يېڭى مەدەنىيەت جۆيلىمىسى
ئافغانىستان يازغۇچىسى ئۈلفەت ئىزىدىن
ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
داۋراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ سېلىش ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى-دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى، ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز.
داۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇغىلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى....
يېڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا خىزمەت ئىزدەپ ئىشخانىغا كەلدى. تارتمىلار بايلىققا تولدى. ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىلاردا ئەمەلىيلەشتى.
ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:
- نىكاھ ئوقۇپ ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقنىڭ بەدىلى مۇشۇمۇ؟
پاھىشە زىناھ خۇددى پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.
دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئاۋۋال سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگىنوزنى باشلىدى.
زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ «ئانا يۇرت» تېرىلوگىيەسىنى يېزىپ چىقىپ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئارماندا ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خوشى يوق مۇلازىملارمۇ كىتاپخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى سېتىپ، تۇرمۇش راسخوتى تاپىدۇ.
ئەدىپلەر نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۈرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى، ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يېزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى پۇل ئۈچۈن ھەسەل يىغمايدۇ. ئۇنىڭ ھەسەل يىغىشى بىر خىل مەۋجۇتلۇق قىممىتىگە ئىگە. لېكىن ھەسەلچىلەر ھەسەلنى پۇلغا ساتىدۇ. ھېچقانداق ئىدىيەگە قىزىقمايدىغان نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئەدىپنىڭ ئىنسانىيەت روھىغا ئەمەس، بەلكى ئەدىپنىڭ بازىرىغا قىزىقىدۇ.
- يېزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى. ئۇ قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
- يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمىساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
-قىيامەت دېگىنىڭ نېمىسى؟
- زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ.
قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ. ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ ئاش بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىرىدە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ۋاھالەنكى يازغۇچى جېنىنى خەجلەپ نېسىگە يازىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىگ»تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- ئىدىيەنى نېمىشقا پۇلغا ئېلىشمايدۇ؟
- چۈنكى ئىدىيەنى يىگىلى بولمايدۇ.
-چۈشەنمىدىم.
-زامانداشلىرىڭ قورساق بالاسىدا، ئۇلار ئىلىمداردىن ئىدىيە ئەمەس، نان تەلەپ قىلىدۇ.
-قورسىقى توقلارچۇ؟
-ئۇلار ئىشرەت كويىدا، ئۇلار يېڭى ئىدىيە ئەمەس، تازىلىق قەغىزىگە مۇھتاج.
-مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
-سەن سۈكۈت قىل، دۇنيانىڭ يۈنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى ۋە يوپكىسىدا ئەقىدىگە قىزىقمايدىغان ئادەملەرنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزىدىغان ئېدىئولوگىيە بار.
- ئۇنداقتا...
- جىم تۇر، تەپەككۈر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر دىڭ بولدى.
- ئاھ، سىنا چۆلى، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟
2009-يىلى مارت، ئۈرۈمچى
«ئىنسانىي سۈپەت مەنزىلى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.