كۆرۈش: 9418|ئىنكاس: 6

ئەر كىم ، خوتۇن كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
57
تۆھپە
26
UID
25326
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 15:30:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەر كىم ، خوتۇن كىم؟



    ئەر شەرىئەت بويىچە خوتۇننى ئۆزىگە يولداش بولۇشقا قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئەر خوتۇننى جاچا مۇشەققەتلەردىن ، زىيان زەخمەتلەردىن قوغدىغۇچىدۇر. خوتۇننىڭ بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۈرۈپ ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت خوتۇنىنى شەپقەت قاناتلىرى ئاستىدا تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەر خوتۇنىغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر. ئەر خۇتۇنىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىماسلىق كېرەك. خوتۇنىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈللۈكتىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەي يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

خوتۇن كىم؟


    خوتۇن شەرىئەت بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك يولدىشىدۇر ، ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىغا خۇجا بولغۇچىدۇر. ئېرىنىڭ ھەسىرەتلىك ۋە كۆڭۈلسىز چاغلىرىدا ئېرىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچىدۇر، قانداقلا بولسۇن ئېرىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقۇچىدۇر .
    خوتۇن ئېرىنىڭ مال مۈلكىنى ساقلىغۇچى، پۇلىنى ئىسىراپ قىلماي خىراجەت قىلىشقا تىرىشقىچىدۇر. ئېرىنىڭ بالىلىرىنىڭ تەن ۋە كۆڭۈللىرىنى ئاسىرىغۇچى ، ئېرىدە بولغان ناچار ئادەت ناچار مىجەزلىرىنى تۈگۈتۈشكە سەۋەپ بولغۇچىدۇر ۋە ئېرىنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچىدۇر.
    خوتۇن پات پات ئويناپ تۇرىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس.
    خوتۇن بۈگۈنى كىيىپ ئەتىسى تاشلايدىغان كىيىم ئەمەس.
    خوتۇن ھايۋان ئەمەسكى ، ياقسا بېقىپ ياقمىسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىدىغان .
    خوتۇن خىزمەتكار ئەمەسكى ياخشى ئىشلىسە ساقلاپ ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋېتىدىغان.
    خوتۇن ئۇ بىر ئەرنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدىغان ئۆمۈرلۈك ياخشى ھەمراھدۇر.
        مەنبە دانالىق ھېكىمەتلىرى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
485
تۆھپە
254
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:21:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئايرىلماس بىر تەندۇر.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
643
تۆھپە
225
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 16:38:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن  خوتۇن  يەنىلا  شۇ   خوتۇن!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1684
تۆھپە
811
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 01:20:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرىئەت بويچە ئەر قىزنى خوتۇنلۇققا قوبۇل قىلىدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
116
تۆھپە
76
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر ئەردەك بولىشى ،ئايال ئايالدەك بولىشى كىرەك،ئۇنداق بولمىسا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
226
تۆھپە
92
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:52:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كىشىدەك بولالمىغان،ئەر كىشىلىك مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان ،ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئانىلارغا يۈكلەپ قويغان بەزى ئەرلەر ئوقىغان بولسا بوپتىكەن.ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئازراق ھىس قىلىۋالاركەنتۇق.


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
3
UID
29735
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 22:26:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغىرا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 11:47, Processed in 0.074413 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991