كۆرۈش: 7514|ئىنكاس: 4

ئەرلەر زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:03:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرلەر زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟



    بىزنىڭ يۇرت ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەتتە،يىغىلىشلارنى باغدا ئۆتكۈزىمىز. بۈگۈن ئىشىم بولمىغانلىقتىن باغقا خېلى بۇرۇنلا باردىم.مېنىڭدىن بۇرۇن بارغان بىرنەچچە دوستۇم بار ئىكەن، سالاملاشقاندىن كىيىن چاي ئىچكەچ قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
    ئولتۇرغانلاردىن بىرسى سۆزلەپ قالدى،ئادەم تورغا چىقسا جاھان ئەينىكىدەك ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن، بۇرۇن بوشلۇققا چىقىپ دۇنيا دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدىم، كېيىن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مۇنبەرگە كىرىشنى ئۆگۈنىۋالدىم.ئاللا كارامەت:جاھان دېگەن ئەنە شۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟ مۇنبەردە نۇرغۇن يازغۇچى، شائىرلار ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن، يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئاياللار توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى،«ئاياللار تورغا چىقسا بولامدۇ؟»،«ئاياللار تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى قاچان كۆرىدۇ؟»،«كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار» قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلار.
     مۇشۇنداق قاراپ باقسام ئەرلەر توغرىسىدا تۈزۈكرەك بىر ئوقۇغۇغىدەك بىرنەرسە يوق،مۇنبەرلەردە ساپلا ئاياللار باردەك. زادى ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قالىسەن.بىر چاغلاردا جەمئىيىتىمىزدە ئەرلىرىمىزنىڭمۇ خېلى تۆھپىسى بار ئىدى.نى-نى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغان.
      ياندا ئولتۇرغان بىرسى گەپ قىستۇرۇپ قالدى،دېمىسىمۇ ئەرلەرنىڭ نېمىسىنى يازىدۇ؟ بۇرۇنقى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى،ھازىر بولسا چۈشكۈنلىشىپلا كەتتى.بېسىم ئېغىرمىكىن دېسە كىرىمىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ،كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشى.
     ھوي،نېمە دەيدىغانسەن ،يەنە بىرسىمۇ گەپ قىستۇرۇپ قالدى،بۇرۇنغۇ مال باھاسى تۆۋەن ئىدى،پۇللارنىڭمۇ خېلى كۈچى بار ئىدى،ھازىر 10 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقسا بۇرۇنقى بىر موچەنلىكمۇ كۈچى يوق،توغرا چۈشۈنىڭلار ئائىلە باشقۇرماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى،بۇرۇنغۇ قورساق توق كىيىم پۈتۈن بولسىلا بولاتتى،ھازىر ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى.
     ھۆكۈمىتىمىزمۇ باي بولۇڭلار دېدى،نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنىمۇ بەردى.ئادەملەر ئازراق پۇل كۆرگەن ئىدى،ئۆي ئىسلاھاتى قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۆزى سېتىۋالدى.شۇنداق قىلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ دېڭىزلارغىمۇ چۈشۈپ باقتى.قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئۇھ  دەپ تۇرۇشىغا بالىلار چوڭ بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ قالدى،
    بۇرۇن ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ ،مەكتەپ پۈتتۈرسە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇراتتى،ھازىرچۇ؟ بىر بالا ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىلىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئەرلىرىمىز يەنە پۇل تېپىش ھەلەكچىىلىگىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،بىرمۇنچە قەرزلەرگە بوغۇلۇپ بالىلىرىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈزۈپ قايتۇرۇپ كەلسە ئاتىلار يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
     تاپقان پۇلىنى ئېلىپ قەرز قايتۇرسا،يەنە قەرز ئېلىپ بالىلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تاپتى.تاپقان تەرمىگىنى ئارقا ئىشىك› دەپ تىقتى.ئاتىلار يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.
    بالىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ تۇراتتى،بالىلار توي قىلىش يېشىغا يەتتى.ئوغلى بارلار ئۆي ئالدى، قىزى بارلار ئالتۇن ئالدى دە يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.
     توۋا دەيمەن! ئاتىلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپ بانكىلارغا قەرز تۆلىدى،تۈگىمەس قەرز،ئۆسۈم دەردىدىن باشلىرىغا ئاق كىردى.بۇنداق ھالەتتە مۇنبەرلەرگە قانداقمۇ چىقالىسۇن؟!
    ئەرلىرىمىزنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپ كېتىپ چاتاق چىقارمىسۇن دەپ قەرزگە باغلاپ قويدۇغۇ تاڭ.
     ياندا ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.دېمىسىمۇ بۇ زامان قانداق بولۇپ كەتتى،پارتىيىمىزنىڭ بەرگەن سىياسەتلىرىغۇ ياخشى ئىدى،لېكىن تۆۋەنگە چۈشسىلا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك!.
ئەرلىرىمىزنىمۇ تازا يازساق بولاتتى،لېكىن يازايلى دېسەك ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق،ئۇلارمۇ ئالدىراش پۇل تاپمىسا تېخى بولمىغان.تاپقان پۇللىرىنى مەلۇم ئىشلار ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلمىسا يەنە بولمىغان،مېھمان چاقىرىپ يەپ –ئىچىدىغان سورۇن ھازىرلىمىسا تېخى بولمىغان.ئۇنداق سورۇنلارنى يازايلى دېسەك ساقىي ئۇنىغان بىلەن مېھمان ئۇنىمايدىكەن،ئۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ باشلىقلار تۇرسا.
     مەن ئويلاپ قالدىم ،بوپتۇلا ئەرلىرىمىزنى يازمىساق يازمايلى.بەرىبىر ئۇلارنىڭ بۇ زاماندا يازغۇدەك يېرى بولمىسا،يازسا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز پەخىرلەنگۈدەك يازسۇن.
     بىز ھازىر ئاياللىرىمىزنى يېزىپ تۇرايلى.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تۆھپىسى چوڭ.ئائىلە باشلىقى بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسى ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇرسا،ئانىلار پۈتۈن ئۆينىڭ ئېغىرلىغىنى كۆتۈرۋاتسا ئانىلارنى يازماي كىمنى يازىمىز؟!.
   مىنىڭچە بالىلىرىمىزمۇ ياخشىراق ئويلاپ گەپ قىلسۇن،ئاتام كۈندە ئىچىپ –يەپ يۈرۈيدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن. ئۇلارمۇ چوڭ بولغاندا،ئاتا بولغاندا چۈشۈنۈپ قالىدۇ.
   بۈگۈنكى ئولتۇرۇشنىڭمۇ سەۋەبى باردەك قىلىدۇ.قارىسام بىر نەچچە باشلىقلارمۇ كەلدى.بولدىلا بۇ ئولتۇرۇشتىن كېتىپ ئانىلار توغۇرلۇق بىرنېمە يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.

مەنبە:ئىجادىيتىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2350
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:15:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، دىمىسىمۇ تۇرمۇش ئاشۇنداق ، قەرىز بىجىرىپ ئۆي ئېلىش ياكى بالا ئۇقۇتۇش بىلەنلا ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ ئۆمۇر


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
319
تۆھپە
216
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
901
تۆھپە
364
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ  سەن دوستۇم،ماقالەڭ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،يەنە يازىدىغان بىر ئىش بار يازامسەم ،ھازىرقى تويلارغا سومكا كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان ئاياللارغا تازا سەپ سىلىپ باقا ئىلگىرىكى كىچىك سومكىلارنىڭ ئورنىغا تاغاردەك يوغان سومكا ئاسىدىغان بولۇپتۇ ،سەن ئاشۇ چوڭ سومكا كۆتەرگەن ئاياللارنى كۈزتۈپ بىر ماقالا يازە 10 تىللا بىرىمەن.


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:46:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  جۇمۇ  يەنىمۇ ياخشى ماقلالانى يىزىڭ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 03:17, Processed in 0.074931 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991