كۆرۈش: 2227|ئىنكاس: 1

زاماننىڭ جىڭ ئەركىكى مەن-بوران114 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
157
تۆھپە
82
UID
592

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:28:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زاماننىڭ جىڭ ئەركىكى مەن


(فىليەتون)



     زاماننىڭ جىڭ ئەركىكى مەن،مانا شۇ ئەمەسمۇ پۇل دېگەننى راسا تېپپ،ئىشرەتتە  ياشاۋاتىمەن،ھەممە تەل ،تېپىپ بەرگىنمنى ئانام ئېتىپ بەرمەي كىم ئېتىپ بېرىدۇ،يەتمىشتىن ئاشقان بولسىمۇ قولى تەملىك دەپ ئاناملا ئېتىپ بېرىدۇ،خوتۇنچۇ،ئۇ ياش ساغلام بولغىنى بىلەن قولى تەمسىز(مۇشۇ باھانە بولمىسا ئانامنى تاماق ئەتكۈزۈپ كىر يۇدۇرۇپ قىلالايمەنمۇ)مەنمىغۇ كىچىك چېغىمدا ئەمەس يىگىرمە نەچچە ياش چېغىمدىمۇ يوتقاندىن بېشىمنى چىقىرىپ يۈزۈمنى يۇماي قوساق ئاچتى دەپ توۋلاپ تاماقنى ئەكىرگۈزۈپ يەيتتىم،ئەمما خوتۇنۇمچۇ ئوتتۇز يېشىدىمۇ يوتقاندىن بېشىنى چىقىرىپ يېيششنى ئادەت قىلغان بولۇپ يۈزنى پىشىن بولغاندا ئاندىن يۇيىدۇ،چۈنكى خوتۇنمۇ ئانامنىڭ قولىنى تەملىك دەيدۇ،مانا شۇ ئەمەسمۇ خوتۇنۇم ئانامنى ماختاۋاتسا مەن پەخىرلەنمەي كىم پەخىرلىنىدۇ،تېخى ئانام خوتۇنۇمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسە ئانامغا ۋارقىراپ بەزگەكتەك تىتىرەپ كېتىمەن،(مەنغۇ ئەسلى بەزگەك بولۇپ بولدۇم)،كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيدىن بەش-ئالتە كوي ئوغرىلاپ قويسام ئانام ئۇرغانتى،مانا پۇل تاپتىم،ئانامغا ئون كوي بېرىش ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى پىشانىسىدە بىر مۇنچە قويىمەن،ئانام كىچىك چېغمدىلا مېنى شۇنداق خارلىغان تۇرسا مەن بوش قويىۋەتسەم قانداقمۇ جىڭ ئەركەك بولالايمەن،كېچىسى مەست چىقسام ئىشىكنى ئانام ئاچىدۇ،خوتۇن بولسا مېنى چۈشەپ ياتقان شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ ئىشىك ئاچمايدۇ،چۈنكى مەن شۇنداق دېگەن، ئەگەر مەن خوتۇننىڭ مېنى چۈشەۋاتقان ئۇيقۇسىنى بۇزسام كېيىن مېنى چۈشىمەي باشقىلارنى چۈشەپ قويسا ئىززىتىم چۈشمەمدۇ،كاۋاپ-گۆش دېگەننى ئۆزىمىز ئېسل تاماقخانىلاردا يەيمىز،ئانامغا ئېلىپ چىقىشنى مەنمۇ خوتۇنۇممۇ خالىمايمىز،سەۋەبى،ئانامنىڭ چىشى چۈشۈپ كەتسە بىز گۇناھكار بولمامدۇق،يېڭى كىيىم كىيمىسىمۇ بولدىغۇ قېرىغان چاغدا كىيىمنىڭ نېمە ئىشى،ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاۋانگارت ئادەممەن،خوتۇن يات بىر ئائىلىدىن يات ئائىلىگە ئىللىق  ۋە خۇشاللىق ئىزلەپ كەلسە ئۇنى خاپا قىلىپ قويسام قانداقمۇ ئەركەك ھېساپلىنىمەن،ئۆيگە مېھمان كەلگەندە خېمىرنى ئانام يۇغىرىدۇ،دەينى ئانام ئادالاپ توغراپ پىشۇرىدۇ،خوتۇن نائىلاج ھالدا ئاشقا سەي ئۇسۇيدۇ،بولمىسا ئانامنىڭ قولىنىڭ تەمىنى مېھمانلارغا قانداق بىلدۈرىمىز،نەۋرە دېگەن چوڭلارنىڭ يۈرىكى،شۇڭا خوتۇن چوڭلارنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلمايلى دەپ بېقىش ھوقۇقىنى ئانامغا بەرگەن تۇرسا بۇ مەن ئۈچۈن بەخت ئەمەسمۇ،نەدىمۇ مېنىڭ خوتۇنۇمدەك ۋاپادار خوتۇن بولسۇن،زاماننىڭ جىڭ ئەركىكىمەن،ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بازارلارغا ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭكىگە ھەرگىزمۇ ئاپارمايمەن،نېمىشقا-ئانام ياشىنىپ قالدى،پەلەمپەيدىن ماڭالمايدۇ،ۋاراڭ-چۇرۇڭغا كۆنەلمەيدۇ،بېشىنى ئاغرىتىپ قويسام مەندىن خاپا بولسا ماڭا نومۇس ئەمەسمۇ،بۇغداي تائامىنى نەچچە يىلدىن بېرى يەۋەردى، قوناق تائامىنى ئانامغا ئەپقويىمەن،قېرىغاندا گۆشلۈك تاماق يەپ قان بېسىمى ئېشىپ كەتسە ئانامنىڭ سالامەتلىكىگە يۈز كېلەلمىسەم مېنىڭ ئوغۇللۇق بۇرچۇم نەدە قالىدۇ،شۇ مۇبارەك ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆھتىرەم ساھىبجامال ئاقكۆڭۈل خوتۇننى بىزار قىلىپ قويسام مەندىكى ئاياللارغا بولغان ئىززەت ۋە ئەرلىك بۇرچۇم نەگە كېتىدۇ،ئانامغا بىردىن بىر تەسەللىي بىز يۈرەك پارىسى بولغان بالىمىزنى پۈتۈن بېقىش ھەم مۇڭدىشش سىردىشش ھوقۇقى ،بۇنىڭدىن ئارتۇق ئانىنىڭ ھۆرمىتىنى بولماس،بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئانامنى ئارىلاشتۇرمايمىز،ئۇنى ئىمىزغا ئارىلىشىپ جىق گەپ قىلىشتىن ساقلاپ قالمىساق ئېنىرگىيەسى تۈگىسە بۇنى نەدىن تولۇقلايمىز،خوتۇنۇمغۇ بەكمۇ ئىشچان،نەچچە قۇر كىيىمنى زېرىكمەي ئالماشتۇرالايدۇ،ئايىقىنىمۇ پارقىرىتىپ مايلىيالايدۇ،گىرىمگىمۇ ئۇستا،مېنىمۇ خېلى تۈزەشتۈرىدۇ،ئانامغا ئوخشاش ھويلا-ئارامنى تازىلايدىغان ،ئۇلاغلارغا ئوت-چۆپ بېرىدىغان ئىشلارنى تالاشمايدۇ،خوتۇن توخۇ-كەپتەرگە قوي-كالىلارغا ھەرگىز قارىمايدۇ،ئانامنىڭ دېيىشچە ياتلارنىڭ كۆزى تەگسە ئۇلاغ ئاينىماسمىش،ئانىمىزنىڭ سۆزىنى مۇقەددەس بىلپ ئاڭلىمىسام مەنمۇ ئەركەك بولىمەنمۇ،خوتۇن ماڭا ئۆزلەشكەن بىلەن ئېتىز-ئېرىق ئېغىلغا تېخى يات،قاندا يەنە مەندەك ئەركەك بارمۇ،مەنغۇ باشقىلارنى بولۇپمۇ قېيىن ئانا ۋە قېينئاتامنى يات كۆرمەيمەن،مەن دېگەن بىلىملىك ئەخلاقلىق جىڭ ئەركەك تۇرسام ئۇلارغا ئۆزلەشمەي تۇرالايمەنمۇ،ئادىمگەرچىلىكىم بەك بار،قۇرۇق قول خوتۇننىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ قانداقمۇ بارالايمەن،ئۇلارمۇ مەندىن پەخىرلىنىدۇ،خوتۇن دېگەنمۇ ئاللا-ئاللا مېنىڭ ھۆرمىتىمنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا قەۋەت قىلىدۇ،خوتۇننىڭ مەندىن مۇشۇ چاققىچە رەنجىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،خوتۇنىنى رەنجىتكەن ئەركەك زاتىنى قانداقمۇ مەرت،ئوغۇلبالىدارچىلىقى بار دېيىشكە بولىدۇ،قېنى مەندەك زاماننىڭ جىڭ ئەركىكى بارمۇ،

مەنبە:بوران114  يەكەن

ئەسكەرتىش____تېمامنى چۈشەنمەي مېنى تىللسىڭىز مەن رازى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
273
تۆھپە
87
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:53:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەۋەتلا ياخشى يىزىپسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 03:15, Processed in 0.071608 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991