- 出生县
- 喀什市
- 生日
- 1976 يىل 7 ئاي 17 كۈن
- ئىسىمى
- بىلىگئەر
- 出生小区
- 多来特巴格乡
- 职业
- ئوقۇتقۇچى
- تىللا
- 2510
- تۆھپە
- 893
- نادىر
- 0
- يازما
- 741
- جۇغلانما
- 5138
- ھوقۇقى
- 100
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-22
- تىزىملاتقان
- 2011-9-27
- UID
- 264
  
- ئىسىمى
- بىلىگئەر
- تىللا
- 2510
- تۆھپە
- 893
- UID
- 264

| بۇ تېمىغا ماس كىلىدىغان سەھىپە تاپالمىدىم، شۇڭا بەدىئىي سۈرەتلەر سەھىپىسىگە يوللاپ تۇردۇم. تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە رەسىم يوللىشىغا پايدىسى بولۇپ قالار. مۇشۇ ئۇسۇلدا يازما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئارىسىغا رەسىم يوللىسىڭىز بولىدۇ. باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك.
1. ئاۋال سىز ئىشلەتمەكچى بولغان رەسىم بار تور بەتنى ئېچىپ، مائۇس ئىستىرىلكىسىنى شۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىڭ، ئاندىن مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپ كونۇپكىسىنى بېسىڭ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدە تېزلەتمە سەكرىمە تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ھەمدە ئەڭ ئاستىدىكى "属性" نى بېسىڭ. 
2- تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ. ھەمدە رەسىمنىڭ ھەقىقىي ئادېرىسىنى تاللاپ كۆچۈرۈڭ.
 3- ئۇنىڭدىن كېيىن مەزمۇن يوللاش تەھرىرلىگۈچكە كىرىپ "رەسىم" نى بېسىڭ.

4- تۆۋەندىكىدە رەسىم يوللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن سىز "توردىكى رەسىم" نى تاللاڭ.

5- تۆۋەندىكىدەك توردىكى رەسىمنى يوللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردە "رەسىم ئادېرىسىنى كىرگۈزۈڭ" گە بايام كۆچۈرۋالغان ئادېرىسنى چاپلاڭ، كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكىنى چوقۇم بەلگىلەش زۆرۈل بولسا بەلگىلەڭ. ئەگەر ئۇقالمىسىڭىز بەلگىلىمەيلا قويۇڭ.

"يوللاش" كونۇپكىسىنى بېسىڭ. رەسىم تورغا يوللىنىدۇ. بۇ مەشغۇلاتتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى 8- مەشغۇلات بويىچە يوللىغان رەسىملەرنى تاللاپ مەزمۇنغا قوشىسىز.
6-ئەگەر كومپيۇتېردىن رەسىم يوللىماقچى بولسىڭىز، يۇقارقى 3- مەشغۇلاتتىن كېيىن "ئادەتتىكى چىقىرىش"نى بېسىڭ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
 بۇ يەردىن "浏览" نى بېسىپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى يوللىماقچى بولغان رەسىمنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرسىز، ھەمدە "چىقىرىش" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز رەسىم يوللىنىدۇ.دىققەت: بۇ مەشغۇلاتتا پەقەت بىر قىتىمدا بىرلا رەسىم يوللاشقا بولىدۇ. بۇ مەشغۇلاتتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى 8- مەشغۇلات بويىچە يوللىغان رەسىملەرنى تاللاپ مەزمۇنغا قوشىسىز.
7- ئەگەر كومپيۇتېردىن يوللايدىغان رەسىملەر كۆپرەك بولۇپ، توپ رەسىم يوللىماقچى بولسىڭىز، يۇقارقى 3- مەشغۇلاتتىن كېيىن "توپ چىقىرىش" نى بېسىڭ. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
بۇ يەردىن "浏览" نى بېسىپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى يوللىماقچى بولغان رەسىملەرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرسىز، ھەمدە "چىقىرىش" كونۇپكىسىنى باسسىڭىز رەسىملەر توپ يوللىنىدۇ.دىققەت: بۇ مەشغۇلاتتا پەقەت بىر قىتىمدا 20 پارچە رەسىم يوللاشقا بولىدۇ. بۇ مەشغۇلاتتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى8- مەشغۇلات بويىچە يوللىغان رەسىملەرنى تاللاپ مەزمۇنغا قوشىسىز.
8- يۇقارقى مەشغۇلاتلارنىڭ قايسى بىر خىلى بولمىسۇن تامام بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك يوللانغان رەسىملەرنى باشقۇرۇش كۆزنىكى چىقىدۇ.

بۇ يەردىن سىز يوللىماقچى بولغان رەسىملەرنى بىر چېكپ قويسىڭىزلا رەسىم مەزمۇن ئىچىگە قوشۇلىدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇل "تەڭرىتاغ مۇنبىرى" نى ئاساس قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇنداقتىمۇ باشقا ئوخشاش مۇنبەر سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بېكەتلەردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. يۇقارقى ئۇسۇلدا ئىككى خىل مەنبىئەدىكى(توردىن ۋە كومپيۇتېردىن)، ئىككى خىل خاراكتېردىكى( ئاددىي يوللاش ۋە توپ يوللاش ) ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلدى. چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر ۋە سوئاللار بولسا سورىساڭلار. بۇ ئەمگىكىمنىڭ كۆپچىلىككە پايدىسىنىڭ تىگىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
بىلگئەر
|


ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5 باھا خاتىرىسى
|