خەلق تورى ئوبزورى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹تۆمۈر تاۋاق››ىنى چېقىپ تاشلاشتا بازغان ئادىل بولامدۇ-يوق؟
لى لىيەن
يېقىندا ، شاڭخەي ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن خەۋەر تارقىلىشقا باشلىدى ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك بولۇش تۈزىمى بۇزۇپ تاشلىنىپ ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېتراپ قىلىنىپ رويخەتكە ئېلىنىدىكەن . سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولالمىغانلار ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدىن چېكىندۈرۈلىدىكەن . بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئەمدى ‹‹تۆمۈر تاۋاق ›› بولماي ، دوختۇرلۇق ، بوغالتىرلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوخشاش قەرەللىك ھالدا ئېتراپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ ھەرىكەت قىزغىن مۇلاھىزە قوزغىدى . مائارىپنى باشقۇرۇش داۋامىدا قەرەللىك ھالدا ئېتراپ قىلىش مېخانىزىمىنى كىرگۈزۈش كەسىپلەرنى باشقۇرۇشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشقا ھەمدە ‹‹ ئىقتىدارلىقلار چىقىش ، ناچارلار چۈشۈش ›› تىن ئىبارەت رىقابەتلەشتۈرۈپ شاللاش مېخانىزىمى ئارقىلىق ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىغا ئۆزلۈكسىز كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق . بۇنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى ياخشى بولۇپ، ‹‹ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى ›› قاتارلىق تۈزۈم ئاساسلىرىمۇ بار . لېكىن بۇ مىليونلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىسلاھات ھەرىكىتى بولۇپ ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭا مەيلى لايىھەلەش ياكى يولغا قويۇشتا بولسۇن ، بۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىيلىقىغا ۋە ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
قەرەللىك ھالدا ئېتراپ قىلىشنىڭ يادروسى — كەسپىي جەھەتتىن سىناپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ ‹‹نېمىدىن سىناپ تەكشۈرۈش ›› ۋە ‹‹ قانداق سىناپ تەكشۈرۈش ›› تىن ئىبارەت قوش سوراققا دۇچ كېلىدۇ . سىناپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ، كەسپىي جەھەتتىن سىناپ تەكشۈرۈش ، شۇنداقلا ئوقۇتۇش خىزمىتى مىقدارىنى سىناپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ ، سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ‹‹ بىر ئاۋاز بىلەنلا ئىنكار قىلىنىدۇ ›› . سىناپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ، ھازىر بەش يىلدا بىر قېتىم سىناپ تەكشۈرۈش ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ماكرولۇق قائىدە بېكىتىلدى ، لېكىن كونكېرت يولغا قويۇش لايىھەسى تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى .
سىناپ تەكشۈرۈش مېخانىزىمىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئۈنۈمىنىڭ مەنبەسى ئادىللىق بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك سىناپ تەكشۈرۈشتە ، مەيلى سىناپ تەكشۈرۈش مەزمۇنى ياكى سىناپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا بولسۇن ، ئادىل رىقابەتلىشىش سەھنىسى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى سىناپ تەكشۈرۈش مۇھىم ۋەزىنلىك ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى قانداق مىقدارلاشتۇرۇش كېرەك ؟ ئىلمىي ، مۇۋاپىق ئۆلچەمنى قانداق تۈزۈش كېرەك ؟ دېگەندەك ئادىللىق مەسىلىلىرىگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىمىز . پۈتكۈل ساھە بويىچە قەرەللىك سىناپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئاستىدا، شەھەر-يېزا پەرقى رايونلار پەرقى ، كەسىپلەر پەرقى ، يەككە پەرق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەۋجۇت بولىۋاتقان ، ھەتتا ئىنتايىن ئېنىق بولغان مەسىلىلەردىمۇ ھەربىر ئوقۇتقۇچىنى قانداق ئادىل سىناپ تەكشۈرۈش كېرەك ؟ ئوبيېكتىپ شارائىتنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى قانداق تۈگىتىش كېرەك ؟ دېگەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق رېئاللىققا يۈزلىنىشكىمۇ مەجبۇر بولىمىز . قەرەللىك ئېتراپ قىلىش بىر كەسىپ بوسۇغىسىغا ئايلانغان يېڭى قائىدە ئاستىدا قانداق قىلىپ ئاشكارا ، ئېنىق بولۇش ، يۇشۇرۇن مەشغۇلات قىلىش ، ‹‹ دادىسىغا تايىنىپ ›› ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ، رەھبەرلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؟ ھەقىقىي ماھارىتىنى قانداق تەكشۈرۈش، ‹‹دېسسىرتاتسىيەلەشتۈرۈش ››، ‹‹نەتىجىلەشتۈرۈش ›› تەك مەنپەئەت پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؟ دېگەنگە ئوخشاش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز .
يېقىندا، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن يۆتكىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدەك رېئال ئەھۋال خەۋەر قىلىنىپ ، بۇنىڭغا كىرىم ، جەمئىيەتنىڭ تونۇش تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەب بولىۋاتقانلىقى ، قاتمال مائارىپ مۇھىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى . قەرەللىك ئېتراپ قىلىش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ‹‹تۆمۈر تاۋاق ›› ىنى چېقىۋەتتى . بۇ پەيدا قىلغان پىسخىك زەربە ئۆزلۈكىدىن مەلۇم . تېخىمۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، سىناپ تەكشۈرۈپ ئېتراپ قىلىشتا ئەگەر ‹‹بازغان ›› ئادىل بولمىسا ، مائارىپ مۇھىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا زەربە بېرىپ ، كەسپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئوقۇتقۇچىلارىڭ يۆتكىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆپەيتىپ ، مائارىپ ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ . ئىسلاھاتتا مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە ، ھەربىر ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇرەككەپ مەنپەئەت ئەندىسىزىگە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ .
پەقەت ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرغاندىلا ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، مەنپەئەت ماجرالىرىنى ھەل قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قەرەللىك ئېتراپ قىلىش تۈزۈمى دۆلىتىمىزدىكى بىر خىل يېڭى شەيئى بولۇپ ، دەرۋەقە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشكە ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن باشلىنىشتىلا ئادىللىق ، ھەققانىيلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئاشكارا ، ئادىل ھەققانىي سىناپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئەستايىدىل لايىھەلەپ ، ئېتراپ قىلىش تۈزۈمى تەرتىپىنىڭ ھەققانىيلىقىغا ، سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
بۇ نىشاننى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ھۆججەت كۆرۈش ، دوكلات ئاڭلاش ، بېشىغا ئۇرۇش بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ ، پۇختا ھەم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەپ ، مىكروبىلوگدا باھالاش ، تور بېكىتىدە سۆز قالدۇرۇش ، خەت-چەك ، تېلېگرامما ئەۋەتىش ، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتناشتۇرۇپ ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ، ھەرخىل رېئال ئەھۋاللارنى كۆپرەك ئاڭلاپ ، سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ پايدىلىق-زىيانلىق تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئادىللىقنى ۋە ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك ئېتراپ قىلىش تۈزىمىنى پەيدىنپەي تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت