تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: yawakoz

ھىجران كوچىسىدا... پوۋېست (ياۋاكۆز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 18:01:47
بۇ پوۋستنى مەن بەك ياقتۇردۇم. ئۆزەمچە ئاخىرىنى ئويلاپ خىيالغا چۆكۈپ كىتىپتىمەن . بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ۋىسالىغا يىتىشىگە تىلەكداشمەن. قەلەملىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 17:17:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

56

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
38
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 19:29:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋاي.....مۇنداقمۇ ياخشى كۆرۈش بارمۇ  ھازىرقى جاھاندا؟
بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىمۇ؟  شېئىر دىگەننى ئاجايىپ يېزىۋېتىدىكەنسىزغۇ زادى؟
تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

71

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1112

جۇغلانما

سەھىپە باشقۇرغۇچىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
475
مۇنبەر پۇلى
429
ئىشەنىچ
475
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:28:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ بەك يارىدى

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:29:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4- قىسىم...

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:30:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawakoz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 17:42  

ھىجران كوچىسىدا...
(5-قىسىم)



مۇھەممەدجان ئابلەت ياۋاكۆز

مەن دەرىستە بولاي ياكى باشقا ئش- پائالىيەتلىرىمنى قىلاي پەرھات بىلەن ئۇچ كۇندىن كىيىن يۇز بىرىدىغان ئادا-جۇدا بولىدىغان مڭنۇتلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپلا يۇردۇم.بىر كۇنىنمۇ ئۆتتى ،ئىككى كۇنمۇ ئۆتتى.مانا، تىك قىياغا ئىسىلىپ قالغان بىر جۇپ تەتۇر پىشانىلەرنىڭ ئەلەملىك دەقىقلىرى يىتىپ كەلگەندەك قىلاتتى.
مەن كۆپ ئويلاندىم.پەرھاتتىن ئايرىلىشىم كېرەككەن.ئايرىلغاندىمۇئككىنجى رەت ئۇنى كۆزۇم كۆرۇپ قالماسلىققا ئايرىلىشىم كېرەككەن.چۇنكى،مەن باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدىم.مەيلى قەستەن بولسۇن ياكى ئۆز نۆۋىتىدە بولسۇن،قەلبىمدىكى قۇرام تاشنى بارغانچە چىڭىتسام چىڭىتتىمكى،پارچىلاپ باقمىدىم.ئادا-جۇدا بولىدىغان ئەتىگىنى ئويغۇنۇپلا پەرھاتقا تىلىفۇن كىلدىم.
___ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالئاي،خەيىرلىك ئەتىگەن !
___تولا كەيپىمنى ئۇچۇرماي،چاپىنىڭنى ئايتىپ،تېز يولغا چىق،مۇرادىڭغا يەتكۇزۇپ قوياي.
___نېمە،نىمۇ؟سەندىن ئايرىلىش مېنىڭ مۇراد- مەقسىتىم ئىكەن-ھە!
بۇ مۇھەببەت سوتىدا كېسىلگەن ئادالەتسز ھۆكۇم.چاتاق يوق،مەن ئايىغىمنى كەيسەملا ماڭىمەن.
___تولا ئېغىز غىرىچلىما،بۈگۇن قىيامەت كۈنى ئەمەس ،ھەق-ناھەقنى ئايرىدىغان.ئالايلۇق،بىر كۈننىڭ ئچىدە ئالەمدە مانچە ئون مىڭ جانلىق ئۆلۇپ تىرىلىدۇ.بەزىلەرگە ماتەم،بەزىلەرگە ئايەم .بەزىلەر مۇھەببەت باغلاشسا،بەزىلەر ئايرىلىدۇ.بۇنىڭ تىمسالى سەن بىلەن مەن.بۇ دېگەن ھاياتلىقنىڭ تەڭپۇڭ قانۇنىيتى.مۇنداقچە قىلىپ بۇ نورمال ئەھۋال.ئاھ،ۋاھ ھاجىتى يوق.ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ.سېنى ساقلايدىغانغا ئارتۇق ۋاقتىم يوق.مەكتەپكە ئۈنۈپ بولۇپ تېلېفۇن سايرات،خوش!
___ئاچچىقىڭنى بېسىۋال خالئاي.ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە قايناپ كەتتىڭغۇ؟!بۇ سېنىڭ كۈندىلىك ئادەتلىرىڭنىڭ بىرى بولسا كېرەك،توغرا چۈشىنىمىنغۇ.ھېلىغىچە كۆرىشەيلى خوش!!!
مېنىڭ قايناشلىرىم بىلەن ئۇنىڭ تەنە گەپ قىلىشلىرى قوشۇلۇپ،ئىچمنى تېخىمۇ ئاچچىق تۇتۇپ كەتكەنىدى.ھايال ئۆتمەي تېلېفۇنۇم سايرىدى.
____خالئاي،بەلكىم سەن بىلمەيسەن.دەرىستىن سىرت بىر كىنو شىركىتىدە سىنارىسىتلىق قىلىۋاتىمەن.ھازىر مەسئۇل رىژىسسىور تېلېفۇن قىلىپتۇ،مۇھىم ئش بار ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا،يېنىڭغا چۈشتىن كېيىن بارسام قانداق؟!ئاڭغىچە ئۆزۈڭنىڭ ئۆگىنىشلىرىنى قىلىپ تۇرغىن،بولامدۇ؟!
___بولىدۇ،ئۇنداقتا بىز تېلېفۇندىلا خوشلىشايلى،بەرىبىر يېنىمغا كەلسەڭمۇ ئايرىلىدىغان ئش بولغاندىكىن.
___ياق،قەتئي بولمايدۇ.مەن سېنى كوچىدىن تېپىۋالمىغان.ياكى ئۈندىدار،كوت-كوتلاردا تاسادىپى ئۇچىرىشىپ قالمىغان.سېنى سۆيگۈمگە مەجبۇرلاشقا ھەققىم بولمىسىمۇ،يۈز-تۇرانە تۇرۇپ ئايرىلىشقا سالايىھتىم توشىدۇ دەپ قارايمەن.بوپتۇ،سېنىڭ جاھىللىقىڭنى مەن قىلماي.قېشىڭغا ماڭدىم.
___ئشقىلىپ تېزىراق بول!سېنى دەپ بىر كۈنۈم ھارام بولىدىغان بولدى.يازىدىغان ماقالەم،ئشلەيدىغان يەتتە پاتمان تاپشۇرۇقلىرىممۇ تۇرىدۇ تېخى بىر ياقتا بوينىنى قىسىپ.
___بۇ ھىجىران كۈنۈمدە ساڭا تەنە گەپ قىلىۋەرسەم كۆڭلۈڭگە ئارتۇق كېتىدۇ خالئاي.قىلمىشلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئتتىرىپ قويماي،ئازىراقىنى ئۆزۈڭگە ئېلىپ قال.ھېلى كۆرىشەيلى،خوش!
ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى.تېلېفۇنىمغا پات-پات قاراپ قوياتتىم.مەن يولدا...ئازلا قالدىم ...دېگەنگە چاغلىق بىرەر قۇر ئۇچۇرىمۇ يوق.ئايرىلىدىغان چاغدا مەن بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ، زادى نېمىلەرنى دېمەكچىدۇ؟ناۋادا ماڭا بەخىت تىلىگىلى كېلىدىغان ئش بولسا،ماڭا تىلىگەن بەخىتلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان بولىدۇ.چۈنكى،ئۇ ئۆزىدىن باشقا مېنىڭ بىراۋ بىلەن بىرگە ياشىشىمنى خالىمايدۇ.ئايرىلىش ئالدىدا ئاچچىقىنى چىقارغىلى كېلەمدىغاندۇ-يا؟!  ياق ،ئۇ ئۇنچىۋالا تېگى پەسلەردىن ئەمەس.ئۇنداقتا،يەنە باشقا ئېھتىماللىقلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ!ۋاي بولدىلا،مەيلى قانداق بىر مەقسەت-سەۋەبلەر بىلەن كەلسۇن،ئۇنىڭدىن ئايرىلىمەن.ھەرقانداق گېپىگە پەرۋا قىلمايمەن.ھىچقانداق چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىمايمەن.نەخ كەلتۈرۈپ ئېيتقان باھانىلىرىنىمۇ رەت قىلىمەن...
دەل شۇ پەيىتتە ئالقىنىمدا چىڭ سىقىپ ئولتۇرغان تېلېفۇنۇم سايرىدى...
__ مەن كەلدىم،سىرتتا لەپ-لەپ يىغىۋاتقان قارنى كۆردۈڭغۇ دەيمەن.قېلىنراق كېيىنىپ چىققىن.ھە راست،شارپاڭنى تاقىۋالساڭ بولغۇدەك،زۇكامداپ قالمىغىن يەنە!
___قەيەردە سەن ؟!
___مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوقوتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا.
___ھازىر چىقىمەن.تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم ھە!
___ئىم،بولىدۇ.
ھايال ئۆتمەي ئىككىمىز كۆرۈشتۇق.ئۇنىڭ چىرايىدا ئاچچىقلىنىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.ئۇ ماڭا ناھايىتى چىرايلىق سالام قىلدى.
___ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
___ئەتىگەندىن بىرى نەچچە قېتىم سالاملىشىپ بولدۇققۇ ؟! تولا ياسالمىلىق قىلما بولدى.
___ تېلېفۇندا«ئەسسالام»دېگەندىن باشقا،يۈز كۆرۈشكەندە«ئەسسالام»دېيىشنكەننىڭ يولى باشقا.سالامغا جاۋاب قاتمىسا ھېچ گەپ يوق.تېلىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ دەپ بىلىمەندە .
__ سەن ، خەپ ، سەن ئاتايەن مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلگەنما؟!
__ ياق ئوبدان خېنىم ،مەن ئۇرۇشقىلى كەلمىدىم . پىقىر پەرھاتنىڭ سۆيۈشكىلا ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىشكە ۋاقتى يوق. بىراق سەمىمىي سالىمىمنى ئېلىك ئالمىغىنىڭغا نېرۋام ئۆرلىدى.
___ نېرۋاڭ ئۆرلىگەن بولسا ، كەتكىن. خۇددى سېنى كۆرگۈم كېلىپ چىدىيالماي ،چاقىرىپ ئەكەلگەندەك گەپ قىلىسەنغۇ ؟ كىم خۇشتاركەن سەن بىلەن قۇرۇق پاراڭ سالغىلى ...
ئۇ ئۆزىنى مەن تەرەپكە بۇراپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى. مەنمۇ قاپىقىمنى تۈرۈپ كۆز قارچۇقىغا تىكىلدىم. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆزىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ياغاتتى. پەرھاتنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئاچچىق قاپلاپ تۇرغان كۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققاندەك بولدۇم.
__ ئېيتە ، سەن قاچاندىن بىرى ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتتىڭ ؟
__ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆچ ئىدىم . سەن مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنى دېيىش ئۈچۈن كەلگەنما ؟
__ ياق ، جۈرە، بىنا ئىچىگە كارىپ سۆزلىشەيلى!
ئۇ بىر قولىدا بىنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،بىر قولىدا جەينىكىمدىن تارىتتى.
__ قويىۋەت مېنى ، __ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتىم،__ گەپ بولسا مۇشۇ يەردە ئوچۇق پاراڭلىشىمىز .
__ مەن توڭۇپ كەتتىم ، سەن ھېلىلا ئىسسىق ياتىقىڭدىن چىققىنىڭ بىلەن ، مەن بىر سائەتتىن ئارتۇقراق قار كېچىپ كەلدىم .
___توڭغان بولساڭ گەپنى قىسقارتىپ،مېغىزلىق سۆزلە!
ئۇبىشىنى چايقىدى.
___سەن راستىنلا ئۆزگىرىپ كىتىپسەن،ئۆزگەرگەندىمۇ،```180 گىرادۇس بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپسەن .زادى كىم مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتى سېنى ؟!
___مېنى ھىچكىم ئۆزگەرتكىنى يوق.ئادەم دىگەن ئۆزگىرىدۇ.ھەتتا ئالەممۇ ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتىغۇ ؟!
___توغىرا،ئادەم ئۆزگىرىدۇ.بىراق، سەن ئىجابى تەرەپكە ئۆزگەرمەي،ئەكىسچە سەلبى تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلغىنىڭ نىمىسى؟!ئاتا-ئاناڭغۇ ئۇنداق-مۇنداق كىشىلەردىن ئەمەس بولمىسا.
___ئىككىمىزنىڭ تىمىسىغا تولا ئاتا-ئانامنى چېتىۋالما،ئاتا-ئانام ساڭا ھېچ قانداق گۇناھ قىلمىغان.مەنمۇ يەنە بىركىملەرنى، بىركىملىرىڭنى چىشلەپ تارمىدىم.
___ئەمدى ئىچىمنى ئۆرىمە-ھە،خالئاي پارتىلاپ كېتىمەن.توڭۇپ كەتتىم،جۈرە بىنانىڭ ئىچىگە كىرەيلى.
ئۇن دېسە،مەنمۇ توڭغان ئىدىم.ئۇنىڭ سوغۇقتىن كۆكەرگەن كالپۇكلىرىغا ،كىرپىكىدىكى قار ياپراقچىلىرىغا،بىرقەۋەت قار قاپلىغان چاچلىرىغا قاراپ،«بوپتىلا»دېگەن ئوي بىلەن ئۇنى بىنا ئىچىگە باشلاپ كىردىم.
___ھە،ئەمدى دە گېپىڭنى.
___بولىدۇخالئاي،ساڭا ئۇزۇندىن بىرى دېيىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان،بىراق ئېغىزىمدىن چىقىرىپ باقمىغان يۈرەك سۆزومنى ئېيتاي،__ئۇ كارىردوردا تامغا يۆلىنىپ،بىرپۇتىنى تامغا تىرەپ،قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى،__سەن بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان پەقەن«سېنى ياخشى كۆرىمەن»دەپلاكەلدىم.ئەمەلىيەتتەسەن بىلەن مۇھەببەت باغلاشنى ئانچە ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن.سەندىن ھەقىقى كۈتۈپ كەلگىنىم شۇكى،ھەر ئىككىمىز تېرىشىپ ئوقۇساق كېيىن جەمىئەتكە چىققاندىن كىيىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىمىزنى قوشۇشى بىلەن،ئاتا-ئانىمىزنىڭ چىن رازىلىقى بىلەن،سېنىڭ سەمىمىي خالىشىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرساقكەن دەيىتتم.ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە سەن بىلەن بىرگە ياشىسام دەيتتىم.تۇنجى مۇھەببىتىم ئەمەس ،بەلكى ئاداققى مۇھەببىتىم بولۇشۇڭنى ئارزۇلايتتىم خالئاي،ئەپسۇسكى،بۈگۈنكى كۈندە يىرىم يولدىلا ھەممىسى كۆپۈككە ئايلىنىدىغان ئوخشايدۇ.ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماڭا ياق دېگىن ياكى ماقۇل دېگىن،ئاخىرقى رەت ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلماقچىمەن.گۈلۈم بىر ئۆمۈرلۈككە يۈرۈپ قالايلى!
___ياق،سەن بىلەن يۈرمەيمەن،دوستىڭمۇ بولمايمەن .
___نېمىشقا ؟!
___مېنىڭ يىگىتىم بار.شۇنىڭ ئۈچۈن!
___ئىشەنمەيمەن .
___ئىشەنمىسەڭ مەيلى.مانا ماۋۇ بارمىقىمدىكى يىگىتىم ئېلىپ بەرگەن كۈمۈش ئۇزۇك.
___كىم بىكەن يۈردۈڭ ؟!
___سورىما!
___زادى كىم بىلەن يۈردۈڭ دەۋاتىمەن .
___ئۆزۇمگە ماس كىلىدىغان بىرسى بىلەن يۈردۈم تازا،گەپ باما؟!
___ھە،مۇنداق-دە،كەينىڭدە 4يىل يۈرسەم مۆرەپ قويمىدىڭ،بىراۋ 4كۈن كەينىگە سېلىپ يۈرۈپ، بىر تال كۆمۇش ئۈزۈك ئېلىپ بەرسە كۆڭلۈڭنى قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويدۇڭما ؟!ۋاي سېنىڭمۇ تايىنىڭ يوقكەنغۇ؟!
___ھۇي،سەن مېنى كىمگە ئوخشىتىپ قالدىڭ؟! نېمىگە ئوخشىتىۋاتىسەن؟!ساڭا ئىنىق دەپ قوياي پەرھات،خالئاي ھەرگىز پۇلغا دۈم چۈشىدىغان قىزلاردىن ئەمەس.يەنە كېلىپ بۇ4كۈننىڭ ئىشى ئەمەس،15يىلنىڭ ئىشى.
___15يىل؟!ۋاھ،بوش ئەمەسكەنسە جۇمۇ؟!شۇنىڭغا قارىغاندا،تېخى سەن بىلەن يۈرۈش تارىخىم ئۆلچەمگە توشمايدىكەندە...
___نېمانداق تەنە گەپ قىلىسەن ؟!ساڭا دېسەم قارا،بىر قىزنى دەپ ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ،بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن ئوغۇل بالا ئەخمەق.بۇنى نۇمۇس دەپ بىلىشىڭ كېرەك.
___توۋا قىلدىم،توۋا،بۇگەپنى سېنىڭ ئېغىزىڭدىن چىقىدۇ دەپ خىيالىمغا كەلتۈرنىگەن ئىدىم.بىرسىگە ئەقىدە باغلاپ ياشىسا نۇمۇس،شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرسە نۇمۇس ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قاپتىمەن .خاپا بولما –ھە خالئاي،ئۇستاتلىق قىلىپ ساپتىمەن ...بۇرۇنراق ئەسكەرتىپ قويغان بولساڭ ،شېخىڭدا مۇڭسىراپ يۈرگىچە ،سەندىن ئۇز شاخلارغا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەتتىم ئەمەسمۇ!
___سىسق گىپىڭنى قوي.بىر قىېتىم بولسىمۇ گېپىمنى چۈشەنسەڭچۇ؟!سەن ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان ئۇ شېرىن كۈنلەر «لەيلى-مەجنۇن»زامانلىرىدا قالدى.بۇ دېگەن قايسى دەۋر ؟!بىلەمسەن .سەن ماڭا چىش-تىرنىقىڭغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتىڭ.قەلبىڭدىكى مۇھەببەت-نەپرەتكە ئۆزگىرىپ كەتتى.مېنى بىپەرۋا،ئەسكى،باغرى تاش،ۋاپاسىز،قەدىرلىگەننى بىلمەيدىغان ھېسسىياتسىز مەخلۇق دەپ قارايسەن.ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈشكە،ئاقلاشقا ئامالسىز.چۈنكى،ئەمەلىيەتتىمۇ ئەزەلدىن مەن تەرەپتە تۇرۇپ باقمىدىم. بىراق، ساڭا قىلغان چىن نەسىھىتىم بولۇپ قالسۇنكى، سەن ماڭا قارىغاندا كۆپنى كۆرگەن ،كۆپنى ئاڭلىغان ،نەزەر دائىرەڭ مەندىن ئوچۇق ھەم ئەقىللىقسەن . ئەمدى ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام-خىياللىرىڭدىن ۋاز كېچىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزۈڭنى قاراپ تۇرۇپ ئوتتا پۇچىلىما، ئۆتكەن ئۆمرۈڭگە پۇشايمان قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى سەن ھەقىقىي ئەركەك. ئىچ-ئىچىڭدىن گۈلخان يېنىپ تۇرىدىغان گىگانت چوغسەن . بىجىرىم قامىتىڭنى، قىپقىزىل يۈرىكىڭنى غايىۋى سۆيگۈ ئۈچۈن خورىتىۋەتمىگىن . يۈرىكىڭ كەلگۈسىدە سېنى قەدىرلىگەن ئادىمىڭگە كېرەك بولىدۇ. ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ چوقۇم بىرگە ئۆتىشى شەرت ئەمەس. سېغىنساڭ ئەسلەپ تۇر. چۈنكى مەنمۇ ساڭا يامانلىق قىلمىدىم. يامانلىق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ئېغىزىمدا قوپال تەگكىنىم بىلەن ، ناگان-ناگاندا ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىمەن. سەۋەبىنى سورىساڭ،سەنمۇ مېنىڭ قەلبىمدە رومانتىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. دۇنيا كىملەرگە ۋاپا قىلغان دەيسەن ، ئاقىۋەت ئاداققى ھەمراھلارنىڭمۇ گورى ئايرىم بولىدۇ. دوزاخ-جەننىتى ئايرىم بولىدۇ. بۈگۈن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولىشىۋاتقاندەك ،بىر كۈنى ھەممە ھەممىدىن ئاجرايدۇ. چەكسىز ئالەممۇ ھېچنىمىگە ئايلىنىدۇ. سەن مېنى ،ئۆزۈڭنى شۇنداقلا ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەتراپىڭدىكى بىر بۆلۈك بوشلۇقتىكى يېقىنلىرىڭنى چۈشەنگىن . سېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى سەۋدا قاپلاپ كېتىپتۇ پەرھات. مۇھەببەت سارىڭى بولۇپ قاپسەن . نېمىشقا سەندىن سوغۇققانلىقنىڭ ھۈجەيرىسى تېپىلمايدۇ؟!نېمىشقا مېڭەڭدىكى  رىياللىقنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم نېرىپلار ئۆلۇپ قالىدۇ؟!ئۆزۈڭنى نەگە ئاپىرىپ تاشلىۋەتتىڭ؟!
___بولدى سۆزلىمە،___ئۇقاتتىق ۋارقىرىدى،____سەن مېنىڭ پېسخىكامغابىۋاستە ھۇجۇم قىلىۋاتىسەن.كاللامنى قايمۇقتۇرما.ئۆزلۈكۈم ئۆزۈمدە،كىملىكىم ئېنىق..ھاياتلىقتىن چىن مۇھەببەت ئېزلىگەن كىشى سەۋدايى ساراڭ ھېسابلىنامدىكەن؟!ئۇنداقتامۇھەببىتىن ۋازكەچكەنلەرچۇ؟!ئۇلار بەك ئاقىل،يىراقنى كۆرەر ،دەۋرنىڭ ئالدىدىكەندە ؟!مېنىڭ مەيدانىم مۇستەھكەم.قانداقتۇر قىز بالىنىڭ كەينىىگەكىرىپ كەتكىنىم يوق.قارىغاندا،سەن مەن سۆيىدىغان قىزلاردىن ئەمەسكەنسەن.خاتا تاللىغاندەك قىلىمەن.قىسقىسى ،بۇنچىۋالا ۋاي دېيىشىمگە ئەرزىمىگۈدەكسەن خالئاي.ئاخىرقى رەت پىكىرىڭنى ئاڭلايمەن،سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ باقماپسەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى كۆرمەيسەن،شۇداقمۇ؟!
___شۇنداق.
___مېنى ئەزەلدىن دوستۇڭ قاتارىدا كۆرۈپ ھەم بۇنۇڭدىن كېيىنمۇ ئەبەدىل-ئەبەد دوسىت بولۇپ ئۆتەلمەيسەن،شۇنداقمۇ؟!
___يىرىمى توغرا،سېنى سەمىمىي دوستۇم قاتارىدا كۆرگەنتىم.بىراق قەدىرىمنى بىلمىدىڭ.يولۇڭنى ئۆزۇڭ ئەتتىڭ!شۇڭا مەن يىگىتىم بىلەن يۈرىۋېتىپ تۇرۇپ باشقا ئوغۇللار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتەلمەيمەن،بولۇپمۇ سەن بىلەن.
__ نىمە ؟ دوستۇم دەپ قەدىرلىگەننى بىلمىدىڭ دەۋاتامسەن ؟! مەن دوستلىقىمىزنى قەدىرلىمىدىمما ؟! دوستلۇقنى قەدىرلىمەي كەينىڭدىن پىچاق ئۇرغان يېرىم بارمۇ ؟! دۈشمەنلىرىڭ تەرەپتە تۇرۇپ ساتقىنلىق قىلغان قىلغان يېرىم بارمۇ ؟ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا گۇناھىم بار، تېخىمۇ يېقىنراق ئۆتەرمىزمىكىن دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ئىدىم ،بۇ ئويۇم بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ دوستلۇقنى قەدىرلىمىگەنگە تەۋە بولۇپ كېتىپتۇدە؟! ئىش بىجىرىش سەۋىيەڭ يۇقىرى بولغان بىلەن ،خاتالىق كۆپتەك قىلىدۇ. ناۋادا سېنى مۇشۇ پېتى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ قويسا كۈن ئۆتمەي خەلقنىڭ چالما-كىسىكى ئاستىدا قالغۇدەكسەن.
ئۇ تېخىچە مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قايناۋاتاتتى.
__ ئاچچىقىڭ چىقتىمۇ ؟ ھاقارەتلەپ بولدۇڭمۇ ؟ ئىچىڭدىكى دەردلىرىڭ تۈگەي دەمدۇ پەرھات ؟ مەن قىز بالا بولغاندىكىن، گەپ قىلماي جىم تۇرۇپ بەرسەم ئەجەپ چالۋاقاپ كەتتىڭغۇ ؟
__ دەردنى تىللاپ ،ئاچچىقلاپ چىقارغىلى بولسا ئىدى، سېنى ھەركۈنى تىللايتتىم .چۈنكى مەن سېنى ھەر سائەت ،ھەر مىنۇت ئەسلىدىم،سېغىندىم،بىراق يالغۇزلۇقۇمغا جۆر بولىدىغانغا قېشىمدا سەن يوق غېرىب ئولتۇرۇپ ئازابلاندىم .سەنچۇ،سەن سېغىنىش ،ئەسلەش ،ياخشى كۆرۈشلەردىن خالىي ھالدا ،بىراۋ بىلەن ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاۋېتىپسەن .ئەمدى ئويلاپ باققىنا ،قولۇڭنى يۈرىكىڭگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ باققىنا ،دەردىمنى ساڭا تۆكۈشكە ھەققىم بارمىكەن ،يوقمىكەن ؟!
ئۇ شۇلارنى سۆزلەۋېتىپ ئالقىنىنى تۈگۈپ تامغا مۇشت ئاتتى.
__ ھويت غوجام ،ئاققان مۇشتلىرىنى تامغا ئاتتىلىمۇ ،ماڭا ئاتتىلىمۇ ؟ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ئالدىلىرىدا ئەمدى شۇنچىلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇدە ؟ ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە شەيتاننى ئۇسۇلغا سالمىساق بولارمىكىن پەرھاتجان ؟
__ خاپا بولمىغايلا خېنىم ،مۇشتنى ئۆزۈمگە ئاتتىم.خالئاينىڭ كەينىدە قەلەندەر بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ خاتىمىسىگە ئاتاپ ئاتتىم.
__ ياخشى ،ياخشى قېلىپسەن،مۇشتنى ناھايىتى جايىدا ئاتتىڭ ،__ مەن ئۇرغۇلۇق ھالدا ئۈچ قېتىم چاۋاك ئۇردۇم،__كەتتىم ، خوش –ھە !
پەرھات تامغا تارالغان ھالدا كۆزىنى مەندىن ئۈزمەي جايىدىلا قالدى.مەن ئارقامغىمۇ قارىماي ياتاققا كىرىپ كەتتىم .ياتاققا كىرىپ بولۇپ بىردىنلا كۆزۈمگە ياش كەلدى.ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولغىنىمغا يىغلاۋاتىدۇ دەمسىز ؟ ياق،ياق سۆڭىكىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن سىسىق گەپلىرىگە يىغلاۋاتىمەن. دەردىڭ چىققانلا بولسا ،ئۇ گەپلىرىڭنى كەچۈردۇم پەرھات،ماڭىمۇ خۇدايىم بار. نېمىلا بولسۇن سەندىن قۇتۇلدۇم .يۈرىۋېتىپ تۇرۇپ ئۇرۇشقانلارنى كۆرۈپتىكەنمەن ،بىراق يۈرمەي تۈرۇپ بۇ خىل ئېچىنىشلىق ھالەتنى تۇنجى قېتىم ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزىشىم .ئۇھ، خالئاي پەرھات قولىدىن ئازادلىققا چىقتىڭ... مەن بۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىشىم بىلەن تەڭ تېلېفۇنۇم سايرىدى .قارىسام ،پەرھاتكەن.ئەمدى سەۋرىم توشتىمۇ قانداق ئاچچىقىم بىلەن تېلېفۇنىنى قوبۇل قېلىپ قاتتىق ۋارقىرىدىم.
__ ۋاي داد ،مەندە يەنە نېمەڭ كەم قالدى ؟ خەپ سېنى ھېلىلا تېلېفۇن نومۇرۇمنى ئۆزگەرتىۋەتمىسەم.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
__ ۋاي خوش، خوش ،نېمە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇ ،ئادەمنى جىلە قېلىپ.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! سىز خالئاي بولامسىز ؟!
بۇ ئوتتۇرا ياشلارغا خاس ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى بولۇپ ،چۆچۈپ كەتتىم.
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،شۇنداق ،مەن خالئاي،سىز...؟!
__ سىزگە تېلىفۇنى ئۇلانغان بۇ نومۇرنىڭ ئىگىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانتى باياتىن،قولىدىكى تېلېفۇنىنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام،نومۇر تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىدا «خالئاي» دەپ تۇرىدۇ،شۇڭا بىرەر تونۇشلىقىڭىز بارلىقىنى پەملەپ ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشۇم.ۋەقە يۈز بەرگەن ئورنى :« دوستلۇق يولى چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئاستىدا »،خوش ئەمىسە !
تېلېفۇن ئۈزۈلدى .كارۋاتتىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم. پەرھاتنىڭ قېشىغا بارايمۇ،بارمايمۇ ؟ توغرا، ھازىر بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس. نېمە ئىش يۈز بەرسە بەرسۇن، ئۇ ھايات قالسىلا بولاتتىغۇ ! مەن چاپىنىمنىڭ ئالدىنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا قاراپ چاپتىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە پۈتۈن ئەس-يادىم پەرھاتنىڭ ھايات-ماماتىدىلا قالغانىدى. قارلىق يولدا نەچچە تىيىلىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. كۆزۈمگە بىردىن «چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك »ئاستىدىكى غۇژمەك-غۇژمەك ئادەملەر توپى كۆرۈندى . بۇ جىددى مىنۇتلاردا تۆت كوچا ئېغىزىغا بىكىتىپ قويغان قاتناش چىرىغى نە يادىمغا يەتسۇن،پەرھاتنىڭ قېشىغا ئالدىراپ ،ئۇياقتىن-بۇياققا تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ماشىنىلار ئارىسىدىن ئۆتىۋېتىپ مەنزىلگە بەش مېتىر ئارلىق قالغاندا، ئوڭ تەرىپىمدىن كەلگەن بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتىم...
__ ياق !!!
قەدىرلىك دوستۇم، سىز پەرھات بىلەن خالئاينى ئۆلدى دەپ قارامسىز ؟ راستىمنى ئېيتسام، بۇنىڭغا مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. بۇ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنىڭ دەل مۇشۇ مەۋھۇم بوشلۇقىغا بىر سىرنىڭ يۇشۇرنۇپ ياتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمىكىن ؟ «ياق!» دەپ ۋارقىرىغىنى زادى كىمدۇ ؟ ھىجراق كوچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىشىدا بۇ ناتونۇش كىشى تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىسا كېرەك. ئۇنداقتا ،بۇ ناتونۇش كىشى «رول» نى قاملاشتۇرۇپ ئالالامدۇ-يوق،ئەسەرنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ ...!
__ ياق، بۇ مومكىن ئەمەس.
دەرھال خالئاينىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ،«چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك»ئاستىدا ئادەم قۇتقۇزىۋاتقان جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى چاقىردىم. ئىككى بىمار بىر ماشىنىغا چىقىرىلدى. ماشىنىغا مەنمۇ چىقىۋالدىم. ۋەقە يۈز بەرگەن ئىككى ئورۇندىكى قان ئېزلىرىغا چۆچۈپ قارىشىۋاتقان كىشىلەر ماشىنىغا سوقۇلغان بۇ ئىككى ياشنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى تىلەشكىنىچە تارقاپ كېتىشتى.
ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ دوختۇر مەندىن سورىدى:
__ بۇلاردىن قان كۆپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ،زاپاس قانمۇ تۈگەي دەپ قالدى،__ يىگىت،قان تىپىڭىز نېمۇ ؟!
__ قان تىپىم «O  ».
__ ئۇنداقتا ياخشى. سىزدىن 200 گرام ئالىمىز. ئالغان قاننى بۇ ئىككى بىمارغا بۆلۈپ سالايلى.ئاۋۋال قېنىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرەيلى ! قان بېرىشنى خالامسىز يىگىت؟
__ ئەلۋەتتە بولىدۇ. بەدىنىمدىن قان قويماي ئالساڭلارمۇ رازىمەن،بىراق شەرتىم شۇكى، ئۇ يىگىت بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق.قاننى پەقەت بۇ قىزغىلا تەقدىم ئېتەلەيمەن دوختۇر، پەقەت بۇ قىزغىلا.
بۇ گەپلەرنى كېسىپلا دەۋەتتىم. دوختۇر بەدىنىمدىكى قاننى تەكشۈرۈپ تەلىپىمنى ئورۇندىدى. ئۇ تەرەپتە جان تالىشىۋاتقان يىگىتنىڭ ھالى خالئايدىنمۇ بەتتەر بولسىمۇ ،قەلبىمدە پەقەت خالئاينىڭ مىڭ پارە ھالىتى ھۆكۈمران ئىدى.
__ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەھۋالى چاتاق. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بولغۇچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئوپىراتسىيىنى باشلىۋىتەيلى،__ دېدى ياشقا چوڭراق كەلگەن كۆزەينەكلىك دوختۇر،__ھە راست، سىز بۇ ئىككى قېرىندىشىڭىزغا كىپىل بولۇپ ،بۇ جەدۋەلگە قول قويىۋېتىڭ،__ دەپ ،ماڭا قولىدىكى قەغەزنى تەڭلىدى.
__ مەن بايا دېدىمغۇ دوختۇر،بۇ قىز ئۈچۈن يۈرىكىڭنى ئىشلىتىمىز دېسىڭىز ،ھازىرلا ئوپىراتسىيە كارۋىتىدا ياتالايمەن،بىراق ئۇ يىگىتنى مەن تونۇمايمەن.
__ ئۇنداقتا، بۇ يىگىت مۇشۇنداقلا ئىگە-چاقىسىز ئلۆلۈپ كېتەمدا ؟ سىزدە ئادىمىيلىك دېگەن نەرسە بارمۇ-يوق؟!
__ مەندە ھازىر بىر ئادەمگىلا ئادىمىيىلىك بار،باشقىلارغا ئادىمىيىلىك قېلىشقا ئاجىزمەن.ئادىمىيىلىك سىزدىمۇ بارغۇ،ئۇ يىگىتكە كىپىل بولۇپ سىز ئىمزا قويۇڭ بولمىسا.
__ بۇ...بۇ...،ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت ،بىسمىللاھ،قول قويساملا بولىدىغۇ .
شۇنداق قېلىپ بىرىمىز خالئاينىڭ، بىرىمىز ئۇ يىگىتنىڭ ئۆلۈم-كۆرۈمىگە كىپىل بولۇپ،جەدۋەلگە ئىمزا قويۇشتۇق.
__ ئوپىراتسىيە باشلاندى.سىز بۇنىڭ بىلەن كۆزىڭىزنى تېڭىۋىلىڭ!
دوختۇر يانچۇقىدىن قاتلانغان پارچە ئاق رەختنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
__ قايچا، پىچاق،ئەمدى لۆڭگە،...ئازىراق داكا بېرىڭلار!
كۆزۈمنى تېڭىپ ئولتۇرۇپ دوختۇرنىڭ يۇقارقى سۆزىنى تەكرار-تەكرار ئاڭلىماقتا ئىدىم.
خالئاي ، غەيرەت قىل، چوقۇم بەرداشلىق بەر...ئىچىمدە پەقەت مۇشۇ سۆزنىلا پىچىرلايتتىم. تۇيۇقسىز كىچىك ۋاقتىمدا ،مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ھاجىم چوڭ ئاتام ئۆگىتىپ قويغان ئۇششاق سۈرىلەرنى ئېسىمگە ئالدىم-دە، دىلىمدا خالئايغا ئاتاپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
__ يېتىپ كەلدۇق، بىمارلارنى تېز ئوپىراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرەيلى!
بۇ گەپتىن دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلدىم-دە،كۆزۈمدىكى لاتىنى يېشىۋىتىپ كېسەل ھارۋىسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ يېپىلدى.بۇ خەۋەرنى خالئاينىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دەيمۇ،دېمەيمۇ،ئۇلار يىراقتا تۇرۇپ بۇ شۇمخەۋەرنى ئاڭلىسا نېمە بولۇپ كېتەر-ھە؟! بىراق بۇ چوڭ ئىش تۇرسا.دېمىسەم زادى بولمىغۇدەك.مەن مۇشۇ ئويلار بىلەن خالئاينىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە ئانام ئارقىلىق خەۋەر قىلدىم. ئۇلار كۈن ئولتۇرماستىنلا،ئايروپىلان بىلەن شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. دوختۇرخانىغا كېلىپ مېنى كۆرۈپلا،خالئاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىغا-زار قىلىشتى ۋە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدى.ۋەقىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىنى مەنمۇ ئۇقمىغاچقا ،ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدىم.شۇ ئارىدا ئوپىراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن ،ھەممىمىز دوختۇرنىڭ قېشىغا يۈگۈردۇق.
__ ھەرھالدا ئوڭۇشلۇق بولدى،__ دېدى دوختۇر پىشانىسىدىكى چىكىم-چىكىم تەرلەرنى سۈرتىۋىتىپ تۇرۇپ،__ بىراق ئۇ يەنىلا خەتەر ئىچىدە.
يەنە بىر ئوپىراتسىيەخانىنىڭ ئىشىكىمۇ ئېچىلدى.بىراق بۇ بىمار ھازىرگىچە ئىگە-چاقىسىز ئىدى.
__ بۇ يەردە بىمارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بارمۇ؟!__ سورىدى توختامغا كىپىل بولۇپ قول قويغان ھېلىقى  دوختۇر.
ھېچكىم بۇ بىمارغا قاراپمۇ قويمىدى.مەنمۇ بۇ پۇرسەتتە بىمار بىلەن تونۇشلىقىمدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇميۇ،ئەيتاۋۇر يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئىچىشىۋاتاتتى.
__ دوختۇر ،مەن ئۇنىڭ دوستى بولىمەن. ئەھۋالى قانداقراق؟!__ سورىدىم دوختۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ.
__ ۋاي تېخى باياتىن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلىقىم يوق دەۋاتمامتىڭىز؟ __ دېدى دوختۇر ھەيرانلىق بىلەن،__ھازىرغۇ ئەھۋالى ياخشى،بىراق كېيىنكى ئەھۋالىغا كاپالەت بېرەلمەيمەن.بەلكىم...
دوختۇرنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى-دە،__ ھە راست، بۇ مۇشۇ بىمارنىڭ قول تېلېفۇنى،__ ئۇ ئاق خالىتىنىڭ يانچۇقىدىن بىر قول تېلېفۇننى ئېلىپ ،كۆرسىتىپ تۇرۇپ،__ سىز بۇ قول تېلېفۇننىڭ نومۇر تېزىملىكىدىن بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نومۇرۇنى ئېزلەپ تېپىپ ئەھۋالدىن خەۋەردار قېلىپ قويۇڭ،ئۇلار يېتىپ كەلگۈچە ۋاقتىنچە بۇ بىمارغا قاراپ تۇرۇڭ !
دوختۇر قولىدىكى تېلېفۇننى ماڭا بېرىپ قويۇپ،باشقا بىر بىمارنى ئوپىراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.مەن دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە خەۋەر قېلىۋىتىپ،توساتتىن كۆزۈم خالئايغا تىكىلدى...
ئۇ كۆز ئالدىمدا ئاق داكىغا ئورالغان ھەيكەلدەك ئۈن-تىنسىز ياتاتتى يان تەرىپىمدە بولسا،خالئاينىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆكسىۋاتاتتى. قاچانمۇ ھۇشۇڭغا كېلەرسەن خالئاي،ھايات قالساڭلا مەيلىغۇ...
دوختۇرخانا كارىدورىدا ئۇياقتىن –بۇياققا مېڭىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز قىيا-چىيا بىلەن خىيالىم بۆلۈندى:
__ ئوغلۇم، ھاياتمۇسەن؟! نەدىسەن ئوغلۇم ؟! دوختۇر، مېنىڭ ئوغلۇم قەيەردە ؟!
يىغا ئارىلاش چىقىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق ئاۋاز ئەتراپتىكى ھەر قانداق بىر كىشىنى ئۆزىگە قارىتاتتى. مەن خالئاينىڭ تىنچ مۇھىتقا مۇھتاجلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ دەرھال «ئوغلۇم» دەپ، ھۆڭرەپ ،ھەر تەرەپكە چېپىۋاتقان ئانىنىڭ ئالدىغا باردىم:
__ ھەدە ،ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ ! ئوغلىڭىزنى مەن تېپىشىپ بېرەي ،ئوغلىڭىز كىمۇ ؟!
__ ئۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپتۇ. پەرھات،جېنىم پارەم سەن نەدە ...ھۈ...ھۈ...ھۈ...
ئېسىمگە بىردىنلا خالئاي بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن ھېلىقى يىگىت كەلدى.
__ ھە، ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمى پەرھاتمۇ ؟ ئوغلىڭىزنىڭ قەيەردىلىكىنى مەن بىلىمەن ھەدە. ئۇ مانا ماۋۇ ياتاقتا .بىراق كىرىشكە بولمايدىكەن،دوختۇر شۇنداق ئىيتتى.
ئۈستى-بېشىنى بىر قەۋەت قار قاپلىغان ئوتتۇرا ياش چاممىسىدىكى بۇ ئانىغا كۆرسەتكۈچ بارمىقىم بىلەن ياتاقنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
__ بۇ بىزگە نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى،ھۈ...ھۈ...ھۈ...
__ ئارتۇق قايغۇرمىسىلا ھەدە ،ئاللاھدىن ئوغۇللىرىنىڭ ئامان-ئېسەن ساقىيىشىنى تىلىسىلە. ئەمدى ئارتۇق يىغلىمىسىلا،ياتاقتىكى بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز ئوخشاش قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان،ئەھۋالى خەتەرلىك.ئۇلار تىنىچ مۇھىتقا مۇھتاج.بۇ دوختۇرنىڭ تەلەپى شۇنداقلا، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.
ئۇھ ، شاۋقۇنمۇ بېسىقتى. مەسئۇل دوختۇر يېرىم سائەتتە بىر كىرىپ ئۇلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەپسىلىي كۆزىتىپ تۇراتتى.سىستېرالار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىرىپ ئاسما ئوكۇل ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. كۈن ئۆتتى، خالئايدىمۇ ،پەرھاتتىمۇ ھېچ ئۆزگىرىش يوق.ھەپتە ئۆتتى، يەنىلا جىمجىت.ئىككى ھەپتە ئۆتتى،يەنىلا ھۇشسىز.ئۈچ ھەپتە...تۆت ھەپتە ...يەنىلا ئۈمىد يوق.ساق 35 كۈندە خالئاي كۆزىنى ئاچتى :
__ بۇ قەيەر ،__ دېدى خالئاي تولىمۇ پەس ئاۋازدا.
__ دوختۇرخانا قىزىم.
__ مېنى قىزىم دەۋاتامسىز ؟ سىز...؟!
__ قىزىم، بۇ...بۇ...مەن ئاپىڭىزغۇ ؟
__ خالئاي،مېنى تونىيالىدىڭىزمۇ ؟مەن ئەكبەر !
ئۇ ھېچقايسىمىزنى تونىيالمىدى.
__سەۋر قېلىڭلار،بۇ مۇنداق ئىش،__ دېدى قاياقتىندۇر دوختۇر پەيدا بولۇپ،__ قىزچاق خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ،بۇنىڭغا بىزدىمۇ ئامال يوق. بۇ ماشىنىغا ئېغىر دەرىجىاە سوقۇلغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاسادىپى ھادىسە.
__ ئۇنداقتا ،قىزىمنىڭ خاتىرىسى ئەمدى كەلمەسما دوختۇر؟! __ دېدى دوختۇرنىڭ گېپىگە ھەيران بولغان ئانا.
__ كۆپ ئەندىشىدە بولماڭ.بۇ خىل ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەنلەرمۇ بار.ئادەتتە ،ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى % 0.2 بولىدۇ.
بىچارە ئانا ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى...
ئاھ،خۇدا ...خالئاي بىلەن بولغان سۆيگۈ مەنزىلىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپتۇدە.ھەي، خالئايدىن ۋاز كەچسەم بولغۇدەك.دوختۇرخاندىن ھازىرلا يوقىلاي...ياق،ياق خالئاي خاتىرىسىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەم،ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى بولماي قالغۇدەك. سەن ئاجىز ئەمەس ئەكبەر .چوقۇم ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىل ! ئۇنىڭ سەندىن باشقا يېقىنراق دوستى يوق.يەنە كېلىپ ،سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرت،بىر مەھەللىدىن تۇرساڭ ! مەن شۇلارنى ئويلاپ خالئايغا بارلىقىمنى ئاتاش نىيىتىگە كەلدىم.
مەكتەپتىن چۈشلۈك دەمئېلىشقا قويۇپ بېرىشىگىلا ،ئارلىقنى يېراق دېمەي خالئاينى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كېلەتتىم.چۈشتىن كېيىنلىك دەرس باشلانغىلى 20 مىنۇت قالغاندا،كوچا ئاپتۇبۇس يولدا توسۇلۇپ قالىدۇ دەپ، تەنھەرىكەتچىلەردەك يۈگۈرۈپ ئاران سىنىپقا ئۈلگۈرەتتىم.كەچتە دەرستىن چۈشۈپلا،يەنە دوختۇرخانىغا قايتىپ كېلىپ،كىتاب كۆرگەچ خالئايغا ھەمراھ بولاتتىم.كېچىچە خالئاينىڭ خاتىرىسى قاچانمۇ ئەسلىگە كېلەر دېگەن بىرلا ئوي بىلەن ،كىرپىك قاقمايتىىم.قاق سەھەردە يەنە مەكتىپىمگە يۈگۈرگەن پېتى چاپاتتىم.دەرس ۋاقتىدىمۇ ئەس-يادىم خالئايدىلا ئىدى.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى. خالئاي تېخىچە كېسەل كارۋىتىدا بولۇپ،مىدىرلىمايتتى.بىراق ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى.گەرچە ئۇ ھېچقايسىمىزنى ئەسكە ئالالمىسىمۇ ،ئىسمىمىزنى،چىرايىمىزنى يېڭىدىن ئىسىدە تۇتىۋالغانىدى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،خالئاي بىلەن يانداش ياتقان ھېلىقى پەرھات ئىسىملىك يىگىت تېخىچە ھۇشسىز ئىدى.بۇ ئۈمىدسىزلىكتىن ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئالاقىزادە بولۇپ،كېسەلخانا ئىچىدە يىغا-زار بېسىقمىدى.مەسئۇل دوختۇرمۇ ھەر قېتىم تەكشۈرگىلى كىرگەندە،بېشىنى چايقاپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن چىقىپ كېتەتتى. مانا ،مەسئۇل دوختۇر يەنە كىردى. ئۇ ئاۋۋال خالئايغا تەبەسسۈم قېلىپ ،بالدۇرراق ساقىيىشىنى بىرىنچى قېلىپ ئاللاھقا،ئاندىن يېنىدىكى سىستېرالارغا تاپشۇردى. كېيىن پەرھاتنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ چىقتى.بىمارنىڭ كۆزىنى ئاستا ئېچىپ ئىچىگە نۇر تۇتۇپ قان بىسىمىنى تەكشۈرۈپ ،تىرناقلىرىغا قاراپ ،ئورنىتىلغان ئىكراندىن دولقۇنسىمان ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىپ باقتى. دوختۇر بالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان سەكپارە ئانىغا قاراپ،پەس ئاۋازدا كىشىنى چۆچىتىدىغان ئېھتىماللىقتىن بىرنى ئىيتتى :
__ ئوغلىڭىزنى يەنە ئۈچ كېچە-كۈندۈز كۆزىتىمىز .ئۇنىڭغىچە ھۇشىغا كېلەلمىسە ،ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ. يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇڭ.ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر،شەپقەت قىلغۇچىدۇر...!
دوختۇر چىقىپ كەتتى.ئانا ۋىجىك قوللىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ بۇق-بۇق يىغلايتتى. باشقىلار بۇ ئېغىر دەردمەنگە تەسەللىي بېرىشتى.مېنىڭمۇ كۆزلىرىم ھېسداشلىق شەبنەملىرى بىلەن نەملەندى.خالئاي خاتىرىسىنى يوقاتقان يەردە،پەرھات قانداق ھالەتتە ھۇشىغا كېلەر ئەمدى. ناۋادا...ناۋادا پەرھات ھۇشىغا كېلەلمىسىچۇ ؟ ھاي...ھاي...شەيتىنىم،كۆڭلۈمنى چۈشكۈن خىياللارغا باشلىما .مېنىڭ ھەسرىتىممۇ ئۆزۈمگە يېتەر.

قىرغاقتا دۈم يېتىپ يىغلايدۇ تەمبۇر،
يۆلەيدۇ داپ ئاڭا تەسەللىي بېرىپ.
دولقۇنلار ئۈمىد بوپ چېكىپ تارىنى،
لاي چۈشكۈن قاينامغا كېتىدۇ كىرىپ.

قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قامالغان كېيىك،
تاشتاغنى تالقانلاپ كەلدى قىرغاققا.
تىيتانىك پاراخوت ئېلىپ كېيىكنى،
قايتا رەت سوقۇلدى يەنە مۇزتاغقا.

كۈۋەجەر قاينامدا غېرب لىرىكا،
ۋىسالنى لەھەڭلەر يۇتقاندۇ قايان؟
زارىقىپ بۇلۇتلار يىغلايدۇ يۇم-يۇم،
بىلمەيسىز،ھاياتنىڭ قاينىمى يامان !



غەيرات قىل پەرھات،ئاللاھ خالىسا ،سېنىڭ يەيدىغان رىزىقىڭ، ياشايدىغان ئۆمرۈڭ،كۆرىدىغان بەختىڭ بار. بەرداشلىق بەرگىن ،دوستۇڭ ئەكبەر تاكى ھۇشۇڭغا كەلگۈچە ساڭا ھەمراھ !
مەن مۇشۇ ئويلار بىلەن سىنىپ مەسئۇلىمغا تېلېفۇن قېلىپ ،ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سورىدىم.زېھنىمنى خالئايغا قارىغاندا ،پەرھاتقا بەكرەك قاراتتىم. شۇ كۈنى كېچىدە پەرھاتنىڭ ئەھۋالىدا ئېگىز-پەسلىك بولدى.دوختۇر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:« بىمار ھازىر ئەزرائىلنىڭ ئالقىنىدا يۇلقىنىۋاتىدۇ.ھەممىڭلار قەلبىڭلاردىن ئېتىقادىڭلار  ئارقىلىق ئۇنىڭغا روھى قۇۋۋەت بېرىڭلار .بۇ يىگىتنىڭ بىر بولسا،ئەمدى كۆزى ئېچىلىدۇ.بىر بولسا...»دەپ گەپنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمەيلا چىقىپ كەتتى.
دوختۇرنىڭ گېپىدىن ئېغىر تەشۋىشكە مۇپتىلا بولۇپ، ئۇ دۇنيا بوسۇغىسىدىن بۇ دۇنيا تەرەپكە ئۆمىلەپ،يىقىلىپ،ھاسىراپ كېلىۋاتقان بۇ ئاجىز ئىنساننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ،ئىچىمىزدە فاتىھە قىلىشماقتا ئىدۇق.
ۋاقىت ئۆتمەكتە .پەرھاتتىن ھېچبىر سادا يوق. ھەي، پەرھات،تاڭ ئاتقۇچە چۆرىدەپ تۈنەپ چىقتۇق. خۇداغا كۆپ سېغىندۇق.مۆجىزە كۆرىلىپ قالارمىكىن دە، يۈز بېرىشى تۆۋەن بولغان ئۈمىدنى ئارزۇلاپ كۈتتۇق.بۈگۈن ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سېنى يوقلاپ كەلدى.ياق، بەلكىم سېنى چىرايلىق ئۇزىتىپ قويغىلى كەلدى.جانجىگەر قېرىنداشلىرىڭ ،بىر نەۋرە ئاكا-سېڭىللىرىڭمۇ سەندىن كۆزىنى ئۈزمەي يىغلامسىراپ تۇرماقتا...!
__ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قانداق ئەھۋالىڭلار؟!
مانا،مۇئەللىمىڭ ساۋاقداشلىرىڭنى ئەگشتۇرۇپ سىنى يوقلاپ كەپتۇ.ھەممىنىڭ كۆكزى سەندە.گەرخالىسا مۇشۇيەردە تۇرغانلارنىڭ
قېنى سەندە پەرھات.كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ ئەركەك؟!بارمىغىڭنى مىدىرلاتساڭچۇ؟!ئاللاھ ،پەرھاتقا جان بەرسەڭچۇ ؟!
پەرھاتتا يېنىك تېنىقتىن باشقا ھېچ تېۋىش يوق ئىدى.ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان گەپلىرىممۇ تۈگىدى.تىلەكلىرىممۇ ئاخىرلاشتى.ئۈمىدىم ھەقىقەت ئالدىدا باش ئەگكەندەك قىلاتتى. لېۋىمنى مىدىرلىتىشقىمۇ ھېچ جۈرئەت يوق. پۈتۈن بەدىنىم لەسسىدە بوشىدى.قانداقلا بولسۇن، پەرھاتنى بىر يوقلىۋېلىش ئىستىكىدە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ «دۇئا» قېلىشقاندىن كېيىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن قايتىشتى.
كەچمۇ كىردى. مەن پەرھاتنىڭ يېنىدىن كېسەلخانا بالكونىدا ئايسىز ئاسمانغا قاراپ «ھاياتلىق» ئۈستىدە دىلىم بىلەن پىچىرلىشىۋاتىمەن.
ئادەم سەھنىدە چىمپىيون لوڭقىسىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىدە، ئۆزىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ھېس قىلغان بىلەن، كېسەل كارۋىتىدا ھۇشسىز ياتقىنىدا ،ئۆزىنى نەقەدەر ئاجىز ھېس قىلىدۇ-ھە ؟! «شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭمۇ ياردەم قولىنى سۇنالماي قالىدىغان.بۇ ۋاقىتتا ياراتقۇچۇڭغا تەلمۈرگىن ! بۇ بىردىنبىر چىقىش يولۇڭدۇر.» بۇ ھېكمەتنى قايسى كىم ھەدىيە قىلغان بولغىيتتى ؟ مەن ئەمدى ھودۇقمايمەن. پەرھاتنىڭ ھايات-ماماتىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرمەيمەن.ھەممىنى بىر ئاللاھقا تاپشۇراي. كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ،كاللامدىكى ھەرقانداق بىر خىيالنى ۋاقىتلىق يۇيۇپ چىقىرۋەتتىم.ھازىر چۈش سەيلىسى قىلىۋاتىمەن.يەنە كېلىپ خالئاي بىلەن .ۋاھ، ئاسماندىن قار ئەمەس،مۇھەببەت ئۇچقۇنى يېغىۋاتىدۇ. خالئاي بىلەن تۇپراقتا ئەمەس، بوشلۇقتا ئەركىن ئۇچۇپ كېتىپ بارىمىز. گاھ،چۈچۈك خىياللىرىمىز بىلەن سەبىيلىكىمىزگە قايتساق، گاھ، ناغرغ-سۇنايلار ياڭراپ ،قۇتلۇق توي مارىكىمىز بولىۋاتىدۇ. كۈندۈزىدىمۇ ئاسماندا يۇلرۇزلار يال-يال چاقناپ تۇرغۇدەك.مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ،ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ رەڭلىك يۇلتۇزنى :«قارا خالئاي،پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ئاخىرى ۋىسالىغا يېتىپتۇ»دېدىم. بۇ نېمىدىگەن رومانتىك چۈش سەيلىسى-ھە ؟! خالئاي ئىككىمىزگە نىكاھ ئوقۇلۇپ، «قوبۇل قىلدىم» دېگەن يېرىگە كەلگەندە،«جېنىم ئوغلۇم، ئاخىرى ھۇشىڭغا كەلدىڭ »دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بالكوندىكى ھالىتىمدە ئۆزۈمگە قايتتىم.قاياقتىندۇر دوختۇر پەيدا بولۇپ،« بۇ بىر مۆجىزە ،بۇ راستىنلا بىر مۆجىزە،ئىھ ئاللاھ ،سەن ھەممىگە قادىرسەن »دەپ، گىرادۇسلۇق كۆزەينىكىنىڭ ئارىسىدىكى ياشلىرىنى چاندۇرماي سۈرتىۋەتكنىچە چىقىپ كەتتى. 70 نەچچە كۈندىن بۇيان ئاسما ئوكۇل ئېسىپ ئۈلگۈرمەي، ئۈمىدىنى ئۈزۈشكەن سىستېرا قىزچاقلارنىڭ چىرايىغا تەبەسسۈم يۈگۈرۈپ پايپىتەك بولۇپ كېتىشتى.جاپاكەش ئانىمۇ بىردىنلا روھى قۇۋۋەتكە تولۇپ،تەرەپ-تەرەپكە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈپ ئۈلگۈردى. پەرھاتقا قاراپ ئللىق كۈلۈمسىرىدىم. ئۇ كارۋاتنى چۆرىدەپ تۇرغان ھەممەيلەنگە كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئوبدان بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمدى.
__ دوختۇر! دوختۇر !! ئوغلۇم ئۇ...ئۇ...
دوختۇر پەرھاتنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ،ھۇشىدىن كېتەي دەپ قالغان ئانىغا قاراپ:
__ يىگىت ھۇشىدىن كېتىپتۇ. سەل تۇرۇپ ئېسىگە كېلىدۇ. بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ھۇشىدىن كېتىشى مومكىن. شۇڭا ئۇنى يالغۇز قويماڭ،ئاچچىقلىماڭ ھەم ئۆزىمۇ ئارتۇقچە چېچىلىپ ياكى ھاياجانلىنىدىغان ئىشلارنى قىلمىسۇن.ھە راست، يەنە بىر مۇھىم گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئوغلىڭىز بۇ كارۋاتتىكى قىزغا ئوخشاش خاتىرىسىنى يوقاتتى. بۇ ئېغىر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلاردا كۆرىلىدىغان ئومومىي ئەھۋال. بىز بۇ ئىككىسىنى ئۆز پەرزەنتىمىزدەك كۆرۈپ،ئەڭ ياخشى دورا-ئوكۇللارنى ئىشلىتىپ،يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ساقىيىپ كېتىشكە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.ھازىر بۇ ئىككىسىگە ئەڭ مۇھىم بولىۋاتقىنى ،تىنىچ مۇھىت.شۇڭا ئۇنداق-مۇنداق خىياللاردا بولماڭلار. بۇ ئىشتا ئاللاھقا ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ،__ دېدى-دە، يۈرەك رىتىمىنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋابىنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
ئارىنى سۈكۈت قاپلىدى.
__ ئانا ، سۇ ...!
بۇ سۈكۈتنى خالئاي بۇزىۋەتتى. ئارقىدىنلار پەرھات ھۇشىغا كەلدى. ئۇ پەس ئاۋازدا بىرلا سۆزنى تەكرارلايتتى. پەرھاتمۇ «سۇ» دەۋاتامدۇ نېمە ؟ توۋا، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سۇغا تەشنا بولغىنى قىزىق.
خالئايغا تەييارلانغان بىر ئىستىكان سۇدىن پەرھاتمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ماشىنىغا سوقۇلىشىدا ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتنىڭ بولىشى مومكىنمۇ قانداق؟ ئۇ كۈنى خالئاي ئۆزىنىڭ بىرەر جىددى ئىشى بىەن يولنى كېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى...ياكى پەرھاتنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كېتىۋىتىپ ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتتىمۇ ؟ بولدىلا، ئارتۇق گۇماندا بولماي. ھازىر مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم ،خالئاينىڭ خاتىرىسىنىڭ تىزىراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلىش.
ناۋادا ئۇنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كەلمىسە قانداقمۇ قېلارمەن ؟! ھەي...
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن سەۋر قىلغانغا تۇشلۇق خالئاينىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. تاماقتىن پەرھىز تۇتمىسىمۇ بولاتتى. يەنە كېلىپ، ئۆزى قوشۇق تۇتۇپ يېيەلەيدىغان بولغانىدى. مەن ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇشقا تېرىشتىم.
__ قىزچاق ، ئىسمىڭىز نېمۇ ؟!
__ ئۆيدىكىلەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئىسمىم خالئايكەن.ھە راست ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ ؟!
__ ئىسمىم ئەكبەر. سىز بىلەن ئۆيۈم بىر يۇرت،بىر مەھەللىدە،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان. ئوبدانراق ئەسلەپ بېقىڭە،مېنى راستىنلا تونىيالمىدىڭىزما ؟!
__ ئىككىمىز بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانما ؟! نېمە دېگەن ياخشى. ئۆزۈمنى دۇنيادا يالغۇز قالدىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن،مېنىڭمۇ دوستۇم بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ بەك خۇش بولدۇم ئەكبەر، بىراق كاللامدا سىز توغۇرلۇق بىرمۇ ئۇچۇر يوق.
خالئاينىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئاەمەسكەن.راستىنلا ئۈمىدسىزلەندىم. ئەمما، چاندۇرۇپ قويسام بولمايتتى.
__ ياقەي، ھېچقىسى يوق.بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىشىڭىزگە ئىشىنىمەن. ھە راست، سىز بۇ ئىشقا يولۇقۇشتىن بۇرۇن نېمىش قىلاتتىڭىز؟
__ بىلمەيمەن.
‏‏__ دەپ بېرەيمۇ ؟!
__ بىلسىڭىز دەپ بېرىڭىە، بەكلا بىلگۈم بار.
__ سىز بۇ ئىشلارغا يولۇقۇشتىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتىڭىز.
__ ئالىي مەكتەپ دېگەن قانداق جاي ؟!
__ ئالىي مەكتەپ دېگىنىم قاراڭ، دەۋرنىڭ ئىلغار ياشلىرى بىلىم ئالىدىغان ،كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان جەمىيەت بوسۇغىسى.
__ گېپىڭىزنى تېخىمۇ چۈشىنەلمىدىم. بولۇپمۇ «جەمىيەت بوسۇغىسى» دېگەن گېپىڭىز غەلىتە ئاڭلىنىۋاتىدۇ...
__ جەمىيەت بوسۇغىسى ، ئۇ ۋاي ھازىرچە چۈشەندۈرمەي بولدى. تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكۈدەك .سىزگە ۋاقىت چىقىرىپ ئاددى ئىشلاردىن باشلاپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.
__ بۇ ھالەتتە ساقىيىشىمنى بىلگەن بولسام، ئەينى چاغدا ماشىنىغا قاتتىقراق سوقۇلۇپ...
__ھاي جۇمۇ__ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گەپنى تارتىۋالدىم،__نىمانداق گەپقىلىسىز خالئاي.سىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ساقىيالىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇئائىلىڭىزگە چوڭ بەخىت.ناۋادا سىز كېتىپ قالغان بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزمۇ كەينىڭىزدىن ئەگخشىپ كېتىپ قالاتتى.بەلكىم مەنەمۇ كېتىپ قالاتتىم خالئاي.
سىز ؟! سىز نېمە دەپ كېتىپ قالىسىز ؟!
__ ئەلۋەتتە سىزنى دەپ كېتىپ قالىمەندە.
__ نېمىشقا ئەمدى ؟ ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا مەن بىلەن كېتىپ قالامسز ؟
__ ياق، تۈپ سەۋەبى ،سىز ھادىسىگە يولۇقۇشتىن بۇرۇن ئىككىمىز...ئىككىمىز...
ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاي دەپ تۇرىشىمغا ،سىرتتىن «قىزىم ،تاماق ئەكىردىم» دەپ كىرىپ كەلگەن خالئاينىڭ ئانىسى پارىڭىمىزنى ئۈزۈپ قويدى. دائىن نېگىزلىك يېرىگە كەلگەندە تەلىيىم كاج زادى مېنىڭ. يەنىلا سەۋر قىل ئەكبەر. ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار دەپتىكەن.كۈنلەر ئۇزاققۇ تېخى. خەير...!

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:31:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-قىسىم

__ سىز بۇرۇن توخۇ گۆشىگە ئامراق ئىدىڭىز، بايا ئاشخانىدا شۇ ئىسىمگە كېلىپ، تاماقنى توخۇ گۆشىدە ئەتتۈرۈپ ئەكىردىم. قىنى،تاماققا بېقىڭ قىزىم.
__ رەھمەت ئاپا، سېزنى كۆپ جاپادا قويۇۋاتىمەن. كۆپ رەھمەت سىزگە.تېزراق ساقايسام ھاردۇقۇڭىزغا جۆر بولسام دەيمەن.
__ بولدى،ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈت قىلىش بىھاجەت قىزىم.قانداق، تاماق ئېغىزىڭىزغا تىتىدىمۇ ؟
__ ھەئە، بەك مىززىلىككەن ئاپا .
مەن ئۇلارنىڭ قىزغىن پارىڭىنى بۇزىۋەتمەي دەپ، تۇيدۇرماي غىپپىدە مەكتىپىمگە كەتتىم.ئارىدا بىر ھەپتىگىچە سىنىپنىڭ كوللىكتىپ پائالىيىتى ،تەجرىبە ئىشلەش، «جۇڭگو ئارزۇسى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش باھانىلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا خالئاينى كۆرگىلى بېرىپ بولالمىدىم.
بۈگۈن شەنبە . چارچىدىممۇ ياكى ھۇرۇنلىقىمدا ئۇزاق ئۇخلاپ قالدىممۇ ،ئەيتاۋۇر ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاچ-پاچلىرىمنى يۇيۇپ،تاماق يەپ ۋاقىتقا قارىسىام بىردەمدە چۈشتىن كېيىن بولۇپ قاپتۇ.راست گەپ قىلسام خالئاينى سىىغىندىم. كېچە غىل-پال ئۇنى چۈشەپ قاپتىمەن.كەچ قالساممۇ بىر يوقلاپ كېلەيمىكىن...مىكىن ،ئىكىن دىگەنمۇ ئوغۇل بالىنىڭ گېپىمۇ ئەكبەر، نېمىگە مىسىلدايسەن؟ ھازىرلا چاپىنىڭنى ئۇچاڭغا ساپ!  ئالدىڭنى ئىشىك تەرەپكە بۇرا، ياق،سولغا بۇرۇلۇپ تامدىكى ئەينەككە ئوبدان بىر قارىۋەت.قولۇڭغا تارغاقنى ئال، چېچىڭغا يامان ئەمەس تۈس كىرىپتۇ-ھە سولتەك. ھى،ھە ئەمدى ياراشتى. ئوڭغا بۇرۇل،قەدەملەپ مارش...
دوختۇرخانا دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ ،يان تەرەپتىكى باققاللارنىڭ قېشىدىن بىر كىلو ئالما ،يېرىم كىلو ئاپلىسىن سېتىۋالدىم. خالئاي ئالمىغا بەكلا ئامراق.بۇرۇن ھەركۈنى كەچ مەكتەپنىڭ كەينى كوچىسىدىكى كەچلىك بازازارغا تاماق يىگىلى چىقساق،نېمە يېگۈڭ بار دەپ سورىسام،ئۇ گەپ قىلمايلا بېرىپ دائىم مېۋە-چىۋىچىلەرنىڭ ئالدىدىن رەتلىك تىزىپ قويغان ئالمىسىنى تاللاپ ئېلىپ  يىگىلى  تۇراتتى.ھەي، قوزامنىڭ قىلىقى ساق ۋاقتىدا بەكلە ئوماق ئىدى جۇمۇ . ھازىرمۇ ئوماق، لېكىن مەن ياقتۇرىدىغان بىر تالاي نازلىقىنى ئۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ.قەستەن شۇنداق بولىۋالدىمۇ -يە؟ ياقەي ،كىمنىڭمۇ شۇنداق بوپ قالغۇسى بار بۇ جاھاندا. مېنىڭچە ئۇ راست خاتىرىسىنى يوقۇتۇپتۇ.
مەن كەلسە-كەلمەس خىياللارنى سۈرۈپ 2420-نومۇرۇلۇق ياتاق ئۆيى ئالدىغا كېلىپ بوپتىمەن.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! قىنى، كېلىڭ ئەكبەر .ماۋۇ ئورۇندۇقنى خاپا بولماي تارتىپ ،يېنىمىزدا ئولتۇرۇڭ !
__ ئاپىڭىز ؟!
__ ئاپام سىرىتقا چىقىپ كەتتى.ھىلىلەتتىن كىرىپمۇ قالار.
__ ھە،ئەھۋالىڭچۇ؟ ئاغرىقلىرىڭ ئاز-تولا ئارام تېپىپ قالدىمۇ ياكى بىرخىل تۇرىۋاتامسەن؟
__ بارا-بارا ياخشى .
__ خالئاي ھازىر يۈگۈرەلەيدۇ جۇمۇ،ئاغىنە !
بۇ ھەجەب تونۇشلا ئاۋازغۇ... ئاۋاز دولقۇنىغا ئەگىشىپ 120 گىرادۇس بۇرۇلۇپ قارىدىم .
__ ۋوي،پەرھاتقۇ سەن، قەتئىي خاپا بولما ئاغىنە ،بايا ئىشىكتىن كىرسە دېرىزە تەەپكە قاراپ يېتىپتىكەنسەن، ئۇخلاۋاتقان چېغى دەپ، سالام قىلماپتىمەن. ئەكىلە قولۇڭنى...ئوغال ۋالا.
__ ۋاي،ۋاي..ۋاي بوشىراق سىق قولۇمنى ئاداش. ئۆلۈكۈمنى ساتسام ئالامسەن ؟ خى...خى...خى...
__ خا...خا...خا... چاقچاقچى بالىكەنسەن جۇمۇ سەن ئادىشىم.سېنىڭ ئەھۋالىڭچۇ؟ قانداقراق ؟!
__ ئىشقىلىپ جان تېنىمدە تۇرۇپتۇ. يوقتىن ياخشى.
__ ھايات تۇرغىنىڭىزغا خۇش بولۇڭە، شۇم ئېغىز غوجام.
__ خالئاي توغرا دەيدۇ، شۈكرى دېگىن. ئاشۇ كۈنىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېىلىنگەن ھالىتىڭنى سۈرەتكە تارتىۋالمىغىنىم مېنىڭ، خۇددى جەڭدە بوممىنىڭ ئارىسىدىن چىققان نېمىس ئەسكىرىدەك ۋەيرانە ئىدىڭ.
__ راستما ؟ __ سورىدى پەرھات ھەيرانلىق بىلەن ياستۇقتىن بېشىنى شاپپىدە كۆتۈرۈپ.
__ جىددىيلەشمە، جىددىيلەشمە. چاقچاق قىلىپ قويدۇم بيرادەر. شۇ باش قىسمىڭ ئازراق يېرىلىپ كەتكەن، جەينىكىڭ سول جەينىكىڭ سەل سۈرىلىپ كەتكەن ھالەتتە ئىدىڭ. يامان يېرى بېشىڭ ماشىنىغا قاتتىقراق تېگىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھۇشۇڭ يوق ئىدى.
__ قارىغاندا ھەممە ئىشلار يادىڭىزدا بار ئىكەندە ، ئەمىسە مەن قانداق ھالەتتە ئىدىم؟ پەرھاتتىنمۇ بەتتەر ؟!
__ ياق،ياق ،ياق. سىزنىڭ يارىڭىز پەرھاتتىن يېنىك ئىدى. سىز ھۇشىڭىزدا ئىدىڭىز.بىراق گەپ قىلغۇدەك ماداردا ئەمەس. كوزىڭىزلا تېلىۋۇزۇرنىڭ تىزگىنەك كونۇپكىسىنىڭ لازىر نۇرىچىلىك يورۇق ئىدى.
__ مەن قايسى جايدا ماشىنىغا سوقۇلغان بولغيتتىم،سەن چوقۇم بىلىسەن ئاداش، دەپ بېرە !
__ راسىت ،مېنىڭكىنىمۇ دەپ بېرىڭە !
__ ياق،ئاۋۋال مېنىڭكىنى دەپ بېرە !
__ ياق، ئەكبەر مەن سىز بىلەن دوست، شۇڭا مېنىڭكىنى بۇرۇن دەپ بېرىشىڭىز كېرەك.
__ نەدە ئۇنداق ئىش باكەن، ئۇ ئوغۇل بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئوغۇل بالا تەرەپتە تۇرىشى كېرەك.
پەرھات بىلەن ئەكبەر تالىشىپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ ،نېمە دېيىشىمنى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا ئىڭرىماس بىر تۈپ يوغان تېرەكتەك تۇرۇپلا قالدىم.
__ دەپ بېرەمسە -يوق ؟
__ دەپ بېرەمسىز يوق ؟
__ مەن...مەن...مەن بىلمەيمەن. ئۇ ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ مەكتىپىدىن قايتىشىم ئىدى. كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ،« دوستلۇق يولى چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك» ىدىن ئەگىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئۇدۇلۇلدىكى يولنىڭ بويىدا بىر توپ ئادەم ،يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تۇرۇپتۇ. نېمىش بولغاندۇ،بىر بېرىپ باقايمۇ -يا ،دەپ ئويلاپ بولۇپ، ۋاي بولدىلا بەربىر ئۇ يەرگە بارساممۇ ئۇ ئشلارنى ھەق-ناھىقىنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلالمىغاندىكىن، ئويۇن كۆرگىلى ئاۋۇلارغا ئوخشاش تاماشىبىن بولمىساممۇ ،يولۇمغا ماڭاي ،دەپ شۇنداق ئاق سىزىقتىن يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ تۇرىشىمغا ،كەينى تەرىپىدە بىر ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇزلانغان ۋە كەينىدىنلا شىشە چىقىلغاندەك «بوك» قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، چۆچۈپلا قارىسام،چۆچۈپلا قارىسام...
__ ئۇ مەن شۇنداقمۇ ؟
مەن كۆز جىيەكلىرىمدىكى نوقۇتتەك ياشلىرىمنى سۈرتكەچ خالئايغا قاراپ بېشىمنى ئېغىر لىڭشىتتىم.
__ ۋاي يۈرىكىم، ھەجەپ ۋەقە تەسۋىرلەشكە ئۇستا ئىكەنسە ئەكبەر، خۇددى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا يۈ بەرگەندەك ،كۆز ئالدىمدا بايامقى بايانلىرىڭ پەيدا بولۇپ، ئىچىمگە ۋەھىمە كىرىپ چىقتى.
__ مەن ھېكايە توقۇمىدىم، راست شۇنداق بولغان. مەنمۇ تۇرغان جايىمدىلا يۈرىىكىمنى قاماللاپ «ۋاي ئېست جېنىم» دەپ ،ئارقىدىن ئۇنىڭ خالئاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا «ياق» دەپ ۋارقىرىۋەتكەن ئىدىم.
__ ئاخىرىچۇ ؟
__ راست ئاخىرىنى دېگىنە ئاداش. ھېكايىمىز قىزىقكەن .خۇددى بايا كورگەن كورىيە فىلىمىدەك.
__ راست ئىشنى چاققاققا ئارىلاشتۇرماي تۇرسىڭىز نېىم بولا -ھە پەرھات. بىر ھېسابتا ئاشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگە خۇش بولىۋاتىس -ھە سىز !
__ ۋاي-ۋۇي، دەپ قويدۇم، مەن راست ئىشقا چاقچاق ئارىلاشتۇرغان بولسام ،سىز ئارىلاشتۇرۋەتكىنىمنى ئايرىپلا چۈشەنسىىز بولمىدىمۇ؟
__ سىز !
__ ھەي ،سىلەر ھېكايەڭلەرنى ئاڭلامسىلەر ياكى سېنىڭ راست، مېنىڭ يالغان دەپ چوڭچىلىق تالىشامسىلەر ؟ ناۋادا ئاڭلىمىساڭلار كەتتىم مەن...
__ كەتمەڭ !
__ توختاپ تۇرە !
كەينىمگە ئۆرۈلىشىمگە خالئاي جىلىتكامنىڭ پېشىدىن، پەرھات قولۇمدىن تارتتى.
__ ئەمدى سوقۇشساڭلار ئالدى-كەينىمگە قارىماي قېچىپ كېتىمەن ياتاقتىن.
__ ماقۇل !
بۇ سۆز خالئاي بىلەن پەرھاتنىڭ ئېغىزىدىن تەڭلا چىقتى.
__ بايا سۆزلەپ نەگە كەلگەنتىم ؟
__ يولنىڭ ئوتتۇرىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تۇراتتى دېگەن يەرگە كەلگەنغۇ دەيمەن.
__ ۋاي مېڭڭە ، نەۋاقتىكى ئۆتمۈش ئۇ، ئۇنىڭ خالئاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ «ياق»دەپ ۋارقىرىۋەتكەن ئىدىم دەپ توختاپ قالغان ئىدىڭىز.
پەرھات خالئايغا ئالىيىپ قويدى، خالئاي تىلىنى چىقىرىپ مەنسىتمىگەندەك پەرھاتقا قاراپ قويدى.
__ توغرا، توغرا، دەل شۇ يەرگە كەلگەنتىم .خالئاينىڭ ئېسىدە باكەن. «ياق» دەپ ۋارقىرىدىم-دە، دەرھال خالئاينىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلدىم.  ئاق خالات كەيگەن ئىككى ياش دوختۇر سېنى سېنى ئۇ تەرەپتىن سېنى ماشىنىغا سېلىپ بۇ تەرەپكە ،يەنى خالئاينىڭ قېشىغا كەلدى. ئاڭغىچە خەلق توپىمۇ چۆرىمىزگە كېلىپ ئۈلگۈردى. ئارقىدىن خالئاينى قۇتقۇزۇش ھارۋىسىغا ئېلىپ،ماشىنىغا سالدى. ماشىنىنى قوزغىلاي دەپ تۇرغاندا «مەنمۇ بار» دەپ پۇتۇمنى ئېگىز قاڭقىتىپلا ماشىنىغا ئېلىنىۋېلىپ ئېچىگە كىرىۋالدىم.
__ ۋاھ، ھېندىستان تۈنۈگۈن ھېندىستان فىلىمىدە چىققان شاكادەك رول ئاپسەن.
__ ھە دېسىلا پالانى يەرنىڭ فىلىمىدىكى پۇستانىدەك، ئۇنڭىڭدەك، بۇنىڭدەك ...دەپ كىنو فىلىمنىڭلا گېپىنى قىلىدىكەنسىز پەرھات. بۇ رېئاللىق. مەخسۇس ئەدەبىيات -سەنئەت قانىلىدا قويۇپ بېرىلگەن ئامېرىكىنىڭ قايسى شەھرىتى، ئىشقىلىپ بىر كىنو تىللا تۆكۈلىدىغان شەھەر دەپ نام قويۇپ قويدى ئۈلۈشكۈن تېلىۋۇزۇردا كۆرگەنتىم، ھە توغرا، ھوللىھود. ھوللىھودتا ئىشلىنىپ «ئوسكار »مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاشۇ فىلىملەر بىزنىڭ بۇ رېئاللىقىمىز ئالدىدا ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس جۇمۇ پەرھات، ئۇقۇپ قويۇڭ !
__ ۋاي ماقۇل خېنىم ،خېنىم.
__ سىلەر كېسەل كارۋىتىدا تۇرۇپ مەن بىلمىگەن دۇنياغا مەشھۇر ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەنسىلەر، زادى نەدىن ئۇقتۇڭلار ؟
__ ياتاقتىن چىقىپ سول قول تەرەپكە بۇرۇلۇپ 10-12 مېتىرچە ماڭسا كېسللەر ئارام ئالىرىدىغان، ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان،ھەرىكەت قىلغىلى بولىدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى بىر زال بار ئىكەن دەڭە، بۇ پەرھات «يېتىپ بولاممدىم، يۆلەپ ئېلىپ چىقىڭ ،بىردەم ھەرىكەت قىلىمە...» دەپ تۇرىۋالىدۇ ھەمىشە ئادەمگە. ماقۇل دەپ ئېلىپ چىقسا ئۇ تامدىن بۇ تامغا بىر قېتىم بارا-بارمايلا ھېرىپ كەتتىم، ھالىم قالمىدى ، ئولتۇرىمەن ،دەپ قەستەس تېلىۋۇزۇرغا ئۇدۇللاپ ئورۇن ئالىدۇ. مەن زېرىكىپ «ياتاققا كىرىپ كېتەيلى...»دەپ يالۋۇرساممۇ ،«مانا، ئەينا، ھازىر تۈگەيدۇ»دەپ تېلېۋۇزۇرغا ھەيكەلدەك قاراپ تۇرىۋالىدۇ،ئىنىكىنى يكلەپ تېخى. ئۆزىنىلا ئويلاپ مېنى ئويلاپمۇ قويماي ،بوزەك قىلىدۇ.ئەدىپىنى بېرىپ قويۇڭە تازا. مېنىڭ كۈچۈم يەتمەيدىكەن. سىز ھەپتە يوقاپ كېتىپ مېنى بەك بوزەك قىلدى، خەپ. كېچە ياستۇق بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتمىسىەم،ئەبلەخ.
خالئاي خاپا بولغان قىياپەتتە نازلىق بىلەن پەرھاتقا چاقچاق قىلدى.
__ ۋوي ئىششۇق، ئەكبەرگە مېنى چېقىپ ئوغۇل بالىلىقىمنى يوققىلا چىقىرۋەتتىڭغۇ!
__ ھاي، جۇمۇ بالىلار. بىكار بۇ يەردىن كېتىمەن.
سۆزۈمدىن ئۇلار جىم بولۇشتى.
__ ھە راست ،پەرھات، سېنىڭ ئۆيدىكىلىرىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟!
__ جەمەتىمىزدىكەر ئارىسىدا بىرەرسىنىڭ مۇھىم ئادىمگەرچىلىكى چىققان ئوخشايدۇ. ئۆيدىكىلەر ئۈلۈشكۈن يۇرتقا قايتىپ كەتتى. ئۇلار كېتىپ ئەتىسى تېلېفۇن قىلىپ، ئەمدى كەلمەسلىكنى ئېيتتىم. داۋالىنىش خىراجىتىنى ئەۋەتىپ بەرسە ،قالغىنىغا ئۆزۈمنى ئۆزۈم بېقىپ كېتەلەيمەن.
__ پەرھات بەك ياخشى قىلدى. مەنمۇ ئاپامغا كېتىشنى دەي دەپ تۇرىمەن.
__ نېمىشقا ؟__ خالئاينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇپ سورىدىم،__  پەرھاتقۇ جىگىرى بار ئوغۇل بالا،سىز قىز بالا تۇرسىڭىز.ئاپىڭزى كەتسە كۈنىڭىز تەس بولۇپ قالارمىكىن؟
__ ئوغۇل بالىدا بار جىگەر قىز بالىدىمۇ بار . ئاپام كەتسە يېنىمدا سىز باغۇ؟ ئەجىبا ئاپام كەتسە سىز مېنى تاشلىۋېتەمسىز ؟
__ يا...ياقەي، مەن يېنىڭىزدا كېچە-كۈندۈز تۇرۇشقا رازى. بىراق سىزنى قىز بالا بولغاندىكىن دەپ...شۇ ئەنسىرەپتىمەن .
__ بولدى،بولدى، بىز بۇيەردە پېلاننى چوڭ سوققان بىلەن، خالئاينىڭ ئاپىسى نېمە دەيدۇ تېخى. بىكار خام-خىيالنى ئاز قىلىپ، ھېكايمىزنىڭ ئاخىرىنى سۆزلىگىنە ئاداش !
__ ئۇغۇ راست.
__ ئاپامنى گەپكە كىرگۈزەلىشىمگە ئىشەنچىم بار. خام-خىيال ئەمەس. ھىچقاچان بىر گەپ ئاچسام مەن تەرەپتە تۇرغىنىڭنى بىلمەيمەن زادى سىزنىڭ. ساۋاقداش، سىرداش،بولاممىساقمۇ ياتاقداش جۇمۇ ! ئوغامنى ئاز قاينىتىڭ . بىر قويسام يوق سىز...
خالئاي ياقاڭتەك مۇشتىنى تۈگۈپ ئېغىزىنى ئۇچلاپ يەنە پەرھات بىلەن چىقىشتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى نېمە دېگەن ئوماق-ھە! ئەي گۈزىلىم، قاچانمۇ ئەسلىڭنى تاپارسەن...قاچانمۇ مېنىڭ بۇرۇن يىگىتىڭ ئىكەنلىكىمنى سېزىپ مۆرەمگە بېشىڭنى قويارسەن.
__ خالئاي توغرا دەيدۇ،ئەڭ مۇھىمى سىلەر دېگەن ئالەمدە كەمدىن كەم ئۇچىرايدىغان تەقدىرداش ھەم زامانداش،بۇندىن كېيىن خالئاينى ئاز بوزەك قىل، ئەمدى خالئاي سەن توغۇرلۇق يانا ماڭا ئەزر ئېيتىپ قالسا سېنى راست ئۇرىمەن جۇمۇ سولتەك ! خى...خى...خى...چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئاداش،__ پەرھاتقا نەسىھەت قىلىپ بولۇپ خالئايغا قارىدىم،__ خالئاي، سەنمۇ پەرھاتنىڭ سەن بىلەن تالىشىشلىرىنى توغرا چۈشەنگىن. ئىككىڭلار كۈن بويى كېسەلخانىدا تۇرىۋىرىپ زېرىكىپ قالىدىغىنىڭلار ئېنىق، سىلەردەك ئېغىر كېسەل بولۇپ باقمغان بولساممۇ،يېرىم ئاي سىلەردە مىدىرلىماي كېسەلخانىغا قامىلىپ باققان.پەرھاتمۇ سەن بىلەن چاقچاقلىشىمەن دەپ شۇ...قەستىەن سېنى تە قىلىش ئۈچۈن گەپ تېشىپ قالىدىكەن.مەن شۇنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياتاقتا سىلەردىن باشقا ئادەممۇ يوق.بىر-بىرىڭلارنى توغرا چۈشىنىشىپ ئىناق ئۆتۈڭلار، سىلەر بۇنداق تالىشىۋەرسەڭلار يەنە بىر قېتىم كەلسەم بىر-بىرىڭلارنىڭ گۆشىنى غاجاپ تاشقاتمىغا سۆڭىكىڭلارنى كۆرەرمەنمۇ دەپ قورقىدىكەنمەن،دېدىمدە-دە،پەرھاتنىڭ بەش بارمىقىنى چىڭ سىقىپ،دوستلۇق مېھرىم بىلەن بىر قولۇمدا ئۇنىڭ قوۋزىنى يېنىڭ ئولۇپ قويدۇم.
ئۇلار گېپىمدىن خىجالەت بولۇشۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ، ماڭا قارىشىپ ئارقىدىن يەرگە قارىشىۋالدى.
__ ۋوييۇ، نېمىگە يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ دومسىيىپ ئولتۇرىسىلەر؟ خۇددى سىلەرنى سوراققا تارتقاندەك.بولدى،بولدى.گېپىم ئۆتكەن بولسا، قەددىڭلارنى رۇسلارپ،ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئولتۇرۇڭلار ! پاراڭ سوقىمىز. مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقتىمغىمۇ كۆپ قالمىدى.
قول سائىتىمگە بىر قاراپ قويدۇم. ئۇلار ئۆزىنى ئوڭشاپ ،قايتىدىن جانلاندى.
__بۈگۈن ھاۋا نېمە دېگەن سوغۇق ! ئىككى پوپايكىنى جۈپلەپ كېيىپ، تىۋىتلىق ئۇزۇن پەلتۇنى يېپىنىۋالساممۇ تىترەپ كەتتىم دېسە .ھوي، سىزمۇ كەلگەنمىتىڭىز ئەكبەرجان بالام.
__ قانداق ئەھۋاللىرى ھامما ؟ ھەپتە بولدى ،ئوقۇش ئالدىراشلىقى بىلەن كېلەلمىگەندىم، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋاقتىم چىقىپ قاپتىكەن، دىككىدە بىر بېرىپ سېلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي ...دەپ شۇ.
__ بەلەن قىپسىز. يولدا قاتراپلا ئۆتتىڭىز. ئەجرىڭىزنى بىز تۆلىيەلمىسەك ئاللاھ ئىگەم قايتۇرار بالام، قىنى ئۆرە تۇرىۋالماي جايىڭىزدىلا ئوتۇرۇپ قىلىپ.تارتىنماڭ -ھە !
__ مەن ھېلىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم،ئەمدى قايتاي ھامما،مەن يەنە بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە يوقلاپ كېلىمەن.ئامان قىلىڭلار دوستلىرىم، خەير خالئاي...!
__ ھەي، ھېكايىنىڭ ئاخىرىچۇ؟
__ راست، ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئېيىتىپ بېرىپ ماڭساڭچۇ ئاداش.
__ مەن يەنە كېلىمەن. شۇ ۋاقىتتا سۆزلەپ بېرەي .
__ ھەي...
__ ياخشى ئوقۇڭ بالام !
__ يولدا ئىھتىيات قىلىپ مېڭىڭ ئەكبەر -ھە !
كېسەلخانىدىن ئەمدىلا چىقىپ ئىشىكتىن ئۇزىشىمغا يۇرقارىقى زىل ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ گەپنى كىم ئىېيتقانلىقى دىلمىغا ئايان ،ئەلۋەتتە.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ سەيشەنبە چۈشتىن كېيىنلىكى دەرس سېتكىسىغا قارىسام، دەرس سېتكىسى ئاپئاقلا تۇرۇپتۇ.پۇرسەتنى غەنىمەت بېلىپ، تاپشۇرۇقلىرىمنىمۇ كەچكە قالدۇرۇپ، يەنە شۇ دوختۇرخانىغا چاپتىم. ھاۋا سوغۇق، تۈنۈگۈن نېپىز ياغقان قارنىڭ سوقۇقىمىكىن، يۈزلىرىم غۇر-غۇر سوغ شامال بىلەن سۈركىشىپ قېنىم تېشىمغا تەپتى.شالاڭ ساقال-بۇرتلۇرىم ئېغىزىمدىن چىققان نەم كاربۇن تۆت ئوكسىدنىڭ تەسىرىدە تۈگۈلگەن كىرپنىڭ تىكەنلىرىدەك تىكلا قالدى.بۇدا قېتىم ئۇلار ھېكاينىڭ ئاخىرىنى ئاڭلايمىز دەپ تۇرىۋالارمۇ-ھە؟! بوپتىلا،چىڭ سوراپ تۇرىۋالسا كۆڭلۈللىرىنى يەردە قويماي،سۆزلەپ بېرەي. گۈزىلىم ،بولۇپمۇ ئاشۇ گۈزىلىم ئەسلىنى تېپىپ قالسا ئەجەب ئەمەس...مەن تولا خىيال قىلىپ، ئۇلارنى يوقلىغىلى بىرەر يېرىم جىڭ نەشپۇت بولسىمۇ ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ ،قانداقسىگە بۇنچە تېز ياتاق ئالدىغا كېلىپ قالغاندىمەن -ھە ! گاچلا كەينىمگە يېنىپ چۈشۈپ ئېلىپ چىقايمۇ-يە ؟ ھەي، سوغۇقتا يول مېڭىشقا ھۇرۇنلىقىمنى -زە،بولىدىلا كېرىۋىرەي.
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قانداق ئەھۋالىڭىز ؟!
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام ،ياخشى تۇردۇڭمۇ ئاداش !
__ ياخشى،بەلەن، سىلەرمۇ تېنىچ-ئامان تۇرۇپسىلەر مانا ! خۇش بولدۇم.
__ قىنى يېنىمدا ئولتۇرە !
پەرھات ياتقان ھالىتىدىن يېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ياستۇقنى كارىۋاتقا يۆلەپ،پۇتىنى يىغىپ، ماڭا ئازادە ئورۇن بوشاتتى.
__ ۋوي ،خېلى ساقىيىپسەن جۇمۇ!
__ شۈكرى، يامان ئەمەس ئىشقىلىپ، ئەل قاتارى ساقىيىۋالدۇققۇ !
__ ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ئاداش!
__ ئىنشائاللاھ ! ئىنشائاللاھ ! چۈشتىن كېيىن دەرستىن قېچىپ كەلدىڭمۇ ياكى...
__ ياقەي، دەرس يوقكەن ئەمەسمۇ.
__ بەك ياخشى جۇمۇ سىز . بىزنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايسىز.
__ شۇنى دەڭە خالئاي. بولۇپمۇ سىزنى. سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
__ ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ ئەكبەر . دوست دېگەن شۇنداق بولۇش كېرەك.
مېھىر دېسەڭ ھارارەت چاچالىسا دوستۇڭ شۇ،
يېڭنە دېسەڭ دېڭىزدىن تاپالىسا دوستۇڭ شۇ.
ياخشى دوست دەپ سۆزلىسەڭ، ئاقىۋەتنى كۆزلىسەڭ،
سىرلىرىڭنى قەلبىدە ياپالىسا دوستۇڭ شۇ.
پەرھاتنىڭ ئېغىزىدىن ئۈشبۇ بىر كۇبلېت شېئىر شائىرانە روھ، مەردانە قىياپەت بىلەن چىقىپ كەتتى. مەن ھەيران قالدىم.
__ ۋوي، پەرھات . بۇنى سەن قايسى كىتابتىن، قاچانلاردا يادلىۋىلانغانتىڭ؟ ئەجەپ مەزمۇنلۇق شېئركىنا بۇ.
__ شۇنى دەيمەن. ئوغۇرلۇقچە بىرەر داڭلىق شېئىرنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى يادلاۋاتامسىز -يە پەرھات ؟ مەنمۇ ئېغىزىمنى ئېچىپلا قالدىم .
__ مەن...مەن...توۋا قىلدىم. بۇ شېئىر قانداق بولۇپ ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتتىكىنا. كىتاب ئوقۇي دېسەم، مەن راستلا خاتىرەمنى يوقۇتۇپتىمەن. سېستىرالار ئەكىرىپ بەرگەن گېزىتلەردىكى ھەرپلەرنىمۇ تۈزۈك تونۇيالمىدىم.راست گەپ قىلسام ،بۇ ئىشقا ئۆزۈممۇ ھەيران.
پەرھات شۇلارنى دەۋېتىپ پىشانىسىنى ئۇۋلاپ كەتتى.
__ دېگەنلىرىڭ راست بولسا،ئاداش، سەندە شېئىرىيەت ئېقىمىغا نىسبەتەن تەبئىي تالانت بار ئىكەن. مەن ساڭا كىتاب ئوقۇشنى ،خەت يېزىشنى ئۆگۈتەي. قوشۇمچە بىرنەچچە شېئىر توپلىمى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرەي...
__ ۋاھ، نېمە دېگەن ياخشى. بىراق ۋاقتىڭ يەتسە بىرنەچچە شېئىر توپلىمى ئەكىلىپ بەر. لېكىن خەت يېزىشنى ،كىتاب ئوقۇشنى خالئايدىن ئۆگۈنەي.
پەرھاتنىڭ بۇ گېپىدىن سەل تېڭىرقاپ قالدىم.
__ دېمەكچى...بولغىنىڭىز ...؟
__ ئارتۇقچە ئويدا بولما ئاداش. بىز ھېلىقى كۈنى سەن كەتكەن ئاخشىمى خالئاي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،بىرىنچى قىلىپ خالئاينىڭ ئاپىسىنى يۇرتىغا يولغا سېلىشنى،ئىككىنچى قىلىپ،سېنى ئەمدى چارچاتماسلىقنى پېلان قىلغانىدۇق. بېرىنچى پېلانىمىز ئەمەلگە ئېشىپ ئەتسى چۈشتىن كېيىن خالئاينىڭ ئاپىسى يۇرتىغا قايتتى. ئەمدى ئىككىنچى پېلانىمىزنىڭ ئورۇندىلىدىغان پۇرسىتى كەپتۇ.
__ بۇ...بۇ...
كۆڭلۈم يېرىم ھالدا خالئايغا ككز قارچۇقىغا تەلمۈرۈپ قارىدىم.ئۇ تولىمۇ تەمكى ھالدا سۆز ئاچتى.
__ پەرھات ئويىغا قوشۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ئەكبەر. بىز ئىككىمىز ئاللابۇرۇن مەسلىھەتلىشىپ بولغىنىمىز راست. ھېلىمۇ سىزننڭ كۆپ جاپاغا سالدىم. سىز مېنىڭ ھەم پەرھاتنىڭ شەپقەتچىسى.سىزنى ئاداققىچە ئۇنۇتمايمىز. ساقىيپ چىقساملا ئۆزۈم شەخسەن سىزنى ئىزدەپ تېپىپ لايىقىدا بولمىسىمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە قىلغان ياخشىلىقىڭىزغا جاۋان قايتۇرىمەن. ئەمدى كۆپ ئاۋارە قىلساق بولمايدۇ.ئادىمگەرچىلىق قەرزى يامان قەرز. قايتۇرماق قېيىن.يۈز كەلمەك تېخىمۇ مۈشكۈل.مېنى كۆپ خىجالەتتە قويماسلىقىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ئەكبەر. ئەمدى ئوقۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ .
__مېنى ...مېنى ھەيداۋاتامسىلەر ؟ پەرھاتقۇ مېنى ھەيدىسۇن، سىزمۇ مېنى ب قېشىڭىزدىن ھەيدىۋىتەمسىز ؟
__ ياق، ياق،ياق ئەكبەر. سىز بۇنداق چۈشەنسىڭىز ئويلىرىمنى پۈتۈنلەي خاتا ھېس قىلىۋالغان بولىسىز. بىز ئىككىمىز قىيامەتلىك ياخشى دوست.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېشىمغا ئېغىر كۈلپەتلەر ياغسا تۇنجى بولۇپ يەنە سىزنى ئېسىمگە ئېلىشىم مۇمكىن.ھە راسىت، يەنە بىر خۇشخەۋەر بار ، سىزنى چىن بىلىپ ئېيتقۇم كەلدى، ئاڭلاپ چوقۇم سىزمۇ ىۇش بولىسىزغۇ دەپ ئويلايمەن.
قانداق خۇشخەۋەردۇ دەپ ھاياجانلىنىپ خالئاينىڭ ئېغىزىغا ئالما شېخىدىكى كاككۇكتەك ۋىسال كاككۇكىدەك باقتىم.
__ قىنى ئاڭلاي، خۇشخەۋەر بولسا جەزمەن ئورتاق خۇشاللىقىڭىزغا جۆر بولىمەن.
__ پەرھات بىلەن كەلگۈسىمىزنى ئويلۇشۇپ قويدۇق.
__ نې..نې..نېمە دەيسىز ؟ مەن تازا چۈ...چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ ئېنىقراق دېسىڭىز بولامدۇ ؟
__ مەنمۇ ئېنىقراق ،ئىخچام بىر جاۋابىنى تاپالمايۋاتىمەن. بەلكىم قىز -يىگىتلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆز بولىشى مۇمكىن،  بىراق...بىراق سىزمۇ بىلىسىز ئەكبەر، مەن خاتىرەمنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە خىلى كۆپ ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقىمنى قوشۇپ يوقۇتۇپتىمەن. قىز-يىەىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇ خىل ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان مۈكەممەل ئاتالغۇ ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ سۆز تىلىمنىڭ ئۇچىدا ،لېكىن قەلبىمدە تولىمۇ غۇۋا...كۆپ يېراقتا .سىز بىلسىڭىز ئېيىتىپ بېرەمسىز ؟ پەرھاتتمۇ ئۇقمايدىكەن.
دىلىم خالئاينىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر تاۋۇشنىڭ بىسىمىدا كالتەك تەگكەن ماشىنا ئەينىكىدەك پارە-پارە سۇندى.ئەجىبا، ئەجىبا مېنىڭ خالئايدىن كۈتكەن كۈنۈم شۇمۇ ؟ خالئاينىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىماقچى بولغان ئۈمىد سۆزلىرىم مۇشۇمۇ ؟ ئۇ دوختۇرخانىغا كىرگەن مىنۇتتىن تارتىپ تاكى بۇ دەقىقىغىچە ئۇنىڭغا «خالئاي، سېنى ياخشى كۆرىمەن»دېيىشمۇ نىسىپ بولماپتۇ. تەقدى نېمانچە ئاچچىق چاقچاق قىلىدىغاندۇ ماڭا.بوپتۇ. ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەي...
__ سۆيگۈ. قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى ئۇخىل نازۇك سىزىمنى بىزئىنسانلار سۆيگۈ دەپ ئاتايمىز. تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ ئىېيتساق، پەرھات بىلەن سىزنى ئاشىق-مەشۇق دەپ ئاتايمىز.
__ ئۇنداقتا خالئاي بىلەن ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز ئاشىق، قايسىمىز مەشۇق دەپ ئاتىلىمىز ئاداش، بىر دەپ بېرە !
مەن پەرھاتقا بۇ نۆۋەت ئازاب ئىلكىدە قارىدىم.
__ ئەتىلا ساڭا شېئىر توپلىمى ئەكىلىپ بېرەي. جاۋابىنى شۇ كىتابلاردىن ئۆزۈڭ تاپ.
سۆزۈم سەل قوپال تەلەپپۇزدا چىقىپ كېتىپ قالغاندەك ئىدى.
__ ئەكبەر، چىرايىڭىز بىردىنلا سولغۇن بولۇپ قالدىغۇ؟ سۆزلىرىمىزدە خاتا كەتكەن يېرى بارمۇ -يە؟
__ ياقەي، سىلەرنىڭ بۇ خۇشخەۋررىڭلارنى ئاڭلاپ ،تۇيۇقسىز قىز دوستۇم ئىسىمگە كېلىپ قالدى.
__ نېمە؟ سىنىڭمۇ قىز دوستۇڭ بارمۇ ؟ ۋاھ، نېمىنداق ياخشى. بىر كۈنى بىرگە ئېلىپ كېلە ئاداش، بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى خالىمامسەن -يە ؟
__ ئۇ ھازىر قېشىمدا ئەمەس.
__ ئەمىسە نەدە ؟ ئىزدەپ بارمىدىڭىزما ؟
__ ئۇ تولىمۇ يىراقتا. نەدىلىكىنى ئۇقمايمەن.
ئىچىمگە قاتتىق بىرنى ئۇھ تارتتىم-دە ،دېرىزە تەرەپكە كۆز تاشلاپ،ئېگىز بىر بىناغا نەزەر سالدىم.
__ئەمدى ئۇ كەلمەيدۇ. مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ.
__ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، قزىلا دېگەن جىق، يەنە جۈپ تېپىلىپ قالار .
__ ياق، مېنىڭچە كۈتۈڭ . ئۇنى ساقلاپ بېقىڭ ئەكبەر.
__ ئۈمۈدۈم يوق. بولدىلا، ئۆزۈمنىڭ ئازابىنى سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلارغا ئارىلاشتۇرىۋەتكۈم يوق. ئوبدان ئۆتۈڭلار. مەن قايتاي. يەنە كۆرىشەرمىز .
__ ئاداش، كىتابنى...
__ خاتىجەم بول ئاغىنە. ئەتىلا قولۇڭغا تېگىدۇ.
دەرھال ئىشىك تەەپكە بۇرۇلدۇمدە-ئوڭ پۇتۇمنى يۆتكىشىم بىلەن تەڭ خالئاي پىشىمدىن تارتتى.
__ ئەكبەر، پەرھات بىلەن مېنىڭ ھېكايەمنىڭ ئاخىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ئاندىن ماڭسىڭزچۇ ؟!
خالئاينىڭ كۆزلىرىدە ماڭا نىسبەتەن تەلمۈرۈش ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى، بىرااق بۇخىل تەلمۈرۈش مەن كۈتكەن سۆيگۈ تەلمۈرىشى ئەمەس ،بەلكى ...بەلكى دوستلۇق تەلمۈرىشى ئىدى.مەن كەينىمگە ئۇنىڭغا قارىدىم-دە، ئىككى مۈرىسىدىن يىنىك تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆزلىرىگە ئويچان تىكىلدىميۇ دەرھال كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمنى قاچۇردۇم. چۈنكى پىنھان ئايرىلىدىغان چېغىمدا يىغلاپ سالماي دېدىم.
__ ھېكايەڭلارنىڭ ئاخىرىنى پەرھات سىزگە سۆزلەپ بەرسۇن،دوستۇم خالئاي. بەلكىم ئۇ ماڭا ئوخشاشلا كەچمىش خاتىرىسىنى يوقاتقان تۇرسا، قانداق سۆزلەپ بېرەلەيدۇ،دېيىشىڭىز مۇمكىن. بىراق ئۇ چوقۇم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. مەندىنمۇ ياخشى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. مېنى ھېكايە ئېيتىشقا قىستىماڭ! ئىككىڭلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا ئەمدى مەن باش پىرسۇناژ بولالمايمەن. ئەمدى ئىككىڭلاردىن زادى قايسىڭلارنىڭ باش پىرسۇناژ بولۇش ئويىغا كەلسەك، مېنىڭچە پەرھات ئەڭ ياخشى نامزات بولالايدۇ. چۈنكى ئۇ جىگىرى بار ئوغۇل بالىدەك قىلىدۇ.مەندىنمۇ يامان ئىكەن ئەمەسمۇ.
__ قانداق دەيسىز ؟!
__ مەن بىجىرىم تۇرۇپ ، ئەركىن تۇرۇپ خاتىرەمنى يوقاتمىغان تۇرۇپ ئەقىدەمنى سۆيگەن قىزىمغا توغرا ئىپادە قىلالماپتىمەن.ئۇنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت گۈلى تېرەلمەپتىمەن. بىراق پەرھات سۆيگەن قىزىغا كېسەل كارۋىتىدا تۇرۇپمۇ ساداقىتىنى شۇنچە بىمالال بىلدۈرەلىپتۇ. ئۇنىڭغا قايىلمەن. تاپشۇرۇقلىرىم باتتى، كۆپ گەپكە تۇتمىساڭلار...مەن قايتاي دوستلىرىم ! ئەتە كۆرىشەيلى!
ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ ھىجران بىلەن ياتاقتىن يېنىپ چىقتىم.سىلەرچە،مەن خالئاينى پەرھاتقا تارتقۇزۇپ قويدۇم شۇنداقمۇ؟ بايا خالئاي پەرھات بولغان كۆڭۈل ئىشى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچقاندىلا جۈرئەتلىك بولۇپ، :«توختاپ تۇرۇڭ خالئاي، بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلىمۇ مەۋجۇت، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن.سىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قېشىڭىزدىن كەتمەي تۇرۇشۇم دوستلۇقىمىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، سۆيگۈمىز ئۈچۈن ئىدى.سىز ماشىنىغا سوقۇلۇشتىن بىر مىنۇت ئىلگىرى مېنى سۆيەتتىڭز. مەن سىزنىڭ يېگىتىڭز ئىدىم...»دېگەن گەپلەر نېمىشقا ئېغىزىمدىن چىقمايدۇ؟ ھەي...ئۇتتۇرۋەتتىم.سۆيگۈنۈمنى قاراپ تۇرۇپ ئۇتتۇرۋەتتىم.مەن ئوغۇل بالا،ئەركەك ئەمەس.مەن...ياق، مەن ئۆزۈمنى ئەيىبلىگىنىم توغرا بولماي قالدى. ئەسلى ئىككىمىزنىڭ ئىشنى ئاشكارىلىسام دېگۈچىلىكىم بار ئىدى، بىراق كۆڭلۈڭىزگە باقتىم خالئاي. ئىككى تاش ئارىسىدا قىسىپ قويماي دېدىم. قايسى بىر ئاۋازلىق ئەسەردىن «ۋاز كېچىشمۇ بىرخىل مۇھەببەت»دەپ غىل-پال ئاڭلاپ قالغىنىم ئېسىمگە كەلدى.بىلىمەن ،مەن ...مەن سىزدىن بۇنچە تېز ۋاز كېچەلمەيمەن، بىراق سىزگە ھەممە ئىش ئايدىڭ بولغۇچە بىر مەزگىل چىكىنىپ تۇرۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ۋاقىت ھەم سەۋر كېرەك. بۇنى ئاللاھدىن تىلەيمەن، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھدىن.بەلىكىم ،تەقدىر سىناقلىرى مېنى تولا قىيناپ بەرداشلىق بېرەلمەي قىلىشممۇ مۇمكىن.ناۋادا شۇنداق ھىجران پەيتلىرى قىستاپ كېلىپ قالسا باشقا بىر قىزنى ئوخشۇتۇپ سىزنى سۆيگەندەك سۆيەلمىسەممۇ، تولدۇرۇپ مېھىر بېرەلمىسەممۇ ئىشقىلىپ ئۇنى ئازابلىمايمەن.ئەقىدىسىنى ئاسراپ، جەزمەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادىكى تېرىكچىلىك يولىغا قەدەم قويغان ھەرقاندىن بىر ئەركەك تۇپراققا بالدۇر يەم بولمىسىلا ،بۇ قەدەملرىگە يانداش ئۇلىشىپ كېلىدىغان تۇرمۇش كۆۋرۈكىدۇر. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەن چىدايمەن خالئاي، مەن چىدايمەن. گەرچە بۇ ئىسيانلىرىمنى سىزگە يۈزتۈرانە دېيەلمىگەن بولساممۇ، مۆجىزاتلىق كەڭرى ئالەمگە قەلبىمىڭ ئاۋاسىز ياڭراتقۇلىرى بىلەن سەممىي ئۇچۇر قىلىپ يوللىيالىدىم.ھامىنى بۇ سۆزلىرىمنىڭ سىزگە يېتىپ بېرىشىغا شەكسىز ئىشىنىمەن خالئاي. چۈنكى ئاللاھ بار.ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. مەن ئەمدى ئىككىڭلارنىڭ رول ئالىدىغان سەھنىسىدىن چۈشۈپ كېتەي. ھاياتتا ئوينىغان دېراماڭلارنىڭ غەلبىلىك داۋاملشىپ نەچچە قېتىم ئالقىش سادالار ياڭرىشى ياكى يېرىم يولدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىپ زالدا ئورۇندۇقلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قىلىىشى سىلەرگە قالدى.مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ياشاش چەمبىرىكىم دائىرىسىدىكى ئويۇنخانىدا ياكى كىنوخانامدا رولۇمنى جارى قىلدۇرىشىم كېرەك.دېمەكچىمەنكى،ھاياتتىكى بۇ خىل ئازابتىن ئانچە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەيمەن.


ھىجران كوچىسىنىڭ 6-قىسمى تۈگىدى  

2014-يىلى 01-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە كەچ)



ھىجران كوچىسى

7-قىسىم

مۇھەممەدجان ئابلەت ياۋاكۆز

  مەن شۇلارنى ئويلىدىم - دە، كۆزۈمدە ياش مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كارۋىتىمدا دۈم يېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم. ئەتىسى مەكتەپ يېنىدىكى كىتاب يايمىسىدىن بىر نەچچە توم شېئىرىي كىتاب سېتىۋالدىم، تاماق كارتامغا مەكتەپ ئىىچىىدىكى چوڭ تاللا بازاىرىدىن قەلەم - دەپتەر سېتىۋالدىم. بۇلارنى چىرايلىق زىننەتلەپ نەپىس بىر سوۋغات خالتىسىغا سالدىم -دە، چۈشلەرگە يېقىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدىم. كېسەلخانا ئشىكىنى چېكىشتىن بۇرۇن :«خالئايدىن ئايرىلىدىغان دەقىقەم يېتىپ كەلدى...ھەي...قىسمەتلىرىم» دېدىم ئىچىمدە مىسكىن پىچىرلاپ.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۇلار قېشىغا كۈلۈپ كىردىم. قانداقتۇر تۇنجى بولۇپ قارىغىنىم خالئاي بولدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەكبەر خۇش كەپسىز !
ئۇنىڭ «خۇش كەپسىز» دېگەن گېپى بىر تۇرۇپ مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكى يات كىشىلەرگە ئېيتىدىغان مۇبارەك سۆزىدەك قەلبىمگە تولىمۇ سوغۇق بىلىندى. ئارقىدىن ئەكبەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم.
— كېلە ئاداش، يېنىمدا ئولتۇر.
پەرھات ياتقان يېرىدىن سەل ئۆرە بولۇپ، پۇتىنى يىغىپ، يېنىدىن ئورۇن سۇندى.
— رەھمەت ئاداش، ئولتۇرساممۇ بولىدۇ، بىراق ئاخشام مۇئەللىم سىنىپنىڭ ئىشى توغرۇلۇق بىر چوڭ ۋەزىپە تاپشۇرغانىدى، جۈمە كۈنىگىچە ئورۇنداپ بولىسە دەيدۇ، شۇڭا قېشىڭلارغا ئالدىراشلا كېلىپ قالدىم، كەچۈرىسىلە. پەرھات، خالئايغا يائىشى قارىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. خالئاي، پەرھاتنى قەدىرلەپ ئۆتۈڭ. مەن كەتتىم!
ئۇزاق تۇرسام كۆزۈمدىن ياش ئېقىپ كېتىدىغاندەك، شۇڭا ئارقامغا بۇرۇلۇپلا تېز تېز چامداپ ياتاقتىن غايىب بولدۇم.
— ھەي...ئاداش توختا!
— ئەكبەر، ئەكبەر ! ئەك...

*                   *                 *

باش پىرسوناژ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاساسىي رولچىمىز يىراقلارغا كېتىپ قالدى. قىنى ئېيتىڭچۇ، ئەمدى باش رولنى كىم ئالسا بولار؟ خالئاي؟ پەرھات؟ ۋە ياكى رومانتىك كەچمىش مۇشۇ يەردە ئاياغلاشسۇنمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالنى تورداشلىرىم قەلبىگە تاشلىسام بۇ ئۈچ سوئالغا تولۇق جاۋاب چىقىدۇ. بىراق مەن:« پەرھاتمۇ باش رول ئېلىپ باقسۇن» دېگەن جاۋابقا ئاۋاز قوشتۇم. شۇڭلاشقا ئەسەر ھەجمىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن زېرىككەنلەر مۇشۇ يەردىلا ۋاز كېچىپ باشقا ھېكايە ئاڭلىساڭلار كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقىدىغان دوستلىرىم داۋاملىق ھېجران كوچىسىغا مەرھەمەت!
— خالئاي؟
— ئوۋ!
— ئەكبەرنىڭ كۆڭلى تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ - ھە ؟
— ئولتۇرمايلا چىقىپ كەتكىنىگە شۇنداق دەۋاتىسەن ھەقاچان. ۋاي تاڭ، ئىشقىلىپ بىر سەۋەبى باردۇ.
— ئۇ دوستلۇققا ئەزىيدىكەن جۇمۇ! شۇنچە ئالدىراش ئىشىنى قويۇپ ۋەدىسى بىلەن كىتاب ئەكەپتۇ. ھەي، كىتاب سەن تەرەپكە يېقىنكەن، ماڭا بىر ئۇزىتە ، ۋاراقلاپ باقاي.
— ۋاراقلىغان بىلەن ئوقۇيالىسا ھېساب جۇمۇ خى...خى...خى...
— كىمنى مازاق قىۋاتىسە؟ سەن بەك ئوقۇيالايدىغان موللا بولغاندىكىن، كىتابنى ئېلىپ قېشىمغا ئەكېلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشنى ئۈگىتە ئەمىسە.
— ۋويت كۆك پاختەك، شاگېرت ئۇستازنى ئىزدەمدۇ ياكى ئۇستاز شاگېرتنى ئىزدەمدۇ؟
— ئوخخو خان ، گېپىڭچە سېنى ئۇستاز تۇتىدىكەنمەندە؟
— شۇنداق بوممايچۇ !
ئۇ مۆرىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ كۆز قىستى.
— ھەي، سەت شۇمتىكىم، مەن باغۇ ناۋادا خەت ئوقۇشنى ئۈگىنىشكە راۋرۇس نىيەت قىلىپ قالىدىغان بولسام ساڭا تەلمۈرۈپ ىوشنا ياتاقلاردىكى پىقشقەدەم داڭدارلاردىن سوراپ يۈرۈپ بىردەمدىلا مەقسىتىمگە يېتىۋالالايمەن. بىر ياتاقتىكەنمىز دەپ ئەتىۋارلاپ قويسام...
— ۋاھ، مۇنداق دېگىن، ئەمىسە ئىشىك ئوچۇق، داڭدارلىرىنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۈگەن.
— ئەمىسە قولتۇقۇمدىن يۆلەپ شۇلار قېشىغا ئېلىپ چىق.
— سەن بەك يامانتىڭغۇ، ئۆزۈڭ چىق.
— ماۋۇ گېپىڭ راست -ھە! ئەمدى يېنىۋالما.
— ھا... ھا...ھا... ھەي قوزغالما، ئەتەي قېقىتىپ قويدۇم تاتلىق. ساڭا خەتنى ئوقۇشنى ، يېزىشنى ئۆزۈم ئۆگىتمەن.
— ئەمدى بىر خالئايغا ئوخشۇدۇڭ. كەل جانىم، يېنىمغا كەل!
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتورۇپ، بايام ئەكبەر ئېلىپ كەلگەن خالتىنىڭ ئېغىزىنى يەشتى.
— نېمانچە چىرايلىق خالتا بۇ. ئىچىدىكى كىتابلار تېخىمۇ ئېسىل بولۇشى مۇمكىن، بىر قاراپ باقايچۇ. «ئاشىق رىۋايىتى»، «بارسا كەلمەس يول»، «كومزەك كۆتۈرگەن قىز»، يەنە «مۇقام خۇمارى»، ماۋۇ «ئۆلۈم رەزىل ئەمەس» دېگەن كىتابكەن، يېڭى چىقىپتۇدە، ئەڭ تېگىدە يەنە بىر كىتاب بار ئىكەن، قايسى كىتاب بولغىيتتى بۇ؟ «گىتەنجالىدىن پارچىلار» دەيدۇ. ئاپتورىغا بىر قارايچۇ، تاگورنىڭ ئەسىرىكەن.
— ۋاھ، ھەممىسى دېگۈدەك شېئىرىي كىتابلار ئىكەنغۇ -ھە ؟
— ھەئە، ئەكبەر كۈتكەن يېرىڭدىن چىقىپتۇ جۇمۇ!
— باياممۇ دېدىمغۇ، ئۇ دوستلۇققا يارايدىغان ئاداشتى. ئەپسۇس، كەتتىدە.
— ۋاي - ۋۇي ئەجەب تولا دېدىڭ مۇشۇ گەپنى، كەتسە گۆرگە كەتمىدى، يېنىمىزدىن كەتتى.
خالئاي قولىنى سىلكىشلەپ بارماقلىرى ئارىسىغا چىرماشقان خالتىدىن پاراس - پۇرۇس ئاۋاز چىقىرىۋەتتى.
— نېمىشقا ئەكبەرنىڭ گېپىنى چىقارسام زەردە بولۇپ پۇقۇسلاپ كېتىسەن؟ ئەجىبا ئاراڭلاردا بىرەر ئىش بارما؟
— يوق گەپنى قىلمىغىنا، بىر ئاچچىقىمنى مىڭ قىلىپ. ئارىمىزدا نېمىش يۈ بەرمەكچىتى، يۈ بەرسىمۇ مەن دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولغىيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچمىشىم ئېسىمدە يوق. مېنىڭ ئويلىغىنىم پەقەت شۇ ئىككىمىزنىڭ دۇنياسىدا ئىككىمىزلا ياشايلى، باشقىلار سايە تاشلىمىسۇنكەن دەيمەن پەرھات.
— خى...خى... سەل شەخسىيەتچى بولۇپ قالدىڭمۇ - قانداق؟
— شەخسىيەتچى دېگەن سۆزنى تېخىمۇ كىتابىلاشتۇرساق مۇتىئەسسىپ دەيمىز.
— ئەىسە سەن مۇئەسسىپ بوپ قاپسەن.
— مۇئەسسىپ ئەمەس، مۇتىئەسسىپ، ساراڭ.
— ساراڭ دېمىگىنا ، سەن قانچىلىك ئوڭتىڭ. بىر قائىدە سۆزلەپ بېرەي ھە ، ئاڭلا، خالئاينىڭ پەرھات بىلەن تەڭ دوختۇرخاندىن ئىبارەت بۇ كېسەل داۋالايدىغان ئورۇنغا كىرىپ قىلىشى شۇنىڭدىن ئىشارەت بېرىدۇكى، خالئاينىمۇ ئانچە ئوڭ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىراق خالئاينىڭ پەرھاتقا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇپ قالغانلىقى بارا - بارا ئۇنىڭ ساراڭلقىنىڭ ئوڭشىلىۋاتقانلىقىغا دەلىلدۇر. سوت تامام، قانۇن مۇقەددەستۇر، ھۆكۈم ھازىردىن باشلپ كۈچكە ئىگە. ھا... ھا... ھا...
— ئۇ سېنىڭ ئاقماس قائىدە - قانۇنلىرىڭنىڭ مېنى ئېقىتىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، چوڭ ئۆستەڭدە راۋان ئېقىۋاتقان ئۆركەشلىك سۇلارنى بوز ئېتىزغىمۇ باشلىيالمايدۇ.
— خەپ مۇشۇ گېپىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ دوختۇرخاندىن چىققان كۈنۈمنىڭ ئەتىسىەىلا يېزىغا چۈشۈپ سايلامغا قاتنىشىپ ئەترەت باشلىقى بولىمەن.
— نېمىشقا؟
— بوز ئېتىزغا سۇ باشلاش ئۈچۈن.
— زادى  ئوڭ ئەمەسقۇ سەن.
ئۇ كۆكى ئاجرىمىغان ياڭاقچىلىك مۇشتلىرى بىلەن مۆرەمگە، بىلىكىمە يېنىك - يېنىك مۇشت ئاتاتتى.
— ۋوي قارا، ئەكبەرنىڭ كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن جۇمۇ، ئۇ سېنى ئاسانراق ساۋاتى چىقسۇن دەپ، ئېلىپبە جەدۋېلىمۇ قوشۇپ ئەكەپتۇ.
ئۇ يوغان رەسىم بىلەن ھەرپ ماسلاشتۇرۇلغان بىر ۋاراقچىنىڭ قېتىنى ئاچتى.
— مەن بۇ ئېلىپبە جەدۋېلىنى كۆرۈپ باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋاقتىمغا قايتسامكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
— مەن ئويلايمەن، بالدۇرراق ئوقۇشنى، يېزىشنى ئۈگىنىپ ئەسلىمنى تاپسامكەن دەيمەن.
— ئەمىسە ئارزۇيۇڭ بويىچە ئىش باشلىۋىتەيلى!
— ماقۇل، قەلەم!
— مانا.
— دەپتۇرچۇ؟
— ۋاي مانا. بالاغا قالدىممۇ نېمە، ھەممە ئىشقا مېنىلا بۇيرىغان.
— خاپومما چىرايلىقىم، يەر دەسسىگۈدەك بولغاندا قاچ - قۇچىلىرىمغىچە ساڭا ئىتتىرىپ قويماي ئۆزۈم يۇيىمەن.
سۆزۈمدىن ئۇ سەل خىجالەت تارتتى بولغاي، مەڭزلىرى قىزغۇچ دېرىزە پەردىسىدىن رەڭ ئالدى.
— ئۇ مېنىڭ چاقچاقلىرىم ئىدىم پەرھات، كۆڭلۈڭگە ئالمىغىنە! كېلە تىل ئۈگىنىشنى باشلىدۇق ئەمىسە. ئالدى بىلەن سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن 24 ئۈزۈك تاۋۇشقا كۆچىمىز.
ئەكبەرنىڭ «سېنىڭ شېئىرىيەتتە تالانتىڭ بار ئىكەن» دەپ قويغان بىر جۈملە سۆنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر ئاماللار بىلەن  بىردەمدە ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلىدىم. ئەمدى يالتىيىشقا باھانەم يوق. خالئاينىڭ ئەستايىدىل تەربىيىلىشى بىلەن ھەپتە ئىچىدە ئۇنتۇپ كەتكەن ئانا تىلىمدىن ئىككىنچى رەت ئوڭۇشلۇش ساۋاتىمنى چىقىرىۋالدىم. ئەكبەر يادىكار قالدۇرغان شېئىر توپلاملىرىنى شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كەتتىمكى، گاھىدا ئۆز - ئۆزۈمنى شائىرلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىسيانكار ياشلاردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىشلىرىدىن گاھىدا خالئايمۇ ئېغىزىنى ئېچىپلا قالاتتى. يەنە شۇ قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولالايدىغان گۈزىلىمنى كىتابخانىغا ئەۋەتىپ، شېئىرىيەت نەزىرىيەلىرىغا ئائىت، شۇنداقلا شېئىرغا ئائىت بىر نەچچە كىتاب ئەكەلدۈرۈپ كېچە - كېچىلەپ كىتابغا خۇمار بولدۇم. بۇ سەۋدايىلارچە قىلىقىمدىن بەزىدە خالئاي زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ قالاتتى.
— ھەي، كىتابپۇرۇش ئەپەندى!
— ھە، جاھاندىن بىخەۋەر خانىش، نېمە بولدى؟
— كىتاب ساڭا مەندىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى مۇشۇ كۈنلەردە - ھە؟ ئەكبەر شۇنچىكى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ماختاپ قويسا شۇنچىۋالامۇ ئۇچۇپ كەتكەن بارمۇ؟
— كىتاب ئوقۇغۇنىمغا ئىچىڭ قىزىرىۋاتامدا؟ ۋايساشنىڭ ئورنىدا قوللاپ قويساڭ بىرى سېنى يىگىتىڭگە چاپان ياپتىڭ دەپ دېرىزىدىن سەكرەپ كىرىپ بوغۇۋېتەرمىدى؟ ئىلھام كەلگەندە يېزىش كېرەك، ئىلھام كەلگەندە ئوقۇش كېرەك، ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش كېرەك.
— ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش دېگەن نېمە گەپ ئۇ؟ خوشۇڭ كەلگەندە پۈۋلەپ، مەرىڭ قايتقاندا بىر بۇلۇڭدا تاشلاپ قويىدىغان لاتا قونچۇقۇڭمۇ مەن سېنىڭ؟
— سەن بۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ، چۈشەندۈرۈشۈمنى قۇلاق سالغىن، ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش دېگىنىمىز قارا، خالىسا چاھارباغقا باشلاپ كىرىپ، خالىسا سەھرايى كەبىر چۆلىگە تاشلىۋېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە كۆزۈم كىتابتا، قەلەم قولۇمدا تۇرسىمۇ ھەراقىت سېنى يادىمدىن چىقارمىدىم. بىې ئىشنى ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قىلىۋاتقاندا يەنە بىر ئىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىمەن دېسەڭ كۆڭلۈڭ ئىككىگە ئاجراپ كېتىپ، ھېچقايسىسى ئەپلەشمەي قالىدىكەن. مەن نەچچە كۈندىن بۇيان كىتابقىلا باش چۆكۈردۈم، سەن بىلەن كارىم بولمىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىڭ ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سەن بىلەن بەكلا كارىم بار. قارا، بىر پارچە شېئىر پۈتتۈم، شېئىر ئىچىدە سەن بار تاتلىق گۈلۈم. قىنى كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن بۇ كۆڭۈل!
— شېئىر پۈتتۈم دېدىڭما؟ مۇنداق قىلە ئوقۇپ باقاي!
ئۇنىڭ قاپىقى بىردىنلا يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك ئېچىلدى - دە، كارۋىتىدىن توشقاندەك سەكرەپ كېلىپ قولۇمدىكى قەغەزگە ئېسىلدى.
— سەن ئۇستازىم بولغاندىكىن، بۇ نۆۋەت جىم تۇرۇپ شاگىرتىڭنىڭ قانچىلىك ماھارەتكە ئىگە ئىكىنلىكىنى باھالاپ باق. ئۆزۈم ئوقۇيمەن.
— قىنى مەرھەمەت!

ئەسسالام ئاي كەبى ئوماق گۈزىلىم،    ئەقىدە كۆزىدىن ئېچىلدۇرۇپ گۈل،
مېھىردە  قايتىدىن ئۆستۈردۈڭ مېنى.     زېمىننىڭ كۆكسىگە قاداپ باقايلى.  
قەلبىمدىن سوراقسىز چىقىراي بىر سۆز،   ساداقەت بابىدا يار - يۆلەك بولۇپ،
سۆيىمەن ئىھ، گۈلۈم، سۆيىمەن سېنى.   سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ ياشاپ باقايلى!

بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن،       ئېيتقىنىم بىردەملىك ھاياجان ئەمەس.
بۇرۇنمۇ كۆرۈشكەن بولغۇيتتۇق بەلكىم.  سۆزۈمنى سەمىمىي چۈشەنسەڭ دەيمەن.
دىللارنىڭ باغرىغا تۇتاشقان ئوتنى،    كۈن - كۈنلەپ شېئىرغا چۆككىنىم بىلەن،
تېخىمۇ ئۇلغايتىپ بەرگۈسى رەببىم.   ئىچىمدە ئىھ، گۈلۈم غېمىڭنى يەيمەن.
شېئىرنىڭ ئاخىرقى كۇپلىتىنى ناھايىتى ئۇرغۇلۇق ئاھاڭدا چۈشۈردۈم. باياتىن بىرى بىر قولۇمنىڭ ئاۋازىمغا ئەگىشىپ گارمونىك ھەرىكەتكە كېلىپ كەتكىنى ئەمدى ئويلاپ يەتتىم. قارىغغاندا «شېئىر» دېگەن خۇمپەرنى زادى بوش چاغلىغىلى بولمىغۇدەك.
— بۇ سەنما؟
— كى...كىمنى دەيسەن؟
— كەمتەرلىك قىممىيە بولدى، سېنى دەۋاتىمەن شۇ.
— مەن شۇغۇ. ھە، ماڭا نېم بوپتۇ؟ ئاھاڭدىن قىيىپ كەتكەن ياكى شېئىردا خاتا كەتكەن جايلار بار ئوخشىمامدۇ؟ بولسا يۈزۈمگە كېلىپ دەۋەرگىن جۇمۇ! مەن تەنقىدنى كۆپرەك قوبۇل كۆرگۈچىلەر تپىغا مەنسۇپ.
— ھە، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە كۆڭلۈڭگە ئالما، شېئىردىمۇ، ئاۋازىڭدىمۇ خاتالىق كۆرۈلدى. مۇشۇنداقمۇ قاملاشمىغان شېئىر يازامدۇ. ئاۋازىڭنىڭ گاچا قاغىدەك قاقىلدىشىچۇ تېخى...تاس قالدى بوينۇڭنىڭ تېتان تومۇرى ئۈزۈلۈپ كەتكىلى. خى...خى...خى... دېسەم ئىشەنمە، بۇ شېئىرىڭنى ئاڭلىغان تۇنجى كىشى سېنىڭ بۇ شېئىرڭنىڭ تۇنجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. سەن بۇرۇنمۇ شېئىر يېزىپ بېقىپتىكەنسەن شۇنداقمۇ؟
— بۇنى مەندىن سورىساڭ مەن كىمدىن سورايمەن. شېئىرىم بىلەن مېنى كۆككە ئۇچۇرۋەتتىڭ. ماۋۇ شېئىر توپلاملىرىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇيدىغان بولساڭ، مېنىڭ شېئىرىمنى كۆرۈپ راستىنلا «ھالىڭ شۇنچىلىكتى سېنىڭ» دەپ قالىسەن. ئاڭلا - ھە!
كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،
ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.
ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.
ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.
تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.
كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.
ھەقىقىي شېئىر دېگەن مانا مۇنداق بولىدىكەن. بۇ شېئىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ مالتىلاپ باقساڭ، ئىنسان قەلبىدە بولۇشقا تېگىشلىك جىمى پەزىلەتلەر تېپىلىدىكەن. «ئاھىم» سۆزىنىڭ ھەر قېتىم تەكرارلىنىشىدا ئايرىم - ئايرىم مەنا بار دېگىنە. «سۆيگۈ»، «ۋىجدان»، «غۇرۇر»، «ھەسرەت»، «نەپرەت»، «پاراسەت» ئىچىدە لىپلىق يۇشۇرۇنۇپ ياتقان.
— مەن ساڭا ئىلھام بولسۇنمىكىن دەپ يازغان شېئىرىڭغا مەدەت بىرىۋاتسام، سەن ماڭا شېئىردىن دەرس سۆزلەپ يۈرۈيسەنغۇ. ئالدىرما، مەشىق قىلساڭ سەنمۇ بىر كۈنى بايراقدار شېئىرلارنى يازالايدىغان كاتتا شائىرلاردىن بولالايسەن.
— بىر كۈنى دېگەن نېمە گەپ ئۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۇزاققا قالماي» دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ئالماشتۇۇرپ ئىشلىتەيلىچۇ!
— ئەلۋەتتە بولىدۇ. سېنى قوللايمەن ئاشىقىم.
ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلدى - دە، مۆرەمگە بېشىنى قويدى.
— پەرھات؟
— ئوۋ! قۇلىقىم سەندە گۈلۈم.
— سەن يازغان بايامقى شېئىردىكى «بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، بۇرۇنمۇ كۆرۈشكەن بولغۇيتتۇق بەلكىم» دېگەن مىسرالارنى قايتا - قايتا ئويلاپ قىلىۋاتىمەن. سەن دەپ باقە، بىز ئىلگىرى كۆرۈشۈپ باققان بولغۇيتتۇقمۇ؟
— خى... يوق گەپنى قىلمىغىنا.
— مۇنازىرەمگە سەمىمىي سۆز قاتساڭچۇ جېنىم.
— راستىمنى ئېيتسام ئۇ سوئالىڭغا «بەلكىم» دەپ جاۋاب قايتۇرىمەن.
— دېمەك... دېمەك سەنمۇ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايسەن شۇنداقمۇ؟
— توغرا دەيسەن. مەن باشقا يېرىدىن گۇمان قىلمايمەن، ئەكبەر ئۆتكەندە ئىككىمىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەندە سەن بىلەن مېنىڭ بىر كۈندە، بىر سائەتتە، بىر دوقمۇشتا ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇققىنىمزىنى ئېيتقاندىلا كۆڭلۈمگە بۇ گۇمانلار كېلىپ بولغاندى. مانا بۈگۈن ئۇ خىل ھېس تۇيغۇمنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ ساڭا تۆكتۈم. ناۋادا ئەكبەرنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولىسىلا ئككىمىزنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىپ قىلىشىمىز جەزمەنكى تاسادىپىي بولماستىن، بەلكى باغلىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ قوشۇلمىسى دېيىشكە بولىدۇ.
— دېگەنلىرىڭ مېنىڭچىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. قاراشلىرىڭدىن شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، ئەكبەرمۇ بۇ باغلىنىشنىڭ ئىچىدە.
— مەن ئۇنىڭدىن ئالىبۇرۇنلا گۇمانلىنىپ بولغان.
— قانداق دەيسەن؟
— ھېلىقى بىر چاغدا ئۇ سېنىڭ قېشىڭغا يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇپ؛« ناۋادا سىز كەتكەن بولسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن تەڭ كېتىپ قالغان بولاتتى. چۈنكى،...چۈنكى...سىز بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشتىن بۇرۇن ئىككىمىز...ئىككىمىز...» دەپ تۇرىشىغا ئاپاڭ پەيدا بولۇپ قىلىپ مېغىزلىق گەپنى ئۇ ئىچىگە يۇتىۋەتكەنىدى.
— سەن ئۇ ۋاقىتتا تېخى ھۇشۇڭنى ئانچە تاپمىغان تۇرساڭ، قانداق بولۇپ بۇ گەپلەر شۇنچە ئېنىق ئېسىڭدە قالىدۇ؟
— مەن ھۇشۇمنى تېپىپ بولغان. شۇغىنىسى ئوڭ - سولغا ئۆرۈلەلمەيتتىم شۇ. قىلشقان گەپلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى خۇددى قۇلىقىمنىڭ ئىچىگە پىچىرلاۋاتقاندەك شۇنچە زىل ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭچە ئەكبەر سېنى بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى كۆرۈپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.
— ئاساسسىز گەپ قىلما، مۇمكىن ئەمەس.
— ئالەمدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار تولىمۇ ئاز. ئەكبەر سېنى بۇرۇندىدن تارتىپ ياخشى كۆرۈپ كەلمىسە قېشىڭدا شۇنچە ئۇزاق تۇرامدۇ؟ رۇخسارىڭغا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالدىمۇ دەيلى، خاتىرىسىنى يوقاتقان، ئىستىقبالى ئاجىز بىر قىزنى شۇنچە ئاسراپ كۈتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم بىزدىن ئايرىلغان چاغدىكى چىراي ئىپادىسىنى سەنمۇ ئېنىق كۆردۈڭ، ئۇ ساڭا قىيمىشان ھالدا ئىلاجسىز «خوش» دېدى. دېگەنلىرىم ئاساسسىز ئەمەس. زېھنىڭ بىلەن قايتا ئەسلەپ باق.
— يوق گەپنى قىلما، ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىز ئۇنىڭ بىلەن خوشنىكەنمىز. كىچىكىمىزدىن تارتىپ دوستانە ئۆتۈپتىكەنمىز. ئۇنىڭ ماڭا قىيالماسلىقى سۆيگۈ ئەمەس بەلكى، ھېسداشلىق، ئۇنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنى مۇھەببەت ئەمەس بەلكى دوستلۇق.
— ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قەستەن قىينايىكەنسەن. ئېسىڭدە بولسۇن، قىز - يىگىتلەر ئارىسىدا دوستلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ھاسىل بولىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۇرۇق - تۇققانچىلىق ۋە ياكى مۇھەببەت. خىيالىڭنى رىئالىقتىن ئېلىپ قاچما. ئەمەلىيەتكە كۆپرەك ئېتىبار نەزىرىڭ بىلەن قارا گۈلۈم.
— سەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق:«مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن خالئاي، ئەكبەر قېشىغا كەت» دېمەكچىمۇ؟ سۆزۈڭ بولسا ئوچۇق ئېيتساڭ بولاتتىمۇ. نېمە گەپ يۆگەيسەن؟

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:31:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawakoz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 17:47  


7-قىسىم


  مەن شۇلارنى ئويلىدىم - دە، كۆزۈمدە ياش مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كارۋىتىمدا دۈم يېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم. ئەتىسى مەكتەپ يېنىدىكى كىتاب يايمىسىدىن بىر نەچچە توم شېئىرىي كىتاب سېتىۋالدىم، تاماق كارتامغا مەكتەپ ئىىچىىدىكى چوڭ تاللا بازاىرىدىن قەلەم - دەپتەر سېتىۋالدىم. بۇلارنى چىرايلىق زىننەتلەپ نەپىس بىر سوۋغات خالتىسىغا سالدىم -دە، چۈشلەرگە يېقىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدىم. كېسەلخانا ئشىكىنى چېكىشتىن بۇرۇن :«خالئايدىن ئايرىلىدىغان دەقىقەم يېتىپ كەلدى...ھەي...قىسمەتلىرىم» دېدىم ئىچىمدە مىسكىن پىچىرلاپ.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۇلار قېشىغا كۈلۈپ كىردىم. قانداقتۇر تۇنجى بولۇپ قارىغىنىم خالئاي بولدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەكبەر خۇش كەپسىز !
ئۇنىڭ «خۇش كەپسىز» دېگەن گېپى بىر تۇرۇپ مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكى يات كىشىلەرگە ئېيتىدىغان مۇبارەك سۆزىدەك قەلبىمگە تولىمۇ سوغۇق بىلىندى. ئارقىدىن ئەكبەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم.
— كېلە ئاداش، يېنىمدا ئولتۇر.
پەرھات ياتقان يېرىدىن سەل ئۆرە بولۇپ، پۇتىنى يىغىپ، يېنىدىن ئورۇن سۇندى.
— رەھمەت ئاداش، ئولتۇرساممۇ بولىدۇ، بىراق ئاخشام مۇئەللىم سىنىپنىڭ ئىشى توغرۇلۇق بىر چوڭ ۋەزىپە تاپشۇرغانىدى، جۈمە كۈنىگىچە ئورۇنداپ بولىسە دەيدۇ، شۇڭا قېشىڭلارغا ئالدىراشلا كېلىپ قالدىم، كەچۈرىسىلە. پەرھات، خالئايغا يائىشى قارىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. خالئاي، پەرھاتنى قەدىرلەپ ئۆتۈڭ. مەن كەتتىم!
ئۇزاق تۇرسام كۆزۈمدىن ياش ئېقىپ كېتىدىغاندەك، شۇڭا ئارقامغا بۇرۇلۇپلا تېز تېز چامداپ ياتاقتىن غايىب بولدۇم.
— ھەي...ئاداش توختا!
— ئەكبەر، ئەكبەر ! ئەك...

*                   *                 *

باش پىرسوناژ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاساسىي رولچىمىز يىراقلارغا كېتىپ قالدى. قىنى ئېيتىڭچۇ، ئەمدى باش رولنى كىم ئالسا بولار؟ خالئاي؟ پەرھات؟ ۋە ياكى رومانتىك كەچمىش مۇشۇ يەردە ئاياغلاشسۇنمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالنى تورداشلىرىم قەلبىگە تاشلىسام بۇ ئۈچ سوئالغا تولۇق جاۋاب چىقىدۇ. بىراق مەن:« پەرھاتمۇ باش رول ئېلىپ باقسۇن» دېگەن جاۋابقا ئاۋاز قوشتۇم. شۇڭلاشقا ئەسەر ھەجمىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن زېرىككەنلەر مۇشۇ يەردىلا ۋاز كېچىپ باشقا ھېكايە ئاڭلىساڭلار كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقىدىغان دوستلىرىم داۋاملىق ھېجران كوچىسىغا مەرھەمەت!
— خالئاي؟
— ئوۋ!
— ئەكبەرنىڭ كۆڭلى تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ - ھە ؟
— ئولتۇرمايلا چىقىپ كەتكىنىگە شۇنداق دەۋاتىسەن ھەقاچان. ۋاي تاڭ، ئىشقىلىپ بىر سەۋەبى باردۇ.
— ئۇ دوستلۇققا ئەزىيدىكەن جۇمۇ! شۇنچە ئالدىراش ئىشىنى قويۇپ ۋەدىسى بىلەن كىتاب ئەكەپتۇ. ھەي، كىتاب سەن تەرەپكە يېقىنكەن، ماڭا بىر ئۇزىتە ، ۋاراقلاپ باقاي.
— ۋاراقلىغان بىلەن ئوقۇيالىسا ھېساب جۇمۇ خى...خى...خى...
— كىمنى مازاق قىۋاتىسە؟ سەن بەك ئوقۇيالايدىغان موللا بولغاندىكىن، كىتابنى ئېلىپ قېشىمغا ئەكېلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشنى ئۈگىتە ئەمىسە.
— ۋويت كۆك پاختەك، شاگېرت ئۇستازنى ئىزدەمدۇ ياكى ئۇستاز شاگېرتنى ئىزدەمدۇ؟
— ئوخخو خان ، گېپىڭچە سېنى ئۇستاز تۇتىدىكەنمەندە؟
— شۇنداق بوممايچۇ !
ئۇ مۆرىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ كۆز قىستى.
— ھەي، سەت شۇمتىكىم، مەن باغۇ ناۋادا خەت ئوقۇشنى ئۈگىنىشكە راۋرۇس نىيەت قىلىپ قالىدىغان بولسام ساڭا تەلمۈرۈپ ىوشنا ياتاقلاردىكى پىقشقەدەم داڭدارلاردىن سوراپ يۈرۈپ بىردەمدىلا مەقسىتىمگە يېتىۋالالايمەن. بىر ياتاقتىكەنمىز دەپ ئەتىۋارلاپ قويسام...
— ۋاھ، مۇنداق دېگىن، ئەمىسە ئىشىك ئوچۇق، داڭدارلىرىنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۈگەن.
— ئەمىسە قولتۇقۇمدىن يۆلەپ شۇلار قېشىغا ئېلىپ چىق.
— سەن بەك يامانتىڭغۇ، ئۆزۈڭ چىق.
— ماۋۇ گېپىڭ راست -ھە! ئەمدى يېنىۋالما.
— ھا... ھا...ھا... ھەي قوزغالما، ئەتەي قېقىتىپ قويدۇم تاتلىق. ساڭا خەتنى ئوقۇشنى ، يېزىشنى ئۆزۈم ئۆگىتمەن.
— ئەمدى بىر خالئايغا ئوخشۇدۇڭ. كەل جانىم، يېنىمغا كەل!
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتورۇپ، بايام ئەكبەر ئېلىپ كەلگەن خالتىنىڭ ئېغىزىنى يەشتى.
— نېمانچە چىرايلىق خالتا بۇ. ئىچىدىكى كىتابلار تېخىمۇ ئېسىل بولۇشى مۇمكىن، بىر قاراپ باقايچۇ. «ئاشىق رىۋايىتى»، «بارسا كەلمەس يول»، «كومزەك كۆتۈرگەن قىز»، يەنە «مۇقام خۇمارى»، ماۋۇ «ئۆلۈم رەزىل ئەمەس» دېگەن كىتابكەن، يېڭى چىقىپتۇدە، ئەڭ تېگىدە يەنە بىر كىتاب بار ئىكەن، قايسى كىتاب بولغىيتتى بۇ؟ «گىتەنجالىدىن پارچىلار» دەيدۇ. ئاپتورىغا بىر قارايچۇ، تاگورنىڭ ئەسىرىكەن.
— ۋاھ، ھەممىسى دېگۈدەك شېئىرىي كىتابلار ئىكەنغۇ -ھە ؟
— ھەئە، ئەكبەر كۈتكەن يېرىڭدىن چىقىپتۇ جۇمۇ!
— باياممۇ دېدىمغۇ، ئۇ دوستلۇققا يارايدىغان ئاداشتى. ئەپسۇس، كەتتىدە.
— ۋاي - ۋۇي ئەجەب تولا دېدىڭ مۇشۇ گەپنى، كەتسە گۆرگە كەتمىدى، يېنىمىزدىن كەتتى.
خالئاي قولىنى سىلكىشلەپ بارماقلىرى ئارىسىغا چىرماشقان خالتىدىن پاراس - پۇرۇس ئاۋاز چىقىرىۋەتتى.
— نېمىشقا ئەكبەرنىڭ گېپىنى چىقارسام زەردە بولۇپ پۇقۇسلاپ كېتىسەن؟ ئەجىبا ئاراڭلاردا بىرەر ئىش بارما؟
— يوق گەپنى قىلمىغىنا، بىر ئاچچىقىمنى مىڭ قىلىپ. ئارىمىزدا نېمىش يۈ بەرمەكچىتى، يۈ بەرسىمۇ مەن دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولغىيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچمىشىم ئېسىمدە يوق. مېنىڭ ئويلىغىنىم پەقەت شۇ ئىككىمىزنىڭ دۇنياسىدا ئىككىمىزلا ياشايلى، باشقىلار سايە تاشلىمىسۇنكەن دەيمەن پەرھات.
— خى...خى... سەل شەخسىيەتچى بولۇپ قالدىڭمۇ - قانداق؟
— شەخسىيەتچى دېگەن سۆزنى تېخىمۇ كىتابىلاشتۇرساق مۇتىئەسسىپ دەيمىز.
— ئەىسە سەن مۇئەسسىپ بوپ قاپسەن.
— مۇئەسسىپ ئەمەس، مۇتىئەسسىپ، ساراڭ.
— ساراڭ دېمىگىنا ، سەن قانچىلىك ئوڭتىڭ. بىر قائىدە سۆزلەپ بېرەي ھە ، ئاڭلا، خالئاينىڭ پەرھات بىلەن تەڭ دوختۇرخاندىن ئىبارەت بۇ كېسەل داۋالايدىغان ئورۇنغا كىرىپ قىلىشى شۇنىڭدىن ئىشارەت بېرىدۇكى، خالئاينىمۇ ئانچە ئوڭ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىراق خالئاينىڭ پەرھاتقا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇپ قالغانلىقى بارا - بارا ئۇنىڭ ساراڭلقىنىڭ ئوڭشىلىۋاتقانلىقىغا دەلىلدۇر. سوت تامام، قانۇن مۇقەددەستۇر، ھۆكۈم ھازىردىن باشلپ كۈچكە ئىگە. ھا... ھا... ھا...
— ئۇ سېنىڭ ئاقماس قائىدە - قانۇنلىرىڭنىڭ مېنى ئېقىتىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، چوڭ ئۆستەڭدە راۋان ئېقىۋاتقان ئۆركەشلىك سۇلارنى بوز ئېتىزغىمۇ باشلىيالمايدۇ.
— خەپ مۇشۇ گېپىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ دوختۇرخاندىن چىققان كۈنۈمنىڭ ئەتىسىەىلا يېزىغا چۈشۈپ سايلامغا قاتنىشىپ ئەترەت باشلىقى بولىمەن.
— نېمىشقا؟
— بوز ئېتىزغا سۇ باشلاش ئۈچۈن.
— زادى  ئوڭ ئەمەسقۇ سەن.
ئۇ كۆكى ئاجرىمىغان ياڭاقچىلىك مۇشتلىرى بىلەن مۆرەمگە، بىلىكىمە يېنىك - يېنىك مۇشت ئاتاتتى.
— ۋوي قارا، ئەكبەرنىڭ كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن جۇمۇ، ئۇ سېنى ئاسانراق ساۋاتى چىقسۇن دەپ، ئېلىپبە جەدۋېلىمۇ قوشۇپ ئەكەپتۇ.
ئۇ يوغان رەسىم بىلەن ھەرپ ماسلاشتۇرۇلغان بىر ۋاراقچىنىڭ قېتىنى ئاچتى.
— مەن بۇ ئېلىپبە جەدۋېلىنى كۆرۈپ باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋاقتىمغا قايتسامكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
— مەن ئويلايمەن، بالدۇرراق ئوقۇشنى، يېزىشنى ئۈگىنىپ ئەسلىمنى تاپسامكەن دەيمەن.
— ئەمىسە ئارزۇيۇڭ بويىچە ئىش باشلىۋىتەيلى!
— ماقۇل، قەلەم!
— مانا.
— دەپتۇرچۇ؟
— ۋاي مانا. بالاغا قالدىممۇ نېمە، ھەممە ئىشقا مېنىلا بۇيرىغان.
— خاپومما چىرايلىقىم، يەر دەسسىگۈدەك بولغاندا قاچ - قۇچىلىرىمغىچە ساڭا ئىتتىرىپ قويماي ئۆزۈم يۇيىمەن.
سۆزۈمدىن ئۇ سەل خىجالەت تارتتى بولغاي، مەڭزلىرى قىزغۇچ دېرىزە پەردىسىدىن رەڭ ئالدى.
— ئۇ مېنىڭ چاقچاقلىرىم ئىدىم پەرھات، كۆڭلۈڭگە ئالمىغىنە! كېلە تىل ئۈگىنىشنى باشلىدۇق ئەمىسە. ئالدى بىلەن سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن 24 ئۈزۈك تاۋۇشقا كۆچىمىز.
ئەكبەرنىڭ «سېنىڭ شېئىرىيەتتە تالانتىڭ بار ئىكەن» دەپ قويغان بىر جۈملە سۆنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر ئاماللار بىلەن  بىردەمدە ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلىدىم. ئەمدى يالتىيىشقا باھانەم يوق. خالئاينىڭ ئەستايىدىل تەربىيىلىشى بىلەن ھەپتە ئىچىدە ئۇنتۇپ كەتكەن ئانا تىلىمدىن ئىككىنچى رەت ئوڭۇشلۇش ساۋاتىمنى چىقىرىۋالدىم. ئەكبەر يادىكار قالدۇرغان شېئىر توپلاملىرىنى شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كەتتىمكى، گاھىدا ئۆز - ئۆزۈمنى شائىرلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىسيانكار ياشلاردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىشلىرىدىن گاھىدا خالئايمۇ ئېغىزىنى ئېچىپلا قالاتتى. يەنە شۇ قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولالايدىغان گۈزىلىمنى كىتابخانىغا ئەۋەتىپ، شېئىرىيەت نەزىرىيەلىرىغا ئائىت، شۇنداقلا شېئىرغا ئائىت بىر نەچچە كىتاب ئەكەلدۈرۈپ كېچە - كېچىلەپ كىتابغا خۇمار بولدۇم. بۇ سەۋدايىلارچە قىلىقىمدىن بەزىدە خالئاي زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ قالاتتى.
— ھەي، كىتابپۇرۇش ئەپەندى!
— ھە، جاھاندىن بىخەۋەر خانىش، نېمە بولدى؟
— كىتاب ساڭا مەندىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى مۇشۇ كۈنلەردە - ھە؟ ئەكبەر شۇنچىكى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ماختاپ قويسا شۇنچىۋالامۇ ئۇچۇپ كەتكەن بارمۇ؟
— كىتاب ئوقۇغۇنىمغا ئىچىڭ قىزىرىۋاتامدا؟ ۋايساشنىڭ ئورنىدا قوللاپ قويساڭ بىرى سېنى يىگىتىڭگە چاپان ياپتىڭ دەپ دېرىزىدىن سەكرەپ كىرىپ بوغۇۋېتەرمىدى؟ ئىلھام كەلگەندە يېزىش كېرەك، ئىلھام كەلگەندە ئوقۇش كېرەك، ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش كېرەك.
— ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش دېگەن نېمە گەپ ئۇ؟ خوشۇڭ كەلگەندە پۈۋلەپ، مەرىڭ قايتقاندا بىر بۇلۇڭدا تاشلاپ قويىدىغان لاتا قونچۇقۇڭمۇ مەن سېنىڭ؟
— سەن بۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ، چۈشەندۈرۈشۈمنى قۇلاق سالغىن، ئىلھام كەلگەندە سۆيۈش دېگىنىمىز قارا، خالىسا چاھارباغقا باشلاپ كىرىپ، خالىسا سەھرايى كەبىر چۆلىگە تاشلىۋېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە كۆزۈم كىتابتا، قەلەم قولۇمدا تۇرسىمۇ ھەراقىت سېنى يادىمدىن چىقارمىدىم. بىې ئىشنى ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قىلىۋاتقاندا يەنە بىر ئىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىمەن دېسەڭ كۆڭلۈڭ ئىككىگە ئاجراپ كېتىپ، ھېچقايسىسى ئەپلەشمەي قالىدىكەن. مەن نەچچە كۈندىن بۇيان كىتابقىلا باش چۆكۈردۈم، سەن بىلەن كارىم بولمىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىڭ ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ سەن بىلەن بەكلا كارىم بار. قارا، بىر پارچە شېئىر پۈتتۈم، شېئىر ئىچىدە سەن بار تاتلىق گۈلۈم. قىنى كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن بۇ كۆڭۈل!
— شېئىر پۈتتۈم دېدىڭما؟ مۇنداق قىلە ئوقۇپ باقاي!
ئۇنىڭ قاپىقى بىردىنلا يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك ئېچىلدى - دە، كارۋىتىدىن توشقاندەك سەكرەپ كېلىپ قولۇمدىكى قەغەزگە ئېسىلدى.
— سەن ئۇستازىم بولغاندىكىن، بۇ نۆۋەت جىم تۇرۇپ شاگىرتىڭنىڭ قانچىلىك ماھارەتكە ئىگە ئىكىنلىكىنى باھالاپ باق. ئۆزۈم ئوقۇيمەن.
— قىنى مەرھەمەت!

ئەسسالام ئاي كەبى ئوماق گۈزىلىم،    ئەقىدە كۆزىدىن ئېچىلدۇرۇپ گۈل،
مېھىردە  قايتىدىن ئۆستۈردۈڭ مېنى.     زېمىننىڭ كۆكسىگە قاداپ باقايلى.  
قەلبىمدىن سوراقسىز چىقىراي بىر سۆز،   ساداقەت بابىدا يار - يۆلەك بولۇپ،
سۆيىمەن ئىھ، گۈلۈم، سۆيىمەن سېنى.   سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ ياشاپ باقايلى!

بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن،       ئېيتقىنىم بىردەملىك ھاياجان ئەمەس.
بۇرۇنمۇ كۆرۈشكەن بولغۇيتتۇق بەلكىم.  سۆزۈمنى سەمىمىي چۈشەنسەڭ دەيمەن.
دىللارنىڭ باغرىغا تۇتاشقان ئوتنى،    كۈن - كۈنلەپ شېئىرغا چۆككىنىم بىلەن،
تېخىمۇ ئۇلغايتىپ بەرگۈسى رەببىم.   ئىچىمدە ئىھ، گۈلۈم غېمىڭنى يەيمەن.
شېئىرنىڭ ئاخىرقى كۇپلىتىنى ناھايىتى ئۇرغۇلۇق ئاھاڭدا چۈشۈردۈم. باياتىن بىرى بىر قولۇمنىڭ ئاۋازىمغا ئەگىشىپ گارمونىك ھەرىكەتكە كېلىپ كەتكىنى ئەمدى ئويلاپ يەتتىم. قارىغغاندا «شېئىر» دېگەن خۇمپەرنى زادى بوش چاغلىغىلى بولمىغۇدەك.
— بۇ سەنما؟
— كى...كىمنى دەيسەن؟
— كەمتەرلىك قىممىيە بولدى، سېنى دەۋاتىمەن شۇ.
— مەن شۇغۇ. ھە، ماڭا نېم بوپتۇ؟ ئاھاڭدىن قىيىپ كەتكەن ياكى شېئىردا خاتا كەتكەن جايلار بار ئوخشىمامدۇ؟ بولسا يۈزۈمگە كېلىپ دەۋەرگىن جۇمۇ! مەن تەنقىدنى كۆپرەك قوبۇل كۆرگۈچىلەر تپىغا مەنسۇپ.
— ھە، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە كۆڭلۈڭگە ئالما، شېئىردىمۇ، ئاۋازىڭدىمۇ خاتالىق كۆرۈلدى. مۇشۇنداقمۇ قاملاشمىغان شېئىر يازامدۇ. ئاۋازىڭنىڭ گاچا قاغىدەك قاقىلدىشىچۇ تېخى...تاس قالدى بوينۇڭنىڭ تېتان تومۇرى ئۈزۈلۈپ كەتكىلى. خى...خى...خى... دېسەم ئىشەنمە، بۇ شېئىرىڭنى ئاڭلىغان تۇنجى كىشى سېنىڭ بۇ شېئىرڭنىڭ تۇنجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. سەن بۇرۇنمۇ شېئىر يېزىپ بېقىپتىكەنسەن شۇنداقمۇ؟
— بۇنى مەندىن سورىساڭ مەن كىمدىن سورايمەن. شېئىرىم بىلەن مېنى كۆككە ئۇچۇرۋەتتىڭ. ماۋۇ شېئىر توپلاملىرىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇيدىغان بولساڭ، مېنىڭ شېئىرىمنى راستىنلا «ھالىڭ شۇنچىلىكتى سېنىڭ» دەپ قالىسەن. ئاڭلا - ھە!
كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،
ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.
ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.
ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.
تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.
كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.
ھەقىقىي شېئىر دېگەن مانا مۇنداق بولىدىكەن. بۇ شېئىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ مالتىلاپ باقساڭ، ئىنسان قەلبىدە بولۇشقا تېگىشلىك جىمى پەزىلەتلەر تېپىلىدىكەن. «ئاھىم» سۆزىنىڭ ھەر قېتىم تەكرارلىنىشىدا ئايرىم - ئايرىم مەنا بار دېگىنە. «سۆيگۈ»، «ۋىجدان»، «غۇرۇر»، «ھەسرەت»، «نەپرەت»، «پاراسەت» ئىچىدە لىپلىق يۇشۇرۇنۇپ ياتقان.
— مەن ساڭا ئىلھام بولسۇنمىكىن دەپ يازغان شېئىرىڭغا مەدەت بىرىۋاتسام، سەن ماڭا شېئىردىن دەرس سۆزلەپ يۈرۈيسەنغۇ. ئالدىرما، مەشىق قىلساڭ سەنمۇ بىر كۈنى بايراقدار شېئىرلارنى يازالايدىغان كاتتا شائىرلاردىن بولالايسەن.
— بىر كۈنى دېگەن نېمە گەپ ئۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۇزاققا قالماي» دېگەن سۆز بىرىكمىسىنى ئالماشتۇۇرپ ئىشلىتەيلىچۇ!
— ئەلۋەتتە بولىدۇ. سېنى قوللايمەن ئاشىقىم.
ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلدى - دە، مۆرەمگە بېشىنى قويدى.
— پەرھات؟
— ئوۋ! قۇلىقىم سەندە گۈلۈم.
— سەن يازغان بايامقى شېئىردىكى «بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، بۇرۇنمۇ كۆرۈشكەن بولغۇيتتۇق بەلكىم» دېگەن مىسرالارنى قايتا - قايتا ئويلاپ قىلىۋاتىمەن. سەن دەپ باقە، بىز ئىلگىرى كۆرۈشۈپ باققان بولغۇيتتۇقمۇ؟
— خى... يوق گەپنى قىلمىغىنا.
— مۇنازىرەمگە سەمىمىي سۆز قاتساڭچۇ جېنىم.
— راستىمنى ئېيتسام ئۇ سوئالىڭغا «بەلكىم» دەپ جاۋاب قايتۇرىمەن.
— دېمەك... دېمەك سەنمۇ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايسەن شۇنداقمۇ؟
— توغرا دەيسەن. مەن باشقا يېرىدىن گۇمان قىلمايمەن، ئەكبەر ئۆتكەندە ئىككىمىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەندە سەن بىلەن مېنىڭ بىر كۈندە، بىر سائەتتە، بىر دوقمۇشتا ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇققىنىمزىنى ئېيتقاندىلا كۆڭلۈمگە بۇ گۇمانلار كېلىپ بولغاندى. مانا بۈگۈن ئۇ خىل ھېس تۇيغۇمنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ ساڭا تۆكتۈم. ناۋادا ئەكبەرنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولىسىلا ئككىمىزنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىپ قىلىشىمىز جەزمەنكى تاسادىپىي بولماستىن، بەلكى باغلىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ قوشۇلمىسى دېيىشكە بولىدۇ.
— دېگەنلىرىڭ مېنىڭچىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. قاراشلىرىڭدىن شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، ئەكبەرمۇ بۇ باغلىنىشنىڭ ئىچىدە.
— مەن ئۇنىڭدىن ئالىبۇرۇنلا گۇمانلىنىپ بولغان.
— قانداق دەيسەن؟
— ھېلىقى بىر چاغدا ئۇ سېنىڭ قېشىڭغا يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇپ؛« ناۋادا سىز كەتكەن بولسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن تەڭ كېتىپ قالغان بولاتتى. چۈنكى،...چۈنكى...سىز بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشتىن بۇرۇن ئىككىمىز...ئىككىمىز...» دەپ تۇرىشىغا ئاپاڭ پەيدا بولۇپ قىلىپ مېغىزلىق گەپنى ئۇ ئىچىگە يۇتىۋەتكەنىدى.
— سەن ئۇ ۋاقىتتا تېخى ھۇشۇڭنى ئانچە تاپمىغان تۇرساڭ، قانداق بولۇپ بۇ گەپلەر شۇنچە ئېنىق ئېسىڭدە قالىدۇ؟
— مەن ھۇشۇمنى تېپىپ بولغان. شۇغىنىسى ئوڭ - سولغا ئۆرۈلەلمەيتتىم شۇ. قىلشقان گەپلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى خۇددى قۇلىقىمنىڭ ئىچىگە پىچىرلاۋاتقاندەك شۇنچە زىل ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭچە ئەكبەر سېنى بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى كۆرۈپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.
— ئاساسسىز گەپ قىلما، مۇمكىن ئەمەس.
— ئالەمدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار تولىمۇ ئاز. ئەكبەر سېنى بۇرۇندىدن تارتىپ ياخشى كۆرۈپ كەلمىسە قېشىڭدا شۇنچە ئۇزاق تۇرامدۇ؟ رۇخسارىڭغا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالدىمۇ دەيلى، خاتىرىسىنى يوقاتقان، ئىستىقبالى ئاجىز بىر قىزنى شۇنچە ئاسراپ كۈتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم بىزدىن ئايرىلغان چاغدىكى چىراي ئىپادىسىنى سەنمۇ ئېنىق كۆردۈڭ، ئۇ ساڭا قىيمىشان ھالدا ئىلاجسىز «خوش» دېدى. دېگەنلىرىم ئاساسسىز ئەمەس. زېھنىڭ بىلەن قايتا ئەسلەپ باق.
— يوق گەپنى قىلما، ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىز ئۇنىڭ بىلەن خوشنىكەنمىز. كىچىكىمىزدىن تارتىپ دوستانە ئۆتۈپتىكەنمىز. ئۇنىڭ ماڭا قىيالماسلىقى سۆيگۈ ئەمەس بەلكى، ھېسداشلىق، ئۇنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنى مۇھەببەت ئەمەس بەلكى دوستلۇق.
— ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قەستەن قىينايىكەنسەن. ئېسىڭدە بولسۇن، قىز - يىگىتلەر ئارىسىدا دوستلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ھاسىل بولىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۇرۇق - تۇققانچىلىق ۋە ياكى مۇھەببەت. خىيالىڭنى رىئالىقتىن ئېلىپ قاچما. ئەمەلىيەتكە كۆپرەك ئېتىبار نەزىرىڭ بىلەن قارا گۈلۈم.
— سەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق:«سېنى ياخشى كۆرمەيمەن خالئاي، ئەكبەر قېشىغا كەت» دېمەكچىمۇ؟ سۆزۈڭ بولسا ئوچۇق ئېيتساڭ بولاتتىمۇ. نېمە گەپ يۆگەيسەن؟
— سەندىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار خالئاي، سۆزۈمنى تېگىگە يەتمەي تۇرۇپ مېنى بۇنداق تەڭقىسلىقتا قويمىساڭ قانداق؟ سېنى ئۇنىڭ قېشىغا كەت دەيدىغان نىيىتىم بولسا، ئەكبەر بار يەردىلا گەپنى ئوچۇق قىلغان بولاتتىم. ئۇ سەن بىلەن مېنىڭ ھايات قېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان چوڭ شەپقەتچىمىز. ئۇنىڭغا ئادىمگەرچىلىك قەرزىمىز بار...
— بۇلارنى دېمىسەڭمۇ بىلىمەن.
— گەپنىڭ بىلىگە تەپمەي تۇرساڭ قانداق؟
ئۇنىڭغا چىڭ - چىڭ ۋارقىرىۋەتتىم.
— بىراۋ ھەرگىز سەۋەبسىز بىراۋغا بۇنچە ياخشلىق قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى داۋالاتقۇدەك پۇلى بولمىسىمۇ سۆيگۈنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا مەيدىسىگە مۇشتلاپ قەھرىمانلىق كۆرسىتەلىگۈدەك يۈرىكى، ئوغۇل بالىغا خاس جىگىرى باكەن. بۇلارنى ئادەتتىكى كىشىلەر قىلالشى تەس.
— ناۋادا ئەكبەرنىڭ ئورنىدا سەن بوپ قالغان بولساڭ ئەكبەرچىلىك قىلالمايدىغان ئوخشىمامسەن؟
— بۇ گېپىڭ قاملاشمىدى. ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تۇتقان يولى بولىدۇ. بەلكىم مۇھىتقا قاراپ ئەكبەردىنمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنشىم مۇمكىن ئىدى.
— مەسىلەن...؟!
— مەندىن سىناق ئېلىۋاتامسەن؟ ئېغىزىمدا تېپىپ كەلسەم چارە دېگەن كۆپ. ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇقۇلۇق. ناۋادا كېيىنكى كۈنلەردە بۇ قىسمەت قايتا تەكرارلىنىپ قالسا ساڭا ئەمەلىي بىلدۈرۈپ قويارمەن -ھە؟
— نېمىنداق شۇم ئېغىز سەن. بۇ كۈلپەتلەر بىز بىلەن كەتسۇن، ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن دەپ تىلىسەڭ بىر يېرىڭ كەملەپ كېتەمدىكەن؟
— چاقچاق قىلىپ قويدۇم. بۇ كۈنلەر بىز بىلەن كەتسۇن! سەندىن بىر نەچچە ئېغىز سوئال سورىسام بولامدۇ؟
— بوممايدۇ تازا.
— نېمىشقا ئەمدى؟
— ئادەمنى ئەخمەق قىلدىغان بىمەنە سوئاللارنى سورايدىغان ساراڭنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈدەك ۋاقتىم يوق.
— ياق، مەن ئەخمىقانە سوئاللارنى سورىمايمەن. سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن گۈلۈم. باشلىدىم - ھە!
— ماقۇل سوتچى جانابلىرى، تەييارمەن.
— ۋاي ۋۇي، ئۆزۈڭنى جىنايەتچى قاتارىغا چىقىرىۋەتتىڭغۇ ئەمدى. مەن سېنى سوراققا تارتاي دېمىدىم، سېنى زە، تۇنجى سوئالىم، سەن مېنى قاچان دىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغانتىڭ؟
— بۇ سوئالنىڭ جاۋابى يوق. مۇشۇنداقمۇ سوئال بولامدۇ؟
— ئەلۋەتتە مۇشۇنداقمۇ سوئال بولىدۇ. بۇ سوئال مەندە تۇغۇلدى، بولمىسا سورامتىم؟ جىنايىتىڭنى يۇشۇرساڭ سېنى دارغا ئېسىشقا بۇيرۇيمەن جۇمۇ، تېز ئاشكارلا.
— رەزىل ئەبلەخكەنسەن. خەپ، بۇ سوئالنى مەن سورىسام، سەن جاۋاب قايتۇرساڭ توغرا بولىدۇ.
— توغرا - خاتا بىلەن كارىم يوق. بۇ سوئالغا سەنمۇ جاۋاب بېرىسەن، مەنمۇ جاۋاب بېرىمەن.
— ئەمىسە سەن بېشىدا جاۋاب بەر.
— ئۇنداق ئىش يوق، بۇ سوئالنى مەن ئويلاپ تاپقان. يەنە كېلىپ مەن بېشىدا سورىغان، شۇڭا قائىدىنى بۇزمايمىز.
— ھەي...، — ئۇ دېگىلى ئارتۇق گەپ تاپالمىدى -دە، خىجىللىق ئىلكىدە يەرگە قاراپ تۇرۇپ سۆز ئاچتى، — سېنى تاللىشىم قانداقتۇر بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشتىن كەلمىگەن.
— ئەلۋەتتە شۇندا بولىدۇدە، مەن سەندەك ناز كەرەشمىلىك بولمىسام - يە.
— ھى...ھى...ھى...
ئۇ قولىنىڭ كەينى بىلەن ئېغىزىنى تۇتىۋىلىپ تاتلىققىنە كۈلۈپ تاشلىدى.
— ئۆزۈم ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم: ماشىنىغا سوقۇلغىنىم ئاز كېلىپ، خاتىرەممۇ يوقىلىپتۇ. ئەمدى مەن ئاتا - ئانامغا يۈك بولدۇم. ئەكبەر ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلەيدىغان ئالىي مەكتىپىمدىنمۇ ئايرىلدىم. قايتا ئوقۇش پۇرسىتى كېلەرمۇ ئەمدى؟ مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ماڭا سىرداش دوستلىرىم بار بولغىيتتى - ھە؟ ئۇلارنىڭ بىرەرسى يوقلاپ كېلىپ باقمىدى بەلكىم سەۋەب - باھانىلىرى كۆپتۇ» مەن دائىم مۇشۇنداق چۈشكۈن خىياللارغا بەنت بولغان شۇ كۈنلەردە قانداقتۇر كۆزۈمگە سەن چۈشتۇڭ:« ھەي بىچارە يىگىت، سەن مېنىڭ تەقدىردىشىم. سەنمۇ، مەنمۇ بۇرۇنقى كەچمشىمىزنى بىلمەيمىز. بىراق مېنىڭ بىلگۈم بار. ئېسىمگە چۈشمەيۋاتىدۇ. سېنىڭ قىسمىتىڭ ماڭا كۆچۈپ، بۇ دەردنى مەنلا تارتىپ كەتسەمچۇ، نېمىشقا دەمسەن، ھېچنىمىنى بىلمەي تورۇسقا قاراپ ياتماق ئىنسانغا ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر تۇيۇلۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا بىرسىمىز بولساقمۇ بۇ ئازابتىن قۇتۇلساق دەيمەن. دوختۇرخانىدا دوختۇرلاردىن باشقا كىشىلەر ساق ئەمەس. دۇنيا رەھىمسىزمۇ قانداق؟ جەمئىيەتقە چىققاندىن كېيىن ئادەملەر توپىدا بىر كىشلىك ئىززىتىم ياشىيالامەنمۇ؟ ئىشەنچىم يوق. مېنىڭچە تەقدىرداشلار بىرگە ياشىىشى كېرەك» دەل مۇشۇ ئويلار بىلەن ساڭا دىققەت نەزەرىمنى چاچىدىغان بولۇپ قالدىم.
— دېمەك... دېمەك،مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭ ھېسداشلىقتىن، شەخسى كۆز قاراشلىرىڭدىن، جەمئىيەتتىكى بىر توپ ئىنسانلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن تۇغۇلدى دېگىن؟ بۇنى قانداقمۇ سەمىمىي ياخشى كۆرۈش دېگىلى بولسۇن؟«ئۆزىنىڭ غېمىنى يېيىش» دەپ ئاتىساق تېخىمۇ توغرا بولغۇدەك.
— سەن تېخىمۇ كۆپتۈرۋەتتىڭغۇ، ئەجىبا ئىنساننىڭ ئۆزى تاللىغان مۇھىت، ئۆزى تاللىغان ئادەم بىلەن ياشا ئەركىنلىكى يوقما؟
— مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى سەۋەبلىك سېنىڭ بۇ تاللاشلىرىڭ ئەمەلگە ئاشتى، بوممىسا ئىنساننىڭ بۇنداق خالىغانچە تاللاش ئەركىنلىكى يوق. كىم بىلىدۇ تېخى ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىڭدا نەچچە يىگىتنى پەرۋانىدەك ئوينىتىپ يۈرگەن ۋاپاسىز قىز بولۇشۇڭمۇ ۋە ياكى بىر يىگىتنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمەي ئاچچىقىڭدا ماشىنىغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇۋالغان بولۇشۇڭمۇ مۇمكىنغۇ؟!
— سەن شۇنداق قىپسەن، مېنىڭ ئۇنداق قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ سەل ئاچچىقلاپ قالدى. بىراق بۇ چىگىش خىياللاردىن توختاپ قالغۇسى يوقتەك قىلاتتى. مەنمۇ نېمىنى ئويلىسام شۇنى سوئال قىلىپ ئوتتۇرىغا تاشلاپلا تۇردۇم. چۈنكى، بۇ سوئاللار ئىچىدىن بىرەرسى خاتىرەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئۇنداقتا خاتىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەن ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟ ئەلۋەتتە مۇھىم. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ دادىل سوئال سوراشلىرىمدىن، شېئىر يېزىشلىرىمدىن، ئەمدىلا كۆزۈم سۈزۈكلەشكەندە خالئاينى ياخشى كۆرۈپ قىلىشلىرىم كۆڭلۈمدە ئاجايب گۇمانلارنى تۇغدۇرىدۇ. مېنىڭ كەچمىشىم چوقۇم مەناغا، قىممەتكە تولغان، ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك كەچمىش. مەن بىر ئاماللار ئەسلىمنى تاپساملا قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىر ئەركەككە ئايلىنىمەن. شۇندىلا مەن بۇ ھاياتقا «ياۈك» بولۇپ قالمايمەن.
— سېنى ئۇنداق قىلدى دېمىدىم، مۇنداقلا پەرەز قىلدىم.
— سەن پەرەز قىلساڭ دائىم يامان تەرىپىنى پەرەز قىلىسەن.
— ئەجىبا ماشىنىغا سوقۇلىشىمىز ياخشى تەرەپتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ؟
— ئەلۋەتتە مۇمكىن. بەلكىم مەن بىرەر ياخشى ئىش ئۈچۈن ئالدىراقسانلىق قىلىپ يولىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتىمەن دەپ ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەندىمەن ياكى بىر جىددى ئىش ئۈچۈن ئەقلى - ھۇشۇمنى بىلمەي ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەندىمەن.
— كەينىدىكىسى بىرئاز ئەقىلگە مۇۋاپىق پەرەز بولدى. ئۇنداقتا مەن نې،ە سەۋەپتىن سوقۇلۇپ كەتكەندىمەن؟
— سەن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭ كېرەككى، جەزمەن بىرەر ئىش كاللاڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ يولدا تولا خىيال سۈرۈپ مېڭىپ شۇنداق بولدۇڭ ھەقاچان.
— سەن مېنى شۇنچىۋالا خىيالپەرەس چاغلامسەن؟
— ۋاي تاڭ، شائىرلار شۇنداق كېلەرمىكىن دەيمىنا.
— ۋاي...ۋاي...ۋاي... تويدۇم بۇ خىياللاردىن. شۇنچە خىيال قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى بولىمىدى، ئەكبەر دېگەن سولتەكمۇ ھېكايىنىڭ بېشىنى چىقىرىپ قويۇپ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتىۋالدى.
— ھەي، نېمىشقا ئۇنى بىكاردىن - بىكارغا تىللايسەن؟
— تىللىمىدىم، يېقىن كۆرۈپ...
— يېقىن كۆۈرۈپ دەيدۇ تېخى، نېمىلا دېگەن ئۇ مېنىڭ خۇشنام جۇمۇ! سەن بىلەن مېنى قۇتۇلدۇرغىنىنى دېمەيلا تۇراي.
— ۋاي يوغان نېمەڭكەن. ھەجەب قېشىڭدا يوق ئادەمگە چاپان يېپىپ كەتتىڭا، ناۋادا ئەكبەر ئىككىڭنى ماشىنا ماخچايتىۋېتىپ، ئۇنى مەن كۆرۈپ قالغان بولسام مەنمۇ قاراپ تۇرمايتتى.ئەكبەر قۇتقۇزدى دەيدۇ تېخى. ئوپىراتسېيىنى ئۇ قىلمىدى، دوختۇرلار ئامال قىلدى.
— قىلچىلىك ئۇيان بۇيان ئۆتكۈزۈۋەتمەي يەكمۇ - يەك تۇرىسەن جۇمۇ ماڭا.
— كۆڭلۈڭ بەلكىم رەنجىدى. ھازىر تولا چىچىلاڭغۇ بولۇپ قالغىنىم بىلەن ئۆتمۈشتە قىز دوستۇم قول سىلكىشلىسىمۇ جىم تۇرىدىغان سىخى يىگىتلەردىن بولىشىم مۇمكىن. شۇڭا مەن بىلەن ئېتىشما، سېنىمۇ رەنجىتمەي گۈلۈم.
— قىز دوستۇم دېدىڭما؟ سېنىڭ قىز دوستۇڭ زادى قانداقراق قىز بولغىيتتى، بىر پەرەز قىلىپ باقسام دەيمەن.
— بولدى، بۈگۈنچە سوئال - سوراقنى توختىتايلىچۇ. ئۆتمۈشتىكى قىز دوستۇمنى سەن تۈگۈل مەنمۇ پەرەز قىلالمايمەن. شۇڭا ئۆتمۈشتىكى قىز دوستۇم بىلەن ھازىرقى قىز دوستۇمنى پەقەت سەن دەپلا پەرەز قىلاي. شۇنداق بولغاندا، تېگى يوق ساراڭ خىياللاردىن خالىي ھالدا ساڭا مېھرىمنى بېغىشلاپ ئۆتەلەيدىكەنمەن. بىر تۇرۇپ مېنىڭ بۇرۇن قىز دوستۇم بولۇپ باقماپتىكەن دەپ ئويلايمەن. ناۋادا قىز دوستۇم بولغان بولسا، بۇ ھالغا چۈشۈپ قالسام چوقۇم مېنى يوقلاپ كېلەتتى. بىر تۇۇرپ مېنىڭ قىز دوستۇم بولغان دەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ ئۇ بەك ۋاپاسىز ئىكەن. ئېغىر كۈنۈمدە يېنىمدا بولالمىدى. ئىككىمىز يەنىلا شۇ مېھرىبان ئاتا - ئانىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىشىمىزى كېرەككەن. ئۇلار يولنى يىراق كۆرمەي، تاپقىنىنى قىسىۋالماي «بالام» دەپ بىزگە جان كۆيدۈردى ئەمەسمۇ.
— بولدى پەرھات، مەن يېنىڭدا باغۇ! ئارتۇق زېھنىڭنى خوراتما.
ئۇ كۆز چاناقلىرىم ئارىسىدا لىغىرلاپ قالغان سۈزۈك ياشلىرىمنى يۇمران ئالىقانلىرى بىلەن سۈرتتى ماڭا تەسەللىي بەرگەچ.
يېڭى تاڭ ئاتتى، قىشنىڭ سوغۇقىمۇ بارا -بارا تاراپ كەتمەكتە. ئىزغىرىن شامال ھىدى دېرىزىدىن مەيلىمىزنى سىناپ كۆرگەندەك يىلىڭ كۆڭلىمنى غىدىقلىماقتا. كۆزۈم سەل ئاغرىغاندەك بولدى - دە، كىتاب ۋاراقلاشتىن توختۇدۇم. بىر نەرسە يازغۇم بار، بىراق ئىچىم قۇرۇق. بوپتىلا سەل تۇرۇپ يادىمغا كېلىپ قالار.
— پەرھات؟ كېچە ياخشى ئۇخلاپسەنمۇ؟
— سۇنۇق قولۇم سەل ئاغرىۋىلىپ خاپا قىلدى. سوغۇن ئۆتۈپ قالغان چىراي.
— قولۇقنى يوتقاننىڭ تېشىغا چىقارما دېگەنسىرى قۇلىقىڭدا گەپ تۇرمايدۇ، بۇندىن دىققەت قىل. كېيىنچە دەخلىسى بولۇپ قالمىسۇن.
— ئىم، قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟


— سەن تېپىپ باقە!
— مەن نەدىن بىلەي، سەن بىلگەندىكىن دەپلا بەرسەڭ بولمىدىمۇ!
— پۇل قاپچۇقى.
— پۇل قاپچۇقى؟ ئۇنى توقۇپ نېمە قىلىسەن؟
— ۋوي، قىزىق گەپ قىلىدىكەنسەن، ئەلۋەتتە لازىم ئېتىمەندە. ئالدى بىلەن يېگىتىمگە بىرنى توقۇيمەن، ئاندىن ئۆزۈمگە بىرنى توقۇيمەن. دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانغىمۇ ئاز قالدۇق، يېتىۋەرمەسمىز بۇ يەردە. دوختۇرخاندىن چىققاندا تېرىكچىلىك قىلىپ قالساق ئەز قاتىدۇ.
— ئۇنى توقۇشنى نەدىن بىلىۋالدىڭ؟
ئاخشام سەن كىتاب كۆرىۋاتقاندا پاراڭ سوقۇشۇپ بېرىدىغان ئادىمىم يوق، خوشنا ياتاقتىكى بىر ھەەدەمنىڭ قېشىغا چىققانتىم، ئۇنىڭ بۇ ھۆنىرى ياراپ قىلىپ، ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنسەم، ئۇمۇ بەك ئاقكۆڭۈل ئىكەن، ماقۇل دەپلا يېپتىن يىڭنىغىچە بەردى. قېشىدا ئولتۇرۇپ تېزلا كۆز پىشۇرۋالدىم، يەتتە - سەككىز قېتىم يىڭنە ئېلىپلا قولۇم كۆنۈپ كەتتى. بۇ ھالنى كۆرۈپ، ئۇ ھەدەم:« سىز بۇرۇنمۇ يېڭنە ئىشىنى قىلىپ باققان قىز ئىكەنسىز، مەن ئۈچ ئايدا ئاران ئۈگەنگەن ئىشنى سىز يېرىم سائەتكە قالمايلا ئۆگىنىۋالدىڭىز» دەپ ماختاپ كەتتى.
— ۋاھ، شۇنداقمۇ؟ گۈلۈم تۇغما ئەقىللىق بولسا كېرەك.
— ۋاي ئۇچۇرۋەتتىڭغۇ مېنى. خى...، ھەي، بۈگۈن ھاۋا ياخشىكەن، پەسكە چۈشۈپ چىقايلىمۇ؟
— چاقچاق قىلمىغىنا، سەن توشقاندەك سەكرەپ ماڭغان بىلەن مەن دېڭىز تاشپاقىسىدەك ئۆمىلەپ قاچان چشۈپ بولىمە، مېنى قىينىماي، ئۆزۈڭ چشۈپ ھاۋا يەپ كىرە.
— زادى چۈشكۈڭ بارمۇ - يوقمۇ؟ چۈشكىلى ئۇنىمىساڭ كاسساڭغا يىڭنە سانجىيمەن جۇمۇ، مانا مەن كەلدىم...
— چۈشكۇمغۇ بار، بىرااق...
ئۇ قېشىمغا كىنولاردىكى ئەرۋاھتەك كېلىپ بىلەكلىرىمگە، پۇتلىرىمغا يىڭنە سانجىغىلى تۇردى.
— ۋوييۇ، ۋايجان، بولدى قىل، ۋاي بېقىنىم، تەسلىم... تەسلىم، مەن چۈشەي. ئەمىسە شەرتى، مېنى قولتۇقۇمدىن يۆلە.
— ئالدى بىلەن مېڭىپ باق، ماڭالمىغاندا مەن بار.
Ok—
— بۇ گەپنىڭ مەنىسى نېمىكەن؟
— ئۇخمايمەن، ئىشقىلىپ كىتابتا باكەن.
— كىتابتا باكەن دەپ، مەنىىسنى ئۇخمايدىغانلىقىمدىن پايدىلىنىپ مېنى تىللاپ يۈرمە يەنە.
— ئىشقىلىپ ياخشى گەپ ئۇ. ئەنسىرمە. پەرھات قىز دوستىنى تىللىمايدۇ. مەڭگۈ، مەڭگۈ،مەڭگۈ !
— ھەببەللىي، قىنى ئاستا پۇتۇڭنى يەرگە قويۇپ، ئاستا ئورنۇڭىدىن ئۆرە بول، مەن ساڭا ھاسا بولاي.
— ۋوي، قارا مەن ئورنۇمدىن تۇرالىدىم، ساقىيىپتىمەن جۇمۇ! قولتۇقۇمدىن يۆلىمە، ئۆزۈم مېڭىپ مەشىق قىلاي. سائەتكە قارىغىنا، قانچە سىكۇتتا بىر قەدەم ئالىدىكەنمەن؟
— بىر...ئىككى...ئۈچ... ، بىر... ئىككى...، بىر...ئىككى ئۈچ...تۆت تەخمىنەن ئۈچ سىكۇتتا بىر قەدەم ئالماشتى.
— ۋاھ، يامان ئەمەس مېڭىپ قويىدىكەنمەن جۇمۇ! بىر كىتاب قىستۇرۋالا قولتۇقۇڭغا، پەستە ئوقۇيمىز.
—  مەندىن بۇيرۇق، بۈگۈن كىتابنى قويۇپ، بىز  تۇرىۋاتقان تەبىئەتنى  بىرلىكتە ئوقۇيمىز.
— ماقۇل، ماقۇل! ئاۋۇ ياستۇقنىڭ ئاستىدا جىلىتكام بار، ئېلىۋالە.
— ھەجەب ياخشى يادىمغا سالدىڭ، ئۆزۈمنىڭكىنىمۇ قوشۇپ ئېلىۋالايچۇ! ئەمىسە ماڭدۇق ھە...
ئىككىمىز تاتلىققىنە پاراڭ سالغاچ كېسەل كارۋىتىدىن تەبىئەت قوينىغا قاراپ ماڭدۇق. ھېسابتا بۇ بىزنىڭ خاتىرىمىزنى يوقاتقاندىن بۇيانقى تۈنجى رەت دۇنياغا نەزەر سېلىشىمىز بولۇپ قالىدۇ.

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سەيشەنبە

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:32:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىجران كوچىسىدا
8-قىسىم
— بىز ھازىر قانچىنچى قەۋەتتە؟
— توختا ھە، قاراپ باقاي، 12 - قەۋەتتىكەنمىز.
— ھە، خېلى ئېگىزدىكەنمىز. پەشتاقتىن دىڭگوسلاپ قاچان چۈشۈپ بولارمىز پەسكە.
— ئەنسىرمە، ئالدىمىزدا لېفىت باركەن، ئازلا قالدۇق، چىدىۋېتە!
ئۇ قولتۇقۇمدىن يۆلىگەچكىمىكىن، ئەيتاۋۇر ئېغىرلىقىم يەڭگىللەپ قەدەملىرىمنىڭ رىتىمى تېزلەشتى.
— لېفىتنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى، قىنى چىقايلى!
ھايال ئۆتمەيلا بىنا ئىشىكىىدىن سىرتقا قەدەم ئاتلىدۇق. بىردىنلا نەمخۇش ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ، گويا ۋاكۇئۇم ئىچىگە ھاۋا كىرگەندەك پۈتۈن بەدىنىم دىمىقلىقتىن بوشاندى. ئېچىمگە قېنىپ - قېنىپ بىر نەچچە قېتىم نەپەس ئالدىم.
— ئىم، ۋاھ، تەبىئەتنىڭ ھاۋاسى نېمىدېگەن گۈزەل!
— شۇنى دېگىنە، شۇتاپ بۇ خىل گۈزەللىك سەزگۈسىنى ئالەمدە سەن بىلەن مەنلا ھېس قىلىۋاتقان بولساق كېرەك.
— خى، بەلكىم.
— يىگىت، ئالدى بىلەن قەيەرگە بارغۇڭ بار؟ بازارغا چىقىپ كېرەمدۇ - يا؟
— ۋوييۇ، بۈگۈنچە دوختۇرخانا ئىچىنى ئايلىنىپ تۇرايلى، يىراققا مەيلىم يوق.
— ئەمىسە قايسى تەرەپكە بارايلى؟
— سەن يول باشلا، مەيلىڭ ئۆزەڭنىڭ جان بالىخان.
— ۋوي، سايراپ كەتتىڭغۇ؟ جۈرە، ئاۋۇ گۈللۈك تەەپكە بارايلى، ئورۇندۇقلارمۇ خېلى كۆپتەك قىلىدۇ.
— بۇلبۇل، كاككۇكلارنى دورىيالمىساممۇ قاغىچىلىك بولسىمۇ قاقىلداپ تۇراي دەيمەنغۇ.
— ياخشى ئويلاپسەن، كىم سېنى قاغا دەيدۇ، ئاۋازىڭ يوقاپ كەتسىمۇ مەن قېشىڭدا ئاشىغىم.
— سېنىڭ مۇشۇ يېرىمنى دېمىسەم...
— ھە، نېمە، مۇشۇ يېرىمنى دېمىسەڭ قانداق قىمماقچىتىڭ؟ تاشلىۋېتەمتىڭ؟
— ئەرگە بېرىۋېتەتتىم. ھا...ھا...ھا...
— كىمگە ئەرگە بېرەتتىڭ؟
— سېنى ئالىدىغان باشقا ئادەممۇ يوق ھەقاچان، يەنە شۇ مەن ئالاتتىمدە. ھا... ھا...ھا...
— ھۇ ئەسىكى مەخلۇق، ھەجەب ئاچچىقىم كەلدى جۇمۇ مېنىڭ. ئورنۇڭدا باشقا بېرى بولغان بولسا...ياقاڭدىن تۇتۇپ ئوننى پىرقىرتىتىپ ئاۋۇ ئەخلەت ساندۇقىغا چۆرىۋېتەتتىم. يەنە شۇ ئىزا ئۆتمەيدىغان قېلىن يۈزۈڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدىم.
— دېگەنلىرىم راست تۇرسا، ئېتىراپ قىلە بىرەر قېتىم ھېچىنىمە بولمايدۇ.
— راستمىش تېخى، دەپ قاپلا پەرھاتخان، ئايىقىمنىڭ پاشنىسىنى يەرگە قاتتىقراق «تاق» قىلىپ قويىدىغان بولسام، پەرۋانىلەر ھازىر بولىدۇ جۇمۇ.
— ۋاي تېخى پەرۋانە ئېنىق كەلمەيدۇ، بىر كەلسە شۇ چىۋىن كەپ قالارمىكىن.
— ئەمىسە سەنمۇ شۇ چىۋىن قاتارىدىمۇ؟
— مەن؟ مەنما؟ خى... مەن دېگەن ئۇنداق ئۇششاق - چۈشەك ھاشارەت ئەمەس، كاككۇك ياكى بۇلبۇلبا تەققاسلىساڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇڭىچۇ، ئەتراپىڭغا ئۇنداق پەرۋانە، چىۋىنلىرىڭدىن بىر تالاي يىغساڭمۇسول قانىتىمغا تەڭ بولمايدۇ. قەدىرلە جۇمۇ!
— ۋاي ماقۇل غوجام، سەن ئەبلەخقە گەپ توشۇمايدىغۇ زادى. كېلە بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى.
خالئاي بىر يۆلەنچۈكى بار سىمۇنېت ئورۇندۇقنى نەچچە قاتار پۈۋلىدى - دە مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئەتراپ يېڭىدىن يېشىل رەڭگە كىرىپتۇ. باھارنىڭ ھېدى جاھاننى بىر ئاپتۇ. مەيىن شامال خالئاينىڭ ماڭلاي چاچلىرىنى، دانە - دانە چېچەك چېكىلگەن سېرىق رەڭلىك ياغلىقىنىڭ ئىككى ئۇچىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى. كۆڭۈلنىڭ خوشلۇقى جۈپ - جۈپ قارا كۆزلىرمىزدە، نۇرانە زىناقلىرىمىزدا، تەبەسسۇملۇق لەۋلىرىمىزدە ئۆز ئەكسىنى تاپقانىدى.
— قىرىپ كېتىپسەن!
— كى..كىمگە گەپ قىلىۋاتىسەن؟ ماڭىما؟
— ئەلۋەتتە ساڭا دەۋاتىمەن. سەندىن باشقا كىمنى «سەن» لەپ باقتىم مەن؟
— نەرىم قېرىپتۇ؟ تۇرۇپلا كۆزۈڭگە قېرى كۆرۈنۈپ كېتىپتىمەنغۇ؟!
— مۇنداقلا دەپ قويسام ھەجەپ ھودۇقۇپ كەتتىڭغۇ؟ قارىغاندا سەنمۇ بالدۇر قېرىپ كېتىشتىن قورقىدىكەنسەندە! قارىغىنا، ساقاللىرىڭ بىر قارىسا ئاۋۇ قارىغاي دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقىدەك، بىر قارىسا كىرپە تىكىنىدەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ . ياتاقتىكى تېلىۋېزوردىكى» ئادەم ۋە تەبىئەت» تە چىقىدىغان مايمۇنلارنىڭ خىلىغا ئوخشاپ قاپسەن. خى...خى...خى...
— ئوخشاتمىغان شۇ نېمەڭ قالغانتى مېنى -ھە؟! بىكار جىلا بوپ كالسام قاڭشىرىڭنى يېرىۋىتىمە جۇمۇ!
— ھا...ھا...ھا... بۇ قېتىم ئۇتتادىڭ. راستلا ئۇتتادىڭ ھا... ھا... ھا... سېنىمۇ خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزارتقىلى بولىدىكەن. ئۇھ، ۋاييەي، كۈلكەم بارغانچە قىستاپ كەتتى دېسە.
— كۈلسەڭ ئېغىزىڭ ئۆڭكۈردەك ئېچىلىدىكەن. قورقۇپ كەتتىم مېنى پۈتۈن يۇتىۋېتەرمىكىن دەپ، ئاز كۈل، ئۈىيىڭنى ئۈزىۋىلىپ ئكمرۈڭ دوختۇرىنىدىلا ئۆتمىسۇن يەنە.
— ھا...ھا... ھا... يەنە كۈلدۈرۋەتتىڭغۇ، ۋاي قورسۇقۇم.ئۇھ!چاقچاقمۇ قىلىشتۇق پەرھات، ساقىلىڭ يارىشىپتۇ، بىراق بەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ. چاچلىرڭمۇ قۇلاقلىرىڭنى يۆگەپ، كۆزۈڭنى توسۇۋاپتۇ، شۇڭا چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ دەۋالدىم. چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانا ئەتراپىدىن ساتىراشخانا ئىزدەپ باقامدۇق؟
— چۈشتىن كىيىن بارمايلى، ئەتە بىر گەپ بولسۇن. ساقال - بۇرتى خەت تارتىپ ئوغۇلچاققنى ئۇنچىلىك تۈك باسمىسا بىكارغا ئەركەك دەمدۇ. قىزلارغا ساقال - بۇرۇت چىقىپ قالسا مازاق قىلساق يارىشىدۇ. سەنمۇ-زە.
— گەپ قىلىڭ دەپ قوياپ بەرسە ھەجەپ قېلىن گەپ قىلىدىكەنسەن، ئوتتۇزغا كىرمەي تۇرۇپ ئەركەكلەر، خوتۇنلار دەپ.
— ئوغۇل بالا قېلىن بولمىسا قىز بالا كېلىن بولماسمىش!
— ۋوي، ۋوي ما گەپىنى كۆرۈڭ، نەدىن ئۆگەندىڭ بۇ سەت گەپنى؟ ئىزا تارتماي دەۋەتقان گېپىڭنى قارا.
— بىر يەردىن ئۆگەنمىدىم، كىتابتىن كۆردۈم.
— كىتاب ساڭا ئەكىس تەسىر قىپتۇ جۇمۇ. يەنىلا ئەكىس تەسىىر يوق دورا - ئوكۇلۇڭ مىڭ ياخشىكەن ساڭا.
— چاقچاق قىلىشنى ئۈگنىۋالدىڭدە كەينىمدە يۈرۈپ.
— كەينىدە يۈرگەن سەنمۇ مەنمۇ؟ بۇ يەرگە يولنى كىم باشلاپ ئېلىپ چىقتى؟
— خەپ جۇمۇ سېنى، بۇ نۆۋەت قەستەن يېوىلىپ بەرگەچ تۇراي، كېلەركى قېتىم چاقچاققا گەپ ئاچىدىغان بولساڭ، گېپىڭنىڭ يۈز يېرىدىن تۆشۈك ئېچىۋېتىمەن.
— خى، كۆرەمىز - ھە!
— كۆرمەيمەن دەپ كۆزۈڭنى ياغلىقىڭ بىلەن ئېتىۋالساڭمۇ ئۇنىماي كۆرسىتەرمىنا.
— خى، ھەي سەل توڭغاندەك بولىۋاتامسەن؟
— ياق، سەن توڭدۇڭما؟
— مەندە چاتاق يوق، سېنى شامالدارىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىىم. جۈرە، ئەمدى چىقىپ كېتەيلى!
— ياق، چىققۇڭ بولسا سەن چىق، مەن بۇ يەرگە ئامراق بولۇپ قالدىم.
— قىنى سەن كىتاب ئوقۇيدىغان بولغانتىڭغۇ؟
— كىتاب دېگەن ئۆزگەرمەيدۇ، ھاۋا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
— دېگىنىڭغۇ خۇيمۇ ئورۇنلۇق بولدى، بىراق چىقىپ كېتەيلى، گەپ ئاڭال قوزام. بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك ھاۋا يەپ تۇرايلى، ئەتە - ئۈگۈن سەيلە قىلىپ كېلەمدۇق تېخى.
— راستما؟
— مەن قاچان يالغان سۆزلەپ باققان ساڭا، جۈرە !
ئۇ قولۇمدىن ئاستا تارىتتى. مەن ئۇنىڭغا تايىنىپ ئورنۇمدىن تۇرىۋالىدىم - دە، قولتۇقىغا كىرىۋالدىم.
— دۇنيا گۈزەلكەن جۇمۇ! — دېدى خالئاي يۈزىنى مەن تەرەپكە بۇراپ.
— يېڭى شەئىيلەر ئەلۋەتتە گۈزەل بىلىنىدۇدە، كىم بىلىدۇ، ئىلگىرى بۇ دۇنيادىن بىزار بولغانلار بىز ئىككىمىزمۇ تېخى.
— دائىم ئۈمىدلىك گەپ قىلىۋاتسا كىىشنىڭ ئەرۋاھىنى ئۇچىرىدىكەنسەن.
— ئىشقىلىپ دۇنيانىڭ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوقتەك ھېس قىلىمەن. بېشىمنى كۆتۈرمەي ئوقۇۋاتقان ېلىقى شېئىر توپلاملىرىغا قارىغان ھەر قانداق كىشى غېچ ئازابقا مىلىنىپ كېتىدىكەن. لېكىن شۇ ئازابلار ئىچىدە بىر خىل تاتلىق ھايات بار. شېئىرغا ئاشىق بەندىلەر ئۇ كوچىدىن يا كېتىشكە كۆزى قىيمايدىكەن يا كېچىشكە كۆزى كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن. بۇ دەل ھىجران كوچىىسى بولسا كېرەك.
—سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ بەزى سۆزلىرىڭنى ئاڭقىرالمايلا قالدىمغۇ؟ بىر تۇرۇپ ئۇلۇغ سۆز قىلىۋاتقاندەك، بىر تۇرۇپ ئالا - تاغىل جۆيلۈۋاتقاندەك ئىككىلەنمە تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدۇڭ مېنى.
— خى، بەلكىم ھازىر جۆيلۈۋاتقاندىمەن، كېيىنچە ئورۇنلۇق سۆزلەيدىغان ئادەم بولىمەن. ئەنسىرمە ئومىقىم. جۈرە، لېفىتقا چىقايلى!
لېفىتتا ئادەم كۆپ بولغاچقا كۆپ پاراڭ قىلىشمىدۇق. بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ ھاسىرىغان پېتى ئارانلا ياتاققا ئۇلىشىۋالدۇق.
— ئۇھ، تەرلەپ كېتىپتىمەن، بىردەم، دېرىزىنى ئېچىۋەتسەڭ بوپتىكەن، ئىچىمگە ئوت كەتتى.
— يېرىم ئېچىپ قوياي، ئۆزۈڭنى كارۋاتقا ئاستا تاشلىۋالغىنە، بۇنداق ئوتۇرۇپ بولالمايسەن.
— ئىم، بىردەم ياتايچۇ!
ئاستا يانچە بولۇپ قولۇمنى ياستۇققا تىرەپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئەپچىلغىنە تاشلىۋالدىم. بېشىمغا بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇندى. قولۇم بىلەن ياستۇقنى سىلاپ باقسام، ياستۇقنىڭ ئاستىدىن قارا رەڭلىك بىر  ئەسكى قول تېلېفۇن چىقتى. قاراپ چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى بۇ قول تېلېفۇننىڭ يان گىېۋەكلىرىدە كېتىپ كەتكەن قان ئىزنالىرى بار ئىدى.
— خالئاي، مانىڭغا قارىغىنا!
— نېمە ئۇ؟ ۋوي، قول تېلېفۇن ئىكەنغۇ؟ كىمنىڭدۇ؟
ئۇ قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، بارمىقىنى چىشلاپلا قالدى.
— بۇ قان تۇرىدىغۇ؟ قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولۇپ قالدى بۇ؟
— مەنمۇ شۇ ئويدا تۇرىۋاتىمەن. ياتسام بېشىمغا بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇنغانىدى، نېمىدۇ دەپ ياستۇقنىڭ ئاستىغا قولۇمنى تىقسام بۇ چىقتى. تېلېفۇننى قوزغۇتۇپ باقە، ساقمىكىن؟
تېلېفۇننىڭ ئۈستىدىكى بىر كونۇپىكىنى باسقانىدى، تېلېاۇن راستىنلا قوزغۇلۇپ كەتتى.
— ساق ئىكەنغۇ بۇ؟ ئېچىنى بىر تەكشۈرۈپ باقايچۇ!
مەنمۇ بۇ قول تېلېفۇنغا قىزىقىپ خالئاينىڭ يېنىغا باردىم. خالئاي تېفۇننىڭ بىردەم ئۇ كونۇپكىسىنى، بىردەم بۇ كۆزنىكىنى ئېچىپ قاراپ باقاتتى. تېلېفۇن ئىكرانىنىڭ ئۈسىتى ئوڭ تەرىپىدىكى بارماق ئىزچىلىك يېرى قاپقارا كۆرۈنەتتى. باشقا يەرلىرى ئازراق داغ بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نۇقسان كۆرۈنمەيتتى.
— خالىغانچە بېسىۋەرمەي، :«نومۇر كۆرسەتكۈچ»ىنى ئېچىپ باقە، ئويۇنچۇقۇڭ ئەمەس ئۇ، ھېلى توكى تۈگىسە ھەسرەتتە قالىمىز.
— ئىم، مانا ھازىر. ھە، ئېچىلدى، قارا...
— كىملەر بادۇ، قىنى ئۈنلۈك ئوقۇغىنە.
— ئاپام، خال...خالئاي...بۇ ...بۇ مېنىڭ ئىسمىم تۇرىدىغۇ؟
— جىددىيلەشمە، سېنىڭ ئىسمىڭغا ئوخشايدىغان بىرسىدۇ. ياق، ياق، جەزمەن گۇمانلىق. باياتىن بىز سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياتاققا بىرسى كىرىپتۇ.
— ناۋادا  بۇ پەرەز ئورۇنلۇق بولسا، بىزنى ئۇۇزندىن بىرى كۆزىتىپ تۇرغان كىشى بار دېگەن گەپ.
كۆزلىرىمىز قۇدۇقنىڭ ئېغىزىدەك ئېچىلىپ، بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ خېلى ئۇزاققىچە رەسىمدەك قېتىپ قالدۇق.
— ئاخىردىكى تېزىملىكنى ئوقۇپ باقە، يەنە كىملەر باكىن؟
— باش رېژىسسور، نۇربىيە، گۈلنار، سىنىپ مەسئۇلىم...
— توختا، توختا، بىز ئۈنۈملۈك ئىش قىلايلى، شۇ تېزىملىك بويىچە بىر - بىرلەپ تېلېفۇن قىلىپ باقايلى.
— راست دەيسەن، ھەي مېنىڭچە بىر -بىرلەپ ئۇرماي، ئالدى بىلەن «خالئاي» غا ئۇرۇپ باقايلىچۇ؟
— ياق، ئاۋۋال ئاپامغا ئۇرىۋالاي. ئاپام بىلەن كۆرۈشمىگىلى نەۋاخ. ئۆيدىكىلەرنى خۇيمۇ سېغىندىم.
قانداقتۇر رۇخسىتىمسىز كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. خالئاي قولىدىكى تېلېفۇننى ماڭا سۇندى - دە، ياشلىرىمنى سۈرتكەچ ئۇمۇ دېرىزە يۈزىدىكى سىم - سىم يامغۇردەك  مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى.
— ئۆيدىكىلەرنى مەنمۇ سېغىندىم. شۇ تاپتا ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ئۆسىگۈم كېلىۋاتىدۇ.
— ياق، ھەرگىز ئۆكسۈمە، پات ئارىدا ئۇلار كېلىدۇ ياكى بىز بارىمىز. ساڭا بىر مىسرا سوۋغا قىلاي، چوقۇم تەسەللىي تاپىسەن. ئاڭلا ھە، «بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا».
گۈلۈم يېغىسىنى پەس قىلدى. ياشلىرىنى سۈرۈتتۇم، مېھرىم بىلەن باغرىمغا ئالدىم.
— مۇنداق بولسۇن، مەن ئاپام بىلەن پاراڭ سوقسام، سەنمۇ ئاپاڭنى ئەسلەپ كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇشىنى خالىمايمەن. شۇڭا گېپىڭگە كىرىپ، ئاۋۋال «خالئاي» غا ئۇرايلى. ناۋادا «خالئاي» ئىىسملىك ئۇ كىشى تېلېفۇننى قوبۇل قىلىپ قالسا سەن سۆزلەشكىن.
— نېمىشقا؟ ۋەي دەپ قالسا مەن نېمە دېيىشنى بىلمەيمەن. تېلېفۇننى سەن ئۇرغىن.
— ھەي ساراڭ، مەن ئوغۇل بالا تۇرسام، دېگىلى گەپ تاپالماي تېخىمۇ تەمتىرەپ قالمامدىم، تېلېفۇننى سەن ئۇرغىن. قارشى تەرەپ سۆز ئېچىپ قالسا، :«سىز خالئايمۇ» دەپ سورا، جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن، «پەرھات ئىسىملىك بىرسىنى تونۇمسىز» دەپ سورا،نېمىشقا دېسەڭ، بۇ تېلېفۇن مېنىڭ ئورنۇمدىن چىقتى ئەمەسمۇ؟ تېلېفۇن ئېنىقكى مېنىڭ ئىكەن. شۇڭا تېلېفۇن تېزىملىكىدىكى كىشىلەر مېنىڭ تونۇش - بىلىشلىرىم دېگەن گەپ. سۆزلەشكەندە تېلېفۇن تۇتقان قۇلۇقىڭنى قۇلىقىمغا يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشاسە جۇمۇ، مەنمۇ ئاڭلايمەن.
— مېنى بوزەك قىۋاتىسە -ھە!
— ۋاي نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ گۈلۈم، بوزەك قىلغىنىم يوق، ۋەزىيەت شۇنداق بوپ قالدى. خى...
— قولۇم تىترەپ، يۈرۈكۈم دۈپۈۇلدەپ كېتىۋاتىدۇ.
— ئېچىڭگە بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالغىنە.
ئۇ دېگىنىمدەك ئېچىگە چوڭقۇر بىر قېتىم نەپەس ئالدى.
— ئىم ياخشى، ئەمدى تېلېفۇن قىل، ھودۇقما گۈلۈم.
تېلېفۇن ئۇرۇلدى. ئۇلىنىشى بىلەن تەڭ ياتاقنىڭ قايسى بىر يېرىدىن ئاجايىب مۇڭ مۇزىكا چىقىپ كەتتى.
— ھوي، قاياقتىن چىقىۋاتىدۇ بۇ مۇزىكا؟ سېھرىگەرلىك قىلىۋاتامسەن نېمە؟
— ياق، مەنمۇ بىلمىدىم، ئىشىقىلىپ يېنىمىزدىلا چىقىۋاتىدۇ. ئورنۇڭدىن يۆتكۈلە، — دېدى خالئاي ئۆزىمۇ ئورنىدىن قوزغالغاچ.
ئورنۇمدىن يۈرۈشتۇم، ناخشا خالئاينىڭ كارۋېتى تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
— ياستۇقۇڭنى كۆتۈرە، — دېدىم قول ئىشارىسى قىلىپ.
ياستۇقىنىڭ پىشىنى كۆتۈرۈۋېدى، قىزىق ئىش، ئۇ يەردە قىزىل رەڭلىك ئوماققىنە بىر قول تېلېفۇن سايراۋېتىپتۇ. تېلېفۇننى قولىغا ئېلىپ تۇرىشىغا سايراشتىن توختاپ قالدى. خالئاينىڭ يەنە بىر تېلىفۇنمۇ ئۇلىنىشتىن تەڭلا توختىدى.
— بۇ نېمىش بوپ كەتتى ئەمدى. بۇ يەردىن يەنە بىر تېلېفۇن چىقتىغۇ. بۇ تېلېفۇنغا باشقا بىر يەردىن تېلېفۇن كەلدىمۇ ياكى، بىز ئۇرغان نومۇردىن مۇشۇ شۇمۇدۇ؟
— قايتا بىر بىر ئۇرۇپ باقاي -ھە!
تېلېفۇن نومۇرى بېسىلىۋېدى، راست دېگەندەك بايامقى تېلېفۇنغا ئۇلاندى.
— دېمەك، بىر ئىش ئايدىڭ بولدى، بۇ تېلېفۇن مېنىڭكى، ئۇ تېلېفۇن سېنىڭكى ئىكەن.
— بۇ ئىشلاردىن كاللام ئېلىشىپلا كەتتى پەرھات. بىرسى قەستەن ئويۇن ئويناۋاتامدۇ يا؟
— بىزنى بەش قولدەك بىلدىغان زادى كىمدۇ ئۇ؟
— ئەكبەر، مېنىڭچە بۇ ئەكبەرنىڭ ئويۇنلىرى. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچىدۇ؟
— ياق، مېنىڭچە ئەكبەر ئەمەس. ئۇنىڭ قولىدىن ئۇنچىۋلا چوڭ ئىشلار كەلمەيدۇ.
— ئەكبەردىن باشقا يەنە كىم بىلەتتى بىزنى، چوقۇم شۇ.
— بەلكىم پەرىزىڭ توغرىدۇ. بىراق... بىراق ئىشنى ئۇنداق ئاسان چاغلىمايلى، ئېرىشكەن ئۇچۇرلاغا قاراپ ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى. مەن ئويلايمەن، ئۆتكەندە قىلىشقان پەرەزلىرىمىز ئاساسسىز ئەمەستەك قىلىپ تۇرىدۇ.
— مەسىلەن قايسى پەرەزلەرنى دەيسەن؟
ئۇ ماشىنا سىگنالىدىن چۆچۈگەن كىشىدەك شاپپىدە يۈزۈمگە كۆز تىكتى.
— قىنى، ئولتۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن قايتا ئويلۇنىپ كۆرەيلى. يېنىمغا كېلە، بىلىم سەل ئاغرىۋاتىدۇ، مەن يېتىپ سۆزلەي. يا بولمىسا سەنمۇ ئورنۇڭدا يېتىپ مەن تەرەپكە قارا، سەنمۇ كۆپ چارچىدىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇق ساقىيىپ بولالمىدىڭ. بىر - بىرىمىزنى باققۇدەك بولغۇچە ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز ئاسراپ تۇرايلى گۈلۈم.
— شۇنچىلىك كۆيۈنگىنىڭگە رەھمەت ئاشىقىم. ماڭا ھازىرچە شۇ سۆزلىرىڭ كۇپايە، بىراق ساقىيىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنداق شېرىن - شېكەر سۆزلىرىڭنى ئېتىراپ قىلمايمەن جۇمۇ، ساداقىتىڭنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭدە كۆرسىتىشىڭ كېرەك. ئالايلۇق، پۇلنى كۆپ تېپىپ بېرىسەن، باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا بىلىم ئالسەن، ئۆيگە كەچ قالمايسەن، خىزمەتنى دەپ مېنى ئۇنتۇپ قالساڭ تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەسكى نايناقلارغا كۆز قېرىڭنى سېلىپ قالغىنىڭنى سېزىپ قالدىغان بولسام، خىتىڭنى بېرىۋېتىمەن.
— ھا...ھا...ھا... بوغۇسى خوتۇنۇم دەھشەت يامانغۇ؟ قارىغاندا ئائىلە باشلىقى سەن بولىدىغان ئوخشىمامسەن؟ ھازىرچە سۆزلىرىڭگە ھە دەپ قويغاچ تۇراي. بىراق نۆۋىتى كەلسۇن قىنى، كىمنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىكى، شۇ ۋاقتىدا كۆرىمىزغۇ.
— شەرتلىرىڭنى ئورۇنداپ بېرەلمەيمەن دېمەكچىمۇ سەن؟ ئۆتۈنۈشلۈرۈم مۇشۇ يەردىلا قالىدىكەندە؟
— ھەي، قىزلار دائىم يېگىتىدىن نۇرغۇن ۋەدىلەرنى كۈتىدۇ. يېەىت قىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ماقۇل دەيدۇ. بىراق ئېغىزىدا دېمەك ئاسان بولغان بىلەن، رىئاللىق خىيالدىن كۆپ يىراق بولغاچقا دائىم دېگۈدەك يېگىت ۋەدىلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشسىمۇ دەل ۋاقتىدا ئورۇنداپ بېرەلمەي قالدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز دەل يىگىتى ئورۇنداپ بولالمىغان ئارۇلارنى ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ بولغان قايسى بىر يىگىتكە ئاغىدۇ. تاللىغان ئۇ يىگىتتە قىز كۈتكەن بايلىق تەييار بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكى يىگىتىدىكى نۇرغۇن يۇشۇرۇن بايلىقلار بۇ يىگىتتە يوق. قىز بۇلارنى تۇرمۇش قۇرۇپ بالالىق بولغاندىلا كىچىكىپ - كىچىكىپ ھېس قىلىدۇ. بۇ قىزلارنىڭ ئاجىز بىر تەرىپى. گۈلۈم، مەندىن ئارتۇق ۋەدە كۈتمىگەن بولساڭ. نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوغۇل بالا ئۆزى بىلىدۇ. بەلكىم بىز چىقىپ باقمىغان دوقمۇش دوقمۇشتا ساقاللىرىنى ئاق بېسىپ مەيدىسىگە چۈشكەن بوۋايلار تېرىكچىلىك قىلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ خىرىداردىن كۈتىدىغىنى پۇل. بىراق كۈن بويى ئويلايدىغىنى دەل ئۇنىڭ مومىيى بىلەن بالا - چاقىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. ئەجىبا ئاشۇ بوۋايلار مومىيىغا ۋەدە بېرىپ ئاندىن بازارغا تېرىكچىلىك قىلغىلى چىقامدىغاندۇ؟ ياق. جان ساقلاشقا، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋەدە بېرىش بىھاجەت. ياشاش ئادەمدىن ۋەدە تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ. «مېنى بەختلىك قىلالامسەن، مېنى سۆيەمسەن؟ پۇل تاپالامسەن؟...» دېگەندەك سوئاللارنى مۇمكىنقەدەر مەندىن سورىما. ئەقلىم ساق بولسا، سالامەتلىكىم يار بەرسىلا مەن ئۇ سوئاللىرىڭغا سوراقسز جاۋاب تەييارلايمەن.
— ماقۇل، دېگىنىڭغۇ توغرا بولدى، لېكىن كۈنلەرنىڭ مەندەك بىر ناز گۈلۈڭنى تاشلاپ كاتىپ قالارسەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ شۇ.
— خى، سەن كەتمىسەڭ مەن كەتمەيمەن ئاپپاق گۈلۈم.
— سېنىڭ بۇنچە كۆپ نەرسە بىلىدىغىنىڭنى ئويلاپ خاتىرىسىنى يوقاتمىغانمىكىن دەپمۇ قالىمەن.
ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ، ياستۇق بىلەن يۈزى ئارىسىغا ئالىقىنىنى قىستۇرۇپ، ماڭا ئويچان تىكىلدى.
— يېقىنقى ئىشلار راستىنلا يادىمدا يوق. بىراق سەبى ئۆتمۈشۈم يادىمدا. كەچمىشىمدىن خاتىرە دەپ بېرەي ھە!
— ئىم، ماقۇل، ئاڭلاپ باقايچۇ!
— تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەمدىلا چىققان ۋاقتىمغۇ دەيمەن، ۋاقىتتا دوست - بۇرادەرلىرىم كۆپ ئىدى. يەنە كېلىپ ھارامزەدە دېگىنە، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم. ھەممە ئىشتا ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ قىلاتتىميۇ، بىراق قىز دوست تېپىشقا كەلگەندە ئارقىدا قالاتتىم. بەزىدە:«قانداق قىلغاندا قىزلارنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ» دەپ بىر-بىر سوراپ كېتەتتىم. ھەي، ئۇ چاغدىكى ئەخمەقلىقىم. «ساڭا دېسەم باغۇ ئاغىنە، دائىم سالام خەت يازدىكەنسەن، ھازىرقى قىزلار جۈرئەتلىك ئوشۇللارنى ياخشى كۆرىدۇ. مىجەزى ئوچۇق. قىز يىگختلەر ئارىسىدا بىر گەپ مودا بولدى، ئۇ قايسى گەپ بىلەمسەن؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسەن، <گەپ قىلىش شەرەپ، خەت يېزىش نومۇس> ھا...ھا..ھا... جاھاندىن خەۋەرى يوق كۆيۈپ، پىشىپ يۈرۈيدىغان ھەييار ئاداشتە سەن» قارا گۈلۈم، دوستلىرىممۇ مېنى مازاق قىلاتتى. مەنمۇ قىزلارنىڭ كەينىگە ئاز كىرسەم بولىدىغان گەپ، ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دەپ، دوستلارنى دوراپ تاكى «مەن قىزلارغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم» دېگەن شېئىرنى يازغۇچە خۇدۇمنى بىلمەي ئالداپ، ئالدىنىپ، ئېشىۋالسا كاچاتلاپ ئىشقىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆتۈپتىكەنمەن. جەمئىيەتتە نى - نى لەقىمى بار مۇشتلاشچى، نەشىكەش، سودىگەر ئاغىنىلىرىم باتتى. بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئۈچ رومكا «قەيسەر» ئىچىپ قويۇپ بىر كېچە خەلق مەيدانىدا تۈنەپ قالغىنىم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئەتىسى كىيىملىرىم مەينەت مەكتەپكە لەيلىگەن پېتى باردىم،بىرىنچى سائەتلىك دەرستە قىرىشقاندەك مۇئەللىم سىناق ئېلىش ئۈچۈن  ئىسمىمنى چاقىرىپ قالدى. سوئال سورىلىش بىلەن تەڭ تېشىلىپ كەتكەن تۇرۇبا يولىنىڭ سۈيىدەك ئېغىر بۇرۇنلىرىمدىن قۇسىۋەتتىم، كۆزۈمدىنمۇ ياش چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇدۇل نۇمۇستا ئىككى قوللاپ ئېغېزىمنى قاماللىغان پېتى سىرتقا چىقىپ كەتتىم. كېيىن ۋەدىنامە يېزىپ، ئۆيدىكىلەردىن بولدى دېگۈچە دەشنام يەپ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ جازاسىغا بويسۇنۇپ بىر ئاي سىنىپنى ئۆزۈم يالغۇز تازىلىغانىدىم بۇ ئىشلار ھەپتە ئىلگىرى يادىمدا يوق ئىدى، تۈنۈگۈن تۈن يېرىمىدىن باشلاپ ئۆزىچە ئېسىمگە كەلدى.
— قارىغاندا خاتىرەڭ ئەسلىگە كەلگۈدەك. شۇنداق قىلىپ بۇرۇنمۇ قەلەم تەۋرىتىدىغىنىڭ پاكىتلاندى مانا. ئىككى كۈن ساۋاتىڭنى چىقىرىپلا شېئىر يېزىپ كەتكىنىڭ بىكار ئەمەسكەن. ھە، ھېكايەڭنىڭ ئاخىرىچۇ؟
— كېيىنكى ئىشلار ئېسىمدە يوق. قەتئىي ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن. ئىشقىلىپ تۈرمىگە كىرىپ چىققان كەچمىشم بولغان تەقدىردىمۇ خاتىرەم ئەسلىگە كەلسە دەيمەن. سېنىڭچۇ؟ سېنىڭ خاتىرەڭدە ئۆزگىرىشلەر بولدىمۇ؟
— مېنىڭ باشلاغۇچىكى ئىشلىرىم ئېسىمدە.
— ۋاھ، قالتىسقۇ، سۆزلەپ بېرە ئاڭلايمەن.
— ئۇ كىچىك ۋاقتىم بولغاچقا كۆپ ئىشلار ئېسىمدە يوق، بىراق بىر ئېسىمدە تۇرغىنى، مەھەللىمىزگە يېقىن بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بولىدىغان. بىر سىنىپتا، بىر پارتىدا ئوقۇيتتۇق. ماڭا سالام خەت يېىپ، كەچتە ئۆيگە قايتقۇچە ھېلى سومكامنى، ھېلى چاپىنىمنى تارتىۋېلىپ بوزەك قىلاتتى. چوڭ بولسام سېنى ئالىمەن دەپ ئادەم بار - يوق دېمەي جۆيلۈپ يۈرەتتى. ئىسمى ئەكبەرغۇ دەيمەن.
— ئەك...ئەكبەر؟
يۈزۈمگە بىر ئىستىكان سۇ چېچىلغاندەك چۆچۈپ كەتتىم.
— ئاشۇ ئەكبەر شۇما؟
— بىر تۇرۇپ شۇمىكىن دەيمەن، باشلانغۇچتىكى ئۇ ئەكبەر بىلەن بۇ ئەكبەرنىڭ چىرايىدا چوڭ ئۆزگىرىش باكەن. تولۇق ئەسلىمنى تېپىپ بولالمىغاچقا ئىككىسى بىر ئادەممۇ ياكى ئايرىم - ئايرىم ئىككى ئادەممۇ ھازىرچە ھۆكۈم قىلالمىدىم.
— ھە، ئىككىمىزنىڭ كەچمىشدىكى بىر ئورتاقلىق، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئېسىدە «مۇھەببەت» كارتىنىسى قاپتۇ.
— ۋاي ئۆتەپ بارە، بۇنى قانداق مۇھەببەت كارتىنىسى دېگىلى بولسۇن؟ سېنىڭ قىزلارغا زومىگەرلىك قىلىشلىرىڭ، ئۇ كۆك پوتلىنىڭ چاپانلىرىمنى تارتىۋېلىشلىرىنى «مۇھەببەت» دېسەك قاملاشماس. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىدىغان، نېرۋىمىزنى ئەڭ كۆپ غېدىقلايدىغان ئىشلار شۇ بولسا كېرەك. شۇڭا ئېسىمىزدە قاپتۇ. بىر ھېسابتا ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ۋەقەلەردە ئۇ.
— ئۇغۇ راست، ئەمدى ئابايامقى گەپكە كېلەيلى، مېنىڭ تېلېفۇنۇمدا سېنىڭ نومۇرۇڭ، سېنىڭ تېلېفۇنۇڭدا مېنىڭ نومۇرۇم چىقتى. ھەر ئىككى تېلېفۇندا قان ئىزنالىرى تۇرۇپتۇ. ئىككىمىزنىڭ بىركۈندە، بىر ئورۇندا، بىرلا ۋاقىتتا ۋەقەگە يولۇقۇشىمىز ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس ئىكەن. بۇنى ئەكبەرنىڭ ئويۇنلىرى دېگەن تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ ئەسلىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ.
— سەن ئىشنىڭ بىر تەرىپىنى كۆرىۋاتىسەن. ناۋادا ئىككىمىزنىڭ كەچمىشى باغلىنىشلىق چىقسا، خاتىرىمىزنى يوقاتقان پېتى ياشىغىنىمىز تۈزۈك.
— قانداق دەيسەن؟
— نورمال ئادەم پىيادە مېڭىپ ماشىنىغا بۇنچە قاتتىق سوقۇلمايدۇ. ئەكبەرنىڭ دېيىشىچە، سەن يولنىڭ گېرۋىكىدە سوقۇلۇپسەن، دېمەك، سەن خىيال سۈرۈپ ماشىنا سىگنالىدىن بىخەۋەر يول گىرۋىكىگە كېلەي دەپ قالغنىڭدا، ماشىنا تورمۇزلاشقا ئۈلەۈرمەي سوقىۋرتىپتۇ. مەن يولىنىڭ ئۇ چېتىگە 5 مېتىر ئارىلىق قالغاندا سوقۇلۇپتىمەن، دېمەك، ماشىنا ھەرىكىتى بىلەن مېنىڭ ھەرىكىتىم قوشۇلۇپ ئېغىرراق زەخمىلەنگەن بولىمەن.
— خاتا بوپ قالدى. سەن ئېغىر زەخمىلەنسەڭ نېمىشقا مەندىن بۇرۇن ھۇشۇڭغا كېلىسەن؟
— ياق، بىز تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ پەرەز قىلىپ باقايلى. ئەكبەرنىڭ بىزگە سۆزلەپ بېرىشكە ئۈلگۈرمىگەن ھېكايىسىنى تەخمىنىي پەرەز قىلىپ باقايلى، — خالئاي ياتقان يېرىدىن سەل ئۆرە بولۇپ كارىۋاتقا يۆلەندى -دە، سۆزىنى قىسقا - قىسقا ھۆتىلەپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — سەن بىلەن مېنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سالغاندا ئەكبەر ماشىنىغا بىر سەكرەپلا چىقىۋاپتۇ. ماشىنا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا قۇتقۇزۇش خادىملىرى  جەزمەنكى، بىزنى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا بىزگە قان سېلىشقا توغرا كەلدى. ھادىسىگە يولۇققان ئادەم ئىككى بولغاچقا زاپاس قان يېتىشمىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە دوختۇر ئەكبەرگە ئېھتىياجلىق بولدى. ئەكبەر ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولدىيۇ بىراق قاننى پەقەت بىر ئادەمەىلا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
— ئەلۋەتتە ساڭا بېرىدۇ. ياق، ئەكبەرنى قارىغا چىقىرۋەتمەيلى، بەلكىم ئەكبەرنىڭ قان تېپى ساڭا چۈشكەن بىلەن ماڭا چۈشمەيدىغاندۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇمۇ ئامالسىز قالىدۇ - دە.
— بىراق مەن دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزىدە سەن بىلەن مېنىڭ قان تىپىمنىڭ ئوخشاش «ئو» قان تىپى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرگەن تۇرسام، بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ئەكبەرنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ. توغرا، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان جاۋاب. شۇنداق قىلىپ سەن كۆپ قانسىراپ كەتتىڭ. مەن ھەر ھالدا ئەكبەرنىڭ قېنى بىلەن ھاياتلىقىمنى تەڭپۇڭ ھالدا ساقلاپ تۇردۇم. نېمىشقا سەندىن بۇرۇن مېنىڭ ھۇشۇمغا كېلىشىمنى ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟
— دېگەنلىرىڭمۇ ئاساسسىز ئەمەس، بىراق نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بىر پەرەزدە!
خالئاينىڭ نەخ كەلتۈرگەن پەرىزىنى قوللىدىميۇ،بىراق تەستىقلاپ كەتمىدىم.
— ھەي ئەبلەخ، قورسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتتى. ئەتىگەندىن بۇيان گەپ سېتىپ ئولتۇۇرپ قورساقنى ئۇنتۇپتىمەن. ماڭا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىپ ئاندىن گەپ قىلساڭچۇ! ھە، راسىت سېنىڭ قورسۇقۇڭ ئاچمىدىما؟
— ۋاھ، ما گەپنى، ئاچمىدى چىرايلىق غوجام سېنىڭ قورسۇقۇڭ گۆشتىن پۈتكەن، مېنىڭ قورسۇقۇم پولاتتىن پۈتكەندىن بولغاندىكىن قورسۇقۇمنىڭ ئاچقان - تويغىنىنى بىلەلمەيدىغان بوپ قالدىم.
— خى، خى قورساق ئاچسا جىلا قىلماق ئاسانكەنغۇ سېنى. تېز بولە، تاماق يەيلى!
— بوزەك قىلىۋەرسەڭ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرىمەن جۇمۇ!.
— قىساسكار ئاشىق بولاي دەپسەندە. ئەكەلگەن تامىقىڭنىمۇ سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ يېسەم بولغۇدەك. زەھەرلەپ قويمىغىن يەنە.
— ھەجەب ئوبدان يادىمغا سالدىڭ. بۇمۇ بولىدىغان ئامالكەن. زەھەرلەپ بولۇپ، دوختۇر چاقىرىپ قويىمەن. ھا...ھا...ھا...
— رەزىللىكتە ئۇچچىغا چىققان ئەبلەخ. ساقايغان كۈنۈم مۇشۇ 12- قەۋەتتىن تاشلىۋەتمەيدىغان بولسام سېنى.
— مېنى 12- قەۋەتتىن تاشلامىش تېخى، ئاۋۇ بۇلۇڭدا تورغان كوتۇراڭ تېلېۋېزورنى تاشلاپ ھۆددىسىدىن بىر چىقىپ باققىنە ئاۋۋال.
— تېلېۋېزور دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ، سەن دېگەن ھېسابتا مېنىڭ. شۇڭا تاشلىسام ئۆزۈمنڭكىنى تاشلىدىم دەپلا ھۆددىسدىن چىقىمەندە. ئىز قالدۇرمايمەن. خى...
— ئاشدا قىل، مېنىڭ ئەسكى جىلىتكاڭچىلىكمۇ ئىسسىقىم بولمىغاندىكىن. بىراق، شەرتىم شۇ، 12-قەۋەتتى تاشلىۋەتكۈچە يۈرىكىڭدىن تاشلىۋەت. مەن يەنە ياشىمىسام بولمايدۇ.
— چاقچاق قىلدىم گۈلۈم، دېرىزە تۈۋىگە بېرىشتىنمۇ قورقىدىغان تۇرسام، سېنى تاشلاشقا جۈرئەت يوق.
— بىلىمەن ئاشىىم. چاقچاق قىلىۋاتىسەن. ئاستا ئۆرە بولە، ئالدىراپ سۈت بىلەن نان تەييارلىدىم مانا.
گۇڭ - مۇڭ پاراڭلاشقاچ قورسىقىمزىنى توقلاشتۇق. ئاندىن خالئاي پورتمال توقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. مەن كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. روسىيە يازغۇچىسى پوشكىننىڭ ئىككى پارچە شېئىرىنى ئوقۇغانىدىنم، ئارقىدىنلا ئىلھامىم تۇتۇپ قالدى -دە قولۇمغا قەلەم - دەپتىرىمنى ئالدىم. تەخمىنەن قىرىق بەش مىنۇتلار ئەتراپىدا بىر شېئىر دۇنياغا كۆز ئاچتى. يەنە ئون مىنۇت ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ شېئىرنى قايتىدىن تۈزەتتىم، ئۆزۈمچە خېلى تېتىملىق چىققاندەك تۇيۇلدى. خالئايغا بىر ماختىنىۋالغۇم كېلىپ، ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم. شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «بىر كاككۇكنىڭ ۋىسال چۆچىكى» دەپ قويۇلدى. ئاۋازىمنى رۇسلاپ ئەمدىلا ئوقۇي دەپ بولۇپ، بىردىنلا ئۆزۈم يازغان شېئىرنى سۆيگەن گۈلۈمنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.
— گۈلۈم، بۇ شېئرىنى سەن ئوقۇپ بېرە، ئۆزى يازغان شېئىرنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقسا ھېسسىيات قانداق بولىكەن، بىر ھېس قىلىپ باقاي.
— خەت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن - ھە كالۋا؟
— ۋاي ياق ئۇششا، مەن يېزىشقا يارىدىم، ئەمدى سەن ئوقۇشقا بولسىمۇ يارىمىساڭ بولماس.
— كەلدىم ئەمىسە، شېئىر ئوقۇشقا ئۇستا مەن.
— شۇڭا سېنى ئوقۇغىن دېدىم تەكلىپ قېشىمغا ئەكەلدىم ئەمەسمۇ!
— ۋاي ما گەپنىڭ ئۇستىلىقىنى، باشلىدىم :


ئىچىمدە
ئوت كەتكەندە ياپراق كۆكسىگە،
سۆڭەكلىرى كۆيدى پاراسلاپ.
گۇۋاھ بولغان ئاينىڭ كىرپىكى،
تۆۋىدىنلا سۇندى غاراسلاپ.
لاپ-لۇپ قىلىپ چىم-چىم يۇلتۇزلار،
ئۈن-تىنسىزلا ئۆچتى چاراسلاپ.

ئىچىمدە
ئاچچىق-ئاچچىق ھۇۋلايدۇ جاڭگال،
ئىسەدەيدۇ جىگدە كۆتىكى.
گۈل لېۋىدىن ساقىيدۇ پەسكە،
جان تالاشقان دېڭىز كۆپىكى.
نەدە قالدى غېرب بۇلبۇلنىڭ،
قۇمغا كەچكەن بىرجۈپ ئۆتىكى ؟!
تاشقىنلايدۇ ياۋابۇلاقتا ،
بىر كاككۇكنىڭ ۋېسال چۆچىكى.

ئىچىمدە
قوۋرۇغامنىڭ كەينىگە مۆكۈپ،
يۈرىكىمنى چانايدۇ دېڭىز.
تاغ تۈگۈلدى سەرسان كىرپىدەك،
كەتمىنىدىن ئايرىلدى ئېتىز.
مۇھەببەتنىڭ مايكىسى قىلىن،
ئازابلارنىڭ چاپىنى نىپىز.
پىيالىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ،
نىمە ئۈچۈن قانايدۇ بىر قىز ؟!

ئىچىمدە
مەن چاقىرغان ئادەملەر ئارا،
پەقەت مېنىڭ نىگارىملا يوق.
سۈزۈك تاڭنى كىشەنلەپ دارغا،
كۆزلىرىمدە ئۆي تۇتتى ئۇپۇق.
بارمىقىمدا ئەينەك پۇچىقى،
يۈزۈم قان-قان ،چاچلىرىم چۇۋۇق.
بىر يەشىكتە يۈز بوتۇلكا مەي،
ھەممىسىنىڭ كالپۇكى سۇنۇق.
سۇنايلىنىپ ياتىمەن پولدا،
ئىھ،بۇدۇنيا كېچىدىن تۇتۇق.

ئىچىمدە
مەن ئۆلىمەن ، ئۆلىشىم كېرەك،
ئۆلىۋىتىپ كۈلىشىم كېرەك.
مەن ئۆلۈشتىن بىر مىنۇت بۇرۇن
نىگارىمنى كۆرىشىم كېرەك!
ئۆتۈنمەيمەن شاھۇ-سەلتەنەت،
مەن ئۇ قىزنى سۆيىشىم كېرەك.
ئاندىن ،
مەن ئۆلىمەن ، ئۆلىشىم كېرەك !

ياق...! ياق...!! ياق...!!!
جىنازىدا ئەمەسمەن تېخى،
شامدىن يورۇق نۇر بوپ يانىمەن.
گاھى كېچە قەلەمنى شۈمۈپ،
گۈل تۈۋىدە ئۇخلاپ قالىمەن.
مەن يىغلىدىم يامغۇردەك سىم-سىم،
چاقماقلارنىڭ ئاھۇ-زارىمەن.
نەي پۆۋلىدىم چىنار شېخىدا،
مېنى سۆيگەن قىزنىڭ يارىمەن.
ئەقىدەمنى ئىزھار قىلغىلى،
ئۆزۈم بىرتۈپ گۈل بوپ بارىمەن.
ئالقىنىدا ئولتۇرۇپ تاشنىڭ،
تاڭ ئاتقۇچە تەمبۇر چالىمەن.
كۈيۈمدە بار پەقەت بىر مىسرا:
« نىگار سېنى چوقۇم ئالىمەن ! »
ئوتتا كۆيۈپ چوغقا ئايلاندىم،
مۇھەببەتكە ئاشىق بالىمەن .
بىلمىدىم،
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدە ئىچىدە نىچۈن،
ھازىرمۇ ھەم قانايدۇ بىر قىز ...؟!


— پاھ، پاھ، پاھ، ھەجەب پەيزى ئوقۇدۇڭ جۇمۇ!
— پەيزى شېئىرنى پەيزى ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن. يەنە مۇشۇنداق شېئىردىن ئىككى - ئۈچى يېزىۋېتە!
— ۋوي، شېئىر — ئۇ قولۇڭدىكى پورتمال ئەمەس توقۇسا چىقىۋېرىدىغان. شېئىر — نازۇك تۇيغۇ. شائىرلارنىڭ ئىچىگە تۇتاشقان ئۆچمەس ئوت. خۇدا سالغان ئىشق ئۇ. زورلىساڭ چىقمايدۇ، ئىلھام كەنگەن دەقىقە قەلەم تۇتقان قولۇڭنى كېسىۋەتسىمۇ چاچراپ چىققان قانلاردىن مىسرالار تىزىلىپ قالىدۇ.
— ئوھوي، سۆزلەڭ دېسە شەھەر ئالىدىكەنسە جۇمۇ. ئىشقىلىپ ماختىغۇدەك چىقىپتۇ بۇ شېئىرىڭ. مەن سەل چارچىغاندەك قىلىمەن، بىردەم يېتىۋالايمىكىن.
— ئىم، ئارام ئالغىن.
خالئاي ئورنىغا بېرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا يېنىككىنە تاشلىدى - دە، ھايال ئۆتمەي تاتلىققىنە ئۇخلاپ قالدى. ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، يۇمراق قولىغا چاندۇرماي سۆيۈپ قويدۇم. ئاندىن غەيرەتكە كېلىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىپ يۈرۈپ، ئاددى بولسىمۇ كەچلىك تاماق ھازىرلاپ بولغۇچە ئۇ كۆزلىرىنى ئۇلاپ ئويغاندى. ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى - دە، تەييارلىغان تامىقىمنى ئەكېلىپ تىزدىم. خالئاي سۆيۈنۈپ كەتتى. بوينۇمغا ئېسىلماقچى بولغانىدى، بىلىم ئاغرىپ كەتكىنىنى باھانە قىلىپ كەينىگە داجىدىم.
— تاماققا باقايلى گۈلۈم، سوۋۇپ قالمىسۇن. ئەتە بازارغا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى.
— ئىم، خۇدايىم بۇيرۇسا.
ئۇنىڭ خۇش تەبەسسۇمى تېخىمۇ ئامراقلىقىمنى كەلتۈردى. تاماقمۇ يېيىلىپ بولدى، دېرىزىدىن مارىغان ھىلالنىڭ سىماسى ياتاقنى شام يورۇقىدەك يورۇتۇپ  تۇراتتى. كارىدوردا ئۇياقتىن - بۇياققا تىنماي چېپىۋاتقان دوختۇرلار، بىمارلار ۋە بىمار ئىگىلىرىنىڭ تاق -تۇق ئاياغ تىۋىشلىرى، كىچىك بالىلارنىڭ چوڭلارنى خاپا قىلىپ يىغلاشلىرى قانداقتۇر بۈگۈن سەل پەسەيگەندەك قىلاتتى. خالئاي يېنىمدا تۇرسىمۇ، بىراق قەلبىمدە ئۇنىڭ سىماسى ھۆكۈمران ئىدى. بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
— تېخى ئۇخلىمىدڭما؟
— سەنمۇ ئۇخلىماپسەندە گۈلۈم!
— سېنى ئويلاپ. سەنچۇ؟
— مەنمۇ سېنى ئويلاپ.
— خى... ئەمدى ئۇخلايلى.
— ھەي... ئۇخلايلى.
ئۇ ئىشىك تەرەپكە ئالدىنى بۇرىدى، مەن دېرىزە تەرەپكە ئالدىمنى قىلىپ، شېرىن سەزگۈ ئىچىدە ئۇيغۇغا كەتتىم.
ھىجران كوچىسىنىڭ 8- قىسمى تۈگىدى
2014-يىلى 1- ئاينىڭ 30 - كۈنى (پەيشەنبە كەچ)






13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

528

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمەتجان ئابلەت ياۋاكۆز
تۆھپە
149
مۇنبەر پۇلى
328
ئىشەنىچ
149
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 16:32:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىجران كوچىسىدا
9-قىسىم
ئەتىگەن. چېھرىمگە ئۇدۇل چۈشكەن شەپەق نۇرى كۆزلىرىمنى چاقاتتى. تۈنۈگۈن ھەرىكەتنى كۆپرەك قىلغىنىمنىڭ ھاردۇقى بولسا كېرەك، كېچە ئۇيان- بۇيان ئۆرۈلمەي لايدەك ئۇخلاپتىمەن. خالئايغا قارىسام ئۇ تېخىچە ئۇخلاۋېتىپتۇ. كۈمۈشرەڭ نۇر ئۇنىڭ يۇمران لەۋلىرىدە ئالماس قىرلىرىدىكى يورۇقلۇق بەلگىسىدەك يال - يال چاقنايتتى. قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى ئازراق چۇۋۇلغان بولۇپ، قۇلاقلىرىنى ئالماپ، بويۇنلىرىغا قىل ئارغامچىدەك يۆگەشكەن ئىدى. گۈلۈمنىڭ بۇ قىياپىتى بىردە ھىجران ئازابىدا ئېلىشىپ قالغان سەھرادىكى قايسى بىر ساراڭ قىزنى لاپپىدە كۆزئالدىمغا ئەكەلسە، بىردە ئۇ ياسانغان چېغىدىكىدىنمۇ جەلىبكار كۆرۈنەتتى.ئاخشام بۈگۈن قىلىدغانغا خېلى كۆپ ئىش پېلانلىغانىدۇق، تۈەىمەي قالمىسىۇن يەنە، ئۇنى ئويغىتاي - ھە! ئۇنى پەس ئاۋازدا چاقىرىم:
— خالئاي!
نەپەستىن باشقا ئۈن - تىن يوق.
— خالئاي!
ئۇ بىرنى مۇنداقلا ئىغىناقلاپ قويۇپ يەنە جىم. ئاستا ساپمامنى كېيىپ يېنىغا باردىم -دە، بىلىكىگە يېنىڭ - يېنىڭ بارمىقىمدا نوقۇدۇم. ئۇ سەزدى بولغاي، ئوڭدىسىغا ئۆرۈلۈپ ، كۆزلىرىنى ئىككى قوللاپ ئۇۋلىغانچە سۈتتەك ئاپپاق يۈزىگە چۈشكەن ئۆتكۈر نۇر بەرگىنى ئالىقىنىدا دالدا قىلىپ، راسا بىرنى كىرىلدى - دە، بارماقلىرىدىن قاس چىقارغانچە ئورنىدىن تۇردى.
— بىردەمدە تاڭ ئېتىپتۇدە!
— قارىغاندا ئۇيقۇڭغا قانماپسەندە؟
ئۇ قاتتىق بىرنى ئەسنىگەچ قولىنىڭ كەينىدە ئېغىنزىنى يېپىپ ئۈلگۈردى. چاچلىرىنى ئۈستەلدىكى كېچىك يۇمىلاق ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تۈزەشتۈرىۋالدى.
— قاچانمۇ قۇتۇلارمىز بۇ بىمارلار فورمىسىدىن.
— ۋاي تاڭ جۇمۇ، ئىشقىلىپ ئاق خەسە ئارتىپ چىقىپ كېتىپ بارغان ئىنسانلارغا قارىغاندا مىڭ شۈكرى ئېيتايلى.
— دېىگىنڭغۇ راست، بىزمۇ گۆردىن قاچقان ئۆلۈكلەر ئىكەنمىز.
— خى، شۇنى بىلسەكلە بولدىغۇ! تېز ساپماڭنى كېيىپ، يۈز -كۆزۈڭنى ئادالاپ چىق.
— نېمە، يۈز - كۈزۈمدە ئادالىمىسا بولمايدىغان مەينەت بامىكەن؟ يۇيۇپ چىق دېسىمۇ بولىدىغان گەپ، ئادالاپ چىق دەپ. ئەتىگەن نېرۋامنى غىدىقلاپ...
— خى، 99 سىلسىيگرادۇسلۇق سۇدەك چالا قاينىماي سۇخانىغا ماڭغىنە، بىللە ئېلىپ چىقامدى يە؟
— ئۆزۈڭنىڭ جېنىنى بىر باققىن سەن. بىللە ئېلىپ چىقارمىش تېخى. پۇتۇم ساق ماڭالايمەن، كۆزۈم رۇشەن سۇخانىنى تاپالايمەن. بۇندا گەپتە بوزەك قىلىۋەرسەڭ ساڭا ئۆچ بوپ قالىمەن جۇمۇ.
— ئۆچ بوپ قالساڭ قېشىمدىن كېتەمسەن؟
— يوق گەپنى دېيىشمەيلى بولدى، چىقىپ كىرەي.
ساپمىسىنى كېيىپ بىردەمدىلا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولدى.
— قىستاپ كېتىپتۇدە!
— ھە، شۇندا چېغى، ۋاي يۈزى قېلىن.
ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى - دە، چىقىپ كەتتى. توغرا، مەنمۇ چىقىپ كىرىشىم كېرەك. بۈگۈن ئۇستىانلىرىم خېلى يەڭگىل بولۇپ قاپتۇ. ساغلاملىققا نىسبەتەن ھەرىكەتنى بوش چاغلىغىل بولمىغۇدەك. قەدەملىرىم ساق ئادەمدىن سەللا پەرقلىق ھالدا ئالغا چامداۋاتىمەن. سۇخانىدا ئادەملەرنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەتكىنى كۆرۈپ قاپىقىم غۇژژىدە تۈرۈلدى. بىراق كەينىمدىن دەمبەسقەدەم يېتىپ كەلگەن چاقلىق ھارۋىدىكى مېيىپ بالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ئورنۇمنى بوشىتىپ بەردىم. كارىدورغا يېنىپ چىقىپ، قول بېغىش بوغۇملىرىمنى بوشىتىپ، لىپەكلىرىمنى ئۇۋلاپ، بىلىمنى ئايلاندۇرۇپ بىلگىنىم بويىچە گۈزەللىك گېمناستىكامنى ئوينىغاچ تۇردۇم.
— بۈگۈن يۈگۈرۈشكە قاتنىشامسەن نېمە؟ — دېدى خالئاي يېنىمغا كېلىپ.
— خى، ھەيران قىلىۋاتامسەن؟ تۈنۈگۈن تېلېۋېزوردا «دۇنيا پۇتپۇل مۇسابىقىسىنى» نى بىللە كۆردۇققۇ، ئارگىتنىناغا ۋەكىل بولۇپ توپ ئوينىغان كوماندىدىكى ۋارتارچى تولىمۇ يارىماس نېمىكەن. شۇنىڭ ئورنىغا مەن چۈشىدىغان بولدۇم، شۇنىڭغا تەييارلىق كۆرىۋاتىمەن.
— ھا...ھا...ھا... سەن مەيدانغا چۈشمەكچىما؟ مەيدانغا چۈشۈشتىن ئاۋۋال تاماشىبىن بولۇشنى ئويلاش. مەن تېخى سۇخانىغا كىرىشكە مادار يوق، كارىدورغا چىقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە كۈچ توپلاۋاتقان ئوخشايدۇ  دەپتىمەن. خى...خى....
خالئاي ئىككى تىزىنى تۇتقىنىچە كۈلۈپ تاشلىدى. ئىشقىلىپ بۇدا قېتىم ئۇ مېنى قاملاشتۇرۇپ جىلا قىلالىغانىدى.
— ماڭ...ماڭ..ماڭ، ياتاققا كىرىپ ئىشىڭنى قىلغاچ تۇرە، تەرەت قىستاپ چىدىيالماي قالغىنىمدا نەدىن پەيدا بولدۇڭ سەت جىڭگۇك.
ئۇ مېنى ئېغىزىنى قاماللاپ كۈلگىنىچە ياتاققا يۈرۈپ كەتتى. مەن سۇخانىغا قارىسام ئىچى سەل ئازادىلىشىپتۇ.كىرىپ ھايال ئۆتمەت يېنىپ چىقتىم. ياتاققا كىرسەم، ناشتىلىق تەييار تۇرۇپتۇ. توكلۇق چەينەكتىكى چايمۇ قايناپ ئاللىبۇرۇن بىر ئۇچى توكتىن ئاجراپ بوپتۇ.
— كەل، ناشتا قىلىمىز!
— بىز ئۈچ ۋاخلقىمىزغا ئۈچ ۋاخ نان يەۋاتىلى قانچە كۈن بولدى، دەپ باقە، زەپمۇ زېرىكتىم شۇ ناندىن.
— ئەلۋەتتە مەنمۇ زېرىكتىم، ئارتۇق چىچىلما پەرھات، نەشتا قىلىپ بولۇپلا بازارغا چىقىمىز، چۈشلىكىمىزنى ئوبدان يەپ كىرەيلى! كەچلىكىمىزگىمۇ قېرىندا توختىغۇدەك بىر نەرسە ئېلىۋالىمىز.
ناشتىلىقتىن ۋاز كېچىشىمدىن ئەنسىرەپ ئۇ مېنى سىلىق گەپلەر بىلەن بەزلەۋاتاتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسام بولمايتتى. چۈنكى مەن چىدىمىغانغا ئۇ چىداۋاتىدۇ. مەن قىلالمىغاننى ئۇ قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەسلى چېچىلىشقا تېگىشلىك ئادەم مەن ئەمەس، ئۇ بولىشى كېرەك ئىدى. ئاچچىقىمغا ھاي بېرىپ، بارىغا شۈكرى قىلاي. چىرايىمنى ئېچىپ ئاستا داستىخانغا كېلىپ، غىزاغا قول سوزدۇم. پىيالەمگە سۇس دەملەنگەن قىزىق چاي قۇيۇلدى. بىلەكلىرىمگە قونغان چىۋىنلارنى پاق - پۇق ئۇرۇپ قوياتتىم ئاچچىقىمنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىپ.  يۈزىگە بولۇق كۈنجۈت بېسىلغان توم ناننى كۈچىمەيلا ئۇشتۇپ چايدىن بىر ئوتلاپ، ناندىن بىر چىشلەپ ناھايىتىمۇ تەستە پۇچۇق ناننى تۈگەتتىمدە، دۇئا قىلىپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. غىزا ئۈستىدە ئارتۇق سۆز بولۇنمىدى.
— مومايلاردەك ناننى شۈمۈپ ئولتۇرماي تېز - تېز بولغىنە، سىرتقا چىقايلى، ياتاق زىنداندەك بىلىنىۋاتىدۇ ماڭا.
ئۇ مىجەزىمنىڭ چۇس بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى بولغاي، لام - جىم دېمەي قولىدىكى ئالىقىانچە ناننى داستىخانغا قۇيۇپ، چايدىن بىر ئوتلاپلا دۇئا قىلىپ، ئاياغىنى كېيىشكە باشلىدى. مەن ئايىغىمنى كىيىپ بولغۇچە، ئۇ كاستىيۇمۇمنى تەييار قىلدى.
— ماڭدۇقمۇ؟
— ئىم، ماڭدۇق، كىتاب ئېلىۋالايمۇ ساڭا؟
— يا، يا بولدى، بۈگۈن قانغۇچە بازار ئايلىنايلى، تۈنۈگۈنكى تېلېفۇنلىرىمىزنى ئېلىۋالايلىچۇ؟
— ماقۇل، خى، ئەستا مېنىڭكىدە توك قالماپتۇ. سېنىڭكىنى ئېلىۋالايلى، ۋايجان، سېنىڭ تېلېفۇنۇڭدىمۇ توك يوك تۇرىدىغۇ.
تېلېفۇنلارنى بىرنىڭ -بىر كەينىدىن بىرنى ئۇلاپ كارىۋاتقا تاشلىدى.
— ھەي، توكى يوق بولسىمۇ ئۇنداق ئوچۇقچىلىققا تاشلاپ قويما، بۇ ياتاقنى يا قۇلۇپلاپ ماڭغىلى ماڭغىلى بولمايدۇ. ئاۋۇ دورا قويغان تارتمىغىغا سېلىپ قويغاچ تۇرە. توك قاچىلىيدىغان بىر نەرسە ئۇچراپ قالسا، ئالغاچ كىرەمىز بازاردىن.
تېلېفۇنلارنى دەرھال تارتمىغا سېلىۋەتتى. ئىشىك تەرەپكە ئالدىمنى قىلىپ، قەدىمىمنى ئالغىنىمدا تۇيۇقسىز قاپىقىممۇ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ قالدى.خالئاي قولتۇقۇمدىن يۆلىگىلى تەمشەلگەنىدى، رەت قىلدىم. چۈنكى بۈەۈن مەن خېلى جانلىق. ئۆزۈمنى ساق ئادەملەردىنمۇ بەكرەك تىتىك ھېس قىلماقتا ئىدىم. پات - پات بىلىمنى تۇتۇپ قويدۇميۇ، تالغىنىغا پىسەنت قىلمىدىم. مانا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقتۇق. يوللاردىكى رەت - رەت ماشىنىلار بىر - بىرىگە ھەيۋە بىلەن سىگنال ئۇرۇشۇپ تولىمۇ ئاستا يولىغا راۋان بولىۋاتاتتى. قىزىل چىراغغا تەلمۈرۈپ تۇرغان ماشىنىلار بەزىدە كۆرگەزمە سارىيىدىكى ماشىنىلاردەك تۈس بېرەتتى.
— ھەي، قايسى تەرەپكە ماڭايلى؟
— پۇتىمىزنىڭ مېڭىشىغا قويۇپ بېرەيلى گۈلۈم، ھەممە نەرسە يېڭىلىق بىلىنىۋاتىدۇ، ماڭا بەرىبىر. مۇمكىن بولسا كەچ كىرگۈچە جاھاننى پىيادە ئايلىنىۋەتسەم دەيمەن.
— خى...خى... راستىنلا زېرىكىپتىكەنسەن جۇمۇ!  مەنغۇ سەن قاياققا باشلىساڭ ئەگخشىپ كېتىۋېرىمەن. بىراق ئاۋۋال ئاشخانا تاپساق قورساقنى بىر ئەستەرلەپ بولۇپ ئاندىن ھاۋىدا ئۇچساقمۇ مەيلىتى.
— قارىغىنە چۈمۈلە توپىدەك مىغ - مىغ ئادەملەرگە. سېنڭچە ئاشخانا ئۇچرىماي قالارمۇ؟ بىز چۆلدە قالمىغاندىكىن ئاشخانا ئۇچرىماي قېلىشىدىن ئەنسىرمەيلى.
— ئىم، بوپتۇ، ماڭدۇق ئەمىسە. سەن بار يەردە ئۆزۈمدىن ئەنسىرەشنىڭ نېمە ھاجىتى!
— ھەببەللى، ما گېپىڭ بولدى مانا. خى...
بىز كوچىمۇ كوچا ئايلىنىشقا باشلىدۇق. نەچچە ئون دانە يۇلتۇزلۇق مىېھمانخانا، رېستۇرانلارنى ئۇچراتتۇق. ئىشىكى ئايلىنىپ تۇرىدىكەن، ئالدىدا كۈتكۈچى خادىملىرى ئەدەپ بىلەن تۇرىشىدىكەن. ھەممىسىنىڭ ئۇچىسىدا ئوخشاش كىيىم. بۇ سارايلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بەھەيۋەت بولغىنىغا قارىغاندا، چوقۇم ئېچىگە بىزدەكلەر كىرەلمەيدۇ، دەپ ئويلىدىم بىنانىڭ ئۇلىدىن ئۇچىغىچە بوي سوزۇپ قاراپ. كىيىم - كىچەك دۇكانلىرى، تېلېفۇن شەھەرچىسى، سودا سارىيى، يەر ئاستى دۇكانلىرىغىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە بىر قۇر سەپ سېلىپ چىقىپ، كۈن سەل غەربكە ئاغقاندا بىر چوڭ ئىكراننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق.
— ئۇھ !
— ئۇھ، ھېرىپتىمىز - ھە!
— پۇت قولۇمدا جان قالمىدى مېنىڭ، ئولتۇرىدىغان يەر تېپىپ بىردەم ئارام ئېلىۋالايلىچۇ پەرھات!
— جۈرە، ئاۋۇ يەردە سىمۇنېت ئورۇندۇق باكەن، شۇ يەردە بىردەم دېمىمىزنى ئېلىۋالايلى!
— ھەي، قارا، — خالئاي خۇددى بىباھا بىر نەرسە ئۇچرىغاندەك چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، قولىنى بىر تەرەپكە سوزدى - دە، — ئاشخانا، — دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
— «سۇمەييە تېز تاماقخانىسى»؟ ئىم، تېز ماقاقخانا دەپتۇ، كىرسەك كىرەيلى، ئارامنى شۇ يەردە ئالارمىز.
— قىززىققىنە چاي ئىچكەي دېگىنە!
— شۇ، شۇ. خى... جۈرە!
بىز قورساق غېمىدە ئاشخانىغا كىرىپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىن  تەستە ئولتۇرىدىغان ئورۇن تېپىپ ئولتۇردۇق.
— چاي قۇيە!
— چەينىكىدە چاي يوقكە.
— ئەكىلە، ئاۋۇ تەرەپتە چاي كۆرۈنگەندەك قىلدى، مەن بېرىپ ئەكىلەي، سەن ئولتۇۇرپ تۇر.
— نەگە بارىسە، جىم ئولتۇرە، چاينى مۇلازىملار ئەكېلىپ بېرىدىغاندۇ، سەن بۇ ئاشخانىدا ئىشلەمتىڭ يا؟
— ئىم، كۈتەيلى ئەمىسە. تاماق سوراپ بېرەرسى كېلەيمۇ دېمەيدىغۇ! خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇق، ئاۋۇلانىڭ ئالدىغا لەغمەن كەپ بولدى. بىزمۇ يەيتتۇق. قورساق ئېچىپ كەتكەندە ئەجەپ...
— شۇ ھالىغا تېز ماقاقخانىمىش تېخى.
— ۋاي تولا قاقشىمىغىنا، سەن تاپقا ئاشخانا بۇ. قاغا بىلەن دوست بولساڭ، يېيىشىڭ پوق دەپ...
شۇ ئارىدا يېنىمىزدىن بىر مۇلازىم ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. خالئاي ئېغىز ئاچتى.
— ئۇستام، بىزگە لەغمەندىن ئىككىنى!
— سىلەر تاماق تېزىملىكى كەستۈرگەنمۇ؟
— نېمە، تاماققىمۇ تېزىملىك كەستۈرەمدۇق؟ بازارنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى دوختۇرخانىدىنمۇ چىڭىپ كەتتىمۇ نېمە، قەدەمدە بىر قەغەز كەستۈرۈپ. يائاللا، يا ئاللا.
ئەتراپىمىزدىكىلەر بىزگە قارىشىپ كەتتى. مۇلازىممۇ تەمكىن كىشى ئىكەن، قارشى سۆز قىلمىدى.
— ھە، چۈشەندىم، — خالئاي تاماق ئۈستىلى ئاستىدىن پۇتۇمغا تېپىپ قويۇپ مۇلازىمغا قارىدى، — تېخى تاماق تېزىملىكى ئالماپتىمىز.
— ئەمىسە مەن بىلەن جۈرۈڭ، پەستىكى كىرىپ - چىقىش ئىغىزىدىلا تاماق تېزىملىكى كېسىدۇ.
ئۇ ھايال ئۆتمەيلا ئېغىزىنى ئايتىشقىمۇ يارىمايدىغان قارا چېكىتلەر ئۇرۇلغان كىچىككىنە بىر قەغەزنى كۆتۈرۈپ، بىر چەينەك چاي بىلەن قېشىمغا ئۈندى.
— نېمە قىلىق بوپ كەتتى بۇ، ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز قىلامدىكەنمىز؟
— ھەئە، پەستە دېرىزە ئەينىكىگە قارىسام، «ئاشخانىمىزغا كىرگەن مېھمانلار تاماق تېزىملىكى كەستۈرۈپ ئاندىن ئورۇن ئېلىڭلار، ئۇدۇل تەرەپتىكى چاي ئۆيىدە تەييار چاي بار، ئۆزۈڭلار خالىغىنىڭلارچە ئاپىرىپ ئىچىڭلار» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
— ما گەپنى كۆرۈڭ، ھە نېمە بولسا گەپنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ :« تېخىمۇ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرسەڭلار تەييار ئۇن بار، خېمىر يۇغۇرۇپ، لەغمەننى ئۆزۈڭلار ئېتىپ يەڭلار، قاچاڭلارنى يۇيىۋېتىپ چىقپ كېتىشنى ئۇنۇتماڭلار» دەپ يېزىپ قويمىغانلا يېرى باكەن بۇ خەقنىڭ.
— خى...خى... ھەي، پەسراق گەپ قىل.
— ۋاي بۇنداق ۋاراڭ - چۇرۇڭدا كىم ئاڭلايتتى، قارىغىنا ، ھەممىىس قورساق غېمىدە.
— تامىقىڭلار چىقتى، قىنى تاماققا بېقىڭلار!
— ھەجەپ ئۇزۇندا چىقتى بۇ لەغمەن.
— لەغمەنمۇ ئۇزۇن بولغاندىكىن، ئۇزۇندىراق تەييار بولغان چېغى، رەنجىمىسلە ئۇكام. ئاش قوشامسىلە، قوشمامسىلە؟
— ياق، ئاش قوشمايمىز، كەچلىك تاماققا تېخى خېلى بار.
— ئاش قوشايلى ئۇستام، ئىككى كىشلىك ئاش قوشايلى، — دېدى خالئاي مۇلازىمغا سىلىق تەلەپپۇز بىلەن.
مۇلازىمنىڭ چىرايىدا قىلچە ئۆزگىرىش يوق ئىدى، بۇرۇنقىدەكلا ناخشىسىنى غىڭشىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى.
— توۋا، بۇ مۇلازىملارغا گەپمۇ تەسىر قىلمايدىكەن دېسە، خېلى گەپ قىلساممۇ بىخارامان ناخشىسىنى ئېيتىپ تۇرىدىيا!
— خى، سىسىق گەپ قىلدىڭ دەپ بېشىڭغا تەخسىلەرنى ئېتىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسە بولامتى ئەمىسە. ئۇلارنىڭچۇ ئاشخانىسىنىڭ تىجارىتىگە قارىغاندا بىر كۈندە سەندەك سىسىق گەپچىدىن نەچچە مىڭنى يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئەمەسكەن. بىكار زېھنىڭنى ئىسراپ قىلماي لەغمىنىڭنى يېگىنە!
— ئىم، يەۋاتىمەنغۇ مانا. كۆكتاتلىرىنى خېلى ئوخشۇتۇپ قورۇپتۇ.
ئاڭغىچە چاي قۇيىدىغان پىيالىدىن سەل چوڭراق كەلگەن ئىككى يايپاڭ تەخسىدە قوشۇلغان لەغمىنىمىز كەلدى. چوكىغا تۆت - بەش قېتىم يۆگەشتۈرۈپ، چال - بۇلا چايناپ ئۇنىمۇ كانايدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق.
— ئاۋۇ قەغەزنى ئۇزۇتىۋېتە!
قەغەزنى سۇنۇپ بەرگەچ ئۇنى ئالدىراتتىم
— تەييار بولدۇڭمۇ؟ ئامىن!
دۇئاغا قول كۆتۈردۈم، ئۇمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئۈلگۈردى. سىرتقا قايتىپ چىقىپ قاياققا بارساق بولار دەپ قايمۇقۇپ تۇرۇپ قالدۇق.
— بازاردىنمۇ زېرىكىپ بولدۇق، ئەمدى نېمىش قىلساق بولار گۈلۈم؟
— قايتىپ كېتەيلىمۇ يا؟
— ئۇنداقمۇ قىلمايلى، يېقىن ئەتراپتا باغچا بامىدۇ؟
— ۋاھ، باغچىغا بارامدۇق، بەك ياخشى بولدى. لېكىن مەن ئۇقمايمەندە، ئۆتكەن - كەچكەنلەردىن سوراپ باقامدۇق يا؟
— سەن سورا، مەن سورىيالمايمەن. ھەي، خەقتىن سوراپمۇ يۈرمەي، بىزمۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقايلى، باغچىنى شوپۇر بىلىدۇ.
— ئۇلار ئىشەنچىسىز.
— كۈندۈزدىمۇ قورقامدۇ كىشى. جۈرە ۋوي،  ئۆپكىسى يوق!
كوچا ئاپتۇبۇسى توختايدىغان يەردە يىرىم چارەك ۋاقىت كۈتۈپ بىر سېرىق تاكسىنى توستۇق.
— نەگە؟
ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچماي تۇرۇپ شوپۇر بىزدىن سورىدى.
— باغچىغا.
— قايسى باغچىغا؟
— مۇشۇ ئەتراپقا يېقىنراق، ئەڭ گۈزەل باغچىغا.
شوپۇر باش لېڭشىتتى. خالئاي ئىككىمىز ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇنىغا چىقتۇق. ماشىنا ئەينىكى يېرىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، سىرتتىن ئىچىگە ئۇرۇلغان شامال كىشىنى خېلى راھەت ھېس قىلدۇراتتى.
— سىلەر بۇ شەھەرگە مۇساپىر ئىكەنسىلەر - ھە؟
— ئىم، شۇنداق!
— قەيەردىن؟
— خوتەندىن.
— بىراق تىلىڭلار پەقەت خوتەنلىككە ئوخشىمايدىكەن.
— نېمە، خوتەنلىكنىڭ تىلى باشقىچە شەكىلدە بولامدا شوپۇر ئۇستام؟
— خى...خى... چاقچاققا ئۇستىكەنسىز ئۇكا، شىۋەڭلارنى دەۋاتىمەن. مەنمۇ بۇ يەرگە تېرىكچىلىكنى قوغلىىشپ غۇلجىدىن كۆچۈپ كەلگەن. بىر قىزىم، بىر ئوغلۇم بار. قىزىم شاڭخەيدە، ئوغلۇم بېيجىڭدا ئوقۇيدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئالىي مەكتەپتە.
— ھە، ئايدا كىرىمىز قانچىدىن ئايلىنىدۇ ئاكا؟ — سورىدى خالئاي شوپۇر تەرەپكە سەل بوينىنى سوزۇپ.
— ئىشقىلىپ 10 مىڭدىن چۈشمەيدۇ. كۈنىمىز يامان ئەمەس.
— ۋاھ، تاپاۋېتىڭىز ياخشىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى ئولتۇرپ تاپىدىكەنسىز ئەمەسمۇ.
— خى، بىزدەك كېچە - كېچىلەپ ماشىنا ھەيدەپ باقمىغانلار شوپۇرنىڭ كۈنىنى ئاسان دەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئۆتكەنكى تەتىلدە بولغان ئىش ئۇكام، بەللىرىم ئاغرىپ ئۆيگە كىرىپ ئەمدى كۆرپىگە ئۆزۈمنى تاشلىشىمغا، ئوغۇلۇم:« دادا، سەن پۇلنى بەك ئاسان تاپىسەن جۇمۇ، كۈندە ئۈچ - تۈتيۈز سوم ئەكىرىسەن. مەنمۇ ئوقۇماي شوپۇر بولايمىكىن دەپ قالىمەن» دەۋاتىدۇ. ئاچچىقىم بىر كەلدىدە، تىللاي دەپ بولۇپ، ئۆزۈمگە ھاي بەردىم. ئارقىدىن بالىكونغا قولىدىن يىتىلەپ ئېلىپ چىقىپ ئالدىغا كىچىك بىر تاماق ئۈستىلىنى قويدۇم، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ:«مىدىرلىماي مۇشۇ دېرىزىدىن ئاۋۇ ئېگىز بىنانىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇر ئوغلۇم. ئۆزۈڭنى ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن دەپ ئويلا، ھەرگىز يان - بىلىڭگە قارىما. مېنىن ماشىناڭدا ئولتۇرغان خېرىدار دەپ پەرەز قىل!» دەپ ئورنىدىن قوزغاتماي يېرىم كۈن شۇنداق ئولتۇرغۇزۇپ شوپۇرنىڭ كۈنىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويغانىدىم. شۇندىن بىرى مېنى باشقىچە «دادا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
— ۋاھ، بالا تەربىيەلەش تاكتىكىڭىز قالتىسكەن ئاكا.
— راست، بەك ئۈنۈملۇك ئۇسۇل قوللىنىپسىز.
— باغچىغا كەلدۇق. كىرا ھەققى 10 سوم بوپتۇ.
ماشىنا يېنىككىنە تورمۇزلاندى. كىرا ھەققىنى تۆلەپ، شوپۇر بىلەن قائىدىلىك خوشلىشىپ باغچا دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق.
— «سۇ ئۈستى باغچىسى»؟ ئىسمىنىڭ ئۆزگىچە قويۇلغىنىغا قارىغاندا، ئىچى چوقۇم گۈزەل. قىنى كىرەيلى، — دەپ قولۇمدىن تارتتى خالئاي خۇشاللىقىنى مەڭزىگە يىغىپ.
— ئىم، مەنمۇ شۇندا ھېس قىلىۋاتىمەن. جۈرە!
ئۇ بۆجەندەك تاقلاپ -تاقلاپ بەش - ئالتە مېتىر ئالدىمغا ئۆتۈۋالدى.
— تېز بولە، پەرھات. ئاۋۇ پەشتاقتىن ئېگىزگە چىقىپ ھەممە يەقنى كۆزىتىپ باقايلى.
— نەگە ئالدىرايسەن. مەن يۈگۈرەلمەيمەن جۇمۇ. باغچىغا كېلىۋېلىپلا ،يېنىمدىن قاچتىڭ. جاھاننىڭ گۈزەللىكىگە لال بوپ كېتىپ مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويغىنىڭنىڭ نېمىسى. كۆڭلۈمگە كەلدى جۇمۇ!
مەن ئەتەي ئۇنىڭغا قىيداپ، جايىمدا ماڭماي تۇرىۋالدىم. ئۇ قېشىمغا يېنىپ كېلىپ يالۋۇرۇپ بەزلەپ كەتتى.
— تاتلىقىم، خاپا بولما، مەن ئەسكى شەيتان ئويۇننى كۆرگەندە سېنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. كەچتە قايىتىپ بېرىپ مېنى رازا ئۇرىۋال - ھە! ئەمدى سەن بىلەن بىرگە ماڭىمەن. قولتۇقلۇشۇپ تېخى.
— خى، خى، خى، بۇ چارەمنى بۇرۇنراق قوللىنىشىم كېرەكتى زادى.
— خى، ئەسكىلىكىنى، كىچىك بالا. پەشتاققا كەلدۇق.
— ۋوججۇ، نېمىنداق ئېگىز پەشتاق بۇ؟ بىرەريۈز چىققۇدەك.
— ئەمىسە ساناپ چىقايلى. خاتىرە بوپ قالىدۇ.
— ئىم. ئوڭ پۇتىمىزنى ئاۋۋال ئالايلى.
پەشتاققا ساناپ قەدەم ئېلىشقا باشلىدۇق. ساناق ئوخشاش رىتىمدا ئېغىزىمىزدىن تەڭ چىقىۋاتاتتى. ئون ئىككى، ئۈچ، ئون تۆت... ئوتتۇز يەتتە، ئوتتۇز سەككىز...ئەمدى يېرىمىغا كەپتىمىز.  ساناقلىرىمىز بارغانچە سوزولۇپ، ھاسىراپ چىقىۋاتاتتى، ئاتمىش بەش، ئاتمىش ئال...تە، ئاتمىش يەت...تە . ئۇھ، ئاخىرى ئېگىزگىمۇ چىقتۇق.
— جەمئىي 67 پەلەمپەي ئىكەن. قارا پەرھات،  دېڭىز!
چۆچۈپ خالئاي بىلەن تەڭ ئوڭ تەرىپىمگە قاراپتىمەن.
— نەدە دېڭىز بولسۇن، كۆلكەنغۇ. مېنى بوشراق ئالدىغن - ھە! يۈزۈڭگە قارىماي قالماي يەنە.
ئۇنىڭ مەڭزىنى بارمىقىم ئارىسىغا ئېلىپ ئولۇپ قويدۇم.
— خى، سېنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دەپچۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېڭىزمۇ بوپ قالار. ساھىلدا قۇمغا كۆمۈلگەچ، سۇغا چۆمۈلەرمىز. ئاق تۇرنىلارنى تاماشا قىلارمىز.
— دېگىنىڭ كەلسۇن گۈلۈم. كۆلدە بېلىقلار باركەن، ھازىرچە شۇنى تاماشا قىلىپ تۇرايلى.
كۆك تەرەپكە ئۆتىدىغان ئايلانما پەشتاقتىن چۈشۈپ كۆلنىڭ گىرۋېكىگە كەلدۇق. بۇ يەر ھەقىقەتەن سالقىن ئىدى. كۆل تەرەپتىن ئۇرۇلغان شامال يۈز تېرىلىرىمىزنى يېنىك سىپاپ تۇراتتى. رېشاتكىغا ئېسىلىپ كۆلگە زەن سېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر، بېلىق بېقىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلار، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۈنگە قومۇشلۇقنى تەسۋىرلەپ رەسىم سىزىۋاتقان سەنئەتكارلار، رەسىمگە چۈشىۋاتقان جۇغۇم - جۇغۇم قىز - يىگتلەرنىڭ ئەركىن پائالىيەتلىرى نېرۋامنى غىدىقلاپ قويدى. كۆلدە كاتىر ھەيدەۋاتقان كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا كىچىك بىر دېڭىزنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى. كۆلگە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ باقتىم، تۇيۇقسىز بېشىم قايغاندەك بولدى.
— خالئاي، كۆلگە قارىسام بېشىم قېيىۋاتۇدۇ، سەندىمۇ بۇ خىل ئالامەت بامۇ؟
— ئىم، ئوخشاش تۇيغۇدا ئىكەنمىز.
— ھە، شۇنداقمۇ؟ كۆلگە ئۇزاق قارىسا ئادەمىنىڭ بېشى قايامدىغاندۇ - يا؟
— مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. سېنىڭ دېگىنىڭچە بولغاندا كۆلدە كېمە ھەيدەۋاتقانلارنىڭمۇ بېشى قايسا بولاتتى. ئۇلار كۈلۈپ يايراۋاتمامدۇ!
— جۈرە، غابچا خېلى چوڭكەن، باشقا يەرلىرىگە بېرىپ باقايلى. كۆلگە شۇنچە ئۇزاق تەلمۈرسىمۇ بىرەر تال بېلىق بوينىنى چىقىرىپ:«خۇش كەپسىلەر بىر جۈپلەر» دەپمۇ قويمەيدىكەن.
— خى، قىززىق جۇمۇ سەن. ئاۋۇ تەرەپتە ئويۇنچۇقلار بار ئوخشايدۇ، شۇ يەرگە بېرىپ باقايلى.
كۆل بويىدىن ئايرىلىپ ئويۇنچۇق كوچىسىغا كەلدۇق. بۇ يەرمۇ ھەر ئىككىلىمىزگە ئۆزگىچە بىلىندى. چاق- چۇق ماشىنىلار، ئۇچار ئاتلار، ئايلانما ئورۇندۇقلار، شار سوقۇدىغان تاپانچىلار، قونچاق ئۇتىدىغان سولانما شارچە توپلار، ئىگىزدىن پەسكە شۇڭغۇيدىغان چاتما پويىزلار، ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ يۈرەكنى قېپىىدىن چىقىرىدىغان ئىلەڭگۈچلەر، 360 گىرادۇس ئايلىنىدىغان ئادەملىك چاقپەلەكلەر «ئالۋاستى شەھەرچىسى» نىڭ ئالدىدا بولۇشغا قويۇلىۋاتقان جۇشقۇن ناخشا - مۇزىكىلار بىلەن بىرلىشىپ ھەقىقىي «ئويۇن -تاماشا» مەركىىزنى بىنا قىلغانىدى.
— گۈلۈم، بىزمۇ بىرەر ئويۇن ئويناپ باقايلىمۇ؟
— خى، بەك قورقۇنۇشلۇقكەن، سەن ئوينا، مەن ساڭا قاراپ تاماشا قىلاي. مەن ئوينىسام چىرقىراپ سالىمەن.
— چىرقىرىسا نېم بوپتۇ، باشقىلارمۇ ئانىسىنى چاقىرىپ چىرقىراۋاتمامدۇ ئەنە، كىشى مازاق قىلمايدۇ. بىرگە ئوينايلى.
— نېمە ئوينايمىز؟
— خالىغىنڭچە بولسۇن!
— ئىم، ئەمىسە ماڭا چىلەكنىڭ ئىچىگە  توپ تاشلاپ قونچاق ئۇتۇپ بېرە!
— ئۇتىمەن دەپ ئۇتتۇرۋەتسەم ئاشىقىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمگە سەت تۇرمامدۇ، ياق، باشقا ئويۇن ئوينايلى.
— بولمايدۇ، دېگىنىمنى قىلىسەن. مەن قونچاق ئوينايمەن.
— ئۇنداقتا تەلىپىڭگە تېخىمۇ قوشۇلمايمەن. قونچاق ئۇتۇپ بەرسەم، مېنى تاشلىۋېتىپ، كۈن بويى قونچاقنى قۇچاقلاپ تۇرىۋالساڭ قانداق بولىدۇ، ئەخمەق ئەەمس مەن، باشقا ئويۇن ئوينايلى.
— خى، سېنىڭچە مەن قونچاقنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىمدىنمۇ ئەتىۋار بىلەرمەنمۇ، چاقچىقىڭنى قويۇپ، قونچاق ئۇت.
— ۋاھ، ما گەپنى. مۇنداق بىر ئويناپ باققىن دېمەي، قونچاق ئۇت دەپ بىسىم قىلما ماڭا. مەندە بىردە - بىر توپ تاشلايدىغان ئۇنداق ماھارەت يوق. نوچى بولساڭ ئۆزۈڭ ئويناپ، قونچاقنى ئۆزۈڭ ئۇتقىن قىنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي.
— ھېساب، سەن بىر قول، مەن بىر قول ئوينايلى، كىمنىڭ تەلىيى بولسا قونچاق شۇنىڭ بولسۇن!
OK—
ئاۋۋال چىلەككە خالئاي توپ تاشلىدى. بىردە چاچراپ، بىردە قاڭقىپ، بىردە چىلەككنىڭ گەرۋېكىگىمۇ يېقىن كەلمەي ئۇ مەغلۇپ بولدى. تازا بىر مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋېتەي دەپ بولۇپ، مەن توپ تاشلىيالماي قىلىپ قالسام، تېخىمۇ مەسخىرىسىگە قالماي دەپ كۈلكەمنى بېسىۋالدىمدە، ئارقىدىن مەن توپ تاشلىدىم. توپنى بەش بارمىقىمدا تەڭپۇڭ تۇتۇپ، يەڭگىلگىنە ئۆرلىتىپ يانتۇ قويۇلغان چىلەككە قارىتىپ ئاتتىم. توپ چۈشتى. توپ ئارقا - ئارقىدىن چۈشتى. بىردىمۇ ئۇيان - بۇيان چاراپ كەتمىدى. نەتىجىدە قاتار تىزىپ قويۇلغان قونچاقلار ئارىسىدىن ئەڭ يوغان كەلگەن ئېيىقچاقنى تاللاپ ئېلىۋالدىم. خالئاي يىڭىلگىنىگە تەن بەرممىگەندەك قىلاتتى.
— مېنىڭ ئوينىغىنىم ھېساب ئەمەس، مەن دېگەن قىز بالا، شۇڭا قايتا بىر قېتىم ئوينايمان.
— قىز بالىلىقىڭنى مەن ئېتىراپ قىلغان بىلەن ئويۇننىڭ ئىگىسى ئېتىراب قىلمايدۇ. قايتا پۇل تۆلىگەننى ئاز دەپ بىر ھەسسە ئاچچىق قوشۇپ يەۋالغىنىڭ قالىدۇ شۇ.
— كىم ئاچچىق يەۋالىدۇ دەيدۇ، بى قېتىم يېڭىمەن.
— مۇنداق بولسۇن، بۇ يەردە يېڭىش - يېڭىلىش مەسىلىسىنى قويۇپ تۇۇرپ، كۆڭۈل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلايلى. مەن سېنىڭ يېگىتىڭ، سەن مېنىڭ قىز دوستۇم. قونچاقنى سەن ئۈچۈن ئۇتتۇم. ئاددىي بولسىمۇ ساڭا سۇنغان كۆڭۈل سوۋغام بولسۇن!
ئۇنىڭ بايامقى جاھىللىقى يوقاپ، مەڭزىگە ئانار سۈيىدەك قان يۈگۈردى.  رەھمەت ئېيتىپ، قونچاقنى قولۇمدىن ئالدى. بويىمىز بىلەن تەڭ قونچاقنى ئالمىشىپ كۆتۈرۈپ باغچىنىڭ ئۇ تەرەپلىرىنى خېلى ئۇزاق ئايلاندۇق.
— بىردەم ئولتۇرايلىمۇ؟
— بولسا شۇنداق قىلايلى. بۇ يەردە ئوبدانلا ئورۇندۇق باكەن.
قونچاقنى تىزىمىزدا ياتقۇزۇپ، جىممىدە ھاردۇق ئالدۇق.
— سائەت قانچە بولغاندۇ؟
— ئۇقۇمۇدۇم، ئىشقىلىپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە بىرەر يېرىم سائەت قالدى.
— باغچىدا شۇنچىۋالا ئۇزاق تۇردۇقما؟
— ئادەم ئويۇن - تاماشانى كۆرگەندە ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. لېكىن ۋاقىتمۇ ئادەمنى ئۇنتۇپ، تىز - تىز ئۆتىۋېرىدۇ.
— يەنە ئىككە مىنىۇت ئولتۇرۇۋېلىپ ئۇۋىمىزغا قايتايلى.
— تاماق يىمەمدۇق؟
— دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك كوچىدا سۈت قۇيۇپ ياققان ھېلىى توم نان بار، ئۇنىڭغا ئاپلىسىن، بانانلارنى قوشۇپ ئېلىۋېلىپ كەچلىكىمىزگە شۇنى غىزا قىلىپ تۇرايلى. ئاشخانىغا كىرىمىز دېسەك قاراڭغۇدا قالغۇدەكمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېرىپ ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى. قونچاقنىڭ ئېغىرلىقىنى دېمەيلا قوي.
— ھى، ھى، ھى، بوپتۇ، دېگىنىڭچە بولسۇن. دوختۇرخانىغا ماشىنىدا قايتايلىمۇ ياكى... ياكى پىيادە قايتايلىمۇ؟
— ماشىنىدا قايتايلى. پىيادە قايتىمىز دەپ ئىزىقىپ كەتمەيلى يەنە.
— ئىم. ئورنۇڭدىن تۇرە ئەمىسە. ئولتۇرساق ماشىنا ئالدىمىزغا كەلمەيدىكەن. قولۇڭدىن تارتاي.
باغچىنىڭ تېخى كۆرۈپ بولالمىغان يەرلىرى بار ئىدى. بىراق چارچىدۇق. خالئايمۇ، مەنمۇ يەنە شۇ ئەسكى بالنىسېتخانىمىزنى سېغىنىپ قالدۇق. گەرچە ماشىنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇرغان بولساممۇ كارۋىتىمدا سوزۇلۇپ ياتمىغۇچە «ئۇھ» دەيدىغاندەك ئەلپازىم يوق.
— كەلدۇق، — دېدى بىر چاغدا شوپۇر ماشىنىنى قوپال تورمۇزلاپ.
— قانچە؟
— 17 سوم بوپتۇ.
يان يانچۇقۇمنى مالتىلاپ بولغۇچە خالئاي يېنىدىن شارتتىدە 20 سومنى سۇغۇرۇپ شوپۇرغا سۇندى.
— سەن!
— ھېچقىسى، ئىككىمىزگە نىسبەتەن ئىشنى كىم بىجرسە ئوخشاش. پۇلنىمۇ شۇ، كىم تۆلىسە بەرىبىر.
قولۇمدىن پۇلنى ئېلىپ، قويۇن يانچۇقۇمغا سېلىپ قويدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ، دوختۇرخانىنىڭ سول بېقىنىىدكى كوچىدىن نان، مېۋە - چىۋە ئېلىۋېلىپ، ۋايجانلىىشپ لېفىت قېشىغا كەلسەك جىددى كېسەل يۆتكەۋېتىپتۇ. ئامالسىز 12 قەۋەتكە مېڭىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق.
— ئۇھ، ۋاييەي، كەلدۇق.
— ھەي 2022- ياتاق ئەمەس، 2024- ياتاق،— دېدى خالئاي ماڭا ئەسكەرتىپ.
كىچىك بالىدەك پۇتۇمنى يەرگە چېلىۋېتىپ تەرىمنى تۈرۈپ، ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇشۇم بىلەن تەڭ يەرگە يىقىلدىم. بىچارە خالئاي قولىدىكى نەرسىلەرنى ئىشىكنى جالاققىدە ئېچىپ كارۋاتقا چۆرىۋىتىپلا، قېشىمغا كېلىپ مېنى يۆلەپ مىڭ تەستە ئورنۇمدىن يۆلەپ كارۋىتىمغا ئەكېلىپ ياتقۇزدى. يەردە يوڭدىسىغا ياتقان قونچاقنى قولىغا ئېلىپ توپىسىنى قاقتى - دە، ئاپىرىپ كارۋىتىغا چىرايلىق جايلاشتۇردى. چىكەم چىپ - چىپ تەرلەپ كەتكەنىدى.
— دوختۇر چاقىراي!
ھايال ئۆتمەي ماڭا باشتىن - ئاخىرى مەسئۇل بولغان كۆزەينەكلىك دوختۇر كىرىپ ئەھۋالىمنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆردى.
— كۆپ چاتاق يوق. زىيادا چارچاپ كېتىپتۇ. بۈگۈن سىرتقا چىققانمىدىڭلار؟
— كوچا ئايلىنىپ كىرگەنتۇق، — دېدى خالئاي بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بىردە دوختۇرغا، بىردە ماڭا قاراپ قويۇپ.
— ھودۇقماڭ خالئاي، ھەرىكەتنىڭ سىلەرگە ئەمدى زىيىنى يوق. سېستىرالارغا دەپ قوياي، دېزىمفىكسىيەلەنگەن لۆڭگىنى ئىلمان سۇ بىلەن ھۆللەپ ئەكىرىپ بەرسۇن. چىككىسىگە قويايلى. سىزمۇ شۇ.... يېرىم سائەتتىن كېيىن لۆڭگىنى ئېلىۋېتەتسەڭلار كېچە تولىمۇ راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ. بىرەر ئۆزگىرىش بولسا ھايت دەڭ. بۈگۈن  كەچ مەن دېجۈرنى.
— بولىدۇ. كۆپ ئاۋارە قىلدىم ھەدە!
— تۈزۈت قىلماڭ قىزىم. ھەر ئىككىلىڭلارغا خەيەرلىك كەچ!
دوختۇر ياتاقتىن ئۇزىدى. مىنۇت ئۆتەر - ئۆتمەي بىر سېستىرا قىز بىر جۈپ نەمدەلگگەن لۆڭگىنى ئەكىردى.
— ئەكىلىڭ، ئۆزۈم ئەپلەشتۇرەي، رەھمەت سىزگە، — دېدى خالئاي سېستىرانىڭ قولىدىن لۆڭگىنى ئىككى قوللاپ ئېلىپ. سېىستىرا قىزچاق ھۆرمەت بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ شەپىسىز ياتاقتىن چىقىپ كەتتى گويا چۆچەكلەردىكى يېقىملىق پەرىشتىدەك.
خالئاي لۆڭگىنىڭ بىرىنى چىرىيلىق قىرلاپ پىشانەمگە قويدى. ئىلمان نەملىكنىڭ راھىتى بېشىمدىن تېرنىقىمغىچە تارىدى.
— رەھمەت گۈلۈم، قولۇڭدىكى لۆڭگىنى ئۆزۈڭنىڭ پىشانىسىگە قوي. سەنمۇ راھىتىنى سۈرۈپ باق.
— مەن چارچىمىدىم ئاشىقىم،— ئۇ شۇلاردى دەۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆز جىيەكلىرىگە لىق ياش ئالدى، — سەن راھىتىنى سۈرسەڭلا مەن شۇنىڭغا خوش. مۇشۇ كۈنلەردە سېنىڭ سالامەتلىكىڭ ماڭا ھاياتىمدىنمۇ قىممەتلىك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بىلىمەن، مېنى دەپ تۈنۈگۈن دوختۇرخانا باغچىسىغا ئېلىپ چىقتىڭ. مېنى دەپ بۈگۈن بازارغا، باغچىغا ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ ئەكەلدىڭ. سېنىڭ دېگەندەك ساقىيىپ بولالمىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، سېنى كۆپ چارچىتىۋەتتىم، كەچۈر ئاشىقىم.
خالئاي يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قولۇمنى ئىللىق ئالىقانلىرى ئارىسغا ئالدى. گويا چوغ سىقىمدىغاندەك.... قولۇمنى بارماقلىرى ئارىسىدىن ئاستا ئاجرىتىپ، كۆز چاناقلىرىدا مەلھەم بولۇپ بولۇپ سۈزۈك ياشلىرىنى سۈرۇتتۇم. ئىختىيارسىز مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدە ھاياجان تامچىلىرى بالقىدى. ئۇنى ياخشى كۆرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلالىغان مىنۇتلىرىم دەل مۇشۇ بولسا كېرەك. قولۇمدىن كەلسە گۈلۈمنىڭ كۆزىدىن كۈندە بىر قېتىم ھازىرقىدەك ئىپتىخارلىنىش يېشىنى تامچىتىپ تۇرسام دەيمەن. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى ئورنىغا بېرىشقا ئۈندىدىم. گېپىمگە كىرىپ ئورنىغا بېرىپ ياتتى. ئۈستەلدىكى لۆڭگىنى ئېلىپ پىشانىسىگە پەم بىلەن قويدۇم. چوغ كەبى خال بىخلىغان ئوڭ مەڭزىگە يېنىككىنە لەۋ تەگكۈزدۈمدە، جايىمغا قايتتىم.
— بىردەم ئارام ئېلىۋال، ئاندىن بايا ئېلىپ كەلگەن نازۇ - نېمەتلەردىن بەھرلىنىپ، كېچىگە بەنت بولايلى!
— ئىم، — ئۇ ئاجايىب ئوماق كۈلۈمسىرىدى. ئۆمۈرلۈك ئېسىمدە قالغۇدەك دەرىجىدە. چىرايىغا كۆيۈپ قىلىش دېيىلسە خالئاينىڭ دەل كۈلۈمسىرىگەن قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرسەم لايىقىدا بولىدۇ. باغچىدا خالئايدىن گۈزەللەرنىمۇ ئۇچراتتىم. بىر قايرىلىپ قارىغۇچىلىكى بولسىمۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ بىرلا كۆتۈرلۈپ پەسەيگىنىگە ئوخشاش بۇ خىل ھېسسىيات  بىردەمدىلا پەسىيىپ قالىدىكەن. بىراق كۆيگەن ئادىمىگە بولغان سەزگۈ ئۇرۇشسىمۇ، سۆيۈشسىمۇ، تالاشسىمۇ، قاراشسىمۇ يۈرەكتىكى ئاشىقلىق ئىستىرىلكىسى يەنە شۇ «مۇھەببەت» ناملىق قۇتۇبنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن.
— قورسۇقۇم ئېچىۋاتىدۇ.
— ئەمىسە ئاستا ئورنۇڭدىن تۇر گۈلۈم، مەن داستىخان راسلاي.
بىرخىل نازۇك تۇيغۇدا قىزىللىقىمزنى يۇشۇرالماي يانمۇ - يان ئولتۇۇرپ نا يىدۇق، ئاپلىسىن سويۇپ، ئالماشتۇرۇپ يىيىشتۇق. داستىخانمۇ يىغىلىپ بولدى.
— ئەستا، بىر ئىشنى ئۇنتۇپتىمىز.
— قايسى ئىشنى؟
— تېلېفۇنىمىزغا توك قاچىلىغۇچ ئالىمىز دېيىشكەنتۇققۇ!
— ھە راست. مەيلىلا، بازار بۈگۈن بىلەنلا تۈگەپ قالامتى.
— ئۇغۇ شۇ، بىراق توك قاچىلىساق ئاتا - ئانىمىز بىلەن سىرداشقىلى بولاتتى ئەمەسمۇ.
— ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا يەنە ئۆيدىكىلەرنى ئېسىمگە سېلىپ قويدۇڭ ئاشىغىم.
— سېغىنىشتىن يېنىۋالغىلى بولامتى؟ سېغىنىشقا تېگىشلىكلەرنى ئۆلگۈچە سېغىنىپ تۇرۇش كېرەك گۈلۈم. بۇ گېپىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن! تېلېفۇننى قويغان يېرىڭدىن ئالغىنە!
— توكى يوق تۇرسا، قانداق قىلىسەن؟
— قان ئىزىغا قايتىدىن سەپ سالغۇم كەلدى.
— ۋاي، ئۇخلىساڭچۇ!
— ئالغىن دېگەندىكىن ئالغىنە، خوشياقمىسا، ئۆزۈم ئالاي بولمىسا.
— ياق ئۇنداق ئەمەس، ئاشىقىمنى خاتىرجەم ئارامىنى ئالارمىكىن دەپ كۆڭغل بۆلگىنىمنىمۇ چۈشەنمەيدىكەنسەن.
— ئۇنىڭغا قارىمىسىام تېخىمۇ خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن.
ئۇ تارتمىنى ئېچىپ چىمچىلاق بارمىقىنى چىشلەپلا قالدى.
— نېم بولدى؟
— يوق تۇرىدۇ.
— نېمە يوق؟
— تېلېفۇن، يەنە..يەنە  پۇلمۇ يوق.
— نېمە؟ پۇلنى تارتمىدا قويغانمىتىڭ؟
— ساقلاپ بەرگىن دەپ بەرگەن 2000 سوم پۇلۇڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ 2500 سوم پۇلۇمنى قوشۇپ مۇشۇ تارتمىدا قويغانتىم. يوق تۇرىدۇ. ئەمدى قاندا قىلارمەن!
ئۇ مىژژىدە يىغلىۋەتتى.
— ئوبدانراق بېقىپ باقايلى!
تارتمىنى بىرمۇ - بىر ئاقتۇۇرپ چىقتىم. دېمەكچىلىك تېلېفۇنمۇ، پۇلمۇ يوق. ئۈستۈنكى تارتمىنى ئاچتىم، كۆزۈمگە چىرايلىق قاپلانغان بولاقچە چىقتى. قاپنى يىرتىپ، بولاقنى ئاجراتتى. ئىچىدە يىپيېڭى بىر جۈپ تېلېفۇن چىقتى. بۇ زادى نېمىشتۇ؟ كىمنىڭ ئويۇنىدۇ؟
— قارا خالئاي، بۇ نېمە؟
خالئايمۇ بۇ كۆرۈنۈشتىن ئېغىزىنى ئېچىپلا قالدى. بولاقچىنىڭ تېگىدە  خەت يېزىلغان بىر پارچە گۈللۈك ۋارەقچە چىقتى.
— «سىلەرنىڭ تېلېفۇنىڭلارنى مەن ئېلىپ كەتتىم. 4500 سوم پۇلنى مەن ساقلاپ بېرەي. قولۇڭلاردىكى تېلېفۇن مېنىڭ سېلەرگە قىلغان سوۋغىتىم بولسۇن. سەندىن پەخىرلىنىمەن پەرھات، ئەتە كۆرىشەيلى! ھۆرمەت بىلەن باش رېژىسسور.»
— ئىسمىنى دېمەپتىغۇ؟ سەن تونۇمسەن؟
— ياق، تونۇمايمەن. ئارتۇق ئويلىمايلى گۈلۈم. ئارام ئالايلى.
— پۇلنى ساقلاپ بېرەمىش. ئەتە ئىزدەپ كېلەرمىش. خى، يوق گەپ. ئەمدى پۇلنى ئامالىنى قىلىش كېرەك پەرھات. ئەتىدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمگە يارىشا ئىش تاپاي. بولمىسا دوختۇرخانىغا پۇلنى تۆلىيەلمىسەك قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىمىز.
— جىددىيلەشمە، ئىشلەيمە دېگەن گەپنى قىلما. بۈگۈنچە جىممىدە ئۇخلا. ھېچنىمىمىز بولمىسا يىپيېڭى تېلېفۇنىمىز بار. ئەتە سەھەر تۇرۇپ ئۆيدىكىلىرىمىز بىلەن سىردىشىۋالايلى.
— ئاللاھ خالىسا.
— ئارام ئالايلى گۈلۈم! خەيرلىك كەچ!
— خەيرلىك كەچ ئاشىقىم!

ھىجران كوچىسىنىڭ 9 - قىسمى تامام. 1- فېۋىرال تۈن يېرىمى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 02:51, Processed in 0.170889 second(s), 22 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش