كۆرۈش: 2924|ئىنكاس: 3

كىشىلىك ھاياتتىكى ئىككى تال قەلەم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 00:12:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشىلىك ھاياتتىكى ئىككى تال قەلەم



    ئەگەر كىشىلىك ھاياتنى بىر پارچە كىتاب دېسەك، ئۇ ھالدا بۇ كىتاب مۇنداق ئىككى تال قەلەمدە يېزىلىدۇ:
    بىر تال قەلەمدە ئۆسۈپ يېتىلىش، يەنە بىر تال قەلەمدە قېرىش يېزىلىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشتىن مەقسەت قېرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىكەنمىز قېرىشتىن قېچىپ قۇتۇتۇلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقاندا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قېرىشقا باشلىغاندا ئۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشمۇ بىھاجەت.
    بىر تال قەلەمدە ئىلگىرىلەش، يەنە بىر تال قەلەمدە چېكىنىش يېزىلىدۇ، بىز كوچا - كويلاردا، بېكەت - ۋوگزاللاردا مىغ - مىغ ئادەملەرنىڭ تىنىم تاپماي ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئەمما زادى كىملەرنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، يەنە كىملەرنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ چېكىنىشتىكى مەقسىتى - ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئەمەلىيەتتە چېكىنىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
    بىر تال قەلەمدە خۇشاللىق، يەنە بىر تال قەلەمدە قايغۇ - ھەسرەت يېزىلىدۇ، ئەگەر كىشىلىك ھاياتنى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماشىنىسىغا ئوخشاتساق، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ - ھەسرەت ئۇنى تىرەپ تۇرىدىغان ئىككى تال چاقتۇر، ئېغىرلىق بولغاندىلا، يەڭگىللىك بولىدۇ، قايغۇ - ھەسرەت بولغاندىلا ئاندىن خۇشاللىق بولىدۇ، بىز خۇشاللىققا ئىنتىلىمىز، ئەمما قايغۇ - ھەسرەت قورقۇپ كەتكۈدەك نەرسىمۇ ئەمەس، قايغۇ - ھەسرەت ئالدىدا تىز پۈكسەك تېخىمۇ ئېغىر قايغۇ - ھەسرەتكە مۇپتىلا بولىمىز، قايغۇ - ھەسرەت ئۈستىدىن غالىب كەلسەك، يېڭىدىن يېڭى خۇشاللىقلار ئاپىرىدە بولىدۇ.
    بىر تال قەلەمدە مۇۋەپپەقىيەت، يەنە بىر تال قەلەمدە مەغلۇبىيەت يېزىلىدۇ، ھەممىلا ئادەم مۇۋەپپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت جاپالىق ئەجىر - مىھنەتكە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب، شۇنداقلا ئىقتىدارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى، ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن ئەقىل - پاراسىتىمىز دەل ئاشۇ مەغلۇبىيەتلەردىن كەلگەن، بۇ ئەنگلىيە يازغۇچىسى سائو ئېلىسمىلىنىڭ: «نېمىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئاندىن نېمىنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىنى بايقىيالايسەن.» دېگەن ئەقلىيە سۆزىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
    بىر تال قەلەمدە ئۆزگىلەر، يەنە بىر تال قەلەمدە ئۆز يېزىلىدۇ. ھېچقانداق ئادەم جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆزى تەنھا ياشىيالمايدۇ، شۇڭا كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ كىتابقا ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ - خىياللىرى، كۈرەشلىرى ۋە شانلىق نەتىجىلىرىمىزنى پۈتىشىمىز كېرەك، ئۆزگىلەرنىڭ مەرد - مەردانىلىكى، تۆھپە خىزمەتلىرىنىمۇ يېزىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئادەم ئۆزىنى قانچە قالتىس چاغلىغانسېرى شۇنچە يېتىم قالىدۇ.
    بىر تال قەلەمدە كەلگۈسى، يەنە بىر تال قەلەمدە ئۆتمۈش يېزىلىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، ھەممە ئادەم كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلايدۇ، چۈنكى بىز ئىلگىرى مەيلى قانچىلىك كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، قانچىلىك قالتىس نەتىجىلەرنى قازانغان بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشقا ۋە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەسلا ئامالسىزمىز، شۇڭا ئىلگىرى يازغانلىرىمىز مەيلى شانۇ - شەۋكەتلىك ئىشلار بولسۇن ۋە مەيلى جاپا - مۇشەققەت، كۆز يېشى بولسۇن، ئەمدى قولىڭىزغا يەنە بىر تال قەلەمنى ئېلىپ، گۈزەل كېلەچەكنى تەسۋىرلىشىڭىزگە، كۆز ئالدىڭىزدىكى سەلتەنەتكە نەزەر تاشلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
    مەنبە: ھاياتلىق ژۇرنىلىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 09:45  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
40
تۆھپە
23
UID
20205
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 01:45:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولمىسىمۇ لىكىن بىزنى ناھايتى ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپسىز ،ئزدىنىشىڭىزگە بارىكاللا!بەرگەن ماتىراللىرىڭىز ھەقىقەتەن ياىخشى ئىكەن.


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
319
تۆھپە
216
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 22:07:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز قەلەمنىڭ گىپىنى چىقىرىپ ياخشى قىلىپسىز، قەلەم ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ نەرسە، كىم بۇ ئۇلۇغ نەرسىنى توغرا،
ئادىل،ھەققانى تۇتۇپ يازالىسا ئۇلۇغلۇققا كۆتۈرلۈپ ،ئۇلۇغ ئىنسان بولالايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
578
تۆھپە
208
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ياخشى ماقالە ئىكەن ، مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلارنىڭ كۆپرەك چىقىپ
تۇرىشىغا تىلەكداشمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 13:01, Processed in 0.073834 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991