كۆرۈش: 3111|ئىنكاس: 3

مۇھەببەت گۈلشەنلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
156
تۆھپە
83
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:00:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەببەت گۈلشەنلىرى

  

-1-

چىمەندە جامالىڭنىڭ تەرىپىنى قىلىۋىدىم، گۈللەر خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتى.كۆڭلۈم لېۋىڭ شەربىتىنى ئىزدەپ قەيەرلەرگە كەتكەنىكىنى كىشىلەرمۇ بىلىشمەيدۇ.

سەن جېنىمدىنمۇ ئەزىزسەن،سەن بولمىساڭ ماڭا بۇ جاننىڭ كېرىكى يوق.
ئەي، يۈسۈپتەك گۈزەل يار، مېنىڭ غەمنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۆزۈڭ كېتىپ قالما. ئۇزۇن چاچلىرىڭدىن كۆڭلۈمنى ئۈزەلمەيمەن. سېنىڭ ئايىغىڭ نەدە بولسا،مېنىڭ بېشىم شۇيەردە.

-2-

ئىككىمىزنىڭ شولىسى سۇدا پەيدا بولغاندا،سۇ قاياققا ئاقسا شۇيەردە رەنا گۈللەر ئېچىلىدۇ. چېچىڭ خىيالى مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. قارا،سەۋدالىق دېگەن نەرسە كۆڭۈللەرنى ئاجايىپ خىياللارنى سېلىۋېتىدۇ.

كىشىلەر ئاي جاماللار ھەققىدە غوۋغا قىلىشىدىكەن،بىراق ئاي-جاماللار بولسا ئۇنىڭ كوچىسىدا غوۋغا قىلىشىدۇ.ئىشىق مېنى ئەقلى-ھۇشى بارلار ئارىسىدا رەسۋا قىلىۋەتتى. مېنىڭ ئەھۋالىمغا پەرھاد،مەجنۇنلارمۇ ھەيران قالىدۇ.

ئۇ شوخ تاماشا ئۈچۈن ھەرتەرەپكە بارىدۇ، بىراق تاماشا ئۇنىڭغا ئەمەس، باشقىلارغا بولىدۇ.چۈنكى، سورۇن ئەھلى ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيدۇ.

زامان ساڭا زۇلۇم سالسا،سېنىڭ قان يۇتقىنىڭ بىلەن زاماننىڭ نېمە كارى؟

-3-

سابا سورىدى:

-ئەي خۇش ئاۋاز قۇش،قەيەردىن كەلدىڭ؟

بۇلبۇل دېدى:

-بىرەر جاينى ماكان قىلغان ئەمەسمەن.

-نېمە سەۋەبتىن پىغان چېكىسەن؟

-بىر گۈل ئۈچۈن باغرىم قان.

-قايسى قەدەھتىن مەي ئىچكەنلىكىڭنى بايان قىل؟

-ئەبەدىيلىك جامىدىن مەي ئىچكەنمەن.

-نېمە سەۋەبتىن بۇيەر ماكانىڭ بولىدۇ؟

-تەقدىر سەۋەبىدىن شۇنداق.

-ئاھ ئۇرساڭ ئۇچقۇنداپ ئوت چىقىدىكەن؟

-ئۇ ئوت ئىشقىمنىڭ ھارارىتى.

-سەن قاچاندىن باشلاپ ئىشق ئوتىدا كۆيگەنسەن؟

-ئۇ چاغدا تېخى جېنىمدىن خەۋەر يوق ئىدى.

-سەن ئۈزۈڭ قانداق قۇشسەن؟

-قانداقلىقىمنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن.مەندە ھۇش يوق.

- ئەي قۇش، ماڭا ئۈزۈڭنى تونۇشتۇرغىن؟

-چىرايىمغا قاراپ سىرىمنى شۇنىڭدىن بىلىۋال.

-زادى سەندە بىر ئىش بار دەپ گۇمان قىلىمەن؟

-مېنىڭ ئىچكى سىرىمنى بىلەي دېسەڭ ھەممىسى غەم.

-ئەي قۇش، غەم يېيىشتىن مەقسىتىڭ نېمە؟

-بەك قىيىن سۇئاللارنى سوراۋاتىسەن.

-غەمنىڭ زادى نېمە پايدىسى نېمە؟

-بۇنى سۆز بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايدۇ.

-نېمىشقا سېنىڭ ھالىڭ خاراب؟

-يۈرىكىم قاتمۇ-قات قان.

-ئەي دەردمەن،قانداق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىسەن؟

-غەمنىڭ سەۋەبى بىلەن كۈندۈزمۇ ماڭا كېچە.

-نېمە سەۋەبتىن ۋۇجۇدۇڭ كۆك؟

-ئىچىم ئوت، تېشىم چوغ.

-دائىم تولغىنىپ تۇرىسەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

-مېنىڭ جامىمدا جاپانىڭ شارابى بار.

-ئىشىقنىڭ ئوتى قانداق بولىدۇ،بايان قىل؟

-ئۇنىڭ شەكلى، سۈرىتى بولمىسا، قانداق ئېيتىپ بېرەلەيمەن.

-ساڭا بۇ ئىشق ئوتى نەدىن يېقىلدى؟

-تۇيۇقسىز بىرگۈلگە كۆزۈم چۈشكەنىدى.

-ئىشق ئوتى قانداق تۇتىشىپ، قانداق كۆيىدىكەن؟

-ئېغىزدىن دۇت چىقىدۇ، كۆزدىن ياش.

-ئۇنداق بولسائۇ ئىشق ئوتىنى ۋۇجۇدۇڭدىن ئۆچۈر.

-بۇنداق سۆزنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋەت.

-4-

قايسى گۈلشەندىكى بىر گۈل شېخى سېنىڭ جىلۋىلىك سۇمباتىڭغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ قايسى گۈل شېخىدىكى غۇنچە سېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان قىزىل لېۋىڭگە تەڭ كېلەلىسۇن؟

قايسى گۈلزار ئىچىدىكى بىر گۈل سېنىڭ ھۆسنۈڭدەك ئېچىلىدۇ؟ قايسى گۈل بەرگە سېنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت چاچىدىغان ياقۇت لېۋىڭگە تەڭ كېلەلىسۇن؟

قايسى قاتىل ساڭا ئوخشاش كىشىلەرنى ئەسىر قىلىپ تۇرالايدۇ؟ قايسى جاللاتنىڭ قىلىچى سېنىڭ كىرپىكىڭدىن ئۆتكۈر؟

قايسى باغنىڭ كۆچىتى سېنىڭ قەددىڭدەك تۈز ئۆسكەن؟ ئۇنىڭ ئالمىسى سېنىڭ ئالمىدەك يۈزۈڭگە تەڭ كېلەلىسۇنمۇ؟

قايسى چىراغنىڭ نۇرى سېنىڭ ئاي يۈزۈڭدەك نۇرلۇق؟

سېنىڭ سەرۋىدەك گۈزەل قەددىڭنى نېمە ئۈچۈن جان گۈلشىنىمگە تىكمەي؟ چىمەندىكى گۈللەر گۈل ئەمەس، بەلكى مېنىڭ قان يۇتقان يۈرىكىمدۇر. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار يۇلتۇز ئەمەس، مېنىڭ ساڭا بېقىشىمدۇر.

كۆز قىسىشىڭ ماڭا راھەت بېرىدۇ. دۈشمەنلەردىن ئەندىشەم يوق، كىرپىكىڭ مېنىڭ لەشكەرلىرىمدۇر. مەن جېنىمنى، كۆڭلۈمنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، بۇنى پەقەت سەندىنلا گۇمان قىلدىم. سېنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرىڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرۇپتۇ.

  

مەنبە: روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرى-مەرۋايىتتەك سۆزلىرىم.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
535
تۆھپە
309
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 21:17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

ئىسىمى
بارغۇت
تىللا
4
تۆھپە
2
UID
29160
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:50:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىسى نەۋايى شېئىرلىرنىڭ تەرجىمىسى ئىكەنغۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:56:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 13:04, Processed in 0.078942 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991