تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 20941|ئىنكاس: 64

ھىجران كوچىسىدا... پوۋېست (ياۋاكۆز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

612

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
167
مۇنبەر پۇلى
394
ئىشەنىچ
167
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 14:41:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14300000931600128799955939925.jpg

ھىجران كوچىسىدا...

(پوۋېست)

مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز

1-قىسىم

      قولۇمدا ھازىر بايىلا مەكتەپ پوچتىخانىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر كونۋېرت تۇرۇپتۇ.قىزىق يېرى شۇكى بۇ كونۋېرت ئۈستىگە :«قولۇڭدىكى سالام خەت ئەمەس»دەپ يېزىلىپتۇ. توۋا قايسى ھارامزادە ئەخمەق قىلىۋاتقاندۇ مېنى؟! خەتنى شۇنچە كۆرۈشكە ئالدىرىغان بولساممۇ ،بۈگۈن ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى .ئەتە شەنبە چۈشنىڭ ئالدىدا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم ئىمتىھانى بار.«قولۇڭدىكى سالام خەت ئەمەس »دەپ يېزىلغىنى بىلەن نامسىز خەتكەن ئەمەسمۇ؟! كەچ تەرەپتە ياتىقىمدا پەردەمنى تارتىپ قويۇپ،ناخشا ئاڭلىغاچ ئوقاي دىسەم يەنىلا بوممىغۇدەك. ئىمتىھانغا تەسىز كۆرسىىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئەتە چۈشتىن كىيىن مەكتەپ باغچىسىغا چىقىپ ،بوستان سۆگەتنىڭ سايىسىدا ياغاچ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ بىر ئوقايچۇ...
      ھەي...! قايسى نامسىز شامالدىن كەلگەن خەت بولغىيىتتى بۇ ؟! مەكتەپ دېگەن - زە زادى قىزلارغا ئارام بەرمەيدىغان يەرمىكىن تاڭ ،ھە دېسىلا ئوغۇلارنىڭ سايىسىدن قۇتۇلغىلى بولمىغان .يا بۇ بىر نېمىلەرنىڭ ۋاپاسى يوق. ماقۇل دېگۈزۈپلا بىر نەچچە ئاي، ئېشىپ كەتسە ئىككى - ئۈچ يىل قونچاق ئېتىپ تاشلىۋېىتىدۇ. بۇ خەتنىمۇ بىر ئوقۇپ باقاي قېنى خالئاي !
     مەن ئۆز- ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىغىنىمچە ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم. ئەتىسى ئىمتىھانىمنى خاتىرجەم بېربپ بولۇپ، ھېلىقى نامسىز كونۋېرتنى چامدىنىمدىن ئالدىم - دە ،مەكتەپ باغچىسىغا ماڭدىم. مەكتەپ باغچىسى رومانتىك ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ئادەمنىڭ ھاياجىنىنى قوزغايىتتى. مەن ئاۋۇ ياقتىكى راۋاققا بېرىپ ،تەنھالىق ئىچىدە بۇ نامسىز كونۋېرتنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم. بۇ خەتنىڭ ماۋزۇسىمۇ :«قولۇڭدىكى سالام خەت ئەمەس »دەپ يېزىلغانىكەن. مەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم....
     « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالئاي ! تېنچلىقمۇ ؟! ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىڭنى قۇتلۇقلايمەن. مەكتەپنىڭ ،ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىغا كۆنۈپ كېتەلىدىڭمۇ ؟! مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ھەقىقەتەن گۈزەل - ھە ! قېنى دېگىنە ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئابدۇمىجىت مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئالىي مەكتەپتە راستىنلا سىنىپنىڭ ئالدى ئىشىكى يېپىقلىق، كەينى ئىشىكى ئوچۇق،ئەگەر دەرس ئاڭلاشقا خوشياقمىغانلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاشىقىنى قولتۇقلاپ ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ كەتسە، پىروفېسسورنىڭ كارى بولمايدىغان شۇنچە ئەركىن جايمىكەن ؟! ھە...،كۈنلىرىڭ مەنىلىك ئۆتىۋاتامدۇ ؟! سەن بەخىتلىكمۇ؟! گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىڭ ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتامسەن ؟! مېنى بۇ خېتىمدىن ئاللىقاچان تونۇۋالدىڭغۇ دەيمەن ! كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ - ھە خالئاي ! مېنى سوراۋاتامسەن ؟! مەن ھېلىھەم سېنى سېغىنىپ تۇرىۋاتىمەن. سېنىڭچە ياخشى تۇرۇپتىمەنمۇ ؟! مېنىڭ ھازىرقى ھالىمنى تونۇپ بېقىشنى خالامسەن؟! قېنى ئاستىنقى قۇرلارغا نەزەر سال...!
     گۈلۈم ،بۈگۈن ئاپىتىم ئامەت ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. قول قويدۇم...تەقدىر پىشانەمگە قول قويدۇم. پات ئارىدا سەن ئالىي مەكتەپكە كېتىسەن. بۇنىڭغا ئازلا كۈن قالدى. سەن بەختىڭ ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى باياشات تۇرمۇشۇڭ ئۈچۈن جەزمەن ئالىي مەكتەپكە كېتىشىڭ كېرەك. ئېسىڭدە بارمىكىن، تۈنۈگۈن ئايدىڭ كەچ سەن ماڭا :«مەن تۇغۇلۇپ تا ھازىرگىچە قانغۇدەك ئويناپ باقماپتىمەن. گەرچە مەن بىر قىز بالا بولساممۇ پۇخادىن چىققۇچە بىر ئويناپ باقسام دەيمەن .» دېگەنىدىڭ . ئوينا گۈلۈم ئوينا ! سېنى ئۆز ئەركىڭگە قويىۋەتتىم. كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمەن. كەينىڭدىن ئىت كەبىي ئەگىشىپ ۋاپادارلىقىمنىمۇ بىلدۈرۈپ بولالمىدىم. كۆڭلۈڭ خالىغانچە ئوينا ! سەن تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،پۇلى بار، ئاز - تولا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،ئوقۇرى ئىگىزرەك بىر يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشۇڭ تۇرغان گەپ. شۇ ۋاقىتتا مۇبارەك تويۇڭغا چىللىغۇڭ كەلسە ماڭا يەنى مەشۇقسىز ئاشىقىڭغا باغاق ياز. مەن لېۋىمنى چىشلەپ :«ئۆزۈم مېھمان سۆيگەن يارىم تويىدا ...»دەپ غىڭشىپ ،كۈلسىمان يۈرىكىم بىلەن خۇمار ،ئوقيا كەبى كۆزلىرىڭگە ياشچان ئەپتىم بىلەن تەلمۈرۈپ قالاي...ياق...ياق...مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. سېنىڭ بۇنداق بەختلىك كۈنۈڭدە يېشىمنى يوشۇرۇپ تەبەسسۇمىمنى كۆرسىتىشكە تىرىشىشىم كېرەك.چۈنكى مەن سېنى 60 يىلدىن كېيىنمۇ بۈگۈنكىدەك .ياق...ياق...بۈگۈنكىدىنمۇ ئارتۇق قەدىرلەيدىغان ،سۆيىدىغان بولۇپ كېتىمەن.
     گۈلۈم،توي كېچىسى رىسىقىڭ پۈتۈلگەن ئاشۇ يىگىت بىلەن ئالامچە بەختتىن نۇر سۈمۈرىۋاتقان شۇ دەملەردە مەن ھۇجىرامدا چۆل تۇپراقتىكى تۇز كاۋاكچىلىرىدەك ۋاك ـۋاك يېرىلىشىمنى سەن مەڭگۈ ھېس قىلالمايسەن. بىز زادى نېمىشقا ئايرىلدۇق؟! نېمىشقا مېنى تاشلىۋېتىسەن؟! ھەممىنى تەقدىرگە باھانە قىلىپ مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى ھە ؟!
ئارزۇلىغان گۈلۈم ئىدىڭغۇ،
بۇلبۇلۇڭنى تاشلىۋەتتىڭ يار.
سۇنغان شاختا مۇڭلىنىپ بۈگۈن،
تەقدىرىمگە يىغلىدىم زار - زار.

ئاشىقلىقنى ئەسلىگىنىمدە،
ھەر بىر كۈنۈم سەن بىلەن ئۆتكەن.
تۇنجى قاردا بەرگىڭنى سۆيسەم،
يۈرىكىمگە يېشىڭنى تۆككەن.

تەنھا قويدۇڭ تەلۋە كۈنلەردە،
بۇ دەرتلەرگە قانداق چىدايمەن.
بىلسەڭ ساڭا ساداقىتىم بار،
باشقا گۈلنى ئارزۇ قىلمايمەن.

سېنى پەقەت ئويلىماپتىمەن،
كۆڭلۈم ئۈچۈن يۈرۈپ كەلدى دەپ.
شۇ كۆڭلۈڭنى بەرسەڭچۇ خالئاي،
ئۆلدى يۈرەك پۇشايماننى يەپ.

ھىجرانىمغا جۆر بولۇپ ناخشام،
ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك.
ئاسرىغانتىم سۆيۈپ دىلىمدىن،
بولغىنىمچۈن ھەقىقىي ئەركەك.

     ئەسلى بىلسەڭ گۈلۈم،ئەقىدەمنى چۈشىنىشىڭ كېرەك ئىدى. شۇنچىلىك بارلىقىمنى ئاتىغان ئىكەنمەن ساداقىتىمگە ئىشىنىشىڭ كېرەك ئىدى. سېنى ھەقىقىي سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەنۇ كۆڭلۈم يوق دەپلا كارىڭ بولمىدى. ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىمدىكى سەۋەپ ،سېنى مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئىستىقبالىڭنى يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش يولۇمدا سېنى ھەمراھ قىلىپ، تېخىمۇ پارلاق مەنزىلگە ئورتاق يول ئېچىشنى ئويلايىتتىم. ئەپسۇس...پەرۋاسىزلارچە قېچىپ يۈرۈيسەن .ئەجىبا سېنى ياخشى كۆرىشىم ساختا بىلىنىۋاتىدۇ ،شۇنداقمۇ؟! ئىزىڭدىن ئىزلاپ نەگە بارساڭ سايىدەك يۈرۈش ئاسان ئەمەسكەن. ئەمدىلىكتە ئۆگىنىشىمنى تاشلاپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىممۇ ئاسان قولغا كەلمىدى ،ئەلۋەتتە...
    مەن يەنىلا بۇ كۈنلەرگە چىدايمەن. سەۋدالىققا كۆنمىگەن ،ئوتتا پۇچىلانمىغان،يىلاندەك تولغانمىغان ئاشىق ھەقىقىي ئەركەك ئەمەس. ئازاپلارغا چىداشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ كەتتىم. سەن قىچىۋەر،مەنمۇ سېنى سۆيىۋىرەي. بولامدۇ گۈلۈم ؟! بىلىمەن. سەن تولىمۇ ئاق كۆڭۈل قىز.ئورنۇڭدا باشقا بىرى بولغان بولسا،ھەركۈنى كەچتە مەكتەپتىن قويۇپ بەرسە مەھەللەڭگە ئەگىشىپ ،كەينىڭگە كىرىۋالسام،ئاللىقاچان تىللاپ رەسۋا قىلىۋەتكەن بولاتتى. كۆڭلۈم ئۈچۈن...مېنىڭ ساڭا ئاشىق كۆڭلۈم ئۈچۈن بۇ خاتالىقلىرىمغا يول قويۇپ كېلىۋاتىسەن.بۇنى قەلبىم ھىس قىلدى.بىراق سېنى ياخشى كۆرمىسەم بۇ يۈرەكخانەمگە سېنى شۇنچە زورلامتىم؟! سېنى سۆيۈشكە شۇنچە مەجبۇرلامتىم؟! ئويلاپ باقسام سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەنمەن...
      كەچۈر گۈلۈم ! ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بارماقتا سانىغۇدەكلا كۈن قالدى.ھەر قىتىم ساڭا روھى بىسىم ئېلىپ كەلگىنىمنى ئويلىغنىمدا، يارىماس يىگىتكەنمەن، تولىمۇ ئاجىز ئەركەككەنمەن. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاق يول تىلەش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۇ بىچارىنى ئورۇنسىز ئازاپلاپ،دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇپ ئۆزۈمنىمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزگىنىمۇ قىيناپ قويىۋاتىمەن دەپ ئۆزۈمنى كەمسىتىپ كېتىمەن.سەندىن يىراق تۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن بولساممۇ،بىراق...بىراق...سەن ئالىي مەكتەپكە كەتسەڭ ،قايتا ئۇچرىشىش نىسىپ بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ،بىر مىنۇت بولسىمۇ سەندىن ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ.ھەر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى مەھەللەڭنى كىزىپ ،ياتاققا قايتىپ كېلىپ تۈن يىرىمىغىچە مۇڭغا پاتىمەن.ئۇيقۇ مەندىن يىراق...بۇ ھەقىقەت گۈلۈم! ھەي...سەمىمىي كۆڭلۈمنى ساڭا قانداق ئىپادە بىلەن بىلدۈرسەم چۈشىنەرسەنكىن،تاڭ؟! چارچىدىم...ئىزىڭدا كۆپ چارچىدىم...
گۈلۈم،بىلمەيمەن.مېنى ئەسلەپ قالغان مىنىۇتلىرىڭمۇ بولغانمۇ ؟! چۈشلىرىڭگە غىل - پال كىرىپ قالغان كىچىلىرىڭمۇ بولغانمۇ؟! ماڭا كۆڭۈل بېرىش نىيىتىگە كېلىپ باققان دەملىرىڭمۇ بولغانمۇ؟! ۋاي تاڭ...ھىچ بىلمىدىم. بۇ دەرتلەرگە مەن قانداق قىلاي...بۇ ئىشقى تولغاقلىرىمنى ساڭا دېمىسەم كىمگە ئاھ ئۇراي گۈلۈم ؟! مۇھەببەت دىگەن مۇشۇ بولسا كىرە....
      مەن قايسى بىر روماندىن مۇھەببەت توغۇرلۇق مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇغانىدىم...:« مۇھەببەت - ئۇ ئۇلۇغ نەرسە ! مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى،ئۇ خالىسا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئازاپلاپ،دەرت - پىغاندا قىيناپ،ئۇرماي، تىللىماي جاننى ئالالايدۇ. كەلگۈسىدىن ،ئىستىقبالىدىن ئايرىپ،ئۆز نۆۋىتىدە 70 يىللىق ھاياتنى يانار تاغ پارتىلىغاندەك كۇمپەيكۇم قىلىۋىتەلەيدۇ. ئەگەر مۇھەببەت يەنە خالىسا ،ئادەمنى يۈكسەك چوققىغا چىقىرىپ ئۇلۇۈ ئىشلارغا باشلىيالايدۇ. بىر مىنىۇتلۇق چىن ھىسسىيات مەڭگۈلۈك ساداقەتنى ئىپادىلەپ بىرىۋىتەلەيدۇ.»بىلەمسەن گۈلۈم ،مەندە بىر قەدەممۇ ماغدۇر قالمىغاندەك قىلىدۇ. چوغدەك يۈرىكىم قازاندىكى گۆشتەك قورۇلۇپ قالۈانمىكىن ھىچ جۈرئەت يوق. يىغلايمەن...پەقەت ئۈنسىز يىغلاشتىن باشقا ئارتۇق ئۆمىدىممۇ يوق. تۈن يىرىمدىن ئېشىپتۇ.بىر كۈنلۈك ھىس - تۇيغۇلىرىم مانا مۇشۇنداق تەكرار – تەكرار خىيالغا غەرق قىلىدۇ. خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي...شامنى ئۆچۈرۈپ يەنە سېنى ئويلاپمۇڭغا پاتقان ھالدا چۈشۈمگە كىرىپ كېتەي...ئۇھ ...! ئىغىر چارچاپتىمەن ...»
ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئۈزۈپ ئەۋەتكەن بۇ خېتىنى كۆرۈپ،كۆز چاناقلىرىمغا ئىختىيارسىز يۇم - يۇم ياش كەلدى. بۇ خەتنى پەرھات ئەۋەتكەنلىكىنى تۈنۈگۈن ئاخشاملا پەرەز قىلغانىدىم.ھەي...دېمىسىمۇ ئۇ راستىنلا بىچارە. بىلىمەن، ئۇ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەتتى.ھەتتاكى مېنىڭ كەينىمدە يۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ تۈزۈكرەك تەييارلىق قىلالماي ئۆزىنى شۇنچە تاشلىۋەتكەنىدى.بىراق تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ - دە !مەندىمۇ ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىغا داۋا يوق.ئەسلىسەم،ئۇنىڭ بىلەن كەچۈرمىشىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا باشلانغانىدى.....
     پەرھات بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيىتتۇق .ئۇ مېنىڭ كەينىمدىكى پارتىدا ئولتۇراتتى. گەپ سۆزى سىپايە،ئورۇنلۇق،ئىسىل يىگىت ئىدى.ئۇنى سىنىپتىكى باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا ئىشەنچىلىك دەپ قارايىتتىم.شۇڭا بىمالال چاقچاقلىشاتتىم.ھەتتا ئائىلەمدىكى ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ بىرەتتىم. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆزۈم خالاپ دوستلۇق سۈپىتىدە بىر كىتابنى سوۋغا قىلدىم.يەنە باش بېتىگە :«تېنىڭگە سالامەتلىك،ئىجادىيىتىڭگە مول - ھوسۇل تىلەيمەن دوستۇم ھەم ساۋاقدىشىم پەرھات .»دەپ يېزىپ قوۇغانىدىم.يەنە كىتابنىڭ قىتىغا دوسلىقىمىزنىڭ چىن سەمىمىيىتى ئۈچۈن ئەتىگۈلنىڭ بىر تال تەنھا ياپرىقىنى سېلىپ قويغانىدىم.مەن ھەپتە ئۆتۈپلا تاپشۇرۇق دەپتىرىمنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق قاتلانغان بىر پارچە
شېئىر يىزىلغان قەغەزنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا مۇنداق يېزىلغانىدى...

«چۈشۈپ قاپتۇ كىتابىمنىڭ قېتىغا،
تەنھا بىر تال ئەتىرگۈلنىڭ ياپرىقى.
تۇتۇپ بەقسام ئۇرۇنمىدى يا تىكەن،
چىقىپ تۇرار ئەقىدىنىڭ پاكلىقى.
بۇ ياپراققا شۇنچە ئۇزاق قارىدىم،
مەن بەرگەن دەپ ھىچ بىرىنىڭ ئېتى يوق.
ئويغا پاتتىم .قالدىم ھەيران ئۇھسىنىپ،
يا قالدۇرغان ماڭا سالام خېتى يوق.
خىيالىمدا ئويلۇدۇم بۇ ياپراقنى،
قايسى نامسىز شامال ئېلىپ كەلگەندۇ.
بەرگىنى ئۇ دوستلۇقمىدۇ يا سۆيگۈ ،
زادى بۇنى قايسىسى دەپ بەرگەندۇ.
شامال نەدە،ھە ئالدىمدا تۇرۇپتۇ،
ئۇ كەلگۈچە بۇ قاسراققا قارايمۇ.
ئېلىپ ياكى پۈتۈن بىر تال ئەتىرگۈل،
«كۆڭۈل»دىگەن تۇلپار بىلەن بارايمۇ.
تىلىكىم شۇ ،ئارزۇيۇم شۇ ناۋادا،
شامال دېسەم بوران چىقىپ قالمىسا.
ئەندىشەم بار ،زادى قانداق قىلارمەن،
مەيىن شامال مىنى قارشى ئالمىسا.
ئويلىماي كۆپ نىمە بولسا بولمامدۇ،
بۇ شالمالغا ئۇسۇل ئويناپ باقمامدىم.
دوسىتلۇق بولسا بېرىپ ئاڭا مىھرىمنى،
سۆيگۈ بولسا يۈرىكىمنى ياقمامدىم.»

     مەن بۇ شېئىرنىڭ ئاستىغا :«بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق. ئەگەر كىتاب ئارىسىدا راستىنلا ئەتىرگۈلنىڭ تەنھا بىر تال ياپرىقى بار بولسا ،ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر !»دەپ يېزىپ دەرس ۋاقتىدا كەينىمگە بۇرۇلۇپلا پەرھاتقا خەتنى بەردىم. كىتاب ئارىسىدىكى ئەتىرگۈل ياپرىقى مېنىڭ. بىراق ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىۋىلىشىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇنى پەقەت سەمىمي دوستۇم دەپ قارايىتتىم. بولمىسا تۇغۇلۇپ تا ھازىرگىچە ھەتتا يىقىن قىز دوسلىرىمغىمۇ بۇ دەرىجىدە چىن دوسىتلىقىمنى ئىپادىلەپ باققان قىز ئەمەس ئىدىم. شۇ
كۈندىن باشلاپ پەرھاتنىڭ چىرايىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەن ئەمدى قانداق قىلاي ؟! يەنىلا دوسىتلۇقۇمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارە پاراڭلاشماقچى بولۇپ،بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيگە قايىتتۇق. ئاۋۋال مەن گەپ باشلىدىم...:
     ـ پەرھات، بامۇ سەن بۇ جاھاندا ؟! ھەجەپ مۆرىمەس بوپ كەتتىڭغۇ؟! دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىم سوئال سورىسا بۇلبۇلدەك سايراپ ئولتۇرىدىغان شاشلىقىڭ يوقاپ كېتىپتىغۇ؟! خىلى كۈنلەر بولدى مۇڭسىراپ قاپسەن. نىم بولدى ساڭا...؟!
    - مەن...مەن باغۇ خالئاي...!
     ـ نىمە دۇدۇقلايسەن؟! مەن قىز بالا تۇرۇپ شۇنچە راۋان سۆزلەۋاتسام متىلىڭ گاچىلىشىپ قالدىغۇ؟! قارىغاندا ئىستىلىڭ چاتاق. سەندە چوقۇم بىر گەپ بار. دىگىنە، قىنى ئوچۇق دىگىنە دەردىڭگە دەرمان بولاي...
     ـ دىمەيچۇ...دىگۈ...دەك گەپمۇ يوق.
    - دەۋەرگىنە مەن خاپا بولمايمەن.
    - مەن ھازىر دىمەي. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ دىگۈم بار.
    - قاچانلا دىسەڭ بەرىبىر. مەن سېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭنى پەراز قىپ بولدۇم.
    - بۇ...بۇ ...راست دەمدىم؟!
    - ئوغۇل بالا بولساڭ دە، تىلىڭنى چاينىماي...
    - ئەمىسە مەن دەۋىرەي،خاپا بولما ! مەن...مەن ...سېنى ياخشى كۆرىمەن!
    - ياخشى كۆرۈشۈڭ توغرىغۇ .بىز دوست تۇرساق ...ساراڭ .
    - ياق ، مەن دىمەكچى ،قىز - ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى كۆرۈش ھىسسىياتىنى دەۋاتىمەن.
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەدىمىم توختاپ قالدى. يۈزبمنىڭ قىپقىزىل ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكىنى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدىن. ئۇنى ئىشەنچىلىك ئادەم دەپلا ،ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالماي شۇنچىلىك دوسىتلۇق مىھرى بەرگەن گۇناھ ئۆزۈمدە.
    - ئالجىپ قاپسەن پەرھات ! كۆڭلۈمگە ئىغىر چاقچاق قىلدىڭ. ئەمدى سېنى تونۇمايمەن. سەنمۇ مېنى خاتىرەڭدىن ئۆچۈرۋەت !
    - ئەمدى بۇ سېنىڭ نىمە دىگىنىڭ خالئاي ؟! مەن خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام جازاسىغا نىمە دىسەڭ شۇنى قىلاي. بايا ئۆزۈڭ خاپا بولمايمەن دىگەنتىڭغۇ؟! ئەمدىلىكتە...
    - كەچۈرگىن ،سېنى بۇنداق گەپ قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم. كۆڭلۈمگە سۆزۈڭ ئىغىر كەلدى.خەير...!
    - خالئاي...! خال...!!
    قۇلىقىمغا يوللاردىكى شاۋقۇن ئاۋازلارمۇ كىرمەيىتتى. ئۆيۈمگە گاراڭ پېتى يۈرۈپ كەتتىم. كىچە ئەسلا ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس. بىلىمەن ،ئۇ سەمىمىي يىگىت. باشقا ئوغۇللارغا ئوخشاش ساددا قىزلارنى ئالداپ،شىلاپ يۈرمەيدۇ. بۈگۈن ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكى گەپنى قىلغان بولسىمۇ ،نىمىلا بولسۇن مەن قىز بالا...ئەسلى ئۇنىڭ ھەرقانداق گەپ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر تەمكىنلىك بىلەن جاۋاپ بېرىپ ،دوستلىقىمىزنى توغرا ھەل قىلىشقا شۇنچىلىك تەييارلىق قىلغان بولساممۇ،ھىسسىيات ئالدىدا ئەقلقم ئاجىز كەلدى. ئۇ ئارىمىزدىكى ھىس - تۇيغۇنى «دوسىتلۇق» دەپ چۈشىنىشى كىرەك ئىدى.ئەمدى ئارلىقىمىز يىراقلىشىپ كېتىدىغان بولدى ـدە ! ھەي...مەنىسىز كۈنلەر...!
    ئەتىسىدىن باشلاپ بىر - بىرىمىزگە تىكىلىپ قارىشالمايدىغان ،ھەتتا سالاممۇ قىلىشمايدىغان بولۇشۇپ كەتتۇق. ئۇ كەينىمدە ئولتۇرسىمۇ ئاي ئايلاپ بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلىشمايىتتۇق. قىز ساۋاقداشلار ئۇنىڭ چىرايىغا مۇنداقلا قاراپ قالسىمۇ ،ئاجايىپ سەت قاپاق تۈرەتتى. ھەتتا يېنىدىكى ئوغۇل دوستلىرى بىلەنمۇ پاراڭلاشماس بولۇپ كەتكەنىدى. ماڭا بىرەر ئوغۇل ساۋاقداش كىلىپ چاقچاق قىلىپ قالسا ،ئۇ دەرھال سرتقا چىقىپ كېتەتتى. تاپشۇرۇق ئىشلەش...،ئۆگىنىش قىلىش...دىگەنلەر ئۇنىڭ چۈشكۈن روھىدا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ئەنە شۇنداق ئىچ - ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتكەنىدى. ياتاقداشلىرىدىن ئاڭلىسىام ،ئۇ ھاراق ،تاماكىغا كۆنىۋاپتۇ. دائىم دۇرۇس ئىشلاردىن، ئۇلۇغ ئارزۇ - ئارمانلاردىن ،ئەخلاق - پەزىلەتتىن سۆز ئېچىپ دەرس سۆزلەيدىغان پەرھات مانا مۇ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
    راست گەپ قىلسام، ئۇنىڭ بۇ بىچارىلەرچە ئەپتىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلاتتىيۇ ،بىراق مەن قىز بالا . ئۇنىڭغا بۇرۇن ئىغىز ئاچسام ئۇنىڭ يەنە خاتا چۈشىنىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيىتتىم. ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالى ماڭا روھى بىسىم ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئىشلار دوسىتلىرىمغا ئايان. ھە دىسىلا :«پەرھاتنى ئازاپلىما ! تاش يۈرەكلىك قىلما ! كۆڭلىنى ئايا...!!»دەپ گەپتە چىقىۋالاتتى. بۇ ماڭا دەرت ئۈستىگە دەرت ئەمەسمۇ ؟! بەزى پەرھاتقا ئاچچىقىم كىلەتتى. ئىچىمدە تللايىتتىم :«ئىسىت پەرھات! قارىغىنا ئەينەككە، نەرىڭ ئوغۇل بالا سېنىڭ ؟! قىنى شاشلىقىڭ ؟! بەكمۇ جۈرئەتسىز ئىكەنسىەن .سېنى تونۇمايمەن دەپ قويسام شۇنچە ئۆمىدسىزلىنىپ كېتىپسەن. مەغلۇبىيەتكە دادىل يۈزلىنەلمەيدىغان ئىرادىسىز...،ھالىڭغا باقماي ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ تاماكا ،ھاراققا كۆنىۋاپسەن تىخى...،نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتىڭ . قىسمىتىڭنى ئۆزۈڭدىن كۆر ...»دپ ئويلاپ قالاتتىم.
    بىر كۈنى كەچ مەكتەپتىن ئۆيۈمگە قايتىش يولىدا پەرھاتنىڭ كەينىمدىن .ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. مەن ئەلۋەتتە توختىسام بولمايىتتى. بىراق پەرھات ئىككىمىزنىڭ بۇنداق كېتىۋىرىشىمزنى خالىمايمەن. يەنىلا ئۇنىڭ تىزراق كەينىمدىن يېتىپ كېلىپ ئىغىز ئېچىشىغا مەجبۇرمەن. قەدىمىمنى سەل ئاستىلاتتىم. ئۆيۈمگە يېتىپ كېلىدىغانغا پەقەت بىرلا يول ئارلىقى قالغانىدى. ئۇ ھىچ يېتىپ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ھەي ،نىمانچە توخۇ يۈرەكتۇ بۇ پەرھات ؟ دەپ ئىچ - ئىچىمدىن ئاچچىقىم قايناپ ،ئۆمىدنى ئۈزۈپ ، قەدىمىمنى تىزلەتتىم...
    - خالئاي !
    بۇ غىڭشىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەتەي ئاڭلىماس بولۇپ ،تىخىمۇ تىز چامدىدىم.
    - خالئاي ،توختا !
     بۇ خىلى بىر ئوغۇل بالىغا خاس بوم ئاۋاز ئىدى. ئەمدى چامداشتىن توختتاپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم.
    ـ  خالئاي،ساۋاقداش خالئاي...سەندىن باش...باشقا ئۆمىد كۈتمەيمەن. ئىككىمىزگە گەپ قىلىشماي يۈرگىلى بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ. مەن...مەن..تۈگىشىپ كەتتىم. خالىساڭ بىز دوسىتلىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولساق !مەن چارچىدىم. ماقۇلمۇ ؟! ئۆتۈنەي خالئاي ! بىز دوست بوپ ئۆتەيلى!سىنىپتا كەينىڭدە ئولتۇرۇپ بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالماسلىق ماڭا ئازاپ تۇيۇلدى. مەن ھەسرەت چېكىپ ئۆلەي دىدىم. ھالىميا يەت ! ئاھۇ – زارىمغا يەت !! بولامدۇ ...ساۋاقداش ،ياق دوستۇم خالئاي؟!
مەن بولىدۇ دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.
    - بولامدۇ خالئاي ؟! بۇنىڭدىن كىيىن بىز دوستانە ئۆتەيلىچۇ ،بولامدۇ؟!
    يەنە تەمكىنلىك بىلەن بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ يۈرۈپ كەتتىم. كۆڭلۈمدە :«ھەي ،ماڭا بۇ گەپنى قىلمىقىڭ ھەجەپ تەسكە بولدى ھە! ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىۋاتقان ئوخشايسەن »دەپ ئويلۇدۇم.
    ئەتىسىدىن باشلاپ پەرھات بىلەن سالاملىشىپ ،گەپلىشىپ ئۆتكەن بولساقمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن ئەمەس.ھۆرمەت يۈزىسىدىن شەكىلگە قىلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا ئىدۇق.سوئالغا جاۋاپ قايتۇرۇپلا ئۆتىدىغان تۇرساق بۇرۇنقى دوسىتلىقىمقزدىن ئىغىز ئاچقىلى بولامتى...ھەي....
    بىلىمەن،ئۇ ئەسكى يىگىت ئەمەس. مەكتەپ دىگەندە قىز - ئوغۇللارئارىسىدا ھەر قىسما ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.ھىلىقى سائىرە دىگەن دوستۇممۇ سۇيۇق ئوغۇللار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ،غۇنچە تۇرۇپ ئازاپلىنىپ يۇرۇيدۇ. ھازىر مەكتىپىمىزدە :«مەكتەپتىكى مۇھەببەت،خۇدايىمغا ئامانەت !»دىگەن گەپ ئىغىزدىن ئىغىزغا كۆچۈپ يۈرۈيدىغۇ ،تاڭ ؟!
ئىككى كۈن ئۆتۈپ بوغچامدىن بىر پارچە خەت چىقتى. يەنە شۇ پەرھاتنىڭ خېتى ئىكەن. ئۇ خېتىدە ئەينى چاغدىكى ئىغىزدىن چىقىپ كەتكەن گېپى ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. يەنە مەندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پۇختا تەييارلىق قىلىشىمنى تەكرار - تەكرار ئكمىد قىپتۇ. ئاخىرىدا چىن سەمىمىي كۆڭلىنى مۇنۇ بۇر پارچە شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەپ يېزىپتۇ.....

.............
«سايەڭدە ئولتۇرۇپ ئوماق ئەتىرگۈل،
مۇڭداشقاچ ھىدىڭنى پۇرايىتتىم كۈندە.
يۆلەنسەم شېخىڭغا ياپرىقىڭ تەۋرەپ،
چاك كەتتى بەرگىڭنىڭ نازۇك يۈزىدە.
بىردىنلا ئويلۇدۇم بەرگەنتىڭ ماڭا،
ئەتىرگۈل ياپرىقى،بىر جۈپ يۇپۇرماق.
قەغەزدە ياسىغان گۈزەل ئاق تۇرناڭ،
قىيىق ھەم ئەتىرگۈل، ...يۈرىكىڭ ئوماق.
ئۆتۈندۈم بەك ئۇزاق ئىغىز ئاچمىدىڭ،
كەچۈرۈش سەن ئۈچۈن ئىغىز كەلدىمۇ؟!
سوراپ باق كۆزۈڭدىن كۆزۈمگە قاراپ،
مېنىڭدە راسىتىنلا مۇھەببەت يوقمۇ؟!
ئالدىمدا تۇرۇپسەن كەينىڭنى قىلىپ،
كۆزۈمدە ئويچان ياش،ئىغىز ئۇھسىنىش.
تۈمەن خىل سوئاللار،شېرىن ئەسلىمە،
يۈرەكتە تەلپۈنۈش،ئوتتەك سىغىنىش.»

     ئەمەلىيەتتە پەرھاتقىمۇ ئاسان ئەمەس.لىكىن تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.ئەسلى ئەينى ۋاقىتتا دوسلۇقۇمنى ئىپادىلىمىگەن بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيىتتى. پەرھاتمۇ مېنى بۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالماس ئىدى. ئۆزۈمنىڭ پۈتىغا ئۆزۈم پالتا چاپقان گۇناھ ئۆزۈمدە.ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟! ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى قوبۇل ئىتەي دىسەم ،مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى كۆرۈش ھىسسىياتى بولمىسا؛ يەنى كېلىپ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىلا ۋاقىت قالدى. كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلسەم ياخشى ئەمەس. ئۇنى تىللاپ ،توڭ گەپلەر بىلەن مەيلىنى ياندۇرسام قانداق بولا - ھە ؟! ئۇنىڭ ھازىر قاتىق گەپلىرىمىنى كۆتۈرگىدەك ھالى يوق ئىدى. ئەگەر مۇشۇ ساراڭلىقىدا ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ ماڭا بالا تېپىپ بەرسە ئىش يوغىناپ كەتكۈدەك. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش راستىنلا تەس ئىدى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ھۇجىرامغا كىرىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىشقا كىرىشتىم....
     « ھەي...ياخشىمۇ سەن مەشۇقسىز ئاشىق ؟! يىقىندىن بۇيان ئۆگىنىشىڭ قانداقراق؟! ھىچ بىر تىرىشقىنىڭنى كۆرمىدىم.مەستەك لەيلەپلا يۈرۈيسەن. دەر ۋاقتىدا ئۇخلايسەن. سىنىپنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئىم پى 3 ئاڭلايسەن .ئانارگۈل...ئانارگۈل دەپ جۆيلۈپ يۈرۈيدىغان ئالىم ساراڭ بىلەن مەكتەپكە خالىساڭ كېلىپ،خالىساڭ كېتىپ ئەكىن دۇنيانىڭ قەھرىمانى بوپ كەتتىڭ. تورخانىغا ئەجەپمۇ كۆنۈپسەن. ئۆزۈڭنىمۇ ،مېنىۇ قىيناپ زادى نىمە قىلماقچىسەن پەرھات؟! ساڭا ئايان مېنىڭ باغرىم تاش. ئاھ ،ۋاھلىرىڭغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن. مۇھەببەت دىگىنىڭنى تىىخىمۇ چۈشەنمەيمەن. بىز پەقەت چىن دوست ئىدۇق. قەلبىمنى خاتا چۈشىنىۋالدىڭ. بۈگۈنكى ئاقىۋەتكە قالدىڭ مانا ! مەن دەسلەپكى دوست بولغان چىغىمىزدىكى كۈلۈمسىرىگەن ،شوخ ھالىتىڭنى بەكللا ياقتۇراتتىم. سەن ئاشۇ دوسىتلۇق پەسلىمىزگە ھەقىقي قايتالىساڭ قەلب ئىشىكىمھەر ۋاقىت ساڭا ئوچۇق. چەكمەي كىرىۋەرسەڭ بولىدۇ. مېنىڭ پۈتۈن خىيالىم - ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ،ئاتا - ئانامنىڭ ئەجىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش. جەمەتىمىزنىڭ يىلتىزىنى شاخلىتىش. دوسىلىرىمنىڭ چىن ھۆرمىتىگە ئىرىشىش. كەلگۈسۈمنى باياشاتلىققا چۆمدۈرۈش. سەنمۇ شۇنداق قىلالامسەن ؟! مەن ئىشىنىمەن ،سەن چوقۇم قىلالايسەن پەرھات!
     ئەگەر سەن مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەڭ ،مەيلى مەن جاھاننىڭ قايسى بىر يېرىدە بولاي،كىمگە رىسىقىم باغلانسۇن ،مېنى چىن دىلىڭدىن سۆيگەنلا بولساڭ مۇھەببىتىڭنى مەڭگۈ قەدىرلەپ ئۆتىمەن. قەلبىمنىڭ تەك قېتىدا ساقلايمەن. ئوبدان ياشا. ئىسىڭدە بولسۇن،تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ...»
.............
    خەير ،دىكابىردىكى گۈلۈڭ - خالئاي...
    بۇ خەتنى ئىككىلىنىپ ،يەنىلا پەرھاتقا بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئەتىسى ئەتىگەن سەھەر مەكتەپكە بېرىپ ،ئۇنىڭ پارتىسىغا خەتنى سېلىپ قويدۇم. ئۇ خەتنى كۆرگەن بولسا كىرەك، كۈن ئۆتۈپ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى.دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا شاتۇتىدەك سايراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. باشقا ساۋاقداشلارمۇ پەرھاتنىڭ بىردىنلا بۇنچىلىك ھاۋارايىدەك كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولۇشتى.مەنمۇ كۆڭلۈمدە :«ئاپىرىن!»دىدىم .
     شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەردۇق. ئىمتەھان بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ ماڭا «ئاي يامغۇرى »ناملىق روماننى ھايات خاتىرەمگە سۇنغاندىن بۇيان ،پەرھاتنى قايتا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ھەتتا سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئىز دىرىكىنى ئالالمىغانىدىم. لىكىن ئۇنىڭ ھاياتلا بولسا مېنى ھامان ئىزدەپ تاپالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم. تەقدىر بىلەن مانا ئۆرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدىم. يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بۇ شەھەرگە كەلگىلىمۇ بىر ئاي بولاي دىدى. پەرىزىمدىكىدەك ئۇ مېنى ئىزدەپتۇ. ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟! نىمىش قىلىۋاتقاندۇ؟! ئۇ خېىنىڭ ئەڭ ئاستىغا كوت كوت نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. مېنىڭمۇ كوت كوت ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ھەپتە بولدى. ياتاقداشلىرىمدىن ئۆگەندىم. ئالدى بىلەن پەرھاتنى تاپاي.ئاندىن كىيىنكى ئىشلار كىيىنگە قالسۇن......
    مەن دەرھال خەتنى كونۋېرتقا سېلىپ شۇ پېتى ياتىقىمغا ئەكىرىپ قويۇپ ،تورخانىغا كىردىم. ئۇنىڭ كوت كوت نومۇرىنى قېتىشىمغا ئۇمۇ توردا بولسا كىرەك ،شۇئان مېنى قېتىۋالدى.سالام باشلاپ ئۇنىڭغا كوت كوتتا خەت يازدىم....
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەرھات ! تىشلىقمۇ؟!
    - سىز...؟!
    - مەن خالئاي ! دۆت.
    - ئاخىرى خېتىمنى كۆرۈپسەندە ! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
    - سەن قەيەردە ؟! نىمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈيسەن؟!
    - مەن ئۆرۈمچىدە .
    - نىمە؟! سەنمۇ ئۆرۈمچىدىما؟!
    - ئەجىبا ئۆرۈمچىگە كېلىشىمنى خالىمامتىڭ؟!
    - ياقەي، ئۆرۈمچىدە نىمىش قىلىۋاتىسەن؟!
    - سەن بىلەن تەڭ كەلگۈسۈمنى ياراتقىلى كەلدىم.
    - ۋاھ ! سەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتامسەن؟!
    - نىمە؟ مېنى شۇنچە ئىرادىسىز، يارامسىز دەپ ئويلاپ قالغانمىتىڭ ؟!
    - خۇش بولدۇم. سېنىڭ ئۆمىدۋار يىگىت ئىكەنلىكڭنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىدىم. راستلا ئۆرۈمچىگە كەلگىنىڭدىن خۇش بولىۋاتىمەن.
    بولدى ،ماختىما ! سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. سەن خالامسەن؟!
    - ئەتە يەكشەنبە. ئارتۇق ئىشىم يوق. مەكتەپكە كەل. قارشى ئالىمەن!
    - ماقۇل ئەمىسە ،مەكتىپىڭگە ئەتە بارىمەن جۇمۇ ! يىگىتىڭنىڭ كەينىدىن دۆڭكۆۋرۈككە قېچىپ كەتمەي تۇر ...
    - تولا جۆيلىمە. سېنىڭچە مەن شۇنداق قىزلاردىنما؟! يىگىتىڭ - پىگىتىڭ دىگەنلەرنى قوي. خاپا بولۇپ قالىمەن.
   ـ ئەزەلدىن چاقچىقىمنى كۆتۈرەلمەيسەن - ھە سەن !
    - ھىلىمۇ تارتقان دەرتلىرىمىز يىتەر .بولدى بەس. مەكتىپىمنى تېپىپ كېلەلەمسەن؟!
    - ماڭا ئىشەنمەمسەن ؟! ئۆرۈمچىنى تېپىپ كېلەلىگەن ئەركەك مەكتىپىڭنى ھەتتا سېنىمۇ تاپالايمەن.
    - خى...خى يەنە پو ئاتقىلى تۇردۇڭ. چاقچاق قىلىشنى ئۆگىنىۋاپسەن - ھە؟
    - چاقچاق قىلمىدىم. جىنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن، سېنى ھەر جايا بولساڭ ئىزدەپ بارىمەن دىمىگەنمىدىم؟! ئەتە كۆرىشەيلى ! ئاللاھقا ئامانەت!
    - ئوكەي ، ئاللاھقا ئامانەت !
     ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. بۈگۈن كىچە ھىچ بىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئاسماندىكى يال - يال يۇلتۇزلارغا قاراپ ،ھەجەپ تەستە تاڭ ئاتتى. سەھەر ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ ،سۇس گىرىم قىلىۋالدىم. مەكتەپ دەرۋازىسى يېنىدىكى قىزىل راۋاقتا ئۇنى كۈتتۈم. چۈشلەرگە ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى. ۋاھ! ئۇ ئۆزگىرىپتۇ. مېڭىشلىرى...كىيىنىشلىرى...تامامەن يىڭىچە .ئادەمگە يىقىملىق تۈس بېرەتتى. ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق.
    - تىشلىقمۇ خالئاي ؟!
    - تىشلىقمۇ ! ئۆزۈڭمۇ ياخشى تۇرغانسەن؟!
    - قەدىر ئەھۋال . قارىغىنا ياخشى تۇرۇپتىمەنمۇ ؟! سېنى تاپقان تۇرسام ئەلۋەتتە ياخشى تۇرىمەندە !
    - خى...خى...جۈرە ،ئاۋۇ مەكتەپ باغچىسىغا بېرىپ پاراڭلاشمامدۇق؟!
ئۇنىڭغا مەكتەپنى ئايلاندۇرغاچ مەكتەپ باغچىسىغا يول باشلاپ كەلدىم.
    - كەل خالئاي ،بۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرايلى .
     ـ ماقۇل ،ھە راست چوكامۇز يەمسەن؟!
    - خى...خى...خى..
    - نىمىگە كۈلىسەن ؟!
     ـ سەن ئۆزگىرىپسەن خالئاي. كۆزۈمگە بۇرۇنقىدىنمۇ نازاكەتلىك كۆرىنىۋاتىسەن .خۇددى مەن سىزغان سىدام سىزمىدەك ...شۇنچىلىك ئوماق، كىيىملىرىڭ، ئوسمىلىرىڭ خۇيمۇ يارىشىپتۇ...!
     ـ ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنا !
     ـ راستىمنى دىسەم بۇ ھالىتىڭنى كۆرۈپ سېنى تىخىمۇ ياقتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن. يەكچەشمىنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دەپتىكەن. بىراق ئەمدى كۆزۈڭنى بۇنىڭدىن بەك قىسىۋالما جۇمۇ ؟! بىز دىگەن ياقا يۇرۇتلۇق. چاندۇرۇپ قويمايلى يەنە ...!
    - خى...نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ . مەن چوكامۇزغا كەتتىم - ھە !
    - ھە بولىدۇ. چوكامۇزغا چاپلىشىپ قالماي، چاپلاشتۇرۇپ ئېلىپ كەل جۇمۇ !
    - ھۇ ساراڭ . ھەجەپ جىلا ئەتتىڭ ئادەمنى .
    مەن ھايال ئۆتمەيلا ئىككى دانە شاكىلاتلىق چوكامۇز ئېلىپ كەلدىم.
    - مە ! چوكامۇز !
    - يەپ باقايچۇ ...ۋۇ نىمىنداق سوغۇق...!
    - جۆيلىۋاتامسەن ،چوكامۇزنى ئىسستقۇغا ئەمەس، توڭلاتقۇغا سالىدۇ...
    - ھە ئۇنتۇپ قاپتىمەن...
    - كىچىك بالا ...
    ـبۇ چوكامۇزۇڭ سوغۇق بولغىنى بىلەن بەكلا تەملىككەن.
    - بۇ مېنىڭ چوكىمۇزۇم ئەمەس، زاۋاتنىڭ چوكىمۇزى. خەق ياساپتىكەن.
    - خەق ياسىغان بىلەن سەن ئېلىپ كەلدىڭدە ! بۇ مۇز ئەمەس ئوتكەن ئوت...
    - ھۇ ئەسكى ...چالا ساراڭ...
    - خالئاي، ساڭا بىر خۇشخەۋەر بار...
    - قانداق خۇشخەۋەر ؟!
    - ئەستا كۆزۈمگە مىختەك قارىۋالمىغىنا ! تىلىمنى كىكەچ قىلىپ...
    - ھە دىگىنە ،نىمە خۇشخەۋەر ئۇ ؟!
    - ھىلىقى تاھىرنى بىلەمسەن؟! تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغانغۇ؟!
    - ھە...ھە...ھىلىقى سىنىپىمىزنىڭ بۇلبۇلىنى دەمسەن؟! لەيلا دەپ مۇھەببىتى بار تاھىر شۇغۇ؟!
ـ دەل تاپتىڭ .شۇ...
ـ ھە نىم بوپتۇ ئۇ يىگىتكە ؟! خۇشخەۋەرنى دىگىنە !
ـ ۋاي ،ۋۇي ئوبدان خالئاي گىپىمنى دىگىلى قويغىنە ! قارا...قارا...ساقىلىم ئەمدى ئۆسۈشكە باشلىدى. ياماشمىغىنە !
ـ خى...خى...ساراڭ. ھە دىگىنە !
      ـ تاھىر ئۇ ئۆرۈمچىدە ئوقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ لايىقى لەيلامۇ ئۆرۈمچىدە ئوقۇۋىتىپتۇ...يامان يېرى ،لەيلا دىگەن قىز كېلىپلا تاھىرغا بەرگەن سۆيگۈ ۋەدىسىدىن تېنىۋاپتۇ. باشقا بىرەيلەن بىلەن يۈرىۋاپتۇ تىخى...تاھىر دەرت - ئازاپقا چىدىماي لەيلاغا ئاتاپ بىر ناخشا تىكىستى يېزىپ دەرتلىنىپ قىشىمغا كەپتۇ. ئۇنىڭ مىسكىن قەلبىنى تەسەللى تاپقۇزۇپ ،ناخشا ئوقۇش ئارزۇسىغا ئىلھام بەردىم. ئۇزۇنغا بارماي مۇزىكا كىرىشتۈرۈپ ناخشا قىلىپ پۈتتۈردى. ناخشىنى تاھىر ئۆزى ئوقۇدى. ئاجايىپ مۇڭ دىگىنە...ئاندىن بۇ ناخشىنى لەيلا توردىن ئاڭلاپ ،يۈرىۋاتقان يىگىتىنى تاشلاپ تاھىر قېشىغا قايتىپ كەلدى.
ـ راستما؟! شۇنچە سىھرى كۈچكە ئىگە قانداق ناخشا ئۇ؟! شۇ تاپتا شۇنداق ئاڭلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ماڭا ئىيتىپ بېرە...!
ـ ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن . مەن ناخشا ئىيتالمايمەن. ئەڭ ياخشىسى شۇ ناخشىنىڭ ئۆزىنىلا ئاڭلىمامدۇق؟!
ـ ۋاھ ،يىخشى گەپ بولدى. قانداق ئاڭلايمىز؟! تاھىر قېشىمىزدا بوممىسا ؟!
ئۇ يانفۇنىنى ئېلىپ شۇنداق مۇڭ بىلەن باشلانغان بىر ناخشىنى قويد
ى ۋە ناخشىغا ئەگىشىپ غىڭشىشقا باشلىدى...!

ۋەدەڭنى ئۇنۇتتۇڭ يات شەگە كېلىپ،
تاشلىدىڭ سەن مېنى ئۆزگىنى كۆرۈپ.
گۇۋاھ ئىدى سۆيگىمىزگە ئاللاھ ئىگىمىز،
ئازدۇردى كىملەر سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئېلىپ.
نى كۈنلەر كەتتىغۇ بېشىمىزغا كېلىپ،
ئەمدىلىكتە تاشلىدىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈپ.
ئاھ گۈلۈم ئۆزگەرمە ئەسلىڭدىن ھەرگىز،
پۇشايماندا قالمىغىن ياشلىرىڭ تۆكۈپ.
ئاھ ،گۈلۈم كىرمىگىن شەيتان كەينىگە،
باشلايدۇ ئۇ سېنى گۇناھ شەھرىگە.
تاشلايدۇ توزۇتۇپ بەرگىڭنى بىركۈن،
يىغلايسەن كەلمەيدۇ ئورنىغا ئۇ گۈل.
پاكلىقىڭنى يوقاتما سەن ھەركىم ئالدىدا ،
دوست - دۈشمەنلەر كۈلمىسۇن ھەم تۇرۇپ ئارقىدا.
سەن ۋەدەڭدىن تانساڭمۇ يار بەخت تىلەيمەن،
پىشانەم شور ئىكەن مېنىڭ سەندىن كۆرمەيمەن.
ئارمانىم شۇ يەنە كەلسەڭ قىشىمغا،
ئۆچمىگەن سۆيگۈم بىلەن باساي باغرىمغا.
چۈشەنگەندە قەلبىنمى سەن كېلەرسەن ھامان،
قەدىرلەيمەن بىر ئۆمۈر مەن سۆيۈملۈك جانان.

ـ خالئاي ! خالئاي !! نىمىشقا گەپ قىلمايسەن؟!
ـ ئە ...ھە مەن مۇڭسىراپ ناخشىنىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كېتىپتىمەن.
ـ خى...ئىككىنچى خۇشخەۋەر...
ـيەنە باما ؟! ھە دىگىنە..!
ـ ئاشىق - مەشۇق بايرىمىغا ئاتاپ بىر ناخشا تىكىستى يازدىم. ئالدىمىزدىكى يىلى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ساڭا ئاڭلىتىپ قوياي. تىخى مۇزىكىسى پۈتمىدى. ناخشىنى يەنە شۇ تاھىر ئوقۇيدۇ.
ـ نىمانچە يۈرىكىڭ چوڭۇپ كەتتى سېنىڭ. ئاشۇ ناخشا تىكىستىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟!
ـ ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇ ناخشا تىكىستىنىڭ بېشىغا ئازراق نەسىر كىرگۈزۈشنى لايىق تاپتىم. شۇ سېنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئالغاچ كەلگەنىدىم.
ئۇ يانچۇقىدىن سىمىتىرىك قاتلانغان قەغەزنى ئېلىپ ماڭا سۇندى. ئۇنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزلىرىدە ئۆمىدۋارلىق تەسۋىرى يۇلتۇزدەك پارقىرايىتتى.
ـ ئىسىڭدىمۇ خالئاي ! ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۆزئارا تىپىشماق تېپىشىپ ئوينايىتتۇق. سەن ماڭا شۇنچىلىك مەنىلىك بىر تىپىشماقنى دىگەنتىڭ.....
ـ گىپىڭنى تارتىۋالىدىغان بولدۇم. سەندىن قايسى تىپىشماقنى سورىغانتىم؟!
ـ سەن مەندىن :« بىر ئادەم كۆڭلى يىرىم ھالدا بىر ئۆيگە كىرىپ ئۇدۇلدىكى تامغا قارىغۇدەك بولسا ،تامدا تۆت سۆزدىن تەركىب تاپقان بىر جۈملە سۆزنى كۆرۈپ ،خۇشال ھالدا قايتىپ چىقىپتۇ. سەن تامدىكى خەتنىڭ نىمىلىكىنى پەرەز قىلىپ باقە !» دەپ سورىغانتىڭ.
ـ ئسىڭدە باكەن - ھە!
ـ ئەلۋەتتە ئىسىمدە خالئاي، مەن جاۋابىنى تاپالمىدىم. ئەسلى ئۇ تامغا ؛«بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ يېزىلغانىكەن. سەن ماڭا يەنە شۇنداق مەنىلىك بىر گەپ قىلغانتىڭ . يەنى :«سەن تاپالمىدىڭ پەرھات، ئەمدى سەن ماڭا ئادەمنىڭ قەلبىدىن بىر ئۆمۈر ئۆچمەيدىغان، مەڭگۈ يادقا ئىلىنىپ تۇرىدىغان، ساقلاشقا ئەرزىيدىغان بىې سوۋغا ئېلىپ بەر .»دىگەنتىڭ.بۈگۈن مەن مۇ شۇ ئىجادىيىتىمنى ئاشۇ ئۆچمەس سوۋغا سۈپىتىدە يۈرىكىڭگە سۇناي. سەن دىگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن ياكى بولمىسۇن كۈچۈم يەتكىنى مۇشۇنچىلىككەن خالئاي.
ـ مېنىڭ ساڭا دىگەن ئاشۇ گەپلىرىم تا ھازىرگىچە شۇنداق ئىنىق ئىسىڭدە تۇرۇپتۇ. رەھمەت ساڭا!
ـ رەھمەت دىمە، ساڭا سالغان جاپالىرىم ئاز ئەمەس. كەچۈرگىن! مە ،بۇنى ساڭا سۇندۇم. ھە راسىت ،بۇنى ھازىر كۆرۈشكە بولمايدۇ. كەچتە ياتىقىڭدا ئوقۇغىن ،ماقۇلمۇ؟!
ـ ماقۇل غوجام...ھە راسىت بۇ ناخشا تىكىستىنى ماڭا ئاتاپ يازدىڭما؟!
ـ مەن بۇ ناخشا تىكىستىنى سەن ۋە ئالەمدىكى بارلىق ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ رومانتىك ئاخشاملىرىغا، كەلگۈسى بەختىگە ئاتاپ يازدىم. ئەمدى گەپ تاھىردا قالدى. ئۇ ئاھاڭ سېلىپ ،مۇڭ لىرىكا ئىچىدە ھىسسىياتلىق ئوقۇيالىسا ،ئۇ چاغدا بۇ ناخشا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ساداقەتمەن ئوت يۈرەكلەرنىڭ قەلب تارىغا ئايلىنىدۇ.
ـ ساڭا قول قويدۇم پەرھات. سېنى دوستۇم دەپ توغرا تاللاپتىكەنمەن. ھەقىقىي دوسلۇققا ئەرزىيدىغان ئەركەككەنسەن...
ـ دوسىت؟! مېنى يەنە دوستۇم دەۋاتامسەن؟!
ـ نىمە بولدى؟! روھىڭ چۈشۈپ كەتتىغۇ پەرھات ! ئەجىبا سەن ماڭا دوسىت بولۇشنى خالىمامسەن؟!تىخى كۆڭلۈڭدىكى داغ ئۆچمەپتۇدە...!
ـمەن چۈشەندىم. مەن كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. بىلەمسەن خالئاي ،سېنىڭ چىن مۇھەببىتىڭگە ئىرىشىش ئۈچۈن بارلىقىم بىلەن كۆپ تىرىشتىم. ھەتتا سەن بىلەن دوست بولغان كۈندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە زەررىچە ئۆمىدكە ئىشەنچ باغلاپ سەندىن سۆيگۈ تىلەپ قىشىڭغا كەلگەنىدىم. كۆڭلۈم سەندىن رەنجىدە. سەندىن كۆرمەيمەن. ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس، رەت قىلىشمۇ ئەركىنلىك. يەنىلا سېنىڭ قارشىڭغا ھۆرمەت قىلىمەن. چۈنكى مەن ساڭا ئاشىق گۈلۈم...!
ـ بۇ ...بۇ...پەرھات ،مېنى خىجالەتتە قىلدىڭ. سېنى ياراتمىغىنىم يوق. ..ئۆچ كۆرگىنىممۇ يوق. مەندە ساڭا نىسبەتەن پەقەت ياخشى كۆرۈش ھىسسىياتى مەۋجۇت ئەمەس دەپمۇ ئىيتالمايمەن. مەن راستىنلا گاڭگىراپ قالدىم. ...
ـ ماقۇل ،مەن چىدايمەن. تاكى سەن مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئىتراپ قىلىپ ،بىر قارارغا كەلگۈچە سېنى دوستۇم دەپ بىلىمەن. ..سېنى ساداقىتىم بىلەن ئاسراپ ئۆتىمەن. بىر ئۆمۈر غەمخورلۇق قىلىمەن. خەير ! كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپ قويدۇم...كەچۈرگىن ! يەنە كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى خالايمەن. بىر كۈنى مەكتىپىمگە بېرىپ ھاۋا يەپ كەل ! قارشى ئالىمەن !! ئاللاھقا ئامانەت خالئاي ...ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا........!
ـ سەنمۇ ئۆزۈڭنى كۆپ چارچاتىپ قويما پەرھات ! ئاللاھقا ئامانەت !!
     پەرھات كەتتى. كۆڭلى سۇ ئىچمەي غەمكىن كەتتى...ھەي...ئۇ شۇنچە جاپالارغا چىدىدى. مېنىڭ سۆيگۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. بىراق ئۇنى ياخشى كۆرەمدىم يوق، تىڭىرقاپ قالغىنىم كۆڭلۈمگە ئايان......
     مەن ئەنە شۇنداق زىددىيەتلىك خىياللار بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ گۇگۇم پەيتى يرتىپ كەلگۈچە مەكتەپنى تەنھا ئايلاندىم. قولۇمدا ھىلىقى ناخشا تىكىستى يېزىلغان قەغەز...ئاستا ياتىقىمغا كىرىپ،كارۋىتىمدا پەردەمنى تارتىپ قويۇپ قولۇمدىكى قەزنىڭ قېتىنى ئاچتىم....
     «مانا بۈگۈن ئاشىق - مەشۇق بايرىمى . بىراق مەن ياتاقتا يالغۇز...سوغۇق ياتاقتا تورۇسقا قاراپ مۇڭلىنىپ، «ئاشىق - مەشۇق بايرىمى» دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغىنىمچە خىياللىرىمدىن، دۇنيادىن خالى ھەسرەت چېكىپ يېتىۋاتىمەن. ئىسىڭدىمۇ ،ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئىم پى 3 قويغۇچنى ئېچىپ ،ئاڭلىغۇچنى سېلىپ مۇڭ كۈي ئىچىدە شۇنداق شېرىن ،تاتلىققىنە بايرام تەنتەنىسىگە بىرلىكتە جۆر بولۇپ، چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە رومانتىك خىياللارغا مەست بولغان ئىدۇق....
مانا ھازىرچۇ؟! كىچىك ئىش ئۈچۈن مەندىن ئايرىلدىڭ. مەن ساڭا شۇنچىلىك مۇھتاج بولغان چاغدا سەن مېنى تاشلاپ كەتتىڭ...يېنىمغا قايتىپ كەل ! نەگە بارىمىز دەمسەن؟! ئەلۋەتتە خۇشاللىققا چۆمگىلى...سېنى كونا جايدا ساقلايمەن. ھەراست مەن ئامراق سىرىق كۆڭلىكىڭنى، قارامتۇل ياغلىقىڭنى ئۆزۈڭگە چىرايلىق ياراشتۇرۇپ چىقارسەن ...سېنى سىغىندىم....

ئاشىق - مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن.
قايغۇ - ئەلەم ھەسرىتىڭ كېتىپ،
قەلبىڭ ئارزۇ ئارمانغا تولسۇن.
ئاشىق - مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
يايرىم ساڭا كۆڭلۈمنى سۇناي،
ئەقىدەمگە ئىشەن ئاشىقىم،
ئاداققىچە مەشۇقۇڭ بولاي
ئاشىق - مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
بەخت بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچقاي.
بۈگۈنىمىز رەڭدار پورەكلەپ،
ئەتىمىزگە خۇش پۇراق چاچقاي.
ئاشىق - مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
كەل يولىمىز تۇتاش جەننەتكە.
بىر جۈپ نۇرلۇق ئاقار يۇلتۇزنى،
كەلگىن گۈلۈم كۆرەيلى بىرگە.
ئاشىق – مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
تاپالماسمەن سەندەك ياخشىنى.
قول تۇتۇشۇپ نۇرلۇق يوللاردا،
تەڭ ئىيتايلى مۇشۇ ناخشىنى.
قىنى ھەممە ئاشىق – مەشۇقلار،
تەڭ ئىيتايلى مۇشۇ ناخشىنى.
ئاشىق- مەشۇق بايرىمى بۈگۈن،
مەجنۇنىغا ياخشى لەيلىمۇ.
كۆرسەم دەيمەن تەبەسسۇمىڭنى،
كىلەر يىلى مۇشۇ كۈندىمۇ.»

    بۇ ناخشا تىكىستى ھەقىقەتەن قەلب تارىمنى چەكتى. ئۈنسىز يىغلىۋەتتىم. ئۇنىڭ بايا دىگەن ھىلىقى سۆزىنى قايتا ئىسىمگە ئالدىم:
ـ « بۇ ناخشا تىكىستىنى راستنلا ماڭا ئاتاپ يازدىڭما ؟!»
ـ « مەن بۇ ناخشا تىكىستىنى سەن ۋە ئالەمدىكى بارلىق ئاشىق مەشۇقلارنىڭ رومانتىك ئاخشاملىرىغا،كەلگۈسى بەختىگە ئاتاپ يازدىم...بىراق ھازىر كۆرۈشكە بولمايدۇ جۇمۇ ...كەچتە ياتىقىڭدا ئوقۇغىن ،ماقۇلمۇ؟!»
ـ «ماقۇل غوجام...»
    ئاھ ،خۇدا مەن ئۇنى ياخشى كۆرەرمەنمۇ ؟! راسىت گەپ قىلسام ئۇنى يېنىمدىن كەتكۈزۈپ قويغۇم يوق. مەن ئەقل بىلەن ھىسسىيات ئوتتۇرىسىدا مانا مۇشۇنداق ئىككىلەنمە خياللار بىلەن تۈن يىرىمىگەچە تىڭىرقاپ، كۆزلىرىم ياش يۇقى، قەلبىم ئۇنى سىغىنىۋاتقان، كەچمىشىمنى قايتا ئويلاۋاتقان مۇرەككەپ كارتىنا ئىچىدە پەرھاتنىڭ ساداقىتىگە جۆر بولۇپ ،ياستۇقۇمنى قۇچاقلىغىنىمچە بېشىمنى چۈمكەپ،ئاجايىپ بىر رومانتىك چۈش قوينىغا كىرىپ كەتتىم...

2-قىسىم
     ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەتىسىدىن باشلاپ پەرھاتنى ھىلى ماڭا تېلېفۇن قىلىپ قالارمۇ، كوت كوتتا خەت يېزىپ ،ماڭا بەرگەن كۆڭۈل ئىزھارىنىڭ جاۋابىنى سوراپ قالارمۇ ...دىگەندەك ئەندىشىلىك خىياللار باغرىدا ئارىسالدى بولۇپ،ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ،بىر كەچقۇرۇنلىقى ئويلىغىنىمدەكلا ئۇنىڭدىن تېلېفۇن  كەلدى :
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالئاي ! تىشلىقمۇ؟!
     ـ ئە...ھە ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ياخشى.
     ـ قەيەردە سەن؟! ياتىقىڭدىما ؟!
     ـ بۇنچە كەچتە ياتىقىمدا بولماي كوچىدا يۈرسەم بولامتى ؟! تولا نىېۋامغا تەگمىگىنا!
     ـ ۋاي ياق، مۇنداق بىر مۇسۇلماندارچىلىقتا سوراپ قويدۇم. ھازىر         ئالدىراشمۇ...يا؟!
     ـ ياقەي، گۈل كەشتىلىۋاتىمەن.
     ـ ھە،مۇنداق دىگىن.ئېسىمدە قىلىشچە ئىككى يىل بۇرۇن بىز ئەمدى تىخى دوسىتلىقىمىزنىڭ كۆۋرۈكىنى بىكىتكەن چاغلار ئىدى. بىر دەم ئىلىش كۈنىدە ئۆيۈڭگە تېلېفۇن قىلسام :«گۈل كەشتىلەۋاتىمەن...»دەپ جاۋاپ بەرگەنتىڭ. شۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭ قولۇڭدىن ئىش كېلىدىغان بىر نازاكەت ئىكەنلىكىڭنى ھىس قىلغان ئىدىم. ياراشسۇن گۈلۈم..!
    - گەپ قىلغاندە ئويلۇنۇپ قىل - ھە ؟!
ـ يەنە شۇ گەپمۇ ،خالئاي ؟! «گۈلۈم» دىگەن گىپىمنى نىمانچە كۆڭلۈڭ نىمانچە ئىغىر ئالىدىغانسەن . سېنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن.
            ـ بولدى .ئۇخلىغىنا !مېنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشىم بار.
   ـ سېنىڭ نەزىرىڭدە «مۇھەببەت » توغرىسىدا چىن يۈرىكىمدىن ھايا بىلەن ئاران ئىيتىۋاتقان ئاشۇ گەپلىرىم گويا ئەدەبى ئەسەر ،شۇنداقمۇ؟! مۇھەببەت رومانلىرىدىن، «پەرھات - شېرىن»داستانلىرىدىن يادلاپ ئىيتىپ بېرىۋاتىمەن         شۇنداقمۇ؟!
   ـ تاڭەي، مەن نەدىن بىلەي !
   ـ سەن...!!!
   ـ نىمىگە ۋارقىرايسەن ؟! بىلىپ قوي، ئاكاممۇ ماڭا مۇنداق ۋارقىرىمايدۇ.    ئېغىزىڭدا ياخشى كۆرىمەن دەيسەن، بىراق ماڭا ئوخشاش سۆيگەن سۆيگەن گۈلۈڭنىڭ كۆڭلىگە كېلەرمۇ - كەلمەسمۇ دىگەنلەرنى ئويلىمايلا يۈرىكىمگە نەشتىرىڭنى  سانجيسەن.
   ـ كەچۈرگىن! مەن سېنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكىمىكىن،خۇددى ئۆزۈمنى    سەن بىلەن يۈرۈپ بولغان ھىساپلاپ،بەزى گەپلىرىڭنى كۆتۈرەلمەي ۋارقىراپ       سالىدىكەنمەن.
    - قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ بولۇپ،كەچۈرۈم سورىغاننىڭ نىمە پايدىسى .سەن دائىم شۇنداق قىلىسەن.
   ـ سەن خاتا چۈشىنىۋالدىڭ !مەن شۇ...
   ـ بولدى،ئۆزۈڭنى ئاقلاپ رومان ئوقۇما. ئېسىڭدە بولسۇن،ھەقىقىي ئەركەك دىگەن سۆيگەن گۈلىنىڭ ئانچە - مۇنچە يىتەرسىزلىكلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن  كەچۈرۋەتكۈلۈك .يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىسىلىۋالمىساڭمۇ بولىدۇ.
   ـ با...بايا نىمە دىدىڭ ؟!
   ـ گەپ بىر قۇلاق ئىككى.
   ـ دىمەك، ئاخىرى ماڭا «گۈل» بوپسەندە !
   ـ مەن بايا نىمە دىدىم؟ كىچىك بالا بولمىغاندىكىن ،تولا بېشىمنى         ئاغرىتما ! ئەمدى ئۇخلايلى !
  ـ بولىدۇ، ساڭا رەھمەت !
  -نىمىگە رەھمەت ئىيتىسەن.مەن تىخى كۆڭۈل ئىزھارىڭغا جاۋاپ بەرگىنىم    يوق. پەقەت ھەقىقىي ئاشىقنىڭ كۆيگەن مەشۇقىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدىم ،خالاس. ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى. باشقا بىر كۈنى تېلېفۇن     قىلغىنا ، بولامدۇ ؟!
   ـ ھەي...،سەنغۇ تېلېفۇننى قويىۋەتسەم لايدەك ئۇخلاپ قالارسەن.ماڭا كىچىمۇ ئۇيقۇ يوق. «زادى نىمىشقا ماقۇل دىمەيدىغاندۇ...؟!» دەپ خىيالغا چۆكۈپ،ئەتىسى سىنىپتا مۈگىدەپ ئولتۇرۇپ يەنە قانچىلىك چىدارمەن،خالئاي،زادى  قانچىلىك ؟!
  ـ ئوبدان پەرھات ،مىنى مەجبۇرلىما ،ماقۇلمۇ؟!
  ـ دىگىنە ،نىمىشقا بۇنچىۋالا ئېشىۋالىسەن ؟! يۈرەي دىسەم ئالىي مەكتەپتە    قىزلار ئازمۇ ماڭا ؟! ياتىقىمدىكى ئوغۇللارنى ئېلىپ ئىيتايلى، ئۇلار ھەر جۈمە  كۈنى كەچتە تورغا ئىلىنغان مودا قىزلارنى ئەگەشتۇرۇپ،شەنبە ،يەكشەنبە ئۆزۈمچىنى بېشىغا كېيىدۇ. يۈرىكىدە غەم يوق. بەزىدە شەيتان كۆڭلۈم:« ئۈچ- تۆت  يىل بىر قىزنىڭ دەردىنى تارتىپ سەرسان بولۇپ يۈرگىچە،سەنمۇ ياتاقداش دوسلىرىڭنىڭ يولىدىن مېڭىپ،شادلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقساڭچۇ،ئەخمەق...»دەيدىيۇ، ۋىجدانىم يول قويالمىدى. چۈنكى، مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن. سەنمۇ ھەم ئۇلارغا ئوخشىمايسەن.مەن سېنىڭ دەل مۇشۇ ئېسىل خىسلىتىڭنى دەپ، خىجىلچان ،نازاكەت ئۇزلۇقۇڭنى تەقدىرگە تەۋەككۈل قىلىپ،ئىزىڭنى دەسسەپ ئاشىق دىۋانىسى بولۇپ ياشاۋاتىمەن. خالئاي،مېنى ئەمدى ئارتۇق ئازاپلىما بولامدۇ؟!
   ـ ساڭا مەندىنمۇ ياخشى قىز ئۇچرايدۇ . ماڭا بۇ ئىغىر مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ  قويساڭ كۆتۈرەلمەيدىكەنمەن. مېنىمۇ ئويلاپ قوي،بولامدۇ؟!
   ـ سېنىڭ سۆيۈشۈڭگە ،قەدىرلىشىڭگە ئىرىشەلمىگەن بۇ يارامسىز جاننىڭ ماڭا  نىمە كىرىكى..؟!
   پەرھات تېلېفۇندا بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى...مەنمۇ كۆز چاناقلىرىم ئارىسىدىن يۈزۈمگە سىيرىلاي دەپ قالغان تامچىنى سۈرتىۋىتىپ ئۇنىڭغا دىدىم :
   ـ قارىغىنا ، ئوغۇل بالا تۇرۇپ، قىز بالىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈرۈيسەنغۇ ؟!  يىغلىمىغىن ! بوممىسا مېنىمۇ ئازاپلاپ قويىدىكەنسەن .
  ـ سەنمۇ ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىغىنىنى ئەيىپ كۆرىدىكەنسەندە ! ئوغۇل بالا يىغلىمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟! ھەقىقىي يۈرىكى بار ئوغلان ۋەتىنى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن، سۆيگەن گۈلى ئۈچۈن يۈرىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ كۆزىگە سەمىمىي   ياش ئالالايدۇ .بۇ قانداقتۇر بەرداشلىق بىرەلمەي ئەمەس، بەلكى بەرداشلىق   بېرىش ئۈچۈن تۆكىلىۋاتقان «ۋەدە» يېشى.
   ـ سېنىڭ دەردىڭگە مەن قانداق قىلىپ بېرەي ؟! دىگىنە.سەن نىمە دىسەڭ  شۇنى قىلىپ بېرەي...
   - ماڭا سېنىڭ ھىسداشلىقىڭ كىرەك ئەمەس. چىن مۇھەببىتىڭ كىرەك.سەن دىگىنە ،مەن ساڭا قانداق قىلىپ بېرەي،سەھرادا كېيىپ ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىغا  خاس ئاددى – ساددا كىيىملىرىمنى چۆرىۋىتىپ،قىز كەلتۈرۈشكە كىيىنىۋالغان ئاخسا گۇيلارنى دوراپ يۈرەيمۇ؟! ئۆگىنىشىڭ قانداقراق دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا ،ۋاقتىڭ بارمۇ؟! دەرىسىڭنى قويۇپ تۇرغىن،ئەلبىك، نازنالارغا بىرىپ كېلەيلى ...دەپ سورايمۇ يا؟! قايسى قىزنى كۆرسەم ،ئۇنىڭغا قانات سۆرەپ يۈرەيمۇ؟! زادى   قانداق قىلسام كۆڭلۈڭگە يىقىنلقشالايمەن؟!
   ـ نىمىش قىلساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى. ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلىسەڭ،لۈكچەك   بوپ كەتسەڭمۇ كارىم يوق.
   ـ مەن بىلەن راستىنلا كارىڭ يوق ،شۇنداقمۇ؟! ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ   سەنمۇ ماڭا قوشۇلۇپ بالدۇرراق ئۆلۈپ كېتىشىمنى بىر ئاللاھتىن بىرلىكتە تىلەيلى ،بولامدۇ؟! مەن ئۆلسەم ھەممە ئىش تىنجىيدۇ.
   ـ بولدى پەرھات، ئىغىزىڭنى ئۈششۇتمە ! يامان بولىدۇ . ساڭا بۇرۇنمۇ      ئىيىتقان :«تاشنى تاياققا باغلىما ...»دەپ.
   ـ سەندىن سوراپ باقاي، ئەجىبا سەن كەلگۈسىدە ۋاپادار، سادىق، ساڭا     ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەرسىگە ئىرىشىشنى ئويلىمامسەن؟!
   - مەن كەلگۈسۈمنى ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئويلاپ بولالمىدىم. پولاتتىن       ياسالغان «تىيتانىك»مۇ كۈن نۇرىدا ئىرىپ تۈگەيدىغان مۇزغا سوقۇلۇپ پايانسىز دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. تەقدىر مانا مۇشۇنداق كۆڭۈلنىڭ رايىغا باقمايدۇ. بەك كەچ بوپ كەتتى. سائەت 12:00 دىن ئېشىپتۇ. باشقا بىر كۈنى پاراڭلىشايلى،خوش !
   ـ تېلېفۇن كونۇپكىسىنى تىزلا بېسىۋەتتىم. شۇ تاپتا ئىچىمنى پىغان تۇتتى.   بايا پەرھات بىلەن پاراڭلىشىپ ياتاق توكىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈلۈپ           بولغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. ياتاقداشلىرىم ئۇيقۇغا غەرق بولغانىدى. ئورۇن كۆرپەمنى ئەمادەك سىيلاشتۇرۇپ جىممىدە شاۋقۇن ئۈزۈلمەيدىغان مىسلى چوڭ    شەھەر – ئۆرۈمچىمۇ تۈن يىرىمىدا شۇنچىلىك تىمتاس ئىدى. ئەي ياشلىقتىكى   يۈگۈرەك كۆڭۈللەر،ئەي بالىلىقتىكى سەبىي ئارمانلار ،ئەي كۆڭۈل بېغىم ئەتراپىدا تۆت يىل چۆرگىلەپ ،پەرۋانىگە ئايلانغان پەرھات. ئەي ئېستىقبالىمغا ئاسما كۆۋرۈك بولغان ئالىي مەكتەپ. مەن سىلەرنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلاي...؟!  پەرھاتنىڭ ساداقىتىگە قايىلمەن. بىراق مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىگە قاراپ بالدۇر  خۇشال بولۇپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئاشۇ شېرىنلىك ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ئازاپنىڭ   يارىسى تىخى ئالدىمىزدا........
    ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەچقۇرۇنلىقى پەرھات يەنە تېلېفۇن قىلدى...
   ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تىشلىقمۇ؟!
   ـ ياخشى.
   ـ نىمىش قىلىۋاتىسەن ؟!
   ـ ئۇخلاي دەپ تۇرغان.
   ـ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي، خالئاي،بىز يۈرەيلى ،ماقۇلمۇ؟!
   ـ يەنە شۇ گەپمۇ ؟! ئادەمنى نىمىداق ئاۋارە قىلىسەن ؟! مېنىڭ ئىشىم      يوقتەك ،ئەمدى ئاغرىقى بېسىققان يارامغا تۇز سېپىپ ،دائىم مۇشۇ گەپنى        قىلىسەن . مېنى خاتىرجەم ئوقۇغۇلى قويامسەن ،يوق؟!
   ـ ئاھ، خۇدا ،يارامغا تۇز سېپىپ دىگىن .مەن سېنى خاتىرجەم ئوقۇغۇلى     قويماپتىمەندە ؟! مۇئەللىم مېنى سىنىپتا دائىم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىكەنسەن   دەپ مەكتەپ پىسخولوگىيە بۆلۈمىگە ئەكىرىپ قويدى. ماڭا دوختۇر بىنورمال    دەپ دىئاگنۇز قويدى. سەن بۇنى بىلەمسەن خالئاي؟!سىنىڭچە مەن بەك       خاتىرجەم ئوقۇۋىتىپتىمەن ،شۇنداقمۇ؟!
   ـ نى...نىمە ؟!
   - دوختۇرنىڭ دىيىشىچە مېنى ئۇلار ئالتە ئاي پىسخولوگىيە جەھەتتىن       داۋالايدىكەن . مەنمۇ ئۇلارغا ماسلىشىدىكەنمەن. ئىنىقىنى ئىيىتسام،ئالتە ئاي    ئىچىدە سېنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىدىكەنمەن. بىر ئۆمۈر دەردەڭدە ساراڭ      بولسام مەيلىكى ،سېنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايمەن گۈلۈم!
   ـ ئۇلار راستىنلا مېنى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە داۋالىيالامدىكەن؟!
   ـ ئەلۋەتتە. پىسخولوگىيە ئىلمىغا سەل قارىما. ماڭا ياردەم قىلساڭ بوپتىكەن !
   ـ مەن ؟! مەنما؟! مەن قانداق ياردەم قىلىمەن؟!
   - مېنىڭ ئەڭ ياخشى پىسخولوگىيە دوختۇرۇم - دەل سەن.كۆڭلۈمنى قوبۇل  ئەتسەڭلا مەن تىزلا ئوڭشىلىپ كېتەتتىم. مەن نېرۋا كېسىلى ئەمەس،بەلكى    «مۇھەببەت كېسىلى» خالئاي ! ماڭا داۋا بەرگىن .قەلبىم شىپا تاپسۇن. پاك ، سەمىمىي سوقۇۋاتقان بىرجۈپ يۈرەكمۇ بەختنىڭ قوينىغا چكمسۈن ! شۇنىڭغا     ئىشىنىمەنكى،بىز ئەڭ ياخشى ھەمراھلاردىن بولالايمىز.بىر كىشىنىڭ بەختىنى    يەنە بىر كىشى بېرەلمەيدۇ.ھەممە كىشىنىڭ بەختىنى بىر ئىگەم بېرىدۇ. سېنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن. ئەمما يۈرىكىم ئىككىلا دۇنيا   ساڭا تالىق بولسۇن!
   مەن پەرھاتنىڭ «پىسخىكامدىن مەسىلە چىقتى....»دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ  تۇيۇقسىز خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم.«يىگىت قىزنىڭ دەردىدە ئىلىشىپ قاپتۇ...»دەپ ھىكايە،رومانلاردىن،«شاھزادە مەلىكىنىڭ ئىشنى پىراقىدا 40 كىچە –    كۈندۈز يىغلاپ ساراڭ بوپ قاپتۇ...»دەپ ئەپسانە،چۆچەكلەردىن ئوقۇغانىدىم. ئەدەبى ئەسەر دىگەننى ئاشۇنداق يازىدۇ دەپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ    قەلبىنى ئەزگۈدەك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ ۋەقەلىكلەر قانداقتۇر مۇبالىغا       بولماستىن ،كىشى روھىيىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەك ئىكەندە...
  - خالئاي، گەپ قىلمايسەنغۇ؟! تېلېفۇننى قويىۋەتىڭما؟! خالئاي؟!
-          - ئە...ھە بولىدۇ پەرھات. قولۇمدىن كەلسىلا ساڭا ياردەم قىلىمەن. بىراق دوست بولۇپ ئۆتىمىز جۇمۇ...مېنى ئارتۇق كۆڭۈلگە مەجبۇرلىمايسەن.زىرىكسەڭ،خىيالغا چۆكۈپ ئۆزۈڭنى تەنھا،غىرپ ھىس قىلساڭ مېنى ئەڭ يىقىن سىرداش  بېلىپ تېلېفۇن قىلساڭ ياكى قېشىمغا ئىزدەپ كەلسەڭ ساڭا سەمىمىي دىلكەش  بولالايمەن. سىنىڭچە مۇشۇنداق قىلساق بولامدۇ پەرھات؟!
-           -شۇ تاپتا ساڭا بىر ئىغىز گەپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ.
   ـ ھە دىگىنە..!
   ـ ئۇلۇغ رەببىمگە ھەشقاللاھ ! ساڭا رەھمەت. تۆت يىلدىن بىرى چۈشۈمدىمۇ،ئوڭۇمدىمۇ «خالئاي ،خالئاي...»دەپ ئوت لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دەشتى باياۋاندىكى يىلاندەك تولغۇنۇپ،سۇدىن ئايرىلغان بىلىقتەك يۇلقۇنۇپ،بۈگۈن تۇنجى رەت سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭگە ،تەسەللىي بىرىشىڭگە ئىرىشتىم.
   - راستىمنى دىسەم،ساڭا كۆڭلۈم بارمۇ - يوق ،بۇنى ھازىرچە ئۇقمايمەن.   سەنمۇ كۆڭلۈمگە ئازار بەردىڭ. مەنمۇ دىلىڭنى تالاي قىتىم كۆپ رەنجىتتىم.
   ـ مېنىڭ بىر مىليارد نەخ بۇلۇپ بولسىكەن دەيمەن.
   ـ بۇنچە كۆپ پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىسەن؟!
   ـ ساڭا بەرگەن پاك، سەمىمىي ساداقىتىمنىڭ بەدىلىگە بەدىنىڭدىن ئالقاندەك گۆشىڭنى ماڭا خالاپ بېرىپ تۇرساڭ ،مەن بىر مىليارد پۇلۇمنى گىن            مۇتەخەسىسلىرىگە خەجلەپ ئالقاندەك گۆشىڭدىن يەنە بىر «خالئاي»نى        كىلونلىۋالسام دەيمەن.
   - شۇ ئىشلارنى قىلالىغۇدەك جۈرئەت بارمۇ سەندە؟!
   ـ ئەلۋەتتە جۈېئىتىم بار. خالئاي،پەقەت سەن گۆش بىرىشنى خالىساڭلا...!
   ـ خى...خى...سېنىڭ ئىلىشىپ قالغىنىڭ يالغان ئەمەسكەن پەرھات.
   ـ مېنى مازاق قىلىۋاتامسەن ؟! مەن ئىلىشىپ قالسام،باشقا بىر ئىز ئۈچۈن    ئەمەس،سېنىڭ ئىشقى دەردىڭدە سۆيگۈ دەردىڭدە ئىلىشىپ قالدىم.
   ـ ئوھۇي،بۇ گىپىڭچە مەن ئۆز – ئۆزۈمدىن پەخرلەنسەم بولغۇدەك.
   ـ تولىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىپسەن.شۇ تاپتا بايا دەرس ۋاقتىدا ساڭا ئاتاپ   يازغان بىر پارچە شېئىرىمنى ئوقۇغۇم كېلىۋاتىدۇ...
  - ھە قىنى،مەرھەمەت ...!
يار ساڭا بېغىمدىن ئەتىرگۈل سۇنسام،
بۈ گۈلنىڭ تىكىنى بار ئىكەن دىدىڭ.
كۆڭلۈمدىن مۇھەببەت كوچىسى قازسام،
يول چەكسىز، كەڭلىكى تار ئىكەن دىدىڭ.
باغرىمدا بىخ سۈرگەن چوغنى كۆرسەتسەم،
بەك قىزىق،بۇ ئوتقا كىرمەيمەن دىدىڭ.
ئازاپلىق يېشىمنى بۇ نىمە دىسەم،
بىلمەيمەن!بىلمەيمەن!!بىلمەيمەن!!! دىدىڭ.
يۈرەكتىن چىقىرىپ ئىيىتقان سۆزۈمنى،
مىنىڭچە بۇ بەلكىم يالغاندۇر دىدىڭ.
ۋاپاغا ھەرگىزمۇ جاپا قىلمىغىن،
ئويلاپ باق!ئەسلى سەن قانداق قىز ئىدىڭ؟!
       - ۋاھ،بۇ شېئىرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسەنغۇ؟! مۇبارەك بولسۇن!
   - ھەي ۋاپاسىز، سېنى بۇ شېئىرغا باھا بەرگىن دىمىدىم،قەلبىمنى          چۈشەنسۇن دەپ ئۆزۈپ يېزىپ ئوقۇپ بېرىۋاتىمەن.
  ـ مېنى ۋاپاسىز دىدىڭما؟! مەن ۋاپاسىزما...؟!
  ـ ئەمىسە نىمىنداق ئادەم ياراتمىغاندەك يازغان شېئىرىمنى مەنسىتمىگەندەك    گەپ قىلىسەن؟!
  ـ مەن ۋاپاسىز بولسام، ۋاپادارنى تاپساڭ بولمامدۇ؟!
  - سېنىڭ زادى قايسى گىپىڭ راست؟!ياخشى كۆرەمسەن دىسەم ياق دەيسەن،ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ دىسەم مەن بىلەن قەستەن تىركىشىپ يۈرۈيسەن.ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. سەن بىلەن ئۇرۇشقۇم يوق. ياخشى چۈش كۆرگىن! ئاللاھقا ئامانەت خالئاي !
   ـ توختىغىنا ! مېنى ...مېنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسەن؟!
  -ھەي، تىخىچە ئىشەنمەمسەن؟!
  - كىم بىلىدۇ تىخى...
  - خى...ئوبدان خالئاي،بىز يۈرەيلى ماقۇلمۇ؟! بىز يۈرەيلىچۇ؟!
  - مەن...مەن ئويلىشىپ باقاي...
  ـ رەھمەت ساڭا،شۇ تاپتا كۆزلىرىمگە ياش كېلىۋاتىدۇ.باشقا ئوغۇللارغا قارىسام،تەلەپ قويۇپ 3كۈندىن كىيىن جاۋابىنى ئالىدىكەن.ساڭا 3 كۈن ئەمەس،30كۈن ۋاقىت بەرسەم،ئوبدان ئويلۇشۇپ مەن رازى بولغۇدەك جاۋابىنى بەرسەك         بوپتىكەن.
  ـ ماڭا تەنە گەپ قىلىۋاتامسەن...؟!
  - سەن ئويلۇشۇپ باقاي دىدىڭ ئەمەسمۇ ؟! گىپىڭدىن خۇش بولۇپ شۇ.
  ـ لىكىن ئانچە ئۆمىدلىنىپ كەتمە. %50 ماقۇل،%50 ياق دەپ تۇرۇپ      ئويلىنىمەن.
  ـ ھىلىغۇ %50 ئۆمىد بېرىپسەن،%1 ئۆمىد بەرسەڭمۇ،قالغان %99          ئۆمىدسىزلىكنى ئۆزۈم تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم. ئۇنداقتا قاچان       جاۋاب بېرىسەن؟!
  ـ ئويلۇنۇپ بولۇپ ئۆزۈم ساڭا تېلېفۇن قىلاي...!ئەمدى تېلېفۇننى             قويىۋىتەمسەن ياكى تاڭ ئاتقۇچە قۇلىقىڭغا تۇتۇپ تۇرامسەن كارىم يوق. مەن  ئۇخلۇدۇم.خوش!
     مەن تېلېفۇننى ئۈزىۋەتتىم.نەسىھەت كىتابلىرىدا :«قىز - يىگىت كۆڭۈل     ئىزھار قىلىشقان مەزگىللەردە ،يىگىت قىزغا ئۈچ قىتىمدىن ئارتۇق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغاندىن كىيىن ئاندىن قىزنىڭ يىگىتكە كۆڭلى بار بولسا ماقۇل دىسە بولىدۇ ...»دەپ تۇراتتى. پەرھاتقۇ ماڭا 3 قىتىم ئەمەس، 300 قىتىمدىن ئارتۇق     تەلەپ قويۇپ بولدى. بىر ھىساپتا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى.        پەرھاتنى كىسىپلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ئىيتالمىساممۇ .يۈرۈپ قالسام ئۆز – ئارا ھۆرمەتلىشىپ،ئۇزاققىچە ئۆتىشىمىزگە كۆزۈم يېتەتتى. بىراق نەدىمۇ قىز بالا    يىگىتنىڭ تەلىپىنى ئويلىشىپ بولغاندىن كىيىن تېلېفۇن قىلىدىغان ئىز بار...؟! ھۇ دۆت !خى..خى..ئۇيقۇمنى ئۇخلايچۇ !
      ئەتىسىدىن باشلاپ پەرھاتنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئىخلاس بىلەن ئىنچىكە  ئويلاشقا كىرىشتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە يەر شارىدا قەدىردان ئدتدمدىن باشقا بىرمۇ ئىشەنچىلىك ئەر زاتى يوق ئىدى. قىز بالىنىڭ ھىدىنى پۇراپ بولغىچە ماز گەپ قىلىپ شوخلۇق قىلىدىغان يىگىتلەرنى كۆڭلۈمدە «شاپاقچى» دەپ بىلەتتىم.قىز بالىغا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان جىمخۇر ساختا ئېسىللارغا پارتىداش بولۇپ قالساممۇ ،ئاي ئايلاپ :«قىرىنداش قەلىمىڭىزنى بىرىپ تۇرامسىز ...؟!»       دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش يادىمغىمۇ كېلىپ چىقمايىتتى. ئوغۇللارغا ئۆچلۈك     قىلغىنىم ئەمەس،بولۇپمۇ 21-ئەسىردىكى يىگىتلەردىن ۋاپا ،مىھىر،ساداقەت قەلب گۈزەللىكىنى ئۇچرىتىش گويا دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنگە ئوخشاش مۈشكۈل ئىش ئىدى.تۇيۇقسىز يادىمغا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يىقىندا ئىيىتقان بىر ناخشىسى كېلىۋاتىدۇ...«يىگىتلەر ئۇياقتا، قىزلار بۇياقتا...كۆڭۈل ئىزھار ئىيتالماي، ياكى تاشلاپ كېتەلمەي كۆزلەر بېقىشماقتا...بۇ ياشلىقتا .»ئازغىنە ھاياتتا قايسى بىر قىز ھەقىقىي سۆيۈلۈپ ياشاشنى،قەدىرلىنىپ ئۆتۈشنى ،ئالمىدەك قىلىپ،ئالەمچە  مىھىر - مۇھەبەتكە توشقۇزۇلۇپ يارىتىلغان ئاجىز يۈرىكىنىڭ ئازاپلانماي ياش تۆمەي بەخت ئىچىدە دەرمانسىز ،سۆيگەن مەشۇقى بىلەن خاتىرجەم بىر كېتىشنى    ئۇيلىمىسۇن دەيسىز...؟! ئائىلىمىز ئادەتتىكىچە بولسىمۇ تولىمۇ ئىجىل - ئىناق  ئۆتىمىز .سۆيۈملۈك ئاچام مېنىڭ كەلگۈسۈمنى دەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى توختۇتۇپ قويغان .مىھرىبان ئانام دائىم دىگۈدەك يۇمران چاچلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ،گاھى ھۇجرامدا ،گاھى ئاپتاپلىق پىشايۋاندا ئولتۇرۇپ قىز پەزىلەتلىرى توغرىسىدا      بېشىدىن ئۆتكەن ،بوۋام ،موماملاردىن ئاڭلىغان چوڭقۇر مەنىلىك،رىئال         تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ھىكايەتلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. بەزىدە تور بىلوگلىرىغا     قارىسام«سىز بىر قىزنى سۆيسىڭىز بولىدۇ.بىراق كۆڭلىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا  ئاتىۋەتمەڭ.چۈنكى بۇ دۇنيادا ھىچكىم سىزنىڭ ياش تۆكۈشىڭىزگە،             ئۆلىۋىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ...»دىگەندەك مۇھەببەت سۆز ئىبارىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىمەن. بۇلاردىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى،راستىنا بىز ئىنسان؛ار ئىشەنچىسىز بولۇپ  قاپتىمىز.بىراق پەرھاتچۇ؟! ئۇ ماڭا بارلىقىنى ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. ئىغىزىدا ئەمەس،ئەمەلىيەتتە مېنى تولا ئويلاپ ،تۇرمۇشتا كىشىلەرگە كۆپ ئارلاشماي،ئىدىيىسى  بۇرۇقتۇرما بولۇپ پىسخىكىسى تۇراقسىز بوپ قالتۇ.بەلكىم مەن ئۈچۈن شۇنداق  بوپ قالغاندۇ ۋەياكى تىگى تەكتىدىن ئالغاندا،ئۆزى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بەختىنى  تېپىش يولىدا شۇنداق بوپ قالغاندۇ...نىمىلە بولمىسۇن ئۇ ھەرھالدا          ئىشەنچىلىك ئادەم. ناۋادا ئەمدى كۆرۈشۈپ قالساق «ماقۇل» دىسەممۇ         بولغۇدەك. ھەي،قالغان كىيىنكى تەقدىرىمگە ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزۈڭ باشپاناھتۇرسەن!شۇ تاپتا تۇيۇقسىز پەرھات بىلەن يىقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن   خۇشال كۈز ئايلىرىدىكى ئۇنىڭ ئىجادىيەت خاتىرىسىدىن ماڭا ياراپ يادلىۋالغان بىر پارچە شېئىر يادىمغا كېلىۋاتىدۇ...
راست كېتەمسەن شېرىن ئاشىقىم،
ئازابىڭنى سۆيەي كەتمىگىن.
كۈز ياپرىقى بولاي خالىساڭ،
قاقشال پېتى ئۆلەي كەتمىگىن.
ھايات گويا توزىغان بىر گۈل،
ئىھ،ئاشىقىم سۆزۈم ئۈچۈن كۈل.
سۆيگۈ يېشى يۈرەكتىن ئاقسۇن،
ئۈنۈپ چىقسۇن قىزىل ئەتىرگۈل.
مۇڭ يېنىمدا مىنۇت تۇرغۇڭ يوق،
كەتسەڭ سېنى ئىزدەپ بارىمەن.
ئەخمەق بولما مومايلىقىڭدا،
مەڭزىڭدىكى ياش بوپ قالىمەن.
سۆيگۈ ئوتۇم ساڭىلا تالىق،
مەن بولسان بىر كۆيگۈ قاتىلى.
ئۇچرىشىمىز ئوتنىڭ ئىچىدە،
بۇ دىگەنلەك سۆيگۈ ئالىمى.
سومكاڭدىكى تېلېفۇنۇڭدا ،
شۇنچە غەمكىن،ئۇزۇن بىر سان بار.
دەرد پىراقىم شۇنىڭ ئىچىدە،
ھىس قىلدۇرۇپ كەتتىم ،خوش نىگار !
     بۇ شېئىر ماڭا شۇنداق مەنىلىك تۇيۇلغانىدى.ھازىرمۇ پات - پات ئىچىمدە  ئوقۇپ قويىمەن. كونىلار بۇ ئالەمنى ئۆتنىسى بار دېيىشىدۇ. بۇمۇ يوق گەپ ئەمەس.مەنمۇ كىيىن قالسام 6،7 يىلنىڭ كەينىدە ئالاھىدە تەقدىرىمدە  ئۆزگىرىش بولۇپ قالمىسا، بىلىپ - بىلمەي تۇرمۇشقا چىقىشىم تۇرغان گەپ. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پەرھاتنىڭ ئۇۋالىغىمۇ كېتىپ قالماي يەنە. «سۆيگەنلەرنى سۆيۈپ قوي كۆڭلى قالمىسۇن، بىر سۆيۈشمۇ غەنىمەت مەيلى قانسۇن قانمىسۇن...»دەپتىكەن.پىشانەمدە پەرھاتنىڭ مۇشۇ تارىتقۇلىقى بولسا كىرەك.ئەمدى بۇ يولنى ماڭماي ئامال يوق!
    مەن شۇنداق قىلىپ پەرھاتقا «ماقۇل» بولۇش خىيالىغا كەلدىم. بۇ   گادىرماچ خىياللار بىلەن تۇتقان – قويغىنىمنى بىلمەي ،ئۆگەنگىنىمنىڭمۇ تايىنى  يوق ئارىدىن ئىككى كىچە كۈندۈز ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەتىسى مۇھىم بىر   تاپشۇرۇق ماقالىسى لازىم بوپ قىلىپ ،مەكتەپ تورخدنىسىغا كىردىم. كوت     كوتنى ئېچىپ قويۇپ ماقالە ئىزدەۋەتسام يەنە پەرھات خەت يېزىپ قالدى...
   ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالئاي،بۈگۈنۈڭ قانداقراق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ؟!
   ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،خى..ياخشىغۇ ! قەيەردە سەن؟!
   ـ سەن قەيەردە دەپ ئويلىساڭ ، مەن شۇ يەردە...
   - پەرھاتنىڭ بۇ خېتىنى ئوقۇپ تۇيۇقسىز ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ    بىلەن ئارتۇق گەپ قىلماي ماقالەمنى چۈشۈرۈپ بولۇپ،ئاچام بىلەن پاراڭلىشىۋاتسام،بىر ھازادىن كىيىن پەرھات يەنە خەت يازدى.
   - نىم بولدى خالئاي ؟! يوقاپ كەتتىڭغۇ؟! گەپ قىلمايسەنغۇ؟!
   ـ مەن بىلەن كارىڭ نىمە ؟
   - نىمىش قىلىۋاتىسەن ،ئالدىراشما؟!
   - پاراڭلىشىۋاتىمەن. ئوغۇللار بىلەن كامىرادا...
   - سەن...!!!
     ئالاھەزەل بىر مىنۇت ئۆتەر ئۆتمەيلا تېلېفۇنۇم سايرىدى.قارىسام پەرھات . قانداقلا بولمىسۇن گېپىنى ئاڭلاپ باقاي دەپ تېلېفۇننى  قوبۇل قىلدىم.
   ـ بايامقى گېپىڭنى ئۆز ئېغىزىڭ بىلەن يەنە بىر دېگىنە ،خالئاي،مەن ئۆز قۇلىقىم بىلەن بىر ئاڭلاپ باقاي...
    - مەن ھازىر ئالدىراش، ھىلى ساڭا ئۆزۈم تېلېفۇن قىلايچۇ...؟!
    مەن دەرھال تېلېفۇننى بېسىۋەتتىم. ئۇ يەنە ئۇلاپلا تېلېفۇنۇمنى سايراتتى...
    -  كەچتە مۇزاكىرەگە كىرمىگىن. دەيدىغان گەپ بار !
   -مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغىلى كەلگەن. مۇزاكىرەگە كىرمىسەم بولمايدۇ.
   - ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغىلى كەلگەن ئادەم تورخانىدىن چىقماي ئوغۇل بالىلار بىلەن كامىرادا پاراڭلىشامدىكەن ؟!
   ـ نىمىش قىلسام سېنىڭ ئىشىمغا ئارلىشىش سالايىھىتىڭ يوق !
   ـ ئادەمدىگەننىڭ يىقىن ئەتراپىدىكىلەرگە، ئەڭ يىقىن قەدىناس دوسىتلىرىغا   نەسىھەت قىلىش، ناتوغرا ئىشتىن توسۇش مەجبۇرىيىتى بار.تولا ھەددىڭدىن      ئاشما!
    - كىم ھەددىدىن ئېشىپتۇ ؟ ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشنى بىل !
    تەگشىش ،قىيداش بارغانچە ساتارنىڭ ئەۋجىدەك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلىۋاتاتتى.
   ـ جاپاكەش ئاتاڭ بىلەن ، مىھرىبان ئاناڭنىڭ يۈزىنى دىمىسەم،ھازىرلا مەكتىپىڭگە بېرىپ بىر ئېغىز گىپىم بار، شۇنى دەۋىلىپلا ئالدى – كەينىمگە قارىماي قايتىپ كەلگەن بولاتتىم.
   ـ نىمە دەيسەن ؟! كىم بىلەن كىمنىڭ يۈزىنى قىلمىسام دىدىڭ؟!
   ـ گەپ بىر قۇلاق ئىككى خان !
   - ئۆزۈڭچە ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسەن ؟! ھەرقانچە سىنىپقا باستۇرۇپ كىرسەڭمۇ ،بۇ دىگەن تولۇقسىز ئەمەس، ئالىي مەكتەپ. ئاخسالىقىڭ ئاقمايدۇ. شۇنى بىلىپ قوي !
   - مۇھەببەت ئۆلسە، نەپرەت شاخلايدۇ خالئاي ! تولا نەپرىتىمنى قوزغىما! بايامقى گەپكە كېلەيلى، كىتابقا قاراشتىن كۆرە،سېنى ئويلاشنى ئەلا بىلىدىغانيىگىتكە ئۆزۈڭ خالاپ بىرەر قىتىم تېلېفۇن قىلىشنى ،ئۇچۇر يوللاپ ئەھۋالىنى سوراشنى بىلمەيسەنۇ ،ئەجىبا شۇ توردىن چۈشمەي قايسى دەريادا بىلىق باركى، قايسى سىسىپ قالغان كۆلچەكتە پاقا باركى دەپ يەمچۈك تاشلاپ ئولتۇرغان ھارامزادىلەر بىلەن خەت يېزىشىپمۇ ئەمەس تىخى كامىرادا پاراڭلىشىشقا ھەجەپ ۋاقتىڭ   باركىنا ؟! سەندە ۋىجدان بارمۇ يوق ؟!
    - ئەمىسە بايام ماڭا نىمە دىدىڭ ؟!
   - نىمە دەپتىمەن ؟! قايسى گىپىم ئىغىر كەتتى؟!
   - بەش مىنۇت ئالدىدا دىگەن گېپىڭنى بىردەمدە ئۇنتۇپ قاپ بولداڭ،شۇنداقمۇ؟! ئاخىرى كۆڭۈل ۋارىقىڭنى ئاشكارلىدىڭ. بىر قارىماققا ،تۇنجى ئوقۇماققا  مۇقاۋىسى شۇنچە نەپىس لايىھەلەنگەن كاتتا كىتاب بولغىنىڭ بىلەن ئىچىڭدىكى خەتلەر چاياندىنمۇ زەھەرلىككەن !
   - سەل ئۆپكەڭنى بېسىۋالساڭ بولامىكى خالئاي. «سەن تاز دىگۈچە،مەن تاز دەۋالاي»دەپ ،ھە...ئەمدى چۈشەندىم،كۆڭلۈڭ بولمىسا ئادەمنى كولدۇرلاتماي 3 يىل بۇرۇن كىسىپلا دىسەڭ بولمامتى ؟! تىكەنگە دەسسەپ بۈگۈنگە ئۇلاشقىنىمدا ،   يوق ئىشقا باھانە چىقىرىپ تىرىك پېتى روھىمنى ئۆلتۈرەي دەمسەن؟! ساڭا بىر  قەدەم يىقىنلاشسام،سەن مەندىن ئۈچ – تۆت قەدەم كەينىگە داجىپلا تۇردۇڭ.   سەن ئىنسانمۇ ياكى...؟!
    - ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتامسەن؟! ئەمدى كىمنى تاپساڭ تاپ !!!
- تېلېفۇن كونۇپكىسىنى ئۈزدۈم. قولۇمدىكى تېلېفۇنۇمنى ئاچچىقىمدا بېشىمدىن ئىگىز كۆتۈرپ بولۇپ ،ئاستا پەيلىمدىن ياندىم. پەرھات تېلېفۇن     قىلىپ قالسا مەن «ماقۇل» دەيدىغان بولغانتقمغۇ؟! ئەپسۇس ،ھەممە ئىشلار ئاستىن –ئۈستىن بوپ كەتتى. شۇ تاپتا بايا پەرھاتنىڭ كايىشلىرىدىن پەيدا بولغان يۇمران قەلبىمنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىر ئىگەمدىن باشقا ھەتتا ئۆزۈممۇ ئويلاپ يېتەلمەيىتتىم. پەرھات ئۆزۈىچە مېنى شاللاق قىزلار  قاتارىغا چىقىرۋەتتى. بۇ نۆۋەت ھۆرمىتىمنى قىلغاندەك ئەمەس. ئۆزىنى شۇنچە ئېسىل چاغلاپ قىلغىنى ئۆزىگە بىلىنمىدى. ئۇنىڭدا بار ۋىجدان باشقا كىشىدە يوقتەك. «سېنى سۆيىمەن، ئىشقىڭدا ئۆلىمەن...» دېيىشلىرىچۇ ،تىخى. مېنى  ئۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىغان ئادەم نىمىشقا كۆڭلۈمگە ئازار بېرىدىكىنە ؟! ئەجىبا ئۇكىتابخۇمار يىگىت تۇرۇپ قىز بالىنىڭ كۆڭلى نازۇك  كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟! ياق، ئۇ چوقۇم بىلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ دىلىمنى پايخان ئەيلىگەندىكىن،ئەمدى مەكتىپىمگە كېلىپ ياتىىقىمنىڭ ئالدىدا ماڭا تىزلىنىپ كەتسىمۇ  كۆرمەسكە سېلىپ قارغۇدەك كەتمىسەم.خەپ ! «سەن ئىنسانمۇ يا...»دەپ ۋارقىراشلىرىچۇ تىخى.گاھى باغرى تاشقا ئوخشاتتى. ۋىجدانسىزمۇ قىپ بولدى. دىمەك،مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئەر زاتىنىڭمۇ ھالى شۇنچىلىككەن. ئىسىت ،  ئۇ بىر نىمىگە ھىسداشلىق قىلىشلىرىم قۇرۇپ كەتسۇن! ئۇنىڭغا بىرىدىغان ئەخمەق كۆڭلۈمنى جايىدا قويۇپ،ئۆگىنىشىمنى قىلاي...
مەن شۇلارنى ئويلىغىچىلىك بولغان شۇ ئەسنادا پەرھات كەم دىگەندە 20 قىتىم تېلېفۇن قىلىپ بولغاندۇ. ئاخىرى   تېلېفۇنۇمنىڭ باتارىيىسىنى ئېلىۋەتتىم.گاھ تېلېفۇن قىلىدۇ،گاھ ئۇچۇر يازىدۇ. پەقەت ئارامىمدا قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىل نومۇرىنى تېلېفۇنۇمنىڭ قارا تىزىملىكخانىسىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم.ئۇ يەنىلا بوش كەلمىدى. ياتاقداشلىرىنىڭ،دوسىتلىرىنىڭ تېلېفۇنىدا تېلېفۇن قىلاتتى.مەن  ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا تېلېفۇننى ئۈزىۋىتەتتىم. مانا ھازىر ئۇ يەنە ئاممىۋىي تېلېفۇنخانىدىن تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ .
   - نىمىشقا تېلېفۇننى ئالغىلى ئۇنىمايسەن ؟! ئۇ گەپلەرنى قەستەن دىمىدىم.  ئوغۇل بالىنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ئىغىر كېلىدىغان ئاشۇ گەپنى ماڭا قىلغاچقا ، ئۆزۈمنى تۇتالماي ساڭا قاتتىق تېگىپ سالدىم. كەچۈرگىن!
   - ئەمدى نىمىلا دىگىنىڭ بىلەن بىكار . سۇنغان چىنە ئورنىغا كەلمەيدۇ.    يەردىكى تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولامتى...؟!
   -سۇنغان چىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىسا ،يەملەپ بولسىمۇ ئىشلەتكەچ تۇرايلى ! چوقۇم ئەسلىگە كېلىدۇ. يەردىكى تۈكۈرۈكنى ھىچكىم ئېغىزىغا ئالمىسا ،مانا مەن ئېغىزىمغا ئالاي ! چۈنكى ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ. قانداقتۇر ساڭا يالۋۇرۋاتقىنىم يوق. ھەقىقي مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ساڭا بىر بىلدۈرۈپ قويغۇم بار. ماڭا بۈگۈن ماقۇل دەپ ئەتە يېنىۋالساڭمۇ مەيلى. بۇنداق دىسەم باشقىچە چۈشىنىپ قالما، سېنى راستىنلا جاندىن ئەزىز كۆرىمەن.
   - مەن يۈرۈپ قالسام ئاز دىگەندىمۇ 10 يىل كۆڭلۈمنى باقالايدىغان ئەركەك بىلەن يۈرگۈم بار…!
   - ئاران 10 يىلما ؟! مەن سېنى ئۆمۈرلۈك قەلبىمگە پۈكۈپ قويغان خالئاي!  كۆڭۈل رىشتىمىز سۆرۈلۈپ يۈرگىلى ئۇزۇن يىل بولدى. يامغۇردا دات بېسىپ بىراۋلار تەرىپىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە رىشتىمىزنى مۇستەھكەم كەپشەرلىۋالايلى،  بولامدۇ؟!
   - ئېغىزدا دىمەك ئاسان،ئەمەلىيەتتە قىلماق تەس .سەن تولا پو ئاتما!مەن   ھىلىقى كۈنى كامىرادا ئوغۇل بالىلار بىلەن ئەمەس،ئۆز ئاچام بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقان. قارىسام سەن خەت يېزىپتىكەنسەن.ئۆزۈمچە تىخى سېنى  تورخانىدا بولسا كامىرادا پاراڭلىشامىزمىكى دەپ «سەن قەيەردە »دەپ خەت قايتۇرسام،«سەن   قەيەردە دەپ ئويلىساڭ ،مەن شۇ يەردە…»دەپ زىتىمغا  تېگىدىغان گەپلەرنى يېزىپ كەتتىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم تىخىمۇ ئۆرلەپ ، مەنمۇ ئېغىزىمغا كەلگەننى جۆيلۈپ قويدۇم شۇ…
   - ئاچام بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن دەپ شۇ ۋاقتىدا دىسەڭ بوممامتى؟! مەنمۇ ئۇنچىۋالا قايناپ كەتمەيىتتىم. بوپتۇ. بۇ قىتىمقى خاتالىق سەندىنمۇ، مەندىنمۇ ئۆتۈپتۇ. كۆپرەكى مەندىن ئۆتكەن بولسۇن! چۈنكى قىز بالىنىڭ كۆڭلى قىلدىن نازۇك بولىدىغانلىقىنى مەن دۆت ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
   - ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات ! ئىغىر كەتكەن بولسا مېنى كەچۈرۋەتكىن!
   - ياقەي، خاتالاشتىڭ! مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىسام توغرا بولىدۇ. مېنى كەچۈرگىن خالئاي !! ھە راسىت ،كىلەر ھەپتە قايسى كۈنى دەرىسىڭ يوق؟!
   - قانداق دەيسەن؟!
   - ئۆتكەندە كۆڭۈل ئىزھارىمنىڭ جاۋابىنى بېرىدىغان بولغانتىڭ! ئويلاپ باقسام،شۇنچە يىلدىن بىرى خەتتە،تېلېفۇندا تەلەپ قويۇپ كەپتىمەن. بۇ قىتىم    مەندىن ئاغرىغان كۆڭلۈڭدىن كەچۈرۈم سورىغاچ،يۈز تۇرانە ئالدىڭغا بېرىپ ئۆز  ئېغىزىڭدىن مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن راست گېپىڭنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى.شۇڭا بىكار ۋاقتىڭنى دەپ بەرسەڭ ،ئۆگىنىشىڭگە دەخلى يەتكۈزمەي   ئاشۇ كۈنى بىز يۈز كۆرۈشسەك بوپتىكەن…؟!
يۈرىكىم بەئەينى كۆيۈپ كەتكەن نان،
گىرۋىكى ئۇۋىلىپ ياتىدۇ كۈلدە.
ئۇۋالىم يىلتىزى تۇپراق ئاستىدىن،
چىچەكلىك يۇلغۇنغا تۇتاشتى چۆلدە.
يۇلغۇننىڭ يېنىدىن ئۈنۈپ چىقتىم مەن،
قۇملارغا تۆكىمەن مىڭ بىر كىچە ياش.
مەڭزىمدىن سىرغىغان سۈزۈك ئازاپقا،
مىھىرلىك كۆزىدە باقىدۇ قۇياش.
يىراقتىن ئاڭلاندى يارنىڭ ئاۋازى،
تۇيۇقسىز يىلاندەك تولغىنىپ كەتتىم.
قوينۇمدىن ئاۋايلاپ خەنجەرنى ئېلىپ،
يۈرەككە سالغاندا ئوۇغىنىپ كەتتىم.
    بۇ شېئىردىن نىمىنى ھىس قىلدىڭ خالئاي ؟! مەن دائىم دىگۈدەك سېنى    چۈشەپ قالىمەن. بۇ تۈنۈگۈن كىچە سېنى كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرى .سەنمۇ   ئكزۇڭنى ئارتۇق قىينىما ! دىگىنە ،قاچان ۋاقتىڭ بار؟! مەن قېشىڭغا باراي…!
   مەن خىلى ئۇزاق ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ناھايىتىمۇ تەستە ئېغىز   ئاچتىم .
-            -ئەمىسە كىلەر ھەپتە چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن كەلگىن ! مېنىڭ شۇ چاغدا ۋاقتىم بار .
    - رەھمەت ساڭا خالئاي! ئەمدى كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى. بېرىپ ساڭا تېلېفۇن قىلىمەن جۇمۇ ؟! ئاڭغىچە كوت كوتتا كۆرۈشۈپ تۇرساق بولامدۇ؟!
   -ئىختىيارىڭ !   
   - نىمىشقا دائىم ككپۈنچە ئىشلارنى ئىختىيارىمغا تاشلاپ قويۇپ ،ئۆزۈڭ     خىيالى تۇرىۋالىسەن؟!
- ئوندان«ھە» دەپ قويسام ،ئەتىگەندىن كەچكىچە خەت يېزىپ تېلېفۇننى   سايرىتىپ ئاۋارە قىلساڭ قانداق قىلىمەن؟!
   - ۋاي خاتىرجەم بولە ! مەن ئۇنچىۋالا چۈپەي ئەمەس جۇمۇ!
   - خى...خى...ساراڭ !
   - نىمە ، مەن شۇنچىۋالا ساراڭما؟!
   - ئەلۋەتتە. قالغىنىنى «پەرھات ساراڭ» دەپ بىر كىنىشكا ياساپ ئۆزۈمنىڭ  تامغىسىنى ئۇرۇپ بوينۇڭغا ئېسىپ قويمىسام،خەپ ! قاراپ تۇر ھە خى..خى..
   - ئۇ كىنىشكىنى بوينۇمغا ئاسساڭمۇ ئاسقىن ،مومكىن بولسا يۈرىكىمگە «مۇھەببەت سارىڭى» دەپ بىر نەقىشلەپ قويغىنا ،ئوبدان گۈلۈم!
    -ھە دەپ بەرسە ئىچىگە گىلى گاز قاچىلانغان شاردەك كۆككە ئۆرلەپ كېتىدىكەنسەن.گەپ تۈگىگەن بولسا ...
   - ۋاي ماقۇل ئەركە خېنىم ! گەپنىڭ ئاخىرىنى قېشىڭغا بارغاندا دەۋالىمەنغۇ؟! كۆرۈشكىچە ئاللاھقا ئامانەت !
    - ئاللاھقا ئامانەت !!!
    ئۇ كەلسە چوقۇم ماڭا قويغان كۆڭۈل تەلىپىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى ئالغىلى كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۇشيار تۇرمىسام بولمايىتتى. كىچىككىنە كەتكۈزۈپ قويسام كىيىنچە ئازابىنى ئۆزۈم تارتىدىغان گەپ. چۈنكى مۇھەببەت ئۇ ماھىيەتتە كۆڭۈل سودىسى ھىسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي رىئاللىقتا كىشىلەر پۇلغا مال ئالماشتۇرسا ،مۇھەببەت سودىسىدا ئىككى تەرەپ ئۆز – ئارا كۆڭۈلگە كۆڭۈل    ئالماشتۇرىمىز.بىر تەرەپتىن زىيان چىقسا ،ئۇ سۇنغان كۆڭۈلنى چاي  قۇيۇپمۇ ئېلىۋالغىلى بولمايدۇ. قالغىنىنى بېشىمغا كەلگەندە كۆرەي. ھەي...ئۇ كەلگۈچە كۆڭلۈم دەكۈ - دۈكىدە ئۆتىدىغان بولدى دە! ئاڭغىچە ئىددىيە جەھەتتە ھەر ئىھتىماللىققا قارشى تەييارلىق قىلىپ قوياي...!
3-قىسىم
     بۈگۈن چارشەنبە .مەن شۇنچىلىك تەمكىن. شۇ تاپتا چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ بولۇپ ياتىقىمدا بىخارامان ئارام ئېلىۋاتىمەن...تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايرىدى .ئالمىدىم. ئارقىدىن يەنە سايرىدى .ئالدىرماي تېلېفۇننى قوبۇل قىلدىم ...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بارمۇ سەن؟!
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! بارغۇ !  
    - ئالدىراشمۇ نىمە ؟! تېلېفۇننى ھەجەپ ئۇزاقتا ئالدىڭغۇ؟!
   - ياقەي ،مەن ياتاقتا .كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ.
   - ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا ئۇخلاپ ،ئۇيقۇڭ تۈگىگەندە سىرتقا چىقساڭ بوپتىكەن. بۈگۈن چارشەنبە چۈشتىن بولۇپ قالدى .
   - قەيەردە سەن ؟!  
   - مەن مەكتىپىڭگە كېلىپ بولدۇم. ھىلىقى قىزىل راۋاقنىڭ قېشىدىكى تاللىق كارىدۇردا....  
   - ھە، ئەمىسە مەن ھازىر قېشىڭغا چىقاي. بىردەم كۈتۈپ تۇر...  
ok-     
   مەن تېلېفۇننى قويىۋىتىپ ئەينەككە بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،سومكامنى ئېسىپ پەرھاتنىڭ قېشىغا قااپ ماڭدىم. قىزىل راۋاقنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسام پەرھاتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيىتتى .سومكامدىن تېلېفۇنۇمنى ئېلىپ نومۇر بېسىۋاتسام ،ئاسماندىن چۈشكەنمىكىن ،تاڭ ئۇ ئالدىمدا پەيدا بولدى.  
     - ھەي !   
     - ھە، تىشلىقمۇ؟! ھەجەپ قورقىتىۋەتتىڭ جۇمۇ؟! نەگە كەتتىڭ ؟!  
     - خى ،مانا قېشىڭدا بارغۇ مەن. ياتاقداشلىرىڭ چىققىلى قويمىدىمۇ نىمە ،ھەجەپ بەك تەستە چىقتىڭغۇ؟!   
     - ئۆتەپ باغىنە ..!  
     - مەن قىز بالا بولغان بولسام ،تارتىنماي ياتىقىڭغا كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ سوقاتتۇق. مەكتىپىڭنىڭ تىنىچ بىر يېرىگە باشلىمامسەن ؟! شۇ يەردە شاۋقۇندىن خالىي سىردىشايلى...!  
    - خى...خى...جۈرە ! ئاۋۇ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بويىدا سۆگەتلىك ،سۆگەتلىك ئاستىدا قاتار ياغاچ ئورۇندۇق بار. شۇ يەرگە بارايلى...!   
    - ۋاھ، رومانتىك ئولتۇرىدىكەنمىزدە...؟!  
    - ۋۇ ئەسكى. نىمىنداق قىلىن بوپ كەتتى ؟!     
    - دەپ باقە ، مېنىڭ نەرىم بەك قىلنكەن ؟!  
    - ئۆتەپ باغىنە ، چالا ساراڭ .
    - ھە راست ، ساراڭلىق كىنىشكەمنى ياساپ بولدۇڭمۇ؟! قىنى ئالغاچ كەلدىڭمۇ  يا...؟!
    - خى...خى...خى...ئۆزۈمنىڭ شەخسى تامغىسىنى باسساملا پۈتىدۇ.
    - ساراڭلىق دەرىجەمنى قانچىگە بىكىتتىڭ ؟!
    - ئىشقىلىپ خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىدۇ ..خى..خى..
    - شۇڭا ئاخىرى مېنىمۇ ئىتىراپ قىلاي دەپسەندە...؟!
    - نىمىنى ؟!
    - ئە..ھە ، ھىچنىمىنى ...ھىچنىمىنى.قىنى كەل ! بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.
    - ياق. جۈرە ،ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.  
    - نىمىشقا ئەمدى...؟!
    - قارىغىنا ،باياتىن بىرى خەق ئولتۇرۇپ بوپتۇ. بىزمۇ خەق ئولتۇرمىغان بىر ئورۇندۇقنى ئۆزىمىز سۈرتۇپ ئولتۇرساق نىم بوپتۇ ؟!
   - ۋاھ، يەنىلا قىزلار ئىشنى ئىنچىكە ئويلايدۇ جۇمۇ ؟! جۈرە ئەمىسە...!
   - ۋىييەي، ھەممە قىزلارنىڭچۇ ئۇنداق بوپ كېتىشى ناتايىن.
   - راست دەيسەن. ساڭا ئوخشاش رومانتىك قىزلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ بۇ خىل جەلىپكارلىق.
   -  ھە، قىنى ماۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى. مېنى خىلى چۈشىنىدىكەنسەن جۇمۇ ؟!
    سومكامدىن قەغەز ئېلىپ ئورۇندۇقنى سۈرۈتتۈم.
   - مەن ئارتۇق گەپ قىلماي قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا قايىل بولىۋاتاتتىم. بىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەر ئىككىلىمىز تەمتىرەپ بىردەم سۈكۈتكە چۆمۈپ قالدۇق. ئاخىرى پەرھات بۇ ئوڭايسىز ئەھۋالنى ئوڭشاپ گەپ باشلىدى.
   - ھە...ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيانقى كۈنلىرىڭ قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ ؟!
   - جىق ئىشلارنى ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ ،ئىشقىلىپ بوپ قويىدۇ...
   - ھە، ئالدى بىلەن قولۇمدىكى بۇ بىرتال ئاق ئەتىرگۈلنى سەن بىلەن دوست بولۇپ تا بۈگۈنگىچە بولغان ئارلىقتا ئارىمىزدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قەلبىڭدىن چىقىرىپ ،كۆڭۈل ئىزھارىمنى ھەقىقىي قوبۇل ئىتىشىڭ ئۈچۈن ئىككى قوللاپ ساڭا سۇناي...قىنى قوبۇل قىلغايسەن!
    - مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئەمدىلا ئېچىلغىنىغا ئىككى – ئۈچ كۈن بولغان بۇدۇرۇققىنە بىرتال ئاق ئەتىرگۈلنى ئاۋايلاپ تاپشۇرۋالدىم .
   - رەھمەت ساڭا پەرھات !
   - كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا رەھمەت ئىيىتسام بولىدۇ. قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇقمايدىكەنمەن. شۇڭا پاكلىقنىڭ،سەمىمىيلىكنىڭ سىموۋۇلى بولغان بۇ ئاق ئەتىرگۈلنى ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ ساڭا تاللىدىم.
    - بوپتىغۇ ،مەنمۇ ئاق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرىمەن. ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى قىنى؟!
    - تىكىنىنى گۈلچى ئايال كېسىۋەتتى.
    -  نىمىشقا ؟!
    - مەنمۇ :«نىمىشقا تىكەننى كېسىۋىتىسىز...؟!» دەپ سورىسام،گۈلچى ئايال :«قىز دوستىڭىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندىمۇ تىكەن كۆتۈرۈپ بارامسىز...؟!» دىگەنتى ئويلاپ باقسام، بۇ گەپنىڭ مەنىسى خىلى چوڭقۇردەك قىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەيلى دەپ تىكەنسىز ئېلىپ كەلدىم.
   - خى...خى...ھىلىمۇ ماڭا سالغان تىكەنلىرىڭ يېتىپ ئاشىدۇ. تىكەننىڭ بولمىغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ.
   -  قارىغاندا دىلىڭ مەندىن خىلىلا رەنجىپتۇدە !ئەمىسە قايسى ئىشتا بەكرەك رەنجىتكەن يېرىڭ بولسام ئالدىمدىلا دىگىنە ! يۈزتۇرانە كەچۈرۈم سورىۋالاي.
   - بولدى. كونا خاماننى سورۇشمايلى... پەرھات !
   - ماقۇل ئەمىسە، ئاساسىي مەقسەتكە كېلەيلى،بۈگۈن سەندىن كۆڭۈل سوراپ ئالدىڭغا كەلدىم. قەلبىمگە كىرەك بولغان شۇ كۆڭلۈڭنى ماڭا بېرەلەمسەن خالئاي ؟!
   - ئالدىمىزدا مۇھىم بىر ئىمتىھان بار . شۇ ئىمتىھان تۈگىگىچە كۈتۈپ تۇرساڭ قانداق؟!
   - نىمىشقا ئەمدى...؟! ئۈگۈنىشىمگە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئەنسىرۋاتامسەن؟!
   - شۇنداقراق. ئۆزۈڭ ئويلاپ باقە ،تۇيۇقسىز تۇرمۇشۇڭغا بىرسى بۆسۈپ كىرسە ،بىرمەھەل ئۇ خىل مۇھىتقا كۆنۈپ بولغىچە بىر قىسمىلا بوپ قالىدىكەنسەن...توغرا چۈشەنگىن !
   - گىپىڭغۇ ئورۇنلۇق،بىراق كۈتكىن دەپ قويۇپ يەنە بىر ئىشقا بىر ئىش ئۇدۇل كەلمەي قالسا ،يەنە قاچانغىچە سۆرۈلۈپ يۈرەرمىز دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
    - خاتىرجەم بول. ئەمدى ئۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ. ماڭا ئىشەنمەمسەن؟!
    - ياقەي،شۇ تاپتا بىر ھىكايە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ...ئاتاقلىق مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ «ساداقەت» ناملىق ھىكايىسى ئېسىڭدە بارمۇ؟!
    - ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتابىدا ئوقۇغانتۇققۇ؟!
    - ھەئە ،شۇنداق .ئۇ ھىكايىدە يىگىت شەھەرگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا بىكەتكە ھاۋالە بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىققان قىزغا مۇنداق دەيدۇ :«ھۆرلىقاغا دەپ قويۇڭ،ئۇ مېنى كۈتۈپ باقسۇن! قىنى قانچىلىك كۈتەلەيدىكىن...؟!» شۇ بىر ئىغىز گەپ ئۈچۈن ھۆرلىقا ئۇ يىگىتنى ساق 10 يىل كۈتىدۇ.يىگىت بولسا شەھەرگە كېلىپلا نايناقلارنىڭ كەينىگە كىرىپ تاپتىن چىقىدۇ. بىچارە ھۆرلىقا دەرد-ئەلەمگە چىدىماي ئاخىرى 5 بالىسى بار بىر قىرىغا ياتلىق بولىدۇ. ئەمدى جاھان ئۆزگەردى ئەمەسمۇ؟! ھۆرلىقانىڭ ئورنىنى مەن پەرھات ئېلىپ ،10يىلدىن كىيىن 5 بالىسى بار بىر تۇل ئايالنى ئېلىپ ئولتۇرامەنمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن...
    -خى...خى...نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ،ئەمىسە قانداق قىلىمىز...؟!
    - قانداق قىلىمىز دەپ سورىساڭ ،بىز يۈرەيلى !
    - مەيلى ئەمىسە، دىگىنىڭ بويىچە يۈر...سەك  يۈ...رەيلى !
    - نىمە ،راستىنلا ماقۇل بولدۇڭما؟! قايتا دىگىنە  مۇشۇ گېپىڭنى !
    - ۋاي –ۋۇي ،ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنا ،ماقۇل دىدىمغۇ ؟!
    -  مۇشۇ گېپىڭنى ئەينى ۋاقىتتا دىگەن بولساڭ ،بىزگە يۈرىۋاتقىلى ئاللىبۇرۇن 3 يىلدىن ئاشاتتى.
    -  ھىلىمۇ كىچىكمەيمىز. ھەقىقىي ئاشىق ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنى مۇھەببەت ئوتىدا نەچچە يىل تاۋلاپ ،ئەقىدە دەرىخى چىچەكلەپ،قەدرى پىشقاندا ئاندىن مۇھەببەت بوسۇغىسىغا قەدەم باسىدۇ.
   - ۋاھ، نىمىنداق پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ؟! ھىجران كوچىسىغا نىسبەتەن مەندىنمۇ ئوي موللىكەنسەن جۇمۇ؟!
   - خى...خى..مېنى مېنى ماختىما ! مەن باشقا قىزلارغا ئوخشىمايمەن...
   - بولىدۇ ئەمىسە رەھمەت ساڭا! ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈ مەنزىلى توغۇرلۇق قىنى قانداق «مۇھەببەت شەرت»لىرىڭ باركىن ،دىگىنە...!
   -  بۇ گەپنى تولىمۇ ياخشى دىدىڭ . بىز يۈرىۋىتىپ مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مىجەزىمىز چىقىشماي ياكى تەقدىرنىڭ رەزىل چاقچىقى بىلەن يولىمىز توسۇلۇپ قالسا ،قىسقىسى بىز ئايرىلىپ كەتسەك مېنى ۋاپاسىز،ۋىجدانسىز دىگەندەك ناملار بىلەن ھاقارەتلىمىسەڭلا بولدى. چۈنكى مەن كۈچۈم يېتىشىچە ،كۆڭۈل بېرەلىگەنچە مۇھەببىتىمىزنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىمەن...
   -  دىمەكچى بولغىنىڭ چوقۇم بىز ئايرىلىپ كېتىمىز دەۋاتامسەن ياكى...ياكى  ناۋادا...شۇنداق بوپ قالسا ...دەۋاتامسەن؟!
   - مەن ناۋادا...دەۋاتىمەن.
   - بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ بىز بىر كۈنى ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم گۈلۈم ،ـ مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئىككىلىمىز ئۈمىدسىزلىككە چۆمگەنىدۇق .پەرھات قاتتىق ئۇھ  تارتىۋەتكەندىن كىيىن گېپىنى داۋام ئەتتى،ـ بولىدۇ ،چاتاق يوق.شەرتىڭگە قوشۇلىمەن. بىراق بىرەر باھانە تېپىپ ئايرىلىپ كېتىشنى ئىستىسەڭ ھازىرلا دېگىن، بىز يۈرمەي تۇرايلى. باۋادا شۇنداق بوپ قالسى...دىگەن مەقسەتتە دىگەن بولساڭ ھايات دىگەندە بىر قىسما ئىشلارنى يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. سەن دىگەندەك بېشىمىزغا ئاشۇنداق ھىجرانلىق كۈنلەر كېلىپ قالسا ،سېنى ئەيىبلىمەيمەن. چىرايلىق ئولتۇرۇپ مۇھەببەت باغلاشقىنىمىزغا ئوخشاش يەنە چىرايلىق بەخت تىلەپ يولغا سېلىپ قويىمەن. ئەگەر مېنى يەنە مەجبۇرلىدى دەپ قارىساڭ ،ھەر ۋاقىت قېشىمدىن كەتسەڭ بولىدۇ.
   ـ مەن سېنى مەجبۇرلىدى دىمىدىم.
  - ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن رازىمۇسەن گۈلۈم ؟!ـ مەن ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم،ـ سەن رازى بولمىساڭ  قانداقمۇ يولىمىزنىڭ داغدام بولىسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟!قانداقمۇ خۇدا راۋا كۆرسۈن ؟!
   - مەن رازى ئەمەس دىمىدىم. پەقەت شۇ ...شۇ قىز بالا بولغاندىكىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمايۋاتىمەن.
   مەن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم.
     -ئەخلاق – پەزىلىتىڭگە بارىكاللاھ ! كۆز تەگمىسۇن!! ھە راست،بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسەن؟!
   - ياق.بۈگۈن قانداق كۈن؟!   
   -بۈگۈنچۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دۆلىتىمىزدە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان كۈنىنىڭ ھارپىسى.
  - راست دەيسەن. بۈگۈن 6-ئايغا 6-كۈنى.
  - خى...مەيلى بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپەڭدە نىمىشلا يۈز بەرسۇن بۇ كۈننى ئۇنۇتماسلىقىڭنى ئۆمىد قىلىمەن!
   - ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز !
   - ۋاي شۇنداق قىل...!!
   - خاپا بولمىغىنە ،چاقچاق قىپ قويدۇم. كەچلىك تاماق ۋاقتى بوپ قاپتۇ .جۈرە ،سېنى مىھمان قىلاي !
   - ۋاھ،بۈگۈن ھەجەپ مەردلىكىڭ تۇتۇپ قاپتىغۇ ،چاتاق يوق. مىھمان قىل ئەمىسە.سەن مىھمان قىلىشتىن بۇرۇن مەندەك بىر تەرسا ئاشىقىڭنىڭ بىر پارچە شېئىرى بار ئىدى ئوقۇپ بېرىۋالايچۇ؟!
   - ھە قىنى،ئوقۇغىنە، ئەكىلە بولمىسا.مەنمۇ ئوقاي.مەنمۇ ساۋاتلىق .
   مەن ئۇنىڭ قولىدىكى شېئىر يېزىلغان قەغەزنى ئېلىۋىلىپ ،ئۆزۈم ئوقۇشقا باشلىدىم.
گۈل پەسلىدە سۆيگۈ شېخىمنى،
ئاي پالتىدا چاناپ بېرەيمۇ؟!
چوغ ئىچىدە ئوتۇڭغا قاقلاپ،
مۇز دەۋرىدە چاناپ بېرەيمۇ؟!
تاتىراڭغۇ ،قانسىز لېۋىمدىن،
ئىچ-ئىچىمگە قاناپ بېرەيمۇ؟!
دەريا-دەريا ئاققان يېشىمدا،
ئىشقى دېڭىز ياساپ بېرەيمۇ؟!
تىرنىقىمدا گۆشىمنى پەشلەپ،
سۆڭىكىمنى غاجاپ بېرەيمۇ؟!
مىخ پاشناڭدا ئۆپكەمنى تەشتىڭ،
ساڭا ئازراق ئازاپ بېرەيمۇ؟!
كىرپىكىمنى يۇلۇپ چىشىمدا،
قارچۇقۇمنى كولاپ بېرەيمۇ؟!
قوۋرۇغامنى ئامبۇردا قايرىپ،
يۈرىكىمنى يوناپ بېرەيمۇ؟!
تىزىمغىچە قالدى ئىزلىرىم،
ئىز توپامنى يالاپ بېرەيمۇ؟!
كانىيىمغا كەپلەشتى ھىجران،
تەقدىرىڭگە قاداپ بېرەيمۇ؟!
بىر-بىرىدىن تەرسا كۈنلىرىم،
ساڭا بۈگۈن ساناپ بېرەيمۇ؟!
رەھمەت ساڭا كەتمىگىن خالئاي،
ئەمدى شۇنداق جاۋاپ بېرەيمۇ؟!
تاشلاپ كەتسەڭ مېنى بىر كۈنى،
ئېتىم يوۋاش باغلاپ بېرەيمۇ؟!
چۆيۈن ئەمەس مېنىڭ يۈرىكىم،
مۇھەببەتلىك ھايات بېرەيمۇ؟!
    - ھە يەنە قانداق قىپ بېرىسە ؟!
مۇھەببەت گوياكى تېگى يوق دېڭىز،
ئۇچرىشار ئۇ يەردە يىگىت بىلەن قىز.
ئىھ،گۈلۈم شۇ دېڭىز چوڭقۇرلىقىدا،
رومانتىك كۈنلەردىن قالدۇرديلى ئىز.
     - نىمانچە ئەسەبىي يېزىۋەتتىڭ بۇنى؟! تاس قاپسەن جۇمۇ مېنى قارغىۋەتكىلى .
-نەدە قارغىدىم سېنى؟! شۇ يىگانە سەرسانچىلىقتىكى سېنى ئەسەبىيلەرچە سىغىنغان ،ئۆزۈمنى تامان ئۇنۇتقان،ئاجىز قەلبىمنى پۈتۈنلەي سېنىڭ ئىشقىڭ ئەسىرگە ئالغان ،ئكمىدتىن خەۋەر يوق ،ئازاپقا تۇتقۇن مىنۇتلىرىمدا بىۋاپا دۇنيادىن كۆڭلۈمنى ئۈزۈپ ئولتۇرۇپ يازغان ئىلھاملار ئىدى گۈلۈم. لىكىن ئاخىرقى كۈبلىتلىرىغا قارىغىنا ، يەنىلا سېنى ئارمانىم، قۇياشىم بىلىپ دەل بۈگۈنكى ۋىسال پەيىتلىرىنىڭ شەپىسىنى ھىس قىلىپ ،مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلىشىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىكەنلىكى «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ،شەيتان !
   - خى...خى...ۋاي گەپلىرىڭدىن ئۆرگىلەي! جۈرە ئاشىقىم، تاماق يەيلى!
   - ۋاھ،سەن مېنى ئاشىقىم دەۋالساڭ،ماڭا دىگىلى گەپ قالمايدىكەن.
   - خى...خى...خى...ھۇ ئوماق ساراڭ.جۈرە ئاشخانىغا!
   پەرھات بىلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتۇق. بىرجۈپ كۆڭۈلنىڭ خۇشلىقى يۈزىمىزگە چىقى تۇراتتى.
  - ئەي قەلبىمنىڭ ئۆچمەس نۇرى،بۈگۈن سېنىڭچە قانداق ئۆتتى؟!  
  - مېنىڭچە ئالەمچە بەخت ئىچىدە ئۆتتى. سېنىڭچىچۇ؟!
  - مېنىڭچىمۇ شۇنداق. ئاخىرى ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ،بۇ كۈنلەرمۇ كەلدى. چوقۇم قەدىرلەپ ئۆتەيلى ! ۋاپانىڭ شەمشىرى ساڭا ئامانەت قالدى. بىلىپ-بىلمەي ئىھتىياتسىزلىقتىن يۈرىكىمگە ئۇ شەمشەرنى ئۇرۇپ سالما ...كۆكسۈمنى ساڭا نىسبەتەن ئەڭ ئاجىز ئورۇن دەپ بىلگىن .ھەرگزمۇ ئاغرىتىپ سالما ...كۆزلىرىم سەندىن رەنجىپ قالمىسۇن،بولامدۇ گۈلۈم؟!
   - ئاللاھ خالىسا قەلبىڭدىكى ئوتنى ئۆچۈرمەيمەن ھاياتىم. سەنمۇ مەندەك بىر گۈلۈڭنى ئوبدان ئاسرىغىن...ھەرقانچە ئىش يۈز بەرسىمۇ نازۇك دىلىمغا ئازاپ ئۇرۇقىڭنى چاچما. بەزى چاغلاردا كەڭ قورساق بولغىن .غەزەپ-نەپرىتىڭنى بېسىۋال ئىشەنچىم. قەدىر-قىممىتىمنى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىشتىن ھەر ۋاقىت ئىھتىيات قىل كىيىك بەستىم !
    - ساداقىتىمگە تاغدەك ئىشەنگىنىڭدىن خۇرسەنمەن ئاق ئەتىرگۈل! گۈزەل ئىستىقبالىمىزغا بىرىش يولىدا ئۈستۈمدىن ئىككى يۈك ماشىنىسى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئكمىلەپ بولسىمۇ ئالدىڭغا كېلىمەن گۈلۈم! قەلب دىرىزەڭگە تامچە ھىجران چۈشۈرسەم ،كىيىنكى ھايات يولۇمغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ياغسۇن!
   - بولدى ،ئۇنداق دىمىگىن پەرھات. بىز بەختلىك ياشايمىز . بىزنى ئۆلۈمدىن باشقا ھىچنەرسە ئايرىۋىتەلمەيدۇ.
- ئاھ ،ھىجران كوچىسى ۋىسال بوسۇغىمىزدىن ئىككىنچىلەپ ئاياغ ئالما ! كەچ بوپ كەتتى.مەن مەكتەپكە قايتاي...
   -پەرھات، مۇشۇنداقلا كېتەمسەن؟!
   - ئوبدان گۈلۈم...گەپ ئاڭلا...كەچتە تېلېفۇن قىلىمەن !
   - يولدا كۆپ ئىھتىيات قىل! ئاللاھقا ئامانەت ...!
   - ئاللاھقا ئامانەت !
     خۇددى بىز ئاداققى قىتىم ئايرىلىغان ئاشىق-مەشۇقتەك سىغىنىشلىق ئىچىدە خوشلاشتۇق. پەرھات كەچ قۇرۇنلىقى تېلېفۇن قىلىپ ،«ۋىسال تاپقان مۇھەببەت» ناملىق ناخشىنى ئوقۇپ بەردى. دىلىم قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققاندەك بىردىنلا سۆيۈنۈپ كەتتى. ئەتىسى تەنەپپۇس ۋاقتىغا قويۇپ بېرىشىگىلا كوت-كوتتا ئىشىق ئوتىمىزنى تىخمىۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ ئۆتتۇق. كەچ تەرەپتە مۇزاكىرەدىن چۈشۈپلا تېلېفۇنۇم سايرىدى...
    - يە تىشلىقمۇ گۈلۈم ؟!
    - تىشلىققۇ. قانداق ئەھۋالىڭ؟!
    - مەنمۇ ياخشى. نىمىش قىلىۋاتىسەن؟!
    - ناخشا ئاڭلاپ شۇ.
    - ئاۋازىڭ بەكلا بوشقۇ ؟! قارىغاندا كەيپىياتىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسكەندە ؟ ئىككىمىزنىڭ يۈرگىنىنى تەبرىكلەپ بىر پارچە شېئىر يازغانتىم.ئوقۇپ بېرەيمۇ؟!
   - ھە بولىدۇ .ئوقۇپ بەرگىن...
نىگارىم سەن گويا كۆكتىكى يۇلتۇز،
تۈنلەردە كۆز قىسىپ چوغسىمان يانغان.
نىگارىم سەن گويا سۈپسۈزۈك شەبنەم،
سۈبھىدە ياپراقلار مەڭزىگە تامغان.
نىگارىم سەن گويا قىزىل ئەتىرگۈل،
ئېچىلىپ گۈلزاردا خۇشپۇراق چاچقان.
نىگارىم سەن گويا ياپيىشىل يايلاق،
چەۋەنداز يىگىتكە كەڭ قۇچاق ئاچقان.
نىگارىم سەن گويا مېنىڭ كۆلەڭگەم،
ئايرىلماي مەڭگۈگە ئۆتىمىز ھامان.
نىگارىم مەن گويا نەۋقىران چىنار،
ئۇۋا سال باغرىمغا سۆيۈملۈك جانان!
     - قانداق ،ياخشى چىقىپتىمۇ؟!  
     - ھەئە، ھەر ھالدا...
    - ۋاھ، يارىماپتۇدە ؟! مەن ئەرزىگۈدەك قىلىپ يازالمىغان بولسام،بىر كۈنى كۆڭلۈڭگە ئەرزىگۈدەك قىلىپ ئۆزۈڭ يېزىۋالاسەن...
     مەن ئانچە قىزغىن ئەمەس ئىدىم. خۇددى مەن پەرھاتنىڭ ئاۋازىنى ياقتۇرمىغاندەك. خۇددى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلىشىش ئىغىر كېلىۋاتقاندەك. چىن كۆڭلۈمدىن بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنەلمەيۋاتقاندەك...خۇددى ئۇ مېنى زورلىسا ،مەن مەجبۇرلىنىۋاتقاندەك...تۇيغۇدا ئىدىم.
    - ھە راست،ئۆرۈمچى پەدىسىگە گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاپسەن –ھە!
    - نەدىكىنى ، بۇ دىگەن ئۆرۈمچى پەدىسى ئەمەس،ساپ ئەدەبى تىلغا يىقىنلىشىۋاتىمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان زىيالى بولغاندىكىن ،ئاز-تولا مەدەنىيراق بولاي دەپ...
   - خى...خى...ما گەپنى كۆرۈڭ ! ۋاي چىڭسەي قوۋرىغام...ھەي مەدەنىي غوجام،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن...ئۇخلايلىچۇ ؟!
   - ماقا...خېنىم ماقا..
   - خى...خوش ئەمىسە !
   - خوش دەپمۇ گەپ بولامدۇ؟! ئاللاھقا ئامانەت ...!
   - كۆپۈنچە كىشىلەر «خوش» دېيىشىدىغۇ؟!
   - بىز كۆپۈنچە كىشىلەر ئەمەس، پەقەت ئىككى كىشى. «خوش» دىگەن گەپنى كەسىپداشلار،دىكتۇر-رىياسەتچىلەر ئاندىن يولدا ماڭغاچ ئۇچرىشىپ قالغان ناتونۇشلار دەيدىغان گەپ ئۇ. ئۆز-ئارا باردى-كەلدى قىلىپ تۇرىدىغان قىرىنداشلار، دوسىتلار،ئاشىق-مەشۇقلار ھەرگىز «خوش» دېيىشمەيدۇ. بولۇپمۇ ئاشىق-مەشۇقلار «خوش» دېيىشسە ،خۇددى قايتا كۆرۈشۈش نىسىپ بولمايدىغاندەك،ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ،ئويلاپراق سۆزلىگىن جۇمۇ...؟!
     - ۋاي ماقۇل غوجام. ئاللاھقا ئامانەت !
    - خى...ئاللاھقا ئامانەت...!!
      پەرھاتنىڭ «ئاھ-ۋاھ»لىرى قۇلىقىمغا ياقمىسىمۇ ،بۇنداق ئىلمىي نەسىھەتلىرى خىلى يۈرىكىمگە ياقاتتى. ھەي...مەن قاچانمۇ ئۇنىڭغا ھەقىقي كۆڭلۈمنى بېرەلەرمەن؟! كۆڭۈل چىن كۆڭۈلدىن خالاپ قىلمىغان ئىشتا يەنىلا چاندۇرۇپ قويىدىكەن. ئۇ ۋاقىت تاپسىلا ئارلىقنى يىراق دىمەي قېشىمغا كېلەتتى. بەزىدە قەستەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايىبۈگۈن چارشەنبە .مەن شۇنچىلىك تەمكىن. شۇ تاپتا چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ بولۇپ ياتىقىمدا بىخارامان ئارام ئېلىۋاتىمەن...تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايرىدى .ئالمىدىم. ئارقىدىن يەنە سايرىدى .ئالدىرماي تېلېفۇننى قوبۇل قىلدىم ...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بارمۇ سەن؟!
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! بارغۇ !  
    - ئالدىراشمۇ نىمە ؟! تېلېفۇننى ھەجەپ ئۇزاقتا ئالدىڭغۇ؟!
   - ياقەي ،مەن ياتاقتا .كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ.
   - ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا ئۇخلاپ ،ئۇيقۇڭ تۈگىگەندە سىرتقا چىقساڭ بوپتىكەن. بۈگۈن چارشەنبە چۈشتىن بولۇپ قالدى .
   - قەيەردە سەن ؟!  
   - مەن مەكتىپىڭگە كېلىپ بولدۇم. ھىلىقى قىزىل راۋاقنىڭ قېشىدىكى تاللىق كارىدۇردا....  
   - ھە، ئەمىسە مەن ھازىر قېشىڭغا چىقاي. بىردەم كۈتۈپ تۇر...  
ok-     
   مەن تېلېفۇننى قويىۋىتىپ ئەينەككە بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،سومكامنى ئېسىپ پەرھاتنىڭ قېشىغا قااپ ماڭدىم. قىزىل راۋاقنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسام پەرھاتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيىتتى .سومكامدىن تېلېفۇنۇمنى ئېلىپ نومۇر بېسىۋاتسام ،ئاسماندىن چۈشكەنمىكىن ،تاڭ ئۇ ئالدىمدا پەيدا بولدى.  
     - ھەي !   
     - ھە، تىشلىقمۇ؟! ھەجەپ قورقىتىۋەتتىڭ جۇمۇ؟! نەگە كەتتىڭ ؟!  
     - خى ،مانا قېشىڭدا بارغۇ مەن. ياتاقداشلىرىڭ چىققىلى قويمىدىمۇ نىمە ،ھەجەپ بەك تەستە چىقتىڭغۇ؟!   
     - ئۆتەپ باغىنە ..!  
     - مەن قىز بالا بولغان بولسام ،تارتىنماي ياتىقىڭغا كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ سوقاتتۇق. مەكتىپىڭنىڭ تىنىچ بىر يېرىگە باشلىمامسەن ؟! شۇ يەردە شاۋقۇندىن خالىي سىردىشايلى...!  
    - خى...خى...جۈرە ! ئاۋۇ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بويىدا سۆگەتلىك ،سۆگەتلىك ئاستىدا قاتار ياغاچ ئورۇندۇق بار. شۇ يەرگە بارايلى...!   
    - ۋاھ، رومانتىك ئولتۇرىدىكەنمىزدە...؟!  
    - ۋۇ ئەسكى. نىمىنداق قىلىن بوپ كەتتى ؟!     
    - دەپ باقە ، مېنىڭ نەرىم بەك قىلنكەن ؟!  
    - ئۆتەپ باغىنە ، چالا ساراڭ .
    - ھە راست ، ساراڭلىق كىنىشكەمنى ياساپ بولدۇڭمۇ؟! قىنى ئالغاچ كەلدىڭمۇ يا...؟!
    - خى...خى...خى...ئۆزۈمنىڭ شەخسى تامغىسىنى باسساملا پۈتىدۇ.
    - ساراڭلىق دەرىجەمنى قانچىگە بىكىتتىڭ ؟!
    - ئىشقىلىپ خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىدۇ ..خى..خى..
    - شۇڭا ئاخىرى مېنىمۇ ئىتىراپ قىلاي دەپسەندە...؟!
    - نىمىنى ؟!
    - ئە..ھە ، ھىچنىمىنى ...ھىچنىمىنى.قىنى كەل ! بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.
    - ياق. جۈرە ،ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.  
    - نىمىشقا ئەمدى...؟!
    - قارىغىنا ،باياتىن بىرى خەق ئولتۇرۇپ بوپتۇ. بىزمۇ خەق ئولتۇرمىغان بىر ئورۇندۇقنى ئۆزىمىز سۈرتۇپ ئولتۇرساق نىم بوپتۇ ؟!
   - ۋاھ، يەنىلا قىزلار ئىشنى ئىنچىكە ئويلايدۇ جۇمۇ ؟! جۈرە ئەمىسە...!
   - ۋىييەي، ھەممە قىزلارنىڭچۇ ئۇنداق بوپ كېتىشى ناتايىن.
   - راست دەيسەن. ساڭا ئوخشاش رومانتىك قىزلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ بۇ خىل جەلىپكارلىق.
   -  ھە، قىنى ماۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى. مېنى خىلى چۈشىنىدىكەنسەن جۇمۇ ؟!
    سومكامدىن قەغەز ئېلىپ ئورۇندۇقنى سۈرۈتتۈم.
   - مەن ئارتۇق گەپ قىلماي قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا قايىل بولىۋاتاتتىم. بىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەر ئىككىلىمىز تەمتىرەپ بىردەم سۈكۈتكە چۆمۈپ قالدۇق. ئاخىرى پەرھات بۇ ئوڭايسىز ئەھۋالنى ئوڭشاپ گەپ باشلىدى.
   - ھە...ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيانقى كۈنلىرىڭ قانداقراق ئۆتىۋاتىدۇ ؟!
   - جىق ئىشلارنى ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ ،ئىشقىلىپ بوپ قويىدۇ...
   - ھە، ئالدى بىلەن قولۇمدىكى بۇ بىرتال ئاق ئەتىرگۈلنى سەن بىلەن دوست بولۇپ تا بۈگۈنگىچە بولغان ئارلىقتا ئارىمىزدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قەلبىڭدىن چىقىرىپ ،كۆڭۈل ئىزھارىمنى ھەقىقىي قوبۇل ئىتىشىڭ ئۈچۈن ئىككى قوللاپ ساڭا سۇناي...قىنى قوبۇل قىلغايسەن!
    - مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئەمدىلا ئېچىلغىنىغا ئىككى – ئۈچ كۈن بولغان بۇدۇرۇققىنە بىرتال ئاق ئەتىرگۈلنى ئاۋايلاپ تاپشۇرۋالدىم .
   - رەھمەت ساڭا پەرھات !
   - كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا رەھمەت ئىيىتسام بولىدۇ. قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇقمايدىكەنمەن. شۇڭا پاكلىقنىڭ،سەمىمىيلىكنىڭ سىموۋۇلى بولغان بۇ ئاق ئەتىرگۈلنى ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ ساڭا تاللىدىم.
    - بوپتىغۇ ،مەنمۇ ئاق ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرىمەن. ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى قىنى؟!
    - تىكىنىنى گۈلچى ئايال كېسىۋەتتى.
    -  نىمىشقا ؟!
    - مەنمۇ :«نىمىشقا تىكەننى كېسىۋىتىسىز...؟!» دەپ سورىسام،گۈلچى ئايال :«قىز دوستىڭىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندىمۇ تىكەن كۆتۈرۈپ بارامسىز...؟!» دىگەنتى ئويلاپ باقسام، بۇ گەپنىڭ مەنىسى خىلى چوڭقۇردەك قىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەيلى دەپ تىكەنسىز ئېلىپ كەلدىم.
   - خى...خى...ھىلىمۇ ماڭا سالغان تىكەنلىرىڭ يېتىپ ئاشىدۇ. تىكەننىڭ بولمىغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ.
   -  قارىغاندا دىلىڭ مەندىن خىلىلا رەنجىپتۇدە !ئەمىسە قايسى ئىشتا بەكرەك رەنجىتكەن يېرىڭ بولسام ئالدىمدىلا دىگىنە ! يۈزتۇرانە كەچۈرۈم سورىۋالاي.
   - بولدى. كونا خاماننى سورۇشمايلى... پەرھات !
   - ماقۇل ئەمىسە، ئاساسىي مەقسەتكە كېلەيلى،بۈگۈن سەندىن كۆڭۈل سوراپ ئالدىڭغا كەلدىم. قەلبىمگە كىرەك بولغان شۇ كۆڭلۈڭنى ماڭا بېرەلەمسەن خالئاي ؟!
   - ئالدىمىزدا مۇھىم بىر ئىمتىھان بار . شۇ ئىمتىھان تۈگىگىچە كۈتۈپ تۇرساڭ قانداق؟!
   - نىمىشقا ئەمدى...؟! ئۈگۈنىشىمگە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئەنسىرۋاتامسەن؟!
   - شۇنداقراق. ئۆزۈڭ ئويلاپ باقە ،تۇيۇقسىز تۇرمۇشۇڭغا بىرسى بۆسۈپ كىرسە ،بىرمەھەل ئۇ خىل مۇھىتقا كۆنۈپ بولغىچە بىر قىسمىلا بوپ قالىدىكەنسەن...توغرا چۈشەنگىن !
   - گىپىڭغۇ ئورۇنلۇق،بىراق كۈتكىن دەپ قويۇپ يەنە بىر ئىشقا بىر ئىش ئۇدۇل كەلمەي قالسا ،يەنە قاچانغىچە سۆرۈلۈپ يۈرەرمىز دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
    - خاتىرجەم بول. ئەمدى ئۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ. ماڭا ئىشەنمەمسەن؟!
    - ياقەي،شۇ تاپتا بىر ھىكايە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ...ئاتاقلىق مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ «ساداقەت» ناملىق ھىكايىسى ئېسىڭدە بارمۇ؟!
    - ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتابىدا ئوقۇغانتۇققۇ؟!
    - ھەئە ،شۇنداق .ئۇ ھىكايىدە يىگىت شەھەرگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا بىكەتكە ھاۋالە بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىققان قىزغا مۇنداق دەيدۇ :«ھۆرلىقاغا دەپ قويۇڭ،ئۇ مېنى كۈتۈپ باقسۇن! قىنى قانچىلىك كۈتەلەيدىكىن...؟!» شۇ بىر ئىغىز گەپ ئۈچۈن ھۆرلىقا ئۇ يىگىتنى ساق 10 يىل كۈتىدۇ.يىگىت بولسا شەھەرگە كېلىپلا نايناقلارنىڭ كەينىگە كىرىپ تاپتىن چىقىدۇ. بىچارە ھۆرلىقا دەرد-ئەلەمگە چىدىماي ئاخىرى 5 بالىسى بار بىر قىرىغا ياتلىق بولىدۇ. ئەمدى جاھان ئۆزگەردى ئەمەسمۇ؟! ھۆرلىقانىڭ ئورنىنى مەن پەرھات ئېلىپ ،10يىلدىن كىيىن 5 بالىسى بار بىر تۇل ئايالنى ئېلىپ ئولتۇرامەنمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن...
    -خى...خى...نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ،ئەمىسە قانداق قىلىمىز...؟!
    - قانداق قىلىمىز دەپ سورىساڭ ،بىز يۈرەيلى !
    - مەيلى ئەمىسە، دىگىنىڭ بويىچە يۈر...سەك  يۈ...رەيلى !
    - نىمە ،راستىنلا ماقۇل بولدۇڭما؟! قايتا دىگىنە  مۇشۇ گېپىڭنى !
    - ۋاي –ۋۇي ،ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنا ،ماقۇل دىدىمغۇ ؟!
    -  مۇشۇ گېپىڭنى ئەينى ۋاقىتتا دىگەن بولساڭ ،بىزگە يۈرىۋاتقىلى ئاللىبۇرۇن 3 يىلدىن ئاشاتتى.
    -  ھىلىمۇ كىچىكمەيمىز. ھەقىقىي ئاشىق ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنى مۇھەببەت ئوتىدا نەچچە يىل تاۋلاپ ،ئەقىدە دەرىخى چىچەكلەپ،قەدرى پىشقاندا ئاندىن مۇھەببەت بوسۇغىسىغا قەدەم باسىدۇ.
   - ۋاھ، نىمىنداق پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ؟! ھىجران كوچىسىغا نىسبەتەن مەندىنمۇ ئوي موللىكەنسەن جۇمۇ؟!
   - خى...خى..مېنى مېنى ماختىما ! مەن باشقا قىزلارغا ئوخشىمايمەن...
   - بولىدۇ ئەمىسە رەھمەت ساڭا! ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈ مەنزىلى توغۇرلۇق قىنى قانداق «مۇھەببەت شەرت»لىرىڭ باركىن ،دىگىنە...!
   -  بۇ گەپنى تولىمۇ ياخشى دىدىڭ . بىز يۈرىۋىتىپ مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مىجەزىمىز چىقىشماي ياكى تەقدىرنىڭ رەزىل چاقچىقى بىلەن يولىمىز توسۇلۇپ قالسا ،قىسقىسى بىز ئايرىلىپ كەتسەك مېنى ۋاپاسىز،ۋىجدانسىز دىگەندەك ناملار بىلەن ھاقارەتلىمىسەڭلا بولدى. چۈنكى مەن كۈچۈم يېتىشىچە ،كۆڭۈل بېرەلىگەنچە مۇھەببىتىمىزنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىمەن...
   -  دىمەكچى بولغىنىڭ چوقۇم بىز ئايرىلىپ كېتىمىز دەۋاتامسەن ياكى...ياكى  ناۋادا...شۇنداق بوپ قالسا ...دەۋاتامسەن؟!
   - مەن ناۋادا...دەۋاتىمەن.
   - بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ بىز بىر كۈنى ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم گۈلۈم ،ـ مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئىككىلىمىز ئۈمىدسىزلىككە چۆمگەنىدۇق .پەرھات قاتتىق ئۇھ  تارتىۋەتكەندىن كىيىن گېپىنى داۋام ئەتتى،ـ بولىدۇ ،چاتاق يوق.شەرتىڭگە قوشۇلىمەن. بىراق بىرەر باھانە تېپىپ ئايرىلىپ كېتىشنى ئىستىسەڭ ھازىرلا دېگىن، بىز يۈرمەي تۇرايلى. باۋادا شۇنداق بوپ قالسى...دىگەن مەقسەتتە دىگەن بولساڭ ھايات دىگەندە بىر قىسما ئىشلارنى يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. سەن دىگەندەك بېشىمىزغا ئاشۇنداق ھىجرانلىق كۈنلەر كېلىپ قالسا ،سېنى ئەيىبلىمەيمەن. چىرايلىق ئولتۇرۇپ مۇھەببەت باغلاشقىنىمىزغا ئوخشاش يەنە چىرايلىق بەخت تىلەپ يولغا سېلىپ قويىمەن. ئەگەر مېنى يەنە مەجبۇرلىدى دەپ قارىساڭ ،ھەر ۋاقىت قېشىمدىن كەتسەڭ بولىدۇ.
   ـ مەن سېنى مەجبۇرلىدى دىمىدىم.
  - ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن رازىمۇسەن گۈلۈم ؟!ـ مەن ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم،ـ سەن رازى بولمىساڭ  قانداقمۇ يولىمىزنىڭ داغدام بولىسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟!قانداقمۇ خۇدا راۋا كۆرسۈن ؟!
   - مەن رازى ئەمەس دىمىدىم. پەقەت شۇ ...شۇ قىز بالا بولغاندىكىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمايۋاتىمەن.
   مەن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم.
     -ئەخلاق – پەزىلىتىڭگە بارىكاللاھ ! كۆز تەگمىسۇن!! ھە راست،بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسەن؟!
   - ياق.بۈگۈن قانداق كۈن؟!   
   -بۈگۈنچۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دۆلىتىمىزدە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان كۈنىنىڭ ھارپىسى.
  - راست دەيسەن. بۈگۈن 6-ئايغا 6-كۈنى.
  - خى...مەيلى بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپەڭدە نىمىشلا يۈز بەرسۇن بۇ كۈننى ئۇنۇتماسلىقىڭنى ئۆمىد قىلىمەن!
   - ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز !
   - ۋاي شۇنداق قىل...!!
   - خاپا بولمىغىنە ،چاقچاق قىپ قويدۇم. كەچلىك تاماق ۋاقتى بوپ قاپتۇ .جۈرە ،سېنى مىھمان قىلاي !
   - ۋاھ،بۈگۈن ھەجەپ مەردلىكىڭ تۇتۇپ قاپتىغۇ ،چاتاق يوق. مىھمان قىل ئەمىسە.سەن مىھمان قىلىشتىن بۇرۇن مەندەك بىر تەرسا ئاشىقىڭنىڭ بىر پارچە شېئىرى بار ئىدى ئوقۇپ بېرىۋالايچۇ؟!
   - ھە قىنى،ئوقۇغىنە، ئەكىلە بولمىسا.مەنمۇ ئوقاي.مەنمۇ ساۋاتلىق .
   مەن ئۇنىڭ قولىدىكى شېئىر يېزىلغان قەغەزنى ئېلىۋىلىپ ،ئۆزۈم ئوقۇشقا باشلىدىم.
گۈل پەسلىدە سۆيگۈ شېخىمنى،
ئاي پالتىدا چاناپ بېرەيمۇ؟!
چوغ ئىچىدە ئوتۇڭغا قاقلاپ،
مۇز دەۋرىدە چاناپ بېرەيمۇ؟!
تاتىراڭغۇ ،قانسىز لېۋىمدىن،
ئىچ-ئىچىمگە قاناپ بېرەيمۇ؟!
دەريا-دەريا ئاققان يېشىمدا،
ئىشقى دېڭىز ياساپ بېرەيمۇ؟!
تىرنىقىمدا گۆشىمنى پەشلەپ،
سۆڭىكىمنى غاجاپ بېرەيمۇ؟!
مىخ پاشناڭدا ئۆپكەمنى تەشتىڭ،
ساڭا ئازراق ئازاپ بېرەيمۇ؟!
كىرپىكىمنى يۇلۇپ چىشىمدا،
قارچۇقۇمنى كولاپ بېرەيمۇ؟!
قوۋرۇغامنى ئامبۇردا قايرىپ،
يۈرىكىمنى يوناپ بېرەيمۇ؟!
تىزىمغىچە قالدى ئىزلىرىم،
ئىز توپامنى يالاپ بېرەيمۇ؟!
كانىيىمغا كەپلەشتى ھىجران،
تەقدىرىڭگە قاداپ بېرەيمۇ؟!
بىر-بىرىدىن تەرسا كۈنلىرىم،
ساڭا بۈگۈن ساناپ بېرەيمۇ؟!
رەھمەت ساڭا كەتمىگىن خالئاي،
ئەمدى شۇنداق جاۋاپ بېرەيمۇ؟!
تاشلاپ كەتسەڭ مېنى بىر كۈنى،
ئېتىم يوۋاش باغلاپ بېرەيمۇ؟!
چۆيۈن ئەمەس مېنىڭ يۈرىكىم،
مۇھەببەتلىك ھايات بېرەيمۇ؟!
    - ھە يەنە قانداق قىپ بېرىسە ؟!
مۇھەببەت گوياكى تېگى يوق دېڭىز،
ئۇچرىشار ئۇ يەردە يىگىت بىلەن قىز.
ئىھ،گۈلۈم شۇ دېڭىز چوڭقۇرلىقىدا،
رومانتىك كۈنلەردىن قالدۇرديلى ئىز.
    - نىمانچە ئەسەبىي يېزىۋەتتىڭ بۇنى؟! تاس قاپسەن جۇمۇ مېنى قارغىۋەتكىلى .
-نەدە قارغىدىم سېنى؟! شۇ يىگانە سەرسانچىلىقتىكى سېنى ئەسەبىيلەرچە سىغىنغان ،ئۆزۈمنى تامان ئۇنۇتقان،ئاجىز قەلبىمنى پۈتۈنلەي سېنىڭ ئىشقىڭ ئەسىرگە ئالغان ،ئكمىدتىن خەۋەر يوق ،ئازاپقا تۇتقۇن مىنۇتلىرىمدا بىۋاپا دۇنيادىن كۆڭلۈمنى ئۈزۈپ ئولتۇرۇپ يازغان ئىلھاملار ئىدى گۈلۈم. لىكىن ئاخىرقى كۈبلىتلىرىغا قارىغىنا ، يەنىلا سېنى ئارمانىم، قۇياشىم بىلىپ دەل بۈگۈنكى ۋىسال پەيىتلىرىنىڭ شەپىسىنى ھىس قىلىپ ،مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلىشىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىكەنلىكى «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ،شەيتان !
   - خى...خى...ۋاي گەپلىرىڭدىن ئۆرگىلەي! جۈرە ئاشىقىم، تاماق يەيلى!
   - ۋاھ،سەن مېنى ئاشىقىم دەۋالساڭ،ماڭا دىگىلى گەپ قالمايدىكەن.
   - خى...خى...خى...ھۇ ئوماق ساراڭ.جۈرە ئاشخانىغا!
   پەرھات بىلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتۇق. بىرجۈپ كۆڭۈلنىڭ خۇشلىقى يۈزىمىزگە چىقى تۇراتتى.
  - ئەي قەلبىمنىڭ ئۆچمەس نۇرى،بۈگۈن سېنىڭچە قانداق ئۆتتى؟!  
  - مېنىڭچە ئالەمچە بەخت ئىچىدە ئۆتتى. سېنىڭچىچۇ؟!
  - مېنىڭچىمۇ شۇنداق. ئاخىرى ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ،بۇ كۈنلەرمۇ كەلدى. چوقۇم قەدىرلەپ ئۆتەيلى ! ۋاپانىڭ شەمشىرى ساڭا ئامانەت قالدى. بىلىپ-بىلمەي ئىھتىياتسىزلىقتىن يۈرىكىمگە ئۇ شەمشەرنى ئۇرۇپ سالما ...كۆكسۈمنى ساڭا نىسبەتەن ئەڭ ئاجىز ئورۇن دەپ بىلگىن .ھەرگزمۇ ئاغرىتىپ سالما ...كۆزلىرىم سەندىن رەنجىپ قالمىسۇن،بولامدۇ گۈلۈم؟!
   - ئاللاھ خالىسا قەلبىڭدىكى ئوتنى ئۆچۈرمەيمەن ھاياتىم. سەنمۇ مەندەك بىر گۈلۈڭنى ئوبدان ئاسرىغىن...ھەرقانچە ئىش يۈز بەرسىمۇ نازۇك دىلىمغا ئازاپ ئۇرۇقىڭنى چاچما. بەزى چاغلاردا كەڭ قورساق بولغىن .غەزەپ-نەپرىتىڭنى بېسىۋال ئىشەنچىم. قەدىر-قىممىتىمنى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىشتىن ھەر ۋاقىت ئىھتىيات قىل كىيىك بەستىم !
    - ساداقىتىمگە تاغدەك ئىشەنگىنىڭدىن خۇرسەنمەن ئاق ئەتىرگۈل! گۈزەل ئىستىقبالىمىزغا بىرىش يولىدا ئۈستۈمدىن ئىككى يۈك ماشىنىسى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئكمىلەپ بولسىمۇ ئالدىڭغا كېلىمەن گۈلۈم! قەلب دىرىزەڭگە تامچە ھىجران چۈشۈرسەم ،كىيىنكى ھايات يولۇمغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ياغسۇن!
   - بولدى ،ئۇنداق دىمىگىن پەرھات. بىز بەختلىك ياشايمىز . بىزنى ئۆلۈمدىن باشقا ھىچنەرسە ئايرىۋىتەلمەيدۇ.
- ئاھ ،ھىجران كوچىسى ۋىسال بوسۇغىمىزدىن ئىككىنچىلەپ ئاياغ ئالما ! كەچ بوپ كەتتى.مەن مەكتەپكە قايتاي...
   -پەرھات، مۇشۇنداقلا كېتەمسەن؟!
   - ئوبدان گۈلۈم...گەپ ئاڭلا...كەچتە تېلېفۇن قىلىمەن !
   - يولدا كۆپ ئىھتىيات قىل! ئاللاھقا ئامانەت ...!
   - ئاللاھقا ئامانەت !
     خۇددى بىز ئاداققى قىتىم ئايرىلىغان ئاشىق-مەشۇقتەك سىغىنىشلىق ئىچىدە خوشلاشتۇق. پەرھات كەچ قۇرۇنلىقى تېلېفۇن قىلىپ ،«ۋىسال تاپقان مۇھەببەت» ناملىق ناخشىنى ئوقۇپ بەردى. دىلىم قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققاندەك بىردىنلا سۆيۈنۈپ كەتتى. ئەتىسى تەنەپپۇس ۋاقتىغا قويۇپ بېرىشىگىلا كوت-كوتتا ئىشىق ئوتىمىزنى تىخمىۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ ئۆتتۇق. كەچ تەرەپتە مۇزاكىرەدىن چۈشۈپلا تېلېفۇنۇم سايرىدى...
    - يە تىشلىقمۇ گۈلۈم ؟!
    - تىشلىققۇ. قانداق ئەھۋالىڭ؟!
    - مەنمۇ ياخشى. نىمىش قىلىۋاتىسەن؟!
    - ناخشا ئاڭلاپ شۇ.
    - ئاۋازىڭ بەكلا بوشقۇ ؟! قارىغاندا كەيپىياتىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسكەندە ؟ ئىككىمىزنىڭ يۈرگىنىنى تەبرىكلەپ بىر پارچە شېئىر يازغانتىم.ئوقۇپ بېرەيمۇ؟!
   - ھە بولىدۇ .ئوقۇپ بەرگىن...
نىگارىم سەن گويا كۆكتىكى يۇلتۇز،
تۈنلەردە كۆز قىسىپ چوغسىمان يانغان.
نىگارىم سەن گويا سۈپسۈزۈك شەبنەم،
سۈبھىدە ياپراقلار مەڭزىگە تامغان.
نىگارىم سەن گويا قىزىل ئەتىرگۈل،
ئېچىلىپ گۈلزاردا خۇشپۇراق چاچقان.
نىگارىم سەن گويا ياپيىشىل يايلاق،
چەۋەنداز يىگىتكە كەڭ قۇچاق ئاچقان.
نىگارىم سەن گويا مېنىڭ كۆلەڭگەم،
ئايرىلماي مەڭگۈگە ئۆتىمىز ھامان.
نىگارىم مەن گويا نەۋقىران چىنار،
ئۇۋا سال باغرىمغا سۆيۈملۈك جانان!
     - قانداق ،ياخشى چىقىپتىمۇ؟!  
     - ھەئە، ھەر ھالدا...
    - ۋاھ، يارىماپتۇدە ؟! مەن ئەرزىگۈدەك قىلىپ يازالمىغان بولسام،بىر كۈنى كۆڭلۈڭگە ئەرزىگۈدەك قىلىپ ئۆزۈڭ يېزىۋالاسەن...
     مەن ئانچە قىزغىن ئەمەس ئىدىم. خۇددى مەن پەرھاتنىڭ ئاۋازىنى ياقتۇرمىغاندەك. خۇددى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلىشىش ئىغىر كېلىۋاتقاندەك. چىن كۆڭلۈمدىن بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنەلمەيۋاتقاندەك...خۇددى ئۇ مېنى زورلىسا ،مەن مەجبۇرلىنىۋاتقاندەك...تۇيغۇدا ئىدىم.
    - ھە راست،ئۆرۈمچى پەدىسىگە گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاپسەن –ھە!
    - نەدىكىنى ، بۇ دىگەن ئۆرۈمچى پەدىسى ئەمەس،ساپ ئەدەبى تىلغا يىقىنلىشىۋاتىمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان زىيالى بولغاندىكىن ،ئاز-تولا مەدەنىيراق بولاي دەپ...
   - خى...خى...ما گەپنى كۆرۈڭ ! ۋاي چىڭسەي قوۋرىغام...ھەي مەدەنىي غوجام،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن...ئۇخلايلىچۇ ؟!
   - ماقا...خېنىم ماقا..
   - خى...خوش ئەمىسە !
   - خوش دەپمۇ گەپ بولامدۇ؟! ئاللاھقا ئامانەت ...!
   - كۆپۈنچە كىشىلەر «خوش» دېيىشىدىغۇ؟!
   - بىز كۆپۈنچە كىشىلەر ئەمەس، پەقەت ئىككى كىشى. «خوش» دىگەن گەپنى كەسىپداشلار،دىكتۇر-رىياسەتچىلەر ئاندىن يولدا ماڭغاچ ئۇچرىشىپ قالغان ناتونۇشلار دەيدىغان گەپ ئۇ. ئۆز-ئارا باردى-كەلدى قىلىپ تۇرىدىغان قىرىنداشلار، دوسىتلار،ئاشىق-مەشۇقلار ھەرگىز «خوش» دېيىشمەيدۇ. بولۇپمۇ ئاشىق-مەشۇقلار «خوش» دېيىشسە ،خۇددى قايتا كۆرۈشۈش نىسىپ بولمايدىغاندەك،ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ،ئويلاپراق سۆزلىگىن جۇمۇ...؟!
     - ۋاي ماقۇل غوجام. ئاللاھقا ئامانەت !
    - خى...ئاللاھقا ئامانەت...!!
      پەرھاتنىڭ «ئاھ-ۋاھ»لىرى قۇلىقىمغا ياقمىسىمۇ ،بۇنداق ئىلمىي نەسىھەتلىرى خىلى يۈرىكىمگە ياقاتتى. ھەي...مەن قاچانمۇ ئۇنىڭتتىم. بەزىدە راستىنلا ئىشىم چىقىپ قالاتتى. بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭ قىلغان قىتىم سانىمىز بەش بارماققىمۇ يەتمەيىتتى. ئۇ شۇنداق خاپا بولاتتى. بىراق ئېغىزىدىن چىقارمايىتتى. ئۇ ھەدىسىلا كەلگۈسىمىزدىن ئېغىز ئاچاتتى. مېنىڭ تىخىمۇ ئوۋغام قاينايىتتى.    – خالئاي، بىز توي قىلالارمىزمۇ؟! قىز بالىمىزنىڭ ئىسمىنى مەن قوياي، ئوغۇل بالىمىزنىڭ ئىسمىنى سەن قويغىن...
     - جۆيلىۋاتامسەن؟! بالىمىزنىڭ ئىسمىنى سەن بىلەن مەن ئەمەس ،ئىمانى بار موللام قويىدۇ...ساراڭ !  
     گەپنى مانا مۇشۇنداق بۇرمىلىۋىتەتتىم.
    - مەن دېمەكچى.ئىسىم تاپقاچ تۇرايلى دەيمىنا .ناۋادا سېنى شۇنچىلىك قەدىرلىگەنگە چۇشلۇق رىسىقىڭ بىراېنىڭ ئالقىنىدا بوپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن دەيمەن...
   - سېنىڭچە ئاشىق-مەشۇقلار چوقۇم بىرگە ئۆتۈش شەرتما؟! ئىككىمىز ئالەمنىڭ ئىككى چېتىدە بولساقمۇ ،مۇقەددەس تۇپراق ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىمىز.   
  - ئالەمدە ئىككىمىزلا بولساققۇ مەيلىتى خالئاي، بىراق باشقا شەيئىيلەرمۇ تۇپراق ئارقىلىق بىزگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ...
   - سەن ئىشلارنى بەك يۈزەكى ئويلايدىكەنسەن !
  - يۈزەكى ئويلاۋاتقىنى مەن ئەمەس سەن. ناۋادا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولالماي قالساق ئۇزاققا بارماي سەن مېنى تامان ئۇنتۇپ كېتىسەن.
   - كىم شۇنداق دىدى ساڭا ؟!
   - سەن بىلمەيسەن خالئاي، مەن ھىجىران كوچىسىدا ئوتۇڭدا پۇچىلىنىپ يۈرگەن دىۋانە كۈنلىرىمدە يىرىم تۈندىمۇ ئۇيقۇ كەلمەي مەھەللەڭگە بېرىپ دەرۋازاڭنى يىنىك چېكىپ باقاتتىم. ئاشۇ كوچاڭدا سەھرا توپىسىغا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ كۆكتىكى تولۇن ئايغا تۈمەن مىڭلىغان نۇرلۇق يۇلتۇزلارغا تەلمۈرپ تۇرۇپ ،بىر خۇدادىن سەن بىلەن بالدۇرراق بىرگە ئۆتۈشۈمنى تىلەيىتتىم. ياتىقىمدا يەنە ئىككى دوستۇم بار ئىدى.ئاشۇ جانجىگەر دوسىتلىرىم مېنى ئاشۇ ھىجىران كوچىسىدىن تەسەللى بېرىپ ياتاققا ئەكىرىپ كېتەتتى. ياتاققا ئەكىرىپ بولۇپ ھالىمنى سورىسا  مەن ئۆلىۋالىمەن دەپ جاۋاپ بېرەتتىم. ئۇلار مېنى ياستۇق بىلەن ئۇرۇپ كېتەتتى. ھۇ ،ئەخمەق،سەن ئۆلىۋالساڭ خالئاينىڭ پەرۋايىغىمۇ كەلمەيدۇ.ئادىمىيلىك يۈزىسىدىن ئۆلىمىڭگە كەلدىمۇ دەپ تۇرايلى، شۇ ئۆلۈك چىرايىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. پەرھات مېنى دەپ ئۆلۈپ كەتكەن ،مېنىڭ ئىقىمدا ئۆلۈپ كەتكەن ...دەپ بىرەر قىتىممۇ تۇپراق بېشىڭغا چىقىپ،بېشىڭغا بىر چەينەك سۇ قۇيالمايدۇ. سېنى ئۇنتۇپ، باشقا بىرى بىلەن ياشاۋىرىدۇ. ئۆزۈڭ ئويلاپ باقە، ئەتىگىنى ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بىرگە مېڭىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىسەن. بىراق ئۇ تاش يۈرەك يېنىڭدىن سىيپاپ ئۆتۈپ كەتسە كەتتىكى، ساڭا چىرايلىق بىر سالام قىلىپ باقتىمۇ؟! ھىچ بولمىسا سەن بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ،ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىيتىپ،ئىچ سىرىنى تۆكۈپ ساڭا نىمىشقا ماقۇل بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ باقتىمۇ؟! بىرەر قىتىم بىرەر قىتىم كۆڭلۈڭگە تەسەللى بېرىپ باقتىمۇ؟! ھەر كۈنى شۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا بېرىپ ئاھ ئۇرىسەن.قىنى ئۇ ئالدىڭغا چىقىپ باقتىمۇ؟! ياق ،ئۇ ھازىرمۇ سېرىن ئۇيقۇدا ...ئۇلار سېنى ماڭا مۇشۇنداق تەسۋەرلەپ بەرگەن.ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى بىرىدە توغرا بولسىمۇ ،يەنە بىرىدە سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن توغرىلىقىنى ئىتىراپ قىلغۇم كەلمەيىتتى. مانا بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. سەن ئاساسەن كۆپ ئۆزگەرمىدىڭ...ساڭا راستىمنى دىسەم،كۆڭلۈمگە چۈشكەن ئاشۇ ھەسرەتلەرنىڭ ئاسارىتى ھازىرمۇ قەلبىمدە قۇرىتتەك مىدىرلاپ تۇرىدۇ. بۇ شېئىرنى ساڭا سۇندۇم. سېنى يەنە ئىزدەيمەن..ئاللاھقا ئامانەت ...!
   - پەرھات...! پەرھات...!! پەر...!!!
   مەن ئۇنى توسۇپ قالالمىدىم. بايا بىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى قەغەزنىڭ قېتىنى ئاچتىم...
«كۆيىۋىرىپ ئوتۇڭدا جانان،
چۈشتى قورۇق ئاتەش يۈرەككە.
چاپتىم ئاتتەك ئىزىڭدىن بىراق،
يېتەلمىدىم ئارزۇ-تىلەككە.
قۇردى يېشىم ئۆزۈم ياش تۇرۇپ،
قانالمىدىم گۈلۈم ۋەسلىڭگە.
ئوت ئىچىدە مۇزلىدى يۈرەك،
باشلىمىدىڭ باھار پەسلىڭگە.
يىگۈزمىگىن مېنى پۇشايمان،
چەككۈزمىگىن تالاي مىڭ ھەسرەت.
ئىچىپ سالماي ئەمدى مەن قەسەم،
يۈرىكىمگە سالمىغىن نەپرەت.
ھىجران ئىچرە مۇزلىسا يۈرەك،
قاچان بىر رەت ھالىمغا يەتتىڭ.
ئىككىلەنمەي ئازاپلىرىمنى،
زەرداپ پېتى يۈرەككە سەپتىڭ.
ئاھ،يۈرىكىم چىدىيالمىدى،
لەختە-لەختە كەتتىغۇ قاناپ.
مەن سېنىڭدىن سورىسام ۋاپا،
مۇشۇمىدى بەرگىنىڭ جاۋاپ
قىيناۋىرىپ يۈرەكنى جانان،
قىلىپ قويدۇڭ كۆڭۈلنڭ راكى.
يۈرىكىمنى مەنمۇ بىلمەيمەن،
ساقىيالماي ئۆلەمدۇ ياكى...
قىزىل گۈلنى تۇتسام يار ساڭا،
تۇتتۇڭ ماڭا بىر قەدەھ زەھەر.
تۇتىۋەرگىن كۆڭلۈڭ قالمىسۇن،
مەن ئىچىمەن ئۆلگەنگە قەدەر.
سۇنسام ساڭا سۆيگۈ خەنجىرى،
يۈرىكىمگە ئۇردۇڭ قوش پىچاق.
ئۇرىۋەرگىن كۆڭلۈڭ قالمىسۇن،
كۆتىرىمەن قىلىۋەر چاقچاق.
چېچىۋەتسەڭ يۈزۈمگە قوقاس،
ئوت ئالىدۇ ،يۈرەك يانىدۇ.
كىچە-كۈدۈز قىينىۋال مېنى،
كېتىپ قالسام نىسى قالىدۇ.
يۈرىكىڭدىن سۆيۈپ كەلمىدىڭ،
نىچۈن ماڭا كۆڭۈل بەرمىدىڭ،
يۈرىكىمگە ئەتىرگۈل ئەمەس،
ھەتتا بىر تۈپ يانتاق تەرمىدىڭ.
پىراقىڭدا مەن ئازاپ چەكسەم،
يۈرىكىمنى خارۇ-زار ئەتسەم،
دېيەلەمسەن كەچۈر مېنى دەپ،
يار يېنىڭدىن ۋاقىتسىز كەتسەم.
ئىشقى يېشىم مەڭزىڭگە تاراپ،
ئۆمىدلىرىم كەتتىغۇ ياداپ،
يۈرۈپ تۇرۇپ كۆڭۈل بەرمىسە،
بۇ تولىمۇ ئازاپكەن، ئازاپ.»
      بۇ شېئىرنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇمغا بىردىن تىترەك ئولاشتى.خۇددى ياياق تاپىنىمغا تىكەن پاتقاندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم. ئەلۋەتتە پەرھاتنىڭ مېنى شۇنچىلىك «ۋاپاسىز»تەرەپكە چىقىرىپ قويغىنىغا غەزىپىم ئۆرلىدى. قىسقىسى ۋىجدانىم ،غۇرۇرۇم بۇ ھاقارەتنى كۆتۈرەلمىدى. بىراق پەرھاتقا ئكزۈمنى ئاقلاپ ئارتۇق گەپ قىلالمايىتتىم. چۈنكى پەرھات بىلەن يۈرگەندىن بۇيان مەن ئۇنىڭغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىرەر قىتىممۇ ئېچىلىپ باقمىدىم. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈمنى مىڭ چۈشەندۈرسەممۇ ئۇ ئىشەنمەيدۇ...ئۆتكەندىمۇ ئۇ ئاتايەن يىڭىدىن چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ماڭا سۇنغاندا مەن بۇنى ئاللىبۇرۇن بىلوگوڭدىن كۆرۈپ بولغان ...دەپلا تەپسىلىيراقمۇ قاراپ قويماي قولىغا ياندرۇپ بەرگەنتىم. ئۇ چوقۇم خاپا بولدى. ئۇنىڭ خىيالىدا بولغاندا ،شۇنچە رەسىملەر ئىچىدىن ئۆزۈمگە ياققان بىر پارچە رەسىمنى تاللاپ خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قويىشىم كىرەكتىغۇ؟! بىراق مەن پەرۋاسىزلارچە پۇزىتسىيەدە بولدۇم. ئىشقىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا مەن ئۇنىڭ خالىغىنىدەك ئىش قىلىپ بېرىپ باقمىدىم. شۇڭا پەرھات مەندىن مانا مۇشۇنداق رەنجىيدۇ.مېنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرۋىتىدۇ...ئەي ھىجران كوچىسى...ھىجران كوچىسى ...بىزگە ئوخشاش ئاشىقتىن يەنە باردۇر نەچچىسى...؟!
     شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچە كۈنگىچە كۆرۈشمىدۇق. ئاندىن يەنە كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ،مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۇمۇدۇم.ئۇمۇ شېئىرنى ئوقۇپ قانداقراق تەسىراتقا كەلدىڭ ...دەپ سوراپ باقمىدى.ئاخىرى يازلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بېرىلدى. مەن پەرھاتنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ بۇرۇنلا يۇرتۇمغا كېتىپ قالدىم.بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىڭى بىكىتكەن تېلېفۇن نومۇرىنى ئۇچۇر قىلىپ پەرھاتقا يوللاپ بەردىم. بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىلى ياخشى پاراڭلىشىپ تۇردۇق. بۇ ئىشلارنى ئاتام سېزىپ قالغان بولسا كىرەك،پەخىرلىك قىزىغا قاپىقىنى تۈرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ئاپام بىر كۈنى ھۇجىرامغا كىرىپ دەل مۇشۇ ئىش توغرىسىدا شۇنچىلىك ئۇزاق نەسىھەت قىلدى. بۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ «مەكتەپتىكى مۇھەببەت» دىگەن ئۇقۇم ئاخىرى ئىددىيەمدىن ئۆتتى. گەرچە مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئىيىتقاندا ،ياخشى ئىش بولسىمۇ ،بىراق ھازىرقى زاماندىكى «مۇھەببەت» ئۇقۇمى بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايىتتى. ئالداش،ئالدىنىش،ئازاپ،ھەسرەت،ھىجران،ئۆكۈنۈش،پۇشايمان،سەۋەپسىز تۆكۈلگەن ياش،،،مانا بۇلار مەن ئىرىشمەكچى بولغان «بەخىت» بى بېسىپ چۈشەتتى.پەرھات مېنى ئالدىمايدۇ. بىراق رىزىق بىلەن ياخشى كۆرۈشنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنچىلىك ياخشى كۆرىشىدىغان بىر جۈپلەرنىڭ ئاخىرىدا ئەشەددى دۈشمەنلەرگە ئايلىنىپ قىلىشىمىزنى خالىمىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك قەدىناس دوسىتلاردىن بولۇپ ئۆتسەم مەيلىكى،ئارتۇق ئۇنىمۇ،ئۆزۈمنىمۇ ئازاپلاپ ئۆتۈشنى خالىمايمەن...
      بىر كۈنى كەچ ئۇ ماڭا ئۈندىداردا ئاۋازلىق  ئۇچۇر يوللاپتۇ:
     - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالئاي، تەتىل كۈنلىرىڭ مەنىلىك ئۆتىۋاتامدۇ؟!  سېنى سىغىنىپ ئۇچۇر يازدىم.نىمىش قىلىۋاتىسەن؟!
     -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،پەرھات،ھەر ھالدا ياخشى تۇرىۋاتىمەن .خۇداغا شۈكرى.ھازىر كىنۇ كۆرۈپ ئولتۇردۇمغۇ...!
     - قايسى كىنونى كۆرىۋاتىسەن؟!
     - «ئاقار يۇلتۇزنى بىرگە كۆرەيلى» ناملىق كىنونى بەرگىلى تۇرۇپتىكەن ،شۇنى كۆرىۋاتىمەن.
     - ۋاھ،خىلى رومانتىك جۇمۇ سەن...راستىمنى ئىيىتسامچۇ قارا،سەن ئاشۇ فىلىمدىكى يۈنخەينىڭ قىز دوستى چۇيۈشۈنگە بەكلا ئوخشايسەن. مىجەزىڭمۇ،چىرايىڭمۇ شۇنداق ئوخشاپ قالىسەن.  
     - خى...خى...مۇنداق دىگىن. سېنىڭمۇ چىرايىڭ يۈنخەيگە ئوخشىمىغان بىلەن مىجەزىڭ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايسەن. مەسىلەن...سەنچۇ ،بەك تەرسا، جاھىل،چىداملىق،خىيالچا. يەنە...يەنە ...چالا ساراڭ...!
     - خەپ جۇمۇ...تۇرىۋالىدىغان بولسام...
     - ھە،تۇرىۋالىدىغان بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ ؟!
     - تۇتىۋالغان بولسام...تۇتىۋالغان بولسام،خى..بىرنى سۆيىۋالاتتىم.
     - ھۇ،يۈزى قىلىن،ـمەن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ،ئۆز مۇددىئايىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولدۇم،ـ پەرھات ،ساڭا بىر گەپ باتتى. دەيمۇ؟! توغرا چۈشىنىڭنى ئۆمىد قىلىمەن.
     - قانداق گەپتى ئۇ؟! مەن قاچان سېنى توغرا چۈشىنىپ باقمىغان گۈلۈم ؟!
     - ئەمىسە...ئەمىسە دىدىم ھە؟! مەن سا...ڭا كۆنەلمىدىم.
     - نىمە ؟! دىمەك،دىمەك سەن بۇ ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاپ بوپتىكەنسەندە ؟!
     - ياق...ياق...بۇنداق چۈشەنسەڭ خاتالاشقان بولىسەن. سەن بۇرۇن شەرتىمگە ماقۇل بولغانىدىڭ، مەندىن رەنجىمە ئاشىقىم. بىز ئايرىلىپ كېتەيلى !
     - ئەمىسە بىز ئايرىلىپ كەتسەك ساڭا پايدىلىق بولامدۇ؟!
     - ماڭىلا ئەمەس ساڭىمۇ پايدىلىق بولىدۇ...
     - ئۇنداقتا بىزنىڭ قايتىدىن تۈرۈش ئىمكانىيىتىمىز بارمۇ؟!
     - بۇنى...بۇنى خۇدا بىلىدۇ.
     - دىمەك مەن كەينىڭدە 4 يىل پەرۋانە بولۇپ ئاران 2ئاي يۈرۈش نىسىپ بوپتىدە...
     - ئۆزۈڭنى كۆپ ئەيىپلىمە پەرھات، بىز دوست بولساق بولىدىغۇ؟!
     - بىراق مەن بۇرۇنلا دوسىتلۇق چىگراسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن.
     - ئەمىسە ساۋاقداشلىق مىھرىبىز بار. شۇنى داۋاملاشتۇرايلى...!
     - قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ساۋاقداشلىق.
     - بۇ نىمە دىگىنىڭ؟! نىمىشقا تەتۈرلۈك قىلىسەن؟! سەن ماڭا بىز ئايرىلىپ كېتىپ قالساق،چىرايلىق يولغا سېلىپ قويىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتىڭغۇ؟! ئەجىبا،سەن ئەركەك ئەمەسما؟!
    - بوپتۇ، سەن مېنىڭ ئەركەكلىكىمدىن سۆز ئېچىپ قالدىڭ. بەخت تىلەپ يۈرمەيمەن. چۈنكى سەن چىچەن قىز . ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى ئۆزۈڭ تاپالايسەن. زادى نىمىشقا ئايرىلماقچى بولدۇڭ؟!
    - مەن ئاپامغا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىرسى بىلەن يۈرمەيمەن دەپ تۈنۈگۈن ۋەدە بەردىم. شۇڭا ...بۈگۈن سەن بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇرمەن.
    - ئاران مۇشۇما؟! ۋەدىنى يۇشۇرۇن ئادا قىلىشقا بولمامدا؟!
    - ياق ! ئاتا-ئانامنى ئالدىسام بولمايدۇ.
    - بىر ھىساپتا يارايسەن. جەمەتىڭگە سادىق بەندىكەنسەن.بارىكاللا گۈلۈم. بىراق مېنى ئازاپتا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ.
    -مېنى كەچۈرگىن . ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم.
    - سەنمۇ مەندىن رازى  بول گۈلۈم. ئاللاھقا ئامانەت !
    - ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا. ئاللاھقا ئامانەت !
    - ھەي...پەرھات بىلەن يۈرگەن كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارماي ئاياغلاشتى. بىر ئوبدان يۈرىۋىتىپ بىردىنلا كەينىمنى قىلىپ كېتىپ قالدىم. بىراق مۇشۇ يول ھەر ئىككىلىمىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئاقىل تاللاش ئىدى.ئۇ پات-پات چۈشۈمگە كىرىپ تۇردى. چۈشۈمدە ئۇ يەنىلا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلاتتى...بەزى بىر چۈشلىرىمدە مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالاتتىم. ھەي،ياشلىقتىكى سەۋدالىق...
     - ھەش-پەش دىگۈچە تەتىلمۇ توشتى. مەن ھازىر پويىز ئىستانسىسىدا مەكتەپكە ماڭغىلىۋاتىمەن. تۇيۇقسىز يېنىمدا پەرھات پەيدا بوپ قالىدىغاندەكلا سىزىمدا ئىدىم. ئۇ كەينىمدە تۇرۇپ ماڭا ئاق يول تىلەۋەتقاندەك نازۇك سىزىم بىلەن پويىزغا چىقتىم. ئورنۇمنى تۈزەشتۈرۈپ پويىز كارۋىتىدا ناخشا ئاڭلىغاچ، سۇ ئىچەي دەپ سومكامنى ئاچسام ،ئىچىدە بىر كونۋېرت تۇراتتى. كونۋېرت ئۈستىدە «پەرھات» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ،پەرھاتنىڭ بايام قېشىمدا بارلىقىمنى سەزگىنىم توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۇم. بايا مەن ئادەملەر توپىدا قىستىلىپ تۇرغان ۋاقتىمدا چاندۇرماي كېلىپ سومكامنى بۇ خەتنى سېلىپ قويۇپتىدە...بىردىن ئۇ خەتكە كۆزۈم تىكىلدى...
     «سالام ساڭا ! بۇ خەتنى ساڭا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە تەمتىرىمەي يېزىۋاتىمەن ،گۈلۈم! مەن بۇنىڭ ئالدىدا قانچە يۈز قىتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ بولغان.قانچە مىڭ قىتىم بەخت تىلەپمۇ بولغان. بۇ ھىجىران كوچىسىدا تالاي قىتىم خوش بولۇپمۇ باقتىم. يىغلاپمۇ بولغان. شۇڭا ئارتۇق ھىكايە سۆزلەشنى خالىمايمەن. مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ تۆۋەندىكى يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سال...!
ئەڭ شېرىن ئازاپنى تىتىپ باقاي دەپ،
شوخۇلۇق يانتاقنى سۆيۈپ كەلگەنمەن.
مىڭ پارە يۈرەكنى بەزلەپ تۇراي دەپ،
ئۆمىدنى كەمپىتتەك شۈمۈپ كەلگەنمەن.
قەلەمگە قەلبىمدىن ئىچكۈزىمەن دەرت،
دەردىمنى دەپتەرگە تۆكۈپ بېرىدۇ.
بىلمەيمەن پەش،چىكىت،ئۈندەش،سوراقلار،
ئىلھامغا ئەگىشىپ يىغلاپ كېلىدۇ.
دەردىمنى ئىھ،گۈلۈم سېنىڭدىن باشقا،
ئوت شامال...ھەممىسى بىلىدۇ بەلكىم.
چۆلدىكى كوچىدا رەسىملىرىم بار،
ئەسلى مەن سۆيگۈنىڭ چولپانى ئىدىم.
رەنجىمە ئۆزۈمنى ماختىغىنىم يوق،
ھەقىقەت ھەممىنى ئىشەندۈرىدۇ.
سۆيگۈمنىڭ سىرىنى ھىجىران كوچىسى،
قىرىقتىن ئاشقاندا چۈشەندۈرىدۇ.
     بۇ شېئىرنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈڭ سەدەپتەك پاك قەلبىڭ بىلەن يېشىۋال. مەن ئاخىرىنى يېزىۋىرەي ئوبدان گۈلۈم...
توۋلىسام ياپراقتەك تەۋرەيدۇ دۇنيا،
بىلمەيمەن ۋە لىكىن ئاۋازىم بوغۇق.
ئەينەكتەك قەلبىمنى تېشىدۇ ئوقيا،
ھاياتنىڭ چىرايى نىمانچە سوغۇق.
كۆرۈندى كۆزۈمگە ھەممە ناتونۇش،
مىڭ قەۋەت قۇم چۈشتى تىنىچ ئوكيانغا.
بېشىمنى كەسكەندە بىمەنە تۇرمۇش،
ئايلاندى چاچلىرىم قاقشال ئورمانغا.
بىر پارچە ئوتتۇرمەن بىلمەيدۇ ھىچكىم،
بىرى كەم دۇنيانى كۆيدۈرۋىتىمەن.
سۆيگۈنى كىلونلاپ بەخت شەھرىدە،
كەلگۈسى دۇنيانى كۈلدۈرۋىتىمەن.
     ھىجىران كوچىسىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان سېنى دىلخانەمنىڭ گۈلى ئەتتىم.كۆزۈمنىڭ نۇرى ئەتتىم. رومانىمنىڭ باش قەھرىمانى ئەتتىم. بىراق ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس،سەن سەمىمىي سۆيگۈمگە ھاقارەت قىلدىڭ. ساداقىتىمنى كۆزگە ئىلمىدىڭ. خالىساڭ قونچاق،خالىساڭ نۇرانە مونچاق قىلدىڭ. بىراق مەن ساڭا ئوخشىمايمەن. قىنى ۋەيرانە كۆڭلۈمنىڭ چاك-چاك دېرىزىسىنى ئېچىپ قاراپ باق...!!
شىۋېرغان...
يۈرىكىمگە رومان يېزىلغان.
مەشۇقىدىن ئايرىلغان ئاشىق،
نۇر ئىسىملىك خىلۋەت كوچىدا،
ئىستىقبالى غۇۋا ئېچىلغان.
ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس...
ھاياتىغا ئاچچىق ئىچىنغان.
شامال قىز...
سىياقىمنى كۆز يېشىڭغا سىز.
قارچۇقۇڭدىن نەچچە دومىلاپ،
خال بىخلىغان زىناقلىرىڭدا،
تەبەسسۇملۇق ئۇچراشقانتۇق بىز.
ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس...
ئوت ئالالماي قالدى لېۋىمىز.
گۈلۈم، كەلگىنە...
مۇڭلىنىمەن ئەتىر بەرگىدە.
بارمىقىڭنى ئوينىغۇم كەلدى،
چۈشلىرىمدە قۇچاق ئاچىسەن،
نازاكەتلىك باھار رەڭگىدە.
ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس...
بىز ئايرىلدۇق شىكەر شەنبىدە.
ئاق كەپتەر...
تىنىچلىقچۈن ئۇر ماڭا شەمشەر.
كۆيدۈرۈلسۇن سۆيگۈ خەتلىرى،
قارا داغلار ئۆچمىسۇن ئايدىن،
يار قەدرىمنى بىلگەنگە قەدەر.
ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس...
كەلسەڭ يەنە سۆيىمەن ئەگەر.
ئامانەت...
مەكتەپتىكى كەپسىز مۇھەببەت.
پۇل تاپىمەن ...ماشىنام بولسا،
ئەلچى بولۇپ بارغىنىمدا مەن،
كۈلۈپ باقار نازۇك كىپىنەك.
ئەپسۇس دىدىم ئەپسۇسلانمايمەن،
بولغىنىمچۈن ھەقىقىي ئەركەك !
     گۈلۈم،دەردىمنى ھىس قىلىۋاتامسەن؟! بەلكىم بۇ سەن دىگەندەك ئەدەبى ئەسەردۇر.بىراق مەن ئەدەبى ئەسەر ئەمەس. ساڭا ئوخشاش خۇدانىڭ بەندىسى. ئىلاجىم قانچە...ئەپسۇس ئۇنتۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ ! مۇھەببىتىمىز بىر ھىساپتا ئاخىرلاشتى...بىراق بۇ ھىجىران كوچىسىنىڭ تىخى ئاخىرلاشقىنى يوق. بەلكىم بىر ئۆمۈر داۋاملىشىشى مومكىن. ئەمدى ئاخىردا مىسكىن يۈرىكىم نىمە دەيدۇ...قىنى قۇلاق سال...!!!
ياخشى كۆرگەن ئاشىقىمدىن ئايرىلىپ،
ياشاشتىنبۇ ماڭا ئارتۇق ئازاپ يوق.
زەپ چىدىدىم پىراقىڭدا زارلىنىپ،
مىڭ قاقشىسام سەندىن ئەسلا جاۋاپ يوق.
گۈل غۇنچەڭنى پۇراپ باقسام سەھەردە،
بۇرۇنقىدەك تاتلىققىنە ھىدىڭ يوق.
سەن سۆيدۈرۈپ تاشلىۋەتكەن يۈرەكتە،
قاراپ باقسام داغدىن باشقا ئىزىڭ يوق.
شېرىن كۈنلەر قالدى بىزگە خاتىرە،
قىينىشىڭغا كۆنۈپ كەتتىم كىرەك يوق.
لەيلى-مەجنۇن كەچمىشىدىن ئارىيە،
ئالالمىدۇق ،سەندە سادىق يۈرەك يوق.
يۈرىكىمنى تاشلىۋەتتىڭ سۆيدۈرۈپ،
ئەمدى ساڭا يىغلايدىغان كۆزۈم يوق.
خەتلىرىمنى ئەۋەتىپسەن كۆيدۈرۈپ،
بەختلىك بول! ئارتۇق ساڭا سۆزۈم يوق.
      گۈلۈم،شېئىردا بەزى گەپلىرىمنى ئىتتىكلىك قىلىپ يېزىپ سالدىم. كۆڭلۈڭگە ئالما ! ئېسىڭدە بولسۇن،يەنە بىر قىتىم تەكرارلاپ قوياي...ھىجىران كوچىسىنىڭ تىخى ئاياغلاشقىنى يوق. بەلكىم بىر ئۆمۈر داۋاملىشىشى مومكىن . مەنمۇ بۇ كوچىدىن بالدۇرراق يورۇقلۇققا چىقىشنى ئۆمىد قىلىمەن. ئۆگىنىشتىكى غەملىرىڭ تۈگىگەندە قېشىمغا قايتىپ كېلەلەرسەنمۇ گۈلۈم ...؟!
كاككۇكنىڭ زەيناپقا كۆيگىنى ياخشى،
زەيناپنىڭ كاككۇكنى سۆيگىنى ياخشى.
گەر زەيناپ كاككۇكقا ۋاپا قىلمىسا،
كاككۇكنىڭ ئەي،تەنھا يۈرگىنى ياخشى.
      بىلسەڭ گۈلۈم، مەن كوچاڭدا تەنھا،كەينىڭدە تەلۋە. خەير...ئوقۇش سەپىرىڭ غەلبىلىك بولسۇن! خەت مۇشۇ يەردە تامام. ئاللاھقا ئامانەت...!!! »
     كۆزۈم بىردىن غۇۋالاشتى. قەلبىمدىن تېشىغا ئۆكسۈپ چىققان سۈزۈك ئازاپلىرىم قولۇمدىكى قەغەز ئۈستىگە سىڭىپ كەتتى. شۇ تاپتا پەرھاتنىڭ بىر كۇبلىت شېئىرى قەلبىمدىكى ئازاپلىق دېڭىز قىرغاقلىرىغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلماقتا ئىدى...
«رەنجىمە ئۆزۈمنى ماختىغىنىم يوق،
ھەقىقەت ھەممىنى ئىشەندۈرىدۇ.
سۆيگۈمنىڭ سىرىنى ھىجىران كوچىسى،
قىرىقتىن ئاشقاندا چۈشەندۈرىدۇ. »
     كەچۈر پەرھات ! مەن سېنى ماڭا بەخت تىلەپلا بولدى قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئىشى تۈگىدى دەپ ئويلىغاندىم. بىراق پاك مۇھەببەتنىڭ بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭ. مېنىڭچە بولغاندىمۇ ، بۇ ھىجىران كوچىمىزنىڭ داۋامى باردەك قىلىدۇ...ئەي ھىجىران كوچىسى...ھىجىران كوچىسى...ۋىسالىغا يەتمىگەن يەنە باردۇر قانچىسى...؟!
2012-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى. ئۈرۈمچى.

120

تېما

16

دوست

5180

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1673
مۇنبەر پۇلى
2562
ئىشەنىچ
1673
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 00:26:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇپ بۇلالمىدىم.بىر كۈنى كۆپرەك ۋاقىت چىقىراي جۇمۇ.

14

تېما

1

دوست

612

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
167
مۇنبەر پۇلى
394
ئىشەنىچ
167
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 14:49:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalkun085 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 00:26
مەن ئوقۇپ بۇلالمىدىم.بىر كۈنى كۆپرەك ۋاقىت چىقىراي جۇم ...

چاتاق يوق....توردىشىم. ئەسلى بۇ پوۋسىتىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى باتتى....بىراق بۇ تەڭرىتاغ تورىدا بىرەر باشقۇرغۇچىنى تونىمايدىكەنمەن . بولمىسا ئاۋازلىق نۇسخىسىنى كەڭ تورداشلىرىم بىلەن ئۇچراشتۇرغۇم بار ئىدى...!

229

تېما

36

دوست

4692

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
845
مۇنبەر پۇلى
3136
ئىشەنىچ
845
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 15:49:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yawakoz يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 14:49
چاتاق يوق....توردىشىم. ئەسلى بۇ پوۋسىتىمنىڭ ئاۋازلىق ن ...

419029211 نى قوشۇپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

2

تېما

7

دوست

1185

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
140
مۇنبەر پۇلى
793
ئىشەنىچ
140
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 12:35:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەك يارىدى ، بەك ياخشى يىزىپسىز ، بۇلۇپمۇ  شېئىرلارنى

14

تېما

1

دوست

612

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
167
مۇنبەر پۇلى
394
ئىشەنىچ
167
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 17:34:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىر625 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-12 12:35
ماڭا بەك يارىدى ، بەك ياخشى يىزىپسىز ، بۇلۇپمۇ  شېئىرلا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈسۈپجان ئاكا ! خۇش كەپسىز...ئەسىرىمنى كۆرۈپ سىزگە ياققىنىدىن مەنمۇ خۇرسەنمەن...! سالامەت بولۇڭ....! سىردىشىپ تۇرايلى...

باھا سۆز

بانكىر625 بولىدۇ ، تېخىمۇ ياخىشى ئەسىرىڭىزنى كۈرۈشكە تەشنامەن .  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 03:12

1

تېما

1

دوست

375

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
175
مۇنبەر پۇلى
209
ئىشەنىچ
175
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 17:57:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرتېمائىكەن،تېخىمۇتىرىشىڭ

1

تېما

1

دوست

140

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
26
مۇنبەر پۇلى
108
ئىشەنىچ
26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 02:23:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ خىيالىمغا نۇرغۇن ئىشلار كېلىپ كەتتى،ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن،
‹‹مەكتەپتىكى مۇھەببەت،
بەكمۇشېرىن ئالامەت،
دەسلەپ كۇلدۇرگەن بىلەن،
يىغلىتىدۇ ئالامەت.››

5

تېما

0

دوست

422

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
153
مۇنبەر پۇلى
252
ئىشەنىچ
153
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 08:59:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ياخشىكەن، ئەمما تىلى بەك خامدەك بىلىندى، تەكرار ئىشلىتلگەن سۆز جۈملىلەر بەك كۆپ، يەنە بە كىلىپ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرمۇ ئۇچرايدۇ، مەسلەن:
    قولۇمدا ھازىر بايىلا مەكتەپ پوچتىخانىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر كونۋېرت تۇرۇپتۇ.قىزىق يېرى شۇكى بۇ كونۋېرت ئۈستىگە :«قولۇڭدىكى سالام خەت ئەمەس»دەپ يېزىلىپتۇ. توۋا قايسى ھارامزادە ئەخمەق قىلىۋاتقاندۇ مېنى؟! خەتنى شۇنچە كۆرۈشكە ئالدىرىغان بولساممۇ ،بۈگۈن ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى .ئەتە شەنبە چۈشنىڭ ئالدىدا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم ئىمتىھانى بار.«قولۇڭدىكى سالام خەت ئەمەس »دەپ يېزىلغىنى بىلەن نامسىز خەتكەن ئەمەسمۇ؟! كەچ تەرەپتە ياتىقىمدا پەردەمنى تارتىپ قويۇپ،ناخشا ئاڭلىغاچ ئوقاي دىسەم يەنىلا بوممىغۇدەك. ئىمتىھانغا تەسىز كۆرسىىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئەتە چۈشتىن كىيىن مەكتەپ باغچىسىغا چىقىپ ،بوستان سۆگەتنىڭ سايىسىدا ياغاچ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ بىر ئوقايچۇ...
يۇقارقى قىسقىلا بىر ئابزاسنى تەپسىلىي ئوقۇپ ئانالىز قىلىپ بېقىڭ! «قولۇمدا ھازىر بايىلا مەكتەپ پوچتىخانىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر كونۋېرت تۇرۇپتۇ.» بۇ يەردە ھازىر بايىلا دېگەن سۆزنى بىرگە ئىشلىتىشنىڭ نېمە زۈرىيىتىتى؟
«،بۈگۈن ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى .ئەتە شەنبە چۈشنىڭ ئالدىدا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم ئىمتىھانى بار»  ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى شەنبە بولماي نېمە؟ ئالدىدا ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى دەپ بولغاندىن كېين ئارقىدىنلا يەنە شەنبە دەپ ئەسكەرتىشنڭ زۈرىيىتىتى بارمۇ؟ قېرىندىشىم بۇ ئەسەرنىڭ تىلى خېىللا خامكەن تىلغا ياخشىراق ئىشلەڭ، باشقىلارغا ئوخشاش  ياخشى ئەسەركەن، ياخشى يېزىپسىز دەپلا ئىككى ئىلىكلا ئىنكاس يېزىپ ئۆتۈپلا كەتسەممۇ بولاتتى، بىراق بۇ ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى ئوقۇرمەنگە خاس مەسئۇلىيەت دەپ قارىغىنم ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، قالغانغا دېگەنلىرىم ئورۇنلۇق بولسا ئىجادىي يوسۇندا پايدىلىنارسىز ! ئىجادىيتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!

14

تېما

1

دوست

612

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
167
مۇنبەر پۇلى
394
ئىشەنىچ
167
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 16:37:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2013-2-16 08:59
ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ياخشىكەن، ئەمما تىلى بەك خا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توردىشىم. پىكىرىڭىزنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىكەن. قوبۇل قىلدىم. رەھمەت سىزگە. ئەسلى بۇ پووۋسڭتنى مەتبۇئاتقا سۇنۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇ ئالدى بىلەن كەڭ تورداشلارغا باھالىتىپ، ئۆزۈمنى چاغلاپ باقاي دەپ ئۇدۇللا تورغا ئېلان قىلدىم.  سىردىشىپ تۇرغايمىز....!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 21:22, Processed in 0.202276 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش