كۆرۈش: 62713|ئىنكاس: 27

خۇڭ لېي كەشمىر ۋە دياۋيۈ ئارىلى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1586
تۆھپە
800
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:40:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي كەشمىر مەسىلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى


8c89a58fbca511c5fabe01.jpg



    جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي كەشمىر مەسىلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 20-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 20-سېنتەبىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كەشمىر مەسىلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

    سوئال: جۇڭگو تەرەپتىن قايسى ئەمەلدار ئۆمەك باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ؟

    جاۋاب: جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇچۇرنى بىر مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىمىز.

    سوئال: ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ئارمىيەسى كەشمىر رايونىغا كىرگەن. بۇنى ئىسپاتلاپ باقسىڭىز؟ ئۇ يەنە 1962-يىلىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان توقۇنۇشى قايتا تەكرارلانمايدۇ، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

    جاۋاب: بىرىنچى مەسىلىگە قارىتا جۇڭگو تەرەپنىڭ كەشمىر مەسلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ھەم ئېنىق. كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تارىختىن قالغان مەسىلە. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ دوستى ھەم قوشنىسى بولغان بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا كىرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشقا كەلسەك، بۇنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق.
    ئەمدى ئىككىنچى مەسىلىگە كەلسەك، بۇ يىل رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن زۇڭلى سىنگ ئورتاق ئېلان قىلغان ھەم يۈرگۈزگەن ‹‹جۇڭگو-ھىندىستان دوستلۇق، ھەمكارلىق يىلى››. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە ئەۋزەل بولغان چۈشىنىش ۋە ماسلىقنى ساقلاپ كەلدى. بىز ھىندىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمىز.
    تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىگە قارىتا بىز ھىندىستان تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى قوغلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى مەسىلە ھەل بولۇشتىن ئىلگىرى چېگرادىكى رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغداشنى خالايمىز.

    سوئال: ياپونىيەنىڭ جۇڭگودىكى بىر قىسىم كارخانىلىرى يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيەگە قارشى نامايىشتا زىيانغا ئۇچراپتۇ. جۇڭگو تەرەپ زىياننى تۆلەپ بېرەمدۇ-يوق؟

    جاۋاب: بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياپونىيەگە چېتىلىدىغان نامايىشلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشىغا بولغان ساداسىنى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە قارارىنى نامايان قىلىپ بەردى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانىغا ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەققانىي ساداسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىدىكى چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشقا قايتىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى ماجرانى سۆھبەتلىشىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى.
    جۇڭگو قانۇنچىلىق دۆلىتى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايدۇ. سىز ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت مەسىلىگە قارىتا جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

    سوئال: بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولتۇرغان ماشىنا يېنىك زىيانغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىدە ئىلگىرىلەش بولدىمۇ-يوق؟ ئىككىنچى، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى جۇڭگوغا ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

    جاۋاب: بىرىنچى مەسىلىگە قارىتا بىز تۈنۈگۈن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان، باشقا يېڭى ئەۋاللار يوق.
    ئىككىنچى مەسىلىگە قارىتا، بىز دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى ئىزچىل سۆھبەتلىشىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. ھازىر مۇھىم بولغىنى، ياپونىيە تەرەپنىڭ رېئالىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىلگىرى ھاسىل قىلغان چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشقا تېزراق قايتىپ، پاسسىپ تەسىرلەرنى يوقىتىشقا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلاملاردىكى چۈشىنىشنى ساقلاپ، ياپونىيە تەرەپكە جۇڭگو تەرەپنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىدىكى كەسكىن مەيدانىنى داۋاملىق شەرھىيلەيدۇ.

    سوئال: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان يىغىنىدا دياۋيۈ ئارىلى مەسلىسىدە كېڭەشتۈرمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟

    جاۋاب: نۆۋەتتىكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلىشىشى تامامەن ياپونىيە تەرەپنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى قانۇنسىز ‹‹سېتىۋېلىشى›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بارلىق مەسئۇلىيەت ياپونىيە تەرەپتە. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە شۇكى، ياپونىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇشقا قايتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، يامان تەسىرلەرنى تازىلاپ، ماجرانى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا قايتىشى كېرەك.

    سوئال: جۇڭگو تەرەپ نۇرغۇن قېتىم ياپونىيەنىڭ ‹‹ئارال سېتىۋالغانلىقى››نى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى، سىز دەپ باقسىڭىز، ياپونىيەنىڭ خىلاپلىق قىلغىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىمۇ ياكى خەلقئارا قانۇنمۇ؟

    جاۋاب: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ مۇقىم زېمىنى بولۇپ، جۇڭگودا بۇنىڭغا قارىتا تولۇق تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساس بار. جۇڭگونىڭ قانۇنىدا دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، بۇنىڭدا مەيلى خەلقئارا قانۇن ياكى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنلىرىغا ئاساسلىنايلى، ھەممىسى قانۇنسىز قىلمىش.


                                       تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي






توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
368
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:14:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ مۇقىم زېمىنى بولۇپ، جۇڭگودا بۇنىڭغا قارىتا تولۇق تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساس بار


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1571
تۆھپە
536
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:18:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆنيا ئەسلى تىنچ ئەمەس ئىدى، دۆنيانى تىنچلاندۇرغان مىلتىق.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىقەييۇم
تىللا
65
تۆھپە
15
UID
28160
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:40:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىقەييۇم
تىللا
65
تۆھپە
15
UID
28160
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:55:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 17:18
دۆنيا ئەسلى تىنچ ئەمەس ئىدى، دۆنيانى تىنچلاندۇرغان مى ...

قانداق ئىش بۇ؟


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
207
تۆھپە
51
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:00:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئارالنى زادى  كىمدىن سىتىۋالغان؟


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1586
تۆھپە
800
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:41:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيە تەرەپ دياۋيۈ ئارىلىنى ياپونىيەلىك بىر جەمەتتىن ‹‹سېتىۋالغان››.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
21
UID
22471
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 19:17:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ بۇ قېتىم يەنە مارافۇنچە دىپلۇماتىك سۆھبەتكە چۈشىدىغان بولسا دۇنيادىكى دۈشمەن دۆلەتلەر جۇڭگۇنى باشقىچە چۇشىنىپ قېلىشى مۇمكىن.......ئارقىدىنلا فىلىپىن قاتارلىق قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەر قايناپ تېشىپ 2-ھەتتا 3-چىگرا ماجرالىرىنى كەلتۈرۈپ جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنى بىرلا ېاقىتتا بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلسا........جۇڭگۇ ئۇ ھالدا كېچىكىپ زەربە بېرىشنىڭ كوللىكتىپ مەغلۇبىتىگە ئۇچرايدۇ........
مانا بۇ گەرەژدانلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەتىجە.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1489
تۆھپە
1145
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 21:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋيۇ ئارلى ئەزەلدىن جوڭگونىڭ زىمىنى  ئۇ ياپون پاكارلىرى ئۇزنى بىلمەي قالدى .تىنىچلىققا تەسىر يەتكۇزدى.ئەگەر بىرەر مەسىلە چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ پاكارلار مەسۇل بولسا بولدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
674
تۆھپە
153
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 21:27:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ بەك ئۆزىنى تۇتۇۋالغان دۆلەت جۇمۇ !باشقىلاربىز نىڭ دەپ ئىگەللەپ بولغىلى نەۋاخ .تېخىچەكەڭ قورساقلىق بىلەن خەپ دەپ يول قۇيۇپ كىلىۋاتىدۇ !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 19:23, Processed in 0.087154 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991