بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ
بىر يۈرۈش «توڭفېڭ كېسىلى»نىڭ دورا رېتسىپى
كەشىپ قىلغۇچى ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى: باتۇر دانى، ئەر، ئۇيغۇر، 54 ياش. ئورمانچىلىق ئېنژىنېرى، ھازىرغىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك 69 تۈردە كەشپىيات ياراتقان ۋە تېخنىكا يېڭىلىغان. بۇلاردىن 13 تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. «ئېنىرگىيە تىجەيدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كاۋاپدان (مۇھىت ئاسرايدۇ)»، «قۇش ئۇۋا مۇنارى (بوشلۇق باقمىچىلىقى)»، «كۆچەتلەرنى توشقان قاساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق كېسەل ھاشارەت يوقىتىش تەتقىقات نەتىجىسى (ئۆسۈملۈك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى B A A پاراشوگىمۇ بار)»، «ئۆسۈملۈك غولىغا دورا سۈرتكۈچ» قاتارلىق مۇستەقىل تەتقىق قىلغان نۇرغۇن تۈرلىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ۋە زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. «باتۇر سۈيى»نىڭ كەشپىياتچىسى. نەتىجىسىگە ئاساسەن مەملىكەت بويىچە 3 قېتىم، ئاپتونوم رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بۇ تۈر، ئۇنىڭ 70- كەشپىياتى.
ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بۇ تۈرنىڭ كونكرىت ئىسمى «توڭفېڭ كاپسۇلى» «توڭفېڭ چېيى» ۋە «ئاسارىتىنى تۈگىتىش مەجۈنى» 3 خىل بىر يۈرۈش.
داۋالاش خاراكتىرى: ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاش؛
دورا رېتسىپى: ئۆسۈملۈك دورا، ئەكس تەسىرى بايقالمىدى.
داۋالاش ئۈنۈمى: ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۈزۈل- كېسىل داۋالاش، بۆرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛
ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى: 600 مىڭ يۈەن، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچىنىڭ 600 مىڭ يۈەن پۇلى باتۇر دانىنىڭ غەزىنىسىگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى ئەپكەلگەن (ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بار) 50 «توڭفېڭ» بىمارىنى باتۇر دانى داۋالايدۇ. ھەربىر كېسەلدىن 2000 يۈەن دورا راسخوتى ئالىدۇ. 25 كۈندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى ئەپكەلگەن 50 تىن تۆۋەن بىمارنى بىرلىكتە تۇرۇپ شۇ دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتۈپ، نەتىجىسىگە ئاساسەن قايتسا بولىدۇ.
ئۆتۈنۈپ ئالغۇچىنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئەپكەلگەن بىمارلىرىنىڭ چىقىمىنى ھەمدە 50 بىمارنىڭ كېسەلنى داۋالاش رەسمىيىتىنى ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى ئۆزى ھەل قىلىدۇ.
ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق كارخانىلارنىڭ ئۆتۈنۈپ ئېلىشىغا ماس كېلىدۇ.
ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى: باتۇر دانى