ئەر-ئاياللاردىكى پەرق
__سۆيۈملۈكۈم، سىزنىڭ تېلېفونىڭىزغا تېلېفون كەلدى!
ئەر:ۋەي ؟؟؟
تېلېفوندىكى ئايال: ۋەي ياخشىمۇسىز؟ *** مۇ؟
ئەر:شۇنداق، سىز ...؟؟؟
ئايال: مەن** *
ئەر: ھە، سىزمىدىڭىز؟مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزلىگەنمۇ ؟
ئايال:پەسكە بىر چۈشەلەمسىز؟مەن سىلەرنىڭ بىنانىڭ ئاستىدا!
ئەر: چىقىۋىرىڭ ،مەن سىزگە ئىشىنىمەن.
ئايال: بىللە چاي ئىچەيلى!
ئەر:نېمە ئىش بولسا تېزرەك دېگەن بولسىڭىز،بەك كەچ بولۇپ كەتتى!ئايالىم ئۆيدە يالغۇز، ئۇ قاراڭغۇدىن قورقىدۇ!
ئايال: مەن ئاجرىشىپ كەتتىم !
ئەر:نېمىشقا؟ ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتىغۇ؟
ئايال:ئۇ بىر ئەبلەخ! ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ سىرتتىن بىرنى تېپىۋاپتۇ!
ئەر:بولدى ئازاپلانماڭ،سىز تېخى ياش، يەنە پۇرسەت كۆپ ...
ئايال:سىز مەندىن نەپرەتلىنەمسىز؟
ئەر:ھەممىسى بۇرۇنقى ئىشلار، ئۆتۈپ كەتتى،يەنە نېمە نەپرەتلىنىش دەيسىز.
ئايال:راستىما؟
ئەر: ھا ھا... شۇنداق! مەن سىزنى قاچان ئالداپ باققان دەيسىز؟
ئايال:ئۇنداقتا مېنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
ئەر: ...............................نېمە؟؟؟
ئايال:ئىككىمىز توي قىلايلى!مەن چوقۇم ياخشى بىرئائىلە ئايالى ۋە ياخشى ئانا بولالايمەن.
ئەر:مېنىڭ ھازىر ئايالىم بار ،بۇ مۇمكىن بولمايدۇ. توي خېتى ئېلىپ بولغان ، نىكاھمۇ ئوقۇلۇپ بولدى .ئۇنىڭ ئاپسى كەلسىلا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزىمىز .
ئايال:تېخى توي قىلغانغا ھېساپ ئەمەسقۇ بۇ؟
ئەر:بولمايدۇ!ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ.مەن ئۇنى ئازاپقا قويۇشنى خالىمايمەن.
ئايال:ئەگەر گەپ قىلىش سىزگە ئەپ بولمىسا مەن بېرىپ دەي!
ئەر:قەتئىي بولمايدۇ!
ئايال:<يىغلاپ تۇرۇپ>نېمە ئۈچۈن؟
ئەر:چۈنكى مەن ئەركىشى ئاتالغىنىم ئۈچۈن !
ئايال:مېنىڭ تەپسىلىي بىلىگۈم بار.مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز، نېمە ئۈچۈن بىرگە ئۆتسەك بولمايدۇ؟
ئەر:راستىلا بىلىگۈڭىز بارمۇ ؟
ئايال:شۇنداق!
ئەر:ئاڭلاڭ.
1.مەن بىلىمەن، بىراۋنىڭ بىرسىنى چىن يۈرىكىدىن ياخشىى كۆرۈشى ئاسان ئەمەس.يەنە شۇنىمۇ بىلمەن، ئازاپ بەك ئاچچىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىسام بولمايدۇ. ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدۇ، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشكە چىدايمەن؟
2.توي قىلىش قارارىنى مەن چىقارغان، بۇ ھاياتىمىدا ئۇنى تاللىدىم. ئۇنىڭ ھاياتىمدىكى بىردىن -بىرئايالىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداقلا ئىش بولسۇن ئۇنىڭغا ئاسىيىلىق قىلسام بولمايدۇ.ئۇنىڭ مۇھەببەت ئۆلچىمى، مېنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىم. كەلگۈسدە قانداقلا ئىسسىق-سوغۇق بولسۇن، مەن ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بوران-چاپقۇننى توسۇشۇم كېرەك.
3.مېنىڭ نامراتلىغىمنىمۇ ئۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ سەبىي، ئاقكۆڭۈل. نېمىلا ئىش قىلسۇن، مەن ئۈچۈن قىلىدۇ، مېنى ئويلايدۇ. بۈگۈن مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىممۇ ئۇنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلمايدىغانلىغىمىغا ئىشىندۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى ماڭا تاپشۇرغان، مەن بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا تارتىشقا رازىلىق بەرگەن. كۆپلىگەن ئايال ئۆزىنىڭ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ.چۈشەندىڭىزمۇ؟
ئايال: چۈشەندىم !
ئەر: <دۇنيادا ئىككى خىل گۈزەللىك بولىدۇ. تاشقى گۈزەللىك ۋە ئىچكى گۈزەللىك. تاشقى گۈزەللىك سىزنى باشقىلار ئالدىدا ۋە جەمئىيەت ئالدىدا مەلۇم ئىمتىيازغا ۋە پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ. لېكىن بەخىت بېرەلىشى ناتايىن ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس. ئىچكى گۈزەللىك جەمئىيەت ۋە كىشىلەر ئالدىدا زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن ،بىراق بۇ خىل گۈزەللىك سىزگە مەڭگۈلۈك ھەم سىزنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان كۆۋرۈك. ئاياللارغا نىسبەتەن قايسسى ئەڭ مۇھىم؟
ئايال: دوست بولۇپ قالساق بولامدۇ؟
ئەر:بولمايدۇ، مېنىڭ ئايالىمىدىن باشقا ئاياللار بىلەن دوست بولغۇم يوق!
ئايال:مۇشۇنداق ئاددى ئىشمۇ سىزگە تەسمۇ؟
ئەر:ئاڭلاڭ!
1.ئىككىمىزنىڭ ئورتاقلىقى يوق. بىز ئەرلەر ئوينىغان ئويۇنلارنى سىلەر ئوينىمايسىلەر.
2.ئايالىم بەرگەن قانائەت تۇيغۇسىنى سىز ماڭا بېرەلمەيسىز.
3.مېنىڭ سىز بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتىم كەمچىل. كوچا ئايلىنىشقا، بىللە تاماق يېيىشكە رايىم يوق. بۇ قىز دوستۇمغا قىلىدىغان ئىشلار .
4. ئايالىم كۈنلەيدۇ، رەنجىيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ئەرزىمىدۇ؟ ئەرلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغىنى، قانچە ئايال بىلەن ئارىلاشقىنى ئەمەس، بەلكى بىر ئايالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈر بويى ئۆتۈشكە رازى بولغىنى .
ئاياللارنىڭ پەخىرلىنىدىغىنى قانچە ئەرنىڭ ئۇنىڭغا تەلەپ قويغىنى ئەمەس، بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچە ئايالنى رەت قىلغانلىقىدا.
ئەرلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىكى قايىل قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلىش ، ئاياللارنىڭ بولسا زېرىكىشكە قانداق بەرداشلىق بېرىش .
تېمىغا باھا: جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەخلاقتىن ياتلاشقان نىكاھ تۇرمۇشلىرىغا بېرىلگەن ياخشى سىگىنال! ئەر-ئايالدا ئوخشاشلا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىدا گەپ يوق، ئۆز جۈپتىگە خىيانەت قىلغان كىشى باشقىلاردىن ھەرگىزمۇ ساداقەتمەنلىكنى كۈتمىسۇن، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى خىيانەتكە پاتقان ئەخلاقسىز تۇرمۇش خالاس. تىما ئىگىسىگە باھا: يازمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان، ھەم تېمىدىكى <ئەر>گە نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان ئېسىل تېما بوپتۇ. سەمىمىي ئەسكەرتىش: تېمىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى زىيادە ئېغىر، < ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ> سوزۇق تاۋۇشلىرىنى يازغاندا تەلەپپۇز، ئۇرغۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسز.__مەلىكە.