يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام
سىتولبىغا سوقۇلغان شامال،
ئېلىپ قاچتى ئىستەكلىرىمنى.
ھەسرىتىمگە بىرەلمەي بەرداش،
تۆكتى ئاسمان ئىسسىق يېشىنى.
يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام،
يۇلتۇز كۆرمەي قالدى مىسكىن ئاي.
سېغىنىش بار قەلبىمدە چەكسىز،
پىراقلارغا مەن قانداق چىداي!
ھەسرىتىمگە چىلاپ يامغۇرنى،
يولغا سالدىم مەھەللەڭ تامان.
شاماللاردىن سورايمەن سېنى،
ئامانمۇ سەن سۆيۈملۈك جانان؟!
يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام،
غەمگە چۆكۈپ قالدى بۇ جاھان!
ئەقىدەمنى ئۈزمەي سېنىڭدىن،
مەن يولۇڭغا باقارمەن ھامان .
مەنبە: شەيدائىي ئىجادىيەتلىرىدىن تاللاندى .