىش بىلەن ئۆتمەكتە، بەگزاد ئۆيدىكىلەر ئالدىدا ماڭا شۇنچىلىك كۆيۈنگەندەك مۇئامىلە قىلاتتى - يۇ، يالغۇز قالساقلا مېنى قىيناپ، تەنە گەپ قىلىپ ھېچ ھالىمغا قويمايتى. بولۇپمۇ ئەتىگەندە ھۇجرامدىن چىققاندا ياكى بولمىسا كەچتە ئارام ئالغىلى ماڭغاندا ئۇ ماڭا شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن قارايتىكى ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم، ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا ئۆزۈڭ مەدەت سەۋر ئاتا قىلغىن. سەردار سودا ئىشى بىلەن ئالمۇتاغا 3 كۈنلۈك چىقىدىغان بولدى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تەييارلاپ بېرىۋېتىپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم، سەردارغا چىدىمايمۇ ياكى ئۇ كەتكەندىن كېيىن بەگزادنىڭ ماڭا قىلىدىغانلىرىدىن يۈرىكىم ئاغرىپمۇ، ھېچ بىلمىدىم. - بۇنداق يىغلىسىڭىز مەن قانداق ماڭىمەن، ئاللا خالىسا 3 كۈندە قايتىپ كېلىپ بولىمەن، بىرەر ئىشتىن قىينالسىڭىز بەگزادقا دەڭ، ئۇ قىلىشىپ بېرىدۇ. - شۇنداق، يەڭگە ئاكام كەتسە مەن بار، ئۇمۇ تېزلا قايتىپ كېلىدۇ. 3 كۈن دېگەن بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. يا ئۇ بىر 3 يىل بولمىسا. ئۇنىڭ چاقچاق قىلىپ ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىىسى چوڭقۇر بولغان گەپلىرى ماڭا زىقتەك سانجىلدى. سەردارنى ئۇزىتىپ قويۇپ قىيىن ئاتام - ئاپاممۇ باردىغان يېرى بارلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. - نەگە، شاتۇتۇم، ئۇچماقچىمۇ؟ سىز چىقىپ كەتسىڭىز ماڭا كىم تاماق قىلىپ بېرىدۇ؟ ئۇ كەينىمدىن ئەگىشىپلا ھۇجرامغا كىرگەن ئىدى. - بازاردىكى ئاشخانىلار تاقىلىپ كېتىپتىمۇ ياكى سىزگە تاماق ساتمامدىكەن، - دېدىممەن زەردە بىلەن. - ئوچۇقمۇ، تاقاقمۇ، ساتامدۇ، ساتمامدۇ بۇنىسى زۆرۈر ئەمەس، ھېچ يەرگە چىقمايسىز، مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان نۇرغۇن سوئاللىرىم بار. ئەمدى چىداپ تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى. - بولدى بەس! يېتەر بەگزاد، ماڭا نېمىشقا بۇنداق قىلسىز، سىزنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىدىغانغا نېمە ھوقۇقىڭىز بار، مەندەك ئەرزىمەس ئادەمنى تاشلاپ كەتكەن 2 يىلدا بىرەر قېتىم ئىزدەپ قويمىغان كىشى ئۆزىڭىز تۇرۇپ، مەندىن يەنە نېمە كۈتىسىز؟ مېنى شۇنچە ۋاقىت قىينىغىنىڭىز يەتمىگەندەك يەنە نېمە كۈن بۇ ماڭا؟ ئەجىبا ماڭا ئۆزۈم قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىمگە يەڭگە بولۇش ئاسانمۇ؟ - ئەمسە ماڭىچۇ، ئەقىدە، دۆتلۈك قىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىم راست، كىم دەيدۇ سىزنى مېنى ئىزدىمىدى دەپ، مەن سىزگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىشتىن خىجىل بولۇپ نۇرغۇن خەت يېزىپ بىر ئاغىنەمدىن ئۇ مۇشۇ ياققا قايتقاندا ئەۋەتتىم، لېكىن بىرەرسىگىمۇ ئۇچۇر قايتۇرمىدىڭىز، ئەگەر مېنى كەچۈرسە ماڭا چوقۇم تېلېفون قىلىدۇ دەپ خەتكە نومۇرۇمنى يازدىم، لېكىن تېلېفونمۇ قىلمىدىڭىز، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزنى ئاكامنىڭ خوتۇنى، يەڭگەم سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا كۆرۈۋاتىمەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن، تېخى قولىنىمۇ تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن قىزىمنى ئۆزۈم كېلىن قىلىپ ئەكىرىمەن دەپ ئويلىغان ئۆيۈمدە باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن كەچلىكى «خەيىرلىك كەچ» دەپ ئۇزىتىپ قويۇپ سەھەردە «خەيرلىك سەھەر» دەپ كۈتۈۋالىمەن، بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەبچى؟ ماڭا دەڭە! بەگزادمۇ، مەنمۇ يىغلىدۇق، ئۇ مېنى ئىزدەپتىكەن، لېكىن مەن ئۇ ئەۋەتكەن خەتلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. - سىز كىمگە بەرگەن ئۇ خەتلەرنى، مەن راستىنلا تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. - ئەكبەر دېگەن ئاغىنەمگە. - ئەمسە ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ، ماڭا راستلا بەرمىدى. - ئۇ شۇ يىلى مۇشۇ يەردە قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى، لېكىن ئۇ ماڭا سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگكەنلىكىنى ئېيتقان. - ياق، بەگزاد، مەن ئالمىدىم، ماڭا ئىشىنىڭ. - بولدى، ئەمدى ئويۇن ئوينىماڭ، سىز مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى ئويلاپ چىقتىڭىز. خەتنىمۇ ئالمىغان بولۇڭ، ئەجىبا سەردارنىڭ مېنىڭ ئاكام ئىكەنلىكىنى راست بىلمەمتىڭىز؟ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرغۇدەك ماجالىم قالمىدى. تويۇقسىز ئۇ مېنى قۇچاقلىدى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ قولىدىن چىقالمىدىم. مەن كۈچىگەنسېرى ئۇ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشەتتى، ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم، «بەگزاد بۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنەي» - سىز ئىككىلىمىزنى خىيانەتچى، گۇناھكار قىلدىڭىز، سىزگە قانچىلىك مۇھەببىتىم بولسىا شۇنچىلىك نەپرىتىم بار، كۆز ئالدىمدا ئاكامغا خوتۇن بولۇشىڭىز مېنى ساراڭ قىلاي دىدى، ئاللاھ ئىككىلىمىزنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن، بۇنداق خىيانەتچى، ئاسىيى سۆيگۈگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن. ئۇ مېنى قانداق كۈچەپ تارتىپ قۇچاقلىغان بولسا شۇنداق كۈچەپ ئىتتەردىدە چىقىپ كەتتى. ئۇ مېنى ئىزدەپتىكەن، لىكىن مەن ئۇنى ساقلىمىدىم، چۈنكى ئۇ يازغان خەتلەرنىڭ بىرسىمۇ ماڭا تەگمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىلچىمۇ ئۇچۇر بولمىغان سۆيگۈدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ بۈگۈنكى مۇھەببىتىم بولمىغان تۇرمۇشقا قەدەم قويغىنىم ھەق. ئەمسە ئۇ خەتلەر قېنى؟ ئۇ بالا قازا قىپتۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن ماڭا بەردىم دەيدۇ؟ ئۇ پۇل بولمىسا يا ئۇ بالا ئۆزى ئېلىۋالىدىغانغا، كۈنلىرىم تىڭىرقاش، «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» لەر ئىلكىدە ئۆتمەكتە، سەردار ئەتە كەلمەكچى، ئۇ كېتىپ مەنمۇ ئىككى كۈن ياقى مىجەزىم يوق دەپ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلگەنىدىم، بۈگۈن قايتمىسام ئامالىم يوق، لېكىن ئۇ ئۆيدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇدەك مادار، غەيرەت مەندە قالمىدى، چۈنكى بەگزاد مېنى ھەم ئۆزىنى بەك قىيناپ كېتىۋاتاتتى، نېمىلا دېسەم ئاڭلار ئەمەس. تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى، بەگزاد، ئاھ خۇدا! - سالام يەڭگە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تۇنجى ئاڭلىغان بۇ سۆز يۈرىكىمدىن يەنە بىر تۆشۈك ئاچتى. - ياخشى. - ھە، بۈگۈن قايتىپ كېلىدىكەنسىز، شۇ ئاپام مېنى سىزنى ئەكەلگىن دەپ بۇيرىغان، مەن ھازىر ئۆيىڭىزگە كېلەي دېدىم، چۈشۈپ تۇرامسىز؟ - بۇ، بۇ، بىكارغا ئاۋارە بولۇپسىز. دۈت... دۈت... ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمايلا تېلېفوننى قويىۋەتتى، ئۇلۇغ خۇدا! ئەنە ئۇ يەردە مېنى شۇنداق كېلىشكەن، بىر كۆرۈش بىلەن خېلى مەن مەن دېگەن قىزلارنى ئاللىقانداق خىياللارغا سېلىپ قويىدىغان، مېنى سۆيگەن مەن ھەم سۆيگەن، لېكىن ۋىسالىمىزغا يېتەلمىگەن، مېنىڭ يۈرىكىمنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولغان بەگزادىم ساقلاپ تۇرىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ سۆيگۈنى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاكىسىنىڭ ئايالى، يەڭگىسى ئورنىدا ئۇنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىمەن. بەگزادقا تۈزۈكمۇ قارىيالماي ئۇدۇل ماشىنىغا چىقتىم. - ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ يەڭگە؟ - ياخشى ئۇكام، سىزچۇ؟ ئاپام، داداملار ياخشىدۇ؟ - ھەممىمىز ياخشى، خۇداغا شۈكرى. يول بويى ئوتتۇرىلىقىمىزدا ئۇنىڭدىن باشقا گەپ بولۇنمىدى، ماشىنىنىڭ ئارقىىسىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ تاپ ئۇنىڭغا ئەركىلىگۈم، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ 2 يىل ياقى ئۇنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى، ئۇنى قانچىلىك تەشنالىق بىلەن كۈتكەنلىكىمنى ئېيتقۇم بار، لېكىن مەن بىر توي قىلغان، يەنى كېلىپ ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ نىكاھىدىكى ئايال، ئۇنىڭغا ئېسىلىشىم ئەمەس، ئەسلىدە باشقا كىشىنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپ بەگزادنى ياخشى كۆرۈشۈم، ئۇنى كىچە - كۈندۈز سېغىنىشىمنىڭ ئۆزىلا بىر گۇناھ، لېكىن مەن مانا مۇشۇ «ئاسىي سۆيگۈ» بىلەنلا چاڭقىغان كۆڭلۈمنى ئازراق بولسىمۇ سۇغۇرالايمەن، چۈنكى بەگزادتىن باشقا ئادەمنى كۆڭۈل ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىش، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئەسلا قولۇمدىن كەلمەيدۇ، مېنىڭ بۇ كۆڭلۈم، يۈرىكىم ئاللىقاچان بەگزادقا مەنسۇب بولۇپ بولغان، بەڭباش كۆز ياشلىرىم كۆڭۈل نىدالىرىمغا تەسلىم بولۇپ سىرغىپ چۈشتى، سۈرتۈشكە ئۈلگۈرەلمىدىم، بەگزاد كۆرۈپ قالدى - يۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئۆي تەرەپكە ئەمەس، بەلكى دەريا بويى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. - نەگە بارىمىز بەگزاد؟ - ئۇنىڭغا تەلمۈرۈش ھەم ئۆتۈنۈش ئىلكىدە دېدىم مەن. ئۇ ماڭا جاۋابنىڭ ئورنىدا كۈلكە قايتۇردى، مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماشىنىنى تۇيۇقسىز ئادەم ئازراق كېلىدىغان يەرگە ئەكىلىپ توختاتتى. - چۈشىڭە ماشىنىدىن، - دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن. بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ تالاشقۇم كەلمىدى. - ئۆيگە كېتەيلى، ئاپاملار ئىككىمىزنىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، كەچ قالساق سەت تۇرىدۇ. - خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئاپامغا سىز بىلەن تاماقنى يەپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان. «شۇنداق بولسىمۇ...» مەن بوش ئاۋازدا غوتۇلدىدىم. تۇيۇقسىز ئۇ مېنى ئۆزىگە قاراتتى، كۆزلىرىدە ياش. - مانا مۇشۇنداق، ھە دېسە غوتۇلداپلا يۈرىدىغان مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق شاتۇتۇم ئىدىڭىز، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، ماڭا دەڭە ئەقىدە، نېمىشقا ماڭا ئاسىيلىق قىلىسىز، ئۇ خەتلەرنى ئېلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ماڭا يالغان گەپ قىلىسىز، كۆز ئالدىمدا ئۆز ئاكامغا خوتۇن بولۇپ مېنى قىينىغىچە مېنى ئۆلتۈرۈپلاۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟ - بەگزاد، مەن ئۇ خەتلەرنى راستلا ئالمىدىم، ماڭا ئىشنىڭ. - يالغان، سىز ئەزەلدىن مېنىڭ سوئاللىرىمغا غەلىتە جاۋاب قايتۇرۇپ كەلگەن. لېكىن سىزنى مېنى ئالدايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن، سىلكىشلىرىدىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويايلا دېدىم. - بولدى، يېتەر، ئەمدى تۈگىسۇن، مەيلى سىز ئىشىنىڭ - ئىشەنمەڭ، مەن ئاللىقاچان باشقا بىرىنىڭ، يەنى سىزنىڭ ئاكىڭىزنىڭ بولۇپ بولدۇم، گەرچە يۈرىكىم، كۆڭلۈم سىزگە مەنسۇب بولسىمۇ، لېكىن جىسمىم باشقا بىرىگە مەنسۇب، سىزنى قانچىلىك ساقلىغىنىمنى، ياخشى كۆرگىنىمنى بىر ياراتقان ئىگەم، بىر ئۆزۈم بىلىمەن، سىزنى قەلب تۆرۈمنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم، باشقا بىرىنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن مەڭگۈلۈككە قۇلۇپلىدىم، لېكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھېچنىمگە ئەرزىمەيدىغان، يالغانچى بولدۇم، سىز ئۇ خەتنى بەرگەن بالا ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ، مەن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۆزۈمنى ئاقلاپ چىقالمايمەن، ئەمدى بۇ ئىشلار ئۇ دۇنياغا بارغاندىلا ئايدىڭ بولىدۇ، بەگزاد بۇمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئەمدى مېنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ قىينىماڭ، بىز قايتقىلى بولمايدىغان يولغا مېڭىپ بولدۇق. - ياق، ياق، ياق ق ق ق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ؟ مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە يىل كېچە-كۈندۈز ياخشى كۆرگەنمۇ سىزنى، ھە؟ توۋۋا، مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، كۆڭلىڭىز مەندىكەن، يەنە قانداق باشقا بىرىگە ياتلىق بولغۇڭىز، ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم دەقىقىلەرنى باشقا بىرسى بىلەن ئۆتكۈزگىڭىز كەلدى؟ يەنە كېلىپ ئۇ ئادەم باشقا بىرى ئەمەس مېنىڭ قېرىندىشىم، ئاكام! مەن ئەكبەرنىڭ ئىنىسى بىلەن كۆرۈشتۈم، مەن ئۇ خەتلەرنى ئەكبەرگە بەرگەندە ئۇمۇ بارتى، ئۇ ماڭا ئەكبەرنىڭ ئۇ خەتلەرنى شۇ چاغدىلا سىزنىڭ قولىڭىزغا يەتكۈزىدىغان بىرىگە بەرگەنلىكىنى، ئەمما كىم ئىكەنلىكىگە بۇ بالىنىڭ شۇ ۋاقتىدا دىققەت قىلمىغاچقا ئېسىدە قالمىغانلىقىنى ئېيتتى، سىز دەپ بېقىڭە، بۇلار بىزگە يالغان سۆزلىگۈدەك ئۇ ياكى پۇل بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك ئەكبەر مېنىڭ ئۇ يەردە قانداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلىدۇ، سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىدۇ؟ ئۇ ماڭا ھەرگىز خىيانەت قىلمايدۇ ئەقىدە. توۋا، بۇ خەتلەرنى ئالغان زادى كىم بولغىيتى؟ كاللام قۇپقۇرۇق، بىرەر ئىشنى ئويلىغۇدەك ھالىم قالمىدى! ئۇ زادى كىم؟ زادى كىم؟ سەردار قايتىپ كەلدى، تۇرمۇشۇم ئاجايىپ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن داۋام قىلماقتا، كاللامدا شۇ بىرلا سوئال «ئەكبەر خەتنى زادى كىمگە بەرگەن بولغىيتى؟» سەردار مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي مەندىن نەچچە قېتىم نېمە بولغانلىقىمنى سورىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئىزچىل يالغان سۆزلەپ كەلدىم، بەگزاد بولسا تېخىمۇ تۈگشىپ كەتتى، ئۇنىڭ دەردلىرگە مەن ھەمدەم بولالمىدىم، چۈنكى مەن ئۈچۈن ئۇنداق پۇرسەت پەقەتلا يوق ئىدى، يالغۇز ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەي دەپ ئويلىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساملا ئۇنىڭ ئازابلىرىغا تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئازاب قوشاتتىم. بۈگۈن ئەتىگەندىلا نېمىشقىدۇر بەك ھالسىز قوپۇپتىمەن، كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇرىدۇ، ناشتىغا چىقماسلىققا باھانەم يوق، ئۈستەلدە بەك تەسلىكتە ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن ناشتا قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كۆڭلۈم بەك ئېلىشىپ كەتتى، يۈگۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭدىم. قايتىپ چىقىپ سەردار ھەم ئاپاملارنىڭ ماڭا بىرخىل قىزىقىش نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى سەزدىم. - بالام، خوش خەۋەر بارمۇ قانداق، دوختۇرغا بېرىپ بېقىڭ. - نېمە؟ ئاپا ئۇنداق ئەمەس، ئاشقازىنىمغا بىر نەرسە تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ. ئاھ خۇدا، يەنە شۇ بەگزادنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرى. - شۇنداق بولسىمۇ بېرىپ بېقىڭ بالام، ھېچنىم بولمايدۇ، سەردار بالام سەن بىللە بار. - بولدى ئاپا، مەن ئۆزۈم باراي، سەردارنىڭ ئىشى شۇنچە ئالدىراش تۇرسا. - بېرىپ بېقىڭ يەڭگە، خۇش خەۋەر بولسا چاققانراق ئاڭلايلى. بەگزادقا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم، لېكىن مەن بۇ قېتىم نەپرەتنى ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزىگە توشۇپ قالغان ياشنى كۆردۈم، ئۇ «بۇنداق بولمىسۇن ئەقىدە» دېگەندەك بىر خىل بىچارىلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى. چىنە - قاچىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانىغا يېنىپ كىردىم. - بۈگۈن قاچان بارىمىز جېنىم، - سەردار ئارقامدىن كىرگەن ئىدى. - مەيلى، قاچان بارساق، يا بولمىسا مەن ئۆزۈم باراي، سىز بىرى بىلەن كۆرۈشىمەن دېگەنغۇ؟ - ياق جېنىم، مەن ئۆزۈم ئېلىپ بارىمەن، يا بولمىسا ئەتە بارايلى، بۈگۈن مەن ئىشىمنى تۈگىتىۋالاي. - مەيلى، شۇنداق بولسۇن، - ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ مېنى بەگزادتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلايدىغان، بەگزادنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىدىغان بۇ «نەتىجە» نى پەقەتلا بىلگۈم يوق ئىدى. سەردار چىقىپ كەتتى، مەن ھۇجرا ئۆيۈمگە يېنىپ كىردىم، بايامنىڭ ياقى چىقالماي تۇرغان كۆز ياشلىرىم ئېتىلىپ چىقتى، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئېتىپ يىغلىدىم. - مانا مۇشۇ كارىۋاتتا ماڭا خىيانەت قىلدىڭىز ھە؟ مۇشۇ كارىۋاتتا ئۆزىڭىزنى مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىدىڭىز، مۇشۇ كارىۋاتتا مېنىڭ ئەمەس ئاكامنىڭ كارىۋىتىدا... چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، جېنىم بەگزاد! - ئەمدى نېمە بولدى ئەقىدە؟ نېمە بولدى؟ مەن سىزنى ئاكام بىلەن تاكى مۇشۇ كۈنگىچە ئاكام بىلەن ئۇ ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان، سىز مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا پاك، غۇبارسىز شاتۇتۇم ئىدىڭىز. نېمىشقا ماڭا بۇنداق جاۋاب قايتۇرىسىز؟ ماڭا قايتۇرىدىغان يەنە قانداق جاۋابلىرىڭىز بار؟ مەن قانداقمۇ ئاكام بىلەن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن بولغان بالىنى جىيەنىم دەپ مېھرىمنى بېرەلەيمەن؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنداق بولمىسۇن، بىگۇناھ بالىنى ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ مېنىڭ نەپرىتىمگە ئۇچراتماڭ، مېنى تېخىمۇ گۇناھكار قىلماڭ، مەن ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەيمەن، ئەمدى ئۆز سۆيگۈمنىڭ كۆز ئالدىمدا باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن، مۇشۇنچىلىك بولسۇن ئەقىدە. - بەگزاد توختاڭ، - ئۇ يۈگۈرگىنچە چىقىپ كەتتى، توغرا مەنمۇ بۇ نارىسىدىنىڭ قىلچە مۇھەببەت بولمىغان بۇ ئائىلىدە دۇنياغا كېلىشىنى خالىمايمەن، لېكىن ئەگەردە ئۇ راستلا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولسا مەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆز قولۇم بىلەن يوق قىلالايمەن؟ نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟ مەن زادى قانداق قىلىمەن؟ سەرداردىن ئاجرىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىلىسىدىن بىراقلا ئايرىلايمۇ؟ لېكىن تېخى تۇغۇلۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇ بالامنى يېتىم قىلىشقا مېنىڭ ھەققىم يوق. قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، تۇيۇقسىز سەرداردىن كەلگەن تېلېفون مېنى خىياللىرىمدىن ئويغاتتى. - ۋەي ئەقىدە، جېنىم ئۆيدىمۇ سىز؟ - ھەئە، نېمە بولدى؟ - مېنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىمدا بىر ھۆججەت بارتى، شۇنىڭ ئۈستىدە بىر نومۇر بار، ماڭا كۆرۈپ دەپ بېرىڭە؟ مەخپىي نومۇرى ***** - ماقۇل، مەن تېپىۋېلىپ تېلېفون قىلاي. تېلېفوننى قويۇۋېتىپ يۈزۈمنى يۇيدۇم، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىنى ئېچىپ ئۇ دېگەن نەرسىنى تېپىپ ئۈستىدىكى نومۇرنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم، ئىشكاپنى تاقىۋىتەي دەپ تۇيۇقسىز كۆزۈم چىرايلىق بىر تۆمۈر قۇتىغا چۈشتى. بىر قارىماققىلا ئۇنىڭ ئىچىدە خاتىرە ياكى خەت سۈرەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى، ھەممىدىن غەلىتە يېرى شۇكى ئۇنىڭغا كىچىك بىر قۇلۇپ سېلىقلىق تۇراتتى. «ئەجىبا سەردارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە دەپنە قىلىۋەتكەن ئەسلىمىلىرى بارمىدۇ؟» كاللامدا يەنە بىر جاۋابى ئېنىق بولمىغان سوئال پەيدا بولدى. ئۇھ! بولدىلا قايسى بىر ئىشنى ئويلاي، ئاۋۋال سەردارنى ساقلاپ ئولتۇرماي دوختۇرغا ئۆزۈملا بېرىپ باقاي. شۇنداق ئويلاپ تەييارلىق قىلىپ دوختۇرغا ماڭدىم، قېيىنئاپامغا دەپ قوياي دەپ پەستىكى مېھمانخانا ئۆيگە كىردىم. - ئاپا، مەن دوختۇرغا بېرىپ باقاي ھە؟ - سەردارمۇ بىللە بارامدۇ بالام؟ - ياق، ئاپا ئۇنىڭ مۇھىم ئىشى باركەن، ئەتە بارايلى دېگەن، بۈگۈن ئۆزۈملا بېرىپ كېلەي، ماشىنا بولغاندىن كېيىن. ئاپامدىن روخسەت ئېلىپ ھويلىغا چىقىپلا بەگزادنى كۆردۈم، ئۇمۇ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ماشىنا قويۇش ئۆيى تەرەپكە مېڭىپتىكەن، ئۈن - تىنسىز ھالدا ئالدى - كەينى ماڭدۇق. ئۇ ماشىنىسىغا چىقىۋېتىپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. - ئەقىدە، مەن يەنە بىر قېتىم دەي، مېنىڭ ئەمدى كـۆتۈرگۈچىلىكىم قالمىدى، قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمدى مېنىڭ كارىم يوق. - سىز نېمە دېمەكچى بەگزاد، نېمە قىلماقچى؟ - ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەلكىم؟ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلماي ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتتى. |
|