مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارغا تەغدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ، تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلار ياخشىمۇسىلەر، ھەممىڭلارغا بۈيۈك ئاللانىڭ سالىمى بولسۇن. مەن يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن سوئالجان بولىمەن.نەچچە كۈندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سىلەر بىلەن پاراڭلىشالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئاز بولسىمۇ بىرقانچە ماقال-تەمسىل ئالغاچ كەلدىم، قېنى مەرھەمەت!
ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى
ئادەمگە ئەدەپ ياخشى، ھايۋانغا ھەلەپ ياخشى.
ئاسان ئىشنىڭ بېشىغا،ھەركىم بارار قېشىغا.
ئۆزەڭدىن چوڭ بۈيۈك ئادەملەر بىلەن ئويناشما.
ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما.
ئاتاڭنىڭ دۈشمىنى ساڭا دۈشمەن.
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىريىل ياشا.
ئامەت كەلگەندە ھۇشيار بول، ئامەت كەتكەندە قەيسەر بول.
ئاتاڭنىڭ بارىدا دوست ئىزدە، ئېتىڭنىڭ بارىدا يول ئىزدە
ئادەمنى سىناپ بىل،تاۋۇزنى چېكىپ بىل.
ئاغزىڭغا قان تولسىمۇ، دۈشمىنىڭنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە.
قولۇڭدىن كەلسە ئەلدىن ئايىما
قول قولنى تونۇيدۇ ، شەرىئەت يولنى
دوست كېڭەشتە بىلىنىدۇ.
دوستۇڭنىڭكىنى يە، كۆڭلى قالمىسۇن. دۈشمىنىڭنىڭكىنى يە، ئۆزىگە قالمىسۇن.
لوپنۇر خەلق-ماقالە-تەمسىللىرى
تېپىۋالسام ياخشىنى،ئېيتار ئىدىم ناخشىنى.
يامان ياماندىن قورقىدۇ،كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ.
يامان ئۆزىنى بىلمەيدۇ،ياخشىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ.
ئاقىل دوستىنى ماختايدۇ،نادان ئۆزىنى ماختايدۇ.
ئاستا كەلگەن پايدىدىن،ئىلدام كەلگەن زىيان ياخشى.
ئات باشىغا ئۇرغۇچە،ئاتاڭنىڭ باشىغا ئۇر.
دوستۇڭنىڭ بېشىغا قارا،دۈشمىنىڭنىڭ پۇتىغا قارا.
ئاقىلنىڭ قىلغان ئىشىغا،نادان مىڭ كۈن باش قاتۇرار
ھېكمەتلەر..........
كەمبەغەلگە پوش-پوش،باي غوجامغا خوش-خوش
ئالما يەپ سۇ ئىچمەڭ،ئاغرىيسىز،جىگەر يەپ سۇ ئىچمەڭ،سەمرىيسىز.
ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى،بىلدى،ئەقىلسىزگە گەپ قىلساڭ ئاڭلىدى،كۈلدى.
بايلار ئاقچىسى بىلەن،قانۇن ساقچىسى بىلەن.
بىكار يۇرمەڭ لاغايلاپ، پۇلنى خەجلەڭ ئاۋايلاپ.
ئابدۇكېرەم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى
ئەركىشىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان،
خوتۇن كىشىنى كۆرسە ئىچى ئاغرىيدىغان.
جۇڭگو ماقال-تەمسىللىرى
جۇل-جۇل كىيىمنى كىيىپ يۈرۈشكە بولىدىكى،ئەمما ئار-نومۇسنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆزنى يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئەنگلىيە ماقال-تەمسىللىرى
قايغۇ-ھەسرەت بىلەن ھەقىقەتنى ئاڭلىسا بولىدۇ،ئەمما ھەرگىز شېرىن-شېكەر يالغان گەپلەرنى ئاڭلاشقا بولمايدۇ.
(تۈركىي)خەلىقلەر ماقال-تەمسىللىرى-...................
سەن،سەن بولغىن قەتئىي بىز بولما. ئوخشاش تىلىدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس،ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلار ئىتىپاقلىشالايدۇ.