ھـايـات ھـەقىقـەتـلىـرى
(«ھ» ھەرىپىدىن ھاسىلاتلانغان ھېسلار)
ئېلى بۇراۋىدىن (بۈركۈت)
▲ھىيلىگەرلىك، ھەييارلىق، ھارامزادىلىك ھەقىقەت ھارۋىسىنى ھالاكەتلىك ھاڭغا ھەيدەيدۇ .
▲ھاياتنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرى ـــــ ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھارماس ھەرىكىتىدىن ھاسىلاتلانغان .
▲ھۆرمەت ــــ ھايالىق ھاتەملەرگە ھەدىيەلەنگەن ھەميان .
▲ھاماقەتلىك ھەم ھۇرۇنلۇقتىكى ھايات ــــ ھالسىراۋاتقان ھېسسىز ھاياتتۇر .
▲ھەقىقىيلىقنى ــ ھەقىقىي، ھەقنى ــ ھەق ھېسابلاش ـــــــ ھەققانىيەت ھەغدالىرىغا ھەقلىق ھەقىقەت .
▲ھارام ھالاۋەت ــــ ھاياتلىق ھۈجەيرىسىدىكى ھالاكەت ھۈررىكىدۇر .
▲ھەقىقەتنىڭ ھېچنېمىدىن ھودۇقمايدىغانلىقى ـــــ ھاياتلىق ھەقىقىتىدىن ھەقىقەتلەنگەن ھۆكۈم .