ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتىدىغان ئورنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ھەم بولۇۋاتىدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ ھەر خىل جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، بارا - بارا ئەرلەر بىلەن ھەر خىل ھوقۇق، ئىمتىيازلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى، ئاۋۋالقى ئۆيدە بالا بېقىش، ئائىلە ئىشلىرىنىلا قىلىشتىن ھازىرقىدەك جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلىشى... قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەك ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە پۈتكۈل دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھەر خىل سىياسەت - تۈزۈملەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھوقۇق - ئىمتىيازلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى رولى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئەدەب - ئەخلاققا، ھەر خىل قائىدە - يوسۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت. ئەدەب - ئەخلاق تەربىيەسىدە قىز - ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. گەرچە قەدىمكى دەۋرلەردە ئاياللارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ھازىرقىدەك ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئەركىنلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوق بولسىمۇ، لېكىن ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەتلىك مىللەت» بولۇپ ئاتىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت، گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت، ئۆي تۇتۇش، بالا تەربىيەلەشتىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى قائىدە - يوسۇن ھەتتا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى تاماق تۆشۈكلىرىگە ئۇستا، ئۆي تۇتۇشتا پاكىز، رەتلىك بولۇشنى بىلمىسە ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى خوتۇن، ياخشى ئانا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن... بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئەدەب - ئەخلاقسىز بولۇشىمۇ ئاتا - ئانىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ تەربىيەسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىلىدۇ. سۆز - ھەرىكەتلەردە سىلىق - سىپايە بولۇش، يۈرۈش - تۇرۇشتا پەردىشەپكە دىققەت قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، يات ئەرلەر بار يەردە چاچ تارىماسلىق، بېشىغا ياغلىق چىگىش، كالتە، نېپىز، بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، چوڭلار بار سورۇندا پۇتلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك، كۈلمەسلىك، ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنى پاكىز تازىلاش، ناماز ئوقۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناشتىلىقلىرىنى تەييارلاش... ئىشقىلىپ نۇرغۇن - نۇرغۇن ئەخلاق مىزانلىرىمىز بار. قائىدە - يوسۇن ئىشلىرىدا بولسا، ئاياللار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەر، قۇلۇم - قوشنا، يىراق - يېقىندىكى بېرىم - كېلىملەر، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ... قاتارلىق ئىشلاردىكى قائىدە - يوسۇن «ۋەزىپە» لىرى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. بۇ «ۋەزىپىلەر» نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئاياللار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك بىر ئائىلىنىڭ ئەل - جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت - ئابرۇيى، بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇش - بولماسلىقى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا ئاياللارغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىزدە «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك ماقال - تەمسىللەر تارقالغان بولسا كېرەك.
دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىدىيەسىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆيلىرىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى، خىزمەت قىلدى، ئوقىدى، تىجارەت قىلدى... دېمەك بىر تۈركۈم كەسپىي ئاياللار ئاستا - ئاستا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى زور بىر قوشۇن بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىدى. دېمەك، كەسىپلىشىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى يۈزلىنىش ئاياللىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئەمدىلىكتە ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى سىرتتىكى خىزمەت، ھەر خىل كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك. گەرچە بىرقىسىم ئاياللىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئىجادكارلىق روھىغا «باي» ئاياللىرىمىز ئەنئەنىۋى ئەخلاق - قائىدىلەرنى ئاستا - ئاستا «دەۋر قەدىمىگە» ماسلاشتۇرۇپ، «يېڭىچە قىياپەت» بىلەن «زامانىۋىيلىشىش» قا قاراپ يۈزلەندى.
ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتى ئەڭ كەڭ دائىرىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈندۇر ئاياللىرىمىز جىسمىدىن ئاۋۋالقى دەۋرلەردە پەزىلەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىماسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغىنى ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا يات بولغان ناتونۇش چىرايلار، چەكتىن ئاشقان مېھماندارچىلىق، بۇزۇپ - چېچىشلار، تەبىئىتىمىزگە يات بولغان قىلىقسىزلىقلار.
ئايدىن - ئايغا توي - تۆكۈن، قائىدىلەرنىڭ جىقلىقىدىن بىر - بىرىگە ئۇلاشمايدىغان مائاشلار، سورۇنلاردا بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، پۇزۇر ياسانغان، ھاراقنى ئەرلىرى بىلەن بەسلىشىپ تۇرۇپ ئىچىپ، ئالا - تاغىل توۋلاپ كەيپىيات قوغلىشىدىغان ئاياللار، يالغۇز ئۆيدە قورقۇمسىراپ ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاۋاتقان بىچارە بالا، خوتۇنىنىڭ تۈگىمەس سورۇنلىرىدىن، ئۆيگە كەچ قايتىشلىرىدىن غەزەبلەنگەن ئەر، ياشلارنىڭ ھازىرقى بەدخەجلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئۆتكەن ياشلىق چاغلىرىغا سېلىشتۇرۇپ خۇرسىنىۋاتقان بوۋاي - مومايلار... مانا بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرەرسى ياكى ھەممىسى ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ باققان كۆرۈنۈشلەر.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ئالدىدا تېڭىرقاش، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ئاستىدا «ئىقتىدارسىزلىقى» تۈپەيلىدىن ئىشسىز قىلىش، تۈگىمەس ئويۇن - تاماشالار سەۋەبلىك بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، بالىلارنىڭ مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە مۇھىتىدا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا كىرىپ قېلىشى ياكى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېلىشى، ياشانغان ئاتا - ئانىلارنىڭ يارامسىز ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى خاتىرجەملىكتىنمۇ مەھرۇم قېلىشلىرى، مانا بۇلار ھازىرقى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى كەلگۈسىدە پۈتكۈل ھاياتىمىز بىلەن تۆلەيدىغان ئېغىر بەدەل!
كونىلار ئېيتقاندەك «كۈننىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ». گەرچە ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر تۇرمۇشىمىزدىكى يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمىز يەنىلا مەلۇم بىر مەزگىللىك بولۇپ قالىدۇ. بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرىدىغىنى يەنىلا ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ قەدىمىي نەرسىلەر خالاس.
توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، ھەر خىل بېرىم - كېلىملەر ئەسلىدە خەلقىمىزنىڭ ئىجىل - ئىناق ياشىشىدىكى ۋاسىتە ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «ئىقتىدارلىق» ئاياللىرىمىز تەرىپىدىن «ئىسلاھ ۋە تەرەققىي» قىلدۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ - مەرتىۋە، ئابرۇي، ئۈستۈنلۈك تالىشىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەپسۇس، ئۇلار ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە قاراتقان بولسا، ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولاتتى.
بەزىدە روھىيىتىمىزدە ئاجايىپ بىر خىل بۇرۇختۇرمىچىلىقنىڭ بارلىقىنى بايمايقىز. ھايات مەنزىللىرىدە بىز ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيەتسىز بولغان بىر قىسىم يۈكلەرنى مەجبۇرىي ھالدا يەلكىمىزگە ئارتىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىمۇ، سەپەرداشلىرىمىزنىمۇ ھاردۇرۇۋېتىمىز. ئەمما قانداقتۇر بۇ يۈكنى يەلكىمىزدىن چۆرۈۋېتىپ ياشاپ بېقىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز. ئاقىۋەتتە تۆلىگەن بۇ بەدىلىمىزنىڭ ئورنىغا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىىق، ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ نارازىلىقى، بالىلىرىمىزنىڭ ئاغرىنىشلىرى، يەنە «ھەشەمەتخور خوتۇنلار» تەرىپىدىن كىيگەن كىيىمىمىز، تاقىغان زىبۇ - زىننەتلىرىمىز، داستىخاندىكى ئاللىقانداق مەردلىكلىرىمىز، ئەرلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك «شوخلۇق» لىرىمىز بىلەن مەنسەپ قاتلاملىرىغا ئايرىلىپ قېلىشلىرىمىز كىشىنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرىدۇ.
«دۇنيادا سورىقى يوق ئىش بولمايدۇ» دەيدۇ كونىلار. دېمەك، ياشاشنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەم ئۆمرىدە قىلغان ھەربىر ئىشى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەربىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا «ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى» دېگەن بۇ سۆز يات ئاڭلانمىسا كېرەك. ئەمما بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان ئاياللار ئارىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس.
نەزەر - دىققىتىمىزنى ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپخورلۇق بىلەن تولغان بەزمە سورۇنلىرىمىزدىن ئەتراپىمىزدىلا ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگىلا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئائىلىلەرگە، نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارغا، تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى ھەر يىلى دېگۈدەك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىچارە خەلقلەرگە، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ - ئاستى قىلىنسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان قىز - ئاياللىرىمىزغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئەجىبا بۇلار بىزنىڭ بىر قىسىم ئورۇنسىز سورۇنلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزگە سەۋەب بولالماسمۇ؟
دۇنيا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىيات مۇقەررەركى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدۇ، ئاجىزلار مەغلۇب بولىدۇ. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنى خالىمىغانلار جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ، ئاقىۋەتتە يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولىدۇ.
مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، بالىلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى پۈتۈنلەي ئاياللىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق. دەرۋەقە يەلكىمىزدىكى يۈك ھەقىقەتەن يەڭگىل ئەمەس. دەۋر بىزنىڭ لاياقەتلىق ئايال، قابىلىيەتلىك ئانا، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەللەرنى تۆلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەي ئاياللار، «بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكەن» قوللىرىمىز كىشىلەر قەلبىدىكى قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ ئوبرازىنى يوقىتىپ قويمىسۇن!
ئاپتورى: ئاسىيە ئەخەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 09:40