كۆرۈش: 4063|ئىنكاس: 6

ۋاقىتسىز ئايرىلغان باغۋەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
331
تۆھپە
190
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ۋاقىتسىز ئايرىلغان باغۋەن



(خاسىيەتخان سايىم مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى ئەسلەيمەن)



      ئۆتكەن يىل ئاۋغۇسىتنىڭ مەيىن شامىلى كىشىگە ئالاھىدە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ،يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ  دەل باشلىنىش پەيتى كەلگەن ، مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتىنىڭ ھارپىسى   ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر شۇم خەۋەر بىردەمدىلا خېجىڭ ناھىيە بارۇن خارمودۇن بازىرىنىڭ يېراق-يېقىن جايلىرىنىڭ ھەممىسىگە تارقالدى.
كېچە- كۈندۈز ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلاپ ،28 يىلدىن بۇيان ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كەلگەن خېجىڭ ناھىيىلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى  خاسىيەتخان مۇئەللىم ئۆتكەن يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇيۇقسىز يۈرەك سانجىقى بىلەن سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرى،ئائىلىسىدىكىلەرنى تاشلاپ ،47يېشىدا  بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى....
     بىر قىسىم ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان،ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرىشىمۇ تەس كېلىدىغان كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنى گەپ ئاڭلاتقۇزىدىغان خاسىيەت مۇئەللىم بىر ئۆمۈر سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلەپ،تالاي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىققان.ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق،ھەرىكىتى چاققان،ئەستايىدىل، ئوقۇتۇش مېتودى ئالاھىدە ياخشى ئىدى.ئۇ دەرس ئۆتسە ،سىنىپنى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق باساتتى.ئۇنى ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنىڭدىن تەپتارتاتتى.ئۇ 1- سىنىپنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمىدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى تولۇق چىقىراتتى.ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات دەرىسنى باشقا دەرىسلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تىرشىپ ئۆگىنەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەر يىلى مەكتەپ ۋە نەھىيە بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.
     ئۇ 3-سىنتەبىر ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن 27-ئاۋغۇسۇت كەچتە مەكتەپتىكى كەسىپداشلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ چاي بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ كۈندىكى خۇشچاقچاقلىقى ،ئۇسسۇل ئويناپ مېھمانلارنى كۈلدۈرۈشلىرىدىن ،ئەتىگەندە بۇ شۇم خەۋەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بىردەمدە مۇسىبەتكە  يىغىلغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆيۈملىك ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاشتى، ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئىش-ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىشتى.
     ئۇ بىر ئۆمۈر ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا، كىشى بالىسىنى ئۆز بالىسىدىن ئەزىز كۆرۈپ، بارچە قايغۇ- ئەلەملەرنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ، گېگانىت قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن،ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن مۇقەددەس كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش  يولىدا ، ئۆزى ئاستا –ئاستا يىقىلىش بەدىلىگە نەچچە مىڭ يىمىرىلمەس گىگانىت غۇنچىلارنى يىتىشتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىغا خاس ئېسىل پەزىلىتىنى نەمايەن قىلغان.
   ئۇ ھايات ۋاقتىدا مەكتەپ، ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ‹‹ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى››،‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››،‹‹8-مارت قىزىل بايراقدارى››،‹‹ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ماھىرى›› بولۇپ تەقدىرلەنگەن.
چەكلىك ھاياتىمىزدا بىزگە ئادەم بۇلۇشنى ئۈگەتكەن يولباشچى خاسىيەتخان سايىمدەك ئەزىز ئۇستازلارنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز!!!
خېجىڭ ناھىيىلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتىن: ئابلا كامال

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
399
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:34:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ئۇ ئۇستازنىڭ ، ھەرھۇمەنىڭ روھى سىلەردەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىشى ئارقىلىق ئەمىن تاپسۇسى


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
380
تۆھپە
247
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:23:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ئۇستازنىڭ ،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2161
تۆھپە
1042
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:23:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارغا چەكسىز تەشەككۈرلەر بولسۇن !


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
496
تۆھپە
156
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 16:46:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئېسىل،كەسىپ سۆيەر ئوقۇتقۇچىلار بەكلا ئازلاپ كەتتى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 00:25:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ ئۇستاز بالدۇرلا كىتىپ قاپتۇ..ئۆمۈر چەكلىك...شۇنداق بولغانىكەن...ئۇلار بار ۋاقتىدا قەدرىگە يىتىشىمىز كېرەك.


Rank: 2

تىللا
136
تۆھپە
8
UID
4377
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
向楼主致敬












鞍山旅行社


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 12:02, Processed in 0.078299 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991