كۆرۈش: 12529|ئىنكاس: 2

يولۋاس، بۆرە ، تۈلكە « مەسەل» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1058
تۆھپە
397
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 18:49:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يولۋاس ، بۆرە ، تۈلكە


يولۋاسنىڭ كۈندىن- كۈنگە خورىكى ئۆسۈپ ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئارام بەرمەس بولىۋاپتۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۈلكىگە بولغان زوراۋانلىقى ھەددىدىن ئېشىشقا باشلاپتۇ. بىچارە تۈلكە ئىلاجى يوق يولۋاسنىڭ بارلىق بۇيرۇتمىللىرىنى ئورۇندايدىكەن. دېگەن يىرىدىن چىقمىسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ،بارلىق ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ يولۋاسنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. لېكىن يولۋاسنىڭ ئۆزىنى بەك بۇزەك قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلىنىدىكەن، ئۆزىنىڭ يولۋاستىن ئاجىز يارىلىپ قالغانلىقىدىن بەكمۇ ئۆكىنىدىكەن. پۇرسەت بولسىلا يولۋاس دېگەن قارا نىيەتتىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلايىدىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يولۋاسنىڭ تۈلكىنى ئانى تېپىشى زادىلا توختاپ قالماپتۇ ، ئەكسىنچە تېخىمۇ ئەدەپ كېتىپتۇ.
- تۈلكە  - دەپ ۋاقىراپتۇ بىر كۈنى يولۋاس تۈلكىنىڭ  پۇت- قوللىرىنى تۇتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك .
-لەببەي پادىشاھىم ، نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن -دەپتۇ تۈلكە .
-سەن تىز بېرىپ بۆرىگە ئېيىت ، ئۇ چۈشلىكىمگە چىپار كىيىكتىن بىرىنى تۇتۇپ كەلسۇن، ھەرگىز ئۆلتۈرىۋەتمىسۇن ، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىمەن- دەپ ۋاقىراپتۇ. تۈلكە قورقىنىدىن دىرىلداپ تىترىگىنىچە يولۋاسنىڭ يېنىدىن ئارقىسىچە مېڭىپ چىقىپتۇ –دە، ھەسىرىگىنىچە بۆرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئوۋدىن تەلىيى كەلمەي ، ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقان بۆرە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ ، تۈلكىنىڭ كارنىيىدىن بوغوپ ئاپتۇ-دە،
- سەن قانداق چاغدىمۇ قۇلاققا ياققۇدەك بىر خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېلەرسەن ، ئېلىپ كىلىدىغىنىڭ  دائىملا شۇم خەۋەر . شۇ تاپتا قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ تۇرسام- دەپتۇ. تۈلكە:
- مەندە نىمە ئامال بۆرە ئاكا، قورسىقىڭىزنىڭ ئاچلىقىنى بىلگەن بولسام ھىچ بولمىغاندا يېڭىدىن تۇغۇلغان قوزىچاقتىن بىرنى ئالغاچ كەلمەمتىم – دەپتۇ  دىرىلدەپ تىترىگىنىچە. تۈلكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۆرىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ توشۇپ ، جاۋغايلىرىدىن شۆلگەيلەر ئېقىشقا باشلاپتۇ-دە:
- دەرھال بېرىپ قوزىدىن بىرىنى ئېلىپ كەل-دەپ ۋاقىرىغىنىچە تۈلكىنىڭ  كاچىتىغا  بىرنى ساپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان قۇۋ تۈلكە « ماقۇل » دەپ بۆرىنىڭ  يېنىدىن چىقىپ كىتىپ ، ئۇدۇل يولۋاسنىڭ يېنىغا بېرىپ :
- يولۋاس پادىشاھىم ، بۆرە ھۆزىبىللا ئۇنىمىدى ،« مەنمۇ شۇ تاپ  ئاچ ، يولۋاس دېگەن تويمۇغۇرغا چىپار كىيىك تۇتۇپ بىرەمدىكەنمەن، ئۇ،  ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپتۇ ، بېرىپ ئېيت ، ئۇ ماڭا يېڭى تۇغۇلغان قوزىدىن بىرنى ئەككىلىپ بەرسۇن ، بولمىسا كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىمەن » دېدى دەپتۇ. تۈلكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچىقلانغان يولۋاس سەكرەپ دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈگۈرگىنىچە بۆرىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ –دە، ھىچ گەپتىن ،ھىچگەپ يوق ئۇنى  ئۇرۇپ ، دۈمبالاشقا باشلاپتۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن تۈلكە دەرھال  قوي پادىسى توپىدىن يېڭى تۇغۇلغان قوزىدىن بىرىنى تۇتۇپ ، تۇيدۇرماستىن بىر-بىرى بىلەن ئۇرىشىۋاتقان يولۋاس بىلەن بۆرىگە يېقىنلا يەردە قويۇپ قويۇپتۇ.  ئاندىن كېيىن  پادىچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ، يولۋاس بىلەن بۆرىنىڭ  بىر قوزىنى تالىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.  ئاچچىقلانغان پادىچى ئوۋ مىلتىقىنى ئېلىپ تۈلكىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپتۇ. پادىچى يوغان بىر تاشنى دالا قىلىپ ، مەزە قىلىپ قوزىنى يەۋاتقان يولۋاسنى قارغا ئاپتۇ . گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يولۋاس تىك موللاق چۇپتۇ. ئىككىنچى قېتىم گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ يولۋاس چىشلەپ ئۈزىۋەتكەن ئالدى ئوڭ  پۇتىنى  ساڭگىلاتقىنىچە دىڭگوسلاپ قېچىپ كېتىۋاتقان بۆرە يەر چىشلەپتۇ. ئىككى قانخورنى ئۇجۇقتۇرۇپ پۇخاندىن چىققاندەك بولغان پادىچى  تۈلكۈگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئەتراپىغا قاراپتۇ، ئەمما تۈلكە كۆرۈنمەپتۇ. پادىچى يېرىم يولغا كەلگەندە ئالدى تەرەپتىن بىر قوزىنى چىشلەپ كۆتۈرگىنىچە سوكۇلداپ كېلىۋاتقان تۈلكىنى كۆرۈپ قاپتۇ –دە،« ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دېگەندەك ...» دەپ  ئويلاپ  دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ، مىلتىقىنى ئوقلاپتۇ . گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تۈلكە يىقىلىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن پادىچى قويلىرىدىن ۋايىم يىمەيدىغان بولۇپتۇ؛ يايلاقتىكى قويلارمۇ خاتىرجەم ئوتلاپ ، كۈندىن –كۈنگە ئاۋۇپ ، كەڭرى كەتكەن يايلاق قوي دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
805
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 12:31:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا مەنىسى چۇڭقۇر مەسئەل كەن ،ئادەتتىكى تۇمۇشىمىزنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ،بۇمەسئەلدەئېيتىلغاندەك تۇلكە مىجەزكىشىلەر خېلەكوپ،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1487
تۆھپە
1145
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 10:26:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان مەسەلكەن.تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار بەكلا كۇپقۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 12:30, Processed in 0.072579 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991