دان چېچىلغان يەردە قىلتاق بار
قۇشقاچ ئەمدىلا ئۇچۇرما بولغان باللىرىغا مۇنداق دەپتۇ:
-بالىلىرىم، سىللەر ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار ، ئۇۋىدىن چىقىپ ئۆز جېنىڭلارنى ئۆزۈڭلار جان ئىتىسىلەر، مەن سېللەرنى داۋاملىق بېقىۋەرمەيمەن.
قۇچقاچ باللىرى چۇقۇراشقىنىچە :
-بىزنى سىز باقمىسىڭىز ئۆلۈپ قالمامدۇق،ئانا!-دەپتۇ.
-مەن سىللەرگە مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس،ئۆلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈڭلار ئۇۋىدىن چىقىپ دان تېپىپ يىيشىڭلار كېرەك-ئانا قۇچقاچ شۇنداق دەپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
قۇچقاچ باللىرىنىڭ قورسىقى ئېچىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار ئانىسىنى ساقلاپتۇ ئەمما ئانىسى كەلمەپتۇ. ئاچلىققا چىدىمىغان قۇچقاچ باللىرى ئاخىرى كاماردىن ئۇچۇپ چىقىپ، دان ئىزدەپ ئۇچۇپتۇ،ئۇچۇپتۇ. ئاخىرى بىر خامانلىقتا نۇرغۇن دانلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قونۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاچ كۆزرەك بىرى دىكىلداپ سەكرىگىنىچە بېرىپ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا دانلارنى ئالا باسماس تىرىپ يىشكە باشلاپتۇ. تۇيۇقسىز چاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىسماققا چۈشۈپ قاپتۇ. ھەمرالىرى پۇرىدە ئۇچۇپ بېرىپ دەرەخقە قونۇۋاپتۇ.
-باللىرىم ھەر قانچە ئاچ قالساڭلارمۇ ئاۋۇ قېرىندىشىڭلاردەك ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، چېچىلغان دان بار يەرگە بېرىپ دانلىماڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇن، دان چېچىلغان يەردە چوقۇم قىلتاق قۇرۇلغان بولىدۇ. ئادەملەر تولىمۇ ۋەھشى، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار-دەپتۇ قېرىندىشنىڭ ھالىغا قاراپ مۇڭلۇنۇپ كەتكەن باللىرنىڭ يېنىدا پەيدا بولغان ئانا قۇچقاچ.
شۇنىڭدىن كېيىن قۇچقاچ باللىرى ئانىسىنىڭ نەسەھەتلىرىنى ئىسىدىن چىقارماي، قېرىندىشىنىڭ پاجىئەسىنى ئۇنۇتماي، ئېھتىيات بىلەن ياشايدىغان بولۇشۇپتۇ.