كۆرۈش: 1785|ئىنكاس: 0

ئانا ـــ ئۇ بىر ئۇلۇغ ئىنسان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 15:15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا ـــ ئۇ بىر ئۇلۇغ ئىنسان

                                                      
نۇرنىسا ئابدۇرېھىم


  ئايال دېمەك، ئانا دېمەكتۇر. ‹‹ئانا›› دېگەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس، ‹‹ئانا›› بارلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سىموۋۇلى. ‹‹ئانا›› يەنە مېھرى-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا ‹‹مېھىر››دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبرى-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي بولىدۇ. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى. شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ئانا مېھىرىدە، ئانا مېھرى ئادەتتىكى ياخشى كۆرۈشكە ئوخشىمايدۇ، ئۇ، شۇنداق تەبىئىي ۋە چوڭقۇر بولىدۇ.
  بالا تۇغۇلۇپلا مۇھتاج بولغان مەنىۋى ئوزۇق ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى، بولۇپمۇ ئانا مۇھەببىتىدۇر. كىچىككىنە بىر ھاياتلىق ئانا قورسىقىدا ئۆسۈپ يېتىلۋاتقاندا، ئۇلۇغ ئانا مېھرى دېڭىزدەك چەكسىز بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىنى يېنىك پەپىلەيدۇ. بوۋاقنىڭ تۇنجى يىغا ئاۋازىنى كۈتۈۋاتقاندا چوڭقۇر ئانا مېھرى كۆز يەتكۈسىز يايلاققا ئوخشاش دولقۇنلايدۇ. چۈنكى قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەت ئەسلىدىنلا ناھايتى تەبىئىي بولىدۇ. ئانىنىڭ كۈچلۈك مېھرى-مۇھەببىتى بالىلارنىڭ قەلبىدە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققى ئاتىنىڭ ھەققىدىن بىرنەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئانىنىڭ تەربىيەسى پەرزەنتكە قويغان مېھرى-مۇھەببىتى، ئاتىنىڭ تەربىيەسى، مېھرى-مۇھەببىتىدىن كۆپرەك بولىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت تەربىيەنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا تەربىيەنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئاساس.
  مىللەتنىڭ ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئانىلار ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئۆز پەرزەنتىگە ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلەتتىن ساۋاق بېرىپ تۇرىدۇ. ئانا بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس كىشى. شۇڭا بالا چۈش كۆرۈپ قورقۇپ كەتسىمۇ ‹‹ئانا›› دەيدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كەتسىمۇ ‹‹ئانا›› دەيدۇ. بالىلار ئادەتتە ئۈچ ياشقىچە ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بالىلارغا بۇ مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيەنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى زېھنىي قۇۋۋىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەببەت تەربىيەنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا تەربىيەنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئاساس. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئانىلارنىڭ مېھرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى، پەرزەنت ئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى، ھازا ئىچىدىن مىسكىن ئۆلۈمنى ناخشا-قوشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزۇر ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى. شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى. ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. شۇنداق، ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى، تارتقان جەبرى-جاپاسىنى تىلدا داستان قىلىپ تۈگەتكىلى، تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى ئاجىزلىق قىلىمىز. ئانا بولۇش بۈيۈك بىر نېمەت ۋە تەڭداشسىز بىر شەرەپتۇر. بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا سازاۋەر بولالايدۇ.
  بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئانىنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئانىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان بىۋاسىتە تەسىرىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى بورۇن كۆپ تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن خېلى چوڭقۇر ئىسپاتلانغان مەسىلە. ئائىلىنىڭ ھەقىقىي تۈۋرۈكى ئانىدۇر. ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان تەسىرى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرى مەكتەپلەردە، ئالىي پىكىرلىك ئادەملەرنىڭ ئالدىدا بىلىم ئالغۇچىلارمۇ ئانىلىرىدىن ئالغان تەربىيە بىلەن ياشايدۇ ۋە ئانىسىدىن ئالغان تەربىيەنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەيلاسوپلاردىن بىرى: ‹‹ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ئانىنىڭ ئىستىكى بويىچە بولغۇسى، ئەگەر بۈيۈك ۋە پەزىلەتلىك ئادەملەرگە ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئانىلارغا بۈيۈكلۈك ۋە پەزىلەت ئۆگىتىڭ›› دېگەن. ئىنسانلارنىڭ سائادەتلىرى تەربىيەگە باغلىق بولۇپ، بۇ تەربىيە ئانىلار بىلەن بەكمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا بالىلارنى تەربىيەلىك قىلىش ئۈچۈن، ئانىلارنى تەربىيەلەش ھەمدە شۇ تەربىيەنى بالىلارغا بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان. بۈيۈك بىر زات: ‹‹ھەربىر ئانىنىڭ ئەقلىنى ئۆلچىمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بالىلىرىغا قاراڭ›› دېگەنىدى. نۆۋەتتە بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھرى-مۇھەببەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد دەرىجىسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئانىلار كېرەك. تەربىيەلىك ئانا بالىسىنى، يولدىشىنى، ئاتا-ئانىسىنى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ تەرتىپىنى، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوست-بۇرادەر، قولۇم-قوشنىلىرىنى، بارلىق خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەسى، ھۆسن-خۇلقى بىلەن مەمنۇن قىلىدۇ، ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئانىنىڭ ئىسىق قوينىدا ھاياتلىق مۇساپىسىنى داۋام ئېتىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ.
  شۇنداق ئانىلار باركى، بۇ خىلدىكى ئانىلار تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ئالدىدىكى قەيسەرلىكى، مەردانە ئاق كۆڭۈللۈكى سەۋەبىدىن بىر ئىناق، بەختىيار ئائىلە بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئەدىپ: ‹‹ھايات گويا بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ، سەن كۈلسەڭ ئۇمۇ كۈلىدۇ، يىغلىساڭ ئۇمۇ يىغلايدۇ››، دەپ توغرا ئېيتقانئىدى. بۇ خىلدىكى ئانىلارغا ھايات قۇچاق ئاچىدۇ ۋە ئاچقۇسى. بۇنداق ئانىلار تۇرمۇش سەھنىسىدە ئانىلار ئاجىز دېگەن قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوڭۇشسىزلىقتىن باش كۆتۈرگەن ھەقىقىي بىر ئانىنىڭ رولىنى ئالالايدۇ. يەنە ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئىنسانىي پەزىلىتى ھەممىدىن غالىب كېلىدۇ. ئەمما تەربىيەسىز ئانا، بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ-دە، بۇنداق ئانىنىڭ ئىشى، كۆپ ھاللاردا، تېببىي ئىلىمدىن بىخەۋەر ئادەمنىڭ كېسەل داۋالىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەۋلادلارغا بىلىم بېرەلمىگەن، تەربىيە بېرەلمىگەن ۋە ئەخلاق ئۆگىتەلمىگەن ئانىدىن پايدىنىڭ ئورنىغا چوڭ زىيانلار كېلىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئانىلار، خەلق ئارىسىدا ۋابادىنمۇ زىيانلىق بولغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلىمەسلىكنىڭ ئۆزى تەربىيەسىزلىكنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، شۇنداقلا بەكمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. ياخشى ئانا ئەڭ قىممەتلىك دۇنيا خەزىنىسىدۇر .ياخشا ئانا ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ماھىر، چاققان، تېجەشلىك كېلىدۇ. ئانا ئائىلىنىڭ خوجايىنى، ئۆي ئىچىنىڭ زىننىتى. لاياقەتلىك ئانا ئائىلىنىڭ روزىغارىنى ياخشى تۇتىدۇ. پەرزەنتىگە گۈزەل تەربىيە بەرمىگەن ئانا ئۈز ئائىلىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى بەربات قىلىدۇ. كۈلپەت ۋە مۇشەققەتلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئائىلىسىگە ئىلتىپاتلىق ئانا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەزاسى سانىلىدۇ. ئانا دۇنيادا ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ئەڭ كۆپ سازاۋەر بولغان ئادەم.بىر دانىشمەننىڭ شاگىرتى ئۇستازىدىن: ‹‹ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ئەڭ كۆپ سازاۋەر بولغان ئادەم كىم؟››، دەپ سورىغاندا، ئۇستاز ئۇنىڭغا: ‹‹ئاناڭ›› دەپ جاۋاب بەرگەن. شاگىرتى يەنە: ‹‹ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا كىم؟›› دەپ سورىغاندا، ئۇستازى: ‹‹ئاناڭ›› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇنداق سورىغاندىمۇ ‹‹ئاناڭ›› دېگەن سۆزنى يەنە تەكرارلايلى، شاگىرتى تۆتىنچى قېتىم: ‹‹ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟›› دەپ سورىغاندا، ئۇستازى: ‹‹ئاتاڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ›› دېگەن. كۆپ قىسىم ئانىلارمۇ ئەرلەردەك جەمئىيەتتە بىر كىشلىك خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. تەشكىل ئۇلاردىن ‹‹ياخشى خىزمەتچى›› بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئەرلەر ‹‹ ۋاپادار ئايال›› بولۇشنى، بالىلار ‹‹ياخشى ئانا›› بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈرلۈك تەلەپلەر ئارىسىدا ئانىلار چارچايدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ ئەمگەكلىرىدىن قىلچە مىننەت قىلمايدۇ. بىر ئۆمۈر ئائىلە ئايالى بولۇپ، بارلىقىنى شۇ ئائىلە، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بېغىشلىغان ئانىلارمۇ يەنىلا ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ياشىماقتا. ئەنە كۆرۈۋاتىمىز، بىر ئۆمۈر ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىققان ئانىلارنى، ئۇلارنىڭ قاردەك ئاقارغان چاچلىرىنى، يېقىملىق كۆزلىرىنى، يۈزلىرىگە چۈشكەن يول-يول قورۇقلارنى، ئاجىزلىغان تەنلىرىنى، مۈكچەيگەن بەللىرىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاشۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ ئۇلارغا قالدۇرغان ئىزنالىرى ئەمەس، دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟
  شۇنداق، ئانا دېگەن ئاجايىپ ئىنسان. بۇنى ھەرۋاقىت تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى ئاجىزلىق قىلىمىز. ئاھ جېنىم ئانا، سېنىڭ ئىللىق مېھرى-مۇھەببىتىڭگە قانمايۋاتىمەن. دۇنيادا ھەرقانداق ئىنساننىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە يەتمەيدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن ۋە بۇجەھەتتە سېنى تەرىپلەشكە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەلمىساقتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە خەلقىمىز سېنى ئانا ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئەزىز. ئانا بىلەن ئۆي ئاۋات، ئانا تىلتۇمار، ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ، ئانا مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ سېنىڭ ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق ھەقىقىي سۈپىتىڭ. لېكىن بۇ سۈپەتلەشلەرگە پەقەت ۋە پەقەت لاياقەتلىك ئانىلارلا مۇيەسسەر بولالايدۇ، خالاس.
  ئېھ! ئانا. سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ، ئېسىل پەزىلەتلىرىڭ نۇرغۇن بەدەللەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەسمۇ، تەڭدىشى يوق ئانا، سەن ھەرگىز بوشاشما. ھايات سېنى قۇتلۇقلايدۇ. سېنىڭ ساپ ۋە ئۇلۇغ مېھرى-مۇھەببىتىڭ بىلەن تولغان قەلبىڭگە پەرزەنت، ئائىلە، جەمئىيەت، دۇنيا... ئىشقىلىپ ھەممە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 02:40, Processed in 0.072156 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991