تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2497|ئىنكاس: 61

ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلاندا نېمىشقا قوللىنىلمايدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 22:35:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
67_6925_84b6bd4dcb8ace8.jpg

67_6925_a43de24f86e5b6f.jpg

مۇشۇ مۇنبەرلەردە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ھېچنېمە ئەمەس يېزىقتا يازغىنىنى كۆرسەم بەكلا بىئارام بولۇمەن، بۇنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، كوچىلاردىكى، تېلېۋىزىيەلەردىكى ئېلانلىرىمىزدىمۇ شۇنداق خاتا "پىنيىن"لار بەكلا كۆپ!
ئالايلۇق: "سەردار" ماركىسىنى "Sardar" ، "چىننۇرى" ماركىسىنى "Qinnuri"، "باكىرە" ماركىسىنى "Bakira" ... دەپ يېزىش تولا كۈلكىلىكتۇر. ۋىۋىسكىلارمۇ شۇ قەدەر كۈلكىلىك: ئۈن-سىن مەركىزى دېگەن خەت "Un-sin Markizi" ... بۇنداق كۈلكىلىك يېزىقلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچرىتىش مۇمكىن. بىر كۈنى تور دۇنياسىدا "نازىمى" نامىدا بىزگە ئوزۇق بەرگەن بۇرادىرىمىزنىڭ تاجىكىستاندىن كەلگەن سودا مۇئامىلىدارى، ئۆزبېك يىگىت شاكىرجان بىلەن كابۇلجان "سەنەم" چاچ مەھسۇلاتىنىڭ "Sanam" دېگەن ماركىسىنى كۆرۈپ، "خىتايدە ئۆزبېكلەرنى جۇدە ئاز، دەپ ئىشتكەنىدىم، ئۆزبېكلەرمۇ سەنائەت ساھىبلەرىدەن ئىكەنە؟" دەپ سوراپ قالدى مەندىن. مەن كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ يېزىققا كەلگەندە قىلغان ھاماقەتلىكىنى يوشۇرۇپ بولسىمۇ "ھەئە" دەپ قويدۇم. كارخانىچىلىرىمىز  تىل-يېزىق كومىتېتىمىز ئۆلچەملەشتۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى جايىدا قوللانسا بەكمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-5 23:52  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
admin + 1 + 1
uyghun + 4 + 4

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
942
تۆھپە
843
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 23:55:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشىۋىقات يىتەرلىك ئەمەس ، 80 % ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ خىل ئىلنىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ . شۇڭا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لاتىن ھەرىپ قائىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كىېتىدۇ . ئاڭلىمىغانمۇ بىر يىزىق ئالماشسا 10 ئادەمنىڭ ئىچىدە 8 سى ساۋاتسىز بولۇپ قالىدۇ دىگەننى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل لاتىن ھەرپىنىڭ ئىشلىتىلىشى پەۋقۇلادە كۆپ بولمىغاچقا ئومۇملىشىشقا ئامالسىز .
خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 00:00:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز نامىنى «پىنيىن» بىلەن يازغان مۇنبەرداشنى تىزىپ قويغۇلۇقمۇ؟ مانا ، ھۆكۈمەت تورىنىڭ شۇ يېزىقتىكى بېتى:
http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 00:02:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەرلەرنىڭ كوت-كوتلاردا ھەررەڭ-سەررەڭ يېزىشىپ پاراڭلىشىپ كەتكىنىنى كۆرسەم كۈلگۈم مېلىدۇ!
ئىلمىي نەرسىنى ئۆگەنمەي ئادەمنى گاچا قىلىپ قويىدىغان نەدىكى بىر «پىنيىن»غا بەك ئۇستىمىز دېسە؟
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
بارسېلونا
تىللا
620
تۆھپە
431
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 00:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    QQ  ياكى يانفون ئۇچۇرىدا ئۆلچەملىك خەت يازسام ، بىرنەچچىسى : خەتنى خاتا يېزىپ قالدىڭ دەيدۇ ، ئۇلارغا خېلى چۈشەندۈرگەندەكمۇ بولدۇم ، ئەمما ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، ئەپسۇس .

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 00:42:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائىينىڭ «تىل» ھەققىدىكى پېشانەمدىكى  بايانى بەك جەۋھەر جۇمۇ بۇرادەرلەر
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 00:46:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېزىققا كۆڭۈل بۆلەيلى بۇرادەرلەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ يېزىققا كۆچۈپ قالامدۇق تېخى!
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
53
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 01:04:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر يېزىق ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلۇپ مەكتەپلىرىمىزدە مۇشۇ خىل يېزىق بىلەن دەرس ئۆتۈش ئومۇملاشتۇرۇلسا تاڭ ، بولمىسا بۇ خىل يېزىقنىڭ ئومۇملىشىشىقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ ، بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز !

Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
53
UID
270
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 01:05:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتسا  بۇ قانداق بولاركىن ئەمدى !‹

Rank: 2

ئىسمى
ئوغۇزخان
تىللا
104
تۆھپە
29
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 01:31:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئەپەندىم، بۇ بىر ياخشى ئىش ئىدى. ئەمما ئۇموملىشىشى ياخشى بولمىدى. چۈنكى ئىلگىرى بىز ئىشلەتكەن يېڭى يېزىق ئۇسلۇبىغا كونگەن بولغاچقا شۇنىڭغا ئېغىپ كەتتۇق. بۇنى تۈزىمەك مۈشكۈل. بۇ خوددى نىمىشكە يانفون دىمەي شوۋجى دەيمىز، نىمىشكە بىر ئۈچ دىمەي ياۋسەنبا دەيمىز دىگەندەكلا ئىشمىكىن.  ئەڭ مۇھىمى ھەرخىل شەكىلدە يېزىپ ئالاقە قىلساقمۇ مەخسەتنى توغرا ئۇقتۇرۇپ كىتۋاتقاچقا بۇ يىزىقنىڭ مۇھىملىقى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىدى. بۇندىن كىيىنكى كۈنلەردىمۇ بۇنىڭ ئۇموملاشمىقى ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش.

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
مېھرىم
تىللا
351
تۆھپە
292
UID
1246

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 01:36:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  خىل خەت نۇسخىسىدا  خەت ئالاقە قىلساق  ئوقۇيالايمەن چۈشۈنەلەيمەن لىكىن كۆپ  دوسلىرىم خىتىڭنى بىز ئوقۇيالمىدۇق  دەپ تۇرىۋالدىدۇ شۇڭا  مەنمۇ  پىنيىنچە خەت بىسىپ يۇرىيمەن .بۇ ھەرىپلەرنى ھەمىمىزنىڭ قوبۇل قىلىپ بولىشىمىزغا خىلى كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ . چ چ دەسلەپ چىققاندا  پىنيىنچە پاراڭلىشاتتۇق   كىيىن بۇ ھەرىپلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدۇق بەزىلىرمىز تىز قوبۇل قىلدۇق  بەزىلىرمىز  قوبۇل قىلالمىدۇق . پىنيىنچە يىزىقلار بۇرۇنلاردا   بىزنىڭ ئۇيغۇرچە يىزىق ئورنىدا ئوتتۇرا باشلانغۇچلارغا مۇنتىزىم  دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈپتىكەن  ، كىيىن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە  ئۆز يىزىقىمىزنى  قوللىنىپتىكەنمىز . ھەنىم بولسا مەنمۇ ئۆز يىزىقىمىز  بويىچە  ساۋادىمىزنى چىقىردىغان  مۇئارىپ  يولغا قويۇلغاندا ۋاقىتلاردا مەكتەپتە ئوقۇپتىكەنمەن بولمىسا   يا ئۇ يىزىقتىن يا ئۆزىمىزنىڭ يىزىقىمىزدىن  تولۇق پايدىنلالماي ئوتتۇرلۇقتا قالاركەنمەن .

Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
261
تۆھپە
145
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 02:20:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Shu tapta, abduwaqi hajim neshrge teyyarlighan, 2003-yil 10-ayda kashgher uyghur neshriyati neshir qilghan «ehliselip urushi» dégen kitabni körüwétip bir mesilige guman qilip qaldim. Kitabning 147-bétide, abduwaqi hajim 5-qétimliq ehliselip urushini teswirlep kélip, 1217-yilliridiki ehli selip qoshunlirining misirning dimyat shehirige (dam’atar) qorshap hujum qilghanda, misirliqlarning sheherni sim tosaqlar tartip qoghdighanliqini yazidu. Shu yerdin kéyin bu kitabni oqushtin toitap qaldim. Simni kim, qachan, qayerde keshp qilghan? Texminen 800 yil burun sim yasash téxnikisi bolghanmidi? Beydudin izdep körsem, simni amérikiliq joséf gélindon (bu xenzuchidin qilin’ghan terjime isim, in’glizchide néme déyilidighanliqini bilmeymen) dégen kishining 1867-yili keshp qilghanliqi heqide uchur chiqti. Kitab ademge bilim béridighan bolghachqa, mundaq qarisighila yézish aldamchiliqtin bashqa nerse emesmu ? Neshriyat qandaq neshr qilidighandu ? Nawada mushumu kitab yézish we neshr qilish bolidighan bolsa ...


            ئەرىكمەن ئەپەندىم،تېمىڭىزنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتىم.

    ئامما بۇ بۆلەكتىكى«سىم»مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ ھەققتە مەنمۇ كۆپ

    ئويلانغان.بۇ ئويلىنىشىمغا سەۋەپ بولغان نەرسە بىزنىڭ شاھانە

    چالغۇ ئەسۋابىمىز  تەمبۇرنىڭ تارىسى ئىدى. مەن بۇ ھەقتە يۇزەكى

    سۇرۇشتۇرۇپ باقتىم،( بىلىمەن بۇ ئانچە ئىلمىي ئەمەس) ئاخىرى

     كۆپنى كۆرگەن بىر ئاددى ئادەم:« تۇمۇر بارلىققا كەلەندىن باشلاپ

    بۇ ھۆنەر بىزدە بولغان. ناھايتى كىچىك تۇشۇك ئېچىلغان تومۇر

    قېلىپتىن  تاۋلانغان ئىنچىكە تۆمۇرنى ئۆتكۇزىش ئۇسىلى ئارقىىلىق

    تەمبۇرنىڭ پولات تارىنى ئېشىپ چىققان» دىگەن ئىدى. مەن

    بۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ھېلى ئورۇنلىق دەپ ئويلىغان بولساممۇ

    ئىلمىي جەھەتتە دەلىللەشكە تېخى ئۇلگۇرمىدىم.سىزگە تەۋسىيەم:

    پايدىلىنىشقا بۇلىدۇ دەپ قارىسىڭىز بىر ئاساس تېپىلىپ قالسا

    ھەجەپ ئەمەس.

                        
       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-6 02:24  

Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
287
تۆھپە
111
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 02:35:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مېنى بىر نەچچە ھاماقەت توردىشىم :‹‹ نېمىشقا ئىسمىڭنى ئېلتۇگخ دەپ ئاتايسەن؟››دەپ ئەيىبلەشسە ئازابلىق   كۈلۈپ قويىمەن. چۈشەندۈرۈپمۇ ھېرىپ قالغانىدىم. ئەركمان ئەپەندى تولىمۇ نازۇك ھەم زۆرۈر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مۇنۇ مۇنبەردە باش بولۇپ ئومۇملاشتۇرساق نېمە يامىنى بار؟ مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان جايدا جىم تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشمۇ زۆرۈر ئادەمگە. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى خېلى نوپۇزلۇق زىيالىي سانايمىزيۇ، راست ئىشقا كەلگەندە نېمىشقا جىم بولىۋالىمىز؟!!! ناھايىتى بەش-ئالتە ھەرپتە بىز ئادەتلەنگەن پىنيىن سەل پەرقلىنىدۇ. قالغىنىنى قوللىنىۋەرگىلى بولىدۇ. ئۇنى ئۆگىنىشكە يېرىم سائەت، ئادەتلىنىشكە ئىككى كۈن كېتەر ناھايىتى!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ELTUGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-6 02:38  

Rank: 4

تىللا
257
تۆھپە
156
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 03:02:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما توشاپ كىتىپتىغۇ ... ماقالە بىلەن
  ھەمىڭلارنىڭ قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . مۇساپىر بالا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1061
تۆھپە
341
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 03:50:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bizdek köp xil yëziq ishletken millet yoqmikin deymen.


ئەلبەھرە تورى
http://www.elbehre.com

Rank: 3Rank: 3

تىللا
119
تۆھپە
76
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:08:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىش قولايسىز چاغلاردا ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىىنى چوقۇم قوللىنىش كېرەك!  بۇ داۋلىنى ساۋاتسىز ، يېزىققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كالۋا كىشىلەرلا بىلمەيدۇ!!!

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:27:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
igilmes يوللىغان ۋاقتى  2011-11-6 02:20
Shu tapta, abduwaqi hajim neshrge teyyarlighan, 2003-yil 10-ayda kashgher uyghur neshriyati neshir ...

بۇ ئىزدىنىشىڭىز دۇرۇست، ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سەل گۇمان قىلىپ قالدىم، ھەزرىتى ئۇستاز فارابى تەمبۇرنى كەشپ قىلغان چاغدا ئۈچەيدە تار ياسىغان بولسا، تەمبۇردىن قانداقمۇ بۇ قەدەر زىل-بوم، يۈرەكنى تىترىتىدىغان، ۋۇجۇدنى جىغىلدىتىدىغان يېقىملىق - مۇڭ كۈيلەر چىقسۇن؟ . تەمبۇر تارلىرىنىڭ سىملىقىنى قانداقمۇ ئويلىمىغاندىمەن؟ بۇ يەردە غەربلىكلەرنىڭ «ياۋروپا سېنترالىزمى» ئىزىغا دەسسىگىنىمدىن خىجىل بولۇپ كەتتىم. مەشرق دۇنياسىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىش زۆرۈركەن!
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 10:46:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى مۇنبەرداشلار تولا ھاماقەتلەرچە پىكىر قىلىدىكەن، نېمە دەيدۇ، دېمەمسىزلەر؟ «ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ناسارالارنىڭ يېزىقىنى ئىشلىتەمدۇق؟ كونا يېزىقىمىزدىن ۋاز كەچسەك تارىختىكى يازما يادىكارلىقلىرىمىز يوقىلىپ كەتمەمدۇ؟» دېيىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى كۈندە ئىشلىتىۋاتقان «كونا» يېزىقىمىزدا قانچە تارىخ يادىكارلىقىمىز، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز، يازما مەنبەيىمىز باركىنە؟ يۈز يىلغا يەتمەيدۇ، ناۋادا ھەقىقەتەن كونا يېزىقىمىزنى قوللىنىش ۋە يازما يادىكارلىقلىرىمىزنى ئۇنۇتماسلىق زۆرۈر بولسا، چوقۇم ھەرپى ئاز «خەتتى بابۇرىي» ياكى «چاغاتاي يېزىقى» دەپ ئاتالغان كونا يېزىقنى قوللانساق بولىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى. تۈركلەر لاتىنچىغا كۆچتى-يۇ، ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۆزبېكلەر رۇس ئېلىپبەسى يېزىقىغا كۆچتى-يۇ، ئۇنتۇپ قالمىدى.
نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
261
تۆھپە
145
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 12:17:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بىزگە نا تۇنۇش ئەمەس پەقەت

  ئازراقلا پەرىق قىللساقلا بۇلىدۇ.ھەر ئىككى يىزىقنى قوللانسا تامامەن

  بۇلىدۇ.گەپ بىزدىكى سەۋىرسىزلىكتە.ئاسانغا يۇگۇرۇش ئۇنۇمگە سەل

  قاراشتىن ئىبارەت. بىراق مەن ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يىزىقىنى ئىشلىتەي

  دىسەم خەت تاختىسىدىن ئۇرۇلغان خەت يا خەنزۇ پڭيىنى يا ئۇيغۇر

كونا يىزىقى چىقىۋالدى. بۇ نىمە ئۇچۇن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-6 18:36  

Rank: 3Rank: 3

تىللا
119
تۆھپە
76
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 13:52:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخنىكىڭىز كەمكەن، تىرىشسىڭىز ھەل قىلالايسىز قېرىندىشىمigilmes ...
مەنمۇ شۇ ئويدا، ھەر ئىككى يىزىقنى قوللانساق تامامەن  بولىدۇ!!  لېكىن ئەرەب يېزىقى ئاساس بولۇشى شەرت!!!

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:32, Processed in 0.074257 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش