تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 196231|ئىنكاس: 61

رەڭلىك يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى سىزمۇ تاقىدىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
4
UID
1014
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 10:05:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەڭلىك يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى سىزمۇ تاقىدىڭىزمۇ؟


شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن مەھبۇبە مۇنىردىن


    يېقىندا قىزىمنىڭ چېچىنى ياسىتىش مەقسىتىدە ئۆيۈم ئەتراپىدىكى بىر ساتىراشخانىغا كىردىم. ئۆچىرەت كۈتۈپ تۇرغاچ ساتىراچ ئۇستام بىلەن چاچ بۈدرە قىلىۋاتقان ياش قىزنىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالدىم.
ــ ئۆتكەندە سىزدىن سېتىۋالغان يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تاقىسام دوستلىرىم كۆرۈپ بەكلا ياقتۇرۇپ قېلىشتى، ئۇلارمۇ سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ــ ياخشىغۇ، ئۇلارغا قانداق رەڭدىكىسى لازىمكەن، مەندىكى بۇ كۆزەينەكلەر كورىيەنىڭ، ھازىر تازا مودا بولۇۋاتقىنى، باھاسىمۇ ئەرزان...
    نەزىرىمدە كۆزەينەك سەپلەش بىر خىل تېببىيلىكى ۋە تېخنىكىلىقى يۇقىرى ئىش ئىدى، 10كۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىككىنە دۇكاندا ساتىراچلىق قىلىۋاتقان بۇ ساتىراچ ئۇستامنىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا «كۆزئەينەك سەپلىگۈچى « بولۇپ قالغانلىقى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
    «كەسپىي كېسىلىم›› يەنە قوزغىلىپ بۇ ساتىراچ ئۇستامدىن گەپ كوچىلاشقا باشلىدىم. ئۇقتۇمكى، ئۇ بىر دوستىغا ياردەملىشىپ يوشۇرۇن كۆزەينەك سېتىشىپ بېرىۋېتىپتۇ. بۇنداق كۆزەينەكلەر ئۈرۈمچىنىڭ شياۋشىمىن، سودا شەھەرچىسى قاتارلىق ئاۋات بازارلاردىكى دۇكانلاردىمۇ سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئانچە مۇنچە كىرىم قىلىش مەقسىتىدە دوستىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە «كۆزەينەك سەپلىگۈچى« بولۇپ قالغان ئىكەن.
    مەن سىڭلىمغا يوشۇرۇن كۆزەينەك سېتىۋالماقچى دېگەن باھانە بىلەن شياۋشىمىندىكى بىر نەچچە دۇكاننى ئارىلىدىم. دېگەندەك بۇ دۇكانلارنىڭ ھەممىسىدىلا يوشۇرۇن كۆزەينەك سېتىلىۋاتقان بولۇپ، باھاسى 40يۈەندىن 150يۈەنگىچە ئىكەن.مەن بىر دۇكان خوجايىندىن سورىدىم:
ــ بۇ يەردە كۆزنى تەكشۈرۈپ، گىرادۇسىنى ئۆلچەپ كۆزەينەك سېتىپ بېرەمسىلەر؟
ــ ياقەي، بىز كۆزنىڭ گىرادۇسىنى ئۆلچىيەلمەيمىز  ھەم ئۇنداق شارائىتىمىز ۋە ئەسلىھەلىرىمىزمۇ يوق.
ــ ئۇنداقتا كۆزەينەكنى قانداق سېتىۋالىمىز؟
ــ سىز دوختۇرخانىلاردا ئۆلچىتىپ كېلىپ گىرادۇسىنى دەپ بەرسىڭىزلا بولدى، قانچە گرادۇسلىقى لازىم بولسا شۇندىقى بار.
    مەن يوشۇرۇن كۆزەينەك سېلىنغان قاپتىكى خەتلەرنى خېلى كۈچەپ ئوقۇپمۇ ھېچ يەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان زاۋۇت ئىسمى، ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى دېگەندەكلەرنى تاپالمىدىم. بەزىلىرىدە پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە خەت يېزىلغان بولۇپ بۇنىڭغا قارىتا دۇكان خوجايىنى چۈشەنچە بېرىپ:
    ــ بۇ ھەممىسى چەتتىن كىرگەن مال، ماۋۇ كورىيەنىڭ، ماۋۇ ئامېرىكىنىڭ، سۈپىتىدە مەسىلە يوق، خاتىرجەم بولۇڭ،-دېدى.
    مەن جۇڭشەن يولى، قىزىلبايراق يوللىرىدىكى بىر نەچچە مۇنتىزىم كۆلەملەشكەن كۆزەينەك دۇكانلىرىنى ئارىلىدىم. بۇ دۇكانلارنىڭ يوشۇرۇن كۆزەينەك تىزىلغان پەشتاختىسىنىڭ ئۈستىگە سەھىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان »داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش كىنىشكىسى« قەغەز  چاپلانغان ئىدى. خاۋيا كۆزەينەك دۇكىنىنىڭ خادىمى رىزۋانگۈل مۇنداق دېدى:
    ــ يوشۇرۇن كۆزەينەك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇ  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چوقۇم سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك، ئۇندىن باشقا تىجارەت سورۇنى ئۆلچەمگە يېتىشى، مەخسۇس كۆز تەكشۈرىدىغان ئۈسكۈنىلەر، كۆز تەكشۈرگۈچى سەپلىنىش، چوقۇم مۇنتىزىم، كۆلەملەشكەن مال كىرگۈزۈش مەنبەسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى باھاسى 150يۈەندىن 500يۈەنگىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ. چەتتىن ئىمپورت قىلىنغان بولسىمۇ چوقۇم خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى، زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى قاتارلىقلار يېزىلغان بولىدۇ.
    مەن شياۋشىمىندىكى دۇكاندىن سېتىۋالغان 40يۈەنلىك يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كوڭ ناغا كۆرسەتتىم، ئۇ تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن:
    ــ بۇ كۆزئەينەكنىڭ گىرۋەكلىرى ئىنتايىن تۇتۇق، رەڭمۇ كېيىن بېرىلگەن، ئۇندىن باشقا بۇ كۆزئەينەكنىڭ سۇ مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا لاياقەتسىز مەھسۇلات دېيىشكە بولىدۇ. كىشىلەر بۇنداق كۆزئەينەكنى تاقىغاندا كۆز پەردىسى قۇرغاقلىشىدىغان، كۆز مۈڭڭگۈز پەردىسى ياللۇغلىنىش، ئېغىر بولغاندا قارىغۇ بولۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يوشۇرۇن كۆزئەينەكنىڭ ئادەتتىكى كۆزئەينەكتىن كۆزگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت، ئادەتتە دوختۇرلارمۇ ئامال بولسا يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنداق ناچار، سۈپەتسىز يوشۇرۇن كۆزئەينەكنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ،-دېدى.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك دورا ۋە يېمەكلىك نازارەتچىلىك ئىدارىسى قانۇنچىلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوڭ يىڭ مۇنداق دېدى:
    ــ كۆزئەينەك سەپلەش ۋە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلمىيلىكى، تېببىيلىكى يۇقىرى كەسىپ، ئادەتتىكى ئۇنىڭ كىچىك دۇكانلار ھەرگىزمۇ بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولمايدۇ. بۇ ئېنىقلا قانۇنسىز تىجارەت. كەڭ ئوقۇرمەنلەر بۇنداق يەرلەردىن كۆزئەينەك سېتىۋالماسلىقى ۋە كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ مۇشۇنداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلار بولسا دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
    مەن زىيارەت جەريانىدا نۇرغۇن ياشلار بولۇپمۇ ياش قىزلار ئارىسىدا مۇشۇنداق رەڭلىك يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشنىڭ مودا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، مودىنىڭ قىزىقتۇرۇشى ھەتتا بەزىلەرنى كۆزئەينەك تاقاش زۆرۈرىيىتى يوق ساپمۇساق كۆزىنى ئازابلاپ، چىرايلىق قارا كۆزلىرىنى يېشىل، زەڭگەر كۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋېلىشى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. كۆز ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنىڭ بىرى، بىز كۆز ئارقىلىقلا بۇ گۈزەل ۋە يورۇق دۇنيانى كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايمىز. شۇڭا كۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز، قەدىرلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر، قاملاشمىغان مودىغا، ئاتالمىش گۈزەللىككە ئىنتىلىپ شۇ چىرايلىق قارا كۆزلەرنى يىغلىتىش ئەسلا ئەرزىمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1021
تۆھپە
436
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 10:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ نۇقتا بەلگىلەنگەن جايلاردىن سېتىۋالمەن .دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار ئىكەن


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2095
تۆھپە
1554
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 15:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق، يەنىلا ئىشەنچلىك دۇكانغا بارايلى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
ھايات
تىللا
358
تۆھپە
54
UID
9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 15:30:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا مېنىڭ كۆزۈم بەك روشەن جۇمۇ، قاراڭلار بۇلاقتەك كۆزلىرىمنىڭ چىرايلىقلىقىنى


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
372
تۆھپە
220
UID
711
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-22 23:04:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەرسە كۆزنى بۇزىدۇ خالاس! ئەخلەت بۇيۇم!  ھەرگىز ئىشلەتمەڭلار!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
770
تۆھپە
547
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 22:49:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتايىن پۇل تېپىپ، كۆزگە نەرسە سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا دوختۇرغا بارماي، ساتىراشخانىغا بارسا سەل ئۇۋال بولامدۇ قانداق؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
770
تۆھپە
547
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 22:49:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى بىۋاستە يوللنىۋاتىتى ما ئىنكاسلار، ئەمدى يەنە تەستىق كۈت دەيدىغۇ؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
725
تۆھپە
471
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 11:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تۇنۇش قىز ساپساق كۆزىگە يۇشۇرۇن كۆزئەينەكنىڭ قارىسىنى سېلىۋالغان ئىكەن، دەسلىپىدە پەرق قىلالماپتىمەن، سىنچىلاپ قارىسام كۆزى باشقىچە نۇرلۇق، ھازىرلا يىغلايدىغاندەكلا تۇرىدۇ...
قىزلار گۈزەللىك ئۈچۈن،ھەرنېمىلەرنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى!


Rank: 4

تىللا
204
تۆھپە
112
UID
1101
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 22:40:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆزىنى سالامەت قىلسۇن1


نائىلە

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلەت
تىللا
144
تۆھپە
80
UID
764
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 01:38:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نىمىنىڭ ساختىسى يوق .؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:34, Processed in 0.078724 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991