تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 11

شىنجاڭ يولۋىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
يۈسۈپجان
تىللا
350
تۆھپە
249
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ يولۋىسى


شىنجاڭ يولۋىسى شىنجاڭ يولۋىسى مەملىكىتىمىزدىكى بەش يولۋاس تۈرىنىڭ بىرسى بولۇپ،خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا باغراش كۆلى ئەتراپىدىن ئەڭ ئاۋال ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان .1916-يىلى رەسمى يوسۇندا ئىسىم قويۇلغان .يېزىلىشىچە شىنجاڭ يولۋىسى تارىم ۋە ماناس دەريا ھاۋۇزسىدا ياشايدىكەن .
چۈشىنىكسىز يېرى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ياكى تۇتۇپ باقمىغان ۋە شىنجاڭ يولۋىسى توغرۇلۇق خەۋەرلەرمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان .مىش-مىش پاراڭلارغا قارىغاندا بەزىلەر تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئازغان دېگەن جايدا ئۇنى كۆرگەن ،لېكىن ھەقىقى ئىسپات يوق .شىنجاڭ يولۋىسى زادى بارمۇ -يوق؟ھازىر نەگە كەتتى دېگەن سوئاللارغا تېخى جاۋاپ تېپىلغىنى يوق.
بۇرۇنلا يوقالغان كېروران دۆلىتى خارابىسىنىڭ ئەتراپى قۇملار بىلەن قورشالغان بولۇپ ،ئەتراپتىكى كەنتلەر،كۆل بويلىرى ناھايىتى تىمتاس ئىدى .<<لوپنۇرغا سەپەر>>دە دېيىشچە،ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە پەقەت شىنجاڭدىلا يولۋاس كۆرگىلى بولىدىكەن.....شىمالى شىنجاڭدىكى يولۋاسلار جەنۇبى شىنجاڭغا قارىغاندا ئاز بولۇپ،كەڭ كەتكەن ئىپتىدائى ئورمانلار يولۋاس ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت ۋە پاناھلىنىش ھازىرلىغان .كېچىسى ھەركەت قىلىش ،ئادەملەر ياشىغان يەرلەردىن يىراق جايلاردا ياشاش ،يول ماڭغاندا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق،شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىدى .نەچچە يىل ئىنسانلار بىلەن تىركىشىش ئارقىلىق يولۋاسلار سىرلىق كىرورانغا ئوخشاش ،رەھىمسىز تەقدىردىن قۇتۇلالمىدى،كرورانغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،كېروران نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن قايتا بايقىلىپ شۆھرىتى نامايان بولدى،ئەمما شىنجاڭ يولۋسنىڭ ھېچنىېمىسى ئىنسانلار ئارىسىدا قالمىدى.
يولۋاس مۈشۈك ئائىلىسىكى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى،تۈكى سۇس سېرىق،تېرىسىدە قارا سىزىقى بار .دەرەخقە يامىشالمايدۇ ،ئاساسلىقى ئورمانلىقلاردا ۋە يايلاقتا ياشايدۇ ،بەدىنى ئىنتايىن قاۋۇل.بەدىنىدىكى قارا سىزىقلار قوغدىنىش رولىنى ئوينايدۇ .شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ 1916-يىلى (Chinese Turkestan Tiger )نەسلى قۇرغانلىقى ئىسپاتلاندى.1913-يىلى Schwarz لوپنۇر كورلا ئەتىراپىدا شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ بىر تۈرىنى كۆرگەن بولۇپ ،ئۇزۇنلىقى 3مېتىر،ئېغىرلىقى تەخمىنەن 230Kgئەتراپىدا .شىۋىتسىيە تەكشۈرگۈچىسى Schwarzكىتابى <<لوپنۇرغا سەپەر>>دە ،دۇنياغا ئىككى مۆجىزىنى جاكارلىغان :بىرسى كېروران ،يەنە بىرسى بولسا دەل شىنجاڭ يولۋىسىدۇر.مەدەنىيەت مىراسىي بولغان كېرورانغا دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلدى ،ئەمما بىرخىل جانلىق بولغان شىنجاڭ يولۋىسى يەنىلا غايىپ بولدى.
شىنجاڭ يولۋىسى بەدىنى قاۋۇل بولغان بىرخىل گۆشخور ھايۋان.ئەركەك چىشىسى مۇستەقىل ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ .چىشى يولۋاس ئادەتتە 4-3كىچە تۇغىدۇ ،ئەي بولىدىغىنى 2دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ .ئۆلگەن ياكى ئاجىز يولۋاس بالىسىنى چىشى يولۋاس يەۋاتىدۇ .ئۇلار كەچتە ھەركەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئادەتتە ھايۋانلارغا يېقىنلىشىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ،ئوۋنىڭ يۇلۇن سۆڭىكىنى ئۈزۈۋېتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئوۋ ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆلىدۇ.
خەلقئارادا شىنجاڭ يولۋىسى ئىچكى دېڭىز يولۋىسنىڭ بىر تۈرى ،ئايرىم يولۋاس تىپى ئەمەس دەپ قارىلىدۇ(ئىچكى دېڭىز يولۋىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى،تۈركىيە ،ئىران ،ئاففانىستان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان).ياۋايى ئىچكى دېڭىز يولۋسىنىڭ 1973-يىلى نەسلى قۇرىغان .ئىچكى دېڭىز يولۋىسى ئۆلگەن،قېرىغان يولۋاسلارنى ،ھەتتا يولۋاس بالىلىرىنىمۇ يەيدۇ .ئادەتتە بىر قېتىمدا 3-4كىچە كۇچۇكلايدۇ ،بەزى ۋاقىتلاردا 6نى تۇغىدۇ .105-113كۈن ئەتراپىدا قورساق كۆتۈرىدۇ .يولۋاس بالىسىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى تىز بولۇپ ،يولۋاسنىڭ ئۆمۈرى   20يىل ئەتراپىدا بولىدۇ .1976-يىلى شىنجاڭ يولۋسىنىڭ 1916-يىلى نەسلى قۇرغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ ،شىجاڭ يولۋىسى قايسى يولۋاس تۈرىگە كىرىدۇ ،زادى قاچان نەسلى قۇرىغان ،نەسلى قۇرۇش سەۋەبى نېمە دىگەندەك سوئاللار مەۋجۇت.يېقىندىن بۇيان شىجاڭ يولۋىسى توغرۇلۇق بەزى خەۋەرلەر تارقالدى،شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇغانلىقىغا گۇمانى قاراشتا بولۇپ كەلدى.ئەمما يولۋاس ئۇچرىمىدى .
2001-يىلى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا يولۋاسنىڭ تىرناق ئىزىغا ئوخشايدىغان ھايۋانات ئىزى بايقالغانلىقى خەۋىرى كەلدى.جەنۇبى شىنجاڭدىمۇ ئوخشاش خەۋەر تارقالدى،ئادەم شالاڭ بولغان بۇ رايونلاردا يولۋاسنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقنى چەتكە قېقىشقا بولمايتتى ،ئەمما ھەقىقى ئىسپات يوق ئىدى.بىزنى ئويلاندۇرغىنى ،تارىم ھاۋۇزى ئاللىقاچان قۇرغاقلاشقان ،تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تاغلىرىدا يولۋاس ياشاشقا ماسلاشقۇدەك مۇھىت قالمىغان ،شىنجاڭدىكى باشقا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانىمۇ ئازايغان ،بۇنداق ئەھۋالدا يولۋاسنىڭ بولىشى مۇمكىنمۇ ؟لېكىن ئالتاي تېغىغا قوشنا بولغان روسىيە،موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا يولۋاسنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى بار ئىدى ،ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،يەردىنمۇ يولۋاس بايقالمىدى .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى شىنجاڭدىكى ھايۋاناتلار تەكشۈرۈلگەن بولۇپ ،ئۇۋاقىتتا يولۋاسنىڭ سايىسىمۇ تېپىلمىغان ،ئېلان قىلىنغان قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكىگە يولۋاسمۇ يېزىلمىغان .ئالدىنقى ئەسىردە شىنجاڭنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن ،مۇھىتقا بولغان بېسىمىمۇ ئاشقان ،بوزيەرلەر كۆپ مىقداردا ئېچىلغان .يولۋاسنىڭ يوقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ-ئىنسانلاردىن كەلگەن.
مەلۇم بىر ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرىغان ۋاقىتنى بېكىتىشتە خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە يوق،ئادەتتە شۇ ھايۋاننى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ .ئەمما شىنجاڭ يولۋىسنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقىت ئېنىق ئەمەس.1940-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى بىر يولۋاسنى ئوۋلاپ كەتكەن .ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى يولۋاسمۇ ؟ئۇنداق ئەمەس،1956-يىلىدىن-1959-يىلغىچە بولغان سوۋېت،جۇڭگودىن تەركىپ تاپقان تەكشۈرۈش ئەترىتى ماناس دەرياسىدا يەنە يولۋاس بار دەپ خاتىرىلىگەن.1983-يىلى مەلۇم بىر دوكلاتتا دېيىشچە بىر جەڭچى بىر چارۋىچىنىڭ يولۋاس ئوۋلىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان .ئۇنداقتا شىنجاڭ يولۋىسى زادى بارمۇ-يوق؟
تارىم ئويمانلىقى شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيىسى ئەڭ ئاجىز رايونلارنىڭ بىرى ،ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇرغاق مۇھىت،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنىڭ پائالىيەتلىرى بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشقان .قەىمدىن بۇيان قارىغۇلارچە بوز يەر ئېچىش تۈپەيلى ،يولۋاسنىڭ ياشايدىغان دائىرسى كۈندىن -كۈنگە تارلاشقان .ئوزۇقلۇق قىلىدىغان ھايۋانلىرىنىڭ سانى كۈنسايىن ئازلىغان .شۇنىڭ بىلەن يولۋاس ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان .نەسلى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇقSchwarz بىرخىل گۆشخور چۈمۈلە  پەيدا بولۇپ يولۋاسنىڭ بالىسىنى يەپ كەتكەن دەپ يازغان بۇ قاراش بىر قارىسا مۇمكىن بولمايدىغاندەك،يەنە بىر قارىسا مەلۇم ئىلمى ئاساسى باردەك ،چۈنكى چۈمۈلە بۇندىن 80000000يىل مۇقەددەم ئۆزىنىڭ <<پادىشاھ>>لىقىنى قۇرغان .بولۇپ مەخسۇس ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان چوڭ <<قوشۇن>>بولۇپ شەكىللەنگەن.ئاشۇ كىچىك چۆمۈلىلەر 1986،1899ۋە 1901-يىللىرى ھايۋانات پادىشاھى بولغان شىنجاڭ يولۋىسىغا ھۇجۇم قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى ئازايغان ،بالىلىرى ئەي بولماي كۆپىيىشى تۆۋەنلىگەن .Schwarz يۇقىرىقى قاراشقا چوڭقۇر ئىشەنگەن.جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھازىر يولۋاس راستىنلار چۆمۈلىنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانمۇ دېگەننى تەكشۈرمەكتە .
شىنجاڭ يولۋىسنىڭ نەسلى قۇرۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس،ئەڭ مۇھىم بولغىنى :تەبئىي قانۇنىيەتلەر ۋە تەبئىي تەڭشىلىشلەر قوغدالمىسا ،ئېنسانلارمۇ شىنجاڭ يولۋىسىغا ئوخشاش ھالاك بولامدۇ يوق؟!!! مانا بۇ مەسلە ھەقىقى ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ..........

بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
baburzade
تىللا
22
تۆھپە
10
UID
1461
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ جىق ئىشلارنى ئويلاپ كىتىپتىمەن.


ئىشىكنى قايتا-قايتا چەككەن

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
بارسېلونا
تىللا
619
تۆھپە
430
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىلگىرى تەتقىقاتچى مۇختار زارى شىنجاڭ يولۋىسى توغرىلىق بىر پارچە ماقالا يازغان ئىدى ، نەچچىنچى يىللار بولغىيتى ؟ ئەركمان قارى ئوبدان بىلەتتى .


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
191
تۆھپە
57
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئازغان دېگەن جايدا
ئازغان ئەمەس ئارغان (بۇ جاي چاقىلىق ناھيىسى چىگرىسى ئىچىدە )


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
يۈسۈپجان
تىللا
350
تۆھپە
249
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغان ئەمەس ئارغان
كەچۇرۇڭ ئىمىلاخاتالىغى قىلىپتىمەن،


Rank: 4

ئىسمى
سەرسان،روھ
تىللا
270
تۆھپە
114
UID
528
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تارىم يولۋىسى دېگەن ئەسىرىدە ئاقسۇنىڭ ئارال يايلىقىدا شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى 1956-يىلى قۇرۇپ كەتكەن دېيىلگەن ئىكەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
801
تۆھپە
195
UID
62

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن لوپنۇرغا بېرىپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ دوڭقوتان ، تىكەنلىك دىگەن يەرلىرىنى كورۇپ بۇ يەرلەرنىڭ كۆپۇنچە يەرلىرىگە كېۋەز تېرىلغانلىقىنى ، تارقاق بولسىمۇ ئاھالىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۇم . بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يەرلەردە ھازىر يولۋاسنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
949
تۆھپە
551
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
naxput يوللىغان ۋاقتى  2011-11-11 18:43
تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئازغان دېگەن جايدا
...

         قەشقەر تەۋەسىدە ئازغان جاڭگىلى دەپ بىر چوڭ جاڭگال بار. بەلكىم ئازغان بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇن بۇ ئازغان جاڭگىلىدا بۆرە بار ئىكەنتۇق. ھازىر يوق. بەلكىم شىنجاڭ يولۋىسى بۇ يەردە ياشىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
541
تۆھپە
429
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن!


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
بارسېلونا
تىللا
619
تۆھپە
430
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى قوشۇق ئەپەندىنىڭ << گۇما - كىلياڭ سەپىرى >> ناملىق ساياھەتنامىسىگە قىستۇرۇلغان تارىم يولۋىسىنىڭ رەسىمى ئىكەن ، بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم . 88.jpg


Rank: 6Rank: 6

تىللا
369
تۆھپە
230
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى تېما ئىكەن! شىنجاڭ يولۋىسى تارىختا بولۇشى مومكىن مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، تارىختىكى قالايمىقانچىلىق، ئاۋامنىڭ بېشىغا كەلگەن مالىمانچىلىق، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز قاباھەتلىك قىسمەتلەر ئاخىرى ھايۋانلارنى ئەمەس ئىنسانلارنىمۇ ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ دار ئالدىغا سۆرەپ بارغان تۇرسا بۇنداق ئەتىۋارلىق نەسلى ياخشى ھيۋانلار ئامان قالاتتىمۇ ؟! بۇ تېمىنى ئوقۇپ تارىخ توغۇرلۇق نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن، ھەي ! بولدىلا مەن يەنىلا سۈكۈت قىلاي !


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
155
تۆھپە
107
UID
558
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېمىڭىزغا رەھمەت. ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن!


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:06, Processed in 0.072127 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش