- تىزىملاتقان
- 2013-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-20
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 528
- نادىر
- 2
- يازما
- 82

- 真实姓名
- مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
- تۆھپە
- 149
- مۇنبەر پۇلى
- 328
- ئىشەنىچ
- 149
| ھىجران كوچىسىدا... 11-قىسىم كۈندۈزنى مۈگدەك بېسىشىغا يېقىن پەسكە چۈشۈپ تورتلۇق بولكا، مېنىرال سۇ، گازىر، سۈت سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ قورسۇقۇمنى تويغۇزۇپ تۇردۇم. تەقدىرىم بەدىلىگە كەلگەن بۇ ياتاق ئۆيۈمدە نېمىش قىلىشنى بىلەلمەي زېرىكىپ تۇرغىنىمدا، خاتىرە كومپىيوتېرىمنى ئېچىپ بېقىش يادىمغا يەتتى. ئۇ يەرنى ھەپىلىشىپ، بۇ يەرنى مالتىلاپ بېقىپ تازا كۆڭلۈمنى ئېچىلدۇرالماي، كومپىيوتېرنىمۇ كىرىسلودا تاشلاپ قويۇپ كارۋېتىمغا ئورۇن راسلىدىم - دە، بۇلۇتقا يۇمشاققىنە ئۆزۈمنى تاشلىدىم. بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە جىق ئىشلار يۈز بەردى دېسە. ھاياتنىڭ ئىنساننى كۈتىۋالىدىغان دوقمۇشلىرى كۆپ بولىدىكەن. بىر كوچا قول ئېلىشقانچە باغرىغا بېسىپ قارشى ئالسا، بىر كوچا ئۈندىمەستىن يۈزۈڭگە تەتۈر كاچاتلاپ يولغا سالىدىكەن. نېمىش بولغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدىكىسەن. ياندۇرۇپ سەۋەبىنى سورىساڭ لېۋىنى مىدىرلىتىش تۈگەل، ئىشارە قىلپمۇ قويمايدىكەن ئەمەسمۇ! نى كۈنلەر بېشىمغا كەپتۇ. بىراق بۇ مېنىڭ ئۈمىدسىز خىياللارغا چۆكىدىغان دەقىقىلىرىم ئەمەس. گەرچە خالئايدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، رېژىسسوردەك قوللىغۇچۇم بار. ئۇ مېنى قەدىرلەيدۇ. ئەجىبا ئوغۇل بالىنىڭ قەدرىنى قىز بالا، قىز بالىنىڭ قەدرىنى ئوغۇل بالا قىلىشى پەرھىز ئەمەسقۇ! ئوغۇللار ئوغۇللارنى، قىزلار قىزلارنى قەدرلەپ، قەدىرلىنىپ، قەدىرلىشىپ ئۆتسە بولىۋېرىدىغۇ! قىز - يىگىتلەرنىڭمۇ قەدىرلىنىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئۇنى ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزى توغۇرلايدۇ، بىز ئاجىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن كۈتۈش، سەرۋر، بەدەل، تەلپۈنۈشلا كېلىدۇ. بۇ ئالەمنىڭ قىسمەت - ھېكايەتلىرىگە سەل ئىەىلىپ تۇرۇپ تاقابىل تۇرمىساڭ تەقدىر تەلۋىلىك بىلەن يۈەۈرۈپ كېلىپ ياقاڭدىن ئالغىنىچە گاھى تامغا، گاھى ماشىنىغا ئۈسسۈتۈپ قويىىدكەن، خۇددى مېنىڭ ھالىمدەك. تەقدىرمۇ كىشىگە يامان چاقچاق قىلىپ بولۇپ ئارقىدىنلا پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ پۇشايمان يەمدۇ - قانداق، ئېچى ئاغرىپ چىن مېھرى بىلەن بوينۇڭغا گىرە سالىدىكەن. شۇنىڭدىن ھېس قىلدىمكى، تەقدىرچىلىكنى چەتكە قېقىشمۇ تازا ئورۇنلۇق ئەمەستەك قىلىدۇ. خالئاينى قانداق قىلىپ ئۇنۇتارمەن ئەمدى. قېشىغا ئىزدەپ بارايمۇ - يا؟ ياق، ياق، ئۇ ھازىر ئەكبەرنىڭ قېشىدا. «سەن بىلەن كەتمەيمەن» دەپ تۇرىۋالسا ئەكبەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىڭ چۈشكىنى چۈشكەن. مۇھەببەت ئۈچۈن يۈزۈمغۇ چۈشسىغۇ ھېچ گەپ ئەمەس، ئۇنىڭغا مېڭنى يالۋۇرغىنىم بىكار. خالئاي ئەمدى يېنىمغا قايتمايدۇ. رېژىسسور دوختۇرخاندىن قول سېلىپ چىقىپ كېتىمىز دەپ ئەكبەر سوۋغا قىلغان كىتابلىرىممۇ ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدىلا قاپتۇ ئەمەسمۇ. مۇشۇنداق غېربسىنغان ۋاقىتلىرىمدا بىرەر - ئىككى پارچە شېئىر ئوقۇپ قويغان بولسام دەردىم چىقىپ قالار بولغىيتتى. يازاي دېسەممۇ قەغەز - قەلىمىم يوق. بۈگۈن ھەجەب نامراتچىلىقتا ئۆتكەن بىر كۈنۈم بولدى دېسە. ھەي... ئۇيقۇم كەلمىسىمۇ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ باقاي. مەن بارغانسىرى خىيال ئېچىدە قالغان ئىدىم، خۇددى بىر كىشى پىرىېخونلارنىڭ ئارىسىدا قالغاندەك. ئۇيان ئۆرۈلىمەن - بۇيان چۆرۈلىمەن. تۇۇرۇپ - تۇرۇپ جۈپسىز قالغان دەمدەردەك بۇقۇلداپ سالاتتىم. يەنە تۇرۇپ - تۇرۇپ چۆلدە كېتىۋېتىپ ئالتۇن كومزەككە يولۇققان دىۋانىدەك كۈلۈپمۇ قوياتتىم. قاچانلاردا كۆزۈمنى ئۇيقۇ باستىكىن، تاڭ. بىر چاغدا بىرسى ئىسمىمنى چاقىردى. — پەرھات؟ كۆزۈمنى ئاچماي تۇرۇپ ئاۋازىنى تىڭشىسام، چاقىرغىنى رىژىسسوركەن ئەمەسمۇ! ئورنۇمدىن دەسسىدە تۇرۇپ كەتتىم. — خەيرلىك ئەتىگەن يىگىت! چۆچۈتىۋەتتىم - ھە! — خەيرلىك ئەتىگەن. ياقەي، تاڭمۇ ئېتىپ بوپتۇ. ۋاقتىدا ئويغۇتۇپ قويدىڭىز، رەھمەت سىزگە! — ھەقاچان بىر كېچە خىيال سۈرۈپ ئانچە ياخشىمۇ ئۇخلىيالمىدىڭ. شۇنداقتىمۇ سەھەر تۇرۇشنى ئۈگەنمىسەڭ بولمايدۇ. ھېلى ئىشخانىغا باشقا يولداشلار كېلىپ قالسا ئىزاغا قالدىغان گەپ. قانداق دېدىم؟ — ئىم، توغرا دەيسىز. بۈگۈن نىېمىش قىلىمەن؟ — خى، ئىش قىلىشقا شۇنچە ئالدىراپ كېتىۋاتامسەن؟ ئاۋۋال تاماق يەيمىز، ئاندىن كومپىيوتېرىڭغا تور ئۇلاپ بېرىمەن. توردا يېڭىلىقلار كۆپ. ئويۇنمۇ بار، بىلىممۇ بار. خاراكتىرىڭگە ماس كېلىدىغاننى ئۆزۈڭ تاللايسەن - دە، شۇ بويىچە ئاستا - ئاستا تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى تىكلەيلى! — بولىدۇ. ئاۋۋال تاماق يەيلى. پەسكە چۈشۈپ خام كۆكتات، سۈت ۋە قۇيماق بىلەن ناشتا قىلىۋالدۇق.ئىشخانىغا قايتىپ چىقىپ بىردەمدىلا كومپىيوتېرىم تورغا ئۇلاندى. — كومپىيوتېر سېنىڭ بولغاندىكىن، خالىغانچە مەشخۇلات قىل. — مېنىڭچە، سىز بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ بېرىڭ. مەن بىر كۈن ئولتۇرساممۇ ھېچ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەسلىكىم ئېنىق. كومپىيوتېر ماڭا نىسبەتەن يېڭى ئۇقۇم. شۇڭا ئۇستازغا مۇھتاجمەن. ئەگەر مېنى بۇنداق مەيلىمگە قويىۋەتسىڭىز جەزمەنكى ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالماي قالىمەن. — بولىدۇ، تۇنجى رەت ئېغىر مەشخۇلاتلارنى ئالدىڭغا تاشلاپ قويالمايمەم، ئاۋۋال يېنىك سىستېمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەشىق قىلىپ تۇر.ھازىر توردىن چۈشۈرىۋاتقىنىم «چ چ» كۆزنىكى. بۇ ئالاقە قىلىشنىڭ مەۋھۇم قورالى سۈپىتىدە دۇنيادا ئۇندىداردىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. چەتئەللەردە بو قۇرالنى %75 كىشى سودا ئالاقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بىز تەرەپتە تورغا خۇمار بولغانلار ئىچ - پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. — ئەمىسە مەن قايسى تەرىپىدىن پايدىلىنىمەن؟ — ھازىرچە ئىچ - پۇشىقىڭنى چىقىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىسەن. چۈنكى ساڭا خالئايدىن ئايرىلغىلى ئاران بىر كۈن بوپتۇ. كۆڭلۈڭ جايىدا ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سودا ئالاقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسام، جەزمەنكى مەغلۇپ بولىسەن. تۆت - بەش خىل ئويۇنمۇ چۈشۈرۈپمۇ قويدۇم، بىرنىڭدىن مەيلىڭ يانسا، بېرىنى ھەمراھ قىلىپ تۇر. چوقۇم بىرسى كۆڭلۈڭنى ئۇتىۋالالايدۇ. نەرسە - كېرەك بولەمدۇ ياكى پۇل بولامدۇ، قايسىسى لازىم بولسا تارتىنماي ماڭا دېسەڭ بولىدۇ. قېشىڭدا ساقچىسەك ئولتۇرىۋالمايمەن. ياتاق، شىركەت كۆپ ھاللاردا ساڭا قالىدىغان بولدى. ھەر راست، پۇلنى ھازىر بېرىۋىتەي. ھازىرچە 5000 سوم بېرىپ تۇراي، تۈگىسە ئېسىمگە سال ئېنىم! — سىز ماڭا نېمىشقا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟ ئازراق گۇمانلىنىۋاتىمەن. چۈشەنچە بېرەمسىز؟ — گۇمان قىلغىنىڭ ئورۇنلۇق، لېكىن ئارتۇقچە گۇماندا بولما. مەقستىم شۇكى، سېنى ياراملىق ئىز - باسار قىلىش بىلەن بىرگە ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرسام دەيمەن. سەن قىز دوستۇڭدىن ئايرىلدىڭ، بۇنداق قىسمەت مېنىڭمۇ بېشىمغا كەلگەن. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، سېنى ئۆزۈمنىڭ ياش ۋاقىتلىرىغا ئوخشىتىپ قالىمەن. — سىزمۇ ماشىنىغا سوقۇلغانمۇ؟ — ياق، لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەت ئىشلارغا يولۇققان. — سۆزلەپ بېرىڭە! س بولمايدۇ. ھېچكىمگە ئېيتمايمەن. مېنىڭ بىر خۇيۇم، ئالدىراپ كىشىگە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىمايمەن. چىقىپ كەتتىم، ئامان بول! — نەگە بارىسىز؟ — ئىشقىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتمەيمەن. كاستىيۇمنىڭ تۈگمىسىنى تاقاشتۇرۇپلا مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يېنىمدىن چىقىپ كەتتى. تور دۇنياسىدا نېمىلەر باردۇ؟ دەل مۇشۇ ئوي بىلەن كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇ يەرنى مالتىلاپ - بۇ يەرنى مالتىلاپ «چ چ» نومۇر ئالدىم- دە، خالىغانچە ئادەم قوشتۇم. كۆڭۈل دېگەن يۈگۈرەك نەرسە دە، ساپلا قىز بالا قوشۇپتىمەن. بەزىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى دېگۈدەك قوشۇشۇمنى رەت قىلمىدى. مىنۇت ئۆتمەيلا سۆز باشلاپ كەتتۇق. — تىشلىقمۇ؟ — تىشلىق، سىزچۇ؟ — شۈكرى، قەيەردىن بولىسىز؟ — قەشقەردىن. سىزچۇ؟ — مەن ئۆرۈمچىدىن. ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ؟ — تۇمارىس. — تۇمارس؟ ۋاھ، نىمانچە گۈزەل ئىسىم بۇ! ياقتۇرۇپ قالدىم. — رەھمەت ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟ — قەھرىمان. — ھە، مۇنداق دەڭ، سىز قەيەرنىڭ قەھرىمانى؟ — مەن؟ خى، مەن سىزنىڭ قەھرىمانىڭىز. — خى، خى، قىزىقچى ئىكەنسىز جۇمۇ! — كۈلمەڭ، قىزچاق. ھازىرقىچە سىزنىڭ قەھرىمانىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟ — راست گەپ قىلسام، مېنىڭ قەھرىمانىم بولۇپ باقمىغان. تامقان ھەقرىمانلىرىمنىڭ جىمىسى قەلبىمدە ئازاب قالدۇرۇشتىلا قەھرىمانلىق كۆرسىتىشتى. لېكىن سېغىنىپ ئەسلىگۈدەك ئىزناسى يوق. كۈندە دېگۈدەك كۆڭلۈم يېرىملا يۈرۈيمەن. سىلەر ئوغۇللار نېمانچە ئالدامچى؟ نېمانچە ۋەدىكەش؟ نېمىشقا سۆيگەن قىزىڭلارنى دائىم ئالداپ قويىسىلەر؟ — دېمەك، دەردىڭزى كۆپكەندە، سىزگە دېسەم قاراڭ، مەن ئىسمىمغا خاس قىز دوستۇمغا قەھرىمانلىق كۆرستىپ باققان. نەتىجىدە ئوخشاشلا مەغلۇب بولدۇم. سىلەر قىزلا نېمانچە ۋاپاسىز؟ نېمانچە باغرى تاش؟ نېمانچە دۆت؟ «يېنىمدا قال گۈلۈم» دەپ يىلىنسا ئۇنىمايسىلەر، پېشىنى قېقىپ كەتكەن ھارامزادىنىڭ كەينىدىن «ئۇ مېنىڭ بەختىم» دەپ يۈگ ۈرەيسىلەر. قىلچە بىزدەك قەھرىمانلارنىڭ ئازابلىق قەلبىنى ئېتىبارغا ئېلىپ قويمايدىكەنسىلەر. شۇڭا سىلەر قىزلارنىڭ قەھرىمانسىز قېلىشىڭلار ھەيرانقالارلىق ئەمەس. بىر ھېسابتا خوپ بولدى. — سىز! — نېمە؟ ئاچچىقىڭىز كەلدىما؟ — قىز دوستىڭىزدىن چىقىرالمىغان دەردىڭىزنى مەندىن چىقىرۋاتامسىز؟ نېمىنداق توڭ گەپ قىلىسىز؟ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالارمىكىن دەپ قوشۇپتىكەنمەن سىزنى. تېخىمۇ ئوۋغامنى قايناتتىڭىز. خۇش، ئىشىم چىقىپ قەلدى، مەن چۈشۈپ كەتتىم. — ياق، توختاپ تۇرۇڭ. سۆزلىرىم كۆڭلىڭىزگە ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ.مەنمۇ شۇ ئازار يېگەن دىلىمغا سىرداش ئىزدەپ تورغا چىققانتىم. توغرا چۈشەنسىڭىز. بۇ تېمىنى قويۇپ، باشقا يەردىن گەپ ئاچايلى، ئەمدى خاپا قىلمايمەن تۇمارس. ئۇنى چۈشۈپ كەتكەنمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، تەلىيىمگە خاپا بولغان چىراي ئىپادىسىنى يوللاپتۇ. مەيۇس چېھرىمگە قايتىدىن باشقىچە كۈلكە يۈگۈردى. — بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ — 5- ئاي كەلسە 18 گە توشىمەن. — ۋاھ، تېخى غۇنچە ئىكەنسىز. كامىرادا پاراڭلاشساق بولامدۇ؟ — كەچۈرۈڭ، مەن ئۆيدە بولغاچقا كامىرانى ئېچىش قولايسىز. — لېكىن سىزنى كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. — «چ چ» بوشلۇقۇمنى قوزغىتىپ، رەسىم كۆزىنىكى ئېچىڭ، مەن مەخپى نومۇرىنى دەپ بېرەي، سۈرىتىمنى شۇ يەردىن كۆرۈڭ ئەمىسە. — سۈرەت بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا پەرق چوڭ بولىدۇ تۇمارىس، ماقۇل دەپ، كامىرانى ئېچڭە! — ئۆزىڭىز خوتەنلىك بولغىنىڭىز بىلەن خوتەنلىكتىنمۇ ئۆتە قاھىل بەندە ئىكەنسىز. قانداق قىلاتتىڭىز مېنى كامىرادا كۆرۈپ؟ بۇ قىزغا يالۋۇرسا ئېشىۋالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. — سىزنى كۆرۈپ ھېچنىمە قىلمايمەن ئوماق قىز. قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ، ئەھمىيەتسىز سىردىشىپ يۈرگەندىن كۆرە بىر - بىرىمىزنى كۆرۈپ سەمىمىي پاراڭ سوقايلى دەپتىكەنمەن. باشقىچە ئويلاپ كەتكەن بولسىڭىز ئېختيارىڭىز. ھازىرلا «چ چ» رىڭىزىدن مېنى يۇيىۋەتسىڭىزمۇ رەنجىمەيمەن. سىزسىز مۇڭداشلىرىم ئازمىتى مېنىڭ. باشقا قىزلارغا قارىغاندا خېلى ئىشەنچىلىك بىلىنگەن ئىدىڭىز، شۇڭا تەلەپ پۇزىتسىيىسىدە ئەمەس، ئۆتۈنۈش تەرىقىسىدە كامىرانى ئېچىڭ دەپتىمەن. — گەپ-سۆزىڭىزدىن قارىسام، سىزمۇ ئىشەنلىچىك يىگىتتەك قىلىسىز، بىراق... بىراق مەن بۇرۇن ئوغۇللار تاتلىق گەپ قىلىپ سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىڭ، كامىرانى ئېچىڭ دېسە، ئىىشنىپ ئەۋەتىپ بېرىپ كېيىن تالاي پۇشايمانغا قالغانتىم. مەنلا ئەمەس، كۆپۈنچە قىزلارنىڭ بۇ جەھەتتە بۇرنىغا سۇ كىردى. ھازىر ئالدانمايمىز. بىزمۇ ئوغۇللارنى ئالداشنى ئۈگىنىۋالۇق. — نېمىشقا بىزنى ئالداشنى ئۆگىنىپ قالدىڭلار؟ — ئاددىيلا قىلىپ ئېيتسام: «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ». — خى، بىز شۇنچە ئەسكىما؟ — ياخشىلارمۇ يوق ئەمەس، بىراق بىزنى تولا ئالداپ، ە دېسىلا ئويۇنچۇق قىلىپ، خالىساڭلار پىشانىمىزگە سۆيۈپ قويۇپ، خالىساڭلار كاچاتلاپ قويۇپ قىممىتىمىزنى نەزەرگە ئالمىدىڭلار، شۇڭا بىز سىلەردىن كۆپ بىزار. بەك - بەك بىزار. — خى، سىلەر بىر ئىشنى خاتا قىلدىڭلار، سىلەرنى تايىنى يوق ھارامزادىلەر ئالدىسا، سىلەر ئىنتىقامىڭلارنى يوۋاش يىگىتلەردىن ئېلىپ ياشايسىلەر. قەدرىڭلارنى قىلىپ بېشىدا مىندۈرۈپ ماڭمايدىيۇ، بىراق ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ سىلەرنى ۋاي دەپ يۈرگەن ئېسىل يىگىتلەرنى كوچا كۈچىكىچىلىك ئېتىبارىڭلارغا ئېلىپ بىرەر قېتىم ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن قاراپ قويمايسىلەر. بىزمۇ سىلەرگە ئۆچ بولدۇق، بەك - بەك ئۆچ بولدۇق. — بەلكىم شۇنداقتۇ! — مانا قاراڭ، ئېتراب قىلمىدىڭىز. باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، كامىرانى ئاچامسىز - يوق؟ — ئاچمايمەن تازا. — بوپتۇ، ماڭا ئاچماڭ، باشقا بىرسىگە ئېچىپ قالارسىز. خوش خېنىم! — خوش! ئۇ قىزنى شۇ ھامان « چ چ» رىمدىن يۇۇيپ تاشلىدىم. ھەجەب توڭ قىزكىنا بۇ. ھە دەپ قويسا بىز ئوغۇللارنى «شاپاق نەرخى» قىلىۋەتتى دېسە. خەپ قىزلار، خەپ قىزلار. خالئاينىڭ ئازابى ئاز كەلگەندەك توردىمۇ تونۇمايدىغان بىر كىملەردىن دىلىمنى زىدە قىلىۋالدىم دېسە. — ئاچچىقىڭ كېلىپ قاپتىغۇ پەرھات؟ بىرەر قىينچىلىق يوقتۇ؟ نەدىندۇر رېژىسسور پەيدا بولۇپ كىردى. — ياقەي، قىزلار ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ شۇ. — قىزلار؟ نەدىكى قىزلار ئۇ؟ سىرتتىن قىزلارنى ئەكىرگەنمىتىڭ؟ — ۋاي نەدىكى گەپنى قىلماڭە ئاكا، توردىكى قىزلارنى دەۋاتىمەن. — ھا... ھا... ھا... — مەن تېخى سېنى نېمە سەۋەبتىن بۇنچە قىزىرىپ ئولتۇرپ كەتكەندۇ دەپتىمەن. توردىكى قىزلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئويۇنخۇمار، تاپتىن چىققانراق كىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنى ئالدى بىر نەچچە يۈز قېتىم كەينى بىر - ئىككى قېتىم ئوغۇللاردىن قاتتىق ئازار يېگەنلەردۇر. ئۇلارغا نەسىھەت قىلساڭ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ، توڭ گەپ قىلساڭ بىر سۆزۈڭگە 10 ئېغىز جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ. يالۋۇرساڭ ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قىلىپ تېخىمۇ نەزىرىدىن چۈشىسەن. ئۇ شەيتانلارنى كەلتۈرۈشنىڭ بىرلا ئۈنۈملۈك ئۇسسۇلى بار. — قانداق ئۇسسۇل؟ — خى، ئەمدى قىزلارنى ئالداپ باقاي دەمسەن؟ — خالئايدىن راستىنلا كۆڭلۈم رەنجىدى ئاكا. ئوغۇل بالا بىر قىزدىن ئازار يېسە، باشقا قىزلارغىمۇ ئوخشاشلا نەپرىتى تۇتۇپ قالامدىكىن، تاڭ. مەنمۇ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىپ باقاي... كۆپ ئەمەس، بىر - ئىككىنى ئالداپ دەردىمنى بوشىتىۋالاي، ماڭا قىزلارنى توردا ئالداشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇلىنى ئېيتىپ بېرىڭچۇ! — تىكەننى كىرگەن يەردىن ئالغۇلۇق ئەركەك دېگەن. — تىكەننى كىرگەن يەردىن قانداق ئالىمەن؟ خالئاي باشقا بىرىنىڭ قولىدا تۇرسا، تىكەننى قانداقمۇ ئوڭۇشلۇق ئالالايمەن؟ مېنىڭ ئۇ تىكەننى كىرگەن يېرىدىن قان چىقارماي، ئاغرىتماي ئالغۇم بار. — تىكەننى كىرگەن يېرىىدىن قان چىقارماي، ئاغرىتماي ئالماق سەل تەسكە توختارمىكىن يىگىت! لېكىن بۇنىڭ ئامالى بار. — ماڭا شۇ ئامالنى دەپ بېرىڭ! — ئۆزۈڭ تاپ. مەن قىلىقسىز ئىشلارغا ئۇستاز بولالمايمەن. ياخشى ئىشلار بولسا چاقىر! ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالاي، خەير! رېژىسسور پەرۋاسىز قىياپەتتە چىقىپ كەتتى. زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خالئاينى ئۇنتىيالىغان بولسام يۈرىكىمگە چىڭقىلىپ كەتكەن ئازابنى يوق قىلىش ئۈچۈش بۇنچە ئامال ئىزدەپ كەتمەس ئىدىم. تور بەتنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ تۇيۇقسىز «ئازاپ» دېگەن سۆز يادىمغا كەلدى. تور بەت ئادرىسىغا «ئازاب» دەپ كىرگۈزۈشۈم بىلەن تەڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك بىر مۇڭ ناخشا ئاڭلاندى. ئورۇندۇقۇمغا يۆلىنىپ جىمجىت ئاڭلاشقا باشلىدىم. (ئاجىز كەلدىم بەندە بولغاچقا...) ناخشىمۇ توختاپ بولدى، بىراق مەن يەنىلا پىراقتا. تۈزۈك بىر ئازابقا چۆكمەكنى ئىستەپ، باشقا ناخشىلارنى قويۇپ بېقىش ئۈچۈن مائۇسنى مىدىرلىتىۋېتىپ، كۆزۈم يەنە « چ چ» چۈشتى. بىرسىدىن ىەت كەلگەندەك قىلامدۇ - نېمە؟ قىز بالىكەن. — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! — ۋەئەلەيكۇم. — تولۇق سالام قىلسام نېمىشقا كۆزگە ئىلمىغاندەك سالام قايتۇرىسىز؟ — كەچۈرۈڭ، كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس. — ھە، نېىم بولدى؟ قىز دوستىڭىزدىن ئايرىلىپ قالمىغانسىز؟ — ھەئە، — قايغۇرماڭ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. — بىر ئېغىز «قايغۇرماڭ» دېگەن سۆزىڭىز بىلەن ھىجراندىن قۇتۇلغىلى بولامتى قىزچاق، بولدى، ئاقماس سۆزلەر بىلەن ماڭا تەسەللىي بېرىمەن دېمەڭ. — ئىسمىڭىز كىم بولىدۇ؟ سەل ئويلۇنۇپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردۇم. — قەدىردان. — ھە، چىرايلىق ئىسىمكەن. ئىسمىڭىز چىرايلىق قويۇلغانغا قارىغاندا، چوقۇم سىزمۇ كىلىشكەن. خى. — نېمىنداق قاملاشمىغاندەك جۆيلۈپ يۈرۈيسىز؟ ئىسمى چىرايلىقنىڭ ئۆزى چىرايلىق بولىدىغان قائىدە يوقتۇ؟ ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي يوقۇلۇڭە! — نېمىنداق سىلكىيسىز مېنى؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز جانان چىنە، مېنىڭ كۆڭلۈم پۇچۇق پىيالە ئەمەس جۇمۇ! — كەچۈرۈڭ، بۈگۈن دىلىم راستلا قانىدى. كەيپىياتىم ناچار ۋاقتىدا سىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. توغرا چۈشىنىڭ. — مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم، لېكىن چاندۇرمىدىمغۇ؟ — مەن سىزنى دورىيالمايدىكەنمەن. — نېمىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم؟ ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ؟ — ئاڭلىسىڭىزمۇ سىزگە بەرىبىر. سەل تۇرۇپ ئۇيقۇمنىڭ كېلىشىگە قىستاپ كارۋىتىمغا چىقىۋالسام، ئەتە ياخشى بولۇپ قالىمەن. — ئۆزىڭىز ئۆرۈمچىدىن بولغىنىڭىز بىلەن، بەكلا جاھىل ئىكەنسىز. ناخشا ئېيتالامسىز؟ — ناخشا دەمسىز؟ خى، ھەجەب بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ — قارىغاندا ئېيتالايدىكەنسىز - دە! بەكلا ئاڭلىغۇم بار ناخشىڭىزنى. — بارچە ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ ناخشا ئېيتساممۇ سىز يىراقتا، ئاڭلىيالمايسىز. — كامىرانى ئاچىمەن. — خى، ۋاي چاقچاق قىلماڭە! — چاقچاق قىلغاندەك بىلىنىۋاتامدۇ سۆزلىرىم؟ كامىرانى ئۇلىدىم، قوبۇل قىلىڭ! مەن ئىككىلىنپ قالدىم، يۈرىكىم گۈپۈلدەپ كەتتى. ھەجەب ئوچۇق قىزكىنا بۇ. ئەركەك زەدەك ئەمەستۇ - ھە؟ — تېخىچە قوبۇلقىلمايسىزغۇ قەدىردانىم؟ خالىمايۋاتامسىز؟ — ياق، ياق خالىمغىنىم ئەمەس قىزچاق، يېنىمدا دوستلىرىم باتتى، خىجىل بولىۋاتىمەن. — خى، خى، خى، ما گەپنى كۆرۈڭ، ئوغۇل بالىنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپنى تۇنجى ئاڭلىىشم. ئوغۇللارنىڭ ئىچىدىمۇ خىجىلچانلار باكەن ئەمەسمۇ؟! — مەسخىرە قىلماڭ، ئۆزىڭىزچە ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى يۈزى قېلىن چاغلاپ قالغانمىتىڭىز؟ ئوغۇللار ئىچىدىمىچۇ، نى - نى قەلبى گۈزەللەر بار. ئۇلار سىلەردەك ھۈسنى گۈزەللەردىن مىڭ مەرتىۋە ئەلا، بىلىپ قويۇڭ شۇنى. — ماقۇل، ماقۇل! چېچىلماڭ، تېز قىرىپ كېتىسىز. — خى، قىزلار قېرىشتىن قورقىدۇ. قېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈملۈك بىز ئوغۇللار ئۈچۈن بەرىبىر. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىگىتلەر قىزلارنى دېمىسە بۇ جاھاندا نېم بار بىزگە ياشاپ؟ — بۇ گەپچە، سىلەر بىزنىڭ شەپقەتچىىز ئىكەنسىلەردە؟ كۆپ رەھمەت بىز ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىڭلارغا. بىز ئۈچۈن كۆيۈپ، بىز ئۈچۈن ئۆلۈپ بەك قەدرىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر قەدىردانلار! — نېمانچە تەنە گەپ قىلىسىز؟ ساماننى داندىن ئايرىشنى بىلمىگەن گۇناھ ئۆزۈڭلاردا. بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاشۇ نامەردلەرگە ئېيتىپ بېرىڭ. بولدى، بولدى، سۆزلىسەك ھېكايىمىز تولا خەق بىز. ئىسمىڭىز كىم؟ سورىماپتىمەن. — لالە. مېنى لالەم دەپ چاقىرىڭ! — يەنىلا لالە دەپ چاقىراي. ئىشقى مۇھەببەت باغلاپ قالساق ئاندىن لالەم دېسەممۇ ئۈلگۈرىمەن. — ئىختىيارىڭىز. — يىگىتىڭىز بامۇ؟ — ھازىرچە يوق. — پات يېقىندا بولماقچىكەندە؟ — ئۇقمايمەن. — ئەمىسە قەلبىڭىزدە كۈتكىنىڭىز بامۇ؟ — يوق. — ئەمىسە مېنى كۈتۈپ بېقىڭ! — نېمىشقا سىزنى كۈتكۈدەكمەن؟ — مەن سىزنى كۈتسەمغۇ بولا؟ — تۇيۇقسىزلا كۈتۈشنىڭ ەېپىنى چىقىرىپ قالدىڭىز، سەۋەبىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن قەدىردان. — كۆيۈككە باھانە يوق لالە، سىزگە كۆڭلۈم چۈشكەن بولسا كېرەك. سەۋەبى مانا مۇشۇنداق ئاددىي. — كوچىدا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشنى راست دېيىشكە بولسىمۇ، كوت -كوتتا بىر ئىزدىشىپلا ئاشىق بولۇشنى تازا ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئىسپاتىڭىز بولسا دەلىللەڭ! — كوچىدا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشقا ئىشەنگەن ئىكەنسىز، كوت - كوتتا بىر ئىزدىشىپ ئاشىق بولۇشقىمۇ ئىشىنىشڭىز ئارتۇقچە ئەمەس. سىزدە سسك - چۆچەككە ئەگىشىش پىسخىكىسى بار ئىكەن. مەيلى كوچىدا بولسۇن، مەيلى كوت - كوتتا بولسسۇن، مەيلى غايىبتىن كەلگەن كونۋېرتتىكى ناتونۇش بىرسى بولسۇن گەپ، سىزگە كۆز تاشلىغان شۇ كىشىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى توغرا پەرەز قىلىشتا. بىز يۈرەيلى لالەم! ئۇنىڭغا چىرايلىق ئېچىلغان بىر تال قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ رەسىمىنى يوللىدىم. ئۇ خېلى ئۇزاققىچە ئېغىز ئاچمىدى. — ھېلىمۇ كۆپ قېتىم كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىپ بولدۇم، دىل بايانلىرىمنىمۇ تۆكۈپ بولدۇم. ئەمدى ئاردۇق ھېكايە توقۇغۇم يوق. ئاخىرقى قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلىمەن، مەيلىڭىز بولسا كەينىگە سوزماي، جاۋاب قايتۇرۇڭ، بولىسا خوشلاشساق بولىدۇ. لالەم بىز يۈرۈپ قالايلى! — ئىككىمىز يۈرگەن تەقدىردىمۇ سىز ئۆرۈمچىدە، مەن ئاقسۇدا. كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەيمەن. — كېيىنكى ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمىز لالەم، ماقۇل دەڭ، مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقايلى. — ئەمىسە مەن ئويلىشىپ جاۋابىنى بېرەي! — ياق، كۆڭلۈم ئارتۇق تاقەت قىلالمايدۇ. ھازىرلا جاۋاب قايتۇرۇڭ. — مەجبۇرلاۋاتامسىز؟ — ناۋادا مەجبۇرلىدى دەپ قارىسىڭىز ياق دەپ جاۋاب بەرسىڭىزلا كۇپايە. سۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن. — بوپتۇ، يۈرەيلى. — خۇش بولدۇم، ئادىتىم بويىچە سەن دەپ چاقىرىمەن.سەنچۇ؟ — ھازىرچە سىز دەپ تۇراي، كۆنەلمەيدىكەنمەن. — ئىم، بەك ياخشى بولدى، ئوبدان لالەم، كۆزلىرىم قىزىرىپ كەتتى، ئارام ئالسام رۇخسەتمىدۇ؟ — ئەسكى، ماقۇل دېگۈزۈپلا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۆزىڭىز ئۇخلىۋالامسىز؟ — ئۇنداق خاتا چۈشەنمىسەڭچۇ، ئىشلەپ چارچاپتىمەن. — ماقۇل، ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئەمىسە. — ئىم، سەنمۇ شۇ لالەم. كوت - كوتتىن چىكىندىم. خى، قانداق خالئاي، بىر قىزنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئانچە تەس ئەمەستى. ساڭا ئەخمەق لالەمگە ئوخشاش پۇزۇتسىيە قوللانمىغان يېرىملا بار ئىدى. قارا، يېرىم سائەتتە بىرى گول بولدى. خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىمەن، بىراق ھازىرچە تەن ئالمايمەن. مەنمۇ بىر مەزگىل ئەسكى ئوغۇللارنىڭ خۇيىنى دوراپ باقاي، ھېچ بولمىسا ئىچىم بوشاپ قالار. يارايسەن پەرھات، قالتىس ئىش قىلدىڭ. بارچە ھەسرەتنى سەنلا چېكەمتىڭ؟ سەنمۇ چەكتۈرۈپ باق، گەرچە بۇ ئازابنى چېكىشكە تېگىشلىك ئادەمگە چەكتۈرەلمىگەن بولساڭمۇ، لېكىن چەكتۈرۋاتقىنىڭ ئوخشاشلا چېچى ئۇزۇن، قارا كۆزلۈك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىدىغانلاردىندۇر. قىزلارنى شەيتان دەپ قوياتتۇققۇ، خى، شەيتانلارنى ئازدۇرالىغان ئوغۇللارنى نېمە دېسەك بولار ئەمدى ھا، ھا، ھا. مۇشۇ ئويلار بىلەن كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئوڭدىسىغا تاشلىدىمدە راسا بىر سوزۇلغىنىمچە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ، بىخىرامان ئۇيقۇغا كەتتىم. ئەتىگەن ئويغۇنۇپ قارىسام، بېشىمدا رېژىسسور ماڭا چېكىتتەك قاراپ تۇرۇپتۇ. دەرھال كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ،ئۆزۈمنى رۇسلىۋالدىم. — خەيرلىك كۈنلەر يىگىت! — خەيرلىك كۈنلەر! قاچان كىردىڭىز؟ — قاپاقلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ؟ توردىكى قىزلاردىن پەشۋا يېمىگەنسەن؟ قارىغاندا مۇشتمۇ يېگەن ئوخشايسەن. — نەدىكىنى، قارمۇ - قارشى بوپ قالدى. ئەكىسچە توردىكى قىزلارنى مەن قويىۋەتتىم. — خى، قانچىنى قويدۇڭ؟ — بىرگە ئۇتتۇرۇپ، بىرنى ئۇتتۇم. — خى، يامان ئەمەس. يەنە داۋاملىق ئۇتۇپ - ئۇتتۇرۇرماقچىمۇسەن؟ — ھەئە، بىر مەزگىل شۇنداق ئويۇم بار. — قىنى تەييار گۆشلەرنىڭمۇ تەمىنى تىتىپ كۆر، بىراق ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، قانچىلىك ئۇتىۋالساڭ كارىم يوق، ئاندىن كېيىن ساڭا بېرىدىغان ۋەزىپە بار. — قانداق ۋەزىپە؟ — ۋاقتى كەلگەندە بىلىپ قالىسەن. ئۈجمە كۆڭۈل، تاماق ئەكىرىپ قويدۇم، يەپ بولۇپ ئويۇنۇڭنى داۋاملاشتۇر. — سىز بۇ ئىشلىرىمغا قارشى تۇرمامسىز؟ — چەكتىن ئاشسا قارشى تۇرىمەن، ئوغۇل بالا دېگەن 80 قازاندا قايناپ باققۇلۇق. مەن كەتتىم -ھە! تېخى ھورى يوقاپ كەتمىگەن گۆشلۈك پولۇنى تەۋېتىپ خىيالىمغا ئەشەددىي پېلانلار كېلىۋالدى. قىز بالىنى ئالداش لالەمنى ئالدىغاندەك ئاسانغا چۈشىدىغان بولسا، مەن ئالدىغان قىزلىرىمنى سىتاستىكىلاپ ماڭىمەن. توردا ئالداپلا بولدى قىلماستىن، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشىم كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش دېگەن شۇ. يىراق يەردىكىنى قويۇپ، ئەتراپىمدىن قوشۇپ باقاي. بۇ رەزىل پېلانلار بىلەن تاماقنى تېز تېز يەپ يەنە كومپىيوتېر ئالدىغا كەلدىم. قوشقان دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ، بىرلا قېتىمدا 200 قىز بالىنى قوشۇپتىمەن، ئەلۋەتتە قېرىنداش مىللەتلەردىنمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپ تاللاپ قوشتۇم. ئەمدى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى كۈتەي. مانا، مانا، ئۇچۇر كېلىشكە باشلىدى. — سىز كىم؟ — مۇرات. سىزنىڭچۇ؟ — ھىلال. — ۋاھ، مەن تولۇن ئايغا قارىغاندا ھىلال ئاينى ياقتۇرىمەن. ئىسىملارنىڭ خانىشىنى تاللاپ قويۇپتىكەن ئاتا - ئانىڭىز. — رەھمەت. نېمىش قىلىسىز؟ — مەن ئوقۇيمەن. — ئىم، مۇنداق دەڭ، مەنمۇ ئوقۇيمەن. — بەك ياخشى بولدى، سىز بىلەن سەمىمىي سىرداش بولسام، بىر كۈنلەردە يىگىتىڭىزنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ قالماس - ھە؟ — نەدىكى يىگىت ئۇ، يېقىندا ئايرىلىپ كەتتۇق. ما كارامەتنى كۆرۈڭ، قىزلاردىن تەلىيىم باكەنغۇ مېنىڭ. بۇنىمۇ چېلىپ بېقىش كېرەك. — مەنمۇ ھەتە بۇرۇن قىز دوستۇمدىن ئايرىلىپ كەتتىم. — ھە، ۋاپاسىزلىق قىلدىڭىزمۇ ياكى ۋاپاسىزلىق قىلدىمۇ؟ — ئۆزۈمنى ئاقلاپ ئۇنى ۋاپاسىزلىق قىلدى دەپ يۈرمەيمەن. ئىشقىلىپ تەقدىر شۇنداق بولۇپ قالدى. سىز كۆڭلىڭىزنى باقالىغۇدەك ياخشى يىگىتكە ئۇچراپ قالسىڭىز يەنە يۈرۈشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ — ئەلۋەتتە يۈرىمەن. ئەسكى بىلەن كىمنىڭ ىوشى دەيسىز مۇرات، ياخشى تاپقاندا پېشىنى تۇتىۋالغانغا يەتمەيدۇ. — قانداق دەيسىز؟ — ياخشى دېگەن ئېشىۋالساممۇ گېپىمنى ئاڭلايدۇ، تاشلىۋەتسەممۇ ئىزدەپ كېلىدۇ، يىغلىسام يېشىمنى سۈرتىدۇ، ماڭا بەخت دېگەن شۇ. — ئەمىسە پات يېقىندا مۇرادىڭىز ھاسىل بولغۇدەك. — چاقچاق قىلماڭە، ئۇياقتىن ئايرىلىپ بولغۇچە بۇياقتىن ماڭا كۆيۈپ يۈرگەن كىمكەن ئۇ؟ — ئىسمىمدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، مەن مۇرات مۇرادىڭىزنى ھاسىل قىلىشنى خالايمەن. — سىز؟ بىز يا ىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ باقمىساق، سىز ئاقمۇ، قارىمۇ، ئېگىزمۇ - پەسمۇ بىلمىسەم قانداق مۇرادىمنى ھاسىل قىلالايسىز؟ — بەك بەلەن گەپ بولدى ھىلال، بىر ئۇچرىشايلى. يۈز كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندى كۆڭۈل بېرىشسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز. سىزچە...؟ — بەك تېز بوپ كەتتىمۇ قانداق، بىر مەزگىل توردا كۆرۈشۈپ تۇرايلى. — تونۇر قىززىقىدا ناننى يېقىۋالغان ياخشى ھىلال، ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئىش تازا ئەپلەشمەي قالىدۇ. كۆرۈشۈپ كۆڭلىڭىزگە ياقمىسام ئوچۇقلا سىز بولمايدىكەنسىز كېتىڭ دېسىڭىز ھەر ئىككىلىمىز بەختىمىزنى ئىزدەپ يولىمىزغا ۋاقتىدا كەتسەك بولمىدىمۇ. — بۇ...نەدە كۆرىشىمىز؟ — مەكتىپىڭىزگە باراي، ئادرىسنى دەپ بېرىڭ. — تېلېفۇن نومۇرۇمنى دەپ بېرەي، تېلېفۇن قىلىڭ بولمىسا. — تېلېاۇنۇمنى دوسلۇرۇم كىنو كۆرىمىز دەپ تالىشىپ ئۈلۈشكۈن چىقىۋەتتى، ھازىرچە قولۇمدا تېلېفۇ يوق. يەنىلا تۇرار جايىڭىزغا ئىزدەپ باراي. ئەتىلا باراي. — ئەتە چۈشتىن كىيىن كېلىڭ! ئۇ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى. خى، قوينىڭمۇ بۆرىگە ئايلىنىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن - ھە پەرھات.سۆيگۈ تىلەپ يالۋۇرۇشلىرىڭ، يىغلاشلىرىڭ، ئەتىۋارلاپ پۈۋلەشلىرىڭ، جاھاندا بىر گۈلۈم دەپ بەدەل تۆلەشلىرىڭ ۋاقتىنچە قۇرۇپ كەتسۇن. ئوينا يىگىت، ئوينا. يالغان گەپ قىلىشتىن قورقاتتىڭغۇ؟ لېكىن بايا پىلىموتنىڭ ئوقىدەك يالغاننى ياغدۇرۋەتتىڭ. قىزلارنى جاللات ھېسابلاپ، ئۆزۈڭنى بولسا دار ئالدىدىكى جىناياتچى چاغلاپ قىز بالىغا گەپ قىلالمايتتىڭغۇ؟ بىراق گەپنىڭ سۆڭىكى يوقلىقىنى ئوبدانلا ھېس قىلىۋالدىڭ. بىرەرسى سەندىن :«قىز بالا دېگەن كىم» دەپ سوراپ قالسا، سەن :«قىز بالا دېگەن يالغانغا ئەڭ تېز ئىشىنىدىغان ئادەم سىياقىدىكى ئەڭ گۈزەل قونچاق» دەپ جاۋاب بېرەرسەنمۇ ئەمدى. خى، خى. خى. توۋا، ھەممە ئىشنىڭ يولى بار ئىكەن ئەمەسمۇ. بىلەمسەن خالئاي، سەنمۇ دەل مۇشۇ يول بىلەن ئەكبەرنىڭ قېىشىغا كەتتىڭ. ئەكبەر...ئەكبەر سېنى خۇددى دەل مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى. نەپرەتلىنىمەن، ھەر ئىككىلىڭگە نەپرەتلىنىمەن. بىراق پۇشايمىنىم يوق. چۈنكى مېنىڭمۇ ئەتراپىمدا نەچچە كېپىنەك ئەگىپ يۈرىيدىغان بولدى. ئەپسۇس، سەن كۆرەلمىدىڭ - دە. ناۋادا كۆرۈپ قالغان بولساڭ جەزمەنكى ئىچىڭ مۇچتەك ئاچچىققا تولغان بولاتتى. كەينىدىن بىر پىيالە ئاچچقسۇنى گۈپپىدە كۆتۈرۋىتەتتىڭ - دە، ئازاب پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى دىر - دىر تىترىتەتتى. شۇ ۋاقتىدا دىلمنىڭ يارىسىنى مىسقالچە چۈشەنگەن بولاتتىڭ زەھەر گۈلۈم. كومپىيوتېردىن زېرىكىپ پىرقىرىما ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ بولغۇچە سائەت ئۆز ئوقىدا 6 - 7 قېتىم ئايلىنىپ بولدى. دېرىزدىن سىرتقا كۆز تاشلىدىم، ھە، كەچ بوپتۇ - دە! ساناپ باقايچۇ، بۈگۈن ئەخمەق كۆڭۈلدىن قانچىنى ئۇتقاندىمەن، ھىلال، شەھرىزاد، مەھلىيا، خانقىز...ئە، تۆت بوپتۇ، مۇبارەك دېگەن قىز خېلى ئىش كۆرگەن نېمىكەن، ھېچ سۆزلىرىمگە ئىشنىدىغاندەك ئەمەس، سۆزلەرنى خېلى ياساپ باقتىم بولمىسا. ۋاي، بولىدىلا، مۇشۇ تۆتىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ماڭا. شەھرىزاد بىلەن خانقىزنىڭ رەسىمى كۆردۈم تېخى. ئوماق قىزلاركەن. بولۇپمۇ خانقىز دېگىنى كۆزۈمنىڭ لال قىلدى. ھەممىسى ئۆرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان باشقا - باشقا يەرلىك قىزلاركەن. بوپتۇ، ئۇلار مېنىڭ ھىلە - مىكىرىمنى بىلىپ بولغۇچە ساختا بولسىمۇ سۆيگۈنىڭ بەھرىنى سۈرۈپ ياشىۋالمامدىم. — ۋوي، ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كېتىپسەنغۇ، بىرە چوڭ خۇشاللىق باما؟ — قايتىپ كەلدىڭىزما رېژىسسور، خى، ئەلۋەتتە خۇشاللىق بار. بىر سى ئەمەس، تۆتى بار خۇشاللىقتىن. — ۋاھ، قىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ باقە. — ھىلال، شەھرىزاد، مەھلىيا، خانقىز. مەن ھىجىيىپ تۇرۇپ بارمىقىمدا ئۇلارنى سانىدىم. — كىملەر بۇ؟ ساپلا قىز بالىنى ساناپ كەتتىڭغۇ؟ — ئۇلار مېنىڭ قىز دوسلۇرۇم ئاكىجان. — ھە؟ قىز دوسلۇرۇم؟ بىر جېنىڭنى جان ئېتەلمەي يۈرۈيسەنۇ، تۆت قىزنىڭ ھۆددىسىن قانداق چىقارسەن ئەمدى؟ — ئۆمۈرلۈك يۈرۈشكە كىمنىڭ چولى دەيسىز؟ بىرەر ئاي يۈرسەم يەنە ئالماشتۇرىمەن. — قىزلار سېنىڭ نەزىرىڭدە سەھرا بازىرىدىكى مال - چارۋا ئىكەندە؟ خېلى كاللىسى ئىشلەيدۇ دەپ كومپىيوتېر ئېلىپ بەرسەم خۇدۇڭنى بىلمەيلا قاپسەن. ئازراق ئىش تەييارلاپ قويدۇم، ئەتىدىن باشلاپ شۇنىڭغا تۇتۇش قىلىمىز. تايىنى ئويۇنلىرىڭنى يۇغۇشتۇرۋال. — نېمانچە ئاچچىقلايسىز ئاكا، ئۇلارنى كۆڭۈل خۇشى دەپ كوت كوتتا ئالداپ قويغىنىم بىلەن، تېخى ئەمەلىيەتتە قولىنىڭ ئۇچڭنىمۇ تۇتۇپ باقمىدىمغۇ. — مەن بىلەن تەڭ تۇرىۋاتامسەن؟ نەچچە قېتىم دېدىم، مېنىڭمۇ سەندەك چاغلىرىم بولغان دەپ. كۆڭلۈڭنى غاجىلاۋاتقان قۇرتلارنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە. چوپچوڭ بوپ قالغاندىمۇ خاپىلىق تېرىپ يۈرۈيدىكەنسە پەرھات. ئەتىۋارىڭنى بىڭلسەڭچۇ، قەدرىڭگە، ھۆرمىتىڭگە لاي سۇۋىما. كەينىدىن زىخلىمىساممۇ ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تېپىپ ماڭالايدىغۇ، كەلگۈسىدە كۈچۈم يەتمىگەن چوڭ - چوڭ ئىشلارنى پەرھات تەۋرىتەلەيدىغۇ دەپ تاغدەك ئىشەنسەم، ئىشەنچىمنى يادەك پەسكە ئىگىۋاتىسەن. دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتلىرىڭدا كۆزلىرىڭنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ، بالكوندا ئۆرە تۇرپ خىرە ئاي يورۇقىدا كىتاب ئوقۇپ كېتەتتىڭغۇ؟ شېئىر يېزىپ قوياتتىڭغۇ؟ ھەقىقىي مۇھەببەتكە خۇددى ماگنېت بىلەن تۆمۈرگە مەھكەم يېپىشقاندەك ئىنتىلەتتىڭغۇ؟ كىنو كۆرسەڭ باش قەھرىماننىڭ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى قاملاشمىسىمۇ دوراپ باقاتتىڭغۇ؟ ئارام ئېلىش زالىدا بالدۇرراق كېسەل كارۋىتىدىن چۈشۈشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ سۇنغان يەرلىرىڭ ئاغرىسىمۇ لېۋىڭنى چىشلەپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ قوياتتىڭغۇ؟ سەل زېرىكىشلىك بولسىمۇ ئاشۇ دوختۇرخانىدىكى كۈنلىرىڭ نېمەدېگەن مەنىلىك - ھە؟! — رىژىسسور ئىككى قولىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ، كۆزەينىكىنى ئىككى بارمىقى بىلەن سەل ئۈستۈن كۆتۈرۈپ قويدى -دە، ئەپسۇسلىنش نەزىرى بىلەن بېشىنى چايقاپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — ئەمدى ھازىرچۇ؟ ئىككى كۈن ئۆتەر - ئۆتمەي كىرەكسىز يۈك بولدۇڭ. ماڭا يۈك بولدۇڭ دېگىنىم يوق، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن. ئالدىغان قىزلىرىڭ بەلكىم راست گول بولغاندۇ، ياكى بېشىدا ساددا قىياپەتتە شەرتىڭگە كۆنگەن بولىۋېلىپ ئاقىۋەتتە سېنى ئالداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغاندۇ. نوچى بولساڭ خالئاينىڭ ئۆزىنى ئالداپ باق. ئاندىن قول قويىمەن. ئەگەر راستىنلا بىڭسىڭ بولسا، خالئاينىمۇ ئالداشنى قويۇپ ھاياتنىڭ ساڭا ئېلىپ كەلگەن كۈپلەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، ئازغىنە قالغان 3 كۈنلۈكۈڭنى قەدىرلەپ، سەت تاشلاردا تاپىنىڭنىڭ ئىزناسىنى قالدۇر. نېمانچە كۆرەڭلىك بۇ، 35 يىللىق ھاياتىمدا ھېچكىمگە بۇنداق ئۇزۇن سۆزلەپ باقمىغانىدىم، ھەتتا قىز دوستۇم مېنى خاتا چۈشەنگەن چاغلاردىمۇ مېھىرنىڭ تاتلىقلىقنى بۇنچە يېشىپ چۈشەندۈرۈپ باقمىغاندىم يىگىت. سەن ئادەم بول. تەكرارلايمەن... سەن ئادەم بول! ئېشىك قاتتىق يېپىلىپ يېرىم ئېچىلدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، رېژىسسور يوق. ئۇنىڭ بايامقى گەپلىرىدىن بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋالدىم. تەنبىھلىرى لايىقىدا بولدى. ئىككى كۈندىن بۇيان 5 قىزنى ئالداپتىمەن دېگەندىن كۆرە، كۆڭلۈمنى بەش قېتىم بەزلەپتىمەن دېگىنىم تۈزۈكرەك. مەن قىز بالىغا شۇنچە ئېھتىياجلىقمۇ؟ ياق، ئەمىسە قىزلار ماڭا ئېھتىياقلىقمۇ؟ ياق. نېمە ئۈچۈن قىز بالا بىلەنلا ھەپىلىشپ يۈرۈيمەن؟ مەن ئۈجمە كۆڭۈلمۇ؟ تور دۇنياسى ئۇ كەڭرى بوشلۇق. بۇ بوشلۇقتا پەقەت قىزلار بىلەن ئوغۇللار ياشامدۇ؟ ياق، تەبىئەتمۇ، ھايۋاناتلارمۇ، ئۆسۈملۈكلەرمۇ ياشايدۇ. كىم ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن. توردا ئېتىقادمۇ مەۋجۇتمۇ؟ مېنىڭچە چوقۇم مەۋجۇت. توردا ئادەملەرنى ھەقىقىي ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ. يەنى ئاناتومىيە ئىلمىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق بىر شەئىينىڭ نېرۋا توقۇلمىرىغا پىسخولوگىيلىك تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق يىلتىزىدىن يوقاتقىلىق، يىقىتقىلى بولىدڭ. مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە خاتا. ھايات راۋان داۋام؛لاشسۇنمۇ ياكى دوقمۇش - دوقۇمۇشتا توغان سېلىشىپ قويايلىمۇ؟ راۋان داۋاملاشقىنى ئەۋزەل. ھېچ بولمىسا ئەۋلادلار ئۈچۈن بولسىمۇ ھەممە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ، بىر - بىرىنى تارتىپ تۇرغىنى كۆپ ياخشىدۇر. ھە، كاللام ئەمدى ئېچىلىشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. كەچۈرۈڭلار مەن ئالدىغان قىزلار. كوت - كوتنىمۇ يۇيىۋېتىپ تۇراي، لازىم بولغاندا يېڭىدىن ئالغىلى بولىدۇ. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قانداق بولىۋاتىدىكىن، توردىن بىرەر - ئىككى كىنو سۈزۈپ كۆرۈپ بېقىشىم كېرەك. ھازىرلا كۆرۈپ بېقىشىم كېرەك. مۇشۇ ئويلار بىلەن ئىكراننى قايتا قوزغاتتىم - دە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ياپۇنىيە، تۈركىيە، كورىيە، مىسىر، ھېندىستان، ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان، جۇڭگو، شىياڭگاڭ فىلىمرىنى ئايرىم - ئايرىم چۈشۈرۈپ بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدىم. ئامېرىكا كىنوچىلىقى سېنارىيەدىنمۇ بەكرەك كومپىيوتىېر تېخنىكىسىغا ۋە تەسەۋۋۇرغا تاينىدىكەن، ئىلىم - پەنگە ئالاھىدە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىكەن. قورال كۈچى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن؛ ئەنگىلىيە كىنوچىلىقى دىن بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدىكى تانكا ئۇرۇشىنى، قىلىچۋازلىق، قارغا ئېلىش ماھارەتلىرى ھەممە كىنولىرىدا دېگۈدەك ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىكەن؛ فىرانسىيە كىنوچىلىقى ئۆزىدە بار بولغان گۈزەل مۇھىتىدىن، ھەيۋەتلىق قۇرۇلۇش ئىمارەتلىرىدىن ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپتۇ. دائىم دېگۈدەك سېھرى كۈچكە ئىگە بىر پالىۋان ئاجىز بىر قىزنى قۇتقۇزىدۇ ۋە خەلقىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدىكەن؛ ياپۇنىيەنىڭ كارتون فىلىملىرى ئالاھىدە جەلىبكار ئىكەن. جەمئىيەت خاراكتىرىنى سىزما كارتونلارغا سىڭدۈرۈپ مىللەت، دۆلەت، كائىنات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن ئەپچىلىك بىلەن پاش قىلىپ بېرىدىكەن. تۈركىيەدە بولسا كۈچەپ ئىسلام ئەقىدىسى ۋە تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئالاھىدە شەرھلىنىپ تۇرىدىكەن، تېخىمۇ ئۆزگىچە تەرىپى، ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرتلىرى ئەركەكلەرگە خاس تۇيغۇ بېرىدىكەن؛ «ئاچچىق ھايات»، «ئادانالىق»، «سەلتەنەتلىك يۈز يىل» بۇ فىلىملەر 200 قىسىمدىن ئاز ئەمەس. تۈركىيە كارتىنىسى ناھايىتى ئىنچىكە سۈرەتلەنگەن ئىكەن. ئەلۋەتتە تولۇق كۆرۈپ بولالمىدىم، بېشىنى كۆرۈپلا ھېس قىلدىم. كورىيە فىلىملىرىمۇ ناھايتىى ئۇزۇن ئىشلىنىدىكەن، «جەننەتكە تۇتاشقان يول»، «يەنە بىر كۆرسەم» بۇ فىلىملىرى خېلى تېتىملىق تۇيۇلدى. مىسىرنىڭ فىلىملىرىگە قارىدىم، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نىل دەرياسىنى چۆرىدەپ ئىشلەنگەن كىنولار كۆپرەككەن. ئۇ يەردە ئېتىقاد ۋە ئىقتىساد بارغانچە مۇكەممەل ۋە ئىلمىيلىككە قاراپ يۈزلىنىپتۇ. ھېندىستانمۇ كىنوچىلىقتا تېز ئىلگىرلەپتۇ، «ماشىنا ئادەم چېتى»، «يەر شارىدىكى يۇلتۇز» فىلىملىرىدە ئاجايىب ھىكمەت بار ئىكەن. ئەرەبىستانمۇ ئىخلاس بىلەن مەككە مۇكەررەمنىڭ خىسلىتىنى بارچە كۈچى بىلەن ئىنسانلارغا شەرھلەپ قائىدىلىشىپتۇ، مەزھەپلەر توقۇنىشىمۇ ئەپچىللىك بىلەن دەلىلنىپتۇ؛ ئۆزبېكىستان فىلىملىرى قىسقا، لېكىن تۇرمۇشتىن ئېلىنغان. كۆپىنچە قىز - يىگىتلەرنىڭ ئائىلە قۇرۇش كەچمىشلىرى، ئازابلىق قىسمەتلىرى جاھانگىرنىڭ ناخشىلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئاجايىب يارقىن ئەنئەنە جۇلاسىنى تېپىپتۇ؛ جۇڭگۇ فىلىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ ئىكەن، بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، ئەخلاق، ئىلىم، مۇناسىۋەت قاتارلىق ئامىللار ياش ئارتىسلارنىڭ ماھارىتى بىلەن خېلىلا مۇكەممەللىككە يۈزلىنىپتۇ، لېكىن سېنارىيەنىڭ تېخىچە ھېسسىياتتىن ئەقىلگە كۆچۈپ بولالماسلىقى سەۋەبلىك يىغلىغۇدەك يەر بولمىسىمۇ قەستەن ئازابلىنىدۇ. ئەمما تېلېۋېزوردا بېرىلىۋاتقان ناخشا - ئۇسۇللۇق پروگراممىلىرى جۇڭگولۇق ياشلارنى ناھايىتى تېز ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ. شىياڭگاڭ فىلىملىرى لىليىەنجى، چىڭلوڭلارنىڭ شۆھرەت تېپىشى ئارقىسىدا كومىدىيەلىك خاراكتىرىنى نامايان قىلىدىكەن ھەمدە ئەنئەنىسى بولغان چامباشچىلىق ماھارىتىنى ھەقىقىي تۈردە نامايان قىلىپ بېرەلەيدىكەن. ئۇھ، چارچاپتىمەن، قالغىنىنى يەنە ۋاقىت چىقىرىپ كۆرەرمەن، بايانلىرىمدىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىنوچىلىق بىرىنچى قىلىپ ئىقتىسادنى كۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، جەمئىيەت، دۆلەت، مىللەت، شەخس خاراكتىرىنى ئېچىپ تاشلايدىكەن، تالانىتلىقلارنى جاھانغا تونۇتىدىكەن، ئىلىم - پەننىڭ كېيىنكى تەرەققيياتىغا يول كۆرسىتپ بېرەلەيدىكەن. كۆرگۈچىنىڭ ئىددىيىسىگە ھەردانداق ئۇستازنىڭ ئىلمىدىنمۇ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. كىنو ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاتىسىغا ئايلىنىپتۇ. رېژىسسورنىڭ كىنو ئىشلەيلى دېگىنى بىكار ئەمەسكەن. كىنو ئىشلەشكە ئادەم، مۇھىت، ئىقتىساد، يېتەرلىك قوراق - جابدۇقلار، تېخنىكا، ياراملىق سېنارىيە ھازىر بولۇشى كېرەككەن. بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن، رېژىسسورمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتتى ھەقاچان. قىنى ئەتە تاڭ ئاتسۇن، بايا ئويلىغانلىرىمنى ۋوردتا بېسىپ تەييارلاپ قوياي، ئۇ كۆرۈپ باقسۇن! مېنىڭ يارامسىز ئىنسان ئەمەسلىكىمنى ئالدى بىلەن رېژىسسورغا بىلدۈرۈپ قويىمەن. شۇلارنى ئويلىدىم -دە، پېلانلىرىمنى ۋوردتا ئۇرۇپ بولۇپ، ئېغىر ئەمگەكتىن چارچاپ كەلگەن نىمكەشتەك ئاياغلىرىمنىمۇ سېلىشقا مادار يوق، كىيىملىرىم بىلەن ھارغىن بەدىنىمنى كارۋاتقا تاشلىدىم.
Isteksiz sokakin 11 bolümü tamam oldu 11 Şubat 2014; Salı ahxam
|
|