خاتا مائارىپ كۆز قارىشىنى خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختاتمىغىچە تۈگەتكىلى بولمايدۇ
شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسى شاڭفېن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ، مەلۇم بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە قىزىل ، كۆك رەڭلىك تامغا بېسىلغان . يۈزىگە كۆك رەڭلىك تامغا بېسىلغان بالىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ، يۈزىگە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆك رەڭلىك تامغا باسقان . مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەكتەپتىكى بىر تۈرلۈك ئىلغارلىقنى تالىشىپ ، ئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىدىكى كونكىرېت يولغا قويۇش جەريانىدا، ياخشى ئويلانمايلا ، ئەسلىدە دەپتەرگە ئۇرىدىغان تامغىنى ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە بېسىپ سالغان . (مەزكۇر گېزىتنىڭ 19- كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئېلىندى)
ئائىلە باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ، «يۈزىگە تامغا بېسىش » قا بولغان بىرىنچى ئىنكاسى ـــ «بۇنىڭ قەدىمكى زاماندىكى جىنايەتچىلەرنىڭ يۈزىگە خەت چېكىشتىن نېمە پەرقى بولسۇن »، بۇ گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان . قەدىمكى زاماندا بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلى يۈزىگە خەت چېكىش جازاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، يەنى جىنايەتچىنىڭ يۈزىگە ياكى پىشانىسىگە خەت چېكىدۇ ياكى رەسىم سىزىپ قويۇپ ، ئاندىن كېيىن سىياھ سۈركەيدۇ . گەرچە شەكلىدە ئازراق پەرق بولسىمۇ ، بىراق ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، «يۈزىگە تامغا بېسىش» ھەقىقەتەن يۈزىگە خەت چېكىپ جازالاش بىلەن ئوخشاشلا «مۇۋەپپەقىيەت» قازاندى ، يەنى مۇۋەپپەققىيەتلىك ھالدا، بىر بالىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇردى ، يۈزىگە كۆك رەڭلىك تامغا بېسىلغان بالىنىڭ دېيىشىچە ، نۇرغۇنلىغان بالىلار ئۇنى مازاق قىلىشقان ، بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتگە زىيان يەتكۈزگەن .
ئەمەلىيەتتە، بۇ تۈردىكى قەستەنلىك بىلەن بالىلارنى كەمسىتىش ۋە مازاق قىلىش مائارىپ ئۇسۇلىدا ئەزەلدىنلا توختاپ قالمىغان ، «ئىمتىھان نومۇرى بويىچە ئولتۇرۇش »، «ئەلا–ناچارلىق بويىچە سىنىپقا ئايرىش » تىن تارتىپ ، ئىلگىرىكى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى ۋېيياڭ رايونى 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ناچار ئوقۇغۇچىغا يېشىل گالىستۇك تاقاشقىچە، ھەممىسىلا «ساختا رىغبەتلەندۈرۈش» بايرىقى ئاستىدا تۇغۇلغان مائارىپ غەيرىي قىلمىشلىرىدىن ئىبارەت . «يۈزىگە تامغا بېسىش» بولسا بۇ خىل كەمسىتىش مائارىپى ، ھاقارەتلەش مائارىپىنىڭ تېخنىكا يېڭىلىنىشى ، پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇشقا كىيگۈزۈلگەن يېڭى قالپاق خالاس . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇشۇنداق خاتا بولغان مائارىپ قارىشى ئۆزگەرتىلمەيدىكەن ، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدە ئىزا–ئاھانەت ۋە رەھىمىسزلىك يەنە داۋاملىشىدۇ . يېشىل گالىستۇكنى قامچىلاش ئاۋازى تارقالماي تۇرۇپلا ، «يۈزىگە تامغا بېسىش » يەنە باشقىچە بىر خىل ئۇسۇلدا ئورۇنلىنىدۇ .
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى ، بۇ خىل خەت چېكىش ئۇسۇلىدىكى مائارىپ بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىلاشقان مائارىپ بىلەن زىت بولۇپلا قالماي ، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ ئىدىيەسدىن تارماقلىنىپ كەتكەن . ئەنئەنىۋى مائارىپتا سۆزلىنىدىغىنى بولسا «مەرىپەت ئالدىدا ھەممە باراۋەر»، ھازىرقى زامان مائارىپشۇناسى تاۋ شىڭجىمۇ مۇنداق دېگەن: « پەقەت تەربىيەلەشنى بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار ، ياخشى ئۆگەنمەيدىغان ئوقۇغۇچى يوق » . بىراق، بۇ ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆگىتىش » تىكى كەڭ قورساقلىق ۋە ماھارىتىدە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي ، مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . يەنى ، خاتا بولغان مائارىپ سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئاسانلىق ، بىرلىككە كەلگەن ، بىر تاياقتا ھەيدەلگەن مائارىپ ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى . بۇنىڭلىق بىلەن خاسلىق يوقىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي تالانتى ۋەيران قىلىنىپ ، بالىلارنىڭ ئەيمىنىش ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى پەرىقسىز قىلىپ، چۈشەنگىلى بولىدىغان ئاچا يول شەكىللەندى .
بۇنىڭدىن باشقا، شاڭفېن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭيۈنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرۈشى كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ ــــ ــــ « مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇددىئاسى ياخشى ، بىراق قىلمىشى توغرا ئەمەس »، ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنى ئىلغار بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇددىئاسى ، نېمىشقا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قارىشىدىكى «بالىنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇش » تەك كەمسىتىش قىلمىشى بولۇپ قالىدۇ ؟ بىلىش كېرەككى ، ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن كەمسىتىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىرلا قەدەم بار . ئادەتتىكى ئۆلچەمدىن ياخشى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بولسا ئىلھاملاندۇرۇش بولىدۇ ، ئادەتتىكى ئۆلچەمدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلگەن ناچار ئۆلچەم بولسا كەمسىتىش ھېسابلىنىدۇ .
بىراق ، خەت چېكىش شەكلىدىكى مائارىپنى تۈپتىن تۈگىتىشنى ئويلاشقاندا ، مائارىپنى باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەلۋەتتە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قوماندانلىق قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ، ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان تۈزۈم قۇرۇلمىسغا ئېھتىياجلىق ، ئوقۇتقۇچىلارغا نسىبەتەن بولسا پەقەت كۆپرەك مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ، رەھىم قىلىش ھېسسىياتى ۋە بالىلار ئۈچۈن ئويلىنىشتەك ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىشقا ئېھتىياجلىق .
تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن