كۆرۈش: 11016|ئىنكاس: 8

ئاۋىياماتكا ـــ جۇڭگونىڭ يېڭى چوڭ دۆلەتلىك سەپلىمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
114
تۆھپە
56
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:46:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاۋىياماتكا ـــ جۇڭگونىڭ يېڭى چوڭ دۆلەتلىك سەپلىمىسى



  25-سېنتەبىر، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ــــ «لياۋنىڭ كېمىسى» دېڭىز ئارمىيەسىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش تەرەققىياتى تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا نورمال بولغان بىر ئىش. بۇ چاغدا بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگونىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن دېڭىز ئوكياندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش قارا نىيىتىنىڭ بارلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار چوقۇم باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ، ئاسىيا-تېنچ ئوكياننىڭ يەرلىك ئىستراتېگىيە تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، دەپ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشتى.
   بۇ خىل تەلۋىلەرچە چۈشەندۈرۈش ئەلۋەتتە كىشىلەرگە بىر خىل خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ، خۇددى «لياۋنىڭ كېمىسى›› خېلى بۇرۇنلا ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرغاندەك، بۇيرۇق بېرىلسىلا، ئەتراپنى بېسىقتۇرۇپ، دۇنيانى چارلايدىغاندەكلا.
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئارمىيەسى ئازراقلا ھەرىكەت قىلسىلا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نېرۋىسىغا تېگىپ قويۇۋاتىدۇ، ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىدىمۇ باشلىنىشتىنلا مانا مۇشۇنداق شاۋقۇن-سۈرەنلەر بار ئىدى. بەزى دۆلەتلەر ئومۇمەن بەزى قوشۇمچە ئامىللارنى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، مەقسىتى شۈبھىسىزكى «جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيەسى» پەيدا قىلشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   نۆۋەتتە ئىنسانلار ئىگىلەپ ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ ئىلغار دېڭىزدىكى ھەربىي ئىشلار سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋىياماتكا بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئەمەلىي كۈچىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇ بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭگونىڭ 18 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى، 3مىليون كىۋادىرات كىلومېتىر كۆلەملىك دېڭىز-ئوكيان زېمىنى بار. ئاۋىياماتكىنى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى قىلىش، زېمىن ۋە دېڭىز-ئوكيان تەۋەلىكى ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ھەمدە جۇڭگودىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر دېڭىز–ئوكيان چوڭ دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە تىنچلىق ئاساسى تېمىسىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقئارا تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
   جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكا تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ «مۇسكۇلىنى نامايان قىلىش» ئەمەس. يەر شارىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دائىمىي دۆلەتنىڭ ئىچىدە بىردىنبىر ئاۋىياماتكىسى يوق دۆلەت ئىدى. ‹‹ئالتۇن كېسەك›› تۆت دۆلەتنىڭ ئىچىدىمۇ پەقەت جۇڭگونىڭلا ئاۋىياماتكىسى يوق. «لياۋنىڭ كېمىسى» دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە داۋاملىق ئالاقىدار پەن-تەتقىقات تەجرىبىلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار مەشق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جۇڭگو ھەرگىزمۇ بۇ ئاۋىياماتكىغا تايىنىپلا ئەتراپتىكىلىرى بىلەن قارشىلىپ يۈرمەيدۇ. بەزىلەر جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىسى بىلەن «جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار تەھدىت نەزەرىيەسى» نى بىر ئورۇنغا قويۇۋېلىشىدا، ئەمەليەتتە ئۇلارنىڭ غەرىزى باشقا.
   «ئىشنى ئوبدان قىلىمىز دەيدىكەنمىز، قورال-جابدۇق ياخشى بولمىسا بولمايدۇ». دۆلەتنىڭ قورال-جابدۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئاۋىياماتكا بىلەن ئىشنى ياخشى قىلىشنى پۈتۈنلەي بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەقىسىتى بەلگىلەيدۇ. قورال-ياراغ سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋىياماتكا ھەم ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا مۇداپىئەلىنىشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، غەيرىي ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا، قوشۇمچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
   تارىختىنمۇ ئېنىقكى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، جۇڭگو ئەزەلدىن «مېھرىبانلىق، ئەدەپلىك، ئەقىللىق، سەمىمىيلىك»نى تەرغىپ قىلىدىغان دۆلەت، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تىنچلىقنى ئاساس قىلىدىغان تەرەققىيات. خېلىلا بۇرۇن بۇندىن 600 يىل ئىلگىرى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر قولۋاقلار بىلەن تېررىتورىيەسىنى چارلاپ يۈرىدىغان چاغلاردا، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك كېمە ئەترىتى بولغان جېڭخې دېڭىز كېمە ئەترىتى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلمىغان، بەلكى تىنچلىق ئەلچىسى، دوستلۇق ئەلچىسى بولغان.
   جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك تىركىشىش ئويى يوق. جۇڭگو يولغا قويغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، ھەرگىزمۇ يېڭى تىپتىكى بىر قورالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلق شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپتىكى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدىكى مەقستى ئىنتايىن سەمىمىي، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور.
   رايون مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو پائال تۈردە «ئىناق دېڭىز-ئوكيان» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ قۇشۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكا تەرەققىي قىلدۇرۇشى دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن تېخىمۇ زور بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو داۋاملىق تۈردە چوڭ دۆلەتلىك تۇيغۇسى بويىچە، قۇرۇق پىتنە-پاساتلاردىن قورقماي، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئېنېرگىيە توپلىشى لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.
   جۇڭگو پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاۋىياماتكا ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھېسسىياتى تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى بىر-بىرىگە مەھكەم ئۇيۇشتۇرغان. «لياۋنىڭ كېمىسى»نىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ يېڭى بىر باشلىنىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تارىخىي ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغان يېڭى بىر باشلىنىشى.
ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
511
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:43:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبرىكلەيمەن.


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 20:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

تىللا
3552
تۆھپە
1093
UID
489

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 22:15:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكا جوڭگۇنىڭ ئاۋىياماتكىسىغا ‹ قەغەز يولۋاس› دەپ باھا بىرىىپتۇ، بۇرۇنلاردا بىز ئامىرىكىغا ‹ قەغەز يولۋاس› دەپ بىرەتتۇق.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1585
تۆھپە
536
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 00:53:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈشمەن كۈچلەر ئۈچۈن يىڭى بىر نىشان كۆپىيىپتۇ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
578
تۆھپە
208
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:47:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلاردا بار نەرسە جوڭگودا بولسا نىمىشقا بولمايدىكەن ؟ چوقۇم بولۇشى كېرەك !


Rank: 4

تىللا
302
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:57:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.
   بۇمۇ تۆھپە قوشقانلىق بولامدىكە ئەمدى توۋااااااااااااااااااااااااااااااا


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1299
تۆھپە
877
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 21:04:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇنى كۆرەلمەيدىغان جاھانگىر خوجا بولىۋالغان دۆلەتلەر كۈللەمچى خوتۇندەك گەپ قىپتىغۇ. يانغا پىچاق سېلىۋالغان ئەر چوقۇم ئادەم ئۆلتۈرىمەن دېمەيدۇ. ئىلىمىزنىڭ ئاۋىئاماتكىسى دەل ئەرنىڭ يېنىغا ئېسىلغان پىچاق، ئۇ چوقۇم باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نېمىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا دەرھال ئەسقاتىدىغان قورال.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1452
تۆھپە
920
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 14:30:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىسى بىلەن كارىم يوق، ئاۋياماتكىغا ئولتۇرۇپ ياپۇنىيەگە بېرىپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قادايدىغان ئورۇننى كۆرۈپ كەلسەم ياخشى بولاتتى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-28 03:17, Processed in 0.081712 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991