ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە دىيانەت دۇنياسىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە روشەن ۋە ھۇۋەيدا ( ئوچۇق ) بولسۇنكى ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخىت _ سائادىتى ۋە شاراپەتلىرى ئىمان ( نىيەت ) ۋە ياخشى ئەمەل ( ياخشى ئىش ) لەرنى قىلىش بىلەن ھاسىل بولۇر . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس قانۇنى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ بىرقانچە يېرىدە ئىماننى ( نىيەتنى ) ياخشى ئەمەل ( ئىش ) بىلەن كۆرسىتىش ھەققىدە ، يەنى دىلدا ياد ئەتكەننى ئەمەلدە بەجا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئالاھىدە ئايەتلەر كەلتۈرۈلگەن . ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا ، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن ، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ . ئىمان ( نىيەت ) قانچە ياخشى بولغان بىلەن ، ئۇ پايدىلىق ئەمەل ( ئىش ) بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە ، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ . بۇ سىرلاردىن مۆتىۋەر - پىشقەدەملىرىمىز ۋە ئىلگىركى ئۆلىمالىرىمىز خەۋەردار بولۇپ ، پۈتۈن غەيرەت - شىجائىتىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ، ئۇلارنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ ھەقىقەتنى تونۇتىشقا سەرىپ قىلىشتى . ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن غەيرەت - شىجائەتلىرى سايىسىدە ھەقىقەت نۇرى تامام ئالەمگە ئاشكارا بولدى ، ئىتتىپاقلىق ، ئىلىم - مەرىپەت ، ئىنساپ ۋە ئادالەت ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلدى . جەبرى - زۇلۇم ، ئىختىلاپ ، ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە ئىلىمسىزلىك ( جاھالەت ) لەر زاۋاللىققا يۈز تۇتتى . ھەقىقەتنىڭ ئابرويى ۋە ھەيۋىتىدىن ئۇنىڭغا خىلاپ ئىش قىلغۇچىلار ھەيرانلىق ، غەم - ئەندىشە ئىچىدە قالدى . بۇ بولسا ياخشى نىيەت ، ياخشى ئەمەللەرنىڭ خاسىيىتى ۋە نەتىجىسىدۇر . توۋەندە بايان قىلماقچى بولغان ياخشى نىيەت ، ياخشى ئەمەللەر مۇنۇلار : ئىخلاسقا ، پاكىزلىققا رىئايە قىلىش ، ئىبادەت ( ھەققە بويسۇنۇش ) ، ئىتتىپاقلىق ، ئۇيۇشقاقلىق ، نەسىھەت ( ئەلگە تەربىيە قىلماق ) ، دوستلۇق ۋە ئىنساپ ۋە ئادالەت ، كېڭىشىش ، دىلنى خىيانەت ۋە ئاداۋەتتىن پاك قىلىش ، سېخىيلىق ، ئىسلاھ قىلىش روھى بولۇش ، چىداملىق ۋە ئېغىر - بېسىق بولۇش ، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇش ، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ياردەم بېرىش ، ياخشى ئىشلارغا ئىنتىلىش ، ئېھتىياتچان ۋە ئىشەنچلىك بولۇش ، ئىلىم ئۆگۈنۈش ۋە باشقىلارغا ئۆگۈتىش ، ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى بىلدۈرۈش ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، كۆيۈمچانلىق ، ساداقەتلىك ، كەڭ قوللۇق ، ساخاۋەتلىك ، ياخشىلىق ، تەدبىرلىك ، راستچىللىق ، ھەر ئىشنى توغرا يوليۇرۇققا بىنائەن قىلىش ، ياخشى يولغا مېڭىش ، يامان يولدىن قايتىش قاتارلىقلار . بۇلار ئىسلامىيەتتە بويرۇلغان ياخشى ئەمەللەردۇر . بۇرۇن يۇقۇردا ئېيتىلغان ياخشى ئەمەللەر بارلىق ئەھلى ئىسلامغا ئۆزلىشىپ ، ھەممە كىشى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى قىلغان ، ئىشلار بولسا كىتابنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ ۋە مۇنەۋۋەر پىشقەدەملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ھەم يوليۇرۇقى بۇيىچە بولغانىدى . غەلبە ۋە يېتەكچىلىكمۇ ئەھلى ئىسلامنىڭ مەخسۇس نېسىۋىسى بولۇپ ، ئىززەت - ھۆرمەت تەڭرىگە ، پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلارغا سادىق كىشىلەرگە دىگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە مۇناسىپ ئىش بولغانىدى .
قاچانكى ، ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى ، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يەتتى . ئىتتىپاقلىق يوقالدى ، ھورۇنلۇق ۋە بىكارچىلىقلار ، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلەر مەيدانغا چىقتى . ئىلىم - مەرىپەت كېمەيدى ، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ ، خارۇزارلىققا يۈزلەندى . پېشىۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى ئۇنتۇلۇپ ، خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى ، ئىززەت - ئابرويلار قولدىن كەتتى . ئەجنەبىيلەر ۋەتىنىمىزگە قول ئۇزاتتى . ھەرقانداق ئەل ئۆز ئابرويىنى ئۆزى يوقاتمىغىچە ئاللا ئۇنى يوقاتمايدۇ دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى . ئىنساپ بىلەن ياخشى مۇلاھىزە قىلساق ، بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە ئۆز قىلمىش - ھەركەتلىرىمىز ، ئۆز پېئىل - ئېتىبارىمىز سەۋەپچىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز پەرىشانلىق ۋە خارازارلىققا ، ئازاب - كۈلپەت ، غەم - ئەندىشىگە گىرىپتار بولۇپ ، پۇشايمان ۋە ھەسرەت - نادامەت چەكمەكتىمىز . ھازىر زىرائەت ( دېھقانچىلىق ) ، سودا - سانائەت جەھەتتە ، باشقا مىللەتلەردىن تۆۋەن تۇرماقتىمىز! كېلىڭ ، ئەي قېرىنداشلار ! ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيالىق بۇرادەرلەر ! بىز ئىلگىرىكى تارىخىي تەرەقىياتنىڭ سەۋەپلىرىنى تەتقىت قىلايلى ، ھازىرقى تۆۋەنلىكنىڭ ئۆزىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك ، ھۇرۇنلۇق ۋە جۈرئەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ناچار ئەخلاقتىن يانايلى ، ھازىرقى تەنەزۇلدىن غەم - ئەندىشە قىلايلى ! ئالىملىرىمىزنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ، ئۇلارغا ئۈمىد باغلايلى ! ئالىملىرىمىزمۇ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنۇپ ، ياخشى ئەمەللەرنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزسۇن ، ئۇلۇغ پېشىۋالىرىمىزنىڭ تەلىماتلىرىنى مەجلىس ۋە سورۇنلاردا بايان قىلسۇن ، خەلىق ئاممىسىغا ياخشى - ياماننى چۈشەندۈرۈپ ، ئەخلاقىي ، ئەقلىي تەربىيەلەر بەرسۇن . ئەسىرى ( زامانىۋى ) يېڭى يوللارنى كۆرسەتسۇن ! شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز يېتىم - يېسىر ، غېرىپ - غۇرۋالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆشرە - زاكات ، سەدىقە - ئېھسان ۋە ماددىي ياردەملەرنى ئاجرىتىپ ، قولىدىكى ئىقتىسادنىڭ سەرپىياتىنى توغرا باشقۇرسۇن ! خەلىققە خىزمەت قىلسۇن !
ئەر - ئاياللار ئۈچۈن ئىلىم ئۆگۈنىشنىڭ پەرزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارغا دىققەت - ئىتىبارىنى قارىتىشىمىز ، خوتۇن - قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم ، چۈنكى كىچىك بالىلار نادان ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا ، ئۇلارنى كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر . ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ، قابىلىيەتلىك بولسا ، پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيلەر . بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ، كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ . ھەدىستىمۇ ھەربىر بالا تۇغۇلۇشتا ئەيىبسىز ، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى - يامان بولىشى ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق دىگەن مەزمۇن بار . ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تونۇيلى ، كەلگۈسى ئىستىقبالنى ئويلايلى ، بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، خەلقىمىزنى ، مىللىتىمىزنى زوۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى! كۆپلىگەن يوقسۇل ھەم ئىگە - چاقىسىز بالىلار ئاش ، نان ۋە تۇرمۇش دەپ ، ئىلاجىسىزلىقتىن دىن - ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن بىخەۋەر ئەجنەبىيلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ ، يامان ئاقىۋەتلەرگە يولۇقماقتا . بىز ئىنسانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ، غەيرەتكە كېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيلە ! بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر ؛ جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم - مەرىپەت دەۋرىدۇر ؛ سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس ، تىرشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر . باشقا مىللەتلەر ئىلىم - مەرىپەتنىڭ سايىسىدە ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ؛ سۇ ئاستىدا بولسا ، خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە ، بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ بولسا ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدۇ ! ھېلىمۇ ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار . جانابىي ھەقنىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر . دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس . ئىنسان كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگۈنىشى ۋە كەسىپ ( ھۈنەر - سانائەت ) بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى ، ھەرقانداق ئىشنى ئۆزلىكىدىن مەيدانغا چىقىرىشنى تەڭرى ئىرادە قىلمىغاندۇر ، يەنى ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ . ھەممە ئىشقا تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسۈتۈش خۇدانىڭ يوليۇرىقىدۇر . ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر دىگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىسپاتتۇر .
خېۋىر تۆمۈرنىڭ << ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە >> دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى .