كۆرۈش: 11866|ئىنكاس: 9

بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 22:37:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز

   
    بىز ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك، ئەمما كىشىلەرنىڭ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز يۈز تۇتۇۋاتقان ئەھۋال شۇنچە مۇرەككەپ تۇرسا، بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ خاتالىق چىقارماسلىقى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
    شۇنداقتىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزلىرىدىن كېتىپ قالغان سەۋەنلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ. بەلكىم بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنىڭ مۇكەممەل، سەۋەنسىز، ئېۋەنسىز بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن؛ بەلكىم دوستلىرىمىز ھەر دائىم بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ئىنتايىن تەس بولغىنى شۇكى، بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز ئۇلار ئەڭ ئاجىز چاغدا، ئۇلارنىڭ جېنىغا ئۆتكەنلىكىدۇر.
    بۇ بىزنى خىجالەتتە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشتىن ئىلگىرى، بىز چوقۇم ئۆزىمىزدىن شۇ سەۋەنلىكلەرنى بوينىمىزىغا ئېلىپ تۈزىتىشىمىزدىن ئىبارەت شۇ يۈكنى بىز چوقۇم يۈدۈشىمىز كېرەكمۇ؟ دېگەننى سورىشىمىز كېرەك.
    بەلكىم بىز دەل يوقاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، مۇكەممەل بولۇۋاتقاندىمىز. بىر مۇكەممەل ئادەم، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رازى بولۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىدە  بولمىغان شۇ نەرسىلەرنى ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇشنى بىلمەيدۇ.
    ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايدىغان ئارمانىنى تاشلىۋېتەلىگەن كىشى ئەڭ مۇكەممەل ئىنساندۇر؛ ئۆز يېقىنلىرىنى يوقىتىش ئازابىغا باتۇرلارچە يۈز تۇتالىغان كىشى ئۇ مۇكەممەلدۇر ــــ چۈنكى ئۇلار ئەڭ ناچار كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ ئازابلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتكۈزەلىدى.
    ھايات ھەرگىزمۇ تەڭرىنىڭ سىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن قۇرغان خەتەرلىك توزىقى ئەمەس. سىز ھەرگىزمۇ بىر سەۋەنلىك بىلەن ئۆلچەمسىز ئادەم بولۇپ قالمايسىز. ھاياتلىق بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى، ئەڭ ياخشى كوماندىنىڭمۇ توپنى كەتكۈزۈپ قويغان خاتىرىسى بولىدۇ، ئەڭ ناچار كوماندىنىڭمۇ شەرەپ قۇچىدىغان كۈنى كېلىدۇ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئۆزىمىزنى يوقاتقىنىمىزدىن كۆپرەككە ئېرىشتۈرۈشتۇر.
    بىز كىشىلەرنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى قوبۇل قىلغان چېغىمىزدا، بىز ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە، بىز مۇكەممەل بولالىغان بولىمىز؛ ئەمما باشقىلار مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان چېغى بولسا، ئۇلارنىڭ دەل شۇ مۇكەممەللىك ئۈچۈن بېشى قېتىۋاتقان چېغىدۇر.
    مۇبادا بىز باتۇرلارچە سۆيەلىسەك، كەچۈرەلىسەك، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى كەڭ قورساقلارچە بىلدۈرەلىسەك، ئۆزىمىزنى ئايلىنىۋاتقان شۇ مۇھەببەت - سۆيگۈلەرنى ئەقلىمىز بىلەن قەدىرلىيەلىسەك، ئۇنداقتا بىز باشقا ھاياتلىقلار ئېرىشەلمىگەن شۇنداق بىر مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن بولىمىز.
    مەنبە: يۇسران

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 10:16  


12SG25W-5C7[1].jpg
12SG2559-JC[1].jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زىلالە
تىللا
193
تۆھپە
99
UID
12376
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:17:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
997
تۆھپە
639
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:22:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى يېزىپسىز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 16:38:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،تىمىڭىزغا.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
149
تۆھپە
51
UID
25480
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 19:00:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپلەرنى يېزىۋاتىسىز ھە؟ ھارماڭ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 2

تىللا
55
تۆھپە
30
UID
28522
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 19:50:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم مەڭگۈ مۇكەممەل بولالمايدۇ . لىكىن مۇكەممەللىكنى قوغلاشمىغان ھايات مەسئۇلىيەتسىز ھايات بوپقالىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1548
تۆھپە
532
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 01:09:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق،لېكىن مۇكەممەل بۇلۇشنى ئويلىغان ئىنسان ئەڭ ياخشى ئىنسان.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
210
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 13:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆمۈر مۇكەممەل بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىدىكەنمىز ....


Rank: 3Rank: 3

تىللا
278
تۆھپە
72
UID
12527
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 17:46:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1296
تۆھپە
874
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 20:57:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكەممەل بولۇش باتۇرلۇق، لېكىن مۇكەممەللىك قوغلىشىش ئادەمنى چارچىتىپ، ئەتراپتىكى مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى مۇكەممەللىك قوغلىشىدىغانلارغا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ئاجىزلىقى كۆپرەك ھەم چوڭراق كۆرۈنۈپ قالىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 11:59, Processed in 0.085821 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991