كۆرۈش: 4165|ئىنكاس: 3

ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 00:23:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز


    قايسىدۇر بىر يازغۇچى: «دۇنيادا ئەر زاتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەربىيە كۆرگەن ئەخلاقلىق ئايالدىنمۇ تالانتلىق ئۇستاز بولمىسا كېرەك. ئۇ ئەرلەر كۆڭلىدىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارنى يېڭىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئالىيجانابلىق، جەسۇرلۇق، مەردانىلىكنى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئىستىكىنى، شۇنىڭدەك سىپايە، سالاپەتلىك ئەر بولۇشىغا تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ...» دەپ يازغانىكەن.
    دۇنيا ئەر - ئاياللاردىن تەركىب تاپقان. بىر ياخشى ئەر بىر ياخشى ئايال ئارقىلىقلا ھەربىر قەدىمىنى مەزمۇت ئالالايدۇ. بىر ئەرنىڭ نۇرغۇن دوستى بولغان بىلەنمۇ، بىر ياخشى ئايالىنىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ. ياخشى ئايال خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن گۈزەللىك، ساپلىق، پاك ئەقىدە ۋە مېھرىبالىقنىڭ يېقىملىق ھىدى كېلىدۇ. بۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىنى تونۇشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەردانە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
    ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، شۇڭا يېنىڭىزدا بىر ياخشى ئايال بولغاندىلا، ھاياتىڭىز ئاندىن مۇكەممەللىككە ئېرىشىدۇ. ناۋادا بىرەر جەڭگاھقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگىۋار تۇرمۇشقا قەدەم باسقىنىڭىزدا، بىر ياخشى ئايال سىزگە ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويسا، ئۇ چاغدا سىزگە ئۆلۈممۇ ئانچە قورقۇنچلۇق بىلىنمەيدۇ. ھېرىپ - چارچاپ كەتكىنىڭىزدە، بىر ئىللىق قول يەلكىڭىزنى تۇتۇپ قويسا، شۇ ھامان ئىللىق سېزىم ۋۇجۇدىڭىزغا تاراپ، سىزنى روھلاندۇرىدۇ. گاڭگىراپ قالغىنىڭىزدا، ئازابلانغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئايالىڭىز تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئېغىر-بېسىق، تېخىمۇ سەۋرىچان بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەمچىللىكلىرىڭىزنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز تۇرمۇشقا تېخىمۇ دادىل، كۈلۈپ باقىسىز.
    مەنبە: خاتىرەمدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 09:28  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
116
تۆھپە
76
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 14:18:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇنداق ياخشى ماقالىدىن بىرنى يوللاپسىزغۇ ،ماقالىڭىزنىڭ مەزمۇنى تۇرمۇش چىنلىقىغا بەكمۇ يىقىنكەن ،سىزگە رەھمەت .


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
319
تۆھپە
216
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 21:49:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھەرقانداق بىر ياخشى ئايال ياخشى ئۇستاز،شۇنداقلا ھەر بىر ئايال بىر ئانا ،يەنى مىللەتنىڭ ئانىسى،كەلگۈسىنىڭ ئانىسى،ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ۋە ئەخلاق ساپاسىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك،مىللەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىك.ياخشى يىزىپسىز.


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
210
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 19:35:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئەرلەر ياخشى ئايالغا مۇھتاج بولغىنىدەك، ئاياللارمۇ  بىر ئۆمۈر يۆلەنچۈك بۇلالىغىدەك ياخشى ئەرگە مۇھتاج بولىدۇ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 02:39, Processed in 0.074681 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991