تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 10

ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى بىزدىن قانچىلىك يىراق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسمى
ئوغۇزخان
تىللا
104
تۆھپە
29
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 18:44:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   
ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى بىزدىن قانچىلىك يىراق



ئوغۇزخان



1.ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى ھەققىدە چۈشەنچە
ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى يىڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ ئۆزگىچە مىۋىسى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش، تەتقىق قىلىش، چۈشۈنۈش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى، تۇرمۇشقا كۆرسىتۋاتقان تەسىرىنى ھەم كەلگۈسىدىكى جاھان تەرەققىياتنى ئەدەبىياتقا خاس سەنئەتلىك ماھارەت بىلەن ۋەقەلىككە ئايلاندۇرۇپ تەبىئەت قانونىيىتىگە ئۇيغۇن لوگىكىلىق تەسەۋۋۇر، تەپەككۈردىن پايدىلىنىپ ئىلمىي تەرىزدە شەرھىيلەپ چىقىلغان بەدىئى سەنئەت ئەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يىزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ھىكايە-رۇمانغا ئوخشاپ كىتىشى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىساپلانسا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈرلۈك بىشارەتلىك يەكۈن، ئىلمىي تەسەۋۇر، ئالدىنى كۆرەرلىك ۋە قىياسلار تەبىئەت ئىلىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا چەك-چىگرىسىنى پەرىقلەندۈرۈش مۈشكۈل ئەدەبىيات شەكىلىدۇر. بۇنىڭدىن، ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسى ئىقىمدىكى ئەدەبى يېزىقچىلىق بىلەن نىگىزدىن ئوخشىمايدىغان ئىجادىيەت شەكىلى ئىكەنلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ جىنى «ئىلمىي قانونىيەتكە ھۆرمەت قىلىش»تىن ئىبارەت. ئۇ ئىلمىيەتكە ھۆرمەت قىلىش شەكلى بىلەن كىچىكىمىزدىن ئاڭلاپ، قۇلۇقىمىزغا ياد بولۇپ كەتكەن چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەت، مەسەل، تىلسىماتلىق ھىكايە قاتارلىقلار بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرۋاتقان تېخنىكا تەركىپلىرىنىڭ سەنئەتلىك تۈس بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئىلمىي فانتازىيە ئادەمنىڭ ئەمەلگە ئاشماس خام خىياللىرىنى بىيىتماستىن بەلكى جەمىيەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە نۆۋەتتە ساقلىنۋاتقان، كۆرۈلۋاتقان ھەم تېخى ئوتتۇرىغا قۇيۇلمىغان، ھەتتاكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۈشكۈل مەسلىلەرنىڭ ھەل بۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزىرىيە جەھەتتىن ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەپ، پىكىر قىلغۇچىنىڭ ئىلمىي تەپەككۈرىنى قوزغىتىدۇ، بىيىتىدۇ، سەمىگە سالىدۇ.

بىزگە ئايانكى، ئىنسانلارنىڭ مىڭىسىدە رىئال تۇرمۇشتىن ئۆزگە يەنى تۈرلۈك غايىۋى خىياللار مەۋجۈت. بۇ خىياللار ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى تېنچلاندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايدۇ، رىئاللىقتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلايدۇ. رىئال دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ياكى ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك ئىشلارنى سەنئەتكە خاس ماھارەت بىلەن «ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئىلمىي فانتازىيەنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى. بۇ خىل «ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش» ئادەملەرنىڭ بەدەن چەكلىمىسى، كۈچ چەكلىمىسى، ئەقىل-پاراسەت چەكلىمىسى ھەم ئەتراپتىكى مۇھىت چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقىشنى ئارزۇلايدىغان مەنىۋى ئىستەكلىرىنى تولدۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۇموملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

نۇرغۇن كىشى پەننى ئۇموملاشتۇرۇشنى ئامىباپ تىل بىلەن لىكسىيە سۆزلەش، رەسىم، ئاۋاز-سۈرەتلىك فىلىم، پەن-تېخنىكا سارىيى، مۇزىي دىگەندەك ۋاستىلەر ئارقىلىق بىلىم-ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تارقىتىش، ساۋات خاراكتىردىكى بىلىملەرنى ئامىباپلاشتۇرۇش ھەم بىر بۈلۈك ئىلغار تېخنىكىنى كىڭەيتىش، دەپ چۈشىنىدۇ. مىسالەن، ئاينى تەكشۈرۈش سۈنئى ھەمراسى قۇيۇپ بېرىلگەن مەزگىللەردە ئاي ھەم سۈنئى ھەمراھ توغۇرلۇق نۇرغۇن ساۋاتلار تور، تېلۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاپلاپ كىتىدۇ. يەر تەۋرەش، دېڭىز كەلكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەر بولغاندا يەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ھەممە گىزىت يۈزىنى دىگۈدەك قاپلاپ كىتىدۇ. لېكىن، ئىلىم-پەن پائالىيەتلىرى بۇ خىل شەكىللەر بىلەنلا چەكلەنسە بولمايدۇ. پەن ئۇموملاشتۇرۇشتا ئادەتتىكى ساۋاتلارنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە ئىلمىي ئىدىيە، ئىلىمىي قاراش ھەم ئىلمىي روھنى زور كۈچ بىلەن ئۇموملاشتۇرۇش زۆرۈر. مانا بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش دەل ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىر بۇرۇچى. ئىلمىي فانتازىيە تارىخى ھەم مۇنەۋۋەر ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ئىلمىي فانتازىيە نۇقۇل پەننى ئۇموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى بولماي، بەلكى ئىلمىي مەدەنىيەت خۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان چوڭقۇر قاراتمىلىققا ئىگە ئەسەردىن ئىبارەت. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىلمىي فانتازىيە چوڭ مىڭىنىڭ ئىجادىي تەپەككۈر قابىليىتى ھەم ئىلمىي تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدىغان ياردەملەرنى بېرىدۇ. كىشىلەر كۈنبۇيى پەننى ئۇموملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىتاپ ژۇرناللارنى كۆرسە زېرىكىپ بىزارلىق ھىس قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بىلىملەر ئادەملەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا يىقىن ئەدەبىي تىلدىن پايدىلىنىپ، قىزىقارلىق، جىددىي ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەندە ئۇقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرۇپلا قالماي پەن ئۇموملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلىمۇ بولىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە مانا مۇشۇنداق ئىلىم-پەن بىلەن ئەدەبىي سەنئەتنىڭ بىرلىشىشدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە سەنئەتتىن ئىبارەت. كۈنسىرى چوڭقۇرلىشۋاتقان ئىلمىي ئاساسلار بۇ بەدئىي سەنئەت ئەسىرىگە ئىلىم-پەننىڭ كىلەچىكىنى تىرەن كۆزۈتۈش، باھالاش، قىياس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەدەبىي دىت ئۇنىڭغا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل تەسۋىر ۋە ئارامبەخش ئاتا قىلىدىغان خۇرۇچلارنى قوشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەر كۆپلىگەن كىشى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان سەنئەت مىۋىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ كىشلىك تۇرمۇشنىڭ پەن-تېخنىكىغا بىقىپ ئۆزگىرۋاتقان ھالىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئىلىم-پەن قەدىمىگە يىقىندىن ئەگىشىپ ئىلگىرلەيدىغان «ئىلمىي خىيال» بەرپا قىلىدىغان، «ئالجىشلارچە سۆزلەيدىغان» يېزىقچىلىق شەكلىدۇر. ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر يازغۇچى، جوڭگو ئىلمىي فانتازىيە بوۋىسى جىڭ ۋېنگۇاڭ شۇنداق دەيدۇ: «ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى دىگەنلىك ئىلمىي ئۇسولدا ئىجادىيەت يارىتىش دىگەنلىكتۇر»[①]. ناۋادا بىز بۇ خىل ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلالىساق كىيىنكى ئەۋلاتلار ھەم جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان بولىمىز. ئىلمىي روھ ئىنسانىيەتنى تەبىئەت ئۈستىدە ئۆزلىكسىز ئىزدىنىدىغان، داۋاملىق ئالغا باسىدىغان قىلىدۇ.

ئىلمىي فانتازىيىدە كۆپلىگەن ھازىرقى زامان سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۈت. سانائەتنىڭ گۈللۈنىش جەريانىدا ئىلمىي فانتازىيە ھەر ۋاقت ئالدىدا مىڭىپ، يىڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى ئۆزلىكسىز غەيرى، يىڭىچە قوزغاتقۇچلۇق تەپەككۈر ئىلھاملىرى بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇردى. بولۇپمۇ ئىنژىنىرلار، تېخنىكلار، ھەتتا بىر قىسىم ئالىملار ئىلمىي فانتازىيەدە تەسۋىرلەنگەن بىشارەتلەردىن ئۆز تەتقىقاتىغا كېرەكلىك پايدىلىق ئامىللارنى ھىس قىلىشىپ ياكى كەسپىگە تەققاسلاپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. ھەل قىلىش قىيىن مەسلىلەرنى ئىلمىي فانتازىيە ئوقۇش ئارقىلىق سىلىشتۇرۇش، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىش، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە غەلىتە خىياللارغا بېرىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن يىڭىچە يول تاپتى. مىسالەن، ئامىرىكىلىق ئاكا-ئۇكا رايىتلار غەلىتە خام خىيال قىلىش ئارقىلىق ئايرۇپىلاننى بارلىققا كەلتۈردى، ئىتالىيىلىك رەسسام داۋىنچى غەيرى خام خىيالى بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى ۋىلسىپىتنى لايھىلەپ چىقتى. ئىلمىي ئاساسقا ئىگە خام خىياللار نى-نى ياش-ئۈسمۈرلەرنىڭ بىخ ھالىتىدە تۇرۋاتقان، «نىمە ئۈچۈن»نىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە تەشنا قەلبلىرىنى يىڭىلىق تەسەۋۇرلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ، تاۋلاپ ھەتتاكى قۇرام تاشلار ئارسىدىنمۇ چاك-چاك يېرىپ باش كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان، يوقىرى ئۆرلىيەلەيدىغان بىخلارغا ئايلاندۇردى، قەلبىدە ئىلىم-پەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پارلاتتى. «غەلىتە خىيال» كەپتىرى دائىرىلىك پەرۋاز قىلىدىغان قاشا-توساقتىن ھالقىپ چىقىپ يىراقلارغا  ئۇزۇق ئىزدەپ پەرۋاز قىلدى.  مانا بۇ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە «بىمەنە خىيال» ـــــ ئىلمىي فانتازىيەدىن ئىبارەت. مەلۇم بىر مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى «ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە رىئاللىقتىن چەتنىگەن ئارزۇ-ئارمان ئىلمىي فانتازىيىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ئامىللاردىن ئىبارەت» دەيدۇ.

ئىلمىي فانتازىيىنىڭ نىگىزى ئىلمىي بولۇشتۇر. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى توختىماي يېڭىچە ئىلمىي، ئىجادىي خىياللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نامايەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۇر كۈچىنىڭ توختىماي يىڭىلىنىشىغا سەۋەپ بولۇشتىن ئىبارەت. شۇ نۇقتىدىن ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتىدە ئىلىمىي قانونىيەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرقانداق خىيالنى يۈرەكلىك قىلساق بولىۋېرىدۇ. ئامىرىكىلىق مەشھۇر فانتازىيە يازغۇچىسى ئەيساك ئاشىموف كەڭ كۈلەملىك توپلاشقان توك يول تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئىلمىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ قان تۇمۇرلىرىدا ئەركىن ساياھەت قىلىپ يۈرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو تىپلىق سۈنئى ھاياتلىقنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ناۋادا، كەڭ كۈلەملىك توپلاشقان توك يول تېخنىكىسى بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك كىچىكلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆزئارا باغلاپ تەسەۋۇر قىلىنمىغاندا ئۇنىڭ ئەسىرى ئەقىلگە سىغمايدىغان مەسخىرىلىك ھىكايە بولۇپ قالاتتى. ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىدا باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ مۇرەككەپ پوتتىرىتى، ئىچكى ھىسىياتى، مەنزىرە قاتارلىق جەريانلارنى تەسۋىرلەش ئانچە زۆرۆر ئەمەس، ھىچ بولمىغاندا ئەڭ مۇھىم ئەمەس. ژىيول ۋېرىننىڭ «سىرلىق ئارال» ناملىق رۇمانى تىلىنىڭ ئاددىلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. مەزكور رۇماندىكى كۆپلىگەن تەسۋىرلەرنى ئەدەبىي تەسۋىر دىگەندىن كۆرە پەننى ساۋات ئۇقۇملىرى دىيىش توغراراق. مۇشۇنداق ئاددى تىلدا يىزىلغان ئەسەرلەرمۇ ئوخشاشلا دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ، ئۇشبۇ ئەسەرلەردىكى مەركىزىي ئىدىيەنىڭ ئىلىمگە تەشنا بۇلۋاتقان، ئۆز ئەقىل-پاراسەت كۈچىدىن ھالقىپ چىقىشنى ئىزدەپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەشنالىقنى رەسمىي يۇسۇندا(پور-كاۋاك ئەمەس) قاندۇرغانلىقىدىن بولغان.



2. ئىلمىي فانتازىيىنىڭ رولى



ئىلمىي فانتازىيە چەكسىز كۈچەيتىش قۇۋۋىتىگە ئىگە تىكلىسكوپى ئارقىلىق گەلگۈسىنى كۆزىتىدۇ، ئاخىرىدا لوگىكىلىق مەنتىقىگە ئۇيغۇن تەسەۋۇرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئىلىم-پەننىڭ كىلەچىكىنى سۈرەتلەيدۇ. ۋاقت چاقىنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىشى كۆپلىگەن ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە رىئاللىققا ئايلىنۋاتقانلىقىنى شەرتسىز ئىسپاتلاپ بەردى. كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك ئالىملارنىڭ ئىجادىي تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى قوزغاتقان ياكى ياردەم بەرگەن. بۇ قىياسلارنىڭ كىيىنكى چاغلاردا ئەمىليەتتىن ئۆتىشى ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەشكەن بۈيۈك تەسەۋۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

ئىلمىي فانتازىيە ئىلىم-پەن بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. ئۇ ئىلمىي ئۇقۇملارنىڭ مول بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئۇ پەن ئۇموملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى بولسا يەنە بىر نۇقتىدىن تەسەۋۇرنى بىيىتىش ئارقىلىق كەشپىياتلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئارتور كىلارك ئۆزىنىڭ «يەر سىرتىدىكى تۇتاشتۇرغۇچى» ناملىق ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسىرىدە يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇقتا ماس قەدەملىك سۈنئى ھەمراھ[②] ئارقىلىق ئالاقە سىگناللىرىنى يەتكۈزۈش تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئومومى خەلق ئېتراپ قىلغان تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىمىي بىشارەت بولۇپ قالىدۇ. كىيىنچە كىشىلەر ماس قەدەملىك سۈنئى ھەمراھنىڭ ئوربىتىسىغا «كىلارك ئوربىتىسى» دەپ نام بەردى.  

سىز خەت بېسىش ماشنىسى بىلەن رەسىم، ھۆججەت قاتارلىقلارنى قەغەز يۈزىگە بىسىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمدى يىقىندا دۇنياغا كەلگەن ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش ماشنىسىنىڭ كارامىتىغا قاراڭ. بۇ ماشىنا ئارقىلىق قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى بېسىپ(كۆپەيتىپ) چىقارغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، سىزگە بىر دانە ئىستاكان ياكى بىر تال قەلەم لازىم بولسا قىينالمايلا «بىسىپ» چىقىرالايسىز. قىسقىسى سىز ئېھتىياجلىق نەرسىنى لايھىلىۋالغاندىن كىيىن باسسىڭىزلا بولىدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن بۇ ئاپارات بىلەن پۈتۈن بىر بىنانىمۇ بىسىپ چىقارغىلى بولىدىكەن. ئەمدى ماشىنا زاپچاسلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتۋىلىشىڭىز ھاجەتسىز، كېرەك بولغاندا «باسسىڭىزلا» بولىدۇ. بۇ ئاپاراتنىڭ دۇنياغا كىلىشى «پىلانتلار ئارىسىدا ئادىشىپ قىلىش» ناملىق ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىمدىكى كۆپەيتىش ماشنىسىنىڭ رىئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «غەيرىلەر ئىمپىريىسى» ناملىق فىلىمدىكى ئۇچار ماشىنا يادىڭىزدا بارمۇ؟ مانا، يىقىندا ئامىرىكىنىڭ بىر شىركىتى ئۇچالايدىغان ماشنىنى بازارغا سالدى. «پولات پالۋان» ناملىق كىنودىكى ئۇنۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە تۆمۈر كىيىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىمۇ ياسىلىپ پۈتتى.

ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرى باشقىلار چۈشۈنۈپ قوبۇل قىلالايدىغان، پۇتۇنلەي ئويدۇرما بولغان ناتۇنۇش دۇنيانى يارىتىشنى ئويلايدۇ. ئۇ ئوقۇرمەنلەرنى تەسۋىرلىگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىشنى ئەمەس بەلكى مۇئەللىپ بىلەن بىرلىكتە ناتۇنۇش يىڭى دۇنيانى پەرەز قىلىش ھەم يارىتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىلمىي فانتازىيە ئۇقۇرمەنلىرى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس بىر خىل ئستەككە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئىلمىي لوگىكىلىق تەسەۋۇرغا ئۇيغۇن بىر دۇنيا يارىتىشنى ئويلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن مۇئەللىپ بىلەن ئۇقۇرمەن ئوخشاش بىر توپقا تەۋە بولغان بولىدۇ. مانا بۇ ئىلمىي فانتازىيىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىجتىمائى قىممىتى. تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانلار ئالەم تېخنىكىسى، ئىرسىيەت ئىلىمى، ماشىنا ئادەم، نانومېتىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىچىكلەشتۈرۈش، دېڭىز-ئوكيان ئېچىش، يەر شارى مۇھىتىنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەردە ئالدىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىر قىسىملىرىدا جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ بۇندىن كىيىن پەيدا قىلىدىغان ئەكىس تەسىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇش بېرىلىپ ئالدىن قەيت قىلىنغان. مىسالەن، «ئۆگۈنلۈككە» ناملىق ئىلمىي فانتازىيىلىك كىنودا مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بولغىشى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان بىر مەيدان تەبئى ئاپەتلەر، مۇز دەۋرى ئوبرازلىق تەسۋىرلىنىپ، ئىنسانلارغا ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئاسراش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىشارەت بېرىدۇ. ھازىرقى ياشاش مۇھىتىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتساقمۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تۈرلۈك ئاپەتلەر كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلىدى. چىلى ھەم ھايتىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش،  ئىسلاندىيە يانار تېغىنىڭ پارتىلىشى، قارا يامغۇر، ئۇلۇغ كەلكۈن، كەم كۆرۈلىدىغان قار ئاپىتى، كۈچلۈك بوران، قارا قۇيۇن قاتارلىقلارنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى ھەرگىز سەۋەپسىز بولغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىقى بار. پارنىك ئىفىكتىنىڭ كۈنسىرى كۈچۈيىشى يەر شارى تىمپىراتورىسىنى ئۆرلىتىپ دېڭىز-ئوكيان سۇيىنىڭ پارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يامغۇر ئاپىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇزۇن يىل ئۇيقىدا ياتقان يانار تاغنىڭ بىشىدىكى قار-مۇزنى ئېرىتىپ يانار تاغ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قار-مۇزنىڭ ئېرىپ كىتىشى سەۋەپلىك بىر قىسىم جايلارنىڭ يەر پوستى ھەركىتىگە تەسىر قىلمايدۇ، يەر تەۋرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش ئاپەت خاتاكتىرلىق ۋەقەلەر ئىلىم-پەن جەمىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئاللىبۇرۇن قوزغىغاندىن ئۆزگە، يەنە ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بىز بۇلاردىن «ئۆگۈنلۈككە» ناملىق كىنودىكى ئاپەتلەر مۇددەتتىن بۇرۇن يىتىپ كەلدىمۇ-قانداق؟ دىگەن دەرگۇمانغا كىلىمىز. دەل مۇشۇنداق مۇھىت توغرىسىدىكى بىر قىسىم بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىنىشى خەلقئارا جەمىيەتتىن يەر شارىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئائىلىسىنى قوغداشقا بىردەك كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. مانا بۇلار ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرنىڭ جەمىيەتكە كۆرسەتكەن زور ئىجتىمائى تەسىرى. بۇ خىل تەسىر ئالىملار ئارقىلىق سىياسىيونلار، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر قاتلىمىغا زەرەتلىنىپ بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتماقتا. ئۇنىڭدىن سىرت ئىنسانلار يەر شارىدىن سىرتقى ھاياتلىق مەنبەلىرىنى ئىزدەپ يېڭىچە ماكان تاپماقچى بولۋاتىدۇ. بۇلارمۇ ئىلمىي فانتازىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ قەدەممۇ-قەدەم رىئاللىققا ئايلانماقتا. چۈشۈنۈش تەس ئەمەسكى، ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى ئىنسانلار پەن-تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىنى دادىللىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ئىلمىي فانتازىيىدىكى ئىلمىيلىك دانالىققا باشلاش جۈملىسىدىندۇر.

چەتئەللەردە كۆپلىگەن ئالىم ئىلمىي فانتازىيە ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. جوڭگو قۇرلۇش ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سەنشا قۇرلۇشىنىڭ باش تېخنىك مەسئولى، ئاكادىمىك پەن جىئاجېڭ ئەپەندىمۇ ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى بولۇپ، 700 مىڭ خەتلىك بىر  نەچچە پارچە ئىلمىي فانتازىيىلىك رۇمان ئېلان قىلغان.  پەن جىئاجېڭ ئەپەندى ئىلگىرى «ئىلىم-پەنگە بىمەنە خىيال لازىم ئەمەس دىيىشكە بولمايدۇ، ھەقىقى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى يۈرەكلىك بىلەن بىمەنە خىيال قىلىشقا ئېھتىياجلىق، مانا مۇشۇنداق توختىماي خىيال قىلغاندىلا ئۈزۈلمەس مۇمكىنچىلىك ئالىملارنى بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ بار - يوقلىقىنى ئىسپاتلاشقا دەۋەت قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ھىمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىلىم-پەن مىۋىلىرى بولىدۇ» دىگەن.

نۆۋەتتە خەلقئارادا ئاساسى ئەدەبىيات ئېقىمىدىكى كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتىگە تۇتۇش قىلۋاتقانلىقى بۇ ساھەنىڭ داۋاملىق كىڭىيىدىغانلىقىدىن، تېخىمۇ ئېتبارغا ئىلىندىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنەۋۋەر ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالىملار ياكى پۇختا ئىلىم ئاساسى بار كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. مىسالەن،«مارىستىكى ھايات» ناملىق رۇماننىڭ ئاپتورى ئامىرىكا ئايغا چىقىش پىلانىنىڭ ئاساسى لايھىلىگۈچىسىدىن بىرى بولغان ۋىليام ۋون برائون، «فىزىكىلىق دۇنيادىكى غەلىتە ساياھەت» ناملىق رۇماننىڭ ئاپتورى روسيىلىك فىزىكا ئالىمى ھەم ئاستىرنوم جورجى گاموۋ قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىك تەسەۋۇرى ئىلمىي مۇمكىنچىلىك ئاساسىدا تىكلىنىدۇ، شۇڭا كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ چوڭ. ياخشى ئىلمىي فانتازىيە ئەسىرى ئالىملارغا ئىلھام بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئويغىتىدۇ. ئامىرىكىلىق يازغۇچى سىمىت 1940-يىللاردا ئېلان قىلغان «كۈلرەڭ فوتوگىراف» ناملىق رۇمانىدا ئىككى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ سوقۇلىشىدىن رىئاكتىپ مەنبە ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. ئىلىم-پەن ساھەسى بۇ خىل ھادىسىنى ئەسەر ئېلان قىلىنىپ 15 يىلدىن كىيىن بايقىغان. 1964-يىلى ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى ئارتور كىلاركنىڭ « يەلكەنلىك قۇياش كېمىسى» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئامىرىكا ئالەم بوشلۇق باش مەھكىسمى(NASA) بۇ رۇماندىكى «قۇياش شامىلى» توغرۇلۇق دەرھال قول تۇتۇپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەسەۋۇر ئالەمدە قوللۇنۇش مۇمكىنچىلىكىنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمىلىي ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرمەكتە. (مۇشۇنداق ئەسەرلەر ئارقىلىق پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈچمەس تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمۈرلۈك مۇۋاپپىقىيەت دىيىشكە بولىدۇ). 1984-يىلى جېپسون «نېرۋا تالاسىدا سەيلە قىلغۇچى» دىگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى تور دۇنياسىنىڭ راۋاجى بۇ كىتاپتا تەسۋىرلەنگەن مەزمون بىلەن ئاساسەن بىردەك بولغان. ئامىرىكىلىق مەشھۇر فانتازىيە يازغۇچىسى ئىساك ئاشىموف ئۆزىنىڭ «ئىككى يۈز ياشلىق ئۈمۈر چولپىنى» ناملىق ئەسىرىدە «ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈچ نىزامى»[③]نى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئىلىم ساھەسىنىڭ، ئەقىلى-ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم سانائىتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇل سىلىپ بەردى.

ئىلمىي فانتازىيەنىڭ ئىككى يۈز يىلغا يىقىن تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان مەزمونلارنىڭ يىڭى، غەلىتە بولىشى ئۇنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى. فرانسىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىسى، «ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر پىشىۋاسى» دەپ نام ئالغان ژىيول ۋېرىننىڭ بۇندىن 130 يىل ئاۋال يىزىلغان «ئايغا سەپەر» ناملىق رۇمانىدا ئايغا بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان «قاپ يۈرەكلەرچە» ئۇرۇنۇش تەسۋىرلىنىدۇ. كىشىلەر ئاي شارىغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن غايەت زور زەمبىرەك ياسايدۇ ھەم زەمبىرەك ئوقىغا چۈشۈپ ئاي شارىغا سەپەرگە چىقىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن قائىدىلىرى گەرچە بۇ رۇمان ۋەقەلىكىدە سۆزلەنگەن ئۇسولدىن پايدىلىنىپ ئايغا بېرىشنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلسىمۇ ئەمما شۇ ۋاقنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئايغا بېرىشتىن ئىبارەت بۈيۈك تەسەۋۇر شۈبھىسىزكى ئالقىشلىنىشقا مۇناسىپ. ژىيول ۋېرىن كىشىلەرگە ئايغا بېرىش توغرىسىدا رەسمى يۇسۇندا ئىلھام بەرگەندىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى مەزكور رۇمان بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىقى بولسۇن-بولمىسۇن تاكى بۈگۈنگىچە توختاپ قالغىنى يوق. 1969-يىلى ئىنسانىيەت ئاي شارىغا ئاياق ئىزىنى قالدۇردى، ئاي شارىغا بېرىش رىئالىققا ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ ئاي شارىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ژىيول ۋېرىننىڭ شۇ ۋاقتىكى ئاستىرنومىيە، جۇغراپىيە ۋە ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بىلەن تەسۋىرلىگىنىدىن جىق پەرق قىلمىدى. شۇنداقلا ژىيول ۋېرىن رۇماندا ئايغا ئۇچۇش ئۈچۈن ئامىرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتى تامپا شەھىرىنى تاللىغان بولسا بۈگۈنكى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئورنى بولغان كىننىدى ئالەم قاتنىشى بازىسى دەل مۇشۇ فىلورىدا شىتاتىغا جايلاشتى. ئىنىقكى، ژىيول ۋېرىن كىشىلەرگە يىقىشلىق تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشى بولۇپلا قالماي يەنە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالدىن كۆرەرمەن، پىشىپ يىتىلگەن ئىلىم-پەن خادىمىدىن ئىبارەت.




3. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىلمىي فانتازىيە



ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى كىچىكىدىن باشلاپ چۆچەكچى مۇمايلارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانلىرىنى بىكىتىدۇ ياكى ئىلھام ئالىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىز ئاساسەن چۆچەك ۋە رىۋايەتلەردە كۆپەرەك ئەكىس ئەتكەن. مىسالەن، بىر قۇلىقىنى تولغىسا ئۇچىدىغان، يەنە بىر قۇلىقىنى تولغىسا پەسلەيدىغان ياغاچ ئات، ئۈستىگە چىقسىلا لەپىلدەپ پەرۋاز قىلىدىغان ئۇچار گىلەم، ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشەك، ئېچىل داستىخان، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا خالىغان نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىغان جاھاننامە ئەينىكى، يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن ئىلىشىدىغان چىن تۆمۈر باتۇر قاتارلىقلار. بۇلارنى نۆۋەتتىكى ئىلمىي فانتازىيە بىلەن سىلىشتۇرغاندا گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار سىڭگەن، ئىسمى جىسمىغا لايىق خام خىيال دىيىشكىلا بولىدۇ. بۇ خىل غايىۋى تەسەۋۇرلاردا ئىلمىي روھ تولىمۇ كەمچىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز رايى ۋە ئىنتىلىشلىرىنى تەبىئەتتىن ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ شەكىلىدە تەسۋىرلەپ چىققان ئاددى ئوي-خىياللىرىدىن ئىبارەت. بىز داۋاملىق مۇشۇ خىل ئۇسولدىن پايدىلىنىپ يىتىلۋاتقان ئەۋلاتلارغا باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، دانالىق تەربىيىسى ئىلىپ بارساق ئۇلارنىڭ بىخ ھالىتىدە تۇرۋاتقان تەسەۋۇرلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسۈتۈپ قۇيىشىمىز تەبئى. ئالايلى، بالىلار «چىن تۆمۈر باتۇر»نىڭ چۆچىكىدىن ئۆزلىرىنى چوڭ بولغاندا ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان، يىرتقۇچ-يالماۋۇزلارنىڭ بىشىنى ئۈزىدىغان باتۇر، چەبدەس، چاققان، كۈچتۈڭگۈر بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىنلا ئورناۋاتقان مۇنداق ئارزۇ-ئارمانلار ئۆز نۆۋىتىدە «بىلىكى چوڭ بىرنى يىڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى» دىگەن ھىكىمەتنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، قارا كۈچ، قاراملىق، قىزىققانلىق ھەم زوراۋانلىق بىلەن ھەركەت قىلىدىغان، ئەقىل ئىشلىتىشكە سەل قارايدىغان، ئۈگەنمەيدىغان كەيپىياتنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئىنىق. ئەمىليەتتە ئۇلار چوڭ بولغاندا ھىمايە قىلىدىغان ئادالەت بىر يالماۋۇزنىڭ ئىشى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ ھەم بۇنداق چاققانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا تىگىشلىك قورقۇنۇچلۇق يالماۋۇز، دۈشمەن مەۋجۈت بولمىغان بولىدۇ. ئۈسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىنلا چۆچەك ھەم ئەپسانىدىن ئۈلگە ئالغان ئاساسسىز غايىۋى خىياللارغا، ئاجايىباتلارغا ئەمەك بولۇشۇپ، «ئىمتىھان قەغىزىنى قۇرۇق بەرسەممۇ يۈز نۇمۇر ئالسام»، «ئۇخلاپ قۇپسام تاپشۇرۇقلۇرۇم ئىشلىنىپ بولغان بولسا»، «كۈچتۈڭگۈر بوپ كەتسەم، مېنى بوزەك قىلغانلارنىڭ ئەدىپىنى بەرسەم» دىگەنگە ئوخشاش «خام خىياللىرى» ئاخىرىدا ئىلمىي تەسەۋۋۇرى ۋە قىزىقىشىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، بەئەينى قۇمغا خەت يازغاندەك كىلەچەكتىكى ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. مانا بۇ كەڭ يېزا-قىشلاقلىرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن قىش كېچىلىرى پەرزەنتلىرىگە ھىلىھەم سۆزلەپ بېرىدىغان «فانتازىيلىك» ھىكايىلىرى.

مەيلى ئېنگىلىزلار، فىرانسوزلار ياكى نىمىسلار بولسۇن كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ چۆچەك تۈسىنى ئالغان ئاجايىبات ھىكايىلىرى بار، سەبىي چاغلىرىدا بۇ خىلدىكى چۆچەكلەر ئارقىلىق بالىلىق تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرىدۇ. لىكىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا چۆچەكتىن ئۆزگە يەنە «زامانىۋى چۆچەك» بولغان ئىلمىي فانتازىيە كەم ئەمەس. بۇ «زامانىۋى چۆچەك»لەر ئۆسمۈرلەرنىڭ غايىۋى خىياللار قاينىمىغا كىرىپ كىتۋاتقان چۆچەكسىمان ئۇقۇمىنى ھەرۋاقت تۈزۈتۈپ، توغرۇلاپ تۇرىدۇ. تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ مائارىپىدا ئىلمىي فانتازىيە دەرىسلىكى ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ئۇقۇشلۇقى كىرگۈزۈلۈپ ئۈسمۈرلەرنى سەنئەتلىك ۋاستە ئارقىلىق ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، چۈشۈنۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىلىم بىلەن سەنئەتنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئوبرازلىق، لوگىكىلىق تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ ئورتاق يىتىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىمۇ ئىلگىركى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۇسولىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولماقتا. ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولماقتا. جۈملىدىن رايونىمىزدىمۇ بۇ خىل يۈزلىنىش كىچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ يەنىلا كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەمما، بىر قارارغا كىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرۋاتقان كىشىلەر، مائارىپچىلار، ژۇرنالىستلار، باش مۇھەررىرلەر، نەشرىياتچىلار، كىتاپپۇرۇشلار، ئوقۇرمەنلەر زادى قانچىلىكتۇ؟ «بىز خىياللار ئىلكىدە قاپتىمىز، باشقىلار ئۆز خىياللىرىنى ئايرۇپىلان، تېلۋىزۇر، پاراخوت دىگەندەك ئەمىلىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇپتۇ» دەيدۇ ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر مەلۇم بىر مۇيسىپىت. راست، بۇ كىشى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئىدىيولوگىيە ساھاسىدە نەچچە ئون يىل تەر تۈكۈپ ئاخىرى بۇ قىممەتلىك يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى. يىلىغا توپ-توپ رىۋايەتلەرنى، نەچچە ئون پارچە چۆچەكلەرنى چىقىرۋاتقان نەشرىياتچىلار بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ «ئالتۇن قازىدىغان تېغى» بىلىشىپ كۆز ئالدىدىكى ئىقتىسادى ئۈنۈمنىلا پايلىماقتا، «ئىلمىي فانتازىيىلىك كىتاپلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئەمەس، ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق» دىگەندەك تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا سەل قاراپ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئۇقۇش، بىلىش ھوقوقىنى چەكلىمەكتە، قىزغىنلىقىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار رايونىمىزدىكى تالاي ئىلىمدارلىرىمىز «مەسخىرىلىك كەمسىتىدىغان» «ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتا چۈشۈنىلگەن» ئىلمىي فانتازىيىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭغا سەل قاراش بەدىلىگە كىلىپ چىقىۋاتقان خەلقنىڭ ئىلمىي تەسەۋۇرىنى بۇغىدىغان، چەكلەيدىغان، خام خىياللار قاينىمىدا غەرق قىلىدىغان يەنە بىر ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتتۇر.

ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىلمىي فانتازىيىنىڭ كىڭىيىشى بىر ئۈزۈلۈپ بىر توختاپ قىلىش شەكىلىدىكى «سىناپ بىقىش» دىيىشكە بولىدۇ. ئالايلى، 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان «يالماۋۇز ئۈچ بۇلۇڭ ۋە UFO»، «سىرلىق ئارال»، «سۇ ئاستىدىكى سەكسەن مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر» قاتارلىق توپلام، رۇمانلار ئەينى دەۋردىكى ياش-ئۈسمۈرلەرنىڭلا ئەمەس، چوڭ كىشىلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشىشى بىر مەزگىل ئىلمىي فانتازىيە قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. ئالاھىزەل 20 يىللار ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ قىزغىنلىق 2000-يىللارنىڭ بىشىدىن يىڭىدىن جاللىنىپ يوقۇرقى ئەسەرلەر قايتا نەشىر قىلىندى. يىپيىڭى تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىققان «يەر مەركىزىدىكى ساياھەت» ناملىق تەرجىمە رۇمان يېڭى ئىرانىڭ بىردىنبىر ئۇيغۇرچە فانتازىيلىك رۇمانى بولۇپ قالدى. بىز بۇ يەردە يوقۇرقى ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچىگەن مەريەم مەمتىمىن، قادىر ئەكبەر، راخمان ئېلى، ھەبىبۇللا مۇھەممەت قاتارلىق تەرجىمان، مۇھەررىرلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇلاردىن سىرت ئۆز ئىچىمىزدىكى قەلەم ئىگىلىرىدىن پەخىردىن موسا «باشئەگىمدىكى رىۋايەت»، پەرھات ئىلياس «كىرورانلىق بالىلار» قاتارلىق رۇمانلار ئارقىلىق ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتىنى ئېچىش ئۈستىدە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەپسوس، ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن ئىلمىي ئاساس ھەم تەسەۋۇرلارنىڭ كەمتۈكلىكى سەۋەپلىك كۆزلىگەن مەخسەتلىرىگە يىتەلمەي سىھرى فانتازىيە ياكى چۆچەك تۈسى بىلەن كۇپايىلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇمىد يوقمۇ ئەمەس. يەنە بىر پىشقەدەم يازغۇچى سولتان ھاشىم ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «يىلانلىق قورۇق»( ھىكايىلەر توپلىمى)، «ئاخىرقى قارار» قاتارلىق چاتما پوۋىسىتلىرى ئارقىلىق ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. «تارىم» ژۇرنىلى زامانىمىزدىكى يازغۇچى سولتان ھاشىم ئەپەندىنىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك ھىكايىسى ئۈچۈن كىچىككىنە ئىتىكىنى ئېچىپ بەردى. نى-نى چوڭ نەشرىياتلار، نەشرىياتچىلار شۇنچە كەڭ قوينىدىن قاتتىق قوللۇق بىلەن سىقىپ چىقىرۋىتىشكە ئۇرۇنۋاتقان، ئىقتىسادى ئۈنۈمنىڭ قارغۇلارچە ھۆپۈگەرلىكىنى قىلۋاتقان، ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەر ئالدىغا كەلسە «ئۆركۈپ چۆچىۋاتقان»، دۆلەت «شەرق شامىلى قۇرلۇشى»نى يولغا قۇيۇلۇپ، ئۇموم خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە شۇنچىلىك كۈچەۋاتقان بولسىمۇ پەن ئۇموملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قۇراللىرىدىن بىرى بولغان ئىلمىي فانتازىيىگە گۈشۈيۈپ تۇرۇپ «ياق!» دىگەندەك جاۋاپلارنى بېرۋاتقان، ئىلمىي فانتازىيە مەۋجوتلۇقى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق گاڭسا-جىسا مۇھىتتا گەرچە بۇ شۇنچە كىچىك بوشلۇق بولسىمۇ بىز يەنىلا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ خىل روھىغا ئاز-تۇلا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز. ساپ ئەدەبىيات ژۇرنىلى بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئىلمىي فانتازىيە ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى مۇئايەنلەشتۈرگەنلىكى باشقا ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭمۇ ئۈگۈنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىش، ئەلۋەتتە. بىز بۇ يەردە «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇندىن كىيىن ئەدەبىيات ساھاسىدىلا باشلامچى بولماي ئىلمىي فانتازىيە ساھاسىدىمۇ بىرىنچى پاي ئوقنى داۋاملىق ئېتىشىغا، يىتىلۋاتقان، تىڭىرقاۋاتقان ياش ئىلمىي فانتازىيە ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىشىغا تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

گىپىمىزنى داۋام قىلساق، بۇ ساھەدە ئۆزلىكسىزلىك كەمچىل، ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى تۇرماق، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارمۇ يوق ھىساۋىدا، بارلىققا كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئورنى، ئىززەت-ئابرويى ھەم مەۋجوتلۇقىنى تەسەۋۇر قىلىش بەسىي مۈشكۈل بولسىمۇ ئىشلار مۇنداقلا بولۇپ كەتمەس. ئىلمگە ھۆرمەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلىنىش ھامان بار. بولۇپمۇ پەن-تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار پائال ھەركەتكە كىلىشى زۆرۈر. بۇ جەمىيەتنىڭ نەشىرى ئەپكارلىرىدىن بىرى بولغان «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلى سەھىپىسىنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەپلىك چوڭاراق ھەجىمدىكى ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەرگە ئورۇن بىرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ژۇرنالنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىشقا دۆلەتنىڭ مەبلىغىنى ھەل قىلىش مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

بىز مەيلى باشلانغۇچتا، مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋەياكى ئالىي مەكتەپتە بولسۇن ئىلىم-پەننىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز يىتەرلىك بولمىغان ئىدى. بۇ تۆشۈككە ياماق سىلىش ئىلمىي فانتازىيە ئىجاتكارلىرىنىڭ مەسئولىيىتىدىن ئىبارەت. ئەينى يىللىرى ياپونىيىدە ئوقىۋاتقان لۇشۇنمۇ ژىيول ۋېرىننىڭ «ئايغا سەپەر»، «يەر مەركىزىگە ساياھەت» قاتارلىق كىتاپلىرىنى ياپونچىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن فىلياتونلىرىدا ئىلمىي فانتازىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇ «جۇڭگولۇقلار ئالدىدا ماڭىمىز دەيدىكەن چوقۇم ئىلمىي فانتازىيىلىك رۇماندىن باشلىشى كېرەك، ئىلمىي فانتازىيە جوڭگولۇقلارنىڭ ئالغا بىسىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ» دىگەن. ئۇ ئىلمىي فانتازىيىدىن ئىبارەت «ۋاستىچى»دىن پايدىلىنىپ غەرىپنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى دۆلەت ئىچىگە تۇنۇتۇشقا تىرىشقان. بۇ ئەينى چاغلاردىكى ناھايىتى ئاكىتىپ ئۇرۇنۇش ھىساپلىناتتى. بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ماۋدۇن قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەلنىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك رۇمانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ جوڭگولۇقلارنىڭ ھۇزورىغا سۇنىدو. 40-يىللاردىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك رۇمانى دۇنياغا كىلىدۇ.



4. ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيىتى توغرۇلۇق مىساللار



يازغۇچى كۈن بۇيى پەقەت ئۆزىنىڭلا ئۇششاق ھىس-تۇيغۇلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كەتسە، مىللەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، تەبىئەتنىڭ سىرلىرىغا قارىتا بىخوتلۇق قىلسا ئۇ ئالقىشقا ئېرىشەلەيدىغان ئىلمىي فانتازىيىنى يېزىپ چىقالمايدۇ. قەلەم ئىگىسى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە تەبىئەتنى چۈشۈنۈش، تەبىئەتنىڭ قانونىيىتىنى بىلىش كېرەك. ئىلمىي فانتازىيە ئۇستىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى قانداقتۇر مەشھۇر ئىلمىي خىيالپەرەس بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر دۇنيا بولغانلىقىدا.

بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر يېزىلغاندا تەپەككۈر ھەم ئىلمىي تەسەۋۋۇر ئەركىن پەرۋاز قىلىشى بىلەن بىرگە ۋەقەلىكىنىڭ ئىلمىي قانونىيەت بىلەن لوگىكىلىق مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولىشى لازىم. مىسالەن، ئالدىڭىزدا ئىككى پۇتلۇق كۈچتۈڭگۈر بىر گىگانت مەخلۇق بار. ئۇنىڭ قىياپىتى بەئەينى دىنازاۋىرغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ساھىپجامال قىز مىنگەن، قىزنىڭ مەيدىسىگە بىر تۇربا تۇتاشتۇرۇلغان. ھايۋاننىڭ چۇلۋۇرىنى بىر ئەر يىتلىگەن. ئەرنىڭ بىلىكى يارلانغان، يارلانغان يەردىن قارا رەڭلىك مېتال ئورگانىزىم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تۆت ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان سارغۇچ قىزىل رەڭ يەر يۈزى بىلەن قاپلانغان. يىراقتىكى بىر تاغ چوققۇسىدا بەئەينى يەرگە قوزۇق قاققاندەك ئىگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ بۇلۇت يېرىپ بوشلۇققا سوزۇلغان. جىگەررەڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان يەردە غايەت زور ئىككى كۆك رەڭلىك پىلانت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. خوش، تەسەۋۇرىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئەمدى بىز بۇ تەسەۋۇرىمىزنى ئىلمىي يۇسۇندا ئىزھاتلاپ ئۆتەيلى. ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق بىلەن ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئىككى پىلانتقا بىر قاراشتىلا بۇ يەرنىڭ يەر شارى ئەمەسلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. دىمەك، بۇ چوقۇم ئالەمدىكى بىر پىلانت. ئاۋۇ ئىككى ئادەمنى بىز قانداق ئويلىساق بولىۋېرىدۇ. ناۋادا ئۇنى يەر شارى ئادىمى دەپ پەرەز قىلساق ئۇنداقتا ئۇلار بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغان؟ مەخلۇق زادى قانداق نىمە؟ ئۇ شۇنچە كۈچتۈڭگۈر تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن شۇنچە ياۋاش؟ قىزنىڭ مەيدىسىگە تۇتاشقان تۇربىچۇ؟ مېنىڭچە ئۇ چۇقۇم تاشقى پىلانتقا ماسلاشقان ھاياتلىقنى ساقلاش سېستىمىسى. ئەرچۇ؟ ئۇ يەر شارى ئادىمىمۇ؟ مېنىڭچە ناتايىن، ئۇنىڭ تىتان مېتالى (باشقا مىتال دەپ پەرەز قىلىشقىمۇ بولىدۇ) دىن ئىشلەنگەن ئورگانىزىمى بىلەن جانلىق توقۇلما ئورگانىزىمىنىڭ مۇرەككەپ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىشى تېخى يەر شارىدا يوق تېخنىكا. دىمەك، ئۇ يۈكسەك مەدەنىيەتلىك بىر جەمىيەتنىڭ ئەزاسى. قىزغۇچ يەر نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟ كۈن نۇرى ئاجىز بولغاچقا قىزغۇچ كۆرۈنەمدۇ ياكى تۇپراق شۇنداقمۇ؟ تۇپراقنىڭ قىزغۇچلىقىنى بىز تۆمۈر ماددىسىنىڭ كۆپلىكىدىن دەپ پەرەز قىلساقمۇ ۋە ياكى باشقا بىر يىڭىچە تۇپراق دەپ پەرەز قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ. تۈز يەرگە بىنا سالماي نىمە ئۈچۈن تاغ چوققۇسىدا بولىدۇ؟ مانا بۇمەسلىلەر ئىلمىي دەلىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەسەۋۇردىن يەر شارىلىقلار بىلەن تاشقى پىلانت ئادىمى ئوتتۇرسىدىكى مەلۇم بىر خىل باغلىنىشنى ياراتقىلى بولىدۇ. بىزنىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسىرىمىز مانا مۇشۇنداق قىزىقارلىق، سىرلىق تۈستە باشلىنىدۇ. ئالەمدە بايقى تەسەۋۇرىمىزغا ماس كىلىدىغان پىلانت ئاز ئەمەس. بۇ خىلدىكى پىلانتلارنىڭ تارتىش كۈچى، ئاتمۇسفىراسى قاتارلىقلارنىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن سىرت يەر شارىلىقلار قانداق قىلىپ ئۇ يەرگە بېرىپ قالغان دىگەن مەسىلە بار. ئۇلار بەلكىم يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچۇپ ئۇ يەرگە يىتىپ بارغاندۇ. بىز شۇنداق بارغان، دىسەك بىزنى ئەيىپلەيدىغانلار يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى قانداق؟ بىز بۇ ۋەقەلىكلەرنى ماھىرلىق بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقساق كىشىنى ئويغا سالغۇدەك ئىلمىي فانتازىيلىك رۇمان بارلىققا كىلىدۇ.

يوقۇرقىدىن سىرت، نۆۋەتتىكى كېلون تېخنىكىسىنى فانتازىيە ۋەقەلىككە كىرىشتۈرسەك، كىشىلەر رىئاللىقتا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان تېخىمۇ رۇمانتىك، تەسىرلىك ئىلمىي فانتازىيىلىك مۇھەببەت ۋەقەلىكىنى قۇراشتۇرۇپ چىقالايمىز. بىزگە مەلۇملۇقكى، كېلون تېخنىكىسى جانلىقلارنى جىنىسسىز كۆپۈيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان يەككە ھۆجەيرىلىك كۆپۈيۈش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت. بىز بۇنىڭدىن ئىلھام ئىلىپ ئەمىليەتتە مۇمكىن بولمايدىغان «مەڭگۈلۈك ياخشى كۆرۈش»نىڭ مۇمكىنچىلىكىنى نەزىرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. مىسالەن، بىر قىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىگىتى ساقايماس ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان، ئۇنى پەقەت مېدىتسىنا تېخنىكىسى ناھايىتى يۈكسەك بولغان كەلگۈسى جەمىيەتكە يىتىپ بارغاندىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنى جان-دىلى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان قىز قانداق قىلىش كېرەك؟ بىرىنچى، يىگىتنى ئولتىرا تۆۋەن تېمپىراتورىلىق توڭلىتىش ئارقىلىق(بۇ نۆۋەتتە سىناق قىلىنۋاتقان تېخنىكا) جانلىق توقۇلمىلىرىنىڭ ھەركىتىنى ئاستىلىتىپ ھاياتىنى نەچچە ئون مىڭ يىلغىچە  ساقلاپ قىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلە ئىلمىي شەرھىيلەنگەندىن كىيىن قىز ئۆزىنى قانداق قىلىپ نەچچە ئون مىڭ يىلغىچە ساقلاپ قىلىشى كېرەك؟ بۇ چاغدا ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى كلون تېخنىكىسىغا ئىلتىجا قىلسا بولىدۇ. قىز ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆز بەدىنىدىكى تاق ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن تېخنىكىدا تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، خەلق ئاممىسى ئىنسانىيەت ھاياتلىق قانونىيىتىگە ھەم ئەخلاق، ئىتىقاد، ئۆرۈپ-ئادەتكە يات بولغان بۇنداق كۈپۈيىشكە قارىشى تۇرىدۇ...دىگەندەك بىر قاتار مەسلىلەر يۈز بېرىدۇ. ئەمما قىز مۇھەببەتكە بولغان چەكسىز سادىقلىقى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بۇ ئىشنى تاماملايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كلون تېخنىكىسى، مىدىتسىنا تېخنىكىسى داۋاملىق پىشىپ يىتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يۈزمىڭ يىللار بولغاندا يىگىتنى داۋالاش ئىمكانىيىتى توغۇلىدۇ. يىگىت ئۇيقىدىن كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنى يۈزمىڭ يىل كۈتكەن قىزنى باغاشلايدۇ. بۇ ھىكايىنىڭ ۋەقەلىكى مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك تاماملىنىدۇ. بۈگۈنكى جەمىيەتتە بىز كلون تېخنىكىسىنىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈشىگە قاتتىق قارىشلىق قىلساقمۇ ئەمما مىھرى-مۇھەببەتتىن ئىبارەت سىھرى كۈچىگە ھىچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان تاتلىق مىۋىنىڭ ئالدىدا كىممۇ «ياق» دىيەلەيدۇ؟ كلون تېخنىكىسىنىڭ بۇ ۋەقەلىكتىكى تۇتقان ئورنى ھەرگىز ئىنسانىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى ھەم ئەخلاقىغا يات رول ئىلىش ئەمەس، بەلكى مىھرى-مۇھەببەتنى يەنىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئىپادىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت. مەن بۇ ۋەقەلىكنى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى ئانچىكى چىكىش ئۈچۈن تەسەۋۇر قىلدىم. ئۇنى بىز ئانا-بالىغا، ياخشى دوستقا، ۋاپادار شېرىككە، مۇھىم شەخسكە بولغان سادىقلىق دىگەندەك تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلساق بولىۋېرىدۇ. ئاساسلىقى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئادەملەر قوبۇل قىلالايدىغان ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىشىدىن ئىبارەت.

بىر قىسىم پەۋقۇلاددە ئەھۋاللار تەسۋىرلەنگەندە نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن ئۇقۇملىرىنىڭ چەكلىمىسىدىن دادىللىق بىلەن ھالقىپ چىقىشقا يول قۇيساق بولىۋېرىدۇ. مىسالەن، تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئارىلاش تەسۋىرلەنگەن ئىلمىي فانتازىيە ھىكايىلەردە تاشقى پىلانتنىڭ مەدەنىيەت-تېخنىكىسى ئىنسانلارغا نامالوم بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ھەيرەتتە قالدۇرالايدىغان تۈرلۈك كارامەتلىرىنى چۆچەك تۈسىنى ئالمىغان ئاساستا تەسەۋۇرىمىزنى ئەركىن قويىۋىتىپ پەرۋاز قىلدۇرساق بولىۋېرىدۇ. بۇ ئىلمىي جەمىيەتنىڭ تەنقىتىگە ئۇچراپمۇ كەتمەيدۇ.  چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرى ناھايىتى چەكلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار نۆۋەتتە خەۋەردار بولغان زور كۆپچىل بىلىم ۋە قانونىيەتلەرنىڭ يەر شارىدىن باشقا پىلانتلارغا ماس كىلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىغاچقا ئالەمدىكى قانونىيەتلەر بىلەن ئوخشىماسلىقى تەبئى. بىز بۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ ھەتتا يەر شارى ئادەملىرىگە مەلۇملۇق قانونىيەتلەرنى ئالەمگە تەدبىقلىغاندا ئىنكار قىلساقمۇ خاتالاشمايمىز. مىسالەن، ئامىرىكىنىڭ «شۇملۇق ئىلاھى» ناملىق ئىلمىي فانتازىيىلىك كىنوسىدا ئاي شارىنىڭ نەچچىدىن بىر قىسمىغا توغرا كىلىدىغان غايەت زور ئالەم كېمىسى يەر شارىغا يىقىنلاشسسىمۇ دېڭىز-ئوكيانلاردا تاشقىن پەيدا بولمايدۇ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. بۇ قارىماققا خاتادەك قىلسىمۇ، ئەمما ئويلاپ باقساقلا ھەجىمنىڭ چوڭلۇقى ماسسىسىنىڭ چوڭلىقىدىن دىرەك بەرمەيدىغانلىقى تېزلا ھىس قىلالايمىز. يىنىك، ناھايىتى پۇختا ماتىرىيالدىن ياسالغان ئالەم كېمىسىنىڭ ماسسىسى يەر شارىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك چوڭ بولۇشى ناتايىن. «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق كىنودا ئىنسانلار ئالەمدىكى ھاۋا يوق پىلانتلاردا ھىچقانداق ئالەم كىيىمى كىيمەيمۇ خالىغانچە يۈرەلەيدۇ. بىلىشىمىزچە بۇمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. لىكىن، كىممۇ ئالەمدە يەر شارىغا ئوخشاپ كىتىدىغان تارتىش كۈچى ۋە ئاتمۇسفىراغا ئىگە پىلانت يوق دەپ ئېيتالايدۇ؟ يەنە مىسالەن، مەلۇم بىر يۇلتۇزلار تۈركىمىدە پۈتۈنلەي ئالماستىن تۈزۈلگەن بىر سەييارە بار، ئۇ يەردىكى جانلىقلار ئالماسنى خوددى مومنى كەسكەندەك قىينالمايلا كىسىپ ئۆي سالالايدۇ، ئالماسنى تۈزلەپ يەر تىرىيدۇ، بۇ جانلىقلارنىڭ جىسمى يانارتاغ ماگمىسىدەك قىززىق مېتال ئېرىتمىسىدىن تۈزۈلگەن دەپ ئويلاشقا تامامەن بولىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىشىدىكى ھاياتلىق شەكىلى سۇ ۋە كاربوننى ئاساس قىلغان مۇرەككەپ ئورگانىك تەنچىدىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا ئۇلار ھاياتلىقنى پەقەت قان ۋە گۆشتىن تۈزۈلگەن ئورگانىك توقۇلما ھالىتىدە مەۋجۈت دەپ قاراپ باشقا شەكىلدە مەۋجوت بولغان ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. دىمىسىمۇ ئالەم شۇنچە كەڭرى، چەكسىز. بۇ ئالەمدە پەقەت يەككە-يىگانە ئىنسانلارلا بار دىيىلسە، بۇ، كائىناتنىڭ ئىسراپ بولغانلىقى ئەمەسمۇ؟ تەجرىبىلىك ئۇقۇرمەن بۇ خىل ئىشلار تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەر بىلەن تەبىئەت قانونىيىتى ئوتتۇرسىدا زىدىيەت بارلىقىنى سىزىۋالىدۇ. ناۋادا ئاپتور يىڭىچە ئۇسولدا قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرسە ئەسەر ئوخشاشلا جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، بىز تەپەككۈرىمىزنى ئەركىن قويۋىتەلىسەك ئىنسانلارغا ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ئاتا قىلىمىز. بۇنداق تەسەۋۇرنى يەر شارى ئادەملىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن قوشۇپ ئىپادە قىلغاندا ۋەقەلىك تېخىمۇ قىزىقارلىق، جىددى، قايىل قىلارلىق بولىدۇ. ئۇقۇرمەنلەرنى ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە تامامەن باشلاپ كىرىپ نەتىجىسىنى بىلىشكە تەقەززا قىلىدۇ. بۇ پەقەت ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدىكىلا ئىش ئەمەس. ئۇنى باشقا ساھەلەرگىمۇ تەدبىقلىساق بولىدۇ.

ئەمىليەتتە تۈرلۈك خىلدىكى خام خىياللار(فانتازىيە) بىزدىن ئايرىلغان ئەمەس. ئۇ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى يىقىن بىر نەرسە.  بىز قىيىن ئىشلارغا يولۇققاندا بۇ خىياللىرىمىز تېخىمۇ ئاۋۇپ كىتىدۇ. يەنە مىسالەن، ناۋادا سىز 2-3 ئادەم ئون نەچچە مو يەرنىڭ نەشپۈتىنى ئۈزۈشكە توغرا كەلسە ھاردۇق يەتكەن ۋاقتىڭىزدا مۇشۇ نەشپۇتلەرنى بىرنەچچە مىنۇتتا ئۈزۈپ بولىدىغان ماشىنىنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ توشىغان چاغدا سىزنى بۇ ئىشتىن ئازاد قىلۋىتەلەيدىغان كۈچتۈڭگۈر، سۈرئىتى تېز، سىزگە بىكىرىغا ئىشلەيدىغان، پۇل تىپىپ بېرىدىغان ھارماس بىر ماشىنىنىڭ بولۇشىنى خىيال قىلىسىز. بىرەر يىقىن تۇققىنىڭىز ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ياكى ئايالىڭىز تۇغۇتتا قىينالغان چاغدا ئىچىگە كىرسىلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاغرىتماستىن تۇرۇپ شاپاقنىڭ نەرقىدىكى پۇل بىلەنلا ھەممە كېسەلدىن سەللىمازا ساقايتالايدىغان ياكى بىخەتەر يەڭگىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان بىر ئاپاراتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز. كۆرۈشمەكچى بولغان ئادىمىڭىز سىزدىن ناھايىتى يىراقتا ياكى خىزمەت ئورنىڭىز چەت-جاڭگالدا بولغاندا سىز كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بەئەينى خىيالدەك تېز سۈرئەتتە يىتىپ بارالايدىغان، ئەپلىك، يانچۇقىڭىزغا سىلۋالغىلى بولىدىغان، بىرلا كۈنۇپكىنى باسسىڭىزلا ھەممىنى ئورۇندايدىغان كىچىك بىرەر قۇرۇلمىنىڭ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىسىز.  مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تاتلىق  خىيال، پىشمىغان فانتازىيىدىن ئىبارەت. ئەمما ئۇنى ئىلمىي تەرىزدە شەرھىيلەپ چىقساق بۇ خام خىياللار چوقۇم ياخشى بىر ئىلمىي فانتازىيە بولۇپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ئورنىدا ئىشلەيدىغان نەشپۈت يىغىش ماشىنىسى، ماشىنا ئادەم دىگەن نەرسىلەرنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقى پەقەت قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدىكىلا ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى تېز سۈرئەتتە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئىلىپ بېرىش تېخنىكىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىش مۇمكىنچىلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. ئامىرىكىلىق ئالىملار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىر دانە ئاتومنى(ئەمىليەتتە ئاتومدىنمۇ كىچىك نۇر زەرىچىسى) مەلۇم بىر جايدىن پارچىلاپ نۇر تېزلىكىدە يەنە بىر جايغا يۆتكەپ قايتا مۇكەممەل ھاسىل قىلدى. بۇ نەزىريىنى ئىلمىي تەسەۋۇر بۇيىچە كىڭەيتكەندە ئادەمنىلا ئەمەس ھەرقانداق بىر نەرسىنى «ئەھو» دىگۈچە يۆتكەپ ئاپارغىلى بولىدىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى پەقەت ۋاقت مەسلىسىلا، خالاس. بۇنداق تاتلىق خىياللار ھەرۋاقت كاللىمىزدىن چاقماقتەك يالىلداپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بىز پەقەت تۇتۋىلىشقا ماھىر بولساقلا ئۇنى يىراق كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ھەقىقى «شېرىن خىيال»غا ئايلاندۇرالايمىز.

دەسلەپ ئىلمىي فانتازىيە ئىجىدىيىتى بىلەن شوغۇللانغاندا ئەتراپىمىزدىكى «غەيرى» گەپ-سۆزلەردىنمۇ ياللۇغلىنىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. قانچىكى «غەيرى» (بۇ يەردىكى غەيرى دىگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىمەنە سەپسەتە دىگەننى كۆرسەتمەيدۇ‍). ئالايلى، دوستلار ئارا يىغىلىشىپ ئولتۇرغاندا ماشىنا ۋەقەسى توغرىلىق پاراڭ بولۇپ قالسا بىرەر غەيرى گەپ-سۆز ئاڭلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. مىسالەن، «ماشىنا سوقۇلۇشتىن ئالدىنى ئىلىش ئۈسكىنىسى ياكى ماشىنىلارنىڭ سوقۇلۇپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغاندا دەرھال بوشلۇققا ئۇچۇپ چىقالايدىغان نەرسە » دىگەنگە ئوخشاش. ناۋادا سىز ئويلاشقا ماھىر بولسىڭىز بۇ گەپ-سۆزلەردىن ئىلھام ئىلىپ يىڭىچە بىر تەسەۋۇرنىڭ رامكىسىنى تېز سۈرئەتتە كاللىڭىزدا پۈشۈرۈپ بۇلۇشقا ئۈلگۈرەلەيسىز. مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر فانتازىيە. ناۋادا بۇ يادرولۇق ئىدىيىنى كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك پەننى ئاساسقا ئىگە بولسا ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسىرىڭىز مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ خىلدىكى «غەيرى» گەپ-سۆزلەرنى سىز يەنە باشقا ئىشلارغىمۇ تەققاسلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئىلمىي فانتازىيىنىڭ ۋەقەلىكلىرى نورمال جەمىيەتتە ئادەتتىن تاشقىرى بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ياكى كىشىلەر ھازىرقى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن قوبۇل قىلالمايدىغان، چۈشۈنۈش تەس جەريان بىلەن يوقىرى پەللىگە يىتىدۇ. ئالايلى، ئامىرىكىنىڭ «يەر شارىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى» ناملىق كىنوسىدا شەھەرنىڭ چوڭلىغىچىلىق كىلىدىغان ئۇچار تەخسىنىڭ شەھەر ئاسمىنىنى قاپلىۋالغانلىقى ھەم ئۇنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان بىر قاتار جەريانلار سۆزلىنىدۇ. بۇ خىل نەرسە مەۋجۈت بولىدىكەن ئۇنداقتا ئۇ دوستمۇ ياكى دۈشمەنمۇ؟ دوست بولسا قانداق ئالاقە قىلىش كېرەك؟ دۈشمەن بولسا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك دەيدىغان مەسلىلەر كىلىپ چىقىدۇ. شۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىيىپ بارىدۇ، ھەل قىلىش ئۇسوللىرى ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرى ئادەملەرگە چۈشۈنۈشلۈك بولغان يىشىم بىلەن خاتىمىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ھىكايىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرى غىدىقلىنىپ، يەر شارى ئىنسانلىرى ئالەمدە زادى يەككە-يىگانىمۇ ياكى باشقا يۈكسەك ئىدراكلىق جانلىقلار بارمۇ؟ دوستمۇ-دۈشمەنمۇ؟ بىزدىن يامانمۇ ياكى ئاجىزمۇ؟ دىگەن يەكۈنگە باشلايدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى «ئالەمدە پەقەت يەر شارىدىلا ھاياتلىق مەۋجۇت» دەيدىغان ئەنئەنىۋى قاراشى بۇزۇپ تاشلىنىپ يەنىمۇ ئەركىن تەپەككۈر قىلىشىغا شارائىت يارىتىلىدۇ. ئالەمگە بولغان ئىزدىنىشنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى پىلانتلارغا بولغان تۇنۇشنى ئۈستۈرۈش ئىستىكى توغۇلىدۇ. بۇ خىل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنىقكى نۇرغۇن پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە بەلگىلىك رول كۆرسىتىدۇ.

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي فانتازىيە كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىنى قوبۇل قىلماقتا. رايونىمىزدا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسلىكلىرىگە ئىلمىي فانتازىيە توغۇرلۇق مەزمونلار كىرگۈزۈلدى. بىز بۇنىڭدىن نۇرلۇق يولنى كۆرگەندەك بولىمىز. يىڭى دەۋىردە بىر تۈركۈم ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرى مەيدانغا كىلىدۇ. ئۇلار بەزى كىشىلەرنىڭ «ئىلمىي بولمىغان» ئەيىپلەشلىرى، چەتكە قىقىشى، تەھرىر-مۇھەرىرلەرنىڭ كەمسىتىشىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىتچىلەرنىڭ تەسىرىگىمۇ بەك ئۇچرىمايدۇ. بىز بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن كىچىك تىپتىكى ھىكايە قاتارلىقلارنى يىزىپ سىناپ بىقىپ، ئاندىن سېستىمىلىق ئەسەر يىزىشقا تۇتۇش قىلسا بولىدۇ. بەلكىم يېزىلغان ئەسەرلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ژىيول ۋېرىن 1863-يىلى يازغان «ھاۋا شارىدىكى بەش ھەپتە» ناملىق رۇمانىنى 16 نەشرىياتقا سۇنغاندىمۇ ئېتبارغا ئېرىشەلمىگەن. ئاخىرى ئۇنى ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈرۋەتمەكچى بولغاندا ئايالى توسۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن 17-نەشرىياتقا سۇنغاندا نەشىردىن چىققان. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مۇۋاپىقىيەت ئىشىكىنى داغدام ئېچىپ نەشرىيات بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەر توغۇرلۇق توختاملاشقان.

مەزكور ماقالىدە ئىلمىي فانتازىيىنىڭ ئىنىقلىمىسىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق شەرھىيلەپ بېرىشكە ئۇرۇندۇم. گەرچە بۇ ئىزھات-ئىنىقلىمىلارنىڭ مەلۇم بىر مۇقىم قائىدىسى بولمىسىمۇ ئەمما ئىلمىي فانتازىيەنىڭ نىمىلىكى، رولى، ئالاھىدىلىكى، قانداق ئۇسلۇبتا يېزىلدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاز-تۇلا ئۇچۇر بەردىم، دەپ ئويلايمەن. ناۋادا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تۈرتكىسىدە سىزنىڭ قانىتىنى پاقىلدىتىپ قەيەرگە ئۇچۇشنى بىلمەي تۇرغان خىيال كەپتىرىڭىزنىڭ داتلاشقان كىشەنلىرى يىشىلىپ يىراقلارغا پەرۋاز قىلسا ئەجەپ ئەمەس، دىگەن ئارزۇدىمەن.



پايدىلانغان مەنبەلەر:

«ئىلمىي فانتازىيە بوشلۇقى» ژۇرنىلى، 1999-يىلى 2-سان (خەنزۇچە نەشىرى).

«ئىلمىي فانتازىيە دۇنياسى» ژۇرنىلى، 1996-يىلى 1-،4-سانلار(خەنزۇچە نەشىرى).

شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى، 2007-يىلى 2-سان



2010-يىلى 2-دىكابىر،  



--------------------------------------------------------------------------------

[①] جاڭجى: «زامانىۋىيلىق ۋە جوڭگو ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى»، فۇجىئەن ئۈسمۈرلەر بالىلار نەشرىياتى، 2006-يىل نەشىرى
[②]  ماس قادەملىك سۈنئى ھەمراھ: يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن سۈنئى ھەمراھنىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىشىنىڭ بۇلۇڭلۇق تېزلىكى ماس قەدەمدە بولۇپ، سۈنئى ھەمراھ يەر شارىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىغا نىسبەتەن جىم تۇغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشقا بولىدۇ.
[③] بۇ ئۈچ نىزام: 1. ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. 2. ماشىنا ئادەم ئادەملەرنىڭ بۇيرۇقىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ بۇيرۇق بىرىنچى نىزام بىلەن زىت بولۇپ قالسا بوي سۇنماسلىقى كېرەك. 3. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نىزامغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغدىشى كېرەك، دىگەنلەردىن ئىبارەت.
(ئەسلى يازما، باشقا ھىچقانداق بىكەتلەرگە رۇخسەتسىز چاپلىنىشقا بولمايدۇ)





Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 22:18:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىغا بېرىپ ماكانلاشقان رۇسىيەلىك يەھۇدىي بىئولوگىيە-خىمىيە ئالىمى، فانتازىيە يازغۇچىسى ئىساك ئاسىموفتەك مەشھۇر فانتازىيەچى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قاچانمۇ بارلىققا كېلەر؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-29 22:21  



نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
942
تۆھپە
843
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 00:07:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىقى ئۇر توخماق ، تىللا تۆكىدىغان ئىشكەك ، مىڭ بىر كىچە قاتارلىقلار ھىساب بولمامدا ؟


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
uyghun
تىللا
626
تۆھپە
186
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 00:11:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىن كەلگۇسىدە بىزدىنمۇ ئىلمى فانتازىيە يازدىقانلار چىقىپ قالار.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
كارۋانىم
تىللا
2963
تۆھپە
865
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 16:18:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىېلى ئەتراپلىق يىزىلغان ماقالە ئىكەن.

مەنچە ئىلمى فانتازىيە بىزدىن ئەمەس،بەلكى بىز ئىلمى فانتازىيەدىن يىراقتا.


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 17:52:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-30 00:07
ھىلىقى ئۇر توخماق ، تىللا تۆكىدىغان ئىشكەك ، مىڭ بىر كى ...

ئېشەك بىلەن ھاڭرىشىش مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىققان «ئىشكەك» ئاۋۇ شۇكىنە!؟


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 17:57:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ماۋزۇدىكى «ئىلمىي» سۆزى بىر چىرايلىق ھىندى قىزلىرى بۇرنىنى تېشىپ ئۆتكۈزۈۋالغان ھالقىغا ئوخشاپ قالغاندەك!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 2

ئىسمى
ئوغۇزخان
تىللا
104
تۆھپە
29
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 02:07:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا...ھا...ھا...ئەرىكمان ئەپەندىم، بۇ دىگىنىڭىز ھىندىستان قىزلىرىغا بۇرۇن ھالقىسى ياراشقاندەك بوپتۇ دىگىنىڭىزمۇ ياكى ئىملاسى خاتا دىگىنىڭىزمۇ؟ مەن ئىملاغا داۋاملىق دىقەت قىلىمەن، تۈزۈتۈش بېرىپ تۇرارسىز پىشانەمگە نۇقۇپ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
173
تۆھپە
46
UID
12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Oghuz_han يوللىغان ۋاقتى  2011-11-1 02:07
ھا...ھا...ھا...ئەرىكمان ئەپەندىم، بۇ دىگىنىڭىز ھىندىستان  ...

ئەركمەن ئاكام: ياراشمىدى، ئارتۇقچە بولۇپ قالىدىكەن، دېمەكچىغۇ دەيمەن. 科幻 سۆزى ئېنگىلىزچە science fiction (ئلمىي توقۇلما، پەن-تېخنىكىلىق توقۇلما) دىن كەلگەن. بىز بۇنى ئىلمىي فانتازىيە دەپ ئاتىۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە فانتازىيە دېسىلا مەنە چىقىدۇ مېنڭىچە، ياكى بولمىسا ئۆلچەملىك ئالىمىز دېسەك، بۇنى ئېنگىلىزچە چىققان يېرىدىن ئىلمىي توقۇلما دەپ ئالساقمۇ بولىۋېرەمىكىن...


Rock'N Roll!

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2036
تۆھپە
1237
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىيونېر يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 22:45
ئەركمەن ئاكام: ياراشمىدى، ئارتۇقچە بولۇپ قالىدىكەن،  ...

يەنىلا ئەنۋەرجان ئەقىللىقسىز جۇمۇ

ھىندى قىزلىرى شۇنچە چىرايلىق تۇرغان بىلەن بۇرنىغا خۇددى يامان بۇقىنىڭ بۇرنىغا ئىلمەك ئۆتكۈزۈۋالغانغا ئوخشاش ھالقا ئۆتكۈزۈۋېلىپ بىزدەك يات مىللەت كىشىلىرىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈپ بىزار قىلغانغا ئوخشاش، «فانتازىيە» نىڭ ئۆزىلا ئىلمىي تۇرسا ئۇنىڭغا يەنە «ئىلمىي» قوشۇلسا، ئاشۇ ھالقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟

Rank: 2

ئىسمى
ئوغۇزخان
تىللا
104
تۆھپە
29
UID
77
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فانتازىيە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر نەچچە خىل تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە بىلەن فانتازىيە بىر گەپ ئەمەس. بۇ توغۇرلۇق ماقالىدا چۈشەنچە بېرىلگەن. ئىلمىي فانتازىيىنىڭ نىگىزى ئۇنىڭ ئىلمىلىقىدا.سىلەر تىلغا ئىلۋاتقان فانتازىيە بولسا چۆچەك، ئەپسانە، سىھرىي فانتازىيە، غەيرى فانتازىيە دىگەندەك كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ كىتىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن تارتىپ ھەممىسى ئىلمىي فانتازىيە دەپ ئىنىق ئايرىپ قوللانغان. بۇنى ئۇيغۇر تىلىغا كەلگەندە مۈجمەللەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. بولمىسا چۆچەك-ئەپسانىلارنىمۇ ئىلمىي فانتازىيە دەپ قارايدىغان غەيرى ئۆسمە شەكىللىك ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:15, Processed in 0.085947 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش